2020/06/01 20:24

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئومۇميۈزلۈك ھەركەتلىنىش ھەققىدە تەۋسىيە

يوللىغۇچى: ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر, 2019/02/14 15:30

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2019/02/14 15:30 2019/02/14 18:27 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: arslan
ئومۇميۈزلۈك ھەركەتلىنىش ھەققىدە تەۋسىيە

ئۈزەڭ يىمسەڭ غېمىڭنى، قاغا چۇقار تېنىڭنى
ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىمىزنىڭ تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى تۈرك مېدىياسىدا ئېلان قىلنىشى بىلەنلا ، ئۈلۈشكۈن خىتاي ھۈكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىمىزنى سۆزلىتىپ ئۇنىڭ تىرىكلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ۋېدىئو چەتئەلگە نەدىن، قانداق تارقالدى، بۇنى بىلمەيمەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ھەرخىل قىياسلارنى قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسى ئۇيۇنى ۋە ھەتتا سۈيقەسىت نەزىريىسىگىچە تەھلىل قىلىشتى. ئىلگىرىمۇ نۇرتاي ھاجىم، خالمورات غۇپۇر، تاشپۇلات تىيىپلار خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا ئۈلۈپ كىتىپتۇ دىگەن خەۋەر تارقالغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشى ۋە شىھىدلىك مەرتۋىسىگە يىتىشنى تىلەپ دوئا - تىلاۋەت قىلساق، بەزىلىرىمىز خۇددى ئاللاھنىڭ بۇ دۇنياغا تەيىنلىگەن قازىلىرىدەك: ئۇلار قانداق شىھىد بۇلىدۇ؟ ئۇلار دىگەن كومۇنىست تۇرسا، ناماز ئۇقۇمسا... دىگەندەك پىتنە تارقىتىپ، بىھۇدە تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلىپ، زېھنىمىزنى خوراتتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ خالمورات غۇپۇر، تاشپۇلات تىيىپلارغا كىچىكتۈرۈپ ئۈلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەرلىردىن ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ئاز-تولا تىنغان بولدى.
خىتاي شەرقى تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگىرلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە تاقىتىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى پۈتۈن تەشكىلاتلار، ھەتتا بەزى شەخىسلەر قولىدىن كىلىشچە تىرىشقان بولسىمۇ، خىتاي نۆۋەتتە بۇ لاگېرلارنى تاقايدىغاندەك ئەمەس. ب د ت ، ياۋرۇپا ئىتپاقى، خەلىقئارا جەمئىيەتلەرمۇ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈنۈملۈك چارە قوللىنالمىدى. بىز يەنە توردىكى سىياسى مۇلاھىزچىلەرنىڭ ئارگىنتنادا ئېچىلغان يىغىن ۋە ب د ت نىڭ ئامېرىكىدا ئېچىلغان يىغىنىدا ئامرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇلاھىزلىرىنى ئوقۇغاندا بىرەر خۇشخەۋەرنىڭ بولۇشىنى كۈتكەنتۇق. ئەپسۇس ئۇنداق بولمىدى، پەقەت خىتاي بىلەن 90 كۈنلۈك سودا كىلشىمى ھەققىدە تېرە تارقشىتىشلا بولدى، 90 كۈنلۈك مۆھلەتمۇ توشاي دېدى، خىتاي يەنە ۋەدىسگە ئەمەل قىلمىدى. دېمەككى، ئۆزىمىز بىر ئىش قىلماي تۇرۇپ، باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرسەك، روھىمىز سۇنغىنى سۇنغان، كۆڭلىمىز پەرىشان بولغىنى بولغان. بۇ مىنىڭ چەتئەلدىكى 11 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىمدا يەكۈنلىگەن خۇلاسەم. شۇڭىمۇ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلاي، ئاۋازسىز قالغان خەلقىمنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتاي دەپ 7 ئايدىن بېرى شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى يالغۇز تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ كىلۋاتمەن، گەرچە چوڭراق بىر ئىشنى روياپقا ئېلىپ چىقالمىغان بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىمدىن رازىمەن. تەشۋىقاتىمنى كۆرگەن چەتئەلىكلەر بىزگە قىزىقىپ، مۇشۇ دەۋردىمۇ خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، بۇلۇپمۇ كۆزگە كۈرۈنگەن مىللەت سەرخىللىرىغا ئېچىنىپ، ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ ماڭا تەسىللىي بىرىدۇ، كۆز يېشى تۆككەنلىرىمۇ بولدى. بۇنىڭدىن تەسەللىي تاپىمەن ھەم نامايىشىمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادەم تېخمۇ كۈچىيدۇ.
