2020/11/25 07:05

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


گۈل دوپپام

يوللىغۇچى: Rana Aybala Yashar, 2019/08/04 11:14

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Rana Aybala Yashar

 
تويلىرىمغا ھەم نەزىرگە شاھىت بولغان گۈل دوپپام،
چىۋەر ئانام قوللىرىدا ئۇز تىكىلگەن گۈل دوپپام،
سەنسىز بولماس ئۇيغۇرۇمنىڭ شادلىقى ھەم قايغۇسى،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ھەر دەردىگە گۇۋاھچىسەن گۈل دوپپام.
 
دۆڭكۆۋرۈكتە دېڭىز كەبى دولقۇنلىغان گۈل دوپپام،
ئۈرۈمچىگە جەم بولغاندەك يۇرت يۇرتلاردىن گۈل دوپپام، 
قەشقەر،ھىيتگاھ،سامالارغا ھۆسىن قوشۇپ ھەر ۋاقىت
ساما سالغان ئەركەكلەرنىڭ غۇرۇرىسەن گۈل دوپپام.
 
'دوست خىنىم'غا تەڭكەش قىلىپ مۇڭغا چۈشكەن گۈل دوپپام،
ئىلىم يۇرتى ئاتۇشتىمۇ باش تاجىسەن گۈل دوپپام،
تەمبۇرۇمنىڭ ھەر تارىدا باشقا بىر كۈي ياڭراتقان،
ئىلى دەريا بويلىرىغا سىڭىپ كەتكەن گۈل دوپپام.
 
سەنسىز بىر كۈن ياشىمىدى،ئالىمىمىز، گۈل دوپپام،
'ئۆتكۈر'دىسەك تاغلار تىترەر،پىغانىدىن،گۈل دوپپام.
نىمشىھىتنىڭ ئىزى قالغان،غازى تۇپراق بايدىمۇ،
سىنىڭ جايىڭ تۆردىن غەيرى ھىچ بولالماس گۈل دوپپام.
 
ئىدىقۇتنىڭ باغرىدا ھەم  ئىزىڭ قالغان گۈل دوپپام،
كارىز سۈيى،بۇلىقىدا سىمايىڭ بار گۈل دوپپام،
گۆشگىردىگە ئەمگەك بەرگەن ئۇيغۇرۇمنىڭ چىھرىدە،
ھىچ تۈگىمەس ئۈمۈت گويا،غۇرۇرىسەن گۈل دوپپام.
 
ئىستانبۇلدىن ئوسلوغىچە ئىزىڭ كەلدى گۈل دوپپام،
مۇساپىرلىق ھاياتتىكى ئۆزلۈكۈمسەن گۈل دوپپام،
 برۈكسىلدە سەللەر كەبى دولقۇنلىغان ئۇيغۇرنى،
بارچە دۇنيا ھەيرەت ئىچرە ئالقىشلىدى،گۈل دوپپام.
 
رەنا ئايبالا ياشار