2020/11/27 17:39

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 21 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/21 15:42

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن « 21 - دېكابىر » :

تارىختىكى بۈگۈن ( 21 ـ دېكابىر ):

1522 - يىلى رودۇس ئارىلى فەتھى قىلىنىپ ، ئوسمانىلار دۆلىتىگە قوشۇۋېلىنغان .

1800ـ يىلى فرانسۇزلار مىسىر قارا دىۋان تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىپ،فرانسىيەچە دىۋان تەشكىللىدى.(مىلادى 1798 ـ يىلى يازدا فرانسىۇە گېنىرالى ناپولىئون مىسىرنى ئىشغال قىلغان بولۇپ،مىسىر ساق 3 يىل فرانسىيەنىڭ قولىدا تۇرغان.بۇ شۇ مەزگىلدىكى ئىش ئىدى).

1832 ـ يىلى مۇھەممەد ئەلىنىڭ چوڭ ئوغلى
ئىبراھىم پاشا كونيادا ئوسمانلى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى.(1828 ـ يىلدىكى يۇنان ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن نارازى بولغان مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلى 1830ـ يىلى ئوسمانلىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانىدى). شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئوسمانلىنىڭ ھەيۋىسى سۇندى.
فرانسىيە دەرھال شۇ يىلى ئالجىرىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.ئەنگلىيە 1839 ـ يىلى يەمەننىڭ مانداپ بوغۇزىنى ئىشغال قىلىۋالدى).

1879 ـ يىلى توماس ئېدىسون توكلۇق لامپۇچكىنى ئىجات قىلدى.

1908 ـ يىلى مىسىر مىللىي ئۇنىۋېرستېتى قۇرۇلغان بولۇپ،بۇ تۇنجى ئەرەپ مىللىي ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر.

1914 ـ يىلى گېرمانىيە ئەنگلىيەگە تۇنجى ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان.

1942 - يىلى خۇجىنتاۋ تۇغۇلغان .

1945ـ يىلى 21 - دېكابىر ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 2 -  دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق گېنىرالى جورجى پاتتون سىرلىق ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغان. (1885 - 11 - نويابىر، گېنىرال پاتتون تۇغۇلغان . 18 يېشىدا ھەربىي مەكتەپكە كىرگەن.1944 يانۋاردا نورماندىيەدىن ئاتلىنىپ، 1945 - يىلى 22 - مارت رېين دەرياسىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى ) . مەشھۇر سۆزلىرىدىن بىرى  « يا باشلا، يا ئەگەش، بولمىسا يوقال!» جورجى ئىس پاتتون.

1949 - يىلى غەربىي گېرمانىيەدە فېدىراتىپ گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان . ( جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن سىتالىن بىلەن ترۇمېن بىر پۈتۈن گېرمانىيەنى پارچىلاپ ئىشغال قىلغان ئىدى . شەرقىدە بولسا دېموكراتىك گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ سوۋېت تەسىرىدە قالغان . 1989 - يىلى بېرلىن تېمى چېقىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى گېرمانىيە بىرلىشىۋالغان).

1951 - يىلى لىۋىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن.

1951 ـ يىلى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان.

1958 - يىلى دېگول يەنە سايلانغان .

1964ـ يىلى ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

1967ـ يىلى سابىق گرۇزىيە پېرىزدېنتى مىخائىل ساكاشۋېلى تۇغۇلغان.

1968ـ يىلى ئامېرىكا ئاپوللو ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئاي شارىغا قويۇپ بەرگەن.

1969ـ يىلى ب د ت ھەر قانداق ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىدىغان خىتاپنامە چىقارغان.

1973 ـ يىلى ب د ت،ئامېرىكا ،سوۋېتلەرنىڭ قوللىشىدا،مىسىر،ئىئوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا جەنۋە يىغىنى ئېچىلغان.(مىسىر شۇ يىلى 6 ـ ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ،1967ـ يىلى ئىيۇندا قولدىن كەتكەن سىنا يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۋالغانىدى ).

