2020/11/27 17:34

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 31 - دېكابىر » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/01 15:13

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى






تارىختىكى بۈگۈن ( 31 ـ دېكابىر ) :

695 - يىلى ھەججاجنىڭ پاكىستاندىكى قىلىچى ۋە جىيەنى مۇھەممەد قاسىم تۇغۇلغان . ئۇ قۇتەيبە بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ شىمالىنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، خەلىپە ۋەلىد ئۆلۈپ سۇلايمان خەلىپە بولغاندا تۈرمىگە تاشلانغان . قۇتەيبە بولسا ئۆز قڭل ئاستىدىكى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پەرغانىدە ئۆلتۈرۈلگەن . ھەججاج تەلىيىگە 712 - يىلى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن .

1097 ـ يىلى دەمەشىق ھاكىمى تۇتۇش ئوغلى دوقاق ئەھلى سەلپنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغان ئەنتاكىيە شەھىرىنى قورشاۋدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن قوشۇن تارتىپ ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. ( تۇتۇش سالجۇقىيلار سۇلتانى مەلىكشاھنىڭ قېرىندىشى بولۇپ،سۇلتان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ جىيەنى بەركيارۇق بىلەن تەخت تالىشىپ مەغلۇپ بولۇپ،ھازىرقى سۇرىيەنى سۇيۇرغال زېمىن قىلىۋالغانىدى).

1600 ـ يىلى 1 ـ ئايال پادىشاھ ئېلزابىت دەۋرىدە« شەرقىي ھىندىستان شىركىتى» قۇرۇلغان. (بۇ شىركەت ئاسىيا،ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ تىجارىتىنى مونوپول قىلىۋالغان. 1830 ـ يىللىرى خىتتايغا ئەپيۇن كىرگۈزگەن شىركەتمۇ دەل بۇ شىركەت بولۇپ، 300 يىلغا يېقىن دۇنيانى سوراپ،ئاخىرى 1874 ـ يىلى تارقىتىۋېتىلگەن) .

1830  ـ يىلى مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ نەۋرىسى مىسىر شاھى « خىديېۋى ئىسمائىل » تۇغۇلغان.

1880ـ  يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جورجى مارشال تۇغۇلغان.

1898 - يىلى مىسىرلىق داڭلىق ناخشىچى ئۇممۇ كۈلسۈم تۇغۇلغان .

1909 ـ يىلى نيويوركتىكى مانخاتتون كۆۋرۈكى ئېچىۋېتىلگەن.

1935 - يىلى مەمەت سالماننىڭ دادىسى سەئۇدى شاھى سالمانخان تۇغۇلغان .

1945 ـ يىلى ئامېرىكا پېرزدېنتى ھاررىي ترومىن 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

1999 ـ يىلى 31  ـ دېكابىر ھىندىستاندىكى داڭلىق ئالىم شەيخ ئوبۇل ھەسەن نەدەۋى ۋاپات بولغان.

1999 ـ يىلى 31 ـ دېكابىر بورىس يېلتسىن ئېستىپا بېرىپ،ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر ۋىلادىمىر پۇتىن كېلەر قېتىملىق سايلامغىچە ۋاقىتلىق رۇسىيە پېرىزدېنتى بولغان.

1999 ـ  يىلى قەشقەر ۋە خوتەندە ئاتالمىش ئىككى يامان گۇرۇھ( قەشقەردىكى مەمەت سايىت گۇرۇھى ۋە خوتەندىكى كۈرەش/شىرئەلى گۇرۇھى)قا زەربە بېرىش ئەۋجىگە چىقىپ، يىل ئاخىرىغىچە ئون مىڭلىغان ياشلار مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

2006 ـ يىلى ئەنگلىيە ئامېرىكىغا 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن قېپقالغان ئاخىرقى بىر قىسىم قەرزىنى تۆلەپ،قەرزدىن قۇتۇلغان.

2014 ـ يىلى نۇر بەكرى تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ،« ئۆستۈرۈلۈپ» خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن. ( 2018 - يىلى 21 - سېنتەبىر موسكۋادىن يەرگە قونۇشىغىلا تۇتقۇن قىلىنغان).

