2020/11/27 18:35

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 16 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/17 15:59

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تارىختىكى بۈگۈن « 16 - دېكابىر » :

1316 - يىلى ئىلخانىيلار خانى سۇلتان مۇھەممەد ئولجايتۇخان ۋاپات بولغان . ئۇ ھىلاكۇنىڭ نەۋرىسى ( ئاباقاخان ئوغلى ئارغۇننىڭ ئوغلى ) مەھمۇد قازانخاننىڭ قېرىندىشى . ئۇ 1304 - يىلى تەختكە چىققان ئىلخانىيلارنىڭ 8 - سۇلتانىدۇر . تۇغۇلغاندا ئانىسى نىكولاي دەپ ئاتىغان . ئەمما كېيىن مۇسۇلمان بولغان . ئاخىرىدا شىئە بولغان.

1969 - يىلى ئەنگلىيە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان .

1971 - يىلى بەھرەيىن 110 يىللىق ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان.

1991 - يىلى قازاقىستان مۇستەقىللىق جاكارلىغان .

1991 - يىلى ب د ت « سىئونىزىم » بىلەن
« ئىرىقىچىلىق » نى ئوخشاش دەپ قارىغان قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان .

2014 - يىلى تالىبان پاكىستاندىكى بىر مەكتەپتە 132 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

2018 - يىلى ئۆمەر بەشىر دەمەشىقتە بەشار ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەن .

2019 - يىلى 15 - دېكابىر سەرراج ئىستانبۇلغا تۇيۇقسىز زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ ، سېكرىتار ئەردوغاننىڭ مىجەزىدىن قارىغاندا بۇ قېتىم لىۋىيەگە ئەسكەر چىقارمىسىمۇ تۈرلۈك قوللاش ئارقىلىق ھەفتەرنى تارمار قىلماقچى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا .

قاتار پۇل چىقارسا ، تۈركىيە قورال چىقارسا باندىت ھەفتەر چوقۇم ئەسەدنىڭ يولىنى تۇتىدۇ  ! شۇنداق قىلىپ 2 - قېتىملىق « ئەرەب باھارى » باشلانسا، ھەممە ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ دەردى بىلەن بولۇپ قالىدۇ . خۇلاسە قىلغاندا ئوتتۇرا شەرقتە پارتلىغان  ھەر قانداق ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش پاتىقىقىغا پېتىشى بىزگە زىيانلىق، باندىتلار ئۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ . سەگەك تۇرايلى ، دىققىتىمىز ۋەتەندە بولسۇن ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگىمۇ قۇلىقىمىز دىڭ بولسۇن !

2019 - يىلى رۇسىيەدە ئۆزىل غۇلغۇلىسى :
خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى ( س س ت ۋ ) ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەپلىك لىللا گەپ قىلغىنىغا چىدىماي ئارسىنالنىڭ مۇسابىقىسىنى قويۇشنى رەت قىلىشى رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىدى . شەرمەندە باندىتلار ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلماقتا ! ئورۇسلار تېلىقىپ قاپتۇ ، نىمدا چۈپەي نېمىلەر بۇ خىتايلار دەپ ....

2019 - يىلى مىسىر سابىق پۇتبول قەھرىمانى ئەبۇ تەرىكەنىڭ مەسئۇت ئۆزىلنى قوللاپ ئېلان قىلغان ئىككى مىنۇتلۇق ساپ مىسىر شېۋىسىدە سۆزلىگەن نەخ مەيدان نۇتقى رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىندى . ئەبۇ تەرىكە مۇنداق دېگەن :
« خىتاي ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىن پىكىر ۋە شەخسىي ئەركىنلىككە جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ . دىتىغا ياقمىغان ھەر قانداق پىكىرگە ۋە ئىگىلىرىگە ۋاستە تاللىماي ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ . ئۆزىل بىر باتۇر ، جاسارەتلىك ، شۇنداقلا ۋىجدانى بار بىر پۇتبولچى . ئۇ ھەتتا بەزى ئەلباشلار ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ھەقىقەتنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىدى . ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش ئۈچۈن مۇرەسسە قىلمىدى . ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىككى دۇنيادا كاتتا ئەجىر - مۇكاپات بەرگەي »! ...

ئۇندىن باشقا مىسىر سابىق پۇتبول چولپىنى ( ئەپسانىۋى پەخرى ) ئەبۇ تەرىكەنىڭ  :« مەسئۇت ئۆزىل بىز ئىگە بولالمىغان ئويغاق ۋىجدانغا ئىگە بولغان بىر ئەزىمەت ، شۇنداقلا تەنتەربىيە ساھەسىگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەت تەرەپدارى» دېگەن سۆزلىرى ئەرەب مەستانىلەر ئىچىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىدى .

2019 - يىلى مىسىر ھەر يىلى 15 - دېكابىرنى دۇنياۋى پەتىۋا كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن .

2019  - يىلى خىتايلارنىڭ پاكىتلارنى يوق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا :
1936 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى تارقىتىدىغان بىر خىتاي مەمۇرى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سابىق گېنىرال مەھمۇد مۇھىتىغا قەشقەردىكى بارلىق جاسۇسلارنىڭ تولۇق تىزىملىكىنى بەرگەن . مەھمۇد مۇھىتى شۇ بويىچە چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەن . ئەمدى باندىتلار 401 بەتلقك مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېپىق يىغىن ئېچىپ ، ۋەتەندىكى جازا لاگىرى ۋە قورقۇنچلۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت بارلىق ھۆججەتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان . ماددىي ئىسپاتتىن باشقىغا ئىشەنمەيدىغان دۇنيادا چوقۇم قولىمىزدا ئەمەلىي ئىسپات بولمىسا ، كېيىنچە باندىتلارنى سوتقا تارتىش ۋە ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىشمۇ دۇنيانىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ . شۇڭا قابىلىيىتى بارلار ياكى كەسپ ئەھلىلىرى يۇقىرىقى مەھمۇد مۇھىتىدەك پەم ئىشلىتىپ ، شۇ ھۆججەتلەردىن بىر قىسمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىدىرلاپ قويايلى ! خاككېرلار بولسا تېخى ياخشىتى ، ھازىر يازمىچە ھۆججەتلەر كۆيدۈرۈلۈپ ، كومپيۇتېرغا زاپاسلىنىۋاتىدۇ .

2019 - يىلى خىتاي گېرمانلارغا تەھدىت سالغان : پولاتبەگنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە گېرمانىيە خۇاۋېينىڭ يېڭى تېز ئېقىم قۇرۇلۇشىنى چەكلىمەكچى بولغانىدى . ئەمما يەكشەنبە كەچ باندىتلارنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە ئوچۇق تەھدىت سالغان .
باندىتلار بىزگە شۇنچە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتىدىيۇ ، ئەمما بىز نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىۋاتىمىز . ماۋۇ خەۋەرمۇ كونىراپ كەتمەستە « باندىتلارنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ، قولىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئۇزۇنلۇقىنى ۋە ئۆكتەملىكىنى پاش قىلىش ئۈچۈن » دەسمايە قىلايلى !
ئۆزىل قوزغىغان داغدۇغا ھازىر رۇسىيەدىكى ھەر قايسى قاتلام كىشىلىرىنىڭمۇ قىزىشىقىنى قوزغاۋاتىدۇ . گېرمانىيەگە سالغان بۇ تەھدىتتىن غەرپ ئەللىرى باندىتلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇۋالسۇن ! قېنى سىلەر مېيۇنخېندىكى ئەزىمەتلەر،
ئۇخلىماڭلار ، بېرلىندىلا قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويۇۋاتسا كاپلا قىلىپ تۇتۇۋالمىساڭلار نامىڭلارغا سەت ئەمەسمۇ !؟؟

2019 - يىلى ئەردوغان « ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ ! سەن ئەرمەن قىرغىنچىلىقى قانۇنى ماقۇللىساڭ ، مەن ئىندىئان زور قىرغىنچىلىقى قانۇنى ماقۇللايمەن ! » دەپ تەھدىت سالغان .

2019 - يىلى خىتايلار نارازىلىق بىلدۈردى :
1987 - يىلى سېنتەبىردىن كېيىنكى خىتاي دىپلوماتىنى قوغلاشتىن كېيىن ، 2019 - يىلى 14 - دېكابىر يەنە ئىككىسى قوغلانغاندىن كېيىن ، باندىتلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

2019 - يىلى خىتايلار ئۆزىلگە رەددىيە بەرگەن :
« ھازىر تونۇردىن چىققان چاقماق خەۋەر » :
باندىتلار ئۆزىل ۋەقەسىنىڭ يامراپ كەتكىنىدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ ، ئۆزىلنى ۋەتىنىمىزنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قالدى . بۇ خەۋەر شۇ ھامان رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىندى . دېيىلىشىچە خىتاي باندىتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۈگۈن 16 - دېكابىر دۈشەنبە
« ئۆزىل ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ئابرۇيىغا داغ چۈشۈرىدىغان گەپنى قىلدى . ئەگەر ئۇنىڭ ۋاختى چىقسا بىز ئۇنىڭ شىنجياڭدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز !» دەپ بىلجىرلىغان . ئەمدى ئىككىنچى بۆلۈم باشلاندى . ۋەتىنىمىزگە زىيارەتكە بارغانلارنى باندىتلارنىڭ قانداق جايلايدىغانلىقىنى پاش قىلايلى ! بۇ تېپىلغۇسىز ئالتۇن پۇرسەت . ئۆزىل مازلىشىپ قالماسلىقى كېرەك ! ئەگەر باندىتلار بۇ قېتىم ئۇنى يا كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى ! دەپ مازلاشتۇرسا ، ياكى ئۇنىڭغا ساختا كۆرۈنۈش كۆرسىتىپ ، ئاخىرىدا كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر قىلسا ، نېمە بولىدىغىنىنى سىلەر ياخشى بىلىسىلەر ! شەخس ۋە تەشكىلاتلار ئارا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتەيلى !

2019 - يىلى 16 - دېكابىر     دۈشەنبە