2020/10/30 03:37

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۆزۈڭنى كەمسىتمە ۋە بىھۇدە تالاشقا كىرمە ئەي سۆيۈملۈك خەلقىم !

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/07 14:23

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



ئۆزۈڭنى كەمسىتمە ئۇيغۇر خەلقى !!!!!

« ئۆزىنى كەمسىتكەننى دۇنيا كەمسىتىدۇ . ئۆزىنى ئىززەت قىلغاننى دۇنيا ھۆرمەت قىلىدۇ » .

« ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق » .( ھازىرغىچە خورلۇقتىن قۇتۇلالمىغىنىمىزنىڭ سىرى دەل شۇ ) .

1920 - يىلى ئەنگلىيەگە قاراشلىق مۇستەملىكە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ بايۋەتچىسى ماھاراجا ( پېتۋې سىڭجىنىڭ نەسلى ) لوندونغا بارغان . ئۇ بەك ئاددىي - ساددا ئەمما مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى ئىدى . شۇڭلاشقا ھىندىستانچە كىيىنىپ، ھەم ھېچقانداق قوغدىغۇچى ئالمايلا ئۆزىچە كوچا ئايلىنىپ ، داڭلىق ماشىنا شىركىتى لويىز رولس   ئاچقان يەرمەنكە ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ . ئۇ كىرىپلا ئەڭ قىممەت بىر ماشىنىنىڭ باھاسىنى سورايدۇ. ئەمما خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ، ھەم ھىندىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپلا ، بۇ يالاڭتۆش قايسى جۈرئەت بىلەن بى يەرگە كىردى دەپ غەزەپلىنىپ ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئاۋام ئالدىدا ھاقارەتلەپ ۋە رەسۋا قىلىپ، ئاندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ .

ماھاراجا قاتتىق غەزەپلىنىپ ، مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئۆچ ئېلىش پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ . ئالدى بىلەن ئۇ ھېلىقى شىركەتكە « ماھاراجا ئەڭ قىممەت ماشىنىلاردىن سېتىۋالماقچى » دەپ خەۋەر ئەۋەتىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان شىركەتنىڭ خوجايىنى ئۆزى بىۋاستە يەرمەنكە مەيدانىغا پايانداز سېلىپ ، ئۆزى بىۋاستە ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ . ماھاراجا بۇ قېتىم بارلىق خادىملىرى ۋە ماشىنا ئەترىتى بىلەن داغدۇغىلىق ھالدا يېتىپ كېلىدۇ . ئۇ بۇ يەردىكى ئەڭ قىممەت ماشىنىدىن ئالتىنى نەخ مەيداندا نەخ پۇلغا سېتىۋالغاننى ئاز دەپ ، يەنە ھىندىستانغا توشۇش كىراسىنىمۇ نەخ بېرىدۇ . شىركەت خادىملىرى بۇ ئەھۋالدىن ھاڭ - تاڭ قالىدۇ . 

ماھاراجا ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلايدۇ . ئۇ تېخى ھىندىستانغا كىرىپ باقمىغان بۇ داڭلىق ۋە نەپىس ماشىنىلارنى ئەخلەت توشۇش ۋە كوچىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى ئەخلەتخانىغا توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ . نەتىجىدە بۇ خەۋەر ھىدىستاندىن ھالقىپ ، پۈتۈن دۇنيا بايلىرىغا پۇر كېتىدۇ . گەرچە بەك دەڭلىق ۋە قىممەت بولسىمۇ ھېچكىم بۇ ئەخلەت تۇشۇشقا ئىشلىتىلگەن ماركىدىكى ماشىنىلارنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ . نەتىجىدە شىركەتنىڭ تاپاۋىتى تىك سىزىق بويىچە ئۇدا چۈشۈپ كېتىپ ، ۋەيران  بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالىدۇ . 

ئاخىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىغان شىركەت دەرھال ماھاراجاغا مەكتۇپ يوللاپ بۇرۇنقى قىلمىشىدىن قاتتىق ئەپۇ سورايدۇ . ماھاراجامۇ
« ئەدەپلەش يېتەرلىك بولدى » دەپ قاراپ كەچۈرىدۇ . شىركەت خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭغا   بۇرۇنقى ماشىنىدىنمۇ قىممەت بولغان ئالتە ماشىنىنى بىكارلىق ھەدىيە قىلىدۇ . ماھاراجا شۇندىلا ھېلىقى ماشىنىلارنى ئەخلەت توشۇشتىن توختىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن شىركەت ۋەيران بولۇشتىن قۇتۇلۇپ  قالىدۇ  . ماھاراجانىڭ داڭقى پۈتۈن ئەنگلىيە  مۇستەملىكىلىرى ۋە دۇنياغا پۇر كېتىدۇ .

دېمەك سەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كەمسىتسەڭ ، خەقلەر سېنى كۆزىگە  ئىلىپمۇ قويمايدۇ . سەن ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىسەڭ ، دۇنيا ساڭا قول قويىدۇ !

