2020/11/27 18:50

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 1 - يانۋار » :

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/01 15:50

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن ( 1 ـ يانۋار ) :

766 ـ يىلى ئون ئىككى ئىمامنىڭ سەككىزىنچىسى ئىمام ئەلى رىزا تۇغۇلغان.(شىئە مەزھىپىنىڭ 12 ئىمام پىرقىسىنىڭ ئىماملىرى ھەزرىتى ئەلىدىن،11  ـ ئىمامى ئىمام ھەسەن ئەسكەرىگىچە بولۇپ،12 ـ ئىمام مەھدى مەيدانغا چىققۇچە ئىراندىكى ئاياتۇللا داھىي ۋاقىتلىق نائىپلىق قىلىپ تۇرىدۇ).

874  ـ يىلى 12 ئىمام مەزھىپىنىڭ 11 ـ ئىمامى ھەزرىتى ئىمام ھەسەن ئەسكەرى ۋاپات بولغان.

1259 - يىلى سەيپىددىن قۇتۇزنىڭ سۇلتانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان . ئۇ 11 - نويابىر گۆدەك سۇلتاننى ئېلىپ تاشلاپ ، مىسىر چېگرىسىغا يېقىنلىشىپ قالغان ھىلاكۇغا قارشى ئۇرۇش تەدبىرى سۈپىتىدە بالا سۇلتاننى ئاغدۇرۇپ تەختكە چىققانىدى . دەرۋەقە ئۇ 1260 - يىلى سېنتەبىردە موڭغۇللارنى پەلەستىندە مەغلۇپ قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنى ساقلاپ قالغان .
( ئۇنىڭ ھاياتىغا قىزىقىدىغانلار ئۇيغۇرلار تور ژۇرنىلى 4 - سانىدىن كۆرۈۋالسۇن ) .

1431  ـ يىلى 214  ـ نۆۋەتلىك رىم پاپاسى 6 ـ ئىسكەندەر تۇغۇلغان.

1673 ـ يىلى ۋاشنگتون ۋە بوستۇن ئارىسىدا مۇنتىزىم پوچتا لىنىيىسى قوزغىتىلغان.

1801 ـ يىلى بۈيۈك بېرىتانىيە بىلەن ئېرلاندىيە بىرلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

1808 ـ يىلى ئامېرىكا قۇل ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن.

1863 ـ يىلى ئابراھام لىنكولن ھۆكۈمىتى نېگىر قۇللارنى ئازات قىلغان.

1885 ـ يىلى يەر شارىنىڭ 0 لىك مېرىدىئان سىزىقىنى ئەنگلىيەنىڭ گېۋنچ رەسەتخانىسى ئۈستىدىن سىزىش بېكىتىلگەن.

1899 ـ يىلى ئىسپانىيىنىڭ كۇبادىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.(ئامېرىكا كۇبا خەلقىگە ياردەم نامىدا قوشۇن چىقىرىپ،ئىسپانىيەنى قوغلاپ چىقارغانىدى).

1901 ـ يىلى ئەنگلىيىنىڭ 5 مۇستەملىكىسى تەرىپىدىن ئاۋسترالىيە بىرلىكى تەشكىل قىلىنغان.

1912 ـ يىلى 1 ـ يانۋار خىتايلار 268 يىللىق مانجۇ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ،تۇنجى خىتتاي مىللىي جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلغان.(مارتتا بالا پادىشاھ پۇيى تەختتىن چۈشكەن).

1918 - يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىتخاننىڭ ئامراق خانىشى بىدار خاتۇن ۋاپات بولغان. سۇلتانمۇ شۇ يىلى 10 - فېۋرال قازا قىلغانىدى.