قانداق قىلساق ۋەتىنىمىزىدكى جازا لاگېرىنى تاقىغۇزالايمىز؟ دېگەن مەسىلىنى ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. نامايىش جەريانىدا گوللاندىيە پارلامىنىت ئەزالىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە سوراپ بىلىۋالغانلىرىمنىڭ ھازىرمۇ قىممىتى بارلىقىنى ھىس قىلدىم. ئۇلار ماڭا دېدىكى، ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ساڭا ئوخشاش ھەرىكەت قىلسۇن، ئاتا-ئانسىنىڭ ۋە ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ پارلامنىت بىناسىنڭ ئالدىدا ياكى خەلىق مەيدانلىرىدا ئىزچىل نامايىش قىلسۇن، شۇ چاغدا پارلامنىت ئەزالىرى ۋە يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغايسىلەر، ئۇلارپارلامېنت ئەزالىرىغا بېسىم چۇشۇرىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرى ھۈكۈمەتكە بېسىم قىلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە يالغۇز قارشى تۇرالمىغان بىلەن، بىز ياۋرۇپا ئىتپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ياۋرۇپا پارلامىنتى ۋە ب د ت دا ئوتتۇرغا قويۇپ، ياۋرۇپا ئىتپاقى بىلەن ب د ت نى ھەركەتكە كەلتۈرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ ھەركەتلىنىشىڭلار، ئۈزەڭلارنىڭ پىداكارلىقى، جاسارىتى، ئىرادەڭلارنى ئىزچىل نامايەن قىلشىڭلار كېرەك، بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ.
ئابدۇراھمان ھەسەن قوزغىغان گۇۋالىق بىرىش قىزغىنلىقى نەتىنجسدە ھازىرغىچە 1000 دەك ئادەم گوۋاھلىق بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چاقىرىق قىلغان، نۇرۋېگىيە ئۇيغۇر كومتىتى تەييارلىغان «غايىپلارنى تىزىملاش جەدۋىلى»نى تولدۇرۇپ تىزىملاتقان ئادەم سانى 3500 ئەتراپىدا. دىمەك بۇ سان بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت ئېلان قىلغان "بىر مىليۇن ئۇيغۇر جازا لاگىرىدا" دىگەن ساننى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك دەلىل بولالمايدۇ. بۇ ساننى بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تولدۇرمىساق باشقا كىم تولدۇردۇ؟ قازاق، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزجېنىدا خىتاينىڭ جازا لاگىرىدىكى ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ، ۋېدىئولاردا سۆزلەپ، ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شاڭگاڭدىكى خىتاي زىيالىلىرىمۇ ئۈزنىڭ ئىنسانى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرنىڭ تاقىلشى ئۈچۈن نامايىش قىلدى. ئەمما بىزنىڭ زىياللىلىرىمىزچۇ؟ گەپنى كۆپ قىلدى، يىغىن ۋە لىكسىيەلەر كۆپ بولدى، ئەمما ھەرىكەتكە كەلگەندە بوشاپ قالدى؛ تورلاردا تەكلىپ -تەۋسىيەلەر بولدى، ئەمما ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلار يېتەرلىك بولمىدى.