ئۇنۇتمىغىن ئۇيغۇر ، سېنى ھەرگىزمۇ سەندىن يۇقىرى خەلق كەمسىتمەيدۇ . بەلكى ، سەن ئۆزۈڭنى كەمسىتكەنلىك سەۋەبىدىن سېنىڭدىنمۇ پەس مىللەتلەرلا سېنى كەمسىتىدۇ .

ئەگەر بىر تۈرك سېنى كەمسىتكەن بولسا ، دېمەك سەن ئۆزۈڭنى كەمسىتىپ ئاكىسىراپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈنلا سېنى كەمسىتىشكە جۈرئەت قىلالىغان.
( خىتاينى مىسال قىلىش ھاجەتسىز بۇ تېمىدا).

بېشىڭنى تىك تۇت ، ئۆرپ - ئادىتىڭ ۋە قىممەت قارىشىڭغا سادىق بول ! دۇنيا ساڭا تازىم قىلىدۇ!

ئۇيغۇردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش نەدىن كەلدى !؟

ئالدى بىلەن دۈشمەنلەردىن كەلدى . ئاندىن كېيىن بىزنىڭ گەجگىمىزگە مىنىۋالغان جاھالەت پىرلىرىدىن كەلدى . 1616 - يىلدىن 1916 - يىلغىچە جاھالەت پىرلىرى چەتئەلدىن كەلگەن بولسا ، 1916 - يىلدىن 2016 - يىلغىچە ئۆز ئىچىمىزدە يېتىشىپ چىقتى . دۈشمەنلەر ئۆزى بىر قوللۇق يېتىشتۈرمىسىمۇ، خەلقىمىزگە پايدىسىدىن زىيىنى ئېغىر بولۇشىغا ئىشەنچ قىلغان بولسىلا ئۇلارغا چېقىلمىدى . ھەتتا چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە كۆز يۇمدى . چۈنكى 2017 - يىلدىن باشلاپ ئۈنۈمىنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بار ئىدى .

شۇڭلاشقا ھەر بىر ئۇيغۇر مەيلى دۈشمەن پەننىي مائارىپ ئارقىلىق زېھنىگە چوقۇر ئورنىتىۋەتكەن بارلىق ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشلىرىنى ، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى « خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن جازاسى » دەپ بىلجىرلاپ خۇداغا ئەڭ چوڭ تۆھمەت قىلغان جاھالەت پىرلىرىنىڭ زەھەرلىك تەلىماتلىرىنى كاللىدىن يۇيۇپ چىقىرىپ تاشلىشى كېرەك ! زىيالىلار ۋە ئۇنۋانلىق كىشىلەرمۇ بىزدىن چىقسۇن ، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن ! دىنىي موللاممۇ بىزدىن چىقسۇن ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىسۇن ! ئەمما داھىي خەختىن ، خەلق بىزدىن ، قوماندان خەختىن ئەسكەر بىزدىن ، موللا خەختىن ، ئىخلاسمەن بىزدىن ، ئىدىيە ۋە پىكىر چەتتىن ، ئىجرا قىلىش بىزدىن بولىدىغان ئەھۋالغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك !

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، قىممىتىنى ، قەدرىنى ۋە ھەقىقىي قىممەت قاراشلىرىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئەخلاقىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئېتىقادىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ، ئۇيغۇرلۇق مىللىي ئىپتىخارلىقىنى يوقاتقان كۈندىن باشلاپ ھالاكەتكە يول ئالغان بولىدۇ . يۇقىرىقى مەنىۋىي بايلىقلار بىلەن قوراللىنىپ ، مىللىي روھنى كۈچەيتمەي ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھىغا تويۇنماي تۇرۇپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ، جېنىمىزنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ .

13 ياسلىق رۇمەيسە قىز :« بىز مىللىي كىملىكىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تونۇتامدۇق ياكى دىنىي كىملىكىمىز بىلەنمۇ !؟ » دەپ سوئال قويغان بىر تېمىغا قارىسام ، ئىنتايىن بىچارە ئادەملەرنىڭ ئىنكاسى توشۇپ كېتىپتۇ .
بىراق يېڭىلىق يوق . يەنىلا ئىككى كىملىكنى بىر - بىرىگە قارمۇ - قارشى قويۇۋېلىش كېسىلى قايتا قوزغىلىپتۇ خالاس !