2015 ـ يىلى ئۈرۈمچىدە « قاتتىق زەربە بېرىش » نىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقى توغرىلىق يىغىن ئېچىلغان.

2016 ـ يىلى « قاراقاش ۋەقەسى » سەۋەپلىك ئاتالمىش ئازاتلىق ئارمىيە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ھەيۋە قىلىپ،كۈچ كۆرسىتىش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ يولغا چىققان.

2017 ـ يىلى 31 ـ دېكابىر پۇتىن يېڭى يىللىق تەبرىك نۇتقى سۆزلەپ،رۇسلارنى كۆپ بالىلىق بولۇپ،رۇس مىللىتىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغان.

2017 ـ يىلى 31 ـ دېكابىر ئۇيغۇرنىڭ ھەر ساھەدىكى سەرخىللىرى ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنىپ بولغان.

2018 ـ يىلى 31 ـ دېكابىر قۇۋ دۈشمەنلەر «تېخىمۇ رەزىل پىلانلار» نى تۈزمەكتە. تەقدىرىمىزگە  يارىشا تەدبىرىمىز بولسۇن!تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىپ قالمايلى دېسەك،قايتىدىن شانلىق تارىخ يارىتايلى !

2003 - يىلدىكى سارس ۋاباسىدىن كېيىن ، 2019 - يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە خىتايدا 100 دەك يېڭى ۋابا بىمارلىرى بايقىلىپ ، بەزىسى ۋۇخەن دوختۇرخانىغا قامىلىپمۇ بولغان.2020 - يىلى يېڭى سارس ۋاباسى تارقالغاي ! يېڭى چوشقا زۇلىمى خەۋپىمۇ زورايغان . يېڭى يىلدىكى تۇنجى خۇشخەۋەر

2019 - يىلى ۋىلادىمىر پۇتىن يېڭى يىللىق نۇتۇقنى قىزىل مەيداندا سۆزلىدى . ئۇ 1999 - يىلى 31 - دېكابىر كەچ رۇسىيەنى قولغا ئالغان ئىدى . بۈگۈن 2019 - يىلى 31 - دېكابىر كەچ قىزىل مەيداندىكى كونا جايدىن يېڭى يىللىق سالام يوللاپ، 20 يىللىق چارپادىشاھ بولغانلىقىنى قوللىغۇچىلىرى بىلەن تەبرىكلىمەكتە .

ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ ياردىمىدە پېتىربۇرگدىكى يېڭى يىل كېچىسى پىلانغان تېرررورلۇق ۋەقەسىنى ئۇتۇقلۇق بىتچىت قىلغاندىن كېيىن پۇتىن دوللار ترامپقا رەھمەت ئېيتقان . شۇنداق قىلىپ 2020 - يىلىنى ئىككى سېرىق شىرىن ئاي بىلەن باشلاشتى.

رۇسىيە مۇتەپەككۇرى ۋە ياۋرو - ئاسىيا ھەرىكىتى لىدېرى ئالېكساندىر دوگېن : « رۇسىيە مۇستەقىل ئىسلام قۇتۇپى ( ھاسىل قىلىش ) بەرپا قىلىشتىكى بايراقدار دۆلەت ! » .

ئېنگىلىزلار 25 يىل بۇرۇنقى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىدى . 1995 - يىلى يانۋاردا ئەنگلىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئورۇسلارنى ناتوغا قوبۇل قىلىش ئىشى مۇزاكىرە قىلىنغان . ئەمما ناتونىڭ پىرىنسىپلىرىدىن ئوتۇسلارنىڭ تولۇق پايدىلىنىپ كېتىپ ، ناتونىڭ ھەربىي قارارلىرىنى رەت قىلىۋېتىش ياكى ناتونى خىتاي - رۇسىيە توقۇنۇشلىرىغا سۆرەپ كىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېرىم ئەزالىق ئورنى بەرمەكچى بولغان . ئەمما بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان. ئەگەر تارىخ قايتىلىنىپ قالسا ، باندىتلار بىر ھەپتىدىلا قارا خېيىنى ئاسمانغا ئاتىدۇ . كۈچلۈك خىتاي ھامان رۇسىيەنى ناتوغا ئەزا بولۇشقا ياكى ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ .
2020 - يىلى تولىمۇ مۇرەككەپ بىر يىل ، ھوشيار تۇرايلى!

