2020/10/30 03:11

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


1414 - 1515 - يىللاردىكى سەلتەنەتتىن 1919 - 2019 - يىللاردىكى قىسمىتىمىزگە نەزەر

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/06 09:08

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

1414 - 1515 - يىللاردىكى مەركىزىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ۋەزىيىتىدىن ئەتىمىزگە نەزەر

سۇلتان يۇنۇسخان ، قارا قويچى سۇلتان ئۇزۇن ھەسەن ، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋە سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ھەققىدە ئورتاق تارىخلار :

سۇلتان يۇنۇسخان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، 1415 - يىلى تۇغۇلغان . 1428 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندا ، ئىنىسى ئېسەن بۇقا يۇنۇسخاننى قوغلاپ چىقىرىپ سۇلتان بولغان .

11 ياشلىق ئۇكىسى تەرىپىدىن قوغلانغان 13 ياشلىق يۇنۇسخان دادىسىنىڭ سادىق ئەمىر لەشكەرلىرىدىن ئىرازان بايرىن ۋە مىرەك تۈركمەنلەرنىڭ ھىمايىسىدە 30 مىڭ ئائىلە بىلەن سەمەرقەندكە يولغا چىققان . ئەمما ئەمىر تۆمۈر نەۋرىسى ياش مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۇلاردىن 30 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلارنى يۇنۇسخان بىلەن قوشۇپ غەنىمەت سۈپىتىدە ئاتىسى شاھرۇخ مىرزىغا ئەۋەتكەن.
ئەمىر تۆمۈر ئوغلى شاھرۇخ مىرزا ئوغلى مىرزا ئۇلۇغبەگنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخاننى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەللامىسى مەۋلانە شەرەپىدىن ئەلى ھۇزۇرىغا ئەۋەتكەن . يۇنۇسخان 1440 - يىلغىچە ساق 12 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىراققا بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئالدى . ئەمما مەركىزىي ئاسىيادا كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ، 1449 - يىلى ئۇلۇغبەگ ئۆز ئوغلى ئابدۇلېتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئۇمۇ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى . نەتىجىدە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى يەنە تەخت تالىشىپ ،
ماۋرائۇننەھر مالىمانچىلىققا پاتتى . ئېسەن بۇقا خانمۇ تۆمۈر ئەۋلادلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، غەرپكە كېڭەيدى . 1452 - يىلى سەمەرقەندنى قولغا ئالغان تۆمۈرزادە ئەبۇ سەئىد مىرزا تېزدىن ئىراقتىكى سۇلتان يۇنۇسخاننى چاقىرىپ كېلىپ،
1453 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن شەرقىي چاغاتاي ( موغۇلىستان ) سۇلتانى قىلدى .
نەتىجىدە ئېسەن بۇقاخان خانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى . 1454 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا تەپرىقىچىلىك چىقتى . قازاق سۇلتانلىرى زالىم ئوبۇلخەيرىخان بىلەن ئادا - جۇدا بولۇپ شەرققە قېچىپ كەلدى . ئېسەن بۇقاخان ئۇلارغا 1455 - يىلى يەتتە سۇنى كېسىپ بەردى . ئۇلار 1456 - يىلى تۇنجى قازاق خانلىقىنى بۇ يەردە قۇرۇپ چىققان . ئوبۇلخەيرىخان جازا يۈرۈشى قىلىپ يول ئۈستىدە قازا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېك ئۇلۇسى مالىمان بولغان . 1462 - يىلى ئېسەن بۇقاخان ۋاپات بولغان . يۇنۇسخان ۋارىسلىق قىلغان . 1465 - يىلى قازاقلار يۇنۇسخاننىڭ قوللىشىدا قوشۇن تارتىپ دەشتى قىپچاقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئالتۇن ئوردا ھاكىميىتىنى قولىغا ئالغان .

ئەبۇ سەئىدخانمۇ 1466 - يىلى ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلىپ ، قاراباغدا ئۇزۇن ھەسەن بىلەن تىركىشىپ تۇرۇپ قېلىپ ، يا چېكىنەلمەي يا ئىلگىرىلىيەلمەي قىيىن ئەھۋالدا قالغان . بىراق يۇنۇسخان بۇ قېتىم ياردەمگە كېلەلمىگەن . چۈنكى شۇ يىلى دۇغلات ئەمىرلىرىدىن ئەمىر خۇدايداتنىڭ ئەۋلادى مىرزا ئابابەكرى تارىم ۋادىسىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەكەن ، قەشقەر ، خوتەن ۋە ئاقسۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ سەئىدخان يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ يۇنۇسخاندىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلمىغان .

ئاقىۋەت ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىدخان 1469 - يىلى قاراباغدا ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) بېگى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ 5 - فېۋرال ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇ 1424 - يىلى تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد مىرزا ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى مىرانشاھنىڭ ئوغلى ئىدى . بۇسەيت سۇلتان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۇنۇسخان ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنى كۈيئوغۇل قىلىپ، ئۈچ قىزى خۇبنىگار خېنىم ، مېھرىنىگار خېنىم ۋە قۇتلۇقنىگار خېنىمنى ياتلىق قىلىپ ، ھەم تۇغلۇق تۆمۈرخان ھەم ئەمىر تۆمۈر تەرەپنىڭ ئورتاق سۇلتانىغا ئايلىنىپ ، شەرقتە ئالتايدىن غەرپتە كاۋكازغىچە ، شىمالدا بالقاشتىن جەنۇپتا ئىران ۋە ئافغانىستانغىچە سوزۇلغان بىپايان زېمىننىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان . كىچىك كۈيئوغلى ئۆمەر شەي مىرزا بىلەن قۇتلۇق نىگار خېنىمدىن بابۇر شاھ تۇغۇلغان . ئۇلار 1475 - يىلى نىكاھلانغان . ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخان سادىق ئۇلۇسبەگ كەبىر ئەمىر بولاجى ئەۋلادى ، ئەمىر خۇدايداتنىڭ نەۋرىسى سانىز مىرزا ئوغلى مىرزا ئابابەكرى قولىدا مەغلۇپ بولۇپ ، تارىم ۋادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان .

مىرزا ئابابەكرى تاكى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەدتىن تۇغۇلغان ئوغلى سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى ئۇنى ئاغدۇرغىچە ساق ئەللىك يىل تارىم ۋادىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن .

ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمانىلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھ ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقىي ئاناتولىيەنى قايتۇرۇۋالغان . ئۇ 1432 - يىلى سۇلتان مۇراد 2 نىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1453 - يىلى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ ، ئىسلامبۇلغا ئۆزگەرتكەن . 1476 - 1477 - يىللىرى شەرقتىكى قۇدرەتلىك رەقىبى ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، 1481 - يىلى مىسىرغا يۈرۈش قىلغاندا يول ئۈستىدە گەبزەدە ۋاپات بولغان . مىسىرنى ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىمخان 1517 - يىلى فېۋرالدا ئېلىپ ، 255 يىللىق مەملۇكىلار سەلتەنىتىنى يوقاتقان .

1481 - يىلى 6 - يانۋار ئوسمانلى سۇلتانى ۋاپات بولۇشتىن سەل ئىلگىرى ، ئالتۇن ئوردىدىن بۆلۈنۈپ چىققان تاتارلار ( خانلىقنىڭ شەرقى قازاقلارغا، غەربى تاتارلارغا تەۋە بولغان ) پايتەختنى ئېتىل ( ۋولگا) بويلىرىدىن قىرىمدىكى باغچەسارايغا يۆتكىگەن .

شۇنىڭ بىلەن ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىسمى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقىدا ، غەربىي قىسمى تاتارلار بىلەن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغان .

ئۇزۇن ھەسەن 1425 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ،
يۇنۇسخاندىن ئون ياش كىچىك ، مۇھەممەد فاتىھتىن يەتتە ياش چوڭ ئىدى . ئۇ ئاۋۋال ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) دۆلىتىنى يىقىتىپ ، قارا قويچىلار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان . تىزگىنىدە ئەزەربەيجان ، ئەرمەنىيە ، گرۇزىيە ، شەرقىي ئاناتولىيە ۋە ئىراق بىلەن ئىران قاتارلىق جايلار بولغان . ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوسمانىلار تەرىپىدىن ئۇدا مەغلۇپ قىلىنىپ ، 1478 - يىلى 6 - يانۋار
53 يېشىدا ۋاپات بولغان .

