2020/10/30 04:01

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئالپ ئەرتۇڭا قاغان ۋە چەۋرىسى تۇمارس مەلىكە روھىنى تىرىلدۈرەيلى !

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/11 04:44

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تۇنجى سەلتەنەتلىك تۇران ھۆكۈمدارى ۋە دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ تۇمارس

تۇمارس ۋە كەيخۇسراۋ ھەققىدە چۈشەنچە :

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەجدادى ھەققىدە :

ئالپ : يىگىت ، جەسۇر ، قەھرىمان مەنىسىدە.
ئۇرۇشتا ئەڭ باتۇر يىگىتلەر ( ئالپ ) دېيىلىدۇ.
تۇڭا : پىلنى يەڭگۈچى كۈچتۈڭگۈر شىر . پارسچە ئىسمى ئافراسىياپ ، يۇقىرىقى مەنىلەر شۇ .
تۇمارس ( تومېرىس ) : پولات - تۆمۈردەك قاتتىق ۋە سۇنماس . پارسچە ( باتۇر ) مەنىسىدە .   ( دىۋاندىن ) .

بۈيۈك قاغان ئالپ ئەرتۇڭاخان :

مەرھۇم ئەجدادىمىز ۋە قاغانىمىز ، ئىستىداتلىق تۇران - ئىران ، چىن ۋە بابىلنىڭ ھۆكۈمرانى مەرھۇم ئالپ ئەرتۇڭا قاغان ، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 690 - يىللىرى تۇغۇلغان . 653 - يىلى ئىراننى تۇران بىلەن بىرلەشتۈرگەن . 652 - يىلى تۇران قاغانى بولغان . ئىران ۋە غەربىي ئاسىياغا 28 يىل ھۆكۈمران بولغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 625 - يىلى نەۋرىسى ، يەنى قىزى قاز خاتۇن بىلەن ئىران شاھزادىسى سىياۋۇشتىن تۇغۇلغان شالغۇت نەۋرىسى كەيخۇسراۋ 1 تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ قازا قىلغان . بۇ دەھشەتلىك سۇيقەست بۈگۈنكى كۈنىمىزدىن ساق 2644 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن .  بۇ جەرياندا خاراكتېرى مۇشۇ ۋەقەگە ئوخشاپ كېتىدىغان تالاي ۋەقەلەر تەكرارلىنىپ كەلدى. ئەمما بىز تارىخىمىزنى بىلمىگەچكە، ئىبرەت ئالالماي 21 - ئەسىرگە ئاران كىرگەن كىرگەن ۋاقىتتا مىللەت سۈپىتىدە قەستلىنىش پىلانى باشلىنىپ كەتتى .
« ئۆتمۈشى غۇۋا بولغانلارنىڭ نۇرانە كەلگۈسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . يەنى ، ئۆتمۈشى غۇۋا بولغان جايلاردا نۇرانە كېلەچەك بولمايدۇ ».

« كۆك بۆرە ئۆز تارىخىنى ئۆزى يازمىغۇچە ، قىزىل ئەجدەرھانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ».

« كۆك بۆرە بىلەن قىزىل ئەجدەرھا مەڭگۈ بىللە ياشىيالمايدۇ . بىرى ئەركىن ۋە ئازادە مۇھىتتا ياشىسا، يەنە بىرى تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۆزىنى باغلاپ ياشايدۇ».   كۆك ئەرۋاھ تەمىنلىگەن  .
2019 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر   ھاقارەتلىك سەيشەنبە .    سايرام ئوغلانى .

ئىران شاھى كەيخۇسراۋ 2 :

ئاخمانىلار جەمەتىدىن كېلىپ چىققان ئىران ھۆكۈمدارى كەيخۇسراۋ 2 ئەسلىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 584 - يىلى ئۆلگەن ئىران ھۆكۈمدارى كەيخۇسراۋ 1 نىڭ قىز تەرەپ ئەۋرىسى ئىدى .
( مىلادىدىن بۇرۇنقى 624 - يىلى ھىلىگەر ئىران شاھى كەيخۇسراۋ 1 ( 642 - 584 ) بوۋىسى تۇران قاغانى ئالپ ئەرتۇڭا خاقان ( ئەپراسىياپ
م . ب 690 - م . ب 624 ) نى زىياپەتكە چاقىرىپ ، دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن قوشۇپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ( بۇ شالغۇت شاھ سىياۋۇش بىلەن قاز خاتۇندىن تۇغۇلغانىدى ).
( كەيخۇسراۋ 1 ئانا تەرەپ بوۋىسى ئالپ ئەرتۇڭانى مىلادىدىن بۇرۇنقى 624 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر زىياپەتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.  ئۇنىڭ ئوغلى ئاستئاگ قىزىنى ئاخمانىلار بېگى كامبىز 1 گە ياتلىق قىلغان . ئۇلاردىن مۇشۇ كەيخۇسراۋ 2 تۇغۇلغان ) . ئۇ 559 - يىلى بوۋىسى ئاستئاگقا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 550 - يىلى ئۇنى ئاغدۇرۇپ ، ئاخمانىلار سۇلالىسىنى قۇرغان . ئۇ نەچچە يىل قاتتىق ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ ، تۇرانغا ئاتلانغان.

