2020/11/27 18:10

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 14 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/17 15:14

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/12/17 15:14 2019/12/17 15:36 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
تارىختىكى بۈگۈن « 14 - دېكابىر » :


557 - يىلى ئىستانبۇلدا قاتتىق يەر تەۋرەپ ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغان .

1751 - يىلى دۇنيادىكى تۇنجى ھەربىي ئاكادېمىيە قۇرۇلغان .

1799 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئاتىسى ۋاشنگتون ۋاپات بولغان .

1861 - يىلى لىۋانلىق شەرقشۇناس ئەدىب ۋە تارىخچى جۇرجى زەيدان تۇغۇلغان .

1939 - يىلى خەلقئارا ئىتتىپاق 30 - نويابىر قىشلىق ئۇرۇش قوزغىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەزكۇر تەشكىلاتتىن قوغلاپ چىقارغان .

1950 - يىلى ب د ت مۇساپىرلار مەسىلىسى ئالىي كومىسسارلىقى قۇرۇشقا قوشۇلغان .

1955 - يىلى 16 دۆلەت بىراقلا ب د ت غا ئەزا بولغان . ئىئوردانىيە ، ئىتالىيە ، پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيەلەرمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە .

1956 - يىلى سەئۇدىنىڭ داڭلىق ئالىمى سالمان ئەۋدە تۇغۇلغان . ئەمما ئۇنى ھازىر مەمەت سالمان تۇتقۇن قىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان .

1981 - يىلى ئىسرائىلىيە گولان ئېگىزلىكىنى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان . خەلقئارا بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان . ئامېرىكا 2019 - يىلى ئاخىرى بۇنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.

1987 - يىلى خاماس قۇرۇلغان . قۇرغۇچىسى شەيخ ئەھمەد ياسىن .

1990 - يىلى 14 - دېكابىر ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسمىنى ئىگىلەيدىغان قارا قالپاقىستان ئىگىلىك ھوقۇققا ئېرىشكەن . كېيىنچە قارا قالپاقىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتتىن يۇقىرى سىياسىي ئىمتىياز بىلەن ئۆزبېكىستانغا قوشۇلغان . ئۇ ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند ۋە بۇخارانىڭ غەربىدىكى بارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . غەرپ تەرەپتە ئارال كۆلى ئارقىلىق غەربىي قازاقىستان بىلەن ، قارا قۇم ۋە قىزىل قۇم چۆلى ئارقىلىق تۈركىمەنىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ . ئىسلام كەرىموفنىڭ چېكىدىن ئاشقان سولچىل سىياسىتى نەتىجىسىدە قارا قالپاقلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىن بۆلۈنۈش خاھىشى كۈچەيگەن. بىر قارا قالپاق بوۋاي ماڭا : « بىزنىڭ ئاتالارىمىزنىڭ پۇشتى يوقىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتسا ، ئۆزبېك ھۆكۈمىتى بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى . مەن ھەر قېتىم خەۋىرىڭلارنى كۆرسەم يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىدۇ ، بىزمۇ بۇنداق ۋاپاسىز يارىماس ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى . شۇنداق بوپقالسا بىز سىلەرنى ھەر جەھەتتىن قوللايمىز » دېگەن ئىدى . سالجۇقىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەلتەنەتلىك شاھى سۇلتان سەنجەرمۇ 1097 - يىلى قارا قالپاقىستاندا تۇغۇلغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قاراخانىلار بىلەن بىرلىشىپ ،1134 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن قارا خىتايلار بىلەن قەتۋان چۆلىدە ئۇرۇشۇپ 1141 - يىلى 9 - سېنتەبىر يېڭىلىپ قالغان . بۇنى پۇرسەت بىلگەن ئوغۇزلار ( ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قالاق بەدەۋىي كۆچمەن ھالەتتە بولۇپ ، بۇلاڭ - تالاڭ بىلەن جان ساقلايتتى ) سەنجەرنى تۇتقۇن قىلىپ ، پايتەخت مەرۋىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن . سەنجەر سۇلتان 1156 - يىلى ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ ، مەرۋىنىڭ ئوغۇزلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغىنىنى كۆرۈپ چىدىماي ، 1157 - يىلى  ئەلەمدە يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلگەن . شۇنىڭ بىلەن بۈيۈك سالجۇقىلار پارچىلىنىپ كەتكەن .

2003 - يىلى مۇشەرەپ 3 - قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن قۇتۇلۇپ قالغان .

2008 - يىلى كىچىك بۇش ئىراقتا ئاياغ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان .

2019 - يىلى باندىت ھەفتەرنىڭ قوشۇنى لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىغا ھۇجۇم قىلىپ، بەزى ئورۇنلارنى ئىگىلىدى . ھەفتەر باندىت 12 - دېكابىر پەيشەنبە ھۇجۇم بۇيرۇقى چۈشۈرگەن .