بىرلا ئېغىز گەپ ! بۇ تالاشقۇدەك ياكى ھەل قىلغىلى بولمىغۇدەك مەسىلە ئەمەس . بەلكى ، بۇندىن 55 يىل ئىلگىرى ھەل بولۇپ بولغان مەسىلە . مەرھۇم ئەلىخان تۆرە « تۈركىستان قايغۇسى » دېگەن كىتابىدا شۇنداق دەيدۇ :
« دۈشمەنلەر ( دىنسىز سوۋېت ) ئەگەر دىنىي كىملىك بىلەن مىللىي كىملىكنىڭ ئارىسىدىن بىرنى تاللىۋېلىش پۇرسىتى بەرسە ، ھودۇقماي مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش كېرەك . چۈنكى مىللىي كىملىك دىنىي كىملىكنى ۋە ئۇنىڭ روھىنى قېنىغا سىڭدۈرگەن بولىدۇ . قاچان مۇۋاپىق شارائىت تېپىلسا ، دىنىي كىملىك شۇ ھامان مىللىي كىملىكنىڭ سايىسىدە قايتا تىرىلىپ گۈللىنەلەيدۇ . ئەمما دىنىي كىملىكنى ساقلاپ قالىمەن دېسە دىن دۈشمەنلىرى يا شۇ مىللەتنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىدۇ ، ياكى ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردىمۇ مىللىي كىملىك يوقالسا ، ئاتا - بوۋىسى ۋە كېلىپ چىقىشى ئۇنتۇلىدۇ . نەتىجىدە ئۇنداق مۇستەقىل مىللەتلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويغان خەلقنىڭ دۆلىتىمۇ بولمايدۇ . تارىخى ئۇنتۇلىدۇ» دەپ نەسىھەت قىلغان . ئۆزبېك مىللىتى سىتالىن دەۋرىدە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، 1991 - يىلغا كەلگەندە مۆجىزىلەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ تېز ۋە ئومۇميۈزلۈك دىنىي ئويغىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى . بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشكەن ئىسلام كەرىموف 2005 - يىلى ئەنجاندا تالاي ئۇيغۇر نەسىللىك ئۆزبېكلەرنى قىرىۋەتكەن بولسا ، 2010 - يىلى ئوشتا ساپ قەشقەر قانلىق ئۆزبېكتىن يۈز مىڭدەكىنى قىرىۋەتتى .

سوۋېتلەرمۇ دىنسىز ياكى دىنىي ئېتىقادى سۇس ئۇيغۇر نەسىللىك ۋە قالماق نەسىللىق موڭغۇللارغا تۆت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەردى . قالماقىستان ، چۇۋاشىستان ، خاككاسىيە ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتى كەبى .

