2020/07/04 07:01

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


1950 - يىلى 14 - فېۋرالدىكى تەقدىرىمىزنى بېكىتكەن كېلىشىمنىڭ 70 يىللىق كۈنىدە...

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/14 12:46

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

14 - فېۋرالدا پىچىلغان ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمە

1 . پاجىئەنىڭ باشلىنىشى : سىتالىننىڭ تۇيۇقسىز خەلقىمىزگە يۈزسىزلىك قىلىشى

سىتالىننىڭ دىپلوماتىك ياردىمىدىن كېيىن
جاڭ كەيشى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي،   تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان .
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1946 - يىلى يازدا تاماملانغان بۇ بىرلىشىش 1947 - يىلى مايدا يىمىرىلدى . سوۋېت بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا  سوغۇق ئۇرۇش باشلاندى . ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلدى . سىتالىن قايتا مىللىي ئارمىيەنى ھەر جەھەتتىن كۈچەيتىپ ،يېڭى رەقىبى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گومىنداڭنىڭ ئامېرىكىچە قوراللانغان 100 مىڭ سەرخىل ئەسكىرىگە قارشى قويدى . ئەمما 1947 - 1949 - يىللىرىدىكى تېپىلماس
ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت خەلقىمىزنىڭ
« ئۇلۇسچى » ۋە « مىللىي جۇمھۇرىيەتچى»
ئىدىيىۋى تالاش - تارتىشى بىلەن بەربات بولدى.

1949 - يىلى ماۋنىڭ جاڭنى يوقىتىشى ئېنىق بوپقالغان ۋەزىيەتتە، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق قوللىشى ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ   ھاجىتى قالمىدى . يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرال باشلىرىغىچە مىكويان خىتايغا كەلدى . ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋاغا باردى .

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى مىكويان بىلەن ماۋنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان بىر قىسىم ئارخىپ ماتېرىياللىرى قاتارىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئاناستاس مىكوياننىڭ ستالىننىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 1949-يىلى، 2-ئايدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى جايلاشقان شى بەيپو دېگەن يەرگە مەخپىي رەۋىشتە بېرىپ، ماۋ زېدوڭ قاتارلىق خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتنىڭ خاتىرىسى ئورۇن ئالغان.
خىتاي تەرەپتىن ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي، رېن بىشى، ليۇ شاۋچى، جۇدې قاتارلىقلار قاتناشقان مەزكۇر سۆھبەتتە قۇرۇلغۇسى خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك سىستېمىلىرى مەسىلىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسى مۇھاكىمە قىلىنغاندىن تاشقىرى يەنە مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىمۇ ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدا ئىچكى موڭغۇل ۋە تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىدىن باشقا يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. 1949-يىلى، 4-فېۋرال كۈنىدىكى سۆھبەتتە، مەخسۇس، «شىنجاڭ مەسىلىسى» مۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ماۋ زېدوڭ ئىلى رايونىدا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بارلىقى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، مىكويان ئۆزىنىڭ ئىلى رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھەرىكىتى بارلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتىگە قارشىلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما مىكويان سۆزىدە «بىز شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىمايمىز ۋە شىنجاڭنىڭ زېمىنىغا قارىتا ھېچقانداق تەمايىمىز يوق» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان.ماۋ ئۆزىنىڭ گومىنداڭ گېنېرالى باي چوڭشىدىن 1945-يىلى، ئىلىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن زەمبىرەك، تانكا ۋە ئايروپىلانلار بىلەن قوللانغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقاندا، مىكويان: «مەن بۇ ئىشلارنى بىلمەيمەن ۋە بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيمەن، مەن پەقەت بىزنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ياردەم بەرمىگەنلىكىمىزنىلا بىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ، يەنە ماۋغا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشنى ئېيتقان.

ئاناستاس مىكوياننىڭ ماۋ زېدوڭ قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسى شۇ يىلى 7-ئايدا ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋا زىيارىتىدە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچى ئەركىم ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە سىتالىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى بۇ ۋاقىتتا پىچىپ بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھەتتا خىتاي كومپارتىيىسىدىنمۇ ئۆزىنىڭ 1944-1946-يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە ۋە ئىنقىلابقا ياردەم بەرگەنلىكىنى يوشۇرغان.

ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋاغا باردى . ئاۋغۇستتا خىتاي جاسۇسى دېڭ لىچۈن  موسكۋادىن ئالمائاتا ئارقىلىق غۇلجىغا  كەلدى .  سۇيقەستلەر باشلىنىپ كەتتى .
25 - ئاۋغۇست رەھبەرلەر غايىپ بوپكەتتى .
26 - سېنتەبىر قارا خىتايلار قىزىل خىتايلارغا تەسلىم بولدى . 17 - ئۆكتەبىر تاجاۋۇزچىلار كەلدى . 70 يىللىق قىزىل قىيامەت باشلاندى .

2 . تەقدىرىمىزنىڭ پىچىلىش جەريانى :
14 - فېۋرالدىكى كېلىشىمگە ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىل بولۇپ سەيپىدىن ئەزىزى قول قويغان

ستالىن سەيپىدىن ئەزىزگە : «مەن سىزنى بىلىمەن »

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ئۇيغۇر دىيارى ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى، 12-ئايدىن 2-ئايغىچە داۋاملاشقان ئىككى ئايلىق موسكۋا زىيارىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە تەسىر كۈچى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان رايونغا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ شەرتنامىسى ۋە كېلىشىملىرىدىن ئورۇن ئالدى. مانا شۇ كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا ئۇيغۇر ۋەكىلى سەيپىدىن ئەزىز موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ قاتناشتۇرۇلدى. سەيپىدىن ئەزىز باش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقىدىكى رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرقىي تۈركىستان،يەنى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە ««شىنجاڭ»نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت كونتروللۇقى ۋە تەسىرى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 1950-يىلى، 14-فېۋرال كۈنى كرېمىل سارىيىدا ستالىن سەيپىدىن ئەزىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، يەنى موسكۋانىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا بىۋاسىتە قول تىققان رەھبەرلىرىدىن بىرى ئاندرېي ۋىشىنسكىي ستالىنغا: « بۇ كىشى سەيپىدىن ئەزىزوف بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ستالىن سەيپىدىن ئەزىزگە : « مەن سىزنى بىلىمەن»دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ستالىننىڭ سەيپىدىن ئەزىزنى بىلىشى تەبىئىي بولۇپ، ئۇنىڭغا « سىزنى بىلىمەن» دېيىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ، ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن مەن خەۋەردار دېمەكچى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟! يۇقىرقى ئۇچۇرلار، مەخپىي سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ « ئۆمۈر داستانى»نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېنزورىسىدىن ئۆتەلمەي، نەشىر قىلىنىشتىن قالدۇرىۋېتىلگەن 3-تومىدىن كەلگەندۇر.
ئېھتىمال، ئەخمەتجان قاسىمى ھايات قېلىپ،بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خۇددى سەيپىدىن ئەزىزگە ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسىنى شەرتسىز ھىمايە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان بولسا، موسكۋادىكى كرېمىل سارىيىدا  سەيپىدىن ئەزىز ئەمەس، بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى بولۇپ، ستالىن ئۇنىڭغا نېمە دېگەن بولار ئىدى؟. دېمەك پەلەكنىڭ چاقى ئۇنىڭ بۇ سوئالغا دۇچ كېلىشىگە نېسىپ قىلمىدى. يەنى ، ئەخمەتجان قاسىمىلار 20-ئەسىردىكى مەشھۇر سىرلىق قازالار تىزىملىكىگە كىرگەن «ئايروپلان قازاسى»غا ئۇچرىدى. قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەنە شۇ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ بولۇپلا سوۋېتلىكلەر سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغانلىقىنى ۋە خالىسا ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1950-يىلى، 27-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىز سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا «شىنجاڭدا رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىنلا، سوۋېت تەرەپ سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئەينەك ساندۇققا سېلىپ تەييارلاپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تاپشۇرۇپ بەردى ۋە مەخسۇس ئايروپلان بىلەن غۇلجىغا ئەكېلىپ بەردى. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشقان شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غۇلجىدىن ئايرىلغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقانىدى.
دېمەك، رۇسلارنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلانى 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى قابان تېغىنىڭ خابار داۋان دېگەن يېرىگە چۈشۈپ كېتىپ، كۆيگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ تاغىدىكى ئادەم ئالدىراپ بارالمايدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تولغان ئورمانلىق داۋاندا ھەپتىلەر ياتقاندىن كېيىن، سوۋېت دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ چۈشۈلۈپ، ئالتە ئاي ساقلىنىپ، پەقەت يېڭىچە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي شەكىللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىغا-زارە، نالە -پەريادلار بىلەن دەپنە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. تارىخنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى بولغان ئۆز سەپداشلىرى - ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكەرىم ئابباسوف، ئىسھاقبەك مۇنونوف ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ كېلىش سەيپىدىن ئەزىزنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەندى. بۇ ۋاقىتتا سەيپىدىن ئەزىز ئەپەندى قانداق ھېسسىياتتا بولدى؟ سەيپىدىن ئەزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدىكى ئاچچىق ئېچىنىشلىرى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئاماننىساخانلارغا بولغان چوقۇنۇشلىرى، ئۆكۈنىش تۈسىدىكى شېئىر-روبايىلىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ « ئۆمۈر داستانى»»نىڭ 3-تومىنىڭ نەشىر قىلىنىشتىن چەكلىنىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىنىڭ نېمە دېگەن ئېچنىشلىق ۋە پاجىئەلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ئىشەنچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، سەيپىدىن ئەزىز 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرى سىرىنىڭ تىلسىماتى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن سىرلارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كەتتى ۋە ياكى ئۇ سىرلارنى كېيىنكىلەر ئۈچۈن مەلۇم بىرلىرى ياكى بىر يەرلەرگە مىراس سۈپىتىدە قالدۇرغان بولۇشى مۈمكىن.
ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرى نېمە دېگەن ئېچنىشلىق، پاجىئەلىك ۋە ئاچچىق- كۈلكىلىك -ھە؟ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۈشى كۆپىنچە ئۇستا بىر رېژىسسورنىڭ قولىدىكى تراگېدىيە دراممىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىكى ئارتىسلارنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇ رېژىسسورلارنىڭ قولىدا ئىدى خالاس!

