2020/10/21 23:37

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئامېرىكا،كانادا.ياۋروپا زادى قەيەرگە كېتىش كىرەك ؟

يوللىغۇچى: Tahir Imin, 2019/02/20 12:37

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Tahir Imin

ئامېرىكا،كانادا.ياۋروپا زادى قەيەرگە كېتىش كىرەك ؟
بۇ تېما دوسلارنىڭ تولۇقلىشى بىلەن تۇزىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەلىنىدۇ.
تۇركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسدا،يېقىندىن بىرى، ئ‍ۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى كەلگۈسى تەرەققىياتى نۇقتسىدىن چېقىش قىلىپ،  ياۋروپا،ئامېرىكىغا كېتىش قىزغىنلىقى دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە.
ئۇنداقتا زادى قەيەرگە بىرىش كىرەك ؟
كىشلەر ئارسدا مۇنداق زىددىيەتلىك نۇقتىلار مەۋجۇت:
تۇركىيە مىھرى ئېسىق،ئۇيغۇرنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ،ئ‍ەركىن دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلىق ۋە ئۇيغۇرلۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي،شۇلار بىلەن بىللە ياشايدىغان ئىمكانىيەت بار.
تۇرمۇش رېتىمى غەرپ دۆلەتلىرىدەك يۇقىرى ئەمەس،ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدغان ئ‍شلار چېقىپ تۇرىدۇ،شەھەرلەر تەبىئەت ۋە تارىخى يادىكارلىقلار بىلەن گىرەلىشپ كەتكەن.
ئادەمنى مەس قىلىدۇ،ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ،ئەمما كۇچلۇك تەرەققيات پۇرسىتى مۈشكۇل،نوپۇس كۆپ ،خىزمەت ۋە ئېقتسادى تەرەققىيات بوشلۇق ئاز ،مائارىپى غەرپتەك كۇچلۇك ئەمەس،ئەدلىيە ھۆكۈمەتنىڭ چەكلمىسگە ئۇچرايدۇ.
ئۇنداقتا تۇركىيەدىن كەتمەكچى بولساق نەگە بارىمىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ:ئەگەر سز قىرىق ياشتىن ئاشقان بولسڭىز ھەم يېنىڭىزدا مەبلەغ سالغۇدەك پۇل بولمىسا ياۋروپاغا بىرىڭ،ئۇ يەردە پاراۋانلىق بار.
ئەگەر ياش بولسڭىز،ئۆزىڭىزگە ئشەنچڭىز بولسا،جاپاغا ۋە كەسكىن رىقابەتكە بەرداشلىق بىرەلىسڭىز،ئامېرىكىغا بىرىڭ،چۇنكى ئۇ يەردە كۇچلۇكلەر،ئەقىللىقلەر،تىرشچانلار ئۇچۇن پۇرسەت بار.

Tahir Imin

ئەگەر تۇركىيەدە تەرەققيات پۇرستى يارىتىلغان بولسا،تۇركىيىدىن كىتىش ھاجەت ئەمەس.