2021/01/20 02:47

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 13 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/17 14:53

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن « 13 - دېكابىر » :


1642 - يىلى گوللاندىيەلىك دېڭىزچى تاسمان يېڭى زىللاندىيەگە يېتىپ بارغان .

1920 - يىلى ۋېرسال كېلىشىمىدىن كېيىن روياپغا چىققان خەلقئارا ئىتتىپاق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى جاڭجاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئەدىلىيە مەھكىمىسى قۇرغان.

1941 - يىلى ۋېنگىرىيە بىلەن رۇمېنىيەمۇ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان . ياپونلار 9 - دېكابىر پىئورل خاربورغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنلا ، ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانىدى .

1949 - يىلى موساد قۇرۇلغان . شۇ كۈنى يەنە ئىسرائىلىيە پارلامېنتى پايتەختنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنى ماقۇللىغان . ( 2018 - يىلى 14 - ماي دوللار ترامپ بۇنى قوللاپ ، باش ئەمچىخانىسىنى قۇددۇسقا كۆچۈرگەن ) .

1967 - يىلى يۇنان پادىشاھى ئاپرىلدا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان ھەربىيلەرنى ئاغدۇرالماي ئىتالىيەگە قېچىپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن يۇناندا پادىشاھلىق دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، جۇمھۇرىيەت دەۋرى باشلانغان .

1970 - يىلى ئەسلىدە 1964 - يىلى مۇستەقىل بولغان مالتادا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان . ئەمما ئايال پادىشاھ ئېلزابىت يەنىلا مالتا پادىشاھى بولۇپ قېلىۋەرگەن .

2002 - يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى سىپرۇس، چېخ، ئىستونىيە ، لاتۋىيە ، لىتۋانىيە ، ۋېنگىرىيە ، مالتا،
پولشا ، سىلوۋاكىيە ۋە سىلوۋېنىيەلەرنىڭ 2004 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .

2003 - يىلى سادام ھۈسەيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان .

1048 - يىلى ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ۋاپات بولغان.
ئۇ 973 - يىلى 5 - سېنتەبىر خارەزىمدە تۇغۇلغان . قاراخانىلار سامانىلارنى 999 - يىلى مۇنقەرز قىلغاندا ئۇ غەزنىگە كۆچۈپ كەتكەن .

1250 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى فىرىدېرىك 2 ۋاپات بولغان . ئۇ 1194 - يىلى 26 - دېكابىر تۇغۇلغان . تۆت يېشىدىن باشلاپ ھوقۇق تۇتۇپ ، 1220 - يىلى رىم ئىمپىراتورى بولغان . ئەمما ئۇ 1239 - يىلدىن 1242 - يىلغا قەدەر باتۇخاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغان . 1241 - يىلى 11 - دېكابىر ئۆگەدەي قاغان ئۆلۈپ كەتكەچكە ، باتۇخان 1242 - يىلى قوشۇن چېكىندۈرۈپ ، ياۋروپانى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشىنى توختاتقان . بۇ چاغدا فىرىدېرىك ئاللىبۇرۇن پالىرمۇدىكى ئوردىسىدا بىر كېمىنى تەييارلاپ ، مىسىرغا قېچىپ بېرىپ، تىبابەت ئۆگىنىشكە بەل باغلىغانىدى . ئەمما ئۇنىڭ جاسۇسىدىن باتۇخاننىڭ ئىتالىيەگە بېسىپ كىرمەيلا چېكىنىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قايتا تەختىنى ساقلاپ قالغانىدى . ئۇ ھەتتا 1228 - يىلى 6 - قېتىملىق ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى قوزغاپ ، شۇ يىلى 18 - مارت قىيامەت چېركاۋىدا ئۆزىگە ئۆزى تاج كىيگۈزگەن ئىدى.

1931 - يىلى فرانسىيەلىك دوختۇر گوستاف لوبۇن ۋاپات بولغان .

2019 - يىلى ئارسىنال كۇلۇبىدىكى داڭلىق تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل ئۇيغۇر خەلقىگە
تۆۋەندىكىدەك جۈمەلىك سالام يوللىغان :

«ئەي شەرقىي تۈركىستان، ئۈممەتنىڭ قانىغان يارىسى، ئەزىيەتلەرگە قارشى تىرەجەۋاتقان مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر توپى. ئىسلامدىن مەجبۇرىي ئۇزاقلاشتۇرغۇچىلارغا قارشى يېگانە ھالدا كۈرەش قىلىۋاتقان شانلىق مۆمىنلەر» دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلانغان بۇ يوللانمىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئىنكاس قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇ يوللانمىسى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى، «ۋال-سترىت ژۇرنىلى»، «NBC خەۋەرلىرى»، ئەڭلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى، «Sky خەۋەرلىرى» قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىندى. ئەڭلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە: «دۇنيا، ھازىر غەربچە دېموكراتىيە بىلەن شەرقنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيە كۆرۈشى ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرى مانا بۇ كۈرەشنىڭ مەيدانى» دەپ مۇلاھىزە قىلىنغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ تىۋىتتىر، فېيسبۇك ۋە ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە 70 مىليوندىن ئوشۇق ئەگەشكۈچىسى بار . ئۆزىل بىر ئېغىز لىللاھ گېپى ۋە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرغانلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىيالىدى .

3 - دېكابىر ئۇيغۇر قانۇنى باندىتلارنى قانداق پاتپاراق قىلىۋەتكەن بولسا ، 13 - دېكابىر ئۆزىل ئۇلارنى يەنە شۇنداق پاراكەندە قىلىۋەتتى .

2019 - يىلى 13 - دېكابىر     قۇتلۇق جۈمە