2020/11/27 17:59

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 28 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/12/29 15:20

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن ( 28 ـ دېكابىر ) :

627 ـ يىلى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،جەسۇر سەركەردىسى ۋە ئاسراندى ئوغلى ھەزرىتى زەيدنى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى(ئىراق كارۋان يولى) يول توسار قاراقچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن سەر خىل قوشۇنغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن.

631 ـ يىلى دېكابىر ئېيىدا ( ھىجىرىيە 10ـ يىلى رامىزان ئېيى)ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز، ھەزرىتى جىبرىلغا قۇرئان كەرىمنى ئىككى قېتىم تولۇق ئوقۇپ بېرىپ،20كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان.( ئادەتتە ھەر يىلى رامىزاندا بىر قېتىم تىڭشىتىپ،10كۈن ئېتىكاپ قىلىدىغان پەيغەمبىرىمىز بۇ ئۆزگىرىشتىن ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
632 ـ يىلى 24 ـ فېۋرال پەيغەمبىرىمىز ھاياتىدىكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى ھەجىنى قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن قوزغالغان. 9 ـ مارت جۈمە
«ۋىدالىشىش نۇتقى»نى سۆزلىگەن.دەل شۇ مىنۇتلاردا «نەسىر سۈرىسى»نازىل بولغان.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا قاراپلا،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ،يىغلىۋەتكەن.
دەرۋەقە ئارىدىن سەكسەن نەچچە كۈن ئۆتۈپ،
تەخمىنەن 8 ـ ئىيۇن (دۈشەنبە) پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغان.
إنا لله وإنا إليه راجعون !!!

999 ـ يىلى ئەمدىلا بۇخاراغا كىرگىنىگە ئىككى ئاي بولغان قاراخان سەركەردىسى ئەلى تېكىن  «تۇنجى غەربىي ئىلىكخان»بولۇپ،يېڭىچە تەرتىپ ئورنىتىشقا باشلىغان.(ئەلى تېكىن 999 ـ يىلى 24 ـ ئۆكتەبىر، قۇربان ھېيت كۈنى سامانىيلار(874/999) پايتەختى بۇخاراغا زەپەر قۇچۇپ كىرىپ،سامانىيلار پادىشاھى ئابدۇمەلىكنى قولغا ئېلىپ،بۇ خانلىقنى قاراخانىيلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغانىدى).

1836 - يىلى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ۋە ئادېيلايت تەسىس قىلىنغان .

1856 ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ 28 ـ نۆۋەتلىك رەئىسى،1919ـ يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋىلسون تۇغۇلغان.

1864 ـ يىلى قەشقەرگە كەلگىلى ئىككى ئاي بولاي دېگەن ياقۇپبەگ قەھرىتان قىشقا قارىماي،ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ ۋە ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇپ،«يەكەن ئۇرۇشى»غا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.

1877 ـ يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەيدانىدا قەشقەرىيە دۆلىتى(1866/1878)نىڭ غوللۇق شەخسلىرىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.«قايغۇلۇق جۈمە» !!

1882 ـ يىلى ئېنگلىزلار مىسىر رەھبىرى ئەھمەد ئەرابىنى ساراندىپقا سۈرگۈن قىلغان.( ئەنگلىيە 1878 ـ يىلى سىپرۇسنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئوتتۇرا دېڭىزدا مىسىرغا مۇداخىلە قىلىشقا كىرىشكەن. 1868 ـ  يىلى سۇۋەيش قانىلى قېزىلىپ،ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بىلەن قىزىل دېڭىز تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بۇنىڭ ئاساسلىق پايچېكىغا ئايلانغان بولۇپ، ھىندىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى رۇسلارنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش ئىشەنچىسى كۈچەيگەنىدى.چۈنكى رۇسلار شۇ ۋاقىتلاردا ئۇدا 3 قېتىم ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش توغرىلىق پىلان تۈزۈپ،مۇنازىرە قىلغانىدى.
ئەنگلىيە ياۋروپادىن زاپاس قوشۇن يۆتكەپ كېلەي دېسە،ئۈمۈد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ كەلگىچە بىر يېرىم يىل كېتەتتى. بىراق سۇۋەيش قانىلى ئېچىلىپ،ئەنگلىيە سىپرۇس ۋە پالېرمۇ ئارقىلىق پەقەت ئۈچ ئايدىلا قوشۇن يۆتكەش سەۋىيىسىگە يەتتى.بۇ ئىستراتېگىيە ئۈچۈن مىسىر چوقۇم ئەنگلىيەگە بېقىنىشى كېرەك ئىدى.بۇنى بايقاپ قالغان ئوفېتسىر ئەھمەد ئەرابى ئىنقىلاپ قوزغاپ،يېڭى ئىچكى كابېنت تەشكىللەپ،ئىسكەندىرىيە ساھىللىرىغا زەمبىرەك سۇپىلىرىنى ياسىدى.بۇنى ئۆزىگە
قارىتىلغان دەپ چۈشەنگەن ئەنگلىيە تەھدىت سالدى.بىراق ئەرابى تېخىمۇ مۇداپىئەنى كۈچەيتتى.ئېنگلىزلار شۇ باھانىدە 1882 ـ يىلى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلدى.نىھايەت مەغلۇپ بولغان ئەرابىنى ئېنگىلىزلار سۈرگۈن قىلدى).