3  . سوئاللار ئازاپلىق ، جاۋابلىرى تېخىمۇ
ئازاپلىق بولۇشى مۇمكىن

سىرلىق كېلىشىمنىڭ 70 يىللىق كۈنى ۋە ھازىرقى بىز

مىلادى 1949 - يىلى خىتاي ۋەزىيىتى ئۆزگەردى. ماۋ سىتالىننىڭ كۈتكىنىدەكلا گومىنداڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئەپەندىنىڭ تۈركچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقان سىتالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى داۋاملىق قوللىشىنىڭمۇ ئانچە ئەھمىيىتى قالماي قالدى. 1949 - يىلى يانۋاردا  سىتالىننىڭ ۋەكىلى مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋادا مەخپىي زىيارەتتە بولدى. پىلان بويىچە لىيۇ شاۋچى يەنئەنگە قايتتى . ئارقىدىنلا كېيىنكى ئايدا، يەنى شۇ  يىلى
14 - ئاۋغۇست كومپارتىيە جاسۇسى دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كېلىشى بىلەن سۇيقەستلەر جىددىيلىشىپ كەتكەن. ئاقىۋەت 22 - ئاۋغۇست « مەخپىي ھالدا ئالمۇتاغا سەپەر قىلغان» ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر 24 - ئاۋغۇست ئالمۇتادىن سىبىرىيەگە قاراپ ئۇچقان .
تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئاكا « سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسى » توغرىلىق ئۇزۇن مەزگىل مۇكەممەل ئاكادېمىك شەكىلدە ئىزدەنگەن بىردىنبىر ئالىمدۇر . ئالىم كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ئۇزۇن يىل ئىزدىنىپ، رۇس ئارخىپلىرى ۋە باشقا بىرىنچى قول مەنبەلەردىن ئىشەنچىلىك مەلۇمات توپلاپ، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قۇۋ خىتاي ئېيتقان 27 - ئاۋغۇست ئەمەس، بەلكى 25 - ئاۋغۇست قەستلەنگەنلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.  ئەڭ نازۇك تەپسىلاتلارنىڭمۇ ئاكىمىز تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
موڭغۇل ۋاختى 26 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن / موسكۋا ۋاختى 25 - ئاۋغۇست كەچ / ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسى سوۋېت - موڭغۇل چېگرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان .ئەمما خىتايلار ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنى 27 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن دەپ چىڭ تۇرماقتا . دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئاكىنىڭ تارىخىي ئارخىپلاردىن ئاشكارىلىشىچە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى پەقەت 1950 - يىلى 14 - فېۋرالدىكى « تەقدىرىمىزنى بېكىتكەن ئاخىرقى كېلىشىم » ئىمزالانغاندىن كېيىنلا ، ئاندىن ۋەتىنىمىزگە شۇ يىلى مارتتا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. بۇ يىل 14 - ئاۋغۇستتىن تاكى يىل ئاخىرىغىچە بۇ سىياسىي سۇيقەستلەرگە تولۇق 70 يىل توشقان بولىدۇ . ئەمما ھايات - ماماتلىق پەيتلەرمۇ تېخىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك تالاش - تارتىشىدىن ۋاز كېچىشكە تۈرتكە بولالمايۋاتىدۇ . « سالاپەت ۋە قىياپەت يېڭىلاندى . ئەمما سىياسەت ۋە دىيانەت جەھەتتە بۇرۇنقىلاردىنمۇ ئېغىر جاھالەتتە قېپقاپتۇق !» .