« ئامان بولسۇن »

سەپەرگە ئات سېلىپ ماڭغان ئامان بولسۇن،
ئاۋامنى قەلبىگە تاڭغان ئامان بولسۇن .
كۆيۈپ چۆللەردىكى چاك ـ چاك گىياھلارغا،
سۈزۈك يامغۇر بولۇپ ياغقان ئامان بولسۇن.

ھوسۇللۇقىغا خىرىس قىلسا ئەگەر دۈشمەن،
ئۇنى يەڭگەن قولى بازغان ئامان بولسۇن.
ئۇچار ئات ئۈستىدە ئوقيادەك بۇلۇتلار پەستە،
دىلىدا نۇرلىنار ئارسلان ئامان بولسۇن.

گۈزەل مەيىن شامال تاڭنى سۆيۈپ ھەردەم،
تىزىلغان يىپ ۋە مارجان ئامان بولسۇن.
ئۈنۈپ چىققان ئىزىدىن گۈل قىزىل چوغلۇق،
بېلىنى يەشمىگەن ئانىلار ئامان بولسۇن.

بۇ مىسرالارنى ۋەتىنىمدىكى 50 مىليونغا يېقىن
تەقدىرداش ھەر مىللەت خەلقىمگە،ياۋۇز خىتتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىپ،ئىڭراشقىمۇ پۇرسەت تاپالمىغان سۈيۈملۈك قېرىنداشلىرىمغا،شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى مىللىتى،خەلقى،ۋەتىنى ئۈچۈن مېھنەتسىز ۋە ئۈن ـ تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان پىداكار ئەزىمەتلەرگە تەقدىم قىلىمەن.

سايرام ئوغلانى     

2018/ 12/ 31 ـ دېكابىر    ھازار بويلىرى

« تاغلىرىم »

ئەلەملەردىن ئېگىلسە باشلىرىم،
تىك تۇرارسەن ئېگىلمەيسەن تاغلىرىم.
دەردۇ  ـ غەمدە ناتىۋاندەك يىغلىسام،
مەردانە سەن يىغلىمايسەن تاغلىرىم.
مەن ئېگىلسەم ئېگىلمەيسەن تاغلىرىم،
مەن يىغلىسام يىغلىمايسەن تاغلىرىم.

قامىتىڭدىن ھالقىپ تۇرسا ماتەملەر،
قىلىچ كەبى يالتىرايسەن تاغلىرىم.
باغرىڭ كەڭرى يېيىلغان بىر جاھاندۇر،
رەقىپلەرگە كۆكسى قالقان تاغلىرىم.
مەن ئېگىلسەم ئېگىلمىگىن تاغلىرىم،
مەن يىغلىسام يىغلىمىغىن تاغلىرىم.