1903 ـ يىلى قاھىرەدە ئىسلام مۇزىيى ئېچىلغان.

1911 ـ يىلى ئۈرۈمچىدە مانجۇ خانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىدى.(خىتتايلار 1911 ـ يىلى 10 ـ ئۆكتەبىر قورچاق مەنچىڭ خانلىقى (1644/1912)غا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن،ھەرقايسى مۇستەملىكە جايلاردا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى.جۈملىدىن قۇمۇل ۋە تۇرپان ئۇيغۇرلىرى تۆمۈر خەلىپە ۋە مۇھىددىن خەلىپە قوماندانلىقىدا 1912 ـ يىلى يانۋاردا زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇغ كۆتۈرۈپ قوراللىق چىقىپ،غەلىبە قىلدى.).

1955 - يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئاكتىپ پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبو تۇغۇلغان . ئۇ 2010 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىراق خىتايلار ئۇنى 2017 - يىلى 13 - ئىيۇل تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

1968 ـ يىلى ئىسرائىلىيە ئالاھىدە قىسمى لىۋان خەلقئارا ئايروپورتىغا ھۇجۇم قىلىپ،لىۋاننىڭ 13ئايروپىلانىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.بۇ قېتىملىق ھۇجۇم، پەلەستىنلىك ئىككى پارتىزاننىڭ ئافېنا ئايروپورتىدا بىر ئىسرائىلىيە ئايروپىلانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارالغان.

1999 - يىلى سابىر مۇراد نىيازوف سايلامدا تۈركمەنىستان ئۆمۈرلۈك رەھبىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن .

2002 ـ يىلى مىسىر پادىشاھى پەرۇقنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى،مەلىكە فادىيە ۋاپات بولغان.

2004 ـ بازا تەشكىلاتى كاتتىۋېشى بىن لادىن سىنئالغۇ لېنتىسى ئېلان قىلىپ،ئىراق سايلىمىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

2007 ـ يىلى نېپال پارلامېنتى پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ،دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمنى جاكارلىغان.

2013 - يىلى خىتاي بىر پەرزەنتلىك سىياسەتنى بوشاشتۇرۇپ، ئىككى بالىغا رۇخسەت قىلغان . ( تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇ ئاتالمىش خۇش خەۋەر ۋەتىنىمىزدە تەتبىقلانماي تۇرۇپلا كەڭ كۆلەمدە ۋەتەندە بار بولغان يىگىتلەر
يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن كوللىكتىپ تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان .

2016 ـ يىلى 28 ـ دېكابىر چۈشتىن كېيىن ، ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق خوتەن/ قاراقاشتا 3يىگىت ماشىنا بىلەن ئاتالمىش ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە بۆسۈپ كىرىپ،3ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ،ماشىنىنى پارتلاتقان. ئاڭغىچە ئۇلار تېزدىن يېتىپ كەلگەن قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن( بۇ ۋەقەدىن پەقەت 3 كۈن كېيىن تۈركىيەدە« رېنا ۋەقەسى»بولۇپ، مىللىتىمىز كۆڭۈل قويۇپ ئالدىن پىلانلانغان زور سۇيقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. بۇلارغا 2017 ـ يىلدىكى 14 ـ فېۋرال «گۇما پىچاقلاش ۋەقەسى»،1 ـ مارتتىكى «ئۇيغۇر زۇۋان دائىشلارنىڭ خىتايدا چاڭجياڭ دەرياسىدەك قان ئاققۇزۇش تەھدىتى»،2 ـ مارتتىكى « تىمساھنىڭ كۆز يېشى»،10ـ مارتتىكى 5مىڭ كىلومېترلىق سەددىچىن سېپىلى قۇرۇش چاقىرىقى، ھاپىلا ـ شاپىلا ساختا ئاۋازغا قويۇلۇپ،شۇ ھامان ماقۇللانغان«ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»،2017 ـ يىلى 1 ـ ئاپرىلدىن باشلانغان«قىزىل قىيامەت» تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا !!!«دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورچى ۋە ئەسەبىي دۈشمەن،پەرشتە كەبى مەسۇم/قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئالىيجاناپ مىللىتىمىزنى ئەسەبىي ۋە تېررورچى دەپ جازالىماقتا» !!!).

ھەي قانلىق 28 ـ دېكابىر !  ئەسلا ئۇنۇتما !!!

سايرام ئوغلانى

2018/12/28 ـ دېكابىر     غېرىپ كەپەمدە

2019 - يىلى ئىران ئىقتىساد ۋازارىتى : « خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى سېتىپ تاپقان پۇلىلا ئىراننىڭ بىر يىللىق نېفىت ئېكىسپورت قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى . ئامېرىكا نېفىتنى چەكلىگەن ئىكەن ، بىزمۇ شۇنداق ئويۇنچۇقلارنى كۆپلەپ ياساپ پۇل تاپايلى ! » دېگەن . دېمەك چەتئەلدە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئۇتۇقلۇق بولسا پات ئارىدا پۈتۈن دۇنيا ۋە خەلقىمىز كوممۇنىزىم بالاسىدىن قۇتۇلىدۇ .

2019 - يىلى ھازىرچە 144 مىليون بىلەن 134 مىليون ئارىسىدا دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقان رۇسىيە نوپۇسى تۇنجى قېتىم مۇسبەت كۆپىيىشكە باشلىغان . بۇندىن بۇرۇن رۇسىيە نوپۇسى 150 مىليوندىن ئازلاپ 130 مىليونغا چۈشۈپ قالاي دېگەنىدى . 2036 - يىلى 150 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە . ئەمما ھازىرچە پارتلاش خاراكتېرلىق نوپۇس كۆپىيىش يەنىلا كاۋكازدىكى مۇسۇلمان رايونلىرىدا بولماقتا .

2019 - يىلى روھىنگىيا مەسىلىسى ۋە كۆچمەنلىرى ئۈچۈن بۈگۈن شەنبە ئېچىلغان ب د ت يىغىنىدا 134 ھەققانىيەتچى دۆلەتنىڭ قوللىشى ، 9 مۇستەبىت دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 28 مەيدانسىز دۆلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن بېرما ھۆكۈمىتىگە چەك قويۇپ ، مەزلۇم ئاراكان خەلقىگە قولايلىق يارىتىدىغان قانۇن لايىھىسى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى .

2019 - يىلى تۈنۈگۈن جۈمە كەچ باندىت ھەفتەر پايتەخت تىرىپولىغا 300 مېتىر قالغۇچە قىستاپ كەلگەچكە ، تۈركىيە كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن 8 - يانۋاردىكى پارلامېنت تەستىق ئىشىنى بۈگۈن  2 - يانۋارغا سۈرگەن . بۇ ئىش رۇسىيەنى بىئارام قىلماقتا .

تۈركىيەنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جۈمە كەچ ئىتالىيە ، گېرمانىيە ، ئەنگلىيە ۋە باندىت ھەفتەرنى ئوچۇق قوللاۋاتقان فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىرى 7 - يانۋار لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا زىيارەتتە بولماقچى بولغان .

