2020/10/30 04:26

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخچى ۋە يازغۇچى زىيالىلاردىكى ئاكىسىراش خاھىشىنىڭ تارىخىي ئىپادىلىرىدىن بىرى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/12 21:21

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




ئاكىسىراش خاھىشىنىڭ تارىخ قارىشىمىزدىكى تىپىك بىر ئۈلگىلىك مىسال


ئەمىر تۆمۈر ۋە ئەمىر قەمەرىدىنگە بولغان خاتا تارىخىي قاراش ۋە زىيالىلاردىكى ئاكىسىراش :

1372 - يىلى 5 - يانۋار خارەزم ھۆكۈمرانى ھۈسەيىن سوپى ئەمىر تۆمۈرنىڭ قورشاۋىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قازا قىلغان . ئۇ ئەسلىدە ئالتۇن ئوردا خانى ئۆزبەكخان( 1312 - 1341 ) نىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ، ئۆزبەكخان ئۆلۈپ ئۇنىڭ ئۆزبەك ئۇلۇسى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قوڭغرات نەسىللىك ھۈسەيىن سوپىمۇ مۇستەقىللىق جاكارلاپ ، خارەزمگە خان بولغان . تۇغلۇق تۆمۈرخان ماۋرائۇننەھىرگە قوشۇن تارتقاندا ئۇ دەرھال بەيئەت قىلغان . ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخان قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئىسيانچى ئاقساق تۆمۈرگە قارشى تۇرۇپ ، خارەزمنى مۇستەقىل ئىدارە قىلغان.

سۇلتان يۇنۇسخان ( سەئىدخان ۋە بابۇر شاھنىڭ بوۋىسى) نىڭ ئۇستازى مەۋلانا شەرەپىدىن ئەلى يەزدى « زەپەرنامە» ناملىق ئەسىرىدە ، ئاقساق تۆمۈرنىڭ 1364 - يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ ئافغانىستانغا قېچىپ كېتىپ ، شۇ يەرنى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، ئەمىر قەمەرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى قىرغىن قىلىپ ، ئالمالىقنى ۋەيران قىلغاندا بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن ئاقساق تۆمۈرنىڭ چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە « خانغا ئاسىيلىق قىلغان ئەمىر قەمەرىدىن دۇغلاتنى جازالاش تەشۋىقاتى » ئېلىپ بېرىپ، ئۇتۇقلۇق ھالدا چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىنى 1370 - يىلى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ، ھەر تەرەپكە كېڭەيمىچىلىك قىلغان. گەرچە ئۇ ھۈسەيىن سوپىنى جېنىغا زامىن بولۇپ، خارەزمنى قانلىق بويسۇندۇرغان بولسىمۇ ، بىراق خارەزم خانلىقى ۋە قوڭغراتلار تاكى 1388 - يىلغىچە ئاقساق تۆمۈرگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان . 1383 - يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەڭ كىچىك بىردىنبىر ئوغلى خىزىرخوجا ئوغلان تەختكە چىقىپ، 1386 - يىلغىچە ئەمەلىي كۈچى ئەمىر قەمەرىدىندىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئورتاق كۈچلۈك دۈشمەن ئاقساق تۆمۈرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 1366 - يىلدىن بېرى ئاقساق تۆمۈرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەمىر قەمەرىدىننى ئەپۇ قىلىپ ، خانلىقنىڭ چوڭ ھەربىي ھوقۇقىنى تاپشۇرغان . ئەمىر قەمەرىدىنمۇ قىلمىشىغا ئۆكۈنۈپ ، ۋاپادارلىقىنى كۆرسەتكەن . 1387 - يىلدىكى چەۋلەك ئۇرۇشىدا ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشخان چاغاتاي خانلىقى بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈپ ، خارەزمگە ئەسكەر چىقارغان . ئەمىر قەمەرىدىنمۇ قەشقەر ۋە ئالمالىقتىن ساناقسىز قوشۇنلار بىلەن ئاتلىنىپ تۆمۈر بىلەن چەۋلەك ئۇرۇشى قىلغان . ئەپسۇس ، تۆمۈر غەلىبە قىلىپ ، توختامىشخان ئورۇسلارنى تىنجىتىش ئۈچۈن كېتىپ قالغان . ئەمىر قەمەرىدىن ئۆزى يالغۇز تۆمۈر بىلەن جەڭ قىلغاچ چېكىنىپ ، تاكى كۈنەس يايلاقلىرىغىچە تىركەشكەن . تۆمۈرمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈرۈش قىلىپ ، تاكى ھازىرقى يۇلتۇز يايلاقلىرى ( كۈنەس ۋە كورلا پاسىلىدا ، بايىنبۇلاق ) غىچە بېسىپ كىرىپ ، ئۇلۇغ تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەننى ئاز دەپ پايتەخت ئالمالىقنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىلى ۋە يەتتە سۇ ۋادىسىدىكى مەدەنىيىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ يوقالغان . تۆمۈر شۇ يەردىن تارىم ۋادىسىغا بېسىپ كىرمەكچى بولغاندا ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشنىڭ ئەسكەر يىغىۋاتقان خەۋىرى كېلىپ قېلىپ ، دەرھال سەمەرقەندكە قايتقان . ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ، قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ ، دادىسى بىلەن بىللە تارىم ۋادىسىنى ئىگىلىمەكچى بولغان ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا قايتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن . ئوغلى بۇيرۇق بويىچە قەشقەر شەھىرىنى بۇلاپ ، ئاندىن كۆيدۈرۈۋېتىپ قايتقان .
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ، خىزىر خوجا ئالمالىقنى پايتەخت قىلىشنىڭ ئەمدى پايدىسى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ ، تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان قارا شەھەرنى پايتەخت قىلغان .