 3 - دۇنيا ئەللىرى ئاتىسى مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋمۇ بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن . ئۇ كېلەچەكتە دىندىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ ، ئورۇسلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى سەزگەن . شۇڭا موللا ئوغلى مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋ ئۈچ كېچە - كۈندۈز خۇداغا مۇناجات قىلغاندىن كېيىن ، قەتئىي قارارغا كېلىپ ، « مۇسۇلمان كوممۇنستلىرى» دېگەن نامدا تاتار ، قازاق ، ئۇيغۇر ۋە باشقا كاۋكاز ، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدىن زور بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ، ھازىرقى تاتارىستان ، قازاقىستان ۋە قالغان تۆت دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان تۇنجى مۇسۇلمان كوممۇنست رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىمۇ بىر دىنىي ئۆلىمانىڭ ئوغلى ئىدى . ئەپسۇس ، تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى قورقۇنچلۇق تارىخى ۋە يوشۇرۇن مەنىۋىي كۈچىدىن چۆچۈپ كەتكەن سىتالىن ئاخىرىغىچە قاتتىق قوللۇق بىلەن بۇ ئىككى مىللەتنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشىنى توسقان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر سىرنى سىلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچىمەن :
بۇندىن ساق بەش ئاي ئىلگىرى ئايروپىلاننى قاراملىق بىلەن قوناقلىققا قوندۇرۇپ ، يولۇچىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان« ئۇرال ھاۋا يوللىرى » كاپىتانى« تۆمۈر يوسوپۇف »
دۆلەت تەرىپىدىن « رۇسىيە قەھرىمانى » ئوردېنى بىلەن تارتۇقلانغان . تۆۋەندە ئۇ قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلماقتا .
28 مىليون ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان رۇسىيە فېدراتسىيە مۇسۇلمانلىرى ھەر قايسى ساھەلەردە، ھەتتا ھەربىي ساھەدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقتا .
بىر پىشقان ئاۋار جەمئىيەتشۇناسنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسلام دىنىغا ئالاھىدە كەڭ قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ھەر خىل باھانىلەر بىلەن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن . چۈنكى رۇسلار تاتارلارغا قاراتقان 500 يىللىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە خۇلاسىلەپ چىققان نەتىجە شۇ بوپتۇكى ، تاتارلىقىنى ساقلاپ قالغانلار بۈگۈنمۇ ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىكەن . ئەمما تاتارلىقىدىن مەھرۇم قالغان تاتارلاردىن نە مۇسۇلمانلىقتىن نە تاتارلىقتىن ئەسەر قالمىغان . ھازىرمۇ تېز سۈرئەتتە رۇسلىشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولغانلار ئاساسلىقى مىللىي كىملىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ، ھەتتا ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان تاتارلار ئىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق تاتارىستاندىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ ئازىيىپ كەتكەن .
بۇنداق بولغاندا تاتار ئالىملىرىنىڭ مۆلچىرى بويىچە 2050 - يىلغا بارغاندا تاتارلار پۈتۈنلەي رۇسلىشىپ كېتىدۇ .
باندىتلار دەل ئەكسىچە بىزنىڭ دىنىي كىملىكىمىزدىن بەكراق مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىشقا قاتتىق ئۇرۇنۇپ كەلدى . ئەمما بىزگە خۇددى دىنىي كىملىكىمىزنى ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنى يوقىتىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇ بەردى . بىز ئالداندۇق . چۈنكى مىللىتىمىز ھەم مىللىي كىملىكىگە ھەم دىنىي ئېتىقادىغا سادىق بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن باندىتلار تىنچ يوقىتىش پىلانىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق كۈچ بىلەن بىزنى يوقىتىۋەتمەكچى بولدى . ئۇنداقتا باندىتلار نېمە ئۈچۈن پۇتىندەك دىنىي ئەركىنلىك بېرىپ ، مىللىي مائارىپنى چەكلەش يولىنى تۇتمىدى !؟ چۈنكى تاتارلار ھازىرمۇ يېرىم رۇسلىشىپ بولدى . مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھى ئاجىزلاپ كەتسە ، دىنىي كىملىكى ساقلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ
ئىسلام دىنىدا رۇسنى ( ئەھلى كىتاپ)نىكاھلاپ ئېلىش چەكلەنمىگەچكە ، مۇشۇ يول ئارقىلىقلا سىڭىشىپ تۈگەيدۇ . ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنداق قىلمايدۇ . چۈنكى بىز تاتارلار ئورۇسنى چوڭ بىلگەندەك خىتاينى چوڭ بىلمەيمىز . ئەكسىچە ئۇنىڭدىن سەسكىنىمىز ، شۇڭا خىتاي بىزگە دىنىي ئەركىنلىك بەرسىمۇ يەنىلا مىللىي كىملىكىمىز بىللە كۈچىيىپ ماڭىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇسۇلمانلىق مىڭ يىل بۇرۇنلا يۇغۇرۇلۇپ ، بىرىكىپ ، تۈركىي خەقلەر ئارىسىدا ئالاھىدە بىر خىل مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى بىز ياراتقان .
ئۇنىڭدىن سىرت ئەلىخان تۆرىنىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنلار ، شۇنداقلا ئورۇسلارنىڭ بارلىق مەغلۇپ بولغان تەجرىبىلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى بىزدىن بالدۇر ، بىزدىن پۇختا ، بىزدىن چوڭقۇر خەۋەر تېپىپ ، چۈشىنىپ ، خۇلاسىلەپ بولغان خىتايلار ئەلۋەتتە بىزگە پايدىلىق ھېچقانداق سىياسەتنى يولغا قويمايتتى . ئۇنداقتا ھەم قىرغىن قىلىپ ، ھەم ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ ، ھەم بالىلارنى خىتايلاشتۇرۇپ يۈرۈپ نېمىگە ئېرىشمەكچى !؟ نېمىشقا دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ۋە ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى بۇنچىۋالا ئېغىر تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ!؟.  بۇ سوئالنىڭ جاۋابىدىمۇ بىر سىر ياتىدۇ ، ئۇنىمۇ دەۋېتەي :

« خەلقىمىزنى تۈپتىن يوقىتىشتىكى ئەسلى ھەقىقىي مەقسەت » : ( ئېنگىلىزلارنىڭ « ئاي » گېزىتىگە بېسىلغان ماقالىدىن ئۈزۈندە : ):

مەيلى خىتايلار بولسۇن ، مەيلى ھىندىلار بولسۇن ، ياكى ئورۇسلار بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان جۇغراپىيىسىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار قەۋملەرنىڭ نەسلى بولغان ئۇيغۇرلار ( قازاقلار )، كەشمىرلىكلەر ۋە كاۋكازلىقلارنى كېلەچەكتىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي كۈچلۈك ۋە ئەشەددىي رىقابەتچى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . چۈنكى
« ھېچكىم ئۆلۈككە دەررە ئۇرمايدۇ !».

دوكتۇر ياسىر زائاترا يازغان « يېڭى ئەسىردىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى .... بەلگىلىرى ۋە سەۋەپلىرى » ناملىق ماقالە.

قېرىنداشلار ، سىلەر يا بىلىسىلەر يا بىلمەيسىلەر ،
خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ناچارلىقىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمەننىڭ بىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى بىزدىن بالدۇر بايقىۋالغانلىقى ئۈچۈن . مەن مۇشۇ دىئاگنوزنى بىرەر نوپۇزلۇق ئەرباپتىن چىقىپ قالسىكەن دەپ ساقلاۋاتقىلى خېلى بولغان . بۈگۈن ئاكادېمىك شەكىلدە ئېتىراپ قىلىندى . ئەمدى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىش تەييارلىقىنى باشلايلى ! باندىتلار بىزنى ھالا تېررورلۇق بىلەن ئەيىپلەۋاتىدۇ . شۇڭا ھەم تېررورلۇقتىن ئادا- جۇدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ، خەلقئارا تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچى شەخسلەر دەپ قارالغان بارچە تەشكىلات، شەخس ۋە بەلگىلەردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ھەقىقىي تېررورچىلارنىڭ دەل پەس باندىتلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك! قولغا قانۇنلۇق قورال چىقىدىغانغا پەقەت مۇشۇ باسقۇچلا قېپقالدى .

