2021/01/20 00:57

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 5 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/15 12:15

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/15 12:15 2019/04/23 01:26 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ماۋزۇ تولۇق ئەمەس
تارىختىكى بۈگۈن « 5 - ئاپرىل »:

1757 - يىلى خان خوجا / كىچىك خوجا/ مەنچىڭ خانلىقىنىڭ تارىم ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن 3 - دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ئامىنداۋنى پۈتۈن قوشۇنى بىلەن قىرىپ تاشلاپ، ئۆزىنى باتۇرخان دەپ جاكارلىغان. ئايالى ئىپارخانغا خانىش مەنىسىدىكى « مەمۇرە ئەزىزەم» ئۇنۋانى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مانجۇ ئىستىلاسىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى خوجىلار دۆلىتى قۇرۇلغان. « چوڭ - كىچىك خوجىلار ئەسلىدە 1754 - يىلى ئامۇرسانا مانجۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كەلگەندە، جۇڭغار خانى داۋاچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلغان. بىراق مانجۇلارغا تۇتۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تارىمنى ئىشغال قىلىشتىكى قورالى بولۇشقا زورلانغان. 1757 - يىل بېشىدا ئامۇرسانا مانجۇلارنى يوقىتىپ، جۇڭغار خانلىقىنى تىرىلدۈردى. نەتىجىدە چوڭ - كىچىك خوجىلارمۇ دەرھال ئىلىدىن كۇچاغا ئۆتۈپ، جۇڭغار ۋە مانجۇلاردىن مۇستەقىل خانلىقىنى شۇ يىلى 5 - ئاپرىل قۇرۇپ چىقتى».

1765 - يىلى ئۇچتۇرپانغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان مانجۇ قوشۇنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن.

1799 - يىلى كېلبىر بىلەن مىسىر مەملۇكلىرىنىڭ كاتتىۋېشى مۇرادبەگ كېلىشىم تۈزگەن. « ئۇ 1798 - يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلغان ناپولىئوننىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ، ناپولىئون فرانسىيەگە قايتقاندا كېلبىر ئۇنىڭ ئورنىغا مىسىر ۋالىيسى بولغانىدى».

1816 - يىلى سۈرەت تارتىش ئاپپاراتى كەشپ قىلىنغان.

1911 - يىلى مىسىرلىق داڭلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد مۇتاۋەللى شائراۋى تۇغۇلغان.

1933 - يىلى يەكەندىن چارقىلىققىچە بولغان بىپايان زېمىندا « خوتەن ئىسلام ھاكىمىيىتى» قۇرۇلغان. مەزكۇر ھاكىمىيەتكە مۇھەممەدنىياز ئەلەم رەئىس، سابىت داموللام شەيخۇل ئىسلام، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەربىي قوماندان بولغان. پايتەخت خوتەن بولغان. بۇ ھاكىمىيەت ساق بىر يېرىم يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. 1934 - يىلى ئىيۇلدا ماخۇسەننىڭ گومىنداڭ 36 - دېۋىزىيە تۇڭگان قوشۇنى قولىدا مۇنقەرز بولدى. نەتىجىدە يەكەندىن چارقىلىققىچە بولغان ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تاكى 1937 - يىلى سېنتەبىرگە قەدەر تۇڭگانلار قولىدا قالدى».

1933 - يىلى خەلقئارا ئەدىلىيە مەھكىمىسى گېرىلاندىيە ئارىلىنى دانىيەگە كېسىپ بەرگەن.

1934 - يىلى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى سابىت داموللام تاپشۇرغان مۇراجىئەتنامىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغان. نەتىجىدە ئىككى كۈندىن كېيىن رەھبەرلەر بۆلۈنۈپ كەتكەن.

1938 - يىلى سەئۇدى پادىشاھى ئابلىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە پەلەستىنگە سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان يەھۇدىي ئاققۇنلارنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1955 - يىلى چېرچىل ئىستىپا بەرگەن. ئورنىغا ئانتونى باش ۋەزىر بولغان.

1964 - يىلى ياپونىيىنى بويسۇندۇغان ئامېرىكىلىق گېنىرال دوگلاس ماك ئارتېر ۋاپات بولغان.

1983 - يىلى فرانسىيە تەرەپ 47 سوۋېتلىقنى KGB جاسۇسى دەپ قاراپ، قوغلاپ چىقارغان.

1990 - يىلى بارىن ئىنقىلابى باشلانغان.

2002 - يىلى پەلەستىن كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئىسرائىلىيىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە بەش ئايال، ئالتە بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 54 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 1967 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ پاجىئەنى پەيدا قىلدى دەپ ئەيىپلىگەن.

2007 - يىلى ئىران تۇتۇپ قالغان 15 ئەنگلىيە ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەن.

2019 - يىلى 4 - 5 - ئاپرىل  جۈمە