2020/10/20 13:45

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قاراخانىلارنىڭ ئالتۇن دەۋرى ۋە ئىستىداتلىق ئالىم شاھزادە ھەزرىتى مەھمۇد كاشغەرىي2

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/25 17:06

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2020/01/25 17:06 2020/01/25 17:10 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى
( داۋامى ۋە خاتىمىسى ) :

3 . ھەزرىتى مەھمۇد قەشقەرى 16 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىدا

1058 - يىلى يەنىمۇ كۆپ ناھەق قان تۆكۈلۈشنى خالىمىغان تەخت ۋارىسى ھەزرىتى مەھمۇد قەشقەرى تەختتىن ۋاز كېچىپ ، بىر ئاماللار بىلەن قاراخانىيلار تەۋەسىدىن چىقىپ كېتىپ ، ئالدى بىلەن 1040 - يىلى بوۋىسى ۋە دادىسى بىلەن يەمەكلەر ۋە ياباقۇلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان يول بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ بۆشۈكى ئالتاي تاغلىرىغا سەپەر قىلدى . ئۇ يەردىكى قەبىلىلەرنىڭ تىللىرى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى خاتىرىلەپ ، جۇغراپىيەلىك ئورنىنى خەرىتىگە ئالغاندىن كېيىن ، تەدرىجىي غەرپكە قاراپ سىلجىغاچ تەتقىقاتلىرىنى داۋام قىلدى . ئۇ 1049 - 1052 - يىللىرىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە بۇ تەتقىقاتنى تۈگىتىپ بولغان ئىدى . شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ يىلغا 1058 - يىلدىن 1071 - يىلغىچە بولغان 13 يىل قوشۇلۇپ ، قۇتلۇق دىۋاننىڭ خام ماتېرىيالى ساق 16 يىلدا تەييار بولغان . ئالىمنىڭ بۇ 16 يىلدا تارتقان جاپاسىنى بىر خۇدا ، بىر ئۆزىلا بىلىدىغان بولۇپ ، ھەر ھالدا تارتقان جاپاسىنى
دىۋاندا « بۇ ئەسەر ئۆمرۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزدى » دېيىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن . قارايدىغان بولساق ، بۇ 16 يىل دەل ئالىمنىڭ تازا قىران ياشلىرى بولۇپ ، 1058 - يىلدىن 1074 - يىلى دىۋاننى قايتا تۈزىتىپ يېڭى خەلىپە بولغان ئەبۇلقاسىم قائىم بىئەمرىللاغا ئارماغان قىلغۇچە بولغان 16 يىل ۋە باغداتتىكى نىزامۈلمۈلك بىلەن بولغان 20 يىللىق سىياسىي ھاياتى ۋە ئىمام غەززالى بىلەن بولغان 22 يىللىق ئىلمىي ھاياتى ئالىمنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆتۈرۈشلۈك ۋە پىشقان ۋاقىتلىرى بولۇپ، ئۇلۇغ دىۋان راسلا ئالىمنىڭ ئەڭ ئالتۇن دەۋرىنى خوراتقان . 1092 - يىلى ئۆكتەبىردە نىزامۈلمۈلكنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە نويابىردا مەلىكشاھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، سالجۇقىيلار ۋەزىيىتى داۋالغۇپ كەتكەن . ئەسلىدە تاغىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن تۈركان خاتۇن يەنىلا ئالىمنىڭ بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىپ ، خانلىقنىڭ ئىشىنى تەرتىپكە سېلىشتا ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان . شۇڭلاشقا قەشقەرگە قايتىش 1094 - يىلغا كېچىكىپ كەتكەن . ئەمما ئالىمنىڭ 1071 - يىلنىڭ ئاخىرى تۈركان خاتۇننىڭ تەكلىپى بىلەن بۇخارادىن يولغا چىققىنى ، ياكى كاۋكاز ئارقىلىق باغداتقا يېتىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس .

1*  مۇھەممەد بۇغراخان :

يۈسۈپ قادىرخاننىڭ 2 - ئوغلى بولۇپ، ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ خاقان ھەمراھى ئىدى. بالاساغۇندا تۇراتتى. شاھزادە ۋاختىدا ياغان تېكىن دەپ ئاتالغان. مەھمۇد غەزنەۋىگە بەكلا ئۆچ ئىدى. مىجەزى چۇس ۋە تۈز كىشى ئىدى. بۇ كىشى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بوۋىسى ئىدى.