كەيخۇسراۋ ۋە تۇمارس ئارىسىدىكى جەڭلەر:

مىلادىدىن بۇرۇنقى546-يىلى تۇران زېمىنىغا بېسىپ كىرگەن ئىران پادىشاھى كەيخىسراۋ2 تۇران لەشكەرلىرىنىڭ شىددەتلىك زەربە بېرىشى بىلەن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىدۇ. تۇران لەشكەرلىرى جەڭدە غەلىبە قىلىپ تاجاۋۇزچىلارنى تۇران زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئېغىر يارىلانغان باش قوماندانى تەرتىۋارۇنى كۆتۈرۈپ قايتىدۇ. تەرتىۋارۇنىڭ يارىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئۆز قارارگاھىدا جان ئۈزىدۇ.
كەيخۇسراۋ 2 بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن تۇرانغا قايتا تاجاۋۇز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 539 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر ئاخمانىلار شاھى كەيخىسراۋ 2 بابىلنى ئىشغال قىلىپ ، 50 يىلدىن بېرى قۇللۇقتا تۇرۇۋاتقان يەھۇدى خەلقىنى ئانا ۋەتىنىگە يولغا سېلىپ قويغان. ( مەزكۇر يەھۇدىلار پەيغەمبىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، 587 - يىلى بابىلون شاھى بوختۇناسسار ( نابۇقۇن ئاشۇر) تەرىپىدىن پەلەستىندىن بابىلغا ئەكىتىلگەن. 2017 - يىلى ئىسرائىلىيە بۇ كىشى بىلەن دوللار ترامپنى تارىخىي خاراكتېرلىق تەڭگىگە بېسىپ چىقاردى . بىزمۇ دوست بىلەن دۈشمەننى مۇشۇنداق ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك). 559 - يىلدىن بېرى « پېرسىيە شاھى »، 549 - يىلدىن بېرى « مىدىيە شاھى » ، 547 - يىلدىن بېرى 
« لىدىيە شاھى » دەپ شۆھرەت تاپقان بۇ ئاچكۆز ئىران شاھى 546 - يىلى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ ، تۇراندىن قوغلانغاندىن كېيىن نەچچە قېتىم قايتا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپمۇ قورال كۈچى بىلەن تۇراننى بويسۇندۇرالمىغان.
يىللارچە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ تۇران زىمىنىگە ئېرىشەلمىگەن كەيخىسراۋ ئاخىرى ھېلە-مىكىر يولىغا كىرىدۇ، تەرتىۋارۇنىڭ ئايالى تۇمارىسقا ئۆيلۈنۈش تەلىپى قويۇپ، سوۋغا سالاملار بىلەن ئەلچى ئەۋەتىدۇ.كەيخىسراۋنىڭ بۇ ھىلىسىگە قاتتىق غەزەپلەنگەن تۇمارىس ئۇنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ ۋە جەڭگە تەييارلىق قىلىدۇ. بىراق ھېلىگەر كەيخىسراۋ  گۈزەل قىزلار ۋە ھاراق-شاراب توزىقى قۇرۇپ تۇمارىسنىڭ بىردىنبىر ئوغلى سىپارگاپىرىس سەركەردىلىرى بىلەن يەپ ، ئىچىشىپ كۆڭۈل ئېچىشىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئەسىرگە ئېلىۋالىدۇ، بۇ ئارقىلىق تۇمارىسقا بېسىم ئىشلىتىپ مەقسەتكە يەتمەكچى بولىدۇ.
تۇمارس ئەلچىلەر ئارقىلىق كەيخىسراۋغا:‹‹ئەي ھىيلىگەر ئالدامچى،قانخور،زالىم پادىشاھ كەيخىسراۋ...قىلغان ئىشلىرىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي.سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى جەڭ بىلەن يەڭگىنىڭ يوق،ئۇ سىنى يېڭىپ غەلىبىنى تەبرىكلەپ بەزمە قىلىۋاتقاندا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلدىڭ. ئەمدى مىنىڭ مەسلىھەتىمگە كىر،ئۆز ماكانىڭغا زىيان-زەخمەتسىز كېتەي دېسەڭ ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەر!چۈنكى مەن قان تۈكۈشنى خالىمايمەن! ئەگەر ئۇنىمىساڭ ماسساگىت،ساكلارنىڭ تەڭرىسى كۈنتەڭرى نامى بىلەن قەسەمكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغۇرىمەن!!!›› دەيدۇ. كەيخىسراۋ ،- تۇمارىس خانىش قىلىشىمغا قوشۇلمىسا، تۇران زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، خەلقىنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن،- دەپ كۆرەڭلەيدۇ. كەيخىسراۋنىڭ لەشكىرىي كۈچى سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىدى.تۇمارىس ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان ،مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكىگە ، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىغا قەست قىلغان بۇ تاجاۋۇزچى قانخورغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىدۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر ئىران ئاخمانىلار ( م . ب 550 - م . ب 330 ) ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كەيخۇسراۋ 2 ( 559 - 529 ) زور ھەربىي كۈچ بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ تۇراننى قانغا بويىغاندىن كېيىن ، نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى سىر دەريا بويىغا يېتىپ كېلىدۇ . تۇمارس مەلىكە ئۇنىڭغا يا تۇرانلىقلار قارشى قىرغاققا ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىش ، يا ئىرانلىقلار سىر دەريادىن ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىش ، قارشى تەرەپ ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىققىچە چېكىنىش تەكلىپىنى بېرىدۇ . مەغرۇر كەيخۇسراۋ دەريادىن ئۆتۈشنى ئۆزى تاللايدۇ . دېكابىرنىڭ دەسلەپكى كۈنى دەھشەتلىك ئۇرۇش باشلىنىدۇ . 4 - دېكابىر دېكابىردا تۇمارس خاتۇن قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ . 
تۇرانلىقلار باتۇرلارچە ئۇرۇشۇپ،شۇنچە كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ . مەلىكە تۇمارس كەيخىسراۋنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، قانغا تولدۇرۇلغان تۇلۇمغا پاتۇرۇپ قەھرى بىلەن:‹‹باشقىلارنىڭ ئەل يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!››دەيدۇ. 

تاسادىپىيلىقمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ   !؟؟

1878 - يىلى 15 - مارت رىزاخان پەھلىۋى مازانداراندا تۇغۇلغان . كېيىنچە ھەربىيلىك مەنسىپى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ ، 1923 - يىلى 28 - ئۆكتەبىردىن 1925 - يىلى 1 - نويابىرغىچە قاچار خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان . ئاندىن شۇ يىلى 12 - دېكابىر ئەھمەد شاھ قاچارنى ئاغدۇرۇپ ، 15 - دېكابىردىن 1941 - يىلى 16 - سېنتەبىر چېرچىل بىلەن سىتالىن قولىدا ئاغدۇرۇلغىچە ئىراندا سەلتەنەت سۈرگەن .
ئىككى جاھانگىر 25 - ئاۋغۇست تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ، ئۇنى ئاغدۇرغانىدى . شۇ قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشتە تۇتقۇن قىلىنىپ جەنۇبىي ئافرىقىغا سۈرگۈن قىلىنغان ، 1926 - يىلى 24 - ئاپرىل تاج كىيگەن بۇ سەلتەنەتلىك شاھ يىراق ئافرىقىدا 1944 - يىلى 26 - ئىيۇل 66 يېشىدا قازا قىلدى . ئۇنىڭ ئوغلىمۇ 61 يېشىدا يىراق قاھىرەدە 1980 - يىلى 27 - ئىيۇل قازا قىلدى . شۇڭا ئەمەل - مەنسەپ ۋە قۇرۇق نام - شۆھرەت قوغلىشىۋاتقان نادان ئۇيغۇرلار بۇ ئاتا - بالىدىن ئىبرەت ئالسۇن !

1919 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر ئىران شاھى مۇھەممەد رىزاخان پەھلىۋى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى 1925 - يىلى پېرسىيەنى تۈركلەردىن تارتىۋېلىپ، نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن.1967 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر شاھىنشاھ بولغان.