يۇقىرىقى جەڭگىۋار مىسرالارنى ئاسىيادىكى بەش چوڭ تاغ تىزمىسىنىڭ ئۈچى بولغان «ئالتاي»،«تەڭرىتاغ»،«قاراقۇرۇم» تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىكى بىپايان مۇنبەت ۋە ساپ ۋادىلىرىدا ياشاپ،سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلارغا تەقدىم قىلدىم. قېنى ئەمىسە 2017 ـ 2018 ـ يىللاردىكى چارىسىزلىق، ئاجىزلىق ۋە ئۈمۈتسىزلىكنى بېشىمىزدىن ئاشۇرۇپ چۆرۈپ تاشلاپ،يۈكسەك ئىرادە،پۇختا پىلان،ئەبەدى ئۈمۈتۋارلىق ۋە ئىچىمىزدىن تېشىپ چىققان
چوغدەك مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز بىلەن
2019 ـ يىلىنى « ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇق تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش يىلى» ھەمدە « خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكەت يىلى» قىلىش ئۇلۇغ نىشانىغا بېلىمىزنى باغلاپ،زور ھىممەت كۆرسىتىشنى باشلايلى ! « ئىنسان نېمىگە تىرىشسا،شۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»!!!
« نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن  » !!!
باشلايلى ! بىز تېرىيلى، بىز ئۈلگۈرەلمىسەك
ھوسۇلنى ئورۇۋالغۇدەك ئەۋلاتلىرىمىز قالمىدى.
ئەمما مىللىتىمىزنىڭ تاپىنى يېيىش ئۈچۈن بېشىمىزدا ئۇچۇپ يۈرۈپ،پۇرسەت كۈتىۋاتقان قاغا  ـ قۇزغۇن ، تاز قارىلار كۈر مىڭ !!!
پۈتۈن دۇنيا شاھىت بولسۇنكى، ئۇيغۇر لوق گۆش ئەمەس. بىزنى يالماپ يۇتماقچى بولغان ئەجدىھا ئاچكۆزلىكىنىڭ بەدىلىنى جېنى بىلەن ئۆتەيدۇ. تارىخىمىزدىكى « ئەجدىھا بىلەن كۈچ سىنىشىش » توغرىسىدىكى ئورتاقلىق شۇدۇر:
مەزلۇم خەلقتىن بىر ئوغلان چىقىپ، ئەجدىھا بىلەن ماماتلىق جېڭى قىلماقچى بولىدۇ.بىراق ئەجدىھا ئالدىراپلا ئۇنى يالماپ يۇتماقچى بولىدۇ. ئوغلان قىلىچىنى يالىڭاچلاپ،ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئاقىۋەت ئۇ ئەجدىھانى ئىككى پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ئەجدىھا ئىشەنمەي شۇنداق لىڭشىپ قويۇشىغا شۇ ھامان ئىككى پارچە بولۇپ،جېنى چىقىدۇ.».
بۇ شەرەپ كىمگە مەنسۇپ بولىدۇ!؟ ئەلۋەتتە
ھازىرقى ئەركىن دۇنيادىكى بىزگە مەنسۇپ بولغۇسى ! ئەمدى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشلا قالدى.
 ئەلۋىدا «  قايغۇلۇق 2018 ـ يىل» !
مەرھابا « ئارزۇلۇق 2019 ـ يىل» !

سايرام ئوغلانى     

2018/12/ 31 ـ  دېكابىر       ساھىل يولى

« ئۇيغۇر ئارسلانلىرى ئۆلمەيدۇ»

بۇ قىممەتلىك مىسرالارنى 2018 ـ يىلى جېنىغا قەست قىلىنىپ،بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئۇستازلىرىمىز،ئالىملىرىمىز،قەۋمۇ ـ قېرىنداش
تۇققانلىرىمىز،سۈيۈملۈك ئانىلىرىمىز ۋە تىز پۈكمەس ئاتىلىرىمىز،ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا  ـ سىڭىللىرىمىزدىن تەركىپ تاپقان مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ روھىغا،مۇسىبەتتىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ زېدىلەنگەن قەلبىگە مەلھەم قىلىپ سۇنىمەن. 1918 ـ يىلدىكى «يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى پاجىئەسى»دىن 2018 ـ يىلدىكى « بۈيۈك ئۇيغۇر پاجىئەسى»گىچە بولغان خورلۇقلارنى ئەسلا ئۇنۇتمايمىز !!!ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق يىلى بولغان 2018  ـ يىلى بەلكىم بۈيۈك ئۇيغۇر
مىللىتىنىڭ تۇغۇلىشى ئالدىدىكى ئاچچىق تولغاقتۇ!؟ ئىلاھىم شۇنداق بولغاي !!!
« يېڭىلىش بىز ئۈچۈن يوقۇلۇش ئەمەس »
                 

               « ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ »

كۆز يۇمغاننى كەتتى دېمىگىن،
ياتسىمۇ گەر قەۋرىلىرىدە .
سالار دىلغا ھىجران داغلارى،
كۆزدىن ئاققان قەترىلىرىدە.
سېغىندۇرار خىسلىتى شۇنداق،
دىلنىڭ ماتەم سەۋرىلىرىدە.
تۇرار دىلدا ئەسلىنىپ ھەر چاغ،
ئۆتكەن يىللار پەسىللىرىدە.