2* ھۈسەيىن چاغرى تېكىن :

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئاتىسى. 1048 - 1058 - يىللاردا بارسغان ھاكىمى بولغان. 1058 - يىلدىكى تەختكە چىقىش مۇراسىمىدا دادىسى بىلەن بىللە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

3* زەينەپ خاتۇن :

مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى، مەسئۇت غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى. 1026 - يىلدىكى سەمەرقەند كېلىشىمى بويىچە ئەسلىدە ياغان تېكىنگە ياتلىق قىلىنماقچى ئىدى. بىراق كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، ياغان تېكىننىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 1040 - يىلى غەزنەۋىلەر سالجۇقىيلارنىڭ قولىدا « داندانقان» ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قاراخانىيلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى بىلەن بۇ مەسىلىدە يىرىكلىشىپ قالغان. زەينەپ شۇ قېتىمقى ئەلچىلەر بىلەن ئەۋەتىلىپ، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توقىلى بولغان. ئۇنىڭدىن ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلغان. بۇ خوتۇنمۇ 1059 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

2019 - يىلى 5 - 14 - ماي سەيشەنبە


دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ۋە قۇتادغۇ بىلىگ نىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە:

بۇ يىل مىللىتىمىز ئۈچۈن تارىخىي بىر يىل بولغۇدەك . ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرگە دوتەي بولغان جۇخەيلۈن يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارغا « قۇتادغۇ  بىلىگ » ھەققىدە مۇنداق دېگەنىكەن :
« سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق كاتتا سىياسىي پەلسەپە كىتابىڭلار بار تۇرۇپ بۈگۈنكى كۈنگە قالغىنىڭلارغا ھەيران قالدىم . بۇ كىتاپنى ھەر بىرىڭلار ئوقۇپ چىقىڭلار ! ... » .  بەلكىم ئۇ بۇ كىتاپنىڭ خىتايچىسى يېڭى نەشىردىن چىققان چاغدا ئوقۇغان بولۇشى مۇمكىن . بۇ خىتاي ئۇيغۇرلارنى شۇنچىلىك پىششىق بىلىۋەتكەنكى ، قەشقەر - خوتەندە ئۇنى بىلمىگەن ئۇيغۇر قالمىغان . بارلىق ئەسەرلەرنى بىر قۇر ئوقۇپ چىققان . كېيىنچە 2017 - يىلى ئۇ جازا لاگىرلىرىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 2019 - يىلى يازدا ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، بارلىق مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋەتمىسۇن دېدىمۇ تاڭ « نەچچە مىليونلۇق قاشتېشى پارا يېگەن » دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