1925 ـ يىلى ھەلەب ۋە دەمەشىق بىرلىشىپ، سۈرىيە نامىدا يېڭى دۆلەتنى جاكارلىغان.(بۇ جايلار 1516 ـ يىلدىن 1918 ـ يىلغىچە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ شام ۋىلايىتى ئىدى.1918 ـ يىلى يازدا ئانتانتا دۆلەت ئارمىيسى ئىشغال قىلغان.1919 ـ يىلدىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان).

1934 - يىلى لىۋىيە رەسمىي ئىتالىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان . گەرچە ئوسمانىلار 1912 - يىلى چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ ، ئەمما لىۋىيە خەلقى رەھبىرى ئۆمەر مۇختار باشچىلىقىدا تاكى 1933 - يىلغىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ ئىتالىيەنى زور تالاپەتكە ئۇچرىتىپ ، ئىشغالىيەتنىڭ تاماملىنىشىنى توسۇپ كەلگەنىدى .

1935 ـ يىلى  1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا« تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى« ئاتا تۈرك»نامى بېرىلگەن.

1943 - يىلى گېرمانىيە ئىككى يىل داۋام قىلغان قامالنى بىكار قىلىپ ، سىتالىنگرادتىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان .

1944 ـ يىلى ھازىرقى سۇدان پېرىزدېنتى ئۆمەر بەشىر تۇغۇلغان.

1956  ـ يىلى سۇدان ئەنگلىيە ۋە مىسىردىن ئايرىلىپ چىقىپ،جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلغان.

1958  ـ يىلى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئورتاق بازىرى قۇرۇلغان.

1959  ـ يىلى كاسترونى قوللىغۇچى قوشۇن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، كۇبا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

1960 ـ  يىلى كامېرون مۇستەقىل بولغان.

1965  ـ يىلى«پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ،قوراللىق ئىنقىلاپ باشلىغان.

1972  ـ يىلى مىسىر بىلەن لىۋىيە بىرلەشكەن.

1978 ـ يىلى ھىندىستاننىڭ بوئىن 747 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بومباي ساھىلىغا چۈشۈپ كېتىپ،213 كىشى قازا قىلغان.

1980 ـ يىلى ب د ت باش كاتىپى ئىرانغا بېرىپ،تېھراندىكى ئەلچىخانىغا قامىلىپ قالغان ئامېرىكىلىقلارنى قۇتقۇزۇش ئامالىنى قىلغان.

1984 ـ يىلى بىرۇنېي سۇلتانلىقى ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان.

1993  ـ يىلى چېخوسلوۋاكىيە پارچىلىنىپ، چېخ ۋە سىلوۋاكىيە دەپ ئىككى دۆلەت بارلىققا كەلگەن.

1994  ـ يىلى ئامېرىكا،كانادا ۋە مېكسىكا ئارىسىدا شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن تىجارەت كېلىشىمى ئىمزالانغان.(ئىجرا قىلىنىش باشلانغان). دوللار ترامپ بىر ئاي ئىلگىرى بۇ كېلىشىمنى تېخىمۇ پەچەت ھالغا ئەكەلدى .

1995 ـ يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن.

1999  ـ يىلى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بىرلىككە كەلگەن پۇل « ياۋرو» ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

2001  ـ يىلى يۇنان ياۋرو رايونىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن.

2007 ـ يىلى بۇلغارىيە ۋە رۇمېنىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان.

2009 ـ يىلى ئىراق قىسىملىرى باغداتتىكى كۆپ دۆلەت قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان« يېشىل رايون»نى ئۆتكۈزۈۋالغان.مالىكى بۇ كۈننى بايرام دەپ جاكارلىغان. 

2015 - يىلى لىتۋانىيە ياۋرو رايونىدىكى 19 - ئەزا بولۇپ قالغان .   سايرام ئوغلانى     

2019/ 1  /  1  ـ يانۋار .