1487 - يىلى 8 - ئىيۇن شەرقىي چاغاتاي خاقانى سۇلتان يۇنۇسخان ۋاپات بولغان. « يۇنۇسخان سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىد مىرزا تەرىپىدىن 1453 - يىلى تۇنجى قېتىم تەختكە چىقىرىلغان . 1462  - يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۇۋاشراق چوڭ ئوغلى مەھمۇدخان تاشكەنتتە چوڭ پادىشاھ، يولۋاس سۈپەت كىچىك ئوغلى سۇلتان ئەھمەدخان تۇرپاندا نائىپخان بولغان».

تارىخشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىچە
« سۇلتان يۇنۇسخان 12 يىل داۋامىدا مەۋلانا يەزدىنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇپ، تەڭدىشى يوق ئالىم بولغان بولۇپ ، مىرزا ئۇلۇغ بەگدىن كېيىن سۇلتان يۇنۇسخاندەك ھەم ئىلىمدە ھەم سەلتەنەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم پادىشاھ ئۆتمىگەن ئىكەن » .

شاھرۇخبەگ 1377 - يىلى 20 - ئاۋغۇست سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان . 1447 - يىلى 13 - مارت ئىراندىكى رەي شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغ بەگ 1394 - يىلى 22 - مارت ئىراندىكى سۇلتانىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان . تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى ،مەشھۇر ئاستىرونومىيە ئالىمى،15-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر كىشى. ئۇ ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى،شاخرۇخ مىرزىنىڭ چوڭ ئوغلى.ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەر كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنى ئۇلۇغ بەگ دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي .ئۇنىڭ ئاپىسى گۆھەر شاد بىگىم .مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىچىكىدىن باشلاپ ئوردا ئىچىدىكى خاننىڭ قۇبۇلىغا ئىرىشكەن سارايمۈلۈك خانىمنىڭ تەربىيسىدە بولغان.3-4ياش ۋاقىتلىرىدا شەيخ ئورىف ئوزارىي ئۇنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. كىچىك ۋاقتىدىلا قۇرئاننى ياتقا ئېلىپ بولغان. مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندا ئىلىم ئۆگەنگەن. ئەمىر تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كىيىن شاخرۇخ مىرزا تەختكە چىقىپ تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسىنىڭ پايتەختىنى ھىراتقا يۆتكەپ ، 1410 - يىلى 16ياشلىق مىرزا ئۇلۇغ بەگنى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى قىلغان. 1411-يىلى پۈتكۈل ماۋارەئۇننەھىر ھۈكۈمدارى بولغان. كىچىكىدىن ئوردىدا ياخشى بولغان دىنىي ۋە مەدەنىيەت تەربىيسى ئالغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى،پارىس يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقىغا پىششىق بۇلۇپ شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن .كىينچە ئاستىرونومىيەگە يۈكسەك ئىشتىياق باغلىغان.مىرزا ئۇلۇغ بەگ سەمەرقەنتكە ھۈكۈمدارلىق قىلغان 30نەچچە يىلدا سەمەرقەنت يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ ئىقتىساد گۈللىنىپ ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۈزۈلمەي كىلىپ ،دۆلەت غەزىنىسى تۇلۇپ تېشىپ كەتكەن.ئىلىم مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنگەن.ئۇ 1420-يىلى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سەمەرقەنتتە ئۇلۇغ بەگ رەسەتخانىسىنى سالدۇرغان.ئەبۇ قاسىمنى رەسەتخانا باشلىقى قىلغان.غايەت چوڭ كىۋادرانتورنى ئورناتقۇزغان.30يىلغا يېقىن كۈزىتىش ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە 1000دىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى ئۆلچەپ چىقىلغان.نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە پىلانتىلارنىڭ ھەركىتىگە ئائىت ئۆلچەش ماتىرىياللىرىنى توپلىغان.مۇشۇ ماتىرىياللار ئاساسىدا 1446-يىلى "ئۇلۇغ بەگ يېڭى ئاستىرونومىيە جەدۋىلى"نى تۈزۈپ چىققان.بۇكىتاپتا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان جەدۋەل 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى بىرقەدەر توغرا بولغان ئاستىرونومىيە جەدۋىلىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.بۇكىتاپ قۇياش بىلەن پىلانتىلارنىڭ ھەركەت جەدۋىلى ۋە 1018 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورۇن جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىگەن.بۇ تولومىدىن كىيىنكى تۇنجى مۇستەقىل تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلى ھېساپلىنىدۇ. ھەمدە 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەڭ توغرا دەرىجىگە يەتكەن يۇلتۇز جەدۋىلىدۇر.مىرزا ئۇلۇغ بەگ يەنە ماتىماتىكا ۋە ئىلمىي نۇجۇم ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىللىرىگە ئەينى ۋاقىتتا بىرقىسىم كىشىلەر قوللىغان بولسىمۇ لىكىن يەنە بىر قسىم كىشىلەر بۇنى بىدئەتلىك دەپ قاراپ قارشى چىققان.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ سەۋەبلىك خانلىق ھۇقۇق تالىشىش كۈرىشىدە يېڭىلىپ زىندانغا تاشلانغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ1449-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغلى ئابدۇللېتىپ خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
تارىخشۇناسلار مىرزا ئۇلۇغ بەگنى "خانلىق تەختىدىكى ئالىم"دەپ ئاتايدۇ.ئۇ ئىسلام مەدەنىيەت مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان.سەمەرقەنتتە نۇرغۇن مەدرىسلەرنى ئاچقۇزغان. بۇ مەدرىسلەردە دىنىي ئىلىم ۋە تىل دەرسلىكى تەسىس قىلىشتىن باشقا يەنە ماتىماتىكا، ئاستىرونومىيە، ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلدۇرغان. نۇرغۇن مۇسۇلمان ئىلىم ئەھللىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان.سەمەرقەنتمۇ تەدرىجى ھالدا شۇ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ ئالىمنى ھۆرمەتلەپ 1830-يىلى گېرمانىيەلىك ئاستىرونومىيە ئالىمى يوھان مىدلى ئاي شارىدىكى بوران دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى بىرھالقىسىمان تاغنىڭ نامىنى مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. بۇ ئۇنىڭ نەتىجىللىرىنى دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر شاھ 1483 - يىلى 14 - فېۋرال ئەنجاندا تۇغۇلۇپ ، 1526 - يىلى موغۇل ئىمپىرىيىسنى قۇرۇپ ، 1530 - يىلى 26 - دېكابىر ئەگرەدە ۋاپات بولغان .