شۇڭا تارىختا ھەل بولۇپ بولغان ، مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋ بىلەن ئابدۇللا روزىباقى 1920 - يىلىلا ھەل قىلىپ بولغان . ئەلىخان تۆرىمۇ
1966 - 1969 - يىللىرى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان « ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكنىڭ دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن بەكرەك ئۇنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش قارارى » نى بىزنىڭ يەنە قايتا تالىشىپ ، بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمىز ھاجەتسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇھاجىرەتتە تېخى بۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلگىنىمىز يوق . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ تېخى ئۇنىڭ بىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتىمۇ يوق . پەقەت دۇنياغا زادى قايسى كىملىكىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمىز دەيدىغان سوئاللا بۇ تېتىقسىز تالاشقا سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ . ئۇنداقتا مەن سىلەرگە 100% توغرا ۋە لىللاھ جاۋاپ بېرەي :

1. « ئۇيغۇر تۈركلىرى » تۈركىيەدە تۈرك كىملىكىنى داۋاملىق بازارغا سېلىپ بارلىق ( دىنسىز ۋە دىنلىق )تۈركلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار .
2 . ئەرەبچە تەپەككۇر قىلىدىغان ، ئەرەب ئەللىرىدە دىن ئوقۇغان ، ئەرەبكە ھەۋەس قىلىدىغان ، جۈملىدىن بارلىق دىنىي زات ، موللا - ئۆلىما ، تالىپلار ئىسلام دۇنياسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن دىنىي كىملىكنى تەكىتلەپ تۇرۇپ قوللاشنى تەلەپ قىلسۇن !
3 . ياۋروپا ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى تەكىتلىمەي، نوقۇل مىللىي كىملىكنىلا كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! ياپوندىكىلەر ئۇ ياۋا ھونلارغا بىزنىڭ ئەسلى ھونلىقىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! موڭغۇللارغا ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسۇن !
مانا شۇنداق بولغاندا ھەم بىھۇدە تالاش چىقمايدۇ ، ھەم باندىتلار ۋاقىتتىن ئۇتۇۋالالمايدۇ . ئەمما قەستەن بۇ ئىككى كىملىكنى زورلاپ قارمۇ - قارشى قىلىپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ جېدەلگە سالىدىغان  قانداق بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا ، مەيلى ئۇ يۇقىرى دىپلوملۇق زىيالى بولسۇن ، ياكى يوغان سەللىلىك موللام بولسۇن ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا  پەقەت ئۈچلا  باھا بېرىشكە بولىدۇ .
يا « جاھالەت » يا « خىيانەت »
يا « تارىخىي جىنايەت » . بۇنىڭ باشقا ئىزاھى يوق ! جاھالەتتىن بولسا ئۇنىڭ جەبرائىلى بىز ! خىيانەتتىن بولسا ئۇنىڭ ئەزرائىلى بىز ! تارىخىي جىنايەتكە يەتسە ئۇنىڭ سىتالىنى بىز !

ئېسىت ، ھەر قېتىملىق سۇيقەستلەرنىڭ تېگىگە يەتكەندە ئاللىبۇرۇن كېچىكىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز . چۈنكى بىزنىڭ تېخىچە باندىتلارنىڭ يامان نىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ ئومۇميۈزلۈك قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن يۇقىرىدا پۇتىننىڭ كەلگۈسى يۈز يىلدا تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئارزۇسى خىتايلار تەرىپىدىن 10 يىلغا قالمايلا ئەمەلىلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ .

ئۇنداقتا بىزنى ئورۇسلارلا ساتتىمۇ ياكى سېتىشقا مەجبۇرلىدۇقمۇ !؟ ( تارىخ مانا ):