بۇنى ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن باغلىغۇدەك تاۋىم قالمىدى . ھەر كىم ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، ئوبدان ئويلىنىپ باقسۇن ! بۈگۈنكى ئىشلار سەۋەپسىز بولۇۋاتقىنى يوق . يىلتىزىنى بىلمىگەن كېسەلدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ .  ئەمدى ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى !
 كەيپىيات نۆل ! گەپ تامام ، ۋەسسالام ! 

4 . سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ باش - ئاخىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى 1949 - يىلىدىن تاكى 1959 - يىلىغىچە بولغان 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى يېقىن ھەمكارلىق جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، 1960 - يىلىغا كەلگەندە بىردىنلا بۇزۇلدى.

ھەمدە تاكى 1989 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزارا دۈشمەنلىك ۋە سوغۇقچىلىق جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى، خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭنىڭ موسكۋانى زىيارەت قىلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش باشلىنىپ، مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇنغا بارماي، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى.
رۇس - خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈن قىزىقارلىق تېما
بۈگۈنكى كۈندە خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان 15 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيە خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇزۇلۇپ، ئىتتىپاقچىدىن دۈشمەنگە ئايلىنىشى ھەتتا، ئىككى تەرەپنىڭ بىر قانچە مىليون كىشىلىك قوشۇنلىرى چېگرا بويلىرىغا توپلىنىپ، بىر - بىرىگە خىرىس قىلىدىغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەمدە جېنباۋداۋ( دامانسكي) ۋە تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار نېمە ؟

يېقىنقى ۋاقىتلاردا رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇ مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىچىدە شېن جىخۇئا، لى دەنخۇي قاتارلىقلار بىر قەدەر سىستېمىلىق تەتقىقات قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا تايانغان. سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ھەققىدە رۇسىيە ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىمۇ بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىدا سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى يەنىلا ستالىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خرۇشېۋقا ئارتىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا زومىگەرلىك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىشىدۇ. ئەمما، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ غەلىبە قازىنىشى ھەتتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تىكلىنىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غايەت زور رول ئوينىغان بولۇشىغا قارىماي، ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسىلىق ئورنىنى تالىشىپ، ستالىن دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەملىرىگە يۈزسىزلىك قىلغانلىقى، ئاخىرىدا بېرىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش پوزىتسىيىسى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

ئەمما، يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى بىر قىسىم خىتاي ئاپتورلىرى ، ماۋزېدۇڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ستالىن دەۋرىدە تۈزگەن كېلىشىملەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىدا ئۇنىڭ قەلبىدە ئەسلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى جۈملىدىن ستالىنغا نارازىلىقلىرى يوشۇرۇنغانلىقى، يېڭى جۇڭگونىڭ تېخى ئاجىز ۋە خەلقئارالىق ئورنىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلىدىن ستالىننىڭ ھەر قانداق شەرتلىرىگە ماقۇل دېيىشكە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاكا، جۇڭگونى ئۇكا قاتارىدا كۆرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