1980 - يىلى 27 - ئىيۇل: ئاخىرقى ئىران شاھى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى مىسىردا قازا قىلغان. ئۇ 1919 - 26 - ئۆكتەبىر تۇغۇلۇپ، 1941 - 16 - سېنتەبىر شاھ بولۇپ، 1967 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر شاھىنشاھ بولغان . 1979 - 16 - يانۋار قاچقان. ئاخىرقى بىر يىل خارلىقتا ياشاپ تەنھالىق دەردىدە دەرت يۇتۇپ ئۆلگەن . شۇنداق قىلىپ تېھراندا تۇغۇلغان پادىشاھ قاھىرەدە ئۆلۈپ ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

1925 - يىلى 25 - ماي رىزا پاشا تاج كىيىپ، قاچارلارنى ئاغدۇرۇپ، پەھلىۋى خانلىقىنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 921 - يىلى قاراخانىلار خۇراساننى تىنجىتقاندىن بېرى، ساق مىڭ يىل بىزنىڭ بولغان ئىران قولدىن كەتتى ***. قاراخانىلار بىلەن سامانىلارنىڭ يېقىنچىلىقى كۈچىيىشى بىلەن ئەسلىدىكى سامانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈرك ( ئۇيغۇر ) لارنىڭ ئىناۋىتى ۋە مەنسىپى تېخىمۇ ئۆسۈپ سانى كۆپەيدى . تىنجىماس خۇراسان ۋە ئىراننى شاھ ئىسمائىل 905 - يىلدىن باشلاپلا تۈركلەرنىڭ ھەربىي كۈچى ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ كەلگەنىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ تۈركلەر ئىراننىڭ يېقىنقى مىڭ يىلدىكى ھۆكۈمرانلىرىغا ئايلىنىپ قالدى.
962 - يىلى ئوغۇزلار قاراخانىلارغا بەيئەت قىلغاندا ئالپتېكىن خۇراساننى باشقۇردى. 977 - يىلى قاراخانىلارنىڭ ئۆگەي بالىسى سۇبۇق تېكىن ئىراننى باشقۇردى. ئوغلى مەھمۇد غەزنەۋى كېيىنچە پۈتۈن ئىراننى سورىدى.
1028 - يىلى يۈسۈپ قادىرخان قويۇپ بەرگەن ئاكا - ئۇكا سالجۇقلار 1040- يىلى ئىراننى ئالغاندىن كېيىن، تاكى 1194 -يىلغىچە ئەۋلادلىرى ئىدارە قىلدى. 1212 -يىلى قاراخانىلارنىڭ مەلىكىسى تۈركان خاتۇندىن تۇغۇلغان خارەزمشاھ سۇلتان مۇھەممەد ئىراننى ئالدى. 1236 - يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سەرخىل  قوشۇنى ئۆگەدەيخان قوشۇنىغا يول باشلاپ ، ئىراننى ئالدى. 
ئىلخانىلار مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن ، ھازىرقى تۈركىيەنى ئۇيغۇر سۇلتان ئالائىددىن ئەراتنا ئالدى . ئىراننى ئەمىر تۆمۈر قولىغا ئالدى . تۆمۈرىلەردىن شايبانىخان ئالدى. ئۇنىڭدىن تۈرك شاھ ئىسمائىل ئالدى.ئۇنىڭدىن ئافشارلار ئالدى. ئۇنىڭدىن قاچارلار ئالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە بىزنىڭ تۇرانلىق بىر جەمەت قېرىنداشلار ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ پارس ئاداش ئەنگىلىيىنىڭ ياردىمىدە قاچارلارنى ئاغدۇرۇپ ، ئىراندىكى ئاخىرقى مىڭ يىللىق سەلتەنىتىمىزگە تۈپتىن خاتىمە بەردى .

1971 - يىلى ئۆكتەبىردە رىزاخان پەھلىۋى ئاخمانىلار خانلىقىنىڭ 2500 يىلللىقى ۋە كەيخۇسراۋنى خاتىرىلەپ، پۈتۈن دۇنيا شاھلىرىنى چىللىغان. ئەمما مېنىڭ ئىنچىكە ھېساپلاپ بايقىشىمچە، بۇ دەل تۇمارس مەلىكىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەن يىلى ئىكەن . ئۇنىڭ سەلتەنىتىمۇ شۇ ئۆلگەن يىلى ئەڭ يۈكسەك ۋە يۇقىرى پەللىگە يەتكەچكە ، ھەم پۈتۈن سانغا توغرا كەلگەچكە ئەقىللىق ئىران شاھى شۇ يىلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تاللىغان .
1971 - يىلى 12 - ئۆكتەبىردىن 17 - ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋام قىلغان بۇ ھەشەمەتلىك دۇنياۋى مۇراسىمغا 500 مىليون دوللار خەجلەنگەن . ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئەجداتلىرىدىن پەخىرلىنىشنى، ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىشنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئەمەلىي ئىپادىلىشى كېرەك !