2019 - يىلى 2020 - يىلدىكى تۇنجى ماز خەۋەر « دوللار ترامپ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنى توختىتىشتىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمگە 15 - يانۋار قول قويماقچى بولغان». ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ، ھېلىقى قانۇننى سۈيلەپ قويمىساڭلار شۇ پېتى « ماناس دەرياسى » بويىدا توختاپ قالىدىغان چىراي جۇمۇ !

2020 - يىلدىكى ئەڭ ھاياجانلىق ۋە ئەھمىيەتلىك خەۋەر :
« پولاتبەگ 2 - يانۋار يولغا چىقىپ ، 3 - يانۋار كىيېۋدا ، 4 - يانۋار مىنسىكتە ، 5 - يانۋار نۇر سۇلتاندا ، 5 - يانۋار تاشكەنتتە زىيارەتتە بولۇپ ، يۇقىرىقى تۆت سوۋېت رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ . بولۇپمۇ  ئوتتۇرا ئاسىياغا زەيتۇن شېخى سۇنىدۇ » . شۇڭا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى پولاتبەگنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى يېڭى يىلنى ۋە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەچ خەلقىمىزنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پولاتبەگدىن كۈتىدىغان ئۈمۈد ۋە ئارزۇلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشى لازىم !   2020 - يىلى 1 - يانۋار

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى مايىك پومپىيۇنىڭ 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈندىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ. مايىك پومپىيۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەم تىلىغا ئېلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. تۆنۈگۈن خىتاي كومپارتىيىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ، مايىك پومپىيۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارەتلىرىنىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ «  خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ پىتنىلىرى مەغلۇپ بولىدۇ » دەپ بىلجىرلىغان .  ئا . سابىت.

2020  - يىلى 1 - يانۋار ھازىرقى خوڭكوڭ ( نەخ مەيدان ) . پولاتبەگ ئەتە ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىقماي تۇرۇپلا ، بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشكەن خوڭكوڭ ۋەزىيىتى يەنە كەسكىنلىشىپ كەتتى . باندىتلارنىڭ ھەر قېتىم بىزنىڭ ئىشىمىز ئازراق ياخشى تەرەپكە قاراپ ماڭغان زامان دىققەتنى باشقا ياققا بۇراش تاكتىكىسى يەنە تەكرارلىنىۋاتىدۇ . بۇ ئەھۋالنى ئاكادېمىك شەكىلدە پاش قىلىپ ، ئامېرىكا باشلىق دۆلەتلەرگە دوكلات قىلىش كېرەك ! بىز قارشى تەدبىر تۈزمىگەن ھەر ئىشنىڭ نەتىجىسى قۇۋ باندىتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ . ئەگەر باندىتلارنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ نېفىت دېڭىزى ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ھەممە يېرىگە ئۆتكىلى بولىدىغان ، تەبىئىي توساقلار ۋە تەبىئىي بايلىقلارغا كۆمۈلۈپ ياتقان جەننەت كەبى ۋەتىنىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىبەت ، ماكاۋ ، خوڭكوڭ ، ھەتتا دېڭىز بويىدىكى ئاقماس جايلارنى تاشلاپ بەرگەن بولاتتىم . تەكرار ئەخمەق بولۇۋەرمەيلى ! قارشى تەدبىر تۈزەيلى بىزمۇ !!!

كونا يىل بىلەن خوشلىشىش سادالىرى :

يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن !
ئىشلىرىڭلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 90 يىللىق شېئىرى « ئايرىلمىغىل» كەبى بولسۇن!
ئوقيا