يۇنۇسخاننىڭ يەنە بىر نەۋرىسى سۇلتان سەئىدخاندۇر .

سۇلتان سەئىدخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1490- يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن. بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان. كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان. لېكىن، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىر يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان. 1508- يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. دەل شۇ پەيتتە، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان. نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرىسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، سەئىدخان مەغلۇب بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابۇلدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەلگەن. بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئېكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان. بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقىتىپ، قەشقەر، يەكەن، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان. دەرۋەقە، 1514- يىلى 6- ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن. بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان. لېكىن، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان. مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان. نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇپ، لاداقتا قەتلى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 1514- يىلى 8 -  ئاينىڭ  24 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختىگە چىققان.

سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. بىرىنچىدىن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىن بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەرخىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، جەمئىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىككىنچىدىن، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن. يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىگە ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان. ئۈچىنچىدىن، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق، 1516- يىلى 2- ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارىلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈلھى تۈزىگەن. نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تۆتىنچىدىن، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، 1519- يىلى ۋە 1530- يىلى بەدەخشانغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، بۇ رايوننىڭ يېرىمىنى يەكەن خانلىقى زېمىنغا قوشۇۋالغان. 1522- يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى قازاق ۋە قىرغىزلار رايونىغا قارىتا نەچچە رەت ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1532- يىلى 7- ئايدا 5 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تىبەت، لاداق، بالتىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە، يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈندىن - كۈنگە مۇستەھكەملىنىپ، خانلىقنىڭ زېمىنى شەرقتە جيايۈگۈەنگىچە، غەربتە پامىر، خىۋە ۋە ۋاخان رايونلىرىغىچە، شىمالدا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋە ئالتۇن تاغلىرىغىچە يەتكەن.
سەئىدخان يۇقىرىقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرىچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرىلىشىچە، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ، مۇئمىنچىلىك قىلىۋەتكەن. يۇقىرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان. ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئىستېدارلىق ھۆكۈمران بولۇپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن. ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. لېكىن، سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا، غەيرىي دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. كەشمىر، لاداق، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 1533- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى شەيدۇللا ( خۇدانىڭ شېھىتى دېگەن مەنىسىدە ) دا ۋاپات بولغان. جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.

