2020/05/27 12:27

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى خەلقئارالىق نامغا ئايلاندۇرغان نېكىتا بېچۇرىن

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/08/31 06:15

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



« شەرقىي تۈركىستان » ئاتالغۇسىنى خەلقئارادا دۇنياۋى سەۋىيىىگە كۆتۈرۈپ بەرگەن چاررۇسىيە ئالىمى بىچۇرۋېن».

ئۇ چاررۇسىيەلىك بولۇپ، رۇسىيە خىتايشۇناسلىق ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى. ئانىسى روسىيەلىك، دادىسى چۇۋاش مىللىتىدىن. 1777 - يىلى 29 - ئاۋغۇست تۇغۇلغان. بۇ يېكاتېرىنا دەۋرى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە تاتارلارغا ئەركىنلىك بېرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى چاررۇسىيەگە مايىل قىلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم تۈركىي زىيالىلار مەخسۇس تەربىيلەنگەن. بىچۇرېن قازاندىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. بۇنىڭ قىزىقىشى خىتتاي تارىخى ۋە يېزىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم ئاشۇرۇش ۋە خىرىستىئان دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن 1802-يىلى پېكىنگە كەلگەن. نۇرغۇن كىتابلارنى خىتايچىغا ۋە موڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلغان. 1824 - يىلى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ كىملىكى  توغرىسىدىكى قىزىقىش خوشنا دۆلەتلەردە پەيدا بولغان. 1829-يىلى بۇ شەخىس مەنچىڭدا بىر تۈركىي مىللەت بارلىقىنى بايقاپ، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى قويغان. شۇ سەۋەبلىك بۇ شەخىس دومىدوۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1837-يىلى روسىيە ئېمپىراتورلىقىدا خىتتايچە تىل مەكتىپىنى ئاشقان. روسچە، گېرمانچە ۋە فىرانسوزچىدە ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن شەخىس . چاررۇسىيەمۇ 1867 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانى تولۇق ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قۇرغان مۇستەملىكە ئاپپاراتىنى « تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقى» دەپ ئاتىغان . بۇ دەل 1762 - يىلى مانجۇرلار تەرىپىدىن ئىلىدا قۇرۇلغان مۇستەملىكە ئاپپاراتى « ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى» دىن پەرقسىز ھەربىي ئاپپارات ئىدى. 1877 - يىلى مانجۇرلار ئەنگلىيە، چاررۇسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىدا ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلغاندىن كېيىن 1881 - يىلى فېۋرالدا پېتىربۇرگدا بىپايان تۇراننى يەڭ ئىچىدە تەقسىملەشتى . رۇسلار ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جايلار غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتالدى. شەرقتە  مانجۇرلار باسقان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالدى. 1917 - يىلى چاررۇسىيە يىقىلىپ، بولشېۋىكلار 1918 - يىلى تۈركىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى . ئەمما 1923 - يىلى ئۆكتەبىردە مۇستاپا كامال كونا ئوسمانلىنىڭ خارابىسىدە « تۈركىيە » نامىدا دۆلەت قۇرۇپ، 1924 - يىلى 3 -مارت خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللىي دۆلەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، سىتالىن بىر كېچىدىلا يېڭى خەرىتە سىزىپ چىقىپ، 1924 - يىلى 5 - ئىيۇل قانۇن چىقىرىپ « تۈركىستان » نامىنى مەنئىي قىلدى . 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست مەنىۋىي داھىي ۋە 300 يىللىق جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقۇچى ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. 21 - سېنتەبىر سەئۇدى شاھى ئابلىز ئىككى ھەرەمنى ھىجاز شاھى شېرىف ھۈسەيىندىن تارتىۋېلىپ، 1932 - يىلدىكى سەئۇدى شاھلىقىغا ئاساس سالدى. ۋەتىنىمىزدە بولسا، سىتالىن ھەزەر ئەيلەپ كەلگەن « تۈركىستان » نامىدا ئىككى قېتىم دۆلەت قۇرۇلدى. ھەتتا كېيىنكىسىنى سىتالىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ قورچىقى گومىنداڭ خىتايلىرىغا قارشى كوزىر قىلىپ قوللىنىپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا، يىراق شەرق ، موڭغۇلىيە ۋە تېنچ ئوكياندىكى مەنپەئەتىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلدى . كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇملۇق.

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 24 - ئاۋغۇست  شەنبە