ماۋ زېدۇڭنى خاپا قىلغان ستالىننىڭ تۆت خىل خاتالىقى

"بوشۈن" تورىدا ئېلان قىلىنغان "جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى چوڭ ئىشلىرى بايانى" ناملىق كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ماۋزېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ستالىندىن قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، ئۇ ستالىننى جۇڭگو ئىنقىلابى مەسىلىسىدە ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، ئۇ ستالىن ھايات ۋاقتىدا بۇنى ئاغزىدىن چىقىرالمىغان بولۇپ، پەقەت ستالىن ئۆلۈپ، خرۇشېۋ ستالىننى تەنقىد قىلغاندىن كېيىنلا ئېيتالىغان.

ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، ستالىننىڭ ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىقى شۇكى، بىرىنچىدىن ستالىن 30 - يىللاردا ۋاڭ مىڭنى قوللاپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان. ئىككىنچىدىن، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ستالىننىڭ يەنە ۋاڭ مىڭنى موسكۋادىن يەنئەنگە ئەۋەتكەنلىكى. ئۈچىنچىدىن ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ستالىننىڭ جۇڭگونى پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا ۋە جاڭكەيشىگە بېرىۋېتىشنى قارار قىلىشى. تۆتىنچىدىن ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى يېرىم تېتو ھېسابلىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

مەزكۇر ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىگە ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسىيانىڭ تېتوسى دېگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ماۋزېدۇڭ يەنە 1949 - يىلى 12 - ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا ستالىننىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتالمىغان بولۇپ، ئۇ موسكۋادا ئۈچ ئاي تۇرۇش جەريانىدا كۆپ بىئاراملىق ھېس قىلغان. ئۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ 70 ياشلىق مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ستالىندىن جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ستالىن بۇنىڭغا بىراقلا قوشۇلماي، ۋاقىتنى سوزغان.
ستالىن ئۇيغۇر دىيارىنى ماۋ زېدوڭغا بىكارغا بەرمىگەن
ستالىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈكۈتتىن كېيىن، ئاخىرى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ۋە خىتايغا زور مىقداردا ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ماۋ زېدۇڭنى بىر قانچە مەسىلىلەردە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ستالىن "شىنجاڭ مەسىلىسى"دە ماۋ زېدۇڭنى كان مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت ساھەسى بويىچە ئىككى بىرلەشمە شىركەت قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدا ئىمتىيازىنى تىكلىشىگە مەجبۇر قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي شىمال تۆمۈر يولىنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە باشقۇرۇش، لۈشۈن پورتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلىش مەسىلىلەردە قەتئىي تەلەپ قىلغان بولۇپ، ماۋزېدۇڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالسىز قالغان. قىسقىسى ، ستالىن 1949 - يىلى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرىشى، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۈئې قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي - سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسلىم بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىگە كىرگۈزۈلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغاندىن سىرت يەنە شەرقىي شىمالغىمۇ قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئۇ يەردىن ياپونىيىنى قوغلىغان ئىدى.

"ماۋزېدۇڭ بىلىنمىگەن ھېكايە" ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ موسكۋادا ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ھەتتا "شىنجاڭنى مۇستەملىكە" دەپ ئاتىغاندىن سىرت يەنە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىزھار قىلغان. ستالىن بۇ بەدەللىرى ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ياشىسۇن ستالىن دەپ توۋلاشقا، ئۆزىنى مەدھىيىلەپ ماقالە يېزىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىكىنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماي، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقىمۇ تەييارلانغان.

"بوشۈن" تورىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىسقىسى، ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇنداق ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشى، ماۋزېدۇڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ئاخىرىدا بۇ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن.

خۇلاسە :

ئەسلىدە 1945 - يىلى ئۆكتەبىردە سۆھبەتكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلاردا 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن سىتالىننىڭ بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق ئەمەلدىن قېلىپ ، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، 1 - ئىيۇل بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى. بىراق گومىنداڭ شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 1946 - يىلى نويابىرغىچە قوشۇنىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى.
مىللىي ئارمىيە بولسا، 10مىڭغا قىسقارتىلدى.

