2020/11/27 17:28

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 15 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/17 15:35

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تارىختىكى بۈگۈن « 15 - دېكابىر » :

1072 - يىلى ئالپ ئارسلان ئامۇ دەرياسى بويىدا قازا قىلغان .

1256 - يىلى ھىلاكۇخان ئالامۇت قەلئەسىنى ۋەيران قىلىپ ، غەربىي ئاسىيادىكى 222 يىللىق قورقۇنچ ۋە پىتنىنىڭ ئۇۋىسىنى يوق قىلغان .

1574 - يىلى سۇلتان سۇلايماننىڭ ھۈررەمدىن تۇغۇلغان ئوغلى سۇلتان سەلىم 2 ئۆلگەن .

1914 - يىلى سېربلار ئاۋستىرىيەدىن بېلگىرادنى قايتۇرۇۋالغان .

1918 - يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىملىق دۇنياۋى يەھۇدىلار قۇرۇلتىيى ئېچىلغان .

1945 - يىلى مارك ئارتېر ياپونىيىنىڭ ئەنئەنىۋى دۆلەت دىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان .

1946 - يىلى ئىران ئارمىيسى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا ماھاباد جۇمھۇرىيىتىنى يىقىتقان.

1971 - يىلى « پولات » رولىنى ئالغان نىجاتى شاشماز تۇغۇلغان .

2011 - يىلى ئىراقتا ئامېرىكا بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ ، 9 يىللىق ئىشغالىيەت ئاخىرلاشقان. مۇراسىمغا دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى پانېتا قاتناشقان .

2015 - يىلى سەئۇدى باشچىلقىدا ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇلغان . يەمەندە ئۇرۇشۇۋاتىدۇ .

2019 - يىلى خىتايلار غالجىرلارچە ئۆزىلگە ھۇجۇم قىلماقتا . ھەتتا بۈگۈنكى ئارسىنالغا ئالاقىدار نەخ مەيداننى قويۇشنى رەت قىلدى.


ئۇيغۇرلار بىلسىمۇ كۆزىنى يۇمۇۋالغان ياكى ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان مەينەت زەربە ھەققىدە چۈشەنچە

« ئەڭ ئەجەللىك مەينەت زەربىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە چاقىرىق ۋە تەۋسىيە »

« مىللىي غورۇرىمىزنى قوغداشقا ئاتلىنايلى ، دۈشمەن خەلقىمىزنى پىچاقسىز بوغۇزلاپ ، قان ئاققۇزمايلا غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي يوقىتىش ھەرىكىتىنى ئاللىبۇرۇن باشلاپ بولدى . بۇنداق زىيانكەشلىك كامېراغا چۈشۈپ قالىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىنمۇ يامان . چۈنكى روھىي زەربىنى كامېرا ئارقىلىق كۆرسەتكىلى بولمايدۇ . ماددىي ئىسپات ئۆلچەم قىلىنىدىغان دۇنيانى ياخشى چۈشەنگەن باندىتلار خەلقىمىزنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىپ ، « پىچاق سۈرمەي بوغۇزلاش ، قان چىقارماي ئىزززەت - ئابرۇيىنى دەپسەندە قىلىپ يوقىتىش » قەستىگە چۈشتى . دەرھال كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش چارىسى ۋە دۇنياغا بۇنى قانداق بىلدۈرۈش ھەققىدە كاللا قاتۇرۇشىمىز كېرەك !

دۈشمەن بۇ جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى . ھېچقانداق ئائىلە بۇنداق زەربىدىن ئامان قالمىدى . تۆۋەندىكىسى پەقەت شۇلاردىن بىر ئاچچىق كارتىنا خالاس :

