2021/01/16 12:07

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن : « 12 - دېكابىر »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/14 04:49

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن : « 12 - دېكابىر» :

627 - يىلى ساسانىلار بىلەن شەرقىي رىم ئارىسىدا « نىناۋا ئۇرۇشى » يۈز بەرگەن . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش 602 - 628 - يىللىرىدىكى پارس ۋە رىم ئۇرۇشلىرىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى بولۇپ ، بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق رىملىقلار ساسانىلار ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان . ھىراكلىيۇس بۇ ئۇرۇشتا غەربىي تۈرك قاغانى تۈن يابغۇ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھازار خانلىقىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن . قۇرئان كەرىمدىكى بېشارەت تولۇق ئەمەلگە ئاشقان ( سۈرە رۇم ، ئالدىنقى بەش ئايەت) . پەيغەمبىرىمىزمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا ھۈدەيبىيە سۈلھىسىدىن قايتىپ كېلىپلا، رىم ۋە ساسانىلار شاھلىرىغا مەكتۇپ ئەۋەتكەن .

1241 - يىلى تۈركىنا خاتۇن ( 1185 - 1246) بۈيۈك موڭغۇل قاغانلىقىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغان . ئۇ ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىت قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى تاھىر ئۇسۇننىڭ قىزى بولۇپ ، ئاچىسى قۇلان چىڭگىزخانغا ياتلىق بولغان . تۈركىنا بېكە بولسا ئوغلى ئۆگەدەيخانغا ياتلىق بولغان . 1206 - يىلى ئوغلى كۈيۈكخان تۇغۇلغان . مەركىتلەر 1216 - يىلى توپىلاڭ كۆتۈرگەندە ، چىڭگىزخان تاكى 1218 - يىلغىچە ئاران باستۇرۇپ ، مەركىت ئاقساقاللىرىدىن يەنە بىر كىشىنىڭ قىزى « ئوغۇل قايمىش » نى ئۆز نەۋرىسى كۆيۈكخانغا خاتۇن قىلىپ بەرگەن . 1241 - يىلى 11 - دېكابىر ئۆگەدەي قاغان قازا قىلغان . تۈركىنا خاتۇن 12 - دېكابىردىن تاكى 1246 - يىلى ئۆز ئوغلى كۆيۈكخان كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشكەنگە قەدەر ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ، قۇرۇلتاينى تىزگىنلىۋالغان . ئۇ ئوغلىنى قاغان قىلىپ ، خاتىرجەم بولۇپ ، شۇ يىلى ۋاپات بولغان . ئەمما كۆيۈكخانمۇ بىر يېرىم يىل قاغان بولۇپلا ، نەۋرە ئاكىسى باتۇخانغا قارشى ئاتلىنىپ ، 1248 - يىلى يول ئۈستىدە ئالتايدا ئۆلگەن . خاتۇنى ئوغۇل قايمىشمۇ خۇددى قېيىن ئانىسى ۋە بىر يۇرتلۇقى تۈركىنا خاتۇننىڭ ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، بۈيۈك موڭغۇل قاغانلىقىنى 1251 - يىلغىچە قولىدا تۇتۇپ تۇرغان . شۇ يىلى باتۇخان ئاخىرى قورال كۈچى بىلەن ھىلاكۇنىڭ ئاكىسى مۆڭكۈخاننى قاغان قىلىپ سايلاپ ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

1918 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ « سۇلتانغالىيېۋ» سى ئابدۇللا روزىباقى سىتالىنغا ئانا ۋەتىنىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن مەكتۇپ يوللىغان .

1924 - يىلى ئىراق شاھى فايسال ( مەككە ھاكىمى شېرىپ ھۈسەيىننىڭ ئوغلى، سابىق سۈرىيە شاھى ) « ئەنگلىيە - ئىراق كېلىشمى» گە ئىمزا قويغان . بۇ كېلىشىم بويىچە ئىراققا 1932 - يىلى ئەمەلىي مۇستەقىللىق بېرىش بەلگىلەنگەن . ئەمما ئېنگىلىزلار ئۇنىڭ دادىسىنى سەئۇدى جەمەتىنىڭ قولى بىلەن قانداق يوقاتقان بولسا ، فايسالمۇ 1933 - يىلى 8 - سېنتەبىر شېۋىتسارىيەدە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن . جەسىتى ئىتالىيە ئارقىلىق پەلەستىنگە، ئاندىن سۈرىيەدىن ئايروپىلان ئارقىلىق ئىراققا ئېلىپ كېلىنىپ ، 15 - سېنتەبىر باغداتقا دەپنە قىلىنغان .