ھەيران قالارلىقى ، مەيلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ، مەيلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ، مەيلى تارىختىكى ئۇيغۇر - قازاق قاغانلىرى بولسۇن، مەيلى تۈرك - تاتار ، ئاۋار - ھازار قاغانلىرى بولسۇن ، ھەتتا ئۇيغۇر نەسىللىك قاراخانىيلار جەمەتى بىلەن ھازار نەسىللىك سالجۇقىلار جەمەتى بولسۇن ، مەيلى قاراخانىلارنىڭ بۇلاپ كېتىلگەن بەگزادىلىرى غەزنەۋىلەر ۋە بۇلغار خانلىرى بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ يا ئالپ ئەرتۇڭا قاغان ، يا ئوغۇز قاغان ، يا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرغان قاراخاننىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا .

خۇلاسە قىلغاندا ، قارا قويچىلارنى ئوسمانىلار بىلەن سافاۋىلار يوقاتتى . ئۇ ئىككى تۈرك ئېلى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى ئۆزىلىرى يوقاتتى . 150 يىللىق ئوسمانلى - سافاۋى ئۇرۇشى چاررۇسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپانىڭ كۈچىيىپ ، تاتارلارنىڭ مۇنقەرز بولۇشى ، ئوسمانىلارنىڭ كېسەل كۆرپىسى بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى .

مەركىزىي ئاسىيادا تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ھەم ئۆز ئارا ھەم قالماقلار بىلەن ئۇدا سۇقۇشۇپ يۈرۈپ تەڭ ھالاك بولدى . ئۇلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار بىرلىكتە قالماقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتى.
ئەمما يېقىنقى 300 يىلدا يامرىغان جاھالەت ۋە تۇرغۇنلۇق قالماقلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆچۈپ كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ قويدى . ئاقىۋەت قالماققا تۇتۇلۇپ ، مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ تۇرغاندا مانجۇر ئالۋاستىلىرى كەلدى . شۇنداق قىلىپ خەلقىمىز قايتا بۇرۇنقى ئەسلىگە كېلەلمىدى . 1820 - 1830 - 1840 - 1850 - يىللىرى تەكرار قوپۇپ يۈرۈپ ، 1878 - يىلى يەنە چاررۇسىيە ، ئەنگلىيە تەرىپىدىن پۇتلاپ يىقىتىلدى . 1912 - يىلى يەنە قوپتى . ئەمما تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئالداپ كەتتى . 1933 - يىلى قايتا قوپقاندا يەنە پۇتلاپ يىقىتىلدى .
1944 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرۇۋېدى ، يەنىلا تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ، ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ، ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويدۇق . 70 يىللىق خىتاي ئىنساپىنى كۆرۈپمۇ يەنە ھوشىنى تاپمىغان
« تىرىك جەسەتلەر » نىڭ قايتا مىللەتنىڭ شىللىسىغا مىنىۋېلىشىگە يول قويماسلىق كېرەك !

سىياسەت ۋە خىيانەت :

