2020/10/30 03:57

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئەمدى نۆۋەت بىزنىڭكى ، ياشىسۇن ھۆر ئۇيغۇر خەلقى !

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/10 13:01

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



« ئۆتمۈشىمىزدىن كېلەچىكىمىزگە نەزەر »

بۇندىن 2548  - 2348 - يىللىرىدىكى بىز :

بۇندىن توپتوغرا 2548 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئاخمانىلارنىڭ قالدۇق چېرىكلىرى جەڭ مەيدانىدىن بۈيۈك پېرسىيە ھۆكۈمرانى ، داڭقى جاھانغا پۇر كەتكەن « كەيخۇسراۋ 2 » نىڭ باشسىز تېنىنى تېپىپ شەرقىي ئىرانغا دەپنە قىلغان . كەيخۇسراۋ مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 - يىلى 4 - دېكابىر مەرھۇم ئالپ ئەرتۇڭانىڭ چەۋرىسى مەلىكە تۇمارس تەرىپىدىن سىر دەريا بويىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى . ( بۇ كەيخۇسراۋنىڭ ئانىسى بۈيۈك پېرسىيە شاھى ئاستىئاگنىڭ قىزى بولۇپ، ئاستىئاگ ئالپ ئەرتۇڭانى زەھەر بېرىپ قەستلىگەن كەيخۇسراۋ1 نىڭ ئوغلى ).

بۇندىن توپتوغرا 2348 يىل. بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئىسكەندەر تۈرك خاقانلىقى بىلەن بىتىم تۈزۈپ ، سىر دەرياسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، نىشانىنى 180 گرادۇس ئۆزگەرتىپ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 328 - يىلى يازدا ئىسكەندەرنىڭ تۇرشاۋۇل قىسمى ئىلى ۋادىسىغا ئاز قالغاندا سانى 4000 مىڭ جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنىڭ 40 مىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمىنى جېنىدىن جۇدا قىلغان . ھەر بىرى 40 تال ئوق سېلىنغان ئوقدان ئاسقان بۇ ئەسكەرلەر ھەر بىرى پەقەت 10 تال ئوق ئېتىپلا يۇقىرىقىدەك 40 مىڭ ئىسكەندەر ئەسكىرىنى ئوۋلىغان . دىۋاندا بۇ توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات قالدۇرۇلغان . ئىسكەندەرمۇ ئالپ ئەرتۇڭا ئەۋلادى « خاقان شۇ » بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، تۇراندىن چېكىنىپ چىقىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 328 - يىلى 10 - دېكابىر ھىندىستانغا بېسىپ كىرگەن .

« ئۇيغۇر » بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئاڭ ، ئۇيغۇرچە ئەخلاق ، ئۇيغۇرچە ئېتىقاد، ئۇيغۇرچە تەپەككۇر، ئۇيغۇرچە روھىيەت ، ئۇيغۇرلۇقتىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدىغان يۈرەك ۋە ئۇيغۇرلۇق يولىدا باشقا شەخسىي مەنپەئەتلىرىدىن كېچەلەيدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك ! بۇ ھالقىلىق ئامىللار تارىخىمىزدا توشاق . يېقىنقى 2222 يىلدىن بېرى خىتايلار بىلەن ئۇرۇشۇپ  كەلگەن بارچە تۈركىي خەلقلەر يا ئاتا ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى يا   خىتاي بىلەن ئارىلىشىپ سىڭىپ كەتتى . پەقەت خۇدانىڭ « ئادالەت قامچىسى » بولغان ئۇيغۇرلارلا ھەم « ئۇيغۇر » نامىنى ، ھەم مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى . بىز يەنە قايتىدىن
« تەڭرىنىڭ قامچىسى » بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىمىز!
« تۆمۈرنى تاۋلىمىغىچە پولاتقا ئايلانماس !» . خۇدا بىزنى تاۋلاپ ، ئارىمىزدىكى داتلار ۋە داشقاللارنى سۈزۈپ چىقىپ ، ساپ ۋە قېنى پاكىز ئۇيغۇرلارنى ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن ھەر خىل سىناق بېرىۋاتىدۇ . بۇ سىناقتىن پەقەت ھەقىقىي ئۇيغۇرلارلا ئۇتۇقلۇق ئۆتەلەيدۇ ! قۇتلۇق بولسۇن بۈيۈك تاجاۋۇزچى ھۆكۈمران كەيخۇسراۋنى جاندىن جۇدا قىلغان ، جاھانگىر ئىسكەندەرنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەن، خىتايلارنى 2222 يىل سەددىچىندىن ئىزچىل چىقارماي، موڭغۇل دالىسى، يىراق شەرق ، سىبىرىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى خىتاي ئىستىلاسىدىن قوغداپ كەلگەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ! گۆش ۋە قانلىرى بىلەنلا گېرمانىيەدەك بەش ھەسسە چىقىدىغان ئانا ۋەتەننى 333 يىل قورالسىز قوغدىيالىغان قەيسەر مىللەتنىڭ نەسلى بۇنداق ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ ! بىزنى يۇتماقچى بولغان ئاچكۆز دۈشمەننىڭ قارنىنى يېرىپ تاشلاپ، ئىچىدىن ساق چىقىشىمىز كېرەك ! ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەجدىرھالار قىسسەلىرىدىمۇ ئەجداتلىرىمىز قىزىل ئەجدىرھانى شۇنداق ھالاك قىلغان .

بۈيۈك كىرۇس ( كەيخۇسراۋ 2 ) نىڭ تۇرانغا تاجاۋۇز قىلىپ، دەريا - دەريا قانلارنى تۆككەن جىنايىتىنىڭ بەدىلىنى جېنى بىلەن ئېچىنىشلىق ئۆتىگەنلىكىنىڭ 2548 يىللىق خاتىرە كۈنى ۋە سەلتەنەتلىك ئاخمانىلارنى ھالاك قىلىپ ، تۇرانغا تاجاۋۇز قىلغان بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ ئەجداتلىرىمىز قولىدا ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ ، تۇراندىن چىقىپ كەتكەنلىكىنىڭ 2348 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ، شۇنداقلا « خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى  **» مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە يېزىلدى .

71 - قېتىملىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنى پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي يەر شارى خاراكتېرلىق تەشۋىقات ۋە مۇراجىئەت ھەرىكىتى قوزغايلى ! شۆھرەت زاكىرنىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا قارشى ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتى چۈشكەن 10 - دېكابىر كۈنىنىڭ مەقسىتىنى باغلاپ تەشۋىق قىلايلى !

*** ئىزاھات :

1948 - يىلى 10 - دېكابىر ب د ت بىردەك قارار ماقۇللاپ ، « خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدى كېلىشىمى » نى روياپقا چىقارغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئەزىز خەلقىمىز شۇ كۈنلەردە ئەڭ قىيىن كۈنلەردە ياشىماقتا ئىدى . ھازىرمۇ 40 مىليوندەك خەلقىمىز ئانا ۋەتىنىمىزدە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانلىق ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم ھالدا تىرىك تۇرۇپ دوزاختا كۆيمەكتە . پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا ئايلىنىپ ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ئەزىز ۋەتىنىمىزنى باندىتلاردىن تازىلاش كېرەك! مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان ۋاقىت كەلدى !

https://www.facebook.com/100024717381362/posts/455936688573573?sfns=mo

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 10 - دېكابىر   سائەت  19 : 19   ئېركۇتىسكىي
1441 - يىلى ئاياغ باھارنىڭ 13 - كۈنى سەيشەنبە