70 يىلدىن كېيىن « تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپلا قالماستىن ، ئەكسىچە يەۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا»
بىر ئەركەكنىڭ غۇرۇرى مانا مۇشۇنداق ئاسان سۇندۇرۇلدى .
خانىم - قىزلىرىمىز بۇنىڭدىن بەتتەر ئەھۋالدا ئىكەن، تېخىچە  كىرىزىس تۇيغۇسى كۈچەيمىگەن ۋە تەخىرسىز ۋەزىپىسىنى بىلەلمىگەن غاپىللاردىن مىللەتكە ئەمەس ، ئۆزىگىمۇ ھېچبىر پايدىسى يەتمەيدۇ . شۇڭا مەيلى ئەجنەبىلەرگە قارىتا بولسۇن ، ياكى ئۆز ئىچىمىزگە قارىتا بولسۇن ، زېھنىمىزنى پايدىسى يوق ياكى ئاقماس كىشىلەرگە ئۇپرىتىپ ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك ! ئۈچ يىللىق ئاچچىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى « جاھانگىر ناپولىئوننىڭ ھەربىي ئۆتۈكىنى 50 مىڭ دوللارغا ئالمىغان دۇنيا جېكسوننىڭ كونا پايپىقىنى 500 مىڭ دوللارغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇردى » ، « تايىپ ئەردوغان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان لىللا سۆزنى مەسئۇت ئۆزىل قىلالىدى ھەمدە باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە بولدى » . بۇندىن كېيىنكى تىرىشچانلىقىمىز مۇشۇ قانۇنىيەت ۋە تەجرىبە ئاساسىدا بولسۇن ! ئۇنتۇپ قالمايلى ، 1943 - يىلى ناتسىستلار يەھۇدىلارنى قىرغىن قىلىشقا باشلىغاندا چوڭ دۆلەتلەر سۈكۈت قىلغان ، 1945 - يىلى گەرچە ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما سابىق ئىتتىپاقدىشى ئەنگلىيە ھەم ئەرەبلەرگە ھەم يەھۇدىلارغا تەڭپۇڭ بولغان سىياسەت قوللىنىپ ، يەھۇدى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئازراق ئاقسىتىپ قويغىنىغا ، يەھۇدىلار دەررۇ ئېنگىلىزلاردىن ۋاز كېچىپ ، ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان ئامېرىكىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتۇپلا ، 1946 - يىلى بالتىمور خىتاپنامىسى جاكارلاپ ، 1947 - يىلىلا ب د ت تەرىپىدىن قانۇنىي ئاساسقا ئېرىشىپ ، 1948 - يىلى مۇستەقىل مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئەمما بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز ئىككى ھەسسە زور ، بىز ھەم خەلقىمىزنى قوغداپ قېلىش، ھەم ئەبەدىي ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك بولغان بىر خەلق ، ھەرگىزمۇ يىلدا نەچچە كۈن نامايىش قىلىپلا ئۆزىمىزنى ئالداپ يۈرسەك بولمايدۇ . ئەمەلىي ئۈنۈم يوق بولغانچە ، ۋەزىيىتىمىز تېخىمۇ ناچارلاشقانچە ھازىر
« خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇش » شوئارى توۋلاۋاتقانلار بىلەن « ئەبەدىي مۇستەقىللىق » شوئارى توۋلاۋاتقانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش ئېغىرلاپ ، ئىككى قۇتۇپلۇق ھالەت شەكىللەندى. بۇ قەتئىي خاتا ! بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان بۇ ئىككى ئىشنى ئايرىۋېتىش پەقەت ئىككى خىل يامان نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ خالاس . « يا ۋەتەنسىز قۇل ئۇيغۇر » ، « يا ئۇيغۇرسىز ۋەتەن ! » ، بىرىدە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئەبەدىي تۈگىشىدۇ ، يەنە بىرىدە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى يوق قىلىش بەدىلىگە قۇرۇق تۇپراققا ئىگە بولۇپ تارىخىي خاتالىق سادىر قىلغانلار يەنىلا ياتلارنىڭ پېشكىسى بوپقالىدۇ.
ئاقىۋەت ئۇلارمۇ ئېيىققا يەم بولىدۇ . بىزدە شۇ ئىككى ئىشنى مۇكەممەل بىر گەۋدە ۋە مۇنتىزىم باسقۇچلارغا ئايرىپ پۇختا پىلان تۈزەلەيدىغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھەر ئىككى نىشاندا ئۈنۈم قازىنالايدىغان بىر باش كېرەك ! ئۇلارنى نەدىن بولمىسۇن تېپىپ كېلىش كېرەك ! بولمىسا تۆۋەندىكى پەس چوشقىلار مۇشۇنداق مەينەت ۋە ئۆكتەملىك بىلەن مىللىي غۇرۇرىمىزنى سۇندۇرۇپ تاشلاپ ، جەڭ قىلمايلا ئۇيغۇر خەلقىنى پىچاقسىز بوغۇزلاپ ، قان چىقارماي قىرىپ تۈگىتىدۇ ......

https://www.facebook.com/100024717381362/posts/566305594203348?sfns=mo

2019 - يىلى 15 - دېكابىر     يەكشەنبە     كېرىچ بوغاز