1971 - يىلى ئۆكتەبىر رىزاخان ئاخمانىلار شاھى كەيخۇسراۋ2 نىڭ تۇنجى پارس ئىمپىرىيىسىنى قۇرغانلىقىنىڭ 2500 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىگەن. بىز ئۇيغۇر خەلقى 2021 - يىلى  نويابىردا تۇمارس مەلىكىنىڭ ئۇنى تەندىن ۋە جاندىن جۇدا قىلغانلىقىنىڭ 2550 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىشىمىز كېرەك .

2538 يىل ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خانىم - قىزلىرىمىز .
1 - سۈرەتتە : مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 - يىلى 4 - دېكابىر  ئالپ ئەرتۇڭا ( ئافراسىياپ) نىڭ چەۋرىسى، تۇران مەلىكىسى تۇمارس خاتۇن سىر دەرياسى ۋادىسىدا، تۇرانغا تاجاۋۇز قىلىپ، دەريا - دەريا قانلارنى تۆكۈپ، ناھەق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ئىران ئاخمانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كەيخۇسرەۋ / م. ب 559 - م .ب 529/  نى ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالغان. ئاندىن قانغا تويماس ھۆكۈمدار كەيخۇسرەۋنىڭ كاللىسىنى لىق قان بىلەن تولدۇرۇلغان تۇلۇمغا سېلىپ، قانغا تويغۇزغان.

2 - سۈرەتتە : مىلادى 2009 - يىلى 6 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئۇيغۇر قىزى، چىش - تىرنىقىغىچە تولۇق قوراللانغان تاجاۋۇزچى باندىتلارغا 2538 يىل بۇرۇنقى تۇمارس خاتۇن روھىنى ئەسلەتمەكتە!
« تارىخ تەكرارلىنىدۇ. بۇ كەمگىچە قاباھەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزلا تولا تەكرارلىنىپ كەلدى. ئەمدى سەلتەنەتلىك ۋە جاسارەتلىك تارىخىمىزمۇ  تەكرارلانغۇسى. بىز قانچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، شۇنچە تېز روياپقا چىققۇسى .
2019 - يىلى 15 - ئىيۇل  دۈشەنبە .

2548 يىلدىن كېيىنكى ئاياللار كىرىزىسى ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپى :

بۇنىڭدىن توپتوغرا 2548 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ئىبرەتلىك ۋەقە ھەر ۋاقىت بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرماقتا . خانىم - قىزلىرىمىز ھاكىمىيەت تۇتقاندا، ئەركەكلەر بېشىدا كۆتۈرۈپ ھۆرمەت قىلغاندا  ئەنە شۇنداق ئارسلان كەبى ئەركەكلەر كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى. ئارىدىن 2250 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى مىلادى 1619 - يىلدىن كېيىن خەلقىمىز 300 يىللىق « ئەسھابۇلكەھپى ئۇيقۇسى » غا غەرق بولدى. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىن سۈپۈرۈلۈپ كەلگەن ئەخلەتلەر ۋە كاززاپلار ۋەتىنىمىزدە ئىززەت تېپىپ، ئەڭ ھالقىلىق يۈز يىلدا بىزنى كۆزىمىزنى ئوڭشىيالماس قىلىپ قويدى. كېيىنكى يۈز يىلدا قانچە قىلساقمۇ، جاھالەت ۋە ئاسارەتتىن تولۇق قۇتۇلالمىدۇق . ئاخىرقى يۈز يىلدا ھەتتا دۈشمەن ھېچ كۈچىمەيلا، ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئۆز سەركىلىرىمىزنى يوقىتىپ كەلدى .
ئائىلىدىن باشلانغان جىددىي ۋە كەسكىن بىر ئىسلاھات ئېلىپ بارمىساق، تارىختىكى رېئال ئۈلگىلىك شەخسلەر بولغان تۇمارس خاتۇن،  تۈركان خاتۇن، ئىپارخان ، يەتتە قىزلىرىم ۋە نۇزۇگۇملار بارغانسىرى ئەپسانىۋى شەخسلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تومۇرىمىزدىكى قان ئاشۇلارنىڭ قېنى شۇ بولغانىكەن، بىز قايتىدىن شۇنداق جەسۇر قىزلار ۋە قەھرىمان ئانىلارنى قايتىدىن يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك . ھازىرقى ئەۋلادلار مۇكەممەل ئەمەس. بىز بىر ئەۋلاد يۇقىرى ساپالىق ئاياللار، ئىختىساسلىق قىزلارنى يېتىشتۈرمەي تۇرۇپ، ھازىرقى ئېغىر دەرىجىدە ھەر قايسى جەھەتلەردە قاتتىق روھىيىتى زەخمىلەنگەن ئىللەتلىك بىر ئەۋلاد بىلەن كېلەچەكتىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالمايمىز! 

