2020/05/27 10:27

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


مىللىتىمىزنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ تۇرايلى!

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/08/31 06:06

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى








21.ئەسىردىكى ئەڭ قەيسەر مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر دىسەم مۇبالىغە بولماسلىقى مومكىن.

 نەچچە ئەسىرلىك نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسەتلىرىگە،دۆلەتنىڭ خەلقارادىن ئالاقىسىنى ئۈزىۋىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا تىز پۈكمىگەن،سىستىمىلىق ئاسىمىلاتسىيە ۋە يوق قىلىۋىتىش تىرىشچانلىقىغا بويۇن ئەگمىگەن بىر مىللەت ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز.
تائام مەدەنىيىتىدىن كىيىم مەدەنىيىتىگىچە،تەنتەربىيىسىدىن ناخشا موزىكىسىغىچە ئىزچىللىق ۋە سەۋىيەنى ساقلىغان بۇ قەۋمدىن نۇرغۇن ئىختىساسلىق خادىملار،ئالىملار،تىخنىكىلار ۋە ئەدەبىياتچىلار يىتىشىپ چىقالىدى.
ئۇيغۇرلار بىلىمگە ۋە بىلگەن كىشىگە ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان خەلىق.مىللىتىنى سۆيىدىغان،مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلالايدىغان خەلىق.
ئازساندىكى چۈپرەندە ۋە قالاق كىشىلەرنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ،ئۇيغۇردىن ئىبارەت قىنى قەيسەرلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەردىن بىرىگە جەڭ ئىلان قىلالىغان خەلىقنى ھەرقانداق شەكىلدە قارىلاش ۋە سەلبىي سۈپەت بىلەن سۈپەتلەش ئۇچىغا چىققان چۈپرەندىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۆتكەندە تىتىقسىزلىقتا نىرۋاناغا يەتكەن ش.ت سۈرگۈندە ھۆكۈمەتنىڭ بىر قويمىچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى،خۇدايىمنىڭ جەمىيىتى بۇزۇلۇپ كەتكەن مىللەتلەرگە مۇشۇنداق بالايى ئاپەت بىرىدىغىنىنى ئىيىتتى.
بۇ خىل كىشىلەر چۈپرەندە بولىشى ئۈچۈن لازىم بولغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق چۈشىدۇ.شۇڭا ئانچە دىققەت بىلەن نەزەر قىلىشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق.
لىكىن شۇنى ئىنىق بىلىمىزكى بىز ئۇيغۇر بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.ئۇيغۇردىن ئىبارەت تىز پۈكمەس،قەيسەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر خەلىقنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز.
ئالتايدىن خوتەنگىچە،قۇمۇلدىن قەشقەرگىچە بولغان تۇپراقلاردا قىنى ۋە مىلى بىلەن ئۇيغۇرلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان،ئۆلىۋاتقان،لاگىرلاردا،تۈرمىلەردە ئىزتىراپ ئىچىدە تىترەۋاتقان مىليونلىغان خەلىقنىڭ مىللى غۇرۇرىغا ۋە ئېتىبارىغا زىت ھەرقانداق جۈملە خائىنلىقتىن ئىبارەتتۇر.
خەلىقىمىز،ئاۋانگارتلىرىمىز،دىنى ۋە پەننى ئۆلىمالىرىمىز ئۇيغۇرلىقىنىڭ بەدىلىنى ئەركىنلىكى بىلەن تۆلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىگەن مۇقەددەس سۆزگە ھاقارەت قىلغان ھەرقانداق شەخىس ئۇچىغا چىققان پەسەندىدۇر.

ئۇمۇن 

تەسىرات ۋە باھا :

ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ . بەلكى مىللەت ئىچىدىكى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغۇچ شەخسلەردە بولىدۇ. بۇنداق داڭدار شەخسلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىللەت ۋە قاششاقلىقىنى ئەزىز مىللىتىمىزگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزى پەرشتە بولۇۋېلىشى ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ۋە مىللەتكە ھاقارەت قىلغانلىق. ھېچكىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ھاقارەت قىلىش ھەققى يوق. ياتلارنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك قىيىن پەيتتە مۇغەمبەرلىك ۋە كاززاپلىق بىلەن نەيرەڭۋازلىق قىلىۋاتقان قانداش ۋە دىنداش پاسىقلارنىڭ تېخىمۇ ئۇنداق سالاھىيىتى يوق!!

2019 - يىلى 29 - ئاۋغۇست پەيشەنبە