1947 - يىلى 12 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
ئۇزاققا قالماي، باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ غۇلجىغا كېلىۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن 1947 - يىلى سېنتەبىردىن 1949 - يىلى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تۇرۇۋاتقان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى كومپارتىيىگە تەسلىم بولغىچە ساق ئىككى يىل ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. مىللىي ئارمىيىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلىپ، سانى تولۇقلاندى.

ئەڭ ئاخىرىدا 1948 - يىل ئاخىرىدا كومپارتىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، سىتالىن ۋەتىنىمىزنى قايتا قۇربانلىق قىلىش ئىشىنى باشلىۋەتتى. 1949 - يىلى يانۋاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئايدا مولوتۇف زىيارەتكە كەلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. 14 - ئاۋغۇست دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كىرىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. 17 - ئاۋغۇست سۆھبەتلەشتى. 19 - ئاۋغۇست « ساختا چاقىرىق» كەلدى. 23 - ئاۋغۇست ئە. قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئالمۇتىغا كەتتى. 24 - ئاۋغۇستتىكى سىرلىق سۆھبەتتىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ، ئۇلارنىڭ 26 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى، خىتايلار 27 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
11 - سىنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىنگە باردى. 26 - سىنتەبىر گومىنداڭ تەسلىم بولدى. 1 - ئۆكتەبىر ۋەتەن مۇنقەرز بولدى.
ۋاڭ جىن ئۈچ مىڭ ئاقساق - چولاق ئەسكەر بىلەن 30 مىڭ ئەسكىرىمىز بار ۋەتىنىمىزگە بەھۇزۇر كىردى. قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرىپ ساق ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاندىن مىللىي ئارمىيە 25- دېكابىر ئۈرۈمچىگە كىردى.

1949 - يىلى دېكابىردىن 1950 - يىلى فېۋرالغىچە موسكۋادا ئاخىرقى تەقدىرىمىز پىچىلدى. مارتتا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىندى. بىراق ئايالى ماينۇر قاسىمى جەسەتنىڭ ئۇچىسىنى سىلاپلا، ئۇنىڭ ئېرى ئەمەسلىكىنى دەپ تاشلىدى. ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ يېرىدە مېڭى بارلىقىنى خوتۇنىلا بىلگەچ، ساختا جەسەتلەر چېنىپ قالغان.

1911 - 1951- يىللاردىكى 50 يىللىق سىرلىق سەرگۈزەشتىلىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.
« ئۆتمۈشى نۇرانە بولمىغان جاينىڭ ، پارلاق كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ »! « تارىخىنى بىلمىگەن مىللەتلەر يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر»!

