2020/11/27 18:51

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 19 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/19 17:38

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تارىختىكى بۈگۈن « 19 - دېكابىر » :

تارىختا 19ـ دېكابىر يۈز بەرگەن بەزى مۇھىم ئىشلار :

1111 ـ يىلى 19ـ دېكابىر داڭلىق پەيلاسوپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دىنى ئالىمى ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ باغداتتىكى يېقىن سىردىشى ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم ۋە سوپىزىم پېشۋاسى ئىمام غەززالى ۋاپات بولغان.

1906 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى بېرژىنىف تۇغۇلغان . ئۇ 1964 - يىلى 14 - ئۆكتەبىردىن 1982 - يىلى 10 - نويابىر ئۆلگىچە ئالىي سېكرىتار بولغان . بۇ جەرياندا بىزگە 1969 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت كەلگەن ئىدى . بېرژىنىفمۇ قوللىغان ئىدى .

1914ـ يىلى 19ـ دېكابىر ئەنگلىيەنىڭ يۆلىشى بىلەن مىسىر ۋالىيسى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ھۈسەين كامىل«سۇلتان»نامى بىلەن مىسىرغا پادىشاھ بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا مىسىر ئوسمانلىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان بىردىنبىر ئەرەپ دۆلىتى بولۇپ قالىدۇ.

1915ـ يىلى 19ـ دېكابىر(1ـ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى)دا گېرمانلار تۇنجى بولۇپ زەمبىرەك ئوقى ئارقىلىق تارقىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك گازنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

1916ـ يىلى 19ـ دېكابىر مەشھۇر ۋېردىن ئۇرۇشى باشلاندى.بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق فرانسىيە ئاخىرى گېرمانلارنى چېكىندۈرۈپ،قايتۇرما ھۇجۇم ھالىتىگە كەلدى. بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن ساناقسىز ئەسكەر چىقىم بولغاچقا،بۇجەڭگاھ«ۋېردىندىكى گۆش قىيمىلىغۇچ»دەپ ئاتالغان.

1917 ـ يىلى 19 ـ دېكابىر ئەنگلىيە ئارمىيىسى 9 ـ دېكابىر ئىشغال قىلغان ئېرۇسالىم (قۇددۇس) شەھىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلغان.

1930ـ يىلى 19ـ دېكابىر ۋېيتنام خەلقى فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ قىلدى.

1941 - يىلى گېتلىر ئۆزىنى قوراللىق قىسىم ئالىي قوماندانى قىلىپ سايلىغان .

1944ـ يىلى 19ـ دېكابىر،ئەسلىدە 1914ـ يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلانغان مىسىر پادىشاھى 2ـ ئابباس ھىلمى ۋاپات بولغان.

1965 ـ يىلى 19ـ دېكابىردا دېگول قايتا فرانسىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

1971 ـ يىلى 19ـ دېكابىردا،ئەسلىدىكى شەرقىي پاكىستاننىڭ(بېنگال) غەربىي پاكىستاندىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان،ھەمدە بۇ سەۋەپلىك چىققان ئۇرۇشتا ھىندىستانغا يېڭىلىپ قالغان پاكىستان پېرىزدېنتى مۇھەممەد ئايۇپخان ئىستىپا بەرگەن.

1972 ـ يىلى مودىل ئېلىسا مىلانو تۇغۇلغان.

1984 ـ يىلى 19ـ دېكابىر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا شياڭگاڭنى 1997ـ يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان كېلىمىشگە قول قويغان.

1989 ـ يىلى شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيە
ئۆز ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

2001 ـ يىلى 19ـ دېكابىر،3ئاي تىرىشىش ئارقىلىق دۇنيا سودا مەركىزى ئەتراپىدىكى ئوت تولۇق ئۆچۈرۈلدى.(11ـ سېنتەبىر ۋەقەسى).