« باندىتلار خىتايدا ئامېرىكىنى ھاقارەتلەش ، خەلقئارادا ئۇيغۇرنى قارىلاش ھەرىكىتىنى بارلىق يۇمشاق ساھەلەردە كۈچەيتتى . ئەمما بىز ئالجىپ قالغاندەك « ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ  قىلىش» ئورنىغا ، ئۆزىمىزنى ئاتالمىش ( خىتايچە دېموكراتىك) خىتايلارغا چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇپرىتىۋاتىمىز . ئۆز ئارا ئاشۇ ئالۋاستى باندىت خىتايلار بىلەن مۇرىتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىش ئۈچۈن بىھۇدە ئازار بېرىپ كېلىۋاتىمىز .  ئەڭ ياخشىسى بىز ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىمىز كېرەك ! ھازىر قارىسا ساپلا باشقىلاردىن شەكىلگە ياتىدىغان ۋەزىپە ۋە مەنسەپ تالىشىپ ، ئەسلىدىكى رېئال قىيىن ۋەزىپىمىزدىن قېچىش خاھىشى كۈچەيمەكتە .  باندىتلار قوزغىغان ھەرىكەتنىڭ بىز قايتۇرما زەربە بېرىشكە تېگىشلىك يېرى ھەرگىزمۇ خىتاي قېنى تومۇرىدا ئېقىۋاتقانلارغا ياخشىچاق بولۇش تەخسىكەشلىكى ئەمەس ، بەلكى باندىتلار خەلقئارادا قوزغىغان ئۇيغۇرنى قارىلاش ھەرىكىتىگە قارشى دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرنى ئاقلاپ، باندىتلارنىڭ دۇنياغا مەخپىي بارلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەت . ( خىتاي قوزغىغان ئۇيغۇرنى قارىلاش ھەرىكىتىگە قارشى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يالغۇز تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ .
2020 - يىلى باندىتلار ئالتە مىليارد دوللار ئاجرىتىپ 170 تەك دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قارىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى . شۇڭلاشقا بىر قېتىملىق قاتار چاينىڭ مېھرىدىن كېچىپ ، ئۆز يەرلىك تاراتقۇمىزنى قوللاپ تۇرايلى ! ) شۇنداقلا باندىتلارنىڭ ۋەتەندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى قانۇنلۇق قىلىشقا  ۋە ئاقلاشقا سەۋەپ بولىدىغان ھەر قانداق قالپاقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك !  ۋەتەندىكى خەلق مۇھاجىرەتتىكى كالۋالىقنىڭ بەدىلىنى يەنە تۆلەۋەرسە بولمايدۇ . بىزنىڭ ھەممىمىز بىرلىشىپ خىتايلارغا ياخشىچاق بولغىنىمىزدىن، مايك پومپيونىڭ بىر ئېغىز لىللا باياناتىنىڭ ۋەزنى ئېغىر توختايدۇ . قىيىن ئىشتىن قېچىپ ، ئاسان ئىشنى قوغلىشىپ، باندىتلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن غۇلاپ چۈشۈشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ قالساق ، پات ئارىدا كىيىم ئالماشتۇرغان يېڭى باندىتلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىمىز ! شۇنچە بەدەللەرنى تۆلىگەن ئىكەنمىز، ھېسابىنى سوراش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئالدىنقى سەپلەردە ئورۇن  ئېلىشىمىز كېرەك !

ئاتلىرىنى ھەر كۈنى سېرىق دەريادا ( خۇاڭخې ) سۇغۇرۇش نىشانى ، يېشىل دەريا بويىدا يىمىرىلمەس مۇداپىئە سېپى قۇرۇش نىشانى بولمىغان ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ قېنى تارىم دەرياسىدا سۇ ئورنىدا ئاقىدۇ . ( ئارزۇ قانچە بۈيۈك بولسا ، يېتىدىغان نىشانمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ . ئەمما كۆپىنچە ئادەم ئارزۇسىنىڭ تەڭ يېرىمىغا يېتەلەيدۇ . شۇڭا كەڭسۇغىچە قوغداش نىيىتىمىز بولسا، كۆزلىرىمىز ھەر ۋاقىت يېشىل دەرياغا 24 سائەت تىكىلىپ تۇرۇشى كېرەك!).

« قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلايلى ! باشقىلار قىلىدىغان ئاسان ئىشنى تالىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىيىن ئىشىنى تاشلاپ قويمايلى ! » . باندىتلارنىڭ يېقىندا قوزغىغان دۇنياۋىي قارىلاش ھەرىكىتىگە بىزمۇ ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتەيلى !
( شەخسلەر گۇۋاھلىق ، تەشكىلاتلار ھۆججەت ، سىياسەتچىلەر پاكىتلىك سېلىشتۇرما دەلىللەر بىلەن باندىتلارنى پاش قىلىشى كېرەك ! ) .

مىللىتىمىز ئىدىئولوگىيە كۈرىشى ( قەلەم جېڭى، ئاخبارات كۈرىشى ) دىن قوراللىق كۈرەشكە ئۆتۈشتىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرمەكتە . نۆۋەتتىكى قاتتىق قىيىن باسقۇچ ئەمەلىيەتتە داھىي بىلەن ئاسىينى  ، سادىق بىلەن ساتقۇننى ، ھەقىقىي دىيانەتچى بىلەن قۇۋ خىيانەتچىنى، ئادالەت بىلەن زالالەتنى ، مەرىپەت بىلەن جاھالەتنى ، قاسساپ بىلەن ئاشپەزنى ۋە دانا بىلەن ئاخماقنى ئاپتوماتىك ئايرىپ چىقىدىغان تېپىلغۇسىز ئالتۇن پۇرسەت . « ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرۇش بولسا سىياسەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ماھارەتتۇر ! » .