ئايرىلمىغىل
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ﮬﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯖﺪﯨﻦ، ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﻝ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﯩﻞ،
ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﯩﻦ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭ، ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﯩﻞ.
ﻣﺎﻧﯩﺌﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﺑﺎﺱ،
ﺗﺎﻏﯘ-ﺗﺎﺵ، ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﻥ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.
ﺋﺎﺕ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺑﻪﮬﺮﯨﮕﻪ، ﻳﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻝ، ﻳﺎ ﺗﺎﭖ ﮔﯚﮬﻪﺭ،
ﺷﯩﺮﻧﻪ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﯨﯖﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﻳﺎﻧﻤﯩﻐﯩﻞ.
ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﺎﯞ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯩﻎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺴﻪ،
ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﺎﻝ، ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﺎﺗﻤﯩﻐﯩﻞ.
ﻛﯩﻤﻜﻰ ﮬﻪﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺷﯘﻧﯩﯔ،
ﺑﯘ ﻧﯧﭽﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﭖ، ﻳﻮﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.
ﺳﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯦﺴﻪﯓ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻧﺎﻣﯩﯔ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ،
ﺑﻮﻝ ﺟﻪﺳﯘﺭ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻧﯩﺸﺎﻥ، ﻛﯚﻟﭽﻪﻙ ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﯩﻞ.
ﺋﺎﺑﺪﯨﺨﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ،
ﺋﯘﺷﺒﯘ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.

1929-يىلى.

يىللارغا جاۋاب

(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا باقماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ .
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالېندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاقشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتسە ئۆتۈۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ .

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز
جاۋاب.

‏2019 / 1 / 1 - yanwar

يىللار بىزنى ئۇزىتىپ قويۇۋاتامدۇ ياكى بىز
يىللارنى ئۇزىتىپ قويۇۋاتامدۇق !؟؟؟؟

ئىشقىلىپ بۇ يىل ئاخىرلاشتى. كېلەر يىلىغا لايىق تەييارلىق ۋە تەدبىر بىلەن كىرەيلى !تەنھالىققا كۆنۈپ قالغان بۇ يىلدا ئىزدەپ، ھال سوراپ بولالمىغان،مەندىن رەنجىپ قالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمە ! بۇ يىل كەتكۈزۈپ قويغاننى كېلەر يىلى قايتۇرۋېلىشقا تىرىشايلى  !!
خەير خوش 2018 ئەھلى ! ئامان بولۇڭلار !

سايرام ئوغلانى       

2018 ـ 12ـ 31 ـ دېكابىر /2019/1/1 ـ يانۋار

ياۋرو  ـ ئاسىيا پاسىلى

يېڭى يىللىق تەۋسىيە :

يەھۇدىلاردىن بۇنداق ئىنساپلىق كىشىلەر ھەر ۋاقىت چىقىپ تۇرىدۇ . ئەمما سەن قايسى خىتاينىڭ خەلقىمىزگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىل دۆلەت تەلەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقتىڭ !!؟؟
شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە خىجىل بولماي ئاچكۆز ۋە مەينەت باندىتلارغا بىر ئېغىز قارشىلىقىڭ يوق ، ئەكسىچە ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، بىرلىرىڭ مىللىي تونغا ئورۇنىۋېلىپ ھەدەپ ئاتالمىش دېموكراتچى خىتايلارغا تەقدىرىمىزنى تۇتقۇزۇپ قويۇشقا ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ، بىرلىرىڭ دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ يەھۇدى - ناسارالارغا ئومۇميۈزلۈك دۈشمەنلىك قىلىش دولقۇنى قوزغاش بىلەن چالۋاقاپ يۈرسەڭ ، ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ۋەتەندىكى تىرىك تۇرۇپ دوزاختا كۆيۈۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ ئاقىۋەتتە !؟؟
2020 - يىلى بىزگە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئارتماقتا ...
بىز ئۈچۈن ھەر بىر كۈن جەڭ كۈنى . بىر كۈن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش جەڭدىن قاچقانلىق ! ئىسلام دىنىدا ئادەمنى ھالاك قىلىدىغان يەتتە چوڭ جىنايەتنىڭ بىرىمۇ دەل جەڭ كۈنى دوغا يارىماي قېچىپ كېتىشتۇر !

« بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە مىڭ قېتىم بېرىشقا مەجبۇر بولۇش !»
« بىز سوغۇققان بولۇشىمىز كېرەك . ماجۇڭيىڭنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن غەزەپلىنىپ شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىدەك خاھىشىمىز بىلەن قارار قىلساق ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ . پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالغىلى بولماس ! مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن چوغدەك يۈزىمىزنى ئورۇسلارنىڭ مۇزدەك كاسسىسىغا ياقمايمۇ ئىلاجىمىز يوق . بەزىدە مۇشۇنداق ئىككى دۈشمەن ئارىسىدا قالغاندا سەل ياخشىسى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇۋېلىشمۇ دانالىقنىڭ ئىپادىسى . چىڭگىزخان تارىختا قەۋمىدىن پەقەت بالاغەتكە يەتكەنلەرنى يىلدا بىر قېتىم قىرىپ تۇرىدىغان جۇرجىتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ، موڭغۇللارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىمەن دەيدىغان تاتارلارنى يوقاتتى . چىڭگىزخان بولۇپ ، ھەممە موڭغۇللارنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، بارلىق تارىخىي دۈشمەنلىرىدىن  قانداق ھېساپ ئالغانلىقى ھەممىگە مەلۇم . شەخسىي ئۆچمەنلىك ۋە تارىختىكى ئۆچمەنلىكنى تۇتقا قىلىپ ، خىتايدىنمۇ ئەشەددىي دۈشمەن تېپىۋالمايلى ! بىر كۆزىمىزنى قىسىپ مەيدانغا چىقىپ ، ئورۇس - خىتاي ئىتتىپاقىنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتەيلى! ھېچبولمىسا ، شۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىقىمىز تەل بولسۇن ! بىز ئاللىبۇرۇن ھايات قېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللايدىغان يەردىن ئۆتۈپ كەتتۇق . قۇرئاندىمۇ رۇخسەتنى كەڭرى بېرىپتۇ ! بىزگە تارايتىپ نېمە كەپتۇ !؟؟؟.
سايرام ئوغلانى
2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى    قۇتلۇق چارشەنبە

بۈگۈنكى يېڭى يىللىق ھېكمەت:
« بېلىق تۇتقاندەك ئەستايىدىل ۋە سەۋرچانلىق بىلەن قارار چىقىرىپ ، قۇش ئوۋلىغاندا تەپكىنى باسقاندەك تېز ۋە كەسكىن ئىجرا قىلىش كېرەك!» ئوۋچىلىق + بېلىقچىلىق دەستۇرى

ئۈمىد پەرقلەندۈرەر بىزنى شەيتاندىن، ئۈمىدسىز- شەيتان ئىمىش بىنەسىپ جاندىن.مەڭگۈلۈك زۇلمەتتە قالماس بۇ ۋەتەن، ئۈمىدنى ئۈزمىگىن سەن سۈبھى تاڭدىن . ئا . ئۆتكۈر . 2020 - يىلى 1 - يانۋار . ئۈمۈد بىز

ئەلۋىدا 2019 - يىل ! يوقاتقىنىمىزنىڭ چېكى يوق، ئەمما ئېرىشكەن كۈچ باندىتلارنى كۈل قىلغۇدەك زور ! بىزنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىق قايتۇرما زەربە بېرىشكە باندىتلار ئۆزى مەجبۇرلىدى . ئەمدى نۆۋەت بىزنىڭكى ، كۈرىشىمىز قۇتلۇق بولسۇن !
ھەققانىيەت مەيدانىمىز ، ئادالەت تارازىمىز ، ھۆرلۈك ۋە ئىنتىقام ۋاز كەچمەس نىشانىمىز بولسۇن ! ئاللاھ باندىتلارنى قولىمىزدا ھالاك قىلغاي!

ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى قۇتلۇق بولسۇن !

سايرام ئوغلانى

2020 - يىلى 1- ئاينىڭ 1 - كۈنى  چارشەنبە

مەھشەرگاھ