1756 - يىلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى قايتا تىرىلگەندىن كېيىن ، بولۇپمۇ بۇخارا ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن ( 1730 - 1790) دەۋرىدە خارەزمدىكى قوڭغراتلار يەنىلا تارىختىكى پاجىئەلەرنىڭ قايتىلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان . دەرۋەقە خىۋەخانى ئەبۇلغازى باھادىرغان ( 1603 - 1661) قازا قىلغاندىن كېيىن ، خارەزم بۇخاراغا قارىغاندا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى .

ئەمىر قەمەرىدىن 1388 - يىلى ، خىزىر خوجا 1398 - يىلى ، سۇلتان بايەزىد يىلدىرىم 1402 - يىلى ، ئەمىر تۆمۈر 1405 - يىلى قازا قىلغان . ئەمىر تۆمۈرنى 22 يىل توسۇپ تۇرۇپ ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى تۆمۈر يۇتالمىغان بىردىنبىر دۆلەت چاغاتاي خانلىقىنى قوغداپ قالغان ئەمىر قەمەرىدىن راسلا بىر مىللىي قەھرىمان بولۇشقا مۇناسىپ . تارىخىي رومانلاردا بىزدىكى ئېغىر دەرىجىدە ئاكىسىراش خاھىشى تۈپەيلىدىن ، يازغۇچى - زىيالىلار ھەدېسىلا ئەمىر تۆمۈرنى ئۇلۇغلاپ ، ئەمىر قەمەرىدىننى چۆكۈرىدۇ . ھەتتا ئۇنى تارىختىكى ئەڭ ئىپلاس ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمما تارىخىي كىتاپلاردىكى ھەقىقەت تولىمۇ ئېنىقتۇر . ئەگەر ئوسمانىلارنىڭ ، مەملۇكىلارنىڭ ، ئىلخانىلارنىڭ ، ئەزەربەيجانلارنىڭ ، ئىرانلىقلارنىڭ ، ھىندىلارنىڭ ۋە باشقا ئەمىر تۆمۈر يۇتۇۋالغان بارلىق تۈرك - ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەمىر قەمەرىدىنچىلىك بىرەر غالىپ سەركەردىسى ، يەنە كېلىپ تۆمۈرنى 22 يىل ھالسىراتقان باشقا بىرى بولسا ئىدى ، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ، خاتىرىلەپ كەلگەن بولاتتى . بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىزدىن موللا مۇسا سايرامىغىچە بۇ تارىخنى لىللا بايان قىلىپ كەلگەن بولسا ، ئۆتكەن ئەسىردە ، بولۇپمۇ 1949 - يىلدىن كېيىنكى تارىخىمىز ھازىرغىچە يېزىلمىغان بولغاچقا ، يازغۇچى - زىيالى كىشىلەر يازغان تارىخىي رومانلار تارىخ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى . ئۆتكەن ئەسىردە پەقەت مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالا ئەمىر قەمەرىدىن ( 1318 - 1388) بىلەن مىرزا ئابابەكرى ( 1444 - 1514) بىر قەدەر ئىجابىي باھا بەرگەن .

خۇلاسە ئەمىر قەمەرىدىنگە باندىتلارچە نەزەردە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە نەزەردە قاراپ ، تارىخىمىزدىكى دۈشمەنچە زەھەرلىرىنى تازىلىۋېتىش كېرەك ! ئەمىر قەمەرىدىن ئوبرازىنى ئەمىر تۆمۈر ئوبرازىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك !

تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن ئەمىر تۆمۈرنى تېخىچە بىر ئادەم دەپ ئويلايدىغان نادانلارغا تەۋسىيە:

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=451.0

سايرام ئوغلانى

سۈرەتتە : تارىخىي تەرتىپ بويىچە ، چاغاتاي خانلىقى ، ئالتۇن ئوردا ، تۆمۈرىلەر ، بابۇرىلار ۋە خىۋە ، بۇخارا ، قوقان ، غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى . ئەڭ ئاخىرقى بايراق خىۋە ( خارەزم )خانلىقىنىڭ 1917 - يىلدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بايرىقى .

2020 - يىلى 13 - يانۋار دۈشەنبە.