قۇتادغۇ بىلىگنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق :« مىلادى 1032 - يىلى بۈيۈك قاغان يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، 1037 - يىلى سالجۇقىيلار باش كۆتۈرۈپ، غەزنەۋىلەرنى 1040 - يىلى داندانقان ئۇرۇشىدا يېڭىۋېتىپ، شەرقىي ئىران ، ئافغانىستان ۋە غەربىي ئىلىكخانلىق تەۋەلىرىدە جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان . غەزنەۋىلەر ۋە سالجۇقىيلار ئارىسىدىكى سۈركىلىشتە قايسى تەرەپتە تۇرۇش شۇنداقلا ئىچكى جەھەتتىكى « ھەسەن جەمەتى » بىلەن « ئەلى جەمەتى » ئارىسىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تاشقى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى پىكىر ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ، 1041 - يىلى بىر پۈتۈن ھەيۋەتلىك قاراخانىلار خاقانلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ . بۇ ھادىسىلەر ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپقا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇ قەشقەردە ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەلىم ئېلىۋاتقانىدى . بۇ بۆلۈنۈش ئاز كەلگەندەك 1056 - 1057 - يىللىرى شەرقىي قاراخانىلارنىڭ قاغانى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ . ئاخىرىدا ئىنىسى غالىپ كېلىپ، پايتەختنى قەشقەرگە قايتىدىن كۆچۈرۈپ، 15 ئاي ھۆكۈم سۈرۈپ ، 1058 - يىلى مايدا سەلتەنەتنى دانىشمەن چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىنگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ . بىراق بۇ قارارغا نارازى بولغان توقىلى زەينەپ خاتۇن ** تەختكە چىقىش زىياپىتى كۈنى قاراخانىلارنىڭ بارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ . نەتىجىدە باغداتنى بېسىپ ياتقان سالجۇقىيلار جانلىنىپ كېتىپ، بارا - بارا تۈرك - ئىسلام دۇنياسىدا قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ تەسىرى تاكى 1069 - يىلى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ھەسەن بۇغراخان تاغىسى مەھمۇد توغرۇل قاراخان بىلەن قاغانلىقتا قايتا تەرتىپ ئورناتقۇچە داۋام قىلىدۇ . 16 يىللىق سىياسىي مالىمانچىلىق تەخت ۋارىسى مەھمۇد كاشغەرىينىمۇ ئۆز ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلايدۇ . بوۋىمىز مەھمۇد تەختنى دەپ داۋاملىق قان تۆكۈپ ، ئىچكى ئۇرۇش قىلىشنى خوپ كۆرمەستىن ھەققىدىن ۋاز كېچىپ ، مۇساپىرلىق، بىلىم ئىگىلەش ۋە دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل يولنى تاللايدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەردە 1069 - يىلى ساقىلىغا ئاق كىرگەن 50 يېشىدا يېزىشقا باشلاپ، 1072 - يىلى دەسلەپكى نۇسخىسىنى پۈتتۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنىۋى مەركىزى باغداتتا شاھزادە مەھمۇدمۇ تۈرك تىللىرى دىۋانىنى يېزىشقا باشلايدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپ شاھانە پەلسەپىۋى ئەسەر قۇتادغۇبىلىگنى ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە ** بوۋىمىز مەھمۇد يەنە بىر شاھانە يېتۈك ئەسەر دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركنى ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ ئىزباسارى بولغان ۋەلىئەھدىسىگە تەقدىم قىلىدۇ .

قۇتادغۇبىلىگ مانا مۇشۇنداق قىيىن تارىخىي شارائىت ئاستىدا يورۇق كۆرگەن بولۇپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر پۈتۈن خاقانلىقنىڭ بۆلۈنۈشى ، ھۆكۈمدارلارنىڭ رولى ، ئاۋامنىڭ تەقدىرى ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى قاتارلىق كۆپلىگەن سىياسىي ،  ھەربىي ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردە قانداق قىلغاندا دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىستىقبالىنى قوغداپ قالغىلى ، ھەر ۋاقىت كۈچلۈك ۋە ئادالەتپەرۋەر بولۇپ ، ئۇزۇن مەزگىل سەلتەنەت سۈرۈپ ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىلىق چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ، 50 يىللىق ھاياتىدا ھېس قىلغان تۇيغۇلىرى ، يېڭىچە تەپەككۇرلىرى ، ئۈمۈدلىرى ۋە ئىدىيەلىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن .

خۇلاسە قىلغان چاغدا ئاشۇ خىتاينىڭ دېگىنىدەك :« بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق مەشھۇر سىياسىي پەلسەپە دەستۇرىغا ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق بۈگۈنكى كۈنگە چۈشۈپ قالغىنىمىز راسلا ھەيران قالارلىق ئىش » . ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى لىللا بىر باھالاپ بېقىڭ ! ئۆمرىڭىزدە قۇتادغۇ بىلىگنى بىر قېتىم ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ !؟ ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ !؟ ھېچبولمىغاندا بۇ يىلدىن قالدۇرماي ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بولسىمۇ ئاڭلاپ چىقايلى ! 