فىلىم ھەققىدە توغرا چۈشەنچە :

قازاقىستان 15 مىڭ نامزات ئىچىدىن تىپىك ئۇيغۇر ۋە ساك چىراي ئالمىرە تۇرسۇننى تاللاپ چىقىپ ، 2017 - يىلى دېكابىردا ئىشلەشكە باشلىغان « تۇمارس » فىلىمى 2019 - يىلى يازدا پۈتۈپ ، يىل ئاخىرىغىچە قازاقىستاندا قويۇلۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى . 2020 - يىلى 10 - ئاپرىل جۈمە تۈركىيەدە قويۇلماقچى .

كىچىككىنە شۈبھىلەرگە سىلىق رەددىيە :

خۇددى چىڭغىز ئايتماتوف ئېيتقاندەك :   
« ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بىر قىسىم ئالىملار ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ كىملىكى ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى ۋاپات بولغان جايلارغا باغلىنىپ، بۈگۈن شۇ جاي كىمنىڭ قولىدا بولسا، ئۇ ئادەممۇ شۇنىڭ بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن » . بۈيۈك 16 ئىمپىرىيە بايرىقىنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە كەلتۈرگەن ئىدى . بىزنىڭ ھالىمىز خاراپ بولغاچقا، 2015 - يىلى يانۋاردا بۇنى ئەردوغان ئاق سارىيىغا ئېسىپ ھەيۋىسىنى ئاشۇردى . ئالپ ئەرتۇڭاغا ئۆزبېكىستان ئىگە بولۇپ، يېڭى تېز پويىزىنى
« ئافراسىياپ » دەپ ئاتاپ، ئەمدى فىلىم ئىشلەشكە ھازىرلىنىۋاتىدۇ . قازاقىستانمۇ بوش كەلمەي تۇمارس خاتۇننى ئىشلىدى.
بۇلار بۇندىن 2550 يىل ئىلگىرى ياشىغانلار بولۇپ، ساك دېگەن نام بىلەن تونۇلماقتا . ھازىرغىچە قازاق دالىسىدا كۆپلىگەن ساك ئاسار - ئەتىقىلىرى بايقالدى. داڭلىق ساكيامۇنىمۇ دەل شۇ ساكلارنىڭ شاھزادىسى ئىدى . ئۇ بۇددا دىنىنى ياراتتى . كۇماراجىۋا 800 يىلدىن كېيىن ۋەتىنىمىزدە ئومۇملاشتۇردى . قەشقەر ۋە خوتەندە ئەڭ ئاخىرقى ساكلار ساقلىنىپ قالغان . شۇڭا خوتەنلىكلەرنى دىۋاندا قوش تىللىق ئىدى دەپ سۈپەتلەيدۇ.
ساكلار شەرقتە تەڭرىتاغلىرىدىن غەرپكە قاراپ پامىردىن ئايلىنىپ قارا قۇرۇم تاغلىرىغىچە ھىلال ئاي شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان . يەنى قۇمۇل، بەشبالىق، يۇلتۇز يايلاقلىرى، كۈنەس، كۇچار، ئاتۇش تاغلىرى، قەشقەر تاغلىرى ۋە خوتەن تاغلىرى بۇ دائىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ . قەشقەر بالدۇر شەھەرلەشكەن ۋە مىللەتلەر قوشۇلىدىغان جاي بولغاچقا ، تېزرەك ساكلارنى ئاق ھونلارغا سىڭدۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن . يەر ناملىرى راسلا تارىخنىڭ يەر يۈزىدىكى تامغىسى . « كۇچاردىكى ساقساق، ئاتۇشتىكى بەيساق ، خوتەندىكى ساپساق ، قەشقەردىكى سامساق ، توققۇزساق ۋە ئوغۇز ساق بىلەن قەدىمىي يەكەننىڭ ساكارائۇل دەپ ئاتىلىشى . خۇلاسە كالام بىز شۇ دەل شۇ ساقلارنىڭ گېرمانىيەدەك بەش ھەسسە چوڭ ۋەتەننى قورالسىز ساقلاپ قالغان ئەڭ جەڭگىۋار قالدۇقلىرى !».
قاراخانىلار بىۋاستە ئالپ ئەرتۇڭادىن كېلىپ چىققان . مەھمۇد كاشغەرىدىن قۇتلۇق شەۋقىگىچە مىڭ يىللىق نەسەپنامە ساقلىنىپ قالغان . بۇلارنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ قېنىدا ئوخشاشلا ساك قېنى ئاقماقتا . قازاقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىن قان - قېرىندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنداقلا ھازىرقى سىر دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە تالاس بويلىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغاچقا ، بىزدىن قالسىلا شۇ جايلاردا ياشاپ ئۆتكەن يىراق قەدىمقى زامان شەخسلەرگە ئىگە چىقىشقا ئەڭ ھەقلىق . چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز خاراپ . ھازىر شەخسلەرغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، ھەتتا پولۇ بىلەن ئەتلەسمۇ ئۆزبېك بىلەن تاجىكنىڭ بوپكەتتى .  ئەگەر دۇنيا مۇشۇنداق تار مىللەتچىلىك بىلەن داۋام قىلىپ  قالسا، بىزمۇ بۇ تالاشلىق رىقابەتتىن قاچالمايمىز . ئەمما تۇققانلار بىرلىشىشكە باشلىسا ، ئۇ چاغدا ئۇنى تالاشقاننىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ . ھەر ھالدا قازاقلارنىڭ جىم تۇرۇپ باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويغىنىدىن ۋاختىدا ئىگە چىققىنى ياخشى بوپتۇ . نېمىلا دېگەن قازاقلار قازانغان ھەر بىر ئۇتۇق تېگىدىن ۋە ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ ئۇتۇقى ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نادان -  تەنتەكلىرى مەيلى ئېتىراپ قىلسۇن ، قىلمىسۇن بەرىبىر  شۇنداق بولىدۇ !