يېتىمسىراپ قالماس تۇپرىقى،
ئۈزۈلمەستىن دوستلار ئايىقى.
دولقۇن ياساپ دىللاردا مېھرى،
تۇرار ھەر تاڭ سەھەرلىرىدە.
يۈرەكلەرگە ئورنىغاچ نامى،
يانار ئۆچمەي ئۆمرىنىڭ شانى.
داستان بولۇپ ساقلىنار شانى،
ئويغاق ئەۋلات چەۋرىلىرىدە.

كۆز يۇمغاننى كەتتى دېمىگىن،
ياتسىمۇ گەر قەۋرىلىرىدە.
سالار دىلغا ھىجران داغلارى،
كۆزدىن ئاققان قەترىلىرىدە.
مەنزىللەردە ئۆچمەس ئىزى بار،
ئەسلەيدىغان ئوغۇل قىزى بار.
يۈرەكلەردە چوڭقۇر مېھرى بار،
مەردانە مەرت ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.

مەنزىللەردە ئۆچمەس ئىزى بار،
ئەسلەيدىغان ئوغۇل قىزى بار.
يۈرەكلەردە چوڭقۇر مېھرى بار،
مەردانە مەرت ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.

سايرام ئوغلانى   

2018 /12 /31  ـ دېكابىر     ھازار بويلىرى

خەير خوش 2018 ـ يىل،ئەلۋىدا 31 ـ دېكابىر

سايرام ئوغلانى         مىڭتېكە داۋىنى

2018/ 12 / 31 ـ دېكابىر  كەچ

ھەممەيلەن قاراقاشلىق
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
قاراقاشتىن ئىسپات چىقتى. مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ چەتئەللەردە تۇغقانلىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن قارا كۈنلەرگە مەھكۇم بولغىنى بىلىنىپ، ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قىلىش ۋىجدانلارغا ھاۋالە بولدى.
قاراقاشلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەرىكىتى تەمكىن ئىدى. چۈنكى قاراقاش خەلقى ئەزەلدىن ئۆملىشىشتىكى ماھارىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇلارنىڭ نەزەرلىرى ئۇستاز، ئۆلىما ۋە يۇرت كاتتىلىرىغا تىكىلگەن ئىدى.

قاراقاشلىق ئۇيغۇر ھەر ئىشتا مەسلىھەتنى، كېڭەشنى، جامائەتچىلىكنى ئەلا بىلگەن بولغاچقا زۇلۇمغا شاھىت بولۇشنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئۆلىمالاردىن ئاڭلىشىچە بىرلىشىشتە ھىكمەت، ئايرىلىشتا پالاكەت بار ئىدى. مۆئىمىن قاراقاشلىقنىڭ بۇ ھىكمەتكە ئىمانى كامىل ئىدى.
قاراقاشلىق جىمىپ قالدى، سۈكۈت قىلدى. بۇنى زۇلۇمدىن جاق تويغان بەزى ئۇيغۇرلار تەسلىمچىلىك، قورقۇنچاقلىق، قەۋم قېرىنداشلىرىغا ۋاپاسىزلىق دەپ چۈشەندۈردى. بۇنى چۈشەنمەسلىكتىن دېدىم.

قاراقاشلىق مەيدانغا چىقمىدى. بۇنى بەزى زالىمغا ئۆچ، زۇلۇمغا مەيدانى قەتئىي، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئىرادىسى مۇستەھكەم ئۇيغۇرلار خاتا چۈشىنىپ ئۈلگۈردى. قوشۇلمۇدۇم، بۇنى توغرا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.