1944 - يىلى 5 - فېۋرالدىن 14 - نويابىرغىچە سىتالىن ۋە مولوتوف باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋولگا دەرياسى بويىدىكى يەرلىك گېرمانلار ، قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى،ھەمدە شىمالىي كاۋكازدىكى چېچېن ، ئاۋار ، قۇمۇق ، قالماق، بالقار ، قارا چاي ، چېركەس ، ئادېگا ، ۋە بىر قىسىم ئەزەرى قاتارلىق خەلقلەرنى ئانا يۇرتىدىن يىراق سىبىرىيە ۋە قازاق دالىسى ، ھەتتا ساخالىنغا قەدەر سۈرگۈن قىلىپ ، يۇقىرىقى مۇنبەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىرىم ، ئۇرال ۋە كاۋكازلارغا كۆپلەپ رۇس ۋە ئۇكرائىنالىق ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ، مەزكۇر جايلارنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى . سۈرگۈن قىلىنغانلار ئىنتايىن ناچار شارائىت ۋە قەھرىتان سوغۇقتا ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن يۈك پويىزلىرىدا توشۇلۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى ياشانغان كىشىلەر ۋە بالىلار ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇلار سىبىرىيەدە قاتتىق ۋە ھەقسىز ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا سىتالىن ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر ئەۋەتىپ ، مانجۇرىيە( 1932 - 1945)نى ئاغدۇرۇپ، مانجۇرىيەنى تاكى 1946 - يىل ئاخىرىغىچە ئىشغال قىلىپ تۇرغان . ئۇ يەردە ئەسىرگە چۈشكەن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ 600 مىڭ ئەسكىرىنى سىتالىن زورلاپ سىبىرىيەگە ئېلىپ كەتكەن . نەتىجىدە يۇقىرىقى بىچارە خەلقلەر سوۋېت ئەسكەرلىرى يىراق شەرقتىن قايتىپ كەتكىچە ئاشلىقتىن قاتتىق قىسىلغان . 600 مىڭ ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىمۇ قاتتىق ئەمگەككە سېلىنغاندىن كېيىن، « ئاشلىق يېتىشمىدى » دېگەن باھانە بىلەن قىرىۋېتىلگەن. ياپون ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن ياپونلارنىڭ ئۆلۈك جەسەتلىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن . رۇسلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن « سوپۇن » ياساپ ئىشلەتكەن . پەقەت ئاز ساندىكى كونا جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ، بىر كېمە جەسەت كۈلىنى ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . ياپونلار بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانا ياسىتىپ ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ كەلگەن . مانا يۇقىرىقى 1944 - 1945 - 1946 - يىللىرى قاتتىققول ۋە رەھىمسىز سىتالىن كاۋكازىيە، قىرىم - ئۇرال ۋە سىبىرىيەدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي ، يەنە 1945 - يىلى 14 - ئاۋغۇست دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، شۇ كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنە ساق بىر ئاي پۇرسەت بېرىپ، ئارمىيىمىزنىڭ 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ئىلىدىن باشقا ئالتاي ۋە تارباغاتاي قاتارلىق بىپايان زېمىنلارنى ئازات قىلىپ، ئۈرۈمچىگە 120 كىلومېتىر ( ئىككى سائەتلىك يول ) كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغىچە قىستاپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان . كېيىنچە ئامېرىكا ۋە گومىنداڭنىڭ بېسىمى بىلەن گەرچە شىمالىي سەپتە ئارمىيەنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغان بولسىمۇ ، ئەمما تاشقورغاندا قايتا يېڭى ئىنقىلاپ قوزغاپ ، 1 - سېنتەبىردىن تاكى 1946 - يىلى يانۋارغىچە قەشقەر شەھىرىدىن باشقا پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنى ئازات قىلىپ ، خوتەننى ئازات قىلىشقا كۈچى يەتكىدەك ھالەتتە كەلگىچە قوللاپ تۇرغان . ئەمما سوۋېت تەرەپ خۇددى 1933 - يىلدىكىدەك ئۆزى كۈتكەن پوزىتسىيەگە ئېرىشىپ بولالماي ، يەنە بىر قېتىم بىزدىن ۋاز كەچكەن . گەرچە 1946 - يىلى باشلانغان « سوغۇق ئۇرۇش » سەۋەبىدىن 1947 - 1948 - يىللىرى قايتا تارىخىي پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رەھبەرلىرىمىز ئۆز ئىچىدە ئىدىيە ئۇرۇشى قىلىپ ، خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان .

1989 - يىلى 14 - نويابىر ( يەنى چوڭ كاۋكاز سۈرگۈنى بولغان 45 يىللىق خاتىرە كۈنى ) سوۋېت كومپارتىيىسى « 1944 - يىلدىكى مەجبۇرىي سۈرگۈن ۋە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى » نىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئىلگىرىكى بارلىق تەڭسىز ۋە ھەقسىز سىياسەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق سۈرگۈنلەرنى ئانا ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن . ئۆزلىكىدىن قايتىپ كېلىش 1954 - يىلى باشلانغان ئىدى . بىراق ئۇلار قايتىپ كەلگەندە ۋەتىنىدە ئاللىبۇرۇن كۆپىيىپ كەتكەن رۇسلار ئالدىدا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالغان . 1991 - يىلى 26 - ئاپرىل سوۋېت ھۆكۈمىتى يەنە مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم ياردەم قىلغان . ئەمما بۇ قانۇن تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپلا ، سوۋېت ئىتتىپاقى 26 - دېكابىر بىردىنلا پارچىلىنىپ،« ئورغاق - بولقا قىزىل بايراق » كرېملىن سارايدىن غايىپ بولۇپ ، رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقى ئېسىلغان .