خاتىمە : ئالپ ئەرتۇڭا ۋە تۇمارس روھىنى تىرىلدۈرۈش كېرەك :

يۈز يىللىق ئاكىسىراش يەتمىدىمۇ !؟ يەنە كىمنى ئاكا تۇتىمەن دەپ مىللەتنى قايتا پالەچ قىلىپ قۇربان قىلماقچى !؟
( كۆك ئەرۋاھ )

1934 - يىلى 27 - دېكابىر رىزاخان پەھلىۋى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پېرسىيە نامىنى « ئىران » غا ئۆزگەرتكەن. ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان .  تۆت كۈندىن كېيىن 1935  ـ يىلى  1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن « تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى« ئاتا تۈرك»نامى بېرىلگەن . مۇستاپا كامال پاشا 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا تۈركىيەنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان تۆھپىكار بولسا، رىزاخان پەھلىۋى تۈركلەرنىڭ ئىراندىكى ئاز بولغاندا مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆزىنى ئىراننىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان پارس مىللىتىنى ۋە ئارىئان نامىنى تىرىلدۈرۈپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر پارس سەلتەنىتىنى تىكلەپ چىققان ئىران پارس قەھرىمانى ئىدى .
دېمەك پارسلار بىلەن تۈركلەر 1935 - يىلىلا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.

ئەمما ئەزىزانە قەشقەردە خەلقىمىز 1924 -يىلى 300 يىللىق جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقان داھىيسىنى قوغداپ قالالمىغان . نەتىجىدە جاھالەت قايتىدىن شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنكى ، 1931 - يىلى قەشقەرگە كەلگەن مۇسا جارۇللاھ « ئىسلام بۇ يەرگە كەينىچە كىرىپتۇ !» دەپ ياقىسىنى چىشلەپ قالغان . 1933 - يىلى ئىيۇلدا تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مادوتەينىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ شەھەردە ئۈچ كۈن كۆز - كۆز قىلىپ ، ئۆزىنى سىلىڭ ياكى سىجاڭ دەپ ئاتىغان . 1933 - يىلى ئىيۇندا خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيىڭنىڭ ناچار قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىپلا ، « شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىم بىرلەشكەن!» دەپ چىڭ تۇرۇپ 4 - ئىيۇن « ئۆلۈمنامىسىگە قول قويۇۋەتكەن » . 1934 - يىلى بىزنىڭ ھەممە ئاتامانلارنى بىر - بىرىنىڭ قولى بىلەن جايلاپ تەختكە چىققان قۇۋ جاللات شېڭ شىسەي
1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەركىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقان .

دېمەك ئاكىسىراش خاھىشى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پىرىزىدېنتلىقىنى دۈشمەننىڭ قورچاق مەنسىپىگە تىگىشىۋېتىشتەك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق قورقۇنچلۇق تەقدىرىگە يول ئېچىپ قويغان . بۇ  مەنىدىن 20 - ئەسىر تارىخىدا ھەم جاھالەت پىرلىرى ھەم چەتئەل جاھانگىرلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلماي ، 300 يىل نىمجان بولۇپ جاھالەتكە پاتقان خەلقنى ھاياتى ئارقىلىق سىلكىپ ، قېنى ئارقىلىق ئويغىتىپ چىققان مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامدىن كېيىنكى ھېچبىر يولباشچىمىزنى « داھىي » دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ . بەلكى ئۇلار « دىنىي يولباشچى » ، « جامائەت ئەربابى» ،« يۇرت ئاقساقىلى» ، « قوزغىلاڭ پېشۋاسى » ۋە « خەلق رەھبىرى » بولۇشقا لايىق . ئازات قاسىم ئاكا توغرا ئېيتىدۇ . بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى ئازاتكامنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئەسىرىدىن ئوقۇۋېلىڭ!   

شۇنداق بولغاندا خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىز يۇقىرىقى ئابدۇقادىر داموللام ، مۇستاپا كامال پاشا ۋە رىزاخان پەھلىۋىدەك يۈز يىلدا بىر چىقىدىغان داھىيلاردىن  مەھرۇم ھالدا يۈز يىلدەك تېڭىرقاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە يېڭى ئەسىرگە ئۇلاشتى . ئەمدى بىزدىنمۇ
« ئاتا ئۇيغۇر » نامىغا لايىق بىر سىياسىي داھىي  ئوتتۇرىغا  چىقىشى كېرەك  ! ئەمدى ئاكىسىراش خاھىشىغا قەتئىي ھالدا خاتىمە بەرمىسەك ، كېلەچەك تەقدىرىمىز يەنىلا ھازىرقىدەك ماماتلىق پەيتلەردىمۇ ئاقمىغان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قولىدىكى قىممەت باھالىق تاۋار بولۇپ كېتىۋېرىدۇ .

مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ بىر مەشھۇر گېپىنى ئاڭلىدىم : « ئەگەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا سەۋەپ بوپقالسا ، بىز تۈركىيەنىڭ بەقاسى ( ساقلىنىپ قېلىشى ) ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن ۋاز كېچىمىز ! » . بۇ گەپ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھاجىرلارنى قوينىغا ئالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھاياجانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان بولسا ، بۈگۈن ئۇ گەپنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كالتە پەم ۋە تەپەككۇرسىز تەقلىدچىلەر پەيدا بولۇۋاتىدۇ . مەرھۇمغا ياغقان تاپا تەنىلەرنىڭ گۇناھىمۇ دەل مۇشۇ كالتەپەملەرگە بولىدۇ . بۇ گەپنىڭ ھەم ۋاختى ھەم قىممىتى ئۆتتى . شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مىللىي مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەر قانداق پىكىردىن كەسكىن ۋاز كېچىپ ، تېزدىن ئۆزىمىزگە خاس يولىمىزنى ۋە پىرىنسىپلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك !

ئۇنۇتمايلى ، داھىي خەلقنى ئەمەس ، خەلق داھىينى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىنلىشىپ ، دوست - دۈشمەن ئېنىق بولغانسىرى ھەر كىمنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ . قېنى ئەمىسە ، ھەممىمىز يېڭى ئەسىردىكى ھەقىقىي داھىيمىزنى بايقاپ چىقايلى ! يېڭى يىلدا يېڭىچە پىلان بىلەن ئىشنى باشلاپ كېتەيلى !

كۆك ئەرۋاھ

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كېچە 01:01:01 دە تاماملاندى .
تەلىپىمنى يەردە قويمىغانلىقى ئۈچۈن « كۆك ئەرۋاھقا » رەھمەت!

يۇقىرىقى بارلىق تارىخىي ئارخىپلار كۆك ئەرۋاھنىڭ « ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەپلىرى » ناملىق ئەسىرىدىن تەمىنلەپ بەرگەن پارچە مەلۇماتلارنى بىر يەرگە توپلاش ئارقىلىق تارىخىي تەرتىپ بويىچە تىزىپ چىقىلدى .

سايرام ئوغلانى .      ( باغچە ساراي ) .

2020 - يىلى 11 - يانۋار        شېكەر شەنبە