1991 ـ يىلى 21 ـ دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان 11مۇستەقىل دۆلەت قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاپ، «مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى»نى قۇردى.

2006 - يىلى تۇنجى تۈركمەنىستان پىرىزىدېنتى سابىر مۇراد نىيازوۋ ۋاپات بولغان .

2018ـ يىلى 21 ـ دېكابىر ھېندونېزىيەدە خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىش پارتلىغان.

2019 - يىلى مالايسىيادا ئېچىلىۋاتقان يېڭى ئىسلام ئىتتىپاقى تەسەۋۋۇرى يىغىنى بۈگۈن شەنبە ھېچقانداق ئورتاق بايانات ئېلان قىلىنماستىن ئاخىرلاشتى . دېيىلىشىچە سەئۇدى ئەرەبىستان بېسىم قىلىپ يۈرۈپ ، ئەسلىدە كېلىشى كېرەك بولغان 40 ئىسلام دۆلىتى ئەلبېشىدىن 20 دۆلەتنىڭلا ئەلبېشى كەلگەن . ھەر ھالدا مالايسىيا باش ۋەزىرى ماھاتىر مۇھەممەد مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋەتىنىمىزدىكى جازا لاگىرلىرىغا قامالغان خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەچ، بۇ ئەھۋالنى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ قايتا سەمىگە سېلىپ  قويغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇ يەنە كىمگە قاراتقىنىنى ئېنىق دېمەستىن : « بىز سىڭىشىپ كېتىشكە قارشى ئەمەس، ئەمما دىنىي ئېتىقادىدىن  زورلاپ مەھرۇم قالدۇرۇپ سىڭدۈرۈۋېتىش قىلمىشىغا قارشى »  دەپ بايانات ئېلان قىلغان .

ئەرەب ياشلىرىدىن تەسىرلىك بىر سادا :

« يىراقتىكى مەسئۇت ئۆزىلدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھەممە نەرسىلەرنى يۇيۇپ چەكلىۋەتكەن خىتاي ھاكىمىيىتى قول ئىلكىدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە نېمىلەرنى قىلماي قالار !؟ ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ ھەرگىز خىتاي پۇقراسى بولۇپ قالمىغىن . ناۋادا چارە قىلالمىساڭ چوقۇم ئۇيغۇر بولماسلىق ئۈچۈن تىرىشقىن ! » .... مانا بۇلار ئەرەبلەرگە قىلىنغان ئەڭ تەسىرلىك سېلىشتۇرما چاقىرىق!

ئەرەب ياشلىرى ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىپ ، خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەرەبچە ئەسەرلەرنى تېپىپ ئوقۇپ ، مەسىلىنىڭ ماھيىتىنى ئاڭقىرغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئەبۇ تەرىكە مەسئۇت ئۆزىلنى قوللىغاندىن كېيىن ، ئەرەب ياشلار مۇھەممەد سالاھ قاتارلىق ئەرەب چولپانلىرىنىڭ تېخىچە ئاۋاز چىقارمىغىنىنى ئەيىپلەش بىلەن بىرگە ، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا ۋە دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەلقنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە تۈرلۈك بېسىم چۈشۈرۈش ئۈچۈن چاقىرىق قىلىشقا باشلىغان.

تۈركىيەدىن ئىككى ئىلمىي خۇشخەۋەر :

1 . ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە تەكلىماكان نەشرىياتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى باشلاندى.