ھەم ئاكىسىراشقا ھەم ئۆزىمىزنى قەتئىي كەمسىتىشىمىزگە بولمايدۇ :

ياتلارغا چوقۇنۇش ئاتالغۇسى ئەدەبىي  تىلىمىزدا «  ئاكىسىراش » دەپ ئاتىلىدۇ .
مىللىي ئېتىقادىمىزنى ۋە تارىخ ئېتىقادىنى مۇكەممەل ۋە ئومۇميۈزلۈك ئۆزىمىزگە تەتبىقلىغاندىلا ئاندىن بۇ خاھىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ . ئەمما خىتاي باندىتلىرى يەتمىگەندەك قايتىدىن كۈچىگە كېلىۋاتقان ئورۇسلارنى دۈشمەن كۆرۈش 150 يىللىق پاجىئەنى يەنە چىللاپ كېلىدۇ خالاس . شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا زىيانكەشلىك قىلغان دۈشمەننى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىپ قويۇش كېرەك . باندىتلار چېغىدا 50 يىللىق ئۇرۇش پىلانىدا ئەڭ ئاخىردا ئورۇسلار بىلەن تۇتۇشماقچىيۇ ، بىز بۇ ھالىمىزدا مۇمكىنمۇ !؟ ئەلۋەتتە ك گ ب دىن يىراق تۇرۇش كېرەك . ئەمما ھېچبولمىغاندا كېلەچەكتىكى چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ قويماسلىق كېرەك ! ئورۇسلار ئاجىزلاشسا ئېنىقلا ئۇيغۇر ، قازاق ۋەتاتارلار ئۇنىڭ زېمىنلىرى بەدىلىگە كۈچىيىپ كېتىدۇ . تۈركىيە بەك بولغاندا شۇ قىرىمنى ۋە كاۋكازنىڭ بىز قىسمىغىلا ۋارىسلىق قىلالىشى مۇمكىن . بۇنى ياخشى بىلىدىغان ئورۇسلار ئەلۋەتتە شۇنداق ئېھتىماللىققا قارشى بىزنى قوللىمايدۇ . ئەمما ئۇنتۇپ قالمايلى، خىتاي دۆلەت ئاتىسى غەرپتىن ياردەم كۈتۈپ ئولتۇرغاندا ، بىردىنلا سوۋېتتىن زور ياردەم كېلىپ ، يۈەن شىكەي ۋەيران قىلغان ھاكىمىيىتىنى قايتا تىرىلدۈرۈۋالدى . ماۋ خىتايمۇ « نامدا كوممۇنىزىم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ، ئورۇسنىڭ كېمىسىگە چىقىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى » . ئورۇسلار بىز بىلەن بىۋاستە چېگرىداش . 150 يىللىق تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، ئورۇسلارنى دۈشمەن دەپ قارىساق ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۇيغۇر دۈشمىنى( ھەتتا خىتايدىنمۇ خەتەرلىك دۈشمەن)، ئەگەر ئۇنى پەم بىلەن دوست قىلىۋالالىساق ( ھېچبولمىدى دېگەندىمۇ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ۋاستە تاللىماي ئېتىراپ قىلدۇرالىساق ) قۇتۇلغىنىمىز شۇ . ئەمما ئورۇسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش سالاھىيىتى نىسبەتەن تولۇق بىرى كەم بىزدە . ھەمكارلىق چوقۇم ئەڭ چوڭ يەر بىلەن بولمىسا ، كىچىك ئورۇنلار ئويۇنچۇق قىلىپ ئوينايدۇ.
ئورۇسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقاندا چوقۇم ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئاجىزلىقى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىسا ، ھەر ۋاقىت يۈزسىزلىك قىلىشىدىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ . شۇڭا مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، ئورۇسلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك !

خۇلاسە قىلغاندا ، ئورۇسلار دۈشمەن تۇتسا ، دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن ، دوست تۇتسا ، دۇنيادىكى ئەڭ سادىق دوست بولالايدىغان خەق . بالقاندىكى سېربلارنى قانداق قوللىغان بولسا ، كاۋكازدىكى قادىروفنىمۇ قوللاشقا مەجبۇر بولغان ئورۇسلار بىزنىمۇ شۇنداق خالىمىسىمۇ ئامالسىز قوللاپ قېلىش ئېھتىمالى زور ( خىتاي بىلەن ئارىسى بۇزۇلغان ھامان ئەڭ چوڭ كوزىرى يەنىلا بىز ئورۇسلارنىڭ).
ئورۇسلارنىڭ تاتارلار ، كاۋكازلار ۋە قۇمۇقلارغا ھازىرغىچە مۇستەقىللىق بەرمەستىن ، قالماقىيە ، خاككاسىيە ، تۇۋا ، چۇۋاشىيە ۋە ياقۇتىيەدىن ئىبارەت 5 موڭغۇل ( تۈرك ) دۆلىتى قۇرۇپ بەرگىنىگە كەلسەك ، تارىخقا مۇراجىئەت قىلىپ باققانلار سەۋەبىنى ئوبدان بىلەلەيدۇ . سىتالىننى قاتتىق ئەندىشىگە سالغىنىمۇ شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلار بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ ئۇلىنىڭ پۇختىلىقى ، تارىخىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىدىن بولغان . شۇڭا ئۇيغۇرلار خۇددى 1991 - يىلى خىرىستىئان پاپاسى بىلەن يەھۇدى ھاخامنىڭ بىر ھۆججەتكە قول قويۇشى بىلەن « خىرىستىئانلار ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىساسىنى ئالمايدىغان ، يەھۇدىلارمۇ خىرىستىئانلاردىن ئۆچ ئالمايدىغان بولۇپ كېلىشكەندەك» بىزمۇ  « ئورۇسلاردىن ئىنتىقام ئالمايدىغان ، ئورۇسلارمۇ خاتالىقىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مۇستەقىللىقىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ھۆججەت » تۈزۈشكە تەييارلىق قىلىش كېرەك !
يۇقىرىقى ئىشلار ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە پىشقان ئۇنۋېرسال بىر سىياسىيونغا ئېھتىياجىمىز كۈچلۈك ! شۇنداق تولۇق ھوقۇقلۇق بىرىلا بۇنداق ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالايدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا تارىختا ھەل بولۇپ بولغان ، مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋ بىلەن ئابدۇللا روزىباقى 1920 - يىلىلا ھەل قىلىپ بولغان . ئەلىخان تۆرىمۇ 80 يىللىق تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ،
1966 - 1969 - يىللىرى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان « ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكنىڭ دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن بەكرەك ئۇنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش قارارى » نى بىزنىڭ يەنە قايتا تالىشىپ ، بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمىز ھاجەتسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇھاجىرەتتە تېخى بۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلگىنىمىز يوق . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ تېخى ئۇنىڭ بىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتىمۇ يوق . پەقەت دۇنياغا زادى قايسى كىملىكىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمىز دەيدىغان سوئاللا بۇ تېتىقسىز تالاشقا سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ . ئۇنداقتا مەن سىلەرگە 100% توغرا ۋە لىللاھ جاۋاپ بېرەي :

1. « ئۇيغۇر تۈركلىرى » تۈركىيەدە تۈرك كىملىكىنى داۋاملىق بازارغا سېلىپ بارلىق ( دىنسىز ۋە دىنلىق )تۈركلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار .
2 . ئەرەبچە تەپەككۇر قىلىدىغان ، ئەرەب ئەللىرىدە دىن ئوقۇغان ، ئەرەبكە ھەۋەس قىلىدىغان ، جۈملىدىن بارلىق دىنىي زات ، موللا - ئۆلىما ، تالىپلار ئىسلام دۇنياسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن دىنىي كىملىكنى تەكىتلەپ تۇرۇپ قوللاشنى تەلەپ قىلسۇن !
3 . ياۋروپا ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى تەكىتلىمەي، نوقۇل مىللىي كىملىكنىلا كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! ياپوندىكىلەر ئۇ ياۋا ھونلارغا بىزنىڭ ئەسلى ھونلىقىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! موڭغۇللارغا ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسۇن !
مانا شۇنداق بولغاندا ھەم بىھۇدە تالاش چىقمايدۇ ، ھەم باندىتلار ۋاقىتتىن ئۇتۇۋالالمايدۇ . ئەمما قەستەن بۇ ئىككى كىملىكنى زورلاپ قارمۇ - قارشى قىلىپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ جېدەلگە سالىدىغان  قانداق بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا ، مەيلى ئۇ يۇقىرى دىپلوملۇق زىيالى بولسۇن ، ياكى يوغان سەللىلىك موللام بولسۇن ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا  پەقەت ئۈچلا  باھا بېرىشكە بولىدۇ .
يا « جاھالەت » يا « خىيانەت »
يا « تارىخىي جىنايەت » . بۇنىڭ باشقا ئىزاھى يوق ! جاھالەتتىن بولسا ئۇنىڭ جەبرائىلى بىز ! خىيانەتتىن بولسا ئۇنىڭ ئەزرائىلى بىز ! تارىخىي جىنايەتكە يەتسە ئۇنىڭ سىتالىنى بىز !

ئېسىت ، ھەر قېتىملىق سۇيقەستلەرنىڭ تېگىگە يەتكەندە ئاللىبۇرۇن كېچىكىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز . چۈنكى بىزنىڭ تېخىچە باندىتلارنىڭ يامان نىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ ئومۇميۈزلۈك قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن يۇقىرىدا پۇتىننىڭ كەلگۈسى يۈز يىلدا تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئارزۇسى خىتايلار تەرىپىدىن 10 يىلغا قالمايلا ئەمەلىلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ .

سۈرەتتە : « سەن ئۆزۈڭ ئېڭىشىپ بەرمىسەڭ ھېچكىم گەجگەڭگە مىنەلمەيدۇ » .
مارتېن لۇتېر كىڭ  .

سايرام ئوغلانى.

2020 - يىلى 7 - يانۋار.   سەيشەنبە