** زەينەپ خاتۇن : مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى ، سالجۇقىيلاردىن يېڭىلگەن مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى . ئۇنى ئەسلىدە 1026 - يىلدىكى مەشھۇر سەمەرقەند كېلىشىمىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخانغا ياتلىق قىلىش  قارار قىلىنغان . بىراق مەھمۇد غەزنەۋى بىلەن ئوغلى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، 14 يىل ئۇدا ساقلاتقان.  ئاقىۋەت، 1040 - يىلى سالجۇقىيلار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ ، قاراخانىلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغاندا ئامالسىز ئەۋەتىپ بەرگەن. مۇھەممەد بۇغراخان ھەربىي ياردەم ۋە    بۇ خوتۇننىمۇ رەت قىلغان. ئەمما يەنىلا ئاكىسى چوڭ قاغان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ يۈزىنى قىلىپ *** زەينەپنى توقاللىققا ئالغان . بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىننىڭ ئارزۇلۇق پەرزەنتى مەھمۇد كاشغەرىيمۇ 10ياشلاردىن ئاشقانىدى. زەينەپ خاتۇن كېيىنكى يىلى ئىبراھىم ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغقان. 1058 - يىلى مايدا غەزنەۋىلەرگە ياردەم بەرمىگەن ،ئۆز ئوغلى ئىبراھىمنى قاغان قىلمىغىنىغا ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگەن بۇ خوتۇن پۈتۈن دۆلەت ئەركانلىرى ۋە  خان جەمەتىنى شاھانە زىياپەتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، 17 ياشلىق ئىبراھىمنى قاراخان قىلىپ تىكلىگەن. بۇ خوتۇننىڭ پەسلىكىدىن ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قانلىرىغا دىققەت قىلغاندا،مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ خاراكتېرى، قۇۋ مىجەزى ۋە مەقسەتكە يېتىش يولىدا ۋاستە تاللىماسلىقتىن ئىبارەت سەلبىي ئوبرازىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ .

*** مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ يۈزىنى قىلىپ زەينەپنى ئالغان.
ئاكىسى بەك ئاقكۆڭۈل ۋە ئالىيجاناپ كىشى. مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ ئۇنچىۋالا بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىغا ئىچ ئاغرىتىپ تەڭقىسلىقتا قالغان . تارىخ مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توغرا قىلغىنىنى كۆرسەتتى . ئەگەر شۇ ۋاقىتتا سالجۇقىيلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان بولسا، سالجۇقىيلار تارمار بولاتتىدە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربىنى 160 يىل قوغدىغان تۈركلەر ۋە ھازىرقى تۈركىيە مەۋجۇت بولماس ئىدى. يۈسۈپ قادىرخان توغرۇل بەگ بىلەن چاغرى بەگنى قويۇپ بەردى. ئەمما مەھمۇد غەزنەۋى سالجۇقىلار بېگى ئىسرائىلنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۆلگىچە نەزەربەند قىلدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ شاپائىتىدىن بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا 1037 - يىلى سالجۇق خانلىقىنى قۇرۇۋالغان بولسا، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توغرا قارارى نەتىجىسىدە 1055 - يىلى باغداتقا سۈرۈلۈپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربىنى ئىدارە قىلدى . ئەمما زەينەپ خاتۇننىڭ سۇيقەستىدىن كېيىن، قايتا ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە تولا يۈرۈش قىلىپ، 1067 - يىلى غەربىي قاراخانىيلارنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى. كېيىن تولۇق بويسۇندۇرىمە دەپ كەلگەن چاغرى بەگ ئوغلى ئالپ ئارسلانخان 1072 - يىلى غەربىي قاراخانىلار چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارى يۈسۈپبەگ تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى. نەتىجىدە سەلتەنەتلىك ھاياتتا ياشىغان بىر سۇلتان شۇنداق تراگېدىيىلىك شەكىلدە ئۆلۈپ كەتتى . بۇ تارىخنى بىلمىگەنلەر ھازىرقى تۈركىيەنىڭ بىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئوچۇق چۈشىنەلمەيلا قالماستىن بەلكى، كەلگۈسىدىكى تۈرك - ئۇيغۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىدۇ .

**  بوۋىمىز مەھمۇد دىۋاننى 1072 - يىلى 25 - يانۋار باشلاپ، 1074 - يىلى 12 - فېۋرال پۈتتۈرگەن . كېيىن يەنىمۇ تۈزىتىپ، تولۇقلاپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ 1075 - يىلى خەلىپە مۇقتەدى بىللاھنىڭ  ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللاھقا تەقدىم قىلغان .

