2020/11/27 17:21

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 20 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/20 16:02

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن « 20 - دېكابىر » :


تارىختىكى بۈگۈن( 20 ـ دېكابىر)يۈز بەرگەن بەزى مۇھىم ۋەقە - ھادىسىلەر :

1192 ـ ئاۋستىرىيە پادىشاھى 5ـ ليوبولد ئەنگىلىيە پادىشاھى 1ـ رېچاردنى ئۆز ئالدىغا «سالاھىدىن ئەييۇبىي»بىلەن 3 ـ قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيەگە قايتىش يولىدا تۇتۇپ قېلىپ تۈرمىگە قامىغان.

1266 - يىلى كاۋكازدىن ھالقىپ يېڭى ئىلخانىيلار خانى ، ھىلاكۇنىڭ ئوغلى ئاباقاخانغا جازا يۈرۈشى قىلىپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئوردا خانى بەركەخان ھازىرقى گىرۇزىيە پايتەختى تىبلىسقا كەلگەندە قاتتىق ئاغرىپ قالغان .
( ھىلاكۇخان بەركەخاندىن ئېغىر زەربە يەپ ، بۇ ھاقارەتكە چىدىماي ، قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، 1265 - يىلى 8 - فېۋرال تەبرىزدە ئۆلگەنىدى. ئوغلى ئاباقا بەركەخاندىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داغىستان تەرەپكە نەچچە قېتىم قوشۇن تارتىپ پاراكەندە قىلغاچقا ، بەركەخان بۇ قېتىم ئۇنى دۆلىتى بىلەن قوشۇپ يوق قىلىش ئۈچۈن ئېتىل ( ۋولگا ) دەرياسى بويىدىن ئۆزى بىۋاستە ئەسكەر تارتىپ كاۋكازغا كەلگەنىدى ).

1522ـ يىلى ئالتە ئاي مۇھاسىرىدە قالغان رودۇس ئارىلى ئوسمانىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.(ياۋۇز سۇلتان سېلىم بۇ ئارالنى قولغا ئالالماي 1520ـ يىلى ۋاپات بولغانىدى. ئوغلى سۇلتان سۇلايمان دادىسىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،تۇنجى بولۇپ بۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ.).

1917 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستىخباراتى ك گ ب قۇرۇلغان . ( 1998 - يىلى ئاۋغۇستتا ئەڭ ئاخىرقى ك گ ب جاسۇسى رۇسىيە باش ۋەزىرى بولدى . 1999 - يىلى 31 - دېكابىردىن ھازىرغىچە رۇسىيە پىرىزىدېنتى بولۇپ كەلمەكتە ( يەنى 2019 - 31 - دېكابىر 20 يىل توشىدۇ).

1995ـ يىلى ناتو قوشۇنى بوسنىيەگە كىرىپ، تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى باشلاپ كەتتى.(1992ـ يىلدىن 1995ـ يىلىغىچە سېربلار بوسنىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ،بوشناقلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانىدى ).

1999 - يىلى 99 يىلدىن بېرى پورتۇگالىيەنىڭ ئىلكىدە تۇرۇپ كەلگەن ماكاۋ ( ئاۋمېن) خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن .

  2019 - يىلى مالايسىيادىكى بىز ئۈمۈد كۈتۈۋاتقان تارىخىي يىغىنمۇ ئوخشاشلا كاززاپ ئەلباشلار  ۋە ئالدامچى سىياسىيونلارنىڭ نەيرەڭۋازلىقى بىلەن نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى . ھەممىسى نۆۋەتتىكى خەلقىمىزنىڭ ئېغىر ئەھۋالىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، جازا لاگىرلىرى توغرىلىق بولسىمۇ ، ئىككى ئېغىز ئاغزاكى بايانات ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايلا قالماستىن ، ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى ھەتتا مىللەت نامىمىزنىمۇ تىلغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان . بۇنداق خىيانەت تارىخقا پۈتۈلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۈن - تىنسىز سۈكۈتى سەۋەپلىك خەلقىمىز بىھۇدە تۆلىگەن ئېغىر بەدەللەر ئۈچۈن ئۇلاردىنمۇ ھەسسىلەپ ھېساپ ئالىمىز ! ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنىمۇ خاتىرىلەپ قويايلى !

2019 - يىلى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۈگۈن خەلقىمىزنىڭ بىر قېتىملىق زور نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان . بۇ قېتىمقى نامايىشنى تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى « ئى خا خا » ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن .


2019 - يىلى 20 - دېكابىر  قۇتلۇق جۈمە