2020/11/27 17:46

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 17 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/17 16:55

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تارىختىكى بۈگۈن « 17 - دېكابىر » :

تارىختىكى 17 ـ دېكابىردا يۈز بەرگەن ئىشلار:

1267 ـ يىلى مىسىردىكى ئەزھەر جامىسىدا سۇلتان زاھىر بەيبارىس دەۋرىدىكى تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلغان.

1273 ـ يىلى جالالىددىن رۇمى ۋاپات بولغان.

1770 ـ داڭلىق مۇزىكا پىرى بېتخوۋېن تۇغۇلغان.

1903 ـ يىلى ئاكا - ئۇكا رايتلارنىڭ ئايروپىلان ئۇچۇرۇش سىنىقى ئاخىرى غەلىبە قىلغان.

1933 - يىلى 13 - دالاي لاما سۇپتىن جاسۇ ئۆلگەن . ئۇ 1876 - يىلى 12 - فېۋرال تۇغۇلۇپ، 1878 - يىلى تاللىنىپ، 1879 - يىلى پوتالا سارىيىدا تاج كىيگەن . 1895 - يىلى 8 -  ئاۋغۇست ھۆكۈمران بولغان . چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان . 1904 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ ، 1909 - يىلى مانجۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھىندىستانغا قاچقان . 1912 - يىلى مەنچىڭ يىقىلغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ، تاكى 1933 - يىلغىچە تىبەت مۇتلەق ھۆكۈمرانى بولۇپ ، ئافاق خوجا دەۋرىدىكى دالاي لاما 5 تىن بۇيانقى تۇنجى ئەمەلىي ھۆكۈمران بولالىغان . ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا 1935 - يىلى 6 - ئىيۇل تۇغۇلغان ھازىرقى دالاي لاما بولغان . ئۇ 1940 - يىلى 22 - فېۋرالدىن بېرى دالاي لاما بولۇپ كەلمەكتە.

1942 ـ يىلى 17ـ دېكابىر ئەنگىلىيە ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ يەھۇدىلارغا قاراتقان ئىرقىي ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى ئەيىپلىگەن.

1982ـ يىلى توكيودا ئىسلام مەركىزى ئېچىلغان.

1996ـ يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپات بولغان . مەرھۇم ئەيسابەگنىڭ ھاياتى ساناقسىز ئىبرەت ۋە توننىلاپ ئاچچىق تەجرىبە - ساۋاقلارغا توشقان بولۇپ ، ئەمدى ئىبرەت ئالمىغاندا ھالاك بولىدىغان گەپ . چۈنكى ھازىرقى بىز ئەيسابەگدىنمۇ يارىماس، دۈشمىنىمىز بولسا ئۇ چاغدىكىدىن ئاسمان - زېمىن پەرق قىلغۇدەك ئۈستۈلۈككە ئىگە .

2003ـ يىلى فرانسىيە رەئىسى شىراك نۇتۇق
سۆزلەپ،مەكتەپ بالىلىرىنىڭ دىنىي پۇراقلىق بەلگىلەرنى(كېرىست،ھىجاپ،ئاي/يۇلتۇز،
يەھۇدىيچە شىلەپە،كىچىك شاپاق بۆك)
تاقىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

2008ـ يىلى 17ـ دېكابىر ئامېرىكا فېدراتسىيە
زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى 1%تىن
0.25%كە چۈشۈرۈپ،ئامېرىدىكى ئىقتىسادىي كاساتچىلىققا قارشى تۇرغان.

2010ـ 17ـ دېكابىر تۇنىسلىق بىر باققال بالا
ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.نەتىجىدە بۇ ۋەقە
ھازىرغىچە ئايىغى چىقمىغان ئەرەب باھارىنىڭ
پىلتىسى بولۇپ قالغان.(بۇ ئىنقىلاپ تۇنىستىن باشلىنىپ،لىۋىيەنى خاراپ قىلىپ،سۈرىيەدە توختاپ قېلىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن).

2011ـ يىلى 17ـ دېكابىر ھازىرقى كىم بودەكنىڭ دادىسى،كىم جوڭئېل ئۆلگەن.

2013 - يىلى ئەنجىلا مېركىل قايتا سايلانغان. بۇ ئۇنىڭ 2005 - يىلدىن بۇيانقى 3 - سايلىنىشى.

2014 - يىلى ئامېرىكا بىلەن كۇبا 50 يىللىق ئاداۋەتنى تۈگتىپ ياراشماقچى بولغان .