2003 ـ يىلى 19ـ دېكابىردا لىۋىيە ئۆزىدە بار بولغان كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى يوقىتىدىغانلىقىنى،ب د ت تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ تەكشۈرىشىگە شەرتسىز قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

2010 - يىلى ئالېكساندىر لوكاشىنكوۋ تۆتىنچى قېتىم بېلارۇسىيە پىرىزىدېنتى بولغان .

2011 ـ يىلى 19ـ دېكابىردا كىم بودەك دادىسىنىڭ ئورنىغا رەئىس بولغان.

2016 ـ يىلى 19 ـ دېكابىردا رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارلوف بىر تۈرك ساقچى تەرىپىدىن ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئېتىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ قاتىلى مەۋلۇد مارت ئالتۇن تاشمۇ نەخ مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان . ئۇ بالا 1994 - يىلى 24 - ئىيۇن تۇغۇلغان ئىدى . ئەمما قىزىق يېرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بۇ ۋەقە سەۋەپلىك تېخىمۇ قويۇقلىشىپ كەتكەن.

2018 ـ يىلى 19ـ دېكابىر سابىق ئۇيغۇر ئەمەلدار تۆمۈر داۋامەت ئۈرۈمچى ۋاختى 12:21 دە باندىتلار پايتەختى پېكىندە قازا قىلغان.

2019 - يىلى رۇسىيە فېدىراتسىيىسى داغىستان جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ، دۇنياۋى داڭلىق بوكس چىمپىيونى ھەبىب نۇر مۇھەممەدوف بۈگۈن ( 2019 - يىلى 19 - دېكابىر كەچ ) قۇتلۇق جۈمە كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنياۋى مەشھۇر پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ 13 - دېكابىر خەلقىمىزگە يوللىغان سالىمى ۋە مەدىتىگە ھەمدەمدە بولۇپ ، كېيىنكى قېتىملىق جۈمە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ خەلقىمىزگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە ، مىليونلىغان رۇس تىللىق مەستانىلىرىگە ئۆلچەملىك رۇس تىلىدا ئالتە مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۇنۇپ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن پاجىئەلىك قىسمىتىنى قىسقا ۋە توغرا ئاڭلاتقان .

سايرام  ئوغلانى
‏2018/12/19.     kona  jay

قوشۇمچە خەۋەر : رۇسلار نارازى بولماقتا :

مانجۇرىيەدىكى« ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى » دىن ئىلھام ئېلىپ قۇرۇلغان
 « مۇستەملىكىچى ئارمىيە - بىڭتۈەن » ۋەتىنىمىزدە بوز يەر ئېچىش باھانىسىدە يىلتىز تارتىپ ، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 3 مىليونلۇق غايەت زور قوراللىق باندىتلارغا ئايلانغان بولسا، باندىتلار « تاشقى مانجۇرىيە » دەپ ئاتىۋالغان رۇسىيە يىراق شەرق رايونىمۇ باندىتلارنىڭ « ئەمگەكچى » يۆتكەپ، نوپۇس تەڭپۇڭلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش نىشانىغا ئايلانغان . ئاچكۆز پۇتىن باندىتلارنىڭ پۇلىنى دەپلا بۇ جايغا ئىلىكترونلۇق ۋىزا بىلەنلا كىرەلەيدىغان قارارنى چىقارغاندىن كېيىن « خىتاي دېھقانلار » بۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كىرىپ، يەرلىك نوپۇستىن ئېشىپ كەتتى . ماۋۇ خەۋەردىمۇ رۇسلارنىڭ غەزىپى تېشىپ تۇرۇپتۇ . سىبىرىيەدىمۇ شۇنداق بولاي دەپقالدى . ئەھۋال مۇشۇ پېتى داۋام قىلسا، قارىغاندا بىز كېچە - كۈندۈز ئارزۇ قىلغان « پەۋقۇلئاددە ئۇلۇغۋار ئارزۇ » ئامۇر دەرياسى ۋادىسى ۋە قىدىرخان ئېتەكلىرىدە روياپقا چىقىدىغاندك تۇرىدۇ .

2019 - يىلى 19 - دېكابىر  پەيشەنبە