يالغۇز كىشلىك نامايىشىمدا، جازا لاگىرىغا كىرىپ كەتكەن مەشھۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۈرۈپ ھەيران قالغان، ھەتتا ياش تۆككەن ئىنسانلارنى جىق كۆردۇم. دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر، ھالبۇكى شۇ مېھرى مۇھەببەتنىڭ تارىسنى چىكىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يەنلا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزغا باغلىق. چەتئەللەردە ئوقۇپ كاتتا ئۇنۋانلارنى ئېلىپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئۈزىنىڭ ئىشدىن باشقا ئىشقا بىپەرۋا يۈرۋاتقانلار، ئەمدى بېشىمىزنى سىلكىۋېتەيلى، ئۇيقىمىزنى ئاچايلى. خىتايلارنىڭ جازا لاگىرلىردا ئازاب چېكىۋاتقان شۇ زىيالىيلار ئەجىبا سىلەرگە ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىگەنمىدى؟ يازغان كىتابلىرى، سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى سىلەرگە ھېچ تەسىر قىلمىغانىدى؟ ۋىجدانىڭلاردىن سوراپ بېقىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى چەتئەلگە چىقىشقا نېسىپ قىلمىغان بولسا، ھالىڭلار نېمە بولار ئىدى؟ زىنداندىكىلەرنى ئويلاڭلار، ئۆزەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلاڭلار. ئەگەر زىنداندا بولغان بولساڭلار، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىت كۈتۈپ يۈرەر بولغىيتىڭلار، ب د ت، ياۋرۇپا ئىتپاقى، ۋە ئامرىكا دۆلەت مەجلىسى بىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەركەت قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىڭلار. چۈنكى مەنمۇ ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا چەتئەل توغرۇلۇق كوچا خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىزنى ئازاد قىلىدۇ دەپ يۈرەتتىم. چەتئەلگە چىقىپ بىلدىمكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تا ھازىرغىچە ئۈزىمىزنى ئازاد قىلالماي، ئىچكى تەپرىقچىلىقنىڭ ۋاباسىدىن قۇتۇلالماي يۇرۋاتىمىز.
زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ يولباشچىلىرىدۇر، قەلبلەرگە نۇر-زىيا چاچقۇچىدۇر، ئەڭ مۇھىمى ئىشنى ئوڭشاپ قىلغۇچىدۇر. زىيالىيلىرىنىڭ يىتەكچىلكىدىن ئايرىلىپ قالغان خەلق يىرتقۇچنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قويلاردەك تەرەپ تەرەپكە چېچىلىپ كىتىدۇ. چەتئەللەردىكى زىيالىيلىرىمىز يىتەكچىلىك رولنى جارى قىلدۇرالمىغاچقا، ھەر تۈرلۈك يولباشچىلار چىقىپ، تەرەپبازلىق، تەپرىقچىلىق كۆپىيىپ، كۈچىمىز چېچىلىپ، داۋايىمىزنىڭ ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىنىمۇ دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتىمىز. ھەققانىي داۋايىمىزنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن ئەرزۇ ھالىمىزنى ھەر ۋاقىت بايان ئەيلىشىمىز، ئاخبارات ئۇرۇشى داۋامىدا پەيدا بولغان يېڭى خەۋەر، يېڭى ھىيلە-نەيرەڭلەرگە سەگەك بولۇشىمىز، خىتاي ھىيلە ئىشلەتسە بىزمۇ ئەقىللىق بولۇپ، ئۇنى قارشىسىدىن چىقىپ مات قىلالىشىمىز كېرەك. سەنئەتكارىمىز ئابدۇرەھىم ھېيىت ھەققىدىكى خەۋەر سۈيئىستېمالىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەزىزلىرىمىز مەيلى ھايات بولسۇن، تىرىك بولسۇن، خىتاينىڭ قولىدىكى