2019 - يىلى باندىتلار بۈگۈن ( 17 - دېكابىر ) ئۆزى مۇستەقىل ياساپ چىققان « شەندۇڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى سۇغا چۈشۈردى . شى ئۆزى مۇراسىمغا قاتنىشىپ ، دېڭىز ئارمىيىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى .

2019 - يىلى دۇنيادىكى يەنە بىر باندىتلار ھاكىمىيىتى بوۋىسىنى خاتىرىلىمەكتە . كىم جوڭئۇل ھازىرقى كىم بودەكنىڭ دادىسى بولۇپ ، ئۇ 2011 - يىلى قاتتىق سوغۇققا قارىماي ، پويىز بىلەن شىمالنى كۆزدىن كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، 17 - دېكابىر پويىزدىلا ئۆلگەن ئىدى.

2019 - يىلى لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى يەتتە شەھەر ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغاپ ، باندىت ھەفتەرگە قارشى پايتەختنى قوغداشقا قەسەمياد قىلدى . ھازىر لىۋىيەدە رۇسىيە ، فرانسىيە ، مىسىر ۋە ئەرەب كالۋا بەگلىكلىرى قوللاۋاتقان باندىت ھەفتەر بىلەن ، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن تىرىپولى ھۆكۈمىتى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ . ئەگەر ئىككى تەرەپ  تىركىشىپ قېلىپ ، ئۇرۇش سوزۇلۇپ كەتسە ، ئۇ چاغدا كەڭ كۆلەملىك ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشى باشلىنىپ كېتىدۇ . ھازىر ئەردوغان بىلەن پۇتىن ، پۇتىن بىلەن مېركىل ئارىسىدا جىددىي مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا . ئۇلار ئۈستەلدە كېلىشەلمىسە، مەسىلە جەڭگاھتا ھەل قىلىنىدۇ.

2019 - يىلى مەمەت سالمان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىمرانخان 19 - 20 - دېكابىر كۈنلىرى مالايسىيادا ئېچىلىدىغان ئەردوغان ، روھانى ، تەمىم سۆھبىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، مالايسىيا زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ئېيتىلىشىچە مالايسىيا باش ۋەزىرى ماھاتىر مەمەت ئاتالمىش « ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى » نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن يېڭى « ئىتتىپاق » قۇرۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاتامانلىرىنى چىللىغان.
ئەمما سەئۇدى بىلەن ئەرەب بەگلىكى بۇ يىغىندا تۈركىيە، ئىران ۋە قاتار دېگەندەك « رەقىپ ۋە دۈشمەن دۆلەت » ئەلباشلىرى بارلىقىنى باھانە قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئاقماس « خىتاي ھەمكارلىق تەشكىلاتى » نى ساقلاپ قالماقچى بولغان . ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ يىغىنغا توسقۇنلۇق قىلىپ ، ھېندونېزىيە ئەلبېشى بىلەن ئىمرانخاننى توسۇپ قالغان . مەمەت سالماننىڭ ئىمرانخانغا نېمىلەرنى ۋەدە قىلغىنى تېخىچە نامەلۇم !
دېمەك ھازىر مەۋجۇت بولغان ئاتالمىش « ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى » ئەسلىدە بۈيۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسىمۇ ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى سەئۇدى بىلەن ئەرەب بەگلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان بولسا ، ئەمدىلىكتە « خىتاي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئايلىنىپ قالماقتا .
قېنى ئەمىسە ، مالايسىيادا ئوقۇغان ، تۇرۇپ باققان ھەر قانداق ئۇيغۇر ئاكتىپلار بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى ماۋۇ يېڭى قۇرۇلتايغا چاقىرىق قىلىشقا ، شارائىتى بولسا ئىشتىراك قىلىشقا ھازىرلىنىڭلار !

2019 - يىلى پولاتبەگ ( مايك پومپىئو ) :
"ج ك پ نىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى مەسئۇت ئۆزىل ۋە ئارسېنال كوماندىسىنى پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدە چەكلەپ بايقۇت قىلالايدۇ. ئەمما ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەت پېتى تۇرىدۇ. ج ك پ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا قاراتقان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرالمايدۇ". دېدى .