2019 - يىلى 28 - دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋازارىتى يالغانچى خىتاينى قايتا رەسۋا قىلدى ۋە ئەيىپلىدى :
ئەردوغانمۇ بىكارغا دېمەيدۇ « ئامېرىكىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتۇڭلار ! » دەپ ، نۆۋەتتىكى پۇلغا ۋىجداننى ۋە ئىماننى ساتىدىغان دەۋردە پەقەت پۇلغا تويۇنغان، باندىتلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقمايدىغان ئامېرىكىلا خەلقىمىزنىڭ قىرىلىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتالايدۇ ، بەلكى بىزمۇ قىلىشقا تېگىشلىكىنى قىلالىساق توختىتالايدۇ . مانا بۈگۈن يەنە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدىن ( پولاتبەگ ) دىن يەنە سادا چىقتى . « خىتاي كومپارتىيىسى شىنجياڭدا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ ، بەلكى خوجايىن خەلقنىڭ دىنىي - ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ » .
دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر تولا قەستەن پىتنە - پاسات پەيدا قىلىدىغان ، دىققەتنى بۇرايدىغان ۋە ھالقىلىق پەيتلەردە ئاقماس گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەت ۋە زەھەرلىك شوئارلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىماي ، ئامېرىكىنىڭ
 « خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ! » دېگەن ھەقىقىي لىللا باياناتنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى ! بىزنىڭ ھۇرۇنلىقىمىزغا ئامېرىكا ھېلىمۇ شۇنچىلىك بايانات بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ . ئەگەر يەنىلا رېئاللىقتىن قېچىپ ، ئۆزىنىڭ يارىماسلىقىنى يوشۇرۇپ، ئادەمنى چالىدىغان ئىشلار تەكرار سادىر بولسا ئۇنداقلارنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلىنىش خەلقىمىزنىڭ ھەققى . شۇڭا دۈشمەن مۇداپىئەگە ئۆتسە ھاياجانلىنىپ بوشاپ كەتمەي ، تېخىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈش كېرەك !

يالغان سۈرەت بىلەن تەشۋىق قىلىشنىڭ زىيىنى:

ئۆز ئوبرازىمىزنى قانداق قىلىپ توغرا نامايەن قىلىش ۋە قوغداش كىملىكىمىزنى قوغداشتىكى بەك مۇھىم بىر نۇقتا. ھالبۇكى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلماقتا.
يالغان رەسىملەرنى چەكلەش ھەققىدە گەرچە 2014 - يىلىلا چاقىرىق قىلىنغان بولسىمۇ ، ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپمۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سەل چاغلاپ يۈرۈۋاتىمىز !

2019 - يىلى باندىتلار قىلمىشىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگىنىنى كۆرۈپ بۇ ھەپتە ئارسىنالنىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا تارقاتقان . ئەمما مۇلاھىزىچى ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماسلىق بىلەن يەنە چىدىماسلىق قىلىۋالغان . ئورۇسلار تېلىقىپلا قالدى ،چۈپەي خىتايلاركەن بۇ دەپ ....
خىتاي ئاممىۋى تور قانىلى PPTV گېرمانىيە پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغان ئەنگلىيە «ئارسېنال» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا قويۇشقا باشلىغان. «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، PPTV «ئارسېنال» نىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا قويغان بولسىمۇ، لېكىن پۇتبول مۇلاھىزىچىسى پۈتكۈل مۇسابىقىدە مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىسمىنى پەقەت تىلغا ئالمىغان. مەسئۇت ئۆزىل 13-دېكابىر تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلاردا پىكىر يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

باندىتلار جۈمە كەچ 2020 - يىلى مارسقا يېتىپ بارىدىغان ئەڭ چوڭ توشۇغۇچى راكېتاسىنى قويۇپ  بەرگەن . ئەمما ئۇ قايتىپ كەلگەندە قەيەرگە ،  نەدىكى خىتايغا قونماقچى !؟  . كىم بىلىدۇ ، ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قۇرۇپ ، مۇشۇنداق ئىگىسىز قۇشقاچلارنى بوشلۇقتىلا دان چېچىپ يىغىۋېلىپ ، سۈنئىي ھەمراھلاردىكى پۈتۈن مەخپىيەتلىكنى ئۆزى ئىگىلىمەكچىمۇ تېخى ...

ئىران : « رۇسىيە ، خىتاي ، ئىران ھەربىي مانىۋېرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئىران يېتىم ئەمەس ، يالغۇز قالمايدۇ » .27 - دېكابىر جۈمە سەھەردىن 30 - دېكابىرغىچە تۆت كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ مانىۋېر ھىندى ئوكياننىڭ شىمالى ۋە ئومان دېڭىزىدا باشلانغان بولۇپ ، ئامېرىكا ئارمىيىسى كۆزىتىپ تۇرماقتا .