تارىخ قاراش ۋە تارىخىي شەخسلەرگە لىللا باھا

مېنىڭچە، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى تارىخىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، مەيلى قانداق يول تۇتسۇن ، كىمگە يۆلەنسۇن، قانداق ئىدىيەدە بولسۇن،پەقەت شۇ بىر ئورتاق غايىدىلا بولۇپ كۈرەش قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا خالىغانچە ئەيىبلەش باھاسى بېرىشتىن ، بولۇپمۇ قولىمىزدا ھېچقانداق پاكىت، ھۆججەت ۋە ئېنىق ئاساس بولماستىن، ئۇ پوكۇنچى، بۇ پوكۇنچى، ئۇ پالانچىنىڭ ئادىمى ، ئۇ خائىن ياكى جاسۇس دېيىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئوز داھىيلىرىغا، ئوز ئوغلانلىرىغا، جۈملىدىن ھەر قانداق بىر كىشىگە تۆھمەت چاپلاش ئەخلاقسىزلىق بولۇشتىن تاشقىرى، ھەر قانداق بىر دىنمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ، لېكىن تارىخىمىزدىكى ئېنىق ساتقۇنلار، باشتىن ئاخىرى خەلقىمىزنىڭ ئارزۇسى ۋە نىشانىغا خىلاپ يول تۇتقانلار بار، ئۇلار ئېنىق، خەلقىمىز ئەينى ۋاقىتتا سۆيگەن ۋە ھۆرمەت قىلغان داھىيلارنى ئەينى ۋاقىتتا خەلقىمىز دۈشمەنلىرى.، بولۇپمۇ خىتاي مۇستەبىت، شوۋىنىستلىرى ئەڭ ئۆچ كۆرۈپ، ئۇلارغا تۆھمەت چاپلىغان ۋە ھاقارەت قىلغانىدى، ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەلىخان تورىنىڭ ستالىندىن 3 قېتىم مەكتۇپ بىلەن ياردەم سورىغىنى ۋە ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغىنى راست، بۇ خەتلەرنىڭ بەزىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى، ھاكىمبەگ غوجا باشلىق 16 ئەزاسىنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئىمزا قويغان، ستالىنغا ئەلىخان تۆرە باشتا ئەڭ ئىشەنگەن، ئەخمەتجانمۇ ئىشەنگەن، ئۇيغۇرلار ئىشەڭەنىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ياردەم بەرگىدەك قۇدرەت دۆلەت شۇ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇ، تاكى 1949-يىلىغىچە ياردەم بەردى، ئەخمەتجانلار ستالىن ھۆكۈمىتىگە ئاخىرغىچە ئىشەنگەن ۋە ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇ، ھەتتا ئەلىخان تۆرە باشقا ئۇلارنىڭ سەپداشلىرى بىرەر قۇدرەتلىك دۆلەتكە تايانماي مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايتتى، يەنە بىرسى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ ئىنقىلابنى قوللىدى ۋە ياردەم بەردى. ھەتتا ئاخىرىغىچە، ئۇلارنى ماۋغا تەقدىم قىلغىچە ، ئۆزلىرىنىڭ ئېزىلگەن خەلقلەرگە ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، غۇلجا ھۆكۈمىتىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، 1946-يىلى خىتاينىڭ قولىغا ھەممىنى تاشلاپ بەرگەن بولار ئىدى. ئەلۋەتتە، ئەخمەتجاننىڭ ئولۇمى موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىنى قەتئىي  قوللىماي، خىتاينىڭ قولىغا قالدۇرۇشنى قەتئىي ھالدا قارار قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، ئەلىخان تورىگە ستالىن نېمىشقا چېقىلمىدى ؟ نېمىشقا تاشكەنتتە ساقلىدى؟ ھەقىقەتەن بۇ بىر سىر. بۇنىڭ ھۆججەت ئاساسىنى تېپىش كېرەك، ھۆججەتلىك ئاساسى بولماستىن بۇ سوئالغا خالىغانچە كەسكىن جاۋاب بېرىشنى مەن ھەقىقىي تارىخچىنىڭ ئىشى دەپ قارىمايمەن.

دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن
2019 - يىلى 30 - نويابىر شەنبە.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئاساسلىقى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسىسى ، شۇنداقلا ئومۇمىي دۇنيا ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنى تەھلىل قىلغان ئاكادېمىك يازمىلىرىدىن قىسقارتىپ سۇنۇلدى.

« ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!» . 
سايرام ئوغلانى

1869 - يىلى مۇز داۋانغا تاجاۋۇز قىلغىنىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا ، ئۆتكەن 151 يىل جەرياندا ئەجداتلىرىمىز رۇس مەسىلىسىنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا ، چاررۇسىيە
1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ ،
1881 - يىلى 12 - فېۋرال سېسىق نامى پۇر كەتكەن « تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى» ئارقىلىق غەربىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان بولسا ، ئەسلىدە ۋەتىنىمىزگە تەۋە جايدىن ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدا مۇنبەت تۇپراقنى يۇتۇۋالغان . 1945 - يىلىدىكى يالتا كېلىشمىدە ۋەتىنىمىز قايتىدىن موڭغۇلىيە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بولسا ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرالدىكى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانى سىتالىننىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ ، ئورنىغا 1955 - يىلى 10 - ئايدا ساختا ھەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى شەكىل ئاپتونومىيە بېرىلگەن . بىز يەنىلا 151 يىللىق رۇس مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى پاتقاقتىن تولۇق قۇتۇلالمايمىز !
تارىختىكى بارلىق مەسىلىلەر يىغىلىپ قالدى. ئوشۇق ۋاختىمىز ۋە ئوشۇق ئادەم كۈچىمىز يوق . پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر - بىرلەپ ھەل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق .

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 14 - فېۋرال  جۈمە.