ھەقىقەت ۋە مىللىي مەنپەئەت قۇياشتەك روشەن تۇرسىمۇ ، يەنىلا خاتالىقىدا جاھىللارچە چىڭ تۇرغانلار « سىياسەتچى » ئەمەس ، بەلكى ئەسىر ئاتلىغان « خىيانەتچى » بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا « سىياسەت » ۋە « خىيانەت » ئارىسىدىكى نازۇك قىزىل سىزىقتىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك !

2019 - يىلى 8 - دېكابىر    سائەت 16 : 16

    ( جۇدۇنلۇق قارلىقتاغ ) ئالتايىسكىي

بۇرۇتلۇق خىتاينى ياخشى دېدۇق، نەتىجىدە چوتكا بۇرۇت يۈەن شىكەينىڭ چاكىرى بەكە بۇرۇت  ياڭ زېڭشىن 17 يىل قېنىمىزنى ئىچتى . شاپ بۇرۇت سۈن جۇڭشەننىڭ چاكىرى چاشقان بۇرۇت جىڭ شۇرېن ئۈچ يىلدىلا يىلىكىمىزنى قۇرۇتتى . ساقاللىق خىتاينى ياخشى دېدۇق ، ئاقىۋەت جاللاڭ شېڭ شىسەي ساقاللىق مانجۇرىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ئون يىل قىرغىنچىلىق قىلدى . مۇسۇلمان خىتاينى ( تۇڭگانمۇ شۇ ) ياخشى دېدۇق ، ئاخىرىدا ماتىتەي ، مادوتەي لى شۇفۇ قاتارلىق دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان مۇناپىقلار ۋە ماجۇڭيىڭدەك ئىسلام تونىغا ئورۇنۇۋالغان باندىتلارنىڭ قولىدا ياش دۆلىتىمىز ھالاك بولدى . قارا خىتاينى ياخشى دېدۇق . 1944 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە قان يىغلاتتى . قىزىل خىتاينى ياخشى دېدۇق، ساق 70 يىل قان قۇستۇردى. مانا ئەمدى ئاق  ( دېموكراتچى) خىتاي ياخشى دەيدىغان غاپىللار بىلجىرلاۋېتىپتۇ !
« قاغا بالام ئاپئاق ، كىرپە بالام يۇمشاق ! ئەمما ماۋۇ نومۇسسىز باندىتلار ئادەمغۇ ئەمەس، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر مەخلۇقلار ! » . لۇشۈن ئەپەندى راس ئېيتقان :« باندىتلارنى ئىلغار مىللەتلەر يەنە 200 يىل مۇستەملىكە قىلىپ ئادەم بولۇشنى ئۆگەتسە ئاندىن ئىنسانلىق ھالىتىگە قايتىپ كېلەلىشى مۇمكىن » .
ئەگەر دۇنيامۇ شۇنداق دەپ قارىسا ، ئۇنداقتا باندىتلارغا ئادەم بولۇشنى كىملەر ئۆگىتىشى مۇمكىن !؟؟؟

تارىخىي مەنبەلەر :

1 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى .
2 . ئوسمانلى سۇلتانلىرى شەجەرىسى .
3 . ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشى .
4 . تارىخىي رەشىدى .
5. تارىخىي ھەمىدى .
6. تەلفىقۇل ئەخبار .
7. شەرقىي چاغاتاي خانلىرى .
8. ئەمىر تۆمۈردىن كېيىنكى ماۋرائۇننەھر.
9. ئەزەربەيجان تارىخى .
10. ئاق قويۇنلار ۋە قارا قويۇنلار سۇلالىسى.
11. ئوتتۇرا ئاسىيا تېزىسلىرى.
12. بابۇرنامە .
13. تارىختىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز.

2020 - يىلى 6 - يانۋار.  جۇدۇنلۇق دۈشەنبە

سايرام ئوغلانى.      20:20            قاراغاندا