تۇتقۇندۇر ۋە خالىسا ئويناپ قويىدىغان بىر پېچكىدۇر. ئۇلارنىڭ ھاياتى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، ھايات-ماماتى قىل ئۈستىدە. ئۇلارنىڭ تۇتقۇن، ئەسىرئىكەنلىكى، قاسساپنىڭ قوتىنىدىكى قويدەك يېتىۋاتقانلىقى ئېنىقتۇر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئۆزىمۇ ئاشكارىلىدى. شۇڭا مەن مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاي ھۈكۈمىتىگە "مىنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئىنىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى نەردە؟ ئۇلار ھاياتمۇ ياكى ئۆلدىمۇ؟ ئابدۇرېھىم ھېيىتنى سۆزلەتكەندەك سۆزلەتمەمسەن؟ مەن بىلەن نىمە ئۈچۈن نورمال ئالاقە قىلدۇرمايسەن؟ ئۇلارنىڭ گۇناھىي نىمە؟" دەپ ۋېدىئولۇق سۆزلەپ تارقىتىمەن. ئاندىن مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنىڭ رەسمىنى كۈتۈرۈپ: " بۇلار ھاياتمۇ؟ ئۆلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھىي نىمە؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئابدۇرېھىم ھېيىتتەك سۆزلمەيدۇ؟" دەپ قىسقا ۋىدىيۇ تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سوئال قويىمەن. بىز ئەمدى ئاتا ئانىمىز، ئورۇق تۇققانلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە خىتاي ھۈكۈمىتىدىن ئۇلار ھەققىدە ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىمىزنىڭكىدەك مەلۇمات بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ۋىدىيو ئىشلەپ، تورلاردا تارقاتساق ئۈنۈمى بۇلىدۇ. بولسا بۇ ئىشتا ئۇيغۇر زىيالىلار باشلامچىلىق قىلىپ مىللەتكە ئۈلگە كۆرسەتسە تېخمۇ ياخشى بولاتتى. ھىچ بولمىسا زىيالىلىرىمىز جازا لاگىرىغا كىرىپ كەتكەن مەشھۇرلىرىمىز ھەققىدە مەلۇمات بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ۋېدىئولۇق سۆزلەپ تارقاتسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز ختاي ھۈكۈمىتىنىڭ خەلىقئارانى ئالداۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئىسپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ياۋۇزئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلىيالايمىز.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 100 يىل بۇرۇن بىزنى ئويغىنىشقا چاقىرغان ئىدى، ئەپسۇس 100 يىلدىن كىيىن يەنە بىز غەلپەت ئويقىسدا.
ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ ؟

قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ ؟!
ئويلان ئۇيغۇر !!! ئات ئۈستىدە قامچا ئوينىتىپ، قېلىچ ۋە قالقان بىلەن ئىمپىرىيە قۇرغان، خىتاينى سەدىچىن سېپىلنى سۇقۇشقا مەجبۇرلاپ مۈشۈكتىن قوققان ساچقاندەك ياشاشقا مەجبۇر قىلغان، شانلىق مەدەنىيەتنى ئاپىردە قىلىپ ئىنسانىيەت غەزىنىسگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەتنىڭ ئەۋلادى سەن. سەن تارىخڭغا نەزەر سال، شانلىق تارىخ ياراتقان خەلىق يەنە شۇ تارىخنى يارتىشقا قادىر. بۇنى پەقەت سەنلا يارتالايسەن. چۈنكى بۇ روھ سەندە بار. روھىڭ سېنى ھەركەتكە كەلتۈرسۈن.ئۈلۈم گېردابىدا يۇقىلىشقا يۈز تۇتقان مىللىتىڭ سىنىڭ ھەركەتلىنىشىڭنى، قۇتقۇزشىڭنى كۈتمەكتە. ساڭا تەلمۈرمەكتە.يەنە نىمدىن ئىككىلنىسەن. ھەركەتكە ئۆت.

ئارسلان