2020/10/29 13:38

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


بىر پارچە تارىخىي سۈرەتكە يوشۇرۇنغان سىرلار

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/08/31 12:45

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



بىر پارچە رەسىمگە يوشۇرۇنغان سىرلار :

1963 - يىلى 3  ئاپرىل،زۇلپىقار ئېلى بوتتۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۇ سېپى ئۆزىدىن خىتايپەرەس بىرى بولۇپ، 1962 - يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن بىر قىسىم كەشمىر تاغلىرىنى ئۇرۇشتا كۆپ قان تۆكۈپ غەلىبە قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيىنىڭ تالانتىغا قايىل بولۇپ ئاقسايچىنغا قوشۇپ بەرگەن. / توغرىسى خىتايغا ياخشىچاق بولۇپ قوشۇپ بەرگەن /.ئۇ 1966 - يىلى موللاق ئاتقاندىن كېيىن، 1967 - يىلى خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇپ، 1971 - يىلدىن 1977 - يىلغىچە باش ۋەزىر بولغان. بىراق ئۇنىڭ دەۋرىدە پاكىستان خىتاينىڭ 33 - ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ماۋ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قوبۇل قىلغان چەتئەل رەھبىرى يەنىلا بوتتۇ بولغان. بۇ ئۇچرىشىش 1976 - 27 - ماي ئېلىپ بېرىلغان. ماۋ شۇ يىلى 9  - سېنتەبىر ئۆلگەن. ئاقىۋەت 1977 - يىلى 5 - ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان گېنىرال زىيائۇلھەق تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتايلارنىڭ ئارىغا كىرىپ يالۋۇرىشىغا پەرۋا قىلماستىن ئۇنى خائىنلىق جىنايىتى تۈپەيلى 1979 - يىلى 4 - ئاپرىل دارغا ئاسقان. شۇڭا ساق ئون يىل خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رەھبەرگە ياخشىچاق بولۇشقا باشلىغان. قەشقەر ھېيتگاھ ئېچىۋېتىلگەن . ئىسلام دىنى ۋە ئىسلامىيەتكە ئائىت كىتاپ - ماتېرياللار پاكىستان ئارقىلىق ۋەتىنىمىزگە كىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئون يىللىق جاپالىق كۈنلەردە يوقىتىپ قويغان قىممەت قاراشلىرى ئەسلىگە كەلگەن. ئۇيغۇر ياشلارنىڭ پاكىستان چىقىپ ئوقۇشى، خىزمەت تېپىشى ئاسانلاشقان. ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر خۇشامەت سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدىكى دىنىي ئالىي مەكتەپكە مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلىنغان. ئەمما ئون يىلدىن بېرى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا تالاپەت تارتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغان خەلقىنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنى قوللاپ، چېگرانى ئېچىۋەتكەن زىيائۇلھەقنى كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ ھېساپلىغان. قىزىل خىتايمۇ ئۇنىڭ تېزرەك يوقىلىشىنى ئارزۇ قىلغان. ئاقىۋەت، 1988- يىلى 17 - ئاۋغۇست، ھەر ئىككى ياۋۇز قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ دىتىغا ياقمىغان زىيائۇلھەق ئايروپىلانىدا سۇيقەست بىلەن پارتلىتىۋېتىلگەن.

پۈتۈن دۇنيادىكى خىتايپەرەسلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. تارىخ  يەنە قايتىلىنىۋاتىدۇ . تۈنۈگۈن پاكىستانلا دۇچار بولغان تەقدىرگە بۈگۈن پۈتۈن ئىسلام ئەللىرى دۇچار بولۇۋاتىدۇ. ئەرەبلەردىن بىرەر زىيائۇلھەق چىقمىقى مۈشكۈل . ئۆزىمىزگە تايىنىش كېرەك . خەخنى ساقلىغۇدەك ۋاقىت يوق ! 

 2019 - يىلى 17 - ئاۋغۇست  شەنبە .

سۈرەتلەرگە ئىزاھات  :

1 . ماۋنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشى.
1976 - يىلى 27 - ماي ، پېكىن . بوتتۇ ماۋنى تاۋاپ قىلماقتا .

2 . گېنىرال زىيائۇلھەق .

3 . بوتتۇنىڭ 2007 - يىلى پارتلاپ ئۆلگەن قىزى بىنەزەر بوتتۇ .