مەن قاراقاشلىقلاردىن پەخىرلىنىمەن. بوۋىمىز مەھمۇتنىڭ دىۋانىغا پۈتۈلگەن بۇ يۇرتنىڭ ئىسمى ساپ ئۇيغۇرچە، ئادەملىرىنىڭ جەسۇرلۇقى، جاسارىتى، جەڭگىۋارلىقى ئۇيغۇرچە‌.
بىر ئەمەس، مىڭ قارىقاشلىق شاھىتلىقنى رەت قىلسىمۇ مەن قاراقاشتىن ئۈمىتسىزلىككە چۈشمەيمەن. چۈنكى قاراقاش ئۈمىت تۇغۇلغان يەر. قاراقاش ئۇيغۇرنىڭ مىللىي دەۋاسىنىڭ باشچىسى مەمتىمىن بۇغرانىڭ ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن جان تىككەن تۈمەنلىگەن قەھرىمانلىرىمىزنىڭ يۇرتى.

مەن قاراقاشلىقنى قورقتى دېمەيمەن. 1933-يىكى ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقمىغان قارىقاشلىق بۈگۈن شاھىتلىقتىن قورقمايدۇ. تېخى تۈنۈگۈن مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن شىھىتلىقنى تاللىغان قاراقاشلىق بۈگۈن قان قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي زىندانلىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن شاھىتلىقتىن، گۇۋاھلىق بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.

مېنىڭ قاراقاشلىقلىرىم ئالدىراقسان ئەمەس، پەقەت مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. مېنىڭ قاراقاشلىقلىرىم شۇ قەدەر ئۆمدۇركى زۇلۇمغىمۇ ئۈملۈكتە مەيدانغا چىقىشنى ئەۋزەل بىلىدۇ.

مېنىڭ قارىقاشلىقىم، ئۆزىنى مەھەللىسىدىن مۇھاجىرەتكە باشلىغان ئۆلىمالىرىنىڭ داۋاغا باشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مېنىڭ قاراقاشلىقلىرىم پەرزەنتلىرىگە ئىمان سىڭدۈرگەن ئۇستازلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى روھنىمۇ سىڭدۈرىدىغانلىقىغا، ۋە زالىمغا قارشى سەپتە يۇرتقا باشلامچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ‌.
قاراقاشلىقنىڭ زۇلۇم ئارخىپى ئاشكارىلاندى. بىز بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلايمىز. چۈنكى قاماقلاردا، لاگىرلاردا ۋە زاۋۇت ئاتلىق زىندانلاردا خورلىنىۋاتقان شۇ قاراقاشلىق ئۇيغۇر ھەممەيلەنگە تۇغقان.
بىز قاراقاشلىق شاھىتلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن خىتاينى مات قىلىمىز. قاراقاشتىن چىققان ھۆججەت بىلەن خىتاينىڭ جىنايىتىنى جاكارلايمىز، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، غۇرۇرىنى پايخان قىلغان جىنايەتچىلەرنى ئادالەت سوتىدا چوقۇم سوتلايمىز. چۈنكى ھەممەيلەن قاراقاشلىق، قارا كۆزلۈك ئۇيغۇر دەۋاگەرلەرمىز.
2019-يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى

بۈگۈنكى ھېكمەت :

مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئانىسى گۈلىزار ئۆزىلنىڭ ئۇنىڭغا يازغان نەسىھەت خېتىنى تېمىغا ئېسىقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ خەتتە مۇنۇلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى بايان قىلدى: «مەسئۇت، ئۇنۇتما ! ھەممىمىز بۇ دۇنيادا ئوخشاشلا مېھمان. ئاللاھ ساڭا بىر قابىلىيەت بەردى، ئۇنى پەقەت ئۆزۈڭنىلا ياخشى بېقىشىڭ ئۈچۈن بەرمىدى. ئەگەر بايلىقىڭنى مۇھتاج كىشىلەر ئۈچۈن خەجلىمىسەڭ، سەن مىنىڭ ئوغلۇم ئەمەس!»

2019 - يىلى 31 - دېكابىر     سەيشەنبە