2020/10/30 04:22

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قەتئىي ئۈمۈدسىزلەنمەي ئاخىرقى بىر پاي ئوقنى تەۋەككۈل قىلىپ ئىشەنچ بىلەن ئاتايلى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/27 06:31

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

نېمە قىلىشىمىز كېرەك !؟ نېمىلەرنى قىلالايمىز !؟؟

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ « سىر ساقلىغۇچى » ۋە « ئەڭ ئىشەنچىلىك » ئادىمى بولۇشى كېرەك . تارىختا ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىر ساقلىغۇچىسى ئىز باسار تۆت خەلىپىنىڭ بىرى ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن ساھابە ھۈزەيفە ئىكەن . ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىمۇ ئوخشاشلا ئىز باسار تۆت خەلىپىنىڭ بىرى بولماستىن ، ئەكسىچە ئوھۇد كۈنىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرغان ئەبۇ ئۇبەيدە ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز خەلقى ئەڭ قىيىن ئەھۋاللاردا قالغاندا ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك ئىش - ئىزلىرىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى .

ھەزرىتى ھۈزەيفە ئۆزى مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ :
« باشقىلار پەيغەمبىرىمىزدىن داۋاملىق ياخشىلىق ھەققىدە سورايتتى . ئەمما مەن ھە دېسىلا يامانلىق توغرىلىق سورايتتىم » .
ئۇنىڭ ئالاھىدە يىراقنى كۆرەرلىكى ، ھەر دائىم ئىشلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى چىقىش قىلىپ ، بىر پۈتۈن دۆلەتنى يىمىرىپ تاشلايدىغان ۋە دىنىي كىملىك بىلەن ئۇيۇشقان يۈزلەرچە مىللەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تارىخقا يېزىلغۇدەك تۆھپىسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەگەر ھازىر
مىلادى 650 - يىلى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغان بۇ كىشىدەك بىرى بولغان بولسا ، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسى بۇنچىۋالا رەسۋالىشىپ كەتمەس ئىدى .

ھەزرىتى ھۈزەيفە ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا خەۋپلىك بولغان ئامىللارنى ئالدىن بايقاپ تۇرغاچقا ، مىلادى 650 - يىلى ئىسلام قوشۇنلىرى ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەنىيە ئالدىنقى سېپىدە نامازدا ئايەتلەرنى پەرقلىق ئوقۇش تۈپەيلى كېلىپ چىققان قوراللىق توقۇنۇشنى شۇ ھامان ۋاختىدا توسۇپ ، شۇ يەردىن ئۇدۇل پايتەخت مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ ، خەلىپە ھەزرىتى ئوسمانغا ۋەقەنى بايان قىلىپ ، ھەر كىم ئۆز ئالدىغا يېزىۋالغان ئوخشىمىغان پارچە قۇرئانلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ ، بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل قۇرئاندىن بىرنى تۈپلەپ چىقىپ ، شۇنى ئومۇملاشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەن . ئۇنىڭ خەلىپىگە : « خەلقىڭنى بىر - بىرىنى قىرىپ تۈگىتىشتىن ئىلگىرى توسۇۋال!» دېگەن چاقىرىقى قۇرئان كەرىمنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى ئارقىلىق ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ
650 - يىلدىن 1650 - يىللىرىغىچە ساق مىڭ يىل بىرلىكنى بۇزماي ، ئىشغالىيەت ئاستىغا چۈشۈپ قالماي داۋام قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە بولۇپ قالدى .