قوشۇمچە خۇش خەۋەرلەر :

1999 - يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختكە چىقىپ ،
2001 - يىلى ئۇيغۇرلارنى تالىبانغا چېتىپ تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈشكە ھەمكارلىشىپ ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا يامان كۆرسىتىپ ، ئۇتۇقلۇق ھالدا ش ت ئى س نى تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن ، ئىشلىتىش قىممىتى تۈگىدى دەپ قارالغان قوراللىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ھەسەن مەخسۇمنى نەچچە مىليون دوللار بەدىلىگە ئۆلتۈرۈپ ،
ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئاكتىپ تەييارلاپ بەرگەن پاكىستان سابىق ئەلبېشى پەرۋىز مۇشەرەف
« ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى » بىلەن ئەيىپلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى . ئۇ 2008 - يىلى خەلقنىڭ بېسىمىدا ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ سەئۇدىغا قېچىپ كەتكەن . كېيىن قايتىپ كەلگەندە ، 2014 - يىلدىن باشلاپ ئەيىپلىنىشكە باشلىغان ئىدى . ئۇ ئەينى ۋاقىتتا خىتايپەرەس شېرىپنى ئاغدۇرۇپ ، ئۆزى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۋەتكەچكە موللاق ئاتقان . خىتايپەرەس شېرىپ قايتا تەختكە چىقىپ ، 2017 - يىلى يازدا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىپلىنىپ قولغا ئېلىنغان .
پاكىستان تارىخىدا پەقەت 1977 - 1988 - يىللىرى ھۆكۈم سۈرگەن گېنىرال زىيائۇلھەقلا ئۇيغۇرلارغا تىللاردا داستان بولغۇدەك ئەمەلىي ياردەم قىلغان بىردىنبىر پاكىستانلىق ، شۇنداقلا بىردىنبىر ئەركەك مۇسۇلمان پىرىزىدېنتى ئىدى .

خەلقىمىزنىڭ مەسىلىسى نوقۇل سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، دىنىي ، ھەتتا مىللىي مەسىلە بولۇشتىن ھالقىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدان مەسىلىسىگە ئايلاندى . خەلقىمىز تارىختا تۇنجى قېتىم ھەر خىل ئىرق ، ھەر خىل مىللەت ۋە ھەر خىل دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق دوستى ۋە ئادالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئۈلگىسىگە ئايلاندى . مۇشۇ سالاھىيەت پۈتۈن دۇنياغا قېرىنداشلارچە خىتاپ قىلىشقا يېتىدۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ داڭلىق چولپىنى ماھىر زاينمۇ بايام مەيدانىنى بىلدۈرۈپ ، مەسئۇت ئۆزىلنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى . قېنى پىدائىيلار ، داۋاملىق غەيرەت قىلايلى !

ھەر بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى مۇشۇنداق « ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر ئۆزى قۇتقۇزىدۇ !» دېگەن ئىدىيىگە كېلىپ، ياتقان ئورنىدىن دەس تۇرۇشى لازىم!ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرۇئوپ مەخسۇم ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى 2001 - يىلى چوڭقۇر خورسىنىش ئىچىدە بىزدىكى « ئاكىسىراش خاھىشى ۋە ياتتىن پۈتۈنلەي ئۈمۈد كۈتۈش خۇمارى » نىڭ ئاقىۋەت پۈتۈن خەلقنى مۆلچەرلىگۈسىز پاجىئەگە دۇچار قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن . شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنى كەمسىتمەسلىكىمىز ، ئۆزىمىزگە كۈچلۈك ۋە يىمىرىلمەس ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك ! ئىماممۇ ، ئاۋاممۇ ، مۇئەللىممۇ ، قوماندانمۇ ، يېتەكچىمۇ ئۆزىمىزدىن چىقىشى كېرەك ! « پېشۋا ياتتىن مۇرىت بىزدىن بولىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرەيلى ! » . ئۇندىن باشقا « تەرنى ، قاننى بىز تۆكۈپ، غەلىبە مېۋىسىنى ياتلار سۈرىدىغان پالاكەتكىمۇ خاتىمە بېرەيلى ! ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ھەقىقەتەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق ( كۆكبۆرە ) ھەق گەپ قىپتۇ ! قېنى ئەمىسە تەر تۆكۈپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ نۇرغۇن ئىمپىرىيەلەرنى قۇرغان شانلىق مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ، ھىممەت بىزدىن قىممەت ئاللاھتىن ، سەۋەپ بىزدىن نەتىجە ئاللاھتىن ! ئىنشائاللاھ ئەمدى نۆۋەت بىزنىڭكى !


2020 - يىلى يانۋاردا ئىسرائىلىيەدە « ئون مىڭلىغان مەسۇم خەلقنىڭ ئۆلۈم لاگىرىدىن ئازات قىلىنغانلىق » ئابىدىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە لېنتا كېسىش مۇراسىمى، شۇنداقلا لېنىنگرادنى گېرمانلارنىڭ قورشاۋىدىن قۇتقۇزغان قەھرىمانلارنىڭ ھەيكىلى تىكلەنمەكچى بولۇپ ، ۋىلادىمىز پۇتىن تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتكە كېلىدۇ . بەلكىم دوللار ترامپمۇ مۇشۇ پائالىيەتكە ئۈلگۈرۈپ زىيارەتكە كېلىشى مۇمكىن . شۇڭا پۈتۈن دۇنيا ئاللىبۇرۇن تارىخقا ئايلاندى دەپ ئەسلەپ ئولتۇرغان « ئۆلۈم لاگىرلىرى » نىڭ قۇربانلىرى ۋە يېڭى ئەسىردىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ قۇربانى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ خاتىرە كۈندىكى تەشۋىقاتقا سەل قارىمايلى ! دوللار ترامپقىمۇ ئۇچۇر قىلايلى ! قانۇن لايىھىسىنىڭ كېلەر يىلغا قالماسلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ، كېلەر يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدىكى ماۋۇ پائالىيەتتىن بىزمۇ نېسىۋىمىزنى ئالايلى ! خاتالاشمىسام بۇ پائالىيەتكە دۇنيادا تەسىرى بار، ياكى بۇرۇنقى خاتالىقىنى تونۇغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىغۇ دەيمە !

ئاخىرقى خەۋەر :

موسكۋا ئۇنۋېرىستېتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىنىستىتۇتى شەرقشۇناسلىق مۇزېيى 2019 - يىلى 16 - دېكابىر پارس تىللىق ئىران ۋە تاجىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى شائىر ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئپەر رودكى ( 858 - 940 ) نىڭ يېرىم تەنلىك ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ ، ئاۋامغا تەقدىم قىلغان . ھەممىگە مەلۇمكى ، ئەينى ۋاقىتتا پارس تىلى يوقىلاي دەپقالغان تىل بولۇپ ، شائىر رودكىي خۇددى ئەلىشىر نەۋائىي « مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن » ئارقىلىق ئۇيغۇر ( تۈرك ) تىلىنى پارس تىلىنىڭ يۇتۇۋېلىشىدىن ساقلاپ قالغاندەك ، پارس تىلىنى ئەرەب تىلىنىڭ يوق قىلىۋېتىشىدىن ساقلاپ قالغان . ھازىر پارس تىلى ئىران ، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ ئاساسلىق ئانا تىلىدۇر . ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىزمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا گەرچە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئەرەب يېزىقىغا كۆچكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى يېقىنقى مىڭ يىلدا خوشنا تىللاردىن ئوردۇ تىلى ، قىپچاق تىلى ، پارس تىلى  ۋە تۈرك تىللىرىدىن ئۈستۈن تۇرغان . مىڭ يىلدىن بېرى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە ئۆزلىشىپ كەتكەن ئاتالغۇلارنى ئەرەبچە دەپ تۇرۇۋېلىش قانداق ھاماقەتلىك بولسا ، يېڭىدىن يات تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا سۆز ئەكىرىپ ، ئەسلىدىكى ئاتالغۇنى ئېتىربارسىزلاشتۇرۇش ئانا تىلغا قىلىنغان ھاقارەت ۋە خىيانەتتۇر ! بىزمۇ ئىلگىرىكى تىلشۇناسلىرىمىزنى ئەسلەپ، ياد ئېتىپ تۇرايلى ! شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بولمىغان بولسا بۇ كەمگىچە يا خىتايچە سۆزلەپ تۇڭگانغا ، يا پارسچە سۆزلەپ ئافغانغا ئايلىنىپ كېتەتتۇق . مەزكۇر مۇزېي 2015 - يىلى زامانىۋى ھالغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ھەر خىل مىللەتلەر تەتقىقاتى سەمەرىلىرى بىلەن توشقان . بۇ مۇزېي ئورۇنلاشقان ئىنىستىتۇت بىۋاستە موسكۋا ئۇنۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىلىم يۇرتى بولۇپ ، رۇسىيەنىڭ خوشنا مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئاكادېمىك بازىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

‏2018/12/17. mahaçkale

2019 - يىلى 17 - دېكابىر   سەيشەنبە