1925 - يىلى رىزا پەھلىۋى ئەڭ ئاخىرقى تۈرك ئىران شاھلىقى بولغان قاچار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھى ئەھمەد قاچارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان . شۇنداق قىلىپ 1924 - يىلى تۈركنى خەلىپىلىكتىن ، ھىندىستاننى بابۇرلاردىن خالىي قىلغان ئەنگلىيە پارس رىزاخان ئارقىلىق ئىراننى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن تۈرك ( ئۇيغۇر) خان - سۇلتانلىقلاردىن ئاجرىتىپ تاشلىغان .

1928 - يىلى داڭلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف دۇنياغا كەلگەن .

1938 - يىلى ئابدۇللا روزىباقى « سۇلتانغالىيېۋ ۋە جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى » دەپ قارىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان . ئۇنى سىتالىنغا چېقىشتۇرۇپ بېشىغا چىققان ، مەمتېلى ئەپەندى ، ھاجى قۇتلۇق شەۋقىي قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق سەركىلىرىنى ھالاك قىلغان مەلئۇن جاللات قادىر ھاجىمۇ شۇ يىلى 12 - نويابىر نورۋېگىيە چېگرىسىدىكى تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن .

1985 - يىلى ياشلار ھەرىكىتى قوزغىلىپ، ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر روھى قايتا تىرىلگەن .

1994 - يىلى رۇسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈچ لىنىيە بويىچە چېچىنىيەگە ھۇجۇم باشلىغان . تۇنجى چېچىن ئۇرۇشى باشلانغان . 1996 - يىلى 21 - ئاپرىل دودايېف ئۆلتۈرۈلگەن . ئەمما 1996 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تىنچلىق كېلىشىم ئىمزالىنىپ، رۇسىيە ئارمىيىسى 1997 - يىلى 5 - يانۋار چېچىنىيەدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. چېچىنلەر قايتا مۇستەقىل بولغان . بۇنىڭدىن چۆچىگەن خىتايلار ئالدىن قول سېلىپ، دەل بىر ئاي كېيىن غۇلجا قىرغىنى پەيدا قىلىپ، ئىستىقبالىمىزغا پالتا ئۇرغان .

2003 - يىلى ئەزەربەيجاننىڭ 3 - پىرىزدېنتى ھەيدەر ئەلىيېۋ ( ھازىرقى ئىلھامنىڭ دادىسى) قازا قىلغان . ئۇ 1923 - 10 - ماي تۇغۇلۇپ ، 1993 - يىلدىن باشلاپ باش سېكرىتار بولغان.

2012 - يىلى يەكەندە ئېغىر ۋەقە بولغان . ئەمما تەپسىلاتى تېخىچە قاراڭغۇ تۇرماقتا .

2013 - يىلى بېنگال تەرەپ ئىسلام جامائىتى رەھبىرى ئابدۇقادىر موللىنى دارغا ئاسقان .

2015 - يىلى سەئۇدى يەرلىك سايلىمىدا تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ سايلاش ۋە ناھىيە دەرىجىدە سايلىنىش ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان.

2018 - يىلى تېرىسسا مېي ئەنگلىيە پارلامېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولغان .

2019 - يىلى جونسۇن ئەنگلىيە پارلامېنت سايلىمىدا كۆپ ئاۋاز بىلەن ئۇتۇپ چىققان .

2019 - يىلى باندىت ھەفتەر قانۇنلۇق لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇرۇش باشلىغان . تۈركىيە ۋە مىسىر ئارىسىدىكى ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن.

2019 - يىلى ئامېرىكا ئوتتۇرا مۇساپىلىق گەپ ئاڭلايدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ ، ئورۇسلار ۋە خىتاينى ئالاقزادە قىلغان .

2019 - يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ئەرمەن چوڭ قىرغىنچىلىقى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى .

2019 - يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈش يولىدا تۇنجى قەدەمنى ئۇتۇقلۇق باسقانلىقى ھەققىدىكى مىش - مىش گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا . ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قانۇن لايىھىسىگە بەكرەك كۈچەڭلار! مۇنۇ پالاكەتتىن كېيىن قالسا بېسىلىپ قېلىشى مۇمكىن !

تارىختىكى 12 - دېكابىردا شۇنچە ئېغىر ۋە قاتتىق ئىبرەتلىك ۋەقەلەر ۋە ھەر خىل رەزىل سۇيقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەپتىمىز .
تولىمۇ ئەپسۇس ، تېخىچە ھىزبۇتقا ئوخشاش
« سۇيقەستكە باھانە يەمچۈك » تىن ئۆزۈڭنى تارت دەپ دۇنياۋىي چاقىرىق قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. « كىچىك بالا چېغىدا قولى كۆيگەن مەشكە قايتا قولىنى ياقمايدۇ ! ئەمما بۇ كالۋالىق بىلەن 21 - ئەسىردە ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى قوغداش ئۇ ياقتا تۇرسۇن قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز !؟

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت
12 : 12 : 12          سىتافروپول