ھازىرقى ئۇيغۇر خەلقىگە دەل مۇشۇنداق خەتەرنى ئالدىن سېزەلەيدىغان ، مىللەتنىڭ سىرلىرىنى ساقلىيالايدىغان ، ئۇنى ھەر قانداق خەۋپ - خەتەردىن سالامەت قۇتقۇزۇپ چىقالايدىغان ، يول كۆرسىتەلەيدىغان قابىل ۋە زېرەك كىشىلەر كۆپلەپ لازىم بولۇۋاتىدۇ .
ھازىر گەرچە كۆپىنچىمىزنىڭ نىيەتلىرى توغرا بولسىمۇ ، ئەمما قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ۋە تاللىغان ئۇسۇللىرىمىز خاتا بوپقېلىۋاتىدۇ . خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە سۇنغاندا ، ياكى خىتاينى چۈشەنمەيدىغان ماددىزىمچىلارنىڭ ھەر خىل قاراشلىرىنى شۇ پېتى نەقىل قىلىپ ، نىمجان خەلقىمىزنىڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ . « ئۈمۈدنىڭ قوۋۇرغىسى سۇنسا ، كېلەچەكنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ !».
بولۇپمۇ ، خىتايچە مۇھىتتا ئۆسكەن ، خىتايچە تەپەككۇر قىلىدىغان ، خىتايچە مائارىپتا ئوقۇغان كىشىلەر بارلىق ئۇچۇرلارنى خىتايچىدىن قوبۇل قىلىدۇ . خىتايدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى خىتايچە ئارقىلىق چۈشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ . بولۇپمۇ ئىسلامغا ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى ئېقىملارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلغىلى بولمايدۇ . جاھاننى ئېنگىلىز تەپەككۇرى بىلەن ، ئەرەب دۇنياسىنى ئەرەبچە تەپەككۇر بىلەن ، تۈرك دۇنياسىنى تۈركچە تەپەككۇر بىلەن ، ئۆزىمىزنى ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بىلەن ، خىتاينى چوقۇم خىتايچە مەينەت تەپەككۇر بىلەن تەھلىل قىلىش كېرەك! ئۇنى خۇددى ئۆزىمىزدەك نورمال ئادەم دەپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىش باشقا بالا بولىدۇ .

بىز يۇقىرىقى كىشىنى ئۈلگە قىلىپ ماڭغاچقا، يېقىندىن بېرى خەلقىمىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يازمىلارنىڭ ئورنىنى بىراقلا چۈشكۈنلىشىپ قېلىش ۋە ئۈمۈدسىزلىنىپ قېلىشقا سەۋەپ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان قورقۇنچلۇق يازمىلار ئىگىلىدى . بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئوچۇق . بىز راستنلا بەك غەپلەتتە . خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە ، بىزدە بۇنداق بوشاڭلىق ۋە ئورۇنسىز قۇرۇق گەپلەرنى تالاشقۇدەك رىغبەت قالمىغان بولاتتى . يەنە بىر تەرەپتىن سەۋەپنىڭ ئالىمىدە ياشاۋاتقاچقا ، دۈشمەنمۇ بىزگە سەۋەپنى بولۇشىغا قوللىنىپ زەربە بېرىۋاتقاچقا ، بىزمۇ « زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق»، قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىپ كەلدۇق . دۈشمەندە نە ئېتىقاد نە ئەخلاق ، نە مەرھەمەت ، نە ئىنسانلىقتىن نېسىۋە بولمىغاچقا ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى تەھلىل قىلغاندا ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلدۇق . ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە ياكى ئەرەبچە تەپەككۇر بىلەن خىتاينىڭ ئىشلىرىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار قىلىۋاتقان رەزىللىكلەر تېخى بىزنىڭ خىيالىمىزغا كېلىپ باققىنىمۇ يوق . ئۇندىن باشقا خىتايدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان يازمىلاردا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە دۇئانىڭ تەسىرى قاتارلىق ئىلاھىي ئامىللار نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ، پەقەت ماددىي كۈچلەر ۋە ئىنسانچە پەرەزلەر ئاساس قىلىنغاچقا ، بەزى ئالدىراقسان ۋە تەجرىبىسىز قېرىنداشلار بۇنى ئورۇنسىز تالاش قىلىدىغان مۇنازىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنغان .

شۇڭا ئەمدى بۇ ھەقتە ئاخىرقى چۈشەنچىنى بېرىۋېتىپ ، تېزدىن نېمە قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىشنى توغرا كۆردۇق . بولۇپمۇ تۈنۈگۈنكى ، 2014 - يىلدىن بېرى خەلقىمىزنى نۇقتىلىق باستۇرۇۋاتقان ، 2017 - يىلدىن باشلاپ ئون مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمان خەلقىمىزنى جازا لاگىرلىرىغا قاماپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ، سىرتتىكى يەنە شۇنچىلىك خەلقىمىزنى قاتتىق نازارەت قىلىپ ، دىنغا ئالاقىدار ھەر قانداق گەپتىن چەكلىگەن پىرئەۋن شى جىن پىڭ جاللاتنىڭ نەيرەڭۋازلىق ۋە يۈزى قېلىنلىق بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن دۇئا تەلەپ قىلىشى بۇنىڭغا تۈرتكە بولدى .

ھازىر دۇنياۋى سىياسەتتە مۇنتىزىم قېلىپ بولمىغاچقا ، ئاپەتكە ھېسداشلىق قىلىش ، ئۆلۈككە تەزىيە بىلدۈرۈش ، تويغا كېلىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلار باھانىسىدە دۆلەتلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ ، ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىۋېