2020/11/27 18:12

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 18 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/19 17:08

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن « 18 - دېكابىر » :


1347 - يىلى مەملۇكىلار ھۆكۈمدارى سۇلتان ھەسەن ناسىر تەختكە چىققان .

1856 - يىلى ئەنگىلىيەلىك فىزىكا ئالىمى جوزېف جون تومسون تۇغۇلغان. ئۇ 1906 - يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

1865 - يىلى ئامېرىكا قۇللۇقنى مەنئىي قىلغان. لىنكولىننىڭ بۇ قارارى جەنۇپ - شىمال ئۇرۇشىدا شىمالنىڭ ئۇتۇپ چىقىپ ، ھازىرقى كۈچلۈك ئامېرىكىنىڭ ئاساسىنى قوپۇرىشىغا سەۋەپ بولغان .

1878 - يىلى تۈركىي خەلقلەرنىڭ جاللىتى جوزېف سىتالىن تۇغۇلغان .

1914 - يىلى ئەنگلىيە مىسىرغا ھامىيلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، ئوسمانىلارنىڭ مىسىردىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

1941 - يىلى ياپونىيە ئارمىيىسى خوڭكوڭدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ، بىر قاتار قورقۇنچلۇق قەتلىئام پەيدا قىلغاندىن كېيىن ، پۈتۈن شەھەر مىلاد بايرىمى كۈنى ( 25 - دېكابىر ) تەسلىم بولغان.

1956 - يىلى ياپونىيە ب د ت غا ئەزا بولغان .

2006 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى دونالد راموسفېلد ئىستىپا بەرگەن .

2013 - يىلى مىسىرلىق داڭلىق پۇتبول ماھىرى مۇھەممەد ئەبۇ تەرىكە پۇتبول ساھەسىدىن ئايرىلغان . ئۇ 1978 - يىلى 7 - نويابىر قاھىرەدە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇ 2019 - يىلى 15 - دېكابىر
:« خىتاي ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىن پىكىر ۋە شەخسىي ئەركىنلىككە جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ . دىتىغا ياقمىغان ھەر قانداق پىكىرگە ۋە ئىگىلىرىگە ۋاستە تاللىماي ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ . ئۆزىل بىر باتۇر ، جاسارەتلىك ، شۇنداقلا ۋىجدانى بار بىر پۇتبولچى . ئۇ ھەتتا بەزى ئەلباشلار ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ھەقىقەتنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىدى . ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش ئۈچۈن مۇرەسسە قىلمىدى . ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىككى دۇنيادا كاتتا ئەجىر - مۇكاپات بەرگەي »! دەپ ئۆزىلنى قوللىغان . ئۇ يەنە :« بىز مەسئۇتنى ئەمەس ، بەلكى دۇنيانى قورقۇتۇۋاتقان پىكىر مونوپوللۇقى ۋە پىكىر مۇستەبىتلىكىنى كۈچلۈك ئەيىپلىشىمىز كېرەك . مەسئۇت ئۆزى يالغۇز پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچكە ، يەنە كېلىپ ياۋروپا توپ كۇلۇپلىرىغىچە كونترول قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە جەڭ ئېلان قىلالىدى. مەسئۇت ئۆزىل بىز ئىگە بولالمىغان ئويغاق ۋىجدانغا ئىگە بولغان بىر ئەزىمەت ، شۇنداقلا تەنتەربىيە ساھەسىگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەت تەرەپدارى» دېگەن سۆزلىرى ئەرەب مەستانىلەر ئىچىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغانىدى .

2019 - يىلى ئورۇسلار ۋە باندىتلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئىككى يۈزلۈك تالىبان غالچىلىرى بىردىنلا 18 - دېكابىر چارشەنبە ئامېرىكا بىلەن قاتاردا ئۆتكۈزۈۋاتقان « ئۇرۇش توختىتىش سۈلھى » نى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنگەنگە قەدەر توڭلىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلاپ ، شۇ كۈنى تېھراندا ئېچىلىدىغان رۇسىيە ، خىتاي ، ئىران ، ھىندىستان ، تاجىكىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ۋازارىتى دەرىجىلىك سۆھبەتكە پاس چىقىرىپ يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن .

ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىگە بىۋاستە قول تىقىشى نەتىجىسىدە باندىتلار دەرھال ئامېرىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان كوزىرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا سالغان . نەتىجىدە ئىككى يىلدىن بېرى دوللار ترامپ بىلەن ئاكا - ئۇكىدەك بوپكەتكەن كىم بودەك ئىككى ھەپتىدىن بېرى كورىيەگە ۋە ئامېرىكىغا قايتا ھەيۋە قىلىپ ، چەكلەنگەن قوراللارنى سىناق قىلماقتا . قۇۋ ئىران بولسا ئىككى ئايدىن بېرى ھورمۇز بوغۇزى ۋە پارس قولتۇقىدا ئۇدا جىددىي ھالەت پەيدا قىلىپ ، ئامېرىكا 6 - فلوتىنى تەيۋەن بوغۇزىدىن ھىندى ئوكيانغا يۆتكىلىشىنى يەمچۈك بىلەن تەمىنلىمەكتە . تۈركىيەمۇ قوشۇلۇپ ھېلى ئەرمەن قىرغىنچىلىقى ، ھېلى ئىككى ھەربىي بازىسىنى  ئامېرىكىغا تاقىۋېتىش تەھدىتى سېلىپ پاراكەندە قىلماقتا .
ئۇندىن باشقا رۇسىيە ياۋروپا چېگرىسىدىن تاكى يىراق شەرققىچە سوزۇلغان 12 مىڭ چاقىرىملىق بىپايان زېمىندا توختىماي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تىكلەپ ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ناتوغا بېسىم قىلماقتا . باشقا ئۇششاق غالچا دۆلەتلەرمۇ كەينى - كەينىدىن ئىش چىقىرىپ ئامېرىكىنى چارچىتىش ھەرىكىتىگە ماسلاشماقتا . بۇنداق بولغاندا ئەڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا بىز بولۇپ قالىمىز ! بىزگە بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنگەن نۇرغۇن ئىشلار ئەمەلىيەتتە مانا مۇشۇنداق چوڭ سۇيقەستلەرنىڭ مۇقەددىمىسى .....

2019 - يىلى دوكتۇر زاكىر نايكمۇ بۈگۈن سۈكۈتنى بۇزۇپ ، بارلىق ئەرەب - ئىسلام ئەللىرى سېكرىتارلىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاشقا چاقىردى.

2019 - يىلى مالايسىيادا باشلانغان ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئەردوغان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن :

مەسىلە ئۇيغۇرغا ئالاقىدار بولغاندا ھەر قانداق پوچى ۋە مەغرۇر سىياسىيونمۇ سۇغا چۈشكەن مۈشۈككە ئايلىنىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى 450 ئەلباش ، مۇتەپەككۇر ۋە ھەر خىل زىيالىلاردىن تەركىپ تاپقان سورۇندا ئەردوغان :
« ئۇلار بىزنى سۈكۈتتە تۇرغۇزماقچى بولسا ، بىز پەلەستىن، ئەراكان ، لىۋىيە ، سومالى ۋە سۈرىيە دەپ ۋارقىرايمىز ، ئەگەر ئۇلار يەنىمۇ ئېغىر بېسىم قىلماقچى بولسا ، بىز دۇنيا بەشتىن بۈيۈك دەپ توۋلايمىز » دەپ نۇتۇق سۆزلەپ ، ئۇيغۇر نامىمىزنى تىلغا ئېلىمۇ قويمىغان ، ئەكسىچە ۋەتىنىمىز نامىدىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، بۇ نۇتۇقىنىڭ تىغ ئۇچىنى بىۋاستە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرىگە قارىتىپ، خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشتىن  تولۇق ساقلانغان .

2019 - يىلى بۇ قېتىمقى ساخاروف مۇكاپاتى ئىلھام توختىغا بېرىلدى . قىزى جەۋھەر ئىلھام ئۇيغۇرچە يېزىلغان مۇكاپات لەۋھەسىنى قوبۇل قىلدى .

2019 - يىلى 18 - دېكابىر يەنە بىر تىبەت قانۇنى ماقۇللىنىپ، پەس خىتاي باندىتلىرىنىڭ يېڭى دالاي لاما تىكلەپ چىقىش سۇيقەستىنى بىتچىت قىلغان ۋە تەھدىت سېلىنغان . ئۇندىن باشقا يەنە تىبەتلەرگە پايدىلىق بىر مۇنچە ماددىلىرى بار ئىكەن . شۇنداق بولغاندا بۇ مەن يېقىندىن بېرى ئاڭلىغان 3 - تىبەت قانۇنى . بىزنىڭ قانۇن لايىھىسى قانداق بولۇپ كەتتى  !؟؟ قارىساق ، ئامېرىكا كۈندە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئالاقىدار قانۇن لايىھىسى ماقۇللاۋاتىدۇ . بىزنىڭ 70 يىلدىن بېرى ماقۇللىتالمىغان يېتىم قانۇن لايىھىسى قايسى ئاقماس گۇينىڭ ئالدىدا توختاپ قالغاندۇ ھە !؟ ھەجەپ ماۋۇلارنىڭ ئۇنداق توختاپ قالمايدىكەن دېسە !!  ياكى بىزنىڭ دالاي لامادەك بىرەر بېشىمىز يوق بولغاچقا ، ئامېرىكا تەرەپ « بىكا ئۇيغۇرلار مەن قىلدىم دەپ ئۆز ئارا تۆھپە تالىشىپ جەڭگى - جېدەل قىلىپ ، بىر - بىرىنى رەسۋا قىلىپ پەسلەشتۈرۈۋالمىسۇن » دەپ ئويلاپ غەمخورلۇق قىلىپ ۋاقىتلىق باسۇرۇپ قويدىمۇ يا !؟؟؟؟

2004 - يىلى 4 - دېكابىر ب د ت ھەر يىلى 18 - دېكابىرنى خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنى قىلىپ بېكىتكەن . بۇ يىلقى 15 يىللىق خاتىرىسىدىن :

كالتەك توپ ماھىرى ئىمرانخان بىردىنلا ماھىر پۇتبولچىغا ئايلىنىپ جەنۋەدە ئۆزىنىڭ ۋارتارىغا بىر توپ ئۇرۇۋەتكەن . ئۇ : « ھىندىستاننىڭ ئەسلى مەقسىتى كەشمىردىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلماننى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇپ ، نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ ، بۇ جاينى ئەبەدىي ھىندىستان زېمىنى قىلىۋالماقچى » دېيىش ئارقىلىق بىلىپ - بىلمەي،خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئەقەللىي مەقسىتىنىمۇ چاندۇرۇپ قويغان . ئۇ يەنە « ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى ھىندىلار بىلەن ئارىمىزدا يادرو ئۇرۇشى پارتلاش خەۋپى . ئەردوغانغا رەھمەت ، ئۇ تۆت مىليون مۇساپىرنى بېقىۋاتىدۇ . بىزمۇ بىر يېرىم مىليون مۇساپىرنى بېقىۋاتىمىز . ئۇرۇش پارتلىسا ، ئەمدى ئوشۇق مۇساپىر قوبۇل قىلغۇدەك ھالىمىز قالمىدى » دېگەن ....
ئۇ بۇ گەپلەرنى 17 - دېكابىر سەيشەنبە كۈنى « دۇنيا قاچاق مۇساپىرلار كۈنى » مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۋەدىكى يىغىندا دېگەن .


قوشۇمچە خەۋەر :


رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى بۈگۈن « ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى » قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان راكېتاسىنى قويۇپ بەرگەن ۋىدىئو تارقاتتى.
1959 - يىلى 17 - دېكابىر خىروشىيوفنىڭ ۋاختىدا سوۋېت ئىتتىپاقى
 « راكېتا قىسمى » قۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتا خىتايلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن خوجىلىق تالىشىۋاتقان ، ھەمدە ۋەتىنىمىزدە خۇددى ھازىرقى 2017 - 2019 - يىللىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى
1957 - 1959 - يىللىرى « يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش » نامىدا ئېلىپ بېرىپ ، خەلقىمىزنى 50 يىلدىمۇ ئەسلىگە كېلەلمىگىدەك قىلىۋەتكەن ئىدى . ھازىرمۇ ئوخشاش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان باھانە ۋە قارىلاشلار بىلەن داۋام قىلىۋاتماقتا . ئاتالمىش « تېررورلۇققا، دىنىي ئاشقۇنلۇققا ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش » باھانىسى ئەسلىدە يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن ھەقلىق خەلقىمىزنى تېررورلۇق بىلەن ، مۆتىدىل دىندار خەلقىمىزنى ئاشقۇنلۇن بىلەن ، مۇستەملىكىچىلىككە رازى بولمىغان خەلقىمىزنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن باغلاپ تولۇق يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر ! شۇڭلاشقا
باندىتلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلاپ ، سۇيقەستىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن ، چەتئەلدە ھەر قانداق تېررورلۇق بىلەن تونۇلغان ( خەلقئارانىڭ نەزىرىدە) شەخس ۋە تەشكىلاتلاردىن يىراق تۇرۇش ، مۆتىدىل يولدا چىڭ تۇرۇش، ئۇيغۇر بىلەن خىتاينىڭ ئىككى مىللەت ، ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ، ۋەتىنىمىزنىڭ باندىتلارنىڭ بىر قىسمى ئەمەس ، ئەكسىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى كەبى ئايرىم بىر مۇستەقىل گەۋدە ، مۇستەملىكە قىلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش كېرەك ! چەتئەلدىكى ھەرىكەتنى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەش، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ خىتايلاردىن پەرقسىز ھالغا كەپقېلىش ، ۋەتىنىمىزنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ، ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەت ، ئوي - پىكىردە ئېتىراپ قىلىش ، باندىتلارنى ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى قانۇنلۇق شەكىلدە داۋاملىق « تېررورلۇق ، ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك » بىلەن باغلاپ يوقىتىۋېتىشىگە باھانە بولۇپ بېرىدۇ . بىزدىمۇ « ئاقىللار ئامبىرى » ، « سىياسىي تەدبىر بەلگىلىگۈچى ئاقساقاللار كېڭىشى » بولۇشى كېرەك ! ئۇلار ھەر ۋاقىت سىياسەتچىلەرنىڭ نەدە نېمە دېيىش ، نېمە يېيىش ۋە نېمە كىيىشىنى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك ! ھازىر ھەم كىم ئۆزى بىلگەنچە قالايمىقان بىلجىرلاپ ، ھەر سۆزىدە دۈشمەنگە بىر تالاي پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ . بىزنىڭ سىياسەتچىلەر كەسپىي سىياسەتچى بولمىغان ئىكەن ، خەلقىمىزنىڭ ئۇلارنى تىزگىنلەش ، نازارەت قىلىش ۋە سوراق قىلىش ھەققى بار . بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان بىر ئورگان قۇرۇلمىقى زۆرۈر ! مۇنتىزىم ئاپپاراتلىرى بار دۈشمەنگە قارشى كىچىك بولسىمۇ مۇنتىزىم ئورگانلىرى بولمىغان بىزلەر ۋاختى كەلگەندە يېتىشىپ بولالماي ، ھاپىلا - شاپىلا نان ياقىدىغان ناۋاينى قاسساپخانىغا ، قاسساپنى ئاشخانىغا ئەۋەتىپ قويساق ، بىزنى مازلاشتۇرىدۇ شۇ ! بۇ گەپلەرنىڭ يۇقىرىقى خەۋەر بىلەن بولغان يىراق ۋە نازۇك مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلالمىغانلار ئارتۇق گەپ قىلماي ئاستا يولۇڭلارغا راۋان بولۇڭلار ! تورمۇزلانغان كاللىلاردىن زېرىكتىم.

2019  - يىلى 18 - دېكابىر  چارشەنبە