ئالدىن پىلانلانغان دۇنياۋىي چوڭ سۇيقەست :

ب د ت بېرمىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرى ۋە دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىپلىدى . « ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، قاچان بىزنىڭ ئىشىمىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، كۈنتەرتىپكە كېلەي دېگەندە تۇيۇقسىزلا ھىندىستان كەشمىردە ، ئىسرائىلىيە پەلەستىندە ، بېرما ئاراكاندا يېڭى زوراۋانلىق تۇغدۇرىدۇ . نەتىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغان رەجەپ تايىپ ئەردوغان ( ئەي ئىسرائىل، پەلەستىنلىك يالغۇز ئەمەس ، ھەددىڭنى بىل ! ) دەپ ۋارقىرايدۇ . ئىمرانخان بىلەن سالمانخان ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى زوراۋانلىقىنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ . باشقا ئۇششاق ئەرەب بەگلىكلىرى ۋە ب د ت بېرما تەرەپنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ . خوڭكوڭ مەسىلىسىمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا قىزىپ كېتىدۇ . نەتىجىدە ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرپ دۆلەتلىرى باندىتلارنىڭ خوڭكوڭدىكى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ . ئامېرىكا دەررۇ قانۇن چىقىرىپ ئەدەپلەيدۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئەرەب - ئىسلام دۇنياسى ۋە باشقا غەرپ ئەللىرىدىكى ئومۇمىي ئەلرايى دەرھال ھۆكۈمەتلىرىگە ئەگىشىپ يۇقىرىقى جايلارغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ  ». ئاقىۋەت بىزنىڭ ئىشىمىز يەنە بېسىلىپ قالىدۇ . نەتىجىدە بىكاچىلىقتا بىرسى يەمچۈكتىن بىرنى تورغا ئاتىدۇ . قالغان بايقۇشلار شۇنى چۆرىدەپ تالاش - تارتىشنى باشلايدۇ . ئاقماس تالاشلار پۈتۈپ ، قۇرۇق ئۆستەڭنىڭ مىراپلىقىنى تالىشىپ بولغىچە ، چوڭ كۈچلەر بىزنىڭ ھەققىمىزدە يەڭ ئىچىدە تۈزگەن كېلىشىملەرنىڭ سىياھى قۇرۇپ بولغان بولىدۇ . « يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ».

بۇنى شەخسىيەتچىلىك دەپ چۈشەنگەنلەر كاللىسى قېلىپتا قۇيۇلغان تەپەككۇرسىز ماشىنا ئادەملەر بولسا ، باندىتلارنىڭ سۇيقەستى دەپ بىلگەنلەر نىسبەتەن ئويغان ۋە زېرەك كىشىلەردۇر ! ئەمما تاسادىپىيلىق دەپ ئويلىغانلار چىقىپ قالسا ئۇ چوقۇم شالغۇت ئۇيغۇر ياكى ساددا ئۇيغۇردۇر !

يەنە بىر غەلىتە سىياسىي سوئال ۋە پەرەز :

« پۇتىن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ كېرمىلدىن چىقمامدۇ؟»

جوزېف سىتالىننىڭ 2.5 مىليون ياۋرولۇق زېس ماشىنىسىنى ئوغرىلار جۈمە ئەلياتقۇ ۋاختىدا موسكۋادىكى ئورنىدىن بۇلاپ قېچىپ كەتكەن . تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى موسكۋا كوچىلىرىدا سىتالىننىڭ «مەن پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن ! » دەپ خەت يېزىلغان رەسىملىرى پەيدا بولۇپ قالغانىدى .
ئۆلگۈر سىتالىن تىرىلىپ قالدىمۇ ياكى ۋىلادىمىر پۇتىن تەختكە چىققانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بىرەر گۇمپا ئىشلەتمەكچىمۇ !؟ موسكۋانىڭ بىخەتەرلىكى كۈچلۈك ئىدى. پەقەت ئارقا تېرىكى بار ئوغرىلا بۇنداق ئۇتۇقلۇق ھالدا تارىخىي نەرسىلەرنى ئېلىپ قاچالايدۇ .
1999 - يىلى 31 - دېكابىر بورىس يېلىتسىن 2 - قېتىملىن چېچىن ئۇرۇشى ئارقىلىق ئىناۋىتى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن ۋىلادىمىر پۇتىنغا تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن . مانا بۇ ۋەقەگە كېلەر ھەپتە ساق 20 يىل توشىدۇ . لېنىننىڭ جەسىتى كېرمىل سارىيىدىن قوغلاندى دېگەنلىك ، پۇتىن يەرلىكىنى ئالدىن كولاپ « ۋىلادىمىر لېنىن ئورنىغا ۋىلادىمىر پۇتىن ئوبرازىنى دەسسەتمەكچى بولغانلىقى » يەنە كېلىپ يېڭى سىتالىن لەقىمى بىلەن ئەسلىنىپ تۇرماقچى بولغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن » .

ئۈمۈدۋار بولۇش ھەققىدە :

قازاقىستاندىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە قۇتۇلۇپ قالغان بوۋاق ھەممىنى ھەيران قالدۇرماقتا . دېمەك رىزقى تۈگىمىگەن ، بۇ دۇنيادا قىلىشقا تېگىشلىق ئىشى بار ئادەملەر يەنىلا خۇدانىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ . يەنى بىزنىڭ تېخى قىلىدىغان نى - نى ئىشلىرىمىز بار . يەر شارىنىڭ شەرقىدىكى ، مەركىزىي ئاسىيادىكى زوراۋانلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تۈگىتىپ ، مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدىغان ، زالىمنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ ئىنتىقام ئالىدىغان بىر تۈركۈم قابىللار خۇددى مۇشۇ بوۋاق كەبى ئىلاھىي كۈچنىڭ ھىمايىسىدە قوغدىلىپ تۇرىدۇ . باندىتلارنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن ھىلىسى بۇلارغا كار قىلماس !

باندىتلارنىڭ يېڭى سىياسىي سۇيقەستى :

26 - دېكابىر شەرق كوممۇنىزىم لاگىرىنىڭ ئاتامانى سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغان كۈننى ئەسلىشىپ ئولتۇرغان ئورۇسلار رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى ئېلان قىلغان مۇنۇ خەۋەردىن چۆچۈپ كەتكەن . فرانسىيە تاراتقۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا باندىتلار سوۋېت ئىتىپاقى ھالاك بولغان كۈنى بىر چوڭ قۇرۇلتاي ئاچقان . بارلىق دىنلار ۋە دىنىي زاتلارنى كونترول قىلىدىغان ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا « قۇرئان كەرىم ۋە ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى كىتاپلارنى ھازىرقى باندىتلار ھاكىمىيىتىگە پايدىلىق شەكىلدە قايتا تەپسىرلەپ تارقىتىپ ، سىياسەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى سىقىپ چىقىرىش سولچىل تەشەببۇسى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان » .
ئورۇسلار بۇ بىمەنە سىياسەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولغان كۈندە ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەجىلى توشتى . ئۇلار 35 مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سەرخىل قىسمىنى جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بۇنداق ئىلاھىي كىتاپلارنى بۇرمىلىماقچى بولۇشى ئۇنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقان .
ھازىر رۇسىيەدە «  ئۇيغۇرلار 35 مىليون ! ئۇلار ھەتتا پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى سانىنىڭ يىغىندىسى ( 30 مىليون) دىنمۇ كۆپ » دېگەن قاراشنى ئېتىراپ قىلدۇردۇق . شۇڭا بۇندىن كېيىن سانىمىزنى بۇنىڭدىن كېمەيتىۋېتىش ياكى كۆپتۈرۋېتىشكە بولمايدۇ . باندىتلار ئېلان قىلغان ساختا نوپۇس ئەمەلىيەتتىكى نوپۇستىن ئۈچ ھەسسە ئاز . شۇنداق بولغاچقا ، بىز بىلمىگەننى ئوبدان بىلىۋالغان چېن چۇەنگو بەش يىل ئىچىدە 20 مىليوندەك ھەر مىللەت خەلقىمىزنى « پىچاقسىز يوق قىلىپ » ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 7 مىليون ئۆپچۆرىسىدە كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ . ۋېكتور گاۋ دېگەن غالچىنىڭ سۆزى بۇنى تولۇق ئىسپاتلىيالايدۇ .

ئەرەبلەردىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات :

تارىخقا ئۇيغۇن ئېسىل چاقىرىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بوپتۇ :
« ناتو يېڭى موڭغۇللار( خىتايلار ) دىن ھەزەر ئەيلەشكە باشلىدى »
دەرۋەقە تارىختا فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس ھىلاكۇخان بىلەن كۆپ قېتىم ئوتتۇرا شەرقنى تەڭ ئىشغال قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن . ھەتتا ئۇ 1248 - يىلى سىپرۇسقا كېلىپ ، ھىلاكۇخانغا :« سىز باغدات بىلەن دەمەشىقنى ( ئىراق ۋە سۈرىيە ) ئېلىڭ ، مەن قاھىرە بىلەن قۇددۇسنى (مىسىر ۋە پەلەستىن ) ئالاي ! » دەپ تەكلىپ ئەۋەتكەن . ئەمما باتۇخاننىڭ سۆزىنى يىرالمىغان ھىلاكۇ بۇنى رەت قىلغان . نەتىجىدە
1249 - يىلى قاھىرەگە تاجاۋۇز قىلغان لۇئىسنى خارەزەم مەلىكىسى شەجەرىدۇر مەغلۇپ قىلىپ ، ئەسىر ئالغان . شۇنىڭ بىلەن مىسىردا
1250 - يىلى ئەييۇبىلار دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، مەملۇكىلار دەۋرى باشلانغان . مانا بۈگۈن فرانسىيە ئەلبېشى ماكرون زامانىمىزدىكى قانخور ھىلاكۇ شى بىلەن تارىخنى قايتىلىماقتا . ئۇلار ئىككىسىلا ئوتتۇرا شەرقنى تەڭ بۆلۈشمەكچى  . ئەىنى ۋاقىتتا ئاناتولىيە سالجۇقلىرى شاھى سۇلتان ئالائىددىن بىلەن سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ نەۋرىلىرى بىرلىشىپ موڭغۇللارغا قارشى قالقان خارەزمشاھ جالالىددىننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتى . نەتىجىدە تۈركىيە ( سالجۇقلار ) 1242 - يىلى ئەييۇبىلار 1250 - يىلى يەم بولدى . بۈگۈنمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ۋارىسلىرى يېڭى ھىلاكۇ بىلەن شۇنداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش كويىدا.
ھىلاكۇنىڭ ئاناتولىيەنى قاپلىغان « تۇججار ئابدۇللا » ، « تۇججار ئافراسىياپ » ناملىق جاسۇسلىرى بۈگۈنكى كۈندە « خۇاۋېي » ۋە « خەيئېر » شەكلىدە ئالەمنى قاپلىماقتا . قىسقىسى تارىخ يەنە تەكرارلانماقتا . بىزنىڭ قىسمىتىمىزنى مۇقەددىمە ، يەنى موڭغۇللار خارەزم خەلقىنى قىرغاندا ئىسلام دۇنياسى قانداق سۈكۈت قىلغان بولسا ، بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغاندا شۇنداق سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ . بۇلارنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز دەپ ئوچۇق دەپتۇ .
ئارىدىن بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى . كۆپ قىسىم ئەلباشلار تېخىچە سۈكۈتتە تۇرسىمۇ ، ئەمما يەككە تاراتقۇلار ۋە ئويغاق مۇسۇلمانلار مەزكۇر يازمىدىكى تارىخىي سۇيقەستلەرنى ئاخىرى ئاڭقىرىپتۇ . ئۇلار ھازىر « خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى ! » ،
 « ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مەدەت بېرەيلى !  » دەپ چۇقان كۆتۈرمەكتە .

كۈنىمىزدىكى تىپىك ھەققانىيەتچى ئوبرازى :
مەسئۇت ئۆزىل ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇپ ، پۈتۈن ئەرەب - ئىسلام دۇنياسى لىدېرلىرىدىنمۇ ھۆرمەتلىك بىر ئىنسانغا ئايلاندى . ھەر يەردە ئۇنىڭ گېپى بولماقتا!

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=255.msg276#msg276


2019 - يىلى 28 - دېكابىر     شەنبە