قۇتادغۇبىلىگ يېزىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى ، تامام بولغانلىقىنىڭ 952 يىللىقى ، ئاپتورى ھەزرىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقى قۇتلۇق بولسۇن!
سايرام ئوغلانى
2019 - يىلى 25  - سېنتەبىر  چارشەنبە

« مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىنكى بىز» :

ھەزرىتى مەھمۇد بىلىم ئالغان ساچىيە خانلىق مەدرىسىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى :

مىلادى 939 - يىلى تۇنجى تۈركۈم ياراملىق ئىزباسارلارنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشنى باشلاپ، 1019 - يىلدىن تاكى 1212 - يىلى كۈچلۈك تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغۇچە بولغان 200 يۈز يىلدا قاراخانىيلار دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم - ئۆلىمالار ، ئاكابىر - ئەشرەپلەر، ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار، ھەر ساھەدىكى ھۈنەر ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىپ، بىپايان مەركىزىي ئاسىيا خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى شانلىق دەۋرىنى ياراتقان، شۇنداقلا، ئىسلامىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئۇنۋېرسال ئالىي مەكتەپ بولغان ساچىيە مەدرىسىسى بۈگۈن خۇددى خەلقىمىزدەك قىل ئۈستىدە تۇرماقتا . ھەممە ئادەم ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ دەپ قاراۋاتقان « ئەزھەر مەدرىسىسى» ئەسلىدە 971 - يىلى سېلىنغاندا بىر مەسچىت ئىدى. پەقەت 1055 - يىلدىن بېرى « شىئە مەزھىپىنى تەشۋىق قىلىدىغان مەكتەپكە ئايلىنىپ، شۇندىن بېرى مەكتەپلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە». ئۇ چاغدا ساچىيە مەدرىسىسى ئىش باشلىغىلى يۈز يىلدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. تۈرك تارىخچىلار ئىسلامدىكى تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى دەپ قاراۋاتقان باغدات « نىزامىيە مەدرىسىسى » 1063 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ساچىيە مەدرىسىسى كەلگۈسى مىڭ يىل پەخىرلەنگىدەك ئالىملاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي، ئابدۇغۇپۇر داموللا قاتارلىق نامى ئۆچمەس بۈيۈك ئالىملارنى چىقىرىپ بولغانىدى. مانا بۈگۈن ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى قانداق بولغان بولسا، ئۇلار قۇرۇپ چىققان ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ بولغان « ساچىيە مەدرىسىسى » مۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولماقتا!

2019 - يىلى 18 - ئىيۇل    ماتەملىك پەيشەنبە

4 . بىر قىسىم مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى :

1 . مەھمۇد غەزنەۋى :

971 - يىلى 2 - نويابىر ئەسلىدە سامانىلارنىڭ قوشۇنلىرى  تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن قاراخانىلار ئەۋلادلىرىدىن سۇبۇق تېكىننىڭ ئوغلى مەھمۇد غەزنەۋى تۇغۇلغان . سامانىلار قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئالپ تېكىن، سۇبۇق تېكىننىڭ قاراخانىلار نەسلىدىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ، ئۇنى ياخشى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن . ئۇ 997 - يىلى دادىسى سۇبۇق تېكىن قازا قىلغاندىن كېيىن ، ئاكىسى بىلەن تەخت تالىشىپ ، 998 - يىلى غەزنەۋى شاھى بولغان. 999 - يىلى قاراخانىلار سامانىلارنى يوقاتقاندا مەھمۇد سامانىلارنىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنلىرىنى ئىگىلەپ ، قاراخانىلار بىلەن تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ خوجىلىقىنى تالاشقان . 1007 - يىلدىن 1025 - يىللارغىچە پات - پات داۋام قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن ، 1026 - يىلى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن « مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈش كېلىشىمى» ئىمزالىغان . 1030 - يىلى 30 - ئاپرىل ئالتە ئاي ئېغىر كېسەل تارتىپ قازا قىلغان . ئۆلۈش ئالدىدا دۆلىتىنى بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن . شۇڭلاشقا بالىلار نەچچە يىل ئۇرۇش قىلىپ ، ئاخىرى قاراخانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئوغلى مەسئۇد ئۇتۇپ چىققان . ئۇ 1040 - يىلدىكى ئۇرۇشتا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سالجۇقىلاردىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، قاراخانىلار بىلەن قۇدا بولۇشۇپ ، دۆلىتىنى تولۇق مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان . ئەمما ئۇنىڭ 1040 - يىلى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخانغا ياتلىق قىلىنغان سىڭلىسى زەينەپ خاتۇن مىلادى 1058 - يىلى مايدا پۈتۈن دۆلەت ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن سالجۇقىلار تەدرىجىي تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا چىقىپ قالغان .

