2020/05/27 11:13

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ قاتلام سەددىچىن سېپىلى : ئائىلە، مائارىپ ۋە داھىي

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/08/31 05:46

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« ئۇيغۇرلار ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يوق قىلىشنىڭ ئۈچ خىل مەينەت ئۇسۇلى » :

دۈشمەن ئاللىبۇرۇن بۇ ساھەدە ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ بولدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ھەر ھالدا ئائىلە بار. بىراق ئائىلە ئايالى يوق. مائارىپ بار . لېكىن ھەقىقىي مىللىي مائارىپ پىلانى بار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۆز ئوقۇتقۇچى يوق. يېتەكچى كىشىلەر بار . ئەمما گېپىگە قۇلاق سالىدىغان ،   چاقىرىقلىرىغا ئەگىشىدىغان ئادەم يوق.

« ئۇيغۇرنى ۋەيران قىلىشنىڭ ئۈچ ئۇسۇلى »

بىر مىللەتنى ۋە مەدەنىيىتىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئۈچ ئاساسلىق ئېلىمېنت بار . 1 . ئائىلە . 2 . مائارىپ. 3 . يېتەكچى سەركىلەر ۋە ئاقساقاللار.

1 . ئائىلىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئايالنىڭ رولىنى يوق قىلىش كېرەك.  « ئائىلە ئايالى بولۇشتىن نومۇس قىلدۇرۇۋېتىش » كېرەك !  « تۆمۈر خوتۇن » دەپ ئاتالغان ساچېر خانىم ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، بالىلىرى تەرىپىدىن تاشلاپ قويۇلدى. چۈنكى ئۇ سىياسەت مەيدانىغا كىرىپ كېتىپ، بالىلىرىغا مېھىر بەرمىگەنىدى. شۇڭا بالىلىرىمۇ يوقنى ئانىسىغا بېرەلمىدى. دۇنيا ئالپ ئەرتۇڭانىڭ، ساتۇق بۇغراخاننىڭ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ، فارابىنىڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ، سەئىدخاننىڭ ئانىسىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۈن - تىنسىز پەرزەنتلىرىنى دۆلەت ۋە خەلقى ئۈچۈن پاسىبان قىلىپ تەربىيىلەپ چىققان. تۇمارس خاتۇن، تۈركان خاتۇن، تۈركىنا خاتۇن، شەجەرىدۇر ، ئىپارخان ، نازۇگۇم ، يەتتە قىزلىرىم، رىزۋانگۈل، ۋە كۆك كىيىملىك قىزنىڭ ئانىلىرىنىڭ كىملىكىنى ئۇيغۇر بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار قىزلىرىنى ئەرلەر قەھەتچىلىكى يۈز بەرگەن زاماندا ئەر كىشىدەك چىدامچان، چېچەن ۋە قەيسەر قىلىپ يېتىشتۈرۈش يولىدا ئۆزىنىڭ ياشلىقىدىن، راھىتىدىن، پاراۋانلىقىدىن، چەكسىز زېھىنى ۋە روھىي - جىسمانىي كۈچ - قۇۋىتىنى خوراتقان. شەخسىيەتسىز بەدەل تۆلىگەن. ئەمما يېقىنقى بىر ئەسىرلىك قاراڭغۇ تارىخىمىزدا ھەمدە زامانىمىزدىكى داڭلىق خانىم- قىزلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ پەرزەنتى زامانغا لايىق ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەمەس. كەلگۈسى بىر ئەۋلات ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالىمىغان ئايالدىن پەقەت « نامەرت ۋە پەسكەش ئوغۇل بىلەن ھاكاۋۇر ۋە راسۋا قىزلا تۇغۇلىدۇ » . ئائىلە ئايالى ئۇقۇمى بىزدە نېمىشقا بۇنچە سەلبىي ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى ؟ جاۋابى تولىمۇ ئېنىق. نادانلىقىمىز تۈپەيلى، دۈشمەننىڭ توختىماي مېڭە يۇيۇشى ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم نەتىجىسىدە « ئائىلە ئايالى » ئۇقۇمى ئۇيغۇردا
« تۈرمىدىكى ئايال » دەپ بىلىنىدىغان بولدى.
ئاخىرى ئابدۇقادىر جالالىددىن « ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال » ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ئەمما دۈشمەن بىزگە ئىمكان بەرمىدى.

2 . مائارىپنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئالىم - ئۆلىمالار، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنى نىشانغا ئېلىش كېرەك . ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى چۈشۈرۈش كېرەك. ھەتتا ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى كېرەك ! بۇ توغرىلىق قاينىساق 30 توملۇق بىر تراگىدىيەلىك ئەسەر پۈتىدۇ.

3 . يېتەكچىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدە ھەر خىل سۆز - چۆچەك ، پىتنە - پاسات تارقىتىش . ئاۋامنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، ئۇلارغا ھېچكىم قۇلاق سالمايدىغان ۋە ئەگەشمەيدىغان قىلىش كېرەك! مىسال كەلتۈرمىسەكمۇ، ھەر كۈنى فەيسبۇكتا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر ئادەم سېسىتىلىۋاتىدۇ.

مائارىپ ۋە يېتەكچىلەرنى تېخىچە قوغداپ بولالمىدۇق . ئەمدى ئائىلىمىزمۇ بۇزۇلۇشقا قاراپ ماڭماقتا. دەس تۇرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم يۇقىرىقى ئۈچ ئىشتا كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك ! ئەكسىچە بولغاندا، نەچچە يىلغا قالمايلا ، ئوغۇللىرىمىزغا ئېلىپ بەرگىدەك ئۇيغۇر قىزى، بالىلىرىمىزنى مېھرى - مۇھەببەتكە قاندۇرىدىغان ئانىلىرى، ئۇيغۇرلۇققا تويدۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۈلگە ئالىدىغان ، ئەگىشىدىغان يېتەكچى داھىيلىرى قالمايدۇ. بۇنداق مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟؟؟

ھازىر قولىمىزدا مايسا قىزلار بار . پىداكار ۋە جەسۇر ئوقۇتقۇچىلار بار . تەمكىن ۋە سالماق نامسىز ئاقساقاللار بار . شۇلارنى لايىقىدا يېتىشتۈرۈپ، تەربىيىلەپ، قوغداپ - ئاسرىيالمىساق، نەسلىمىز ئۆز قولىمىز بىلەن قۇرۇپ كېتىپ، ئەبەدىي لەنىتى مەخلۇقلاردىن بولۇپ قالىمىز !

كۆك ئەرۋاھ     ساراتوف

ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ يوللاندى . سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 30 - ئاۋغۇست جۈمە كەچ