2 . گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان، بۇ ساھەدىكى تۇنجى كىتاپ  «5 - فېۋرال ئارخىپلىرى» تەكلىمان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.بۇ كىتاب غۇلجا قەتلىئامىدا شېھىت بولغان سانسىز قەھرىمان ئوغۇل - قىزلىرىمىزغا بېغىشلانغان.يېزىلمىغان تارىخ ئۇنتۇلىدۇ. ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان قەھرىمانلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ قەيسەر روھىنى ياد ئېتىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىمىز. مانا ئېزىز قەھرىمانلار ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ خېمىرتۇرۇچىدۇر. بىلمەيدىغانلىرىمىز بىلىدىغانلىرىمىزدىن كۆپ.بۇ ئەسەر غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 23 يىللىقىغا بېغىشلاندى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىغا مەدەت ۋە چاقىرىق :

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ھالقىلىق پەيتلەردە بوشاپ قالماي غەيرەت قىلىڭلار ! تەشكىلاتلار ھېرىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاۋام - خەلق ھېرىپ قالماڭلار ! تۈركىيەدىكىلەر نامايىش قىلىشقا ئالدىن رۇخسەت ئاندىن چىقالايدۇ ، ئامېرىكىدا بۇنداق چەكلىمە بولمىغان ئىكەن ھەر كۈنى مەيدانلارنى توشقۇزمىغان تەقدىردىمۇ ، قەرەللىك ھالدا چۇقان سېلىپ تۇرۇش كېرەك ! بىزدەك تېز سۈرئەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولغان خەلققە گاچا بولۇۋېلىش پەقەت ياراشمايدۇ . قاچانلا قارىسا « سورۇن ئۇيغۇرلىرى » بىر يەرگە كېلىپ ، يەپ - ئىچىپ ، دۇتار چېلىپ كۆڭۈل ئېچىپ خۇشال ئولتۇرسا ، كىممۇ بۇنچىۋالا ئېغىر پالاكەتكە دۇچ كەلگىنىمىزگە ئىشىنىدۇ !؟؟ ياشاش كېرەك ، كۆڭۈل ئېچىش كېرەك ، ئەمما ھەممە ئىش ئۆز ۋاختىدا ئۆز ئورنىدا بولغىنى ئەۋزەل ! « ماتەمدە تاماشا ئېچىش ، تويدا ھازا ئېچىش پەقەت كاللىدىن كەتكەن ساراڭلارنىڭ ئىشى ياكى پەس دۈشمەننىڭ پىسخىك ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمى » . بۈگۈن بىزگە ماتەم !! تاماشا قىلغىلى ، مۇڭلانغىلى ، كۆڭۈل ئاچقىلى ۋە يەپ - ئىچكىلى ئالدىرىمىساقمۇ پات ئارىدا كېلىدۇ ئۇنداق غەمسىز كۈنلەرمۇ ! ئەمما توققۇزى تەل كىشىلەرنى دوراپ بۈگۈن يايرىۋالغاچ ئۆزىمىزنى ئالدىغان بىلەن ، ئەتە ئەزىز ۋەتەندىكى بارلىقىمىزدىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قالغاندا بىر ئۆمۈر دەرت - ئەلەم تارتىدىغان ئىش چىقىدۇ ! شۇڭا ھەر ئىش - ھەرىكەت ، گەپ - سۆز ۋە ئىدىيەلەر ۋاختىنى ۋە پەيتىنى تاپسۇن ! بۈگۈن ھەرىكەت قىلىش ۋە مىدىرلاش ۋاختىدۇر ! بۈگۈن بۇ دۇنيانى بىزگە تار قىلغان ۋە ماتەم قىلغان دۈشمەندىن ھېساپ سورايدىغان كۈندۇر ! « سورۇن ئۇيغۇرلىرى ۋە داستىخان ھەمراھلىرى » مۇ بۇنداق شەرەپلىك سورۇنلارغىمۇ قاتنىشىپ قويايلى ! سورۇن دېگەن يەيدىغان - ئىچىدىغانغىلا قىسقىراپ قالسا ، قوي - كالىلار جەم بولىدىغان ئېغىلدىن نېمە پەرقى قالىدۇ !؟؟؟ ( 22 - دېكابىر نامايىشىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي ئامېرىكىلىقلار !)