2 . «توغرۇلبەگ ،چاغرىبەگ ۋە ئوغلى ئالپ ئارسلان » :

«چاغرىبەگ ۋە ئوغلى ئالپ ئارسلان
توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات »
چاغرى بەگ سالجۇق ئوغۇللىرى
ئىچىدىكى يېشى چوڭ،دانىشمەن
كىشى بولۇپ،ئۇ مىلادى 1028ـ يىلى
بۈيۈك قاراخان «يۈسۈپ قادىرخان» (مەلىكۇل مەشرىق /1032قازا قىلغان)قولىدىن ئىنىسى توغرۇلبەگنى پەم بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ، مىلادى1040ـ يىلدىكى «دەندانقان ئۇرۇشى»دىن كېيىن«سالجۇق  دۆلىتى»نى قۇرۇپ،ئىنىسى توغرۇلبەگنى «خاقان»
قىلىپ سايلىغان.مىلادى1055 ـ يىلى باغدات قولغا كەلگەن.چاغرىبەگ تۈركلەرنىڭ يايلاقتا ياشاش ئەنئەنىسى ئاساسىدا قەۋمنى باشلاپ ئاناتولىيەتەرەپكە كۆچۈش يولىدا مىلادى1060
ـ يىلى 16ـ ئىيۇل ۋاپات بولغان.ئىنىسى توغرۇل خان 1063ـ يىلى پايتەخت  مەرۋىدە قازا قىلغان. سالجۇق تەختىگە دەل مۇشۇ چاغرىبەگ ئوغلى ئالپ ئارسلان 1063 ـ يىلى 27ـ ئاپرىل
ۋارىسلىق قىلغان.ئالپ ئارسلان مىلادى 1071 ـ يىلى 26ـ ئاۋغۇست جۈمە «مالازگرت ئۇرۇشى»دا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ پۈتكۈل ئاناتولىيەگە ئىگە بولغان! 1072ـيىلى سەمەرقەند  يۈرۈشىدە
20 ـ نويابىر «غەربىي قاراخانىيلار چېگرا ئەمەلدارى يۈسۈپبەگ » تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ،24ـ نويابىر قاراخانىيلار زېمىنىدا جان بەرگەن!سالجۇقىيلار قوشۇنى  قاراخانىيلار تەۋەسىدىن چېكىنگەن .شۇ يىلى ئۇنىڭ ئوغلى مەلىكشاھ سۇلتان بولغان .1076 ـ يىلى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نىزامۈلـمۈلككە نەرگەن مەسلىھەتى  بويىچە«ئاناتولىيە سالجۇقىي  بەگلىكى»تەسىس قىلىنغان.ئاندىن قۇددۇسنى پاتىمىيلار قولىدىن تارتىپ ئېلىپ،1089 ـ يىلى
«غەربىي قاراخانىيلار»بى بېقىندى
خانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان.1092
يىلى مەلىكشاھ بىلەن نىزامۇلـمۇلك تەڭ ۋاپات بولغان .غەربىي قاراخانىيلار قايتا مۇستەقىل ھالەتكە كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرى تۇققىنى «تۈركان خاتۇن»غا ۋەزىيەتنى تىزگىنلىشىپ
بېرىپ 1094 - يىلى ۋەتىنى «شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسى»غا قايتىپ كەلگەن.
مەھمۇد قەشقىرى باغداتتىن ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركان خاتۇن ۋە ئوغلى مەھمۇد ئارقا - ئارقىدىن ۋاپات بولۇپ ، سالجۇقىيلار تەختى مەلىكشاھنىڭ زىنداندىكى چوڭ ئوغلى بەركيارۇققا تەگكەن . ئۇ تاغىسى تۇتۇش بىلەن ئۇزاق جەڭلەرنى قىلىپ، مىڭ تەستە خانلىق تەۋەسىنىڭ يېرىمىنى قولىدا ساقلاپ قالغان.

