2020/11/25 05:46

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ۋەتەنسىزلىك

يوللىغۇچى: Rana Aybala Yashar, 2019/08/04 11:11

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Rana Aybala Yashar

 ۋەتەنسىزلىك

قەپەس ئىچرە ماكان تۇتتۇم يۇرتۇم تامان كىتەلمىدىم
تىرىك مۇردا مىسالىدۇر بۈگۈن ھالىم، كۈلەلمىدىم،
ئەللەر سورار نەدۇر ئىسمىڭ،نىچۈن بۇنچە ئىگىك باشىڭ؟
«ئىسمىم شۇكى:ۋەتەنسىز بىر تىرىك يېتىم»دىيەلمىدىم.
 
ۋەتەنسىزلىك ئېغىر كەلدى، باشىم كۆكتە بولالمىدىم،
"ئۇيغۇر قىزى"يارالساممۇ،ئەتلەس،رومال كىيەلمىدىم،
بايرىقىم بار ھىلال ئايدىن،ھۆر ۋە ئەركىن كۆك مىسالى،
نەئەيلەيىم،بايراق بىلەن ئۆز يۇرتۇمدا يۈرەلمىدىم.
 
"قاچاق" بولغاچ نامىم مىنىڭ،باشىمنى تىك تۇتالمىدىم،
سوغۇق ھاۋا،سوغۇق ئىنسان،ياقا يۇرتقا كۆنەلمىدىم،
"سەبىر"دىدىم،چىشىم چىشلەپ،"ئۆتۈپ كىتەربۇ كۈنمۇ"دەپ،
ئۇيغۇرلۇقۇم ۋە غۇرۇرۇم يول قويمىدى،يىقىلمىدىم.
 
تۈرلۈك جاپا كەلدى باشقا،ئەمما كۆز ياش تۆكەلمىدىم،
"كۆز ياش قىلماق ئاجىزلىقتۇر"،دادام سۆزىن ئۇنتالمىدىم،
چۈشلىرىمدە كۆرەرمەن دەپ دۇئا قىلسام كىچە كۈندۈز،
مىڭ ئەپسۇسكى جان دادامنى چۈشلىرىمدە كۆرەلمىدىم.
 
مىنى ئەتتىن ئادەم قىلغان ئانام ھىدىن ئالالمىدىم،
نىكاھىمدا پاسىبانىم ئۇزاقلاردا،كۆرەلمىدىم،
شەرمى ھايا،ئەخلاقىنى ئۇدۇم ئالغان گۆھەر بىلىپ،
ئەمدىلىكتە ئىسسىققىنە  بىر چىنە چاي بىرەلمىدىم.
 
ئۇيغۇرۇمنىڭ دەردى تولا ھەممىسىنى يازالمىدىم،
تۈگىمەسكى يازسام بۇ دەرت،نە قىلارىم بىلەلمىدىم،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئورتاق دەردى ۋەتەن يۇرتنىڭ ئىشقى بولغاچ،
"ۋەتەن" دىدىم،"تۇپراق"دىدىم،باشقا بىر سۆز قىلالمىدىم.
 
ۋەتەنسىزمەن،كىملىكىمگە "مۇسۇلمان تۈرك" يازالمىدىم،
ئەجدات كەبى سەددىچىنگە ئات ئۈستىدە كىرەلمىدىم،
"پەيغەمبىرىم مۇھەممەدتتۇر"دىدىم، ئەمما ئاجىز كەلدىم ،
قۇرئانىمنى ئاتەشلەردىن يۇلۇپ تارتىپ ئالالمىدىم.
 
ھەر نەرسىگە شۈكۈر دىدىم،ئەمما"نىچۈن"دىيەلمىدىم،
ياۋ توزىقى كىشەن بولدى،كىشەنلەردىن قاچالمىدىم،
نى ئەركەكلەر شېھىت كەتتى،كۆزى ئوچۇق،ئارمان بىلەن،
شېھىتلەرنىڭ قىساسىنى مەن دۈشمەندىن ئالالمىدىم.
 
يېشىم ئوتتۇز،روھىم ھارغىن،ئېغىر يۈكتىن تۇرالمىدىم،
ئۇشبۇ كۈنلەر ئېغىر كەلگەچ،راھەت نەپەس ئالالمىدىم،
كىملەر شېھىت،كىملەر مەھبۇس،كىملەر جاسۇس ئۇيغۇرۇمدىن،
قېرىنداشقا ئىشىنەلمەي،بىرلىك بولۇپ يۈرەلمىدىم.
 
ئۈمىتۋارمەن،ئۈمۈدۈمنى يۈرىكىمدىن ئاتالمىدىم،
كەل قېرىنداش،تۇت قولۇمدىن،ئۆزۈم يالغۇز ماڭالمىدىم،
يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسا چىڭى چىقماس،
بۇ يوللاردا يالغۇز باشىم ئېلىپ ئۇزاق كىتەلمىدىم.
 
رەنا ئايبالا ياشار.