باندىتلارنىڭ تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنىشى :

1 . نېفىت ۋە ئېنىرگىيە جەھەتتە :  باندىتلارنىڭ 1956 - يىلى جۇڭغارىيەدىكى غايەت زور نېفىت دېڭىزى قاراماينى قېزىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى ۋەتىنىمىزدىن چىققان نېفىت بىلەن بىردىنلا قەد كۆتۈرۈش ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭلار ! باندىتلارنى كۈچلۈك قىلغان يەنىلا بىزنىڭ جەننەت كەبى ۋەتەن بىلەن زىيادە ئاقكۆڭۈل ۋە ساددا خەلقىمىز ....

2 . ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە : ئامېرىكىنىڭ بىخۇتلۇقىدىن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى باندىتلارنىڭ ياپونىيەدىن ئېشىپ كېتىپ 2 - ئىقتىسادىي چوڭ گەۋدىگە ئايلىنىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا، قاقۋاش ئوبامانىڭ لىڭتاسمىلىقىدىن تولۇق پايدىلانغان باندىتلار يەر شارىنىڭ يەجۈج ۋە مەجۈجلىرىگە ئايلانغان . شۇڭلاشقا 20 - ئەسىر ئامېرىكا ئەسىرى بولغان بولسا، باندىتلارنىڭ 21 - ئەسىرى خەلقىمىزنى دۇنياغا خوجا بولۇشنىڭ تۇنجى نىشانى قىلىپ ئۇرۇش ئېچىشى بىلەن باشلىنىپ كەتتى . ( 1800 - يىلدىن 2044 - يىلغىچە بولغان مۇناسىۋەتلىك سىتاتىسكىدىن يەكۈن )

3 . پولات - تۆمۈر سانائىتى جەھەتتە : 1959 - يىلى خىتاينىڭ پولات - تۆمۈر سانائىتى يوقنىڭ ئورنىدا ، 1969 - 1979 - يىللاردا ئەزىز خەلقىمىزنى بىكالىق ئىشلىتىپ ئازراق يۈكسىلىپ، 1979 -  يىلدىن كېيىن ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن . 1991 - يىلدىن كېيىن سوۋېتنىڭ كۆپلىگەن تېخنىكىلىرىغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق ئىگە بولۇۋېلىپ ئۈچىنچى ئورۇنغا چىققان . 1997 - يىلى ئامېرىكىدىن ، 1999 - يىلى ياپونىيەدىن ئېشىپ چۈشۈپ ، 2009 - يىلى ئون چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن . 2019 - يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى تۆمۈر سانائىتىنىڭ يىغىندىسى بىلەن تەڭلەشكەن . يەنى دۇنيادا بىر كۈندە 100 توننا تۆمۈر تاۋلانسا ، 50 توننىسى خىتايدا تاۋلىنىدۇ دېگەن گەپ . ئېسىت ئۈرۈمچى پولات - تۆمۈر زاۋۇتىدا قولدىن چىقىپ كەتكەن تۆمۈرلىرىمىز .

4 . توك چىقىرىش جەھەتتە :  باندىتلار توك چىقىرىشتا 2005 - يىلى بىر سەكرەپلا ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرىپ، 2009 - يىلدىن كېيىن ئىسپانىيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ 3 - ئورۇنغا ئۆتكەن بولسا، 2012 - يىلى يازدا ئوبامانىڭ يارىماسلىقى ۋە زور دەرىجىدە يول قويۇشىدىن پايدىلىنىپ  گېرمانىيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، 2017 - يىلى مايدا ، يەنى جازا لاگىرلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا كىرىشكەن دەسلەپكى 33 كۈن ئىچىدىلا بىردىنلا ئامېرىكىدىن ئېشىپ 1 - ئورۇنغا ئۆتكەن. ئەمدىغۇ ئاتالمىش تەرەققىياتنىڭ  كىملەرنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكى ئېنىق بولغاندۇ !؟ جازا لاگىرلىرىغا كەتكەن توك بىلەن ئون نەچچە دۆلەتنى نەچچە يىل كېچە - كۈندۈز ئۇدا يورۇتقىلى بولىدۇ . باندىتلارنىڭ ھەر بىر تەرەققىياتى خەلقىمىزنىڭ قېنىنى بېنزىن ، تېنىنى كۆمۈر قىلىپ خورىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن .

5 . ئېكىسپورت تەرەققىياتى جەھەتتە : 1997 - يىلى خوڭكوڭنى قوشۇۋېلىشنىڭ ئالدىدا خىتايلاردا ئېكىسپورت قىلغۇدەك تاۋار بولمىغان . 1999 - يىلى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىشكە كۈچەپ ، 2001 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىۋېلىپلا ، 2005 - يىلغا كەلگەندە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان بولسا ، 2010 - يىلى ئۆكتەبىردە ئىككىنچى ئورۇنغا چىققان . كالۋا ئوبامانىڭ پۈتۈنلەي ئىقتىدارسىزلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، 2013 - يىلى مايدىن باشلاپ ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشۈپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاۋار ئېكىسپورت دۆلىتىگە ئايلانغان . غەلىتە يېرى خىتاي ئەڭ كۈچىيىۋالغان 2013 - يىلدىن كېيىنلا ئەزىز ۋەتەندە 2014 - يىلدىن 2016 - يىلغىچە قاتتىق زەربە بېرىش نامىدا « نۇقتىلىق تازىلاش » ، 2017 - يىلى مارتقىچە « ئەنگلىيەچە ۋە چاررۇسىيەچە تازىلاش» ، 2017 - يىلدىن كېيىن سىتالىنچە ۋە گېتلىرچە ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىپ تازىلاش ئۇرۇشى قوزغىدى . تېخىچە مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە پاتمىغان غاپىللار قانداقمۇ مىللەتكە ئەسقاتسۇن!؟

قوشۇمچە ھەربىي يېڭىلىق :

ئورۇسلارنىڭ « يادرو قورالىدىن قالسىلا ئەڭ  خەتەرلىك قورال » دەپ نامى چىققان دەھشەت ئوت چاچار قورالى « سىمىرىچ كاتيۇشاسى » . سىمىرىچ رۇس تىلىدا « قارا بوران ، قارا قۇيۇن » دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . بۇ قورالنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى يادرو قوراللىرىنىڭ تالاپىتىدىن قېلىشمايدۇ . بولۇپمۇ چۈمۈلىدەك كۆپ ئەسكەر جۇغلىشىۋالغان جايلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيدۇ.
بىر گۇرۇپ سىمىرىچ كاتيۇشاسى 90 كېلومېتىر دائىرىدىكى 100 پۇتبول مەيدان چوڭلۇقىدەك جايلارنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ . ھەر تۆمۈر بۇقا ئۈستىدە 12 تال راكېتا بولۇپ ، ھەر بىرى 880 كىلوگرام كېلىدۇ. ئەمما تۆمۈر بۇقا ئۆزىلا 44 توننا بولۇپ، سائىتىگە 60 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ.  ئەڭ قالتىس يېرى ئۇ 38 سىكۇنتتىلا 12 تال راكېتانىڭ ھەممىنى نىشانغا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن 10 توننىدەك يېنىكلەپ، 1 مىنۇت ئىچىدە قېچىپ كېتىپ دۈشمەننىڭ قايتۇرما زەربىسىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ .( قارىغاندا بۇ قورالنى مانجۇرىيەدىكى 1969 - يىلى مارتتا توقۇنۇشقان خاباروۋىسكىي رايونى ۋە يېنىدىكى ئامۇرىسكىي ئوبلاستىغا ئورۇنلاشتۇرسا بەلەن بولغىدەك . ئادەم ئوۋلاشتا جاھاندا  بىر قارا قويۇن ئىكەن بۇ  ۋەھىمىلىك كوزېر قورال ) .

سايرام ئوغلانى   2018/12/21 ـ دېكابىر


2019 - يىلى 21 - دېكابىر        جۇدۇنلۇق شەنبە