ئاخىرىدا بىر بىشارەتنى دەپ قويايلى :
مىلادى 1212 ـ يىلدىن 1218 ـ يىلغىچە  قاراخىتاي خانى كۈچلۈكنىڭ زۇلۇمى دەل ھازىرقىدەك  ۋەھشىي ئىدى.1218 ـ يىلى ھېچكىم كۈچلۈكنى يوقىلىدۇ دەپ
قارىمايتتى.كىم بىلسۇن 1219 ـ يىلى
چىڭگىزخاننىڭ ئاتاق ئوغلى «ئىدىقۇت
ئۇيغۇر خانى بارچۇق ئارت تېكىن»
نىڭ يول باشلىشىدا ئۇيغۇر/موڭغۇل
بىرلەشمە قوشۇنى يىل ئاخىرىغىچە
كۈچلۈكنى يوقىتىپ،خاقانىيە پۇقراسى
بولغان ئۇيغۇرلارنى ئازات قىلدى.
1220 ـ يىللاردا چىڭگىز ئىستىلاسىدا
بۇخارادىن قاچقان شەيخ جامالىددىن
خوتەنگە قېچىپ كېلىپ چەرچەندە ،
ئاندىن ئاقسۇ ئايكۆلدە ماكانلىشىپ،
ئۇنىڭ ئوغلى ئەرشىدىن خوجا قولىدا
چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان 1353 ـ يىلى مۇسۇلـمان بولدى.1216 ـ يىلى كۈچلۈك خوتەندە 3مىڭ ئالىمنى قىرىپ تاشلىغاندا
تىببىي ئالىم«جامالىدىن ئاقسارايى»
ھىندىستانغا قېچىپ كېتىپ،داڭلىق
تىببىي كىتابىنى يېزىپ چىققان.تاكى
يېقىنقى دەۋرگىچە لېكنۇ ئۇنۋېرسىتىدا
دەرسلىك قىلىنغان ! 1930 - يىللىرى ۋەتەندىن ئوقۇشقا چىققانلارغا ئالىملار بۇ تارىخنى سۆزلەپ بەرگەن . مانا بۇ ۋەقەلەرگىمۇ
بۇ يىل ساق 800 يىل بوپقاپتۇ.
بىزمۇ تارىختىن ،بايراقتىن ۋە ئەجداتلاردىن كۈچ ئالايلى!بولۇپمۇ تۈركىيەدىكىلەر تۈركلەرنىڭ بۇ روھىدىن ئۆگىنىڭلار!(ئۆزۈڭلارنى كەمسىتىشنى
ئەمەس،بەلكى ئەجدادىڭلاردىن
پەخىرلىنىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار)!
«خاقانىيە VSخىتاي ئۇرۇشى»نىڭ
1002 يىللىقىغا،كۈچلۈكنىڭ زۇلۇمى
ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ  802 يىللىقىغا ،
مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ 949 يىللىقىغا ، دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك يېزىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 948 يىللىقىغا ، قۇتادغۇبىلىگ يېزىلغانلىقىنىڭ 951 يىللىقىغا قۇتلۇق بولسۇن ! ئەجدات روھى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھى تىرىلسۇن !

مەنبەلەر :
1 . بۇغراخانلار تەزكىرىسى .

2 . سالجۇقىيلار ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ قاراخانىيلار بىلەن بولغان تۇققانچىلىق ۋە قۇدىلىق مۇناسىۋەتلىرى.

3 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى .

4 . ئۇيغۇر يىلنامىسى .

5 . قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىلار

6 . ئىسلام ئىنىسكلوپىدىيىسى .

7 . ئەلبىدايە ۋەننىھايە .

8 . ئەلكامىل فىي تارىخ .

9 . تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز .

10 . قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى .

11 . مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھاياتى ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى .

12 . سىياسەتنامە .

13 . بىرۇنىنىڭ قاراخانىيلار ، سالجۇقىيلار ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى كۈچلۈك قارىشى .

14 . قاراخانىلارنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان ھەر خىل پۇللىرىدىكى قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلار .

15 . ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك خانلىرىنىڭ نەسەپ شەجەرىسى . 

سايرام ئوغلانى




2020 - يىلى 25 - يانۋار.    شەنبە.