ۋەتىنىمىزگە يېقىن جايدا جۈمە كۈنى بىراقلا ئۈچ قۇياش كۆرۈنۈپ ، باندىتلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەچكە « قىيامەت قورقۇنچى » پەيدا بولغان . مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئاز ئۇچرايدىغان نۇر سۇنۇش ھادىسىسى دەپ قارىغان .

مەسئۇت ئۆزىلگە خىتايلار ھۇجۇمغا قىلدى :

ناپولىئوننىڭ ئۆتۈكىنى 50 مىڭ دوللارغا ئالىدىغان ئادەم چىقماي ، جېكسوننىڭ پايپىقىنى 500 مىڭ دوللارغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغانلارنى كۆرگەندىلا ھەر بىر ئۇيغۇر يىگىتى دوپپىسىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئويلىنىشى كېرەك ئىدى . باندىتلار 4 - دېكابىر قانداق چىچاڭشىپ كەتكەن بولسا ، 14 - دېكابىرمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمىغۇدەك گىژىلداپ كېتىۋاتىدۇ . دۇنياغا ۋە ئىنسانىيەتكە ئۇلار ئوبدان چۈشىنىدىغان « تىل ۋە سەۋىيە » بىلەن خىتاپ قىلىشتىن سىرت ، ئۇلارغا ئۇلار چوڭ بىلىدىغان ۋە چوقۇنىدىغان شەخسلەر ئارقىلىق خىتاپ قىلغاندا ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك زورلۇقىنى ئەقەللىسى بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ! مىڭ ئەرەب ياكى تۈرك سىياسەتچىسى قوزغىيالمىغان داغدۇغىنى
( ئەمەلىيەتتە بىرسىمۇ زۇلۇمنى توختىتىش توغرىلىق سۆزلەش تۈگۈل ئاغزىدا بولسىمۇ ئوچۇق ھېسداشلىق قىلىپ باقمىدى ) بىر توپچى قوزغىۋەتتى . مەسئۇد ئۆزىل ئۆزىنى يالغۇز ياكى خاتا قىلغان ھېس قىلىپ قالمىسۇن !
مۇشۇ پۇرسەتتە قىزىل خىتايغا بىر ئۆمۈر سادىق ئىشلەپمۇ يەنىلا ئۆمۈرلۈك تۈرمىگە تاشلانغان نۇر بەكرى ، باندىتلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆز دۆلىتى ئالبانىيەدە جازاغا ئۇچرىغان مۇخبىر ئولىسى ئەپەندى ۋە ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلىپ ، قېرىنداشلىرىغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ قويغانغا كەڭ - كۆلەمدە باندىتلارنىڭ زور بېسىمىغا ۋە تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن داڭلىق پۇتبول ماھىرى مەسئۇد ئۆزىلنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، باندىتلارنىڭ پۈتۈن دۇنيانى ، بولۇپمۇ 2 - 3 - دۇنيا ئەللىرىدىن تەركىپ تاپقان يالاڭتۆش مۇسۇلمان ئەللىرىنى سۈكۈت قىلدۇرالىغانلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنى ئوبدان ئوچۇقلاپ ، پۈتۈن دۇنيانى سۈكۈت قىلدۇرالىغان باندىتلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئازغىنا ئۇيغۇرلار ۋە قازاق - قىرغىزلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ ھەر جەھەتتىن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ تىز پۈكمەي ۋە مۇرەسسە قىلماي ئاز بولسىمۇ داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بايان قىلىشىمىز كېرەك ! مىسال سۈپىتىدە چاناپ تاشلانغان ئۆمەربەگ ئالى ئاكىنىڭ رەھمەتلىك دادىسى ۋە قىزىنىڭ گۇۋاھلىقى تۈپەيلى قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ ، ئېغىر روھىي بېسىمدا جان تەسلىم قىلغان زۇمرەت خانىمنىڭ دادىسى مەرھۇم داۋۇت ھاجىمنى كەلتۈرۈپ ، بىر قېتىملىق يەر شارى خاراكتېرلىق باندىتلارنى رەسۋا قىلىش ھەرىكىتى قوزغايلى ! باندىتلار ھازىر ئالدىن قول سېلىپ « سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي دەۋاتىدۇ ! » . يەنە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ ....

بۈگۈنكى ھېكمەت :

« مىللەت كۈچەيسە تىل كۈچىيىدۇ ! تىل بۇلغانسا  ئەخلاق بۇزۇلىدۇ ! تىل شالغۇتلاشسا مىللەت ماڭقۇرتلىشىدۇ ! تىل يوقالسا مىللەت يوقىلىدۇ!».🌏. 22 يىللىق ساۋاقتىن خۇلاسە . يەنە 22 يىلدا خۇدا بارچە ئارزۇلارغا يەتكۈزگەي!

2019 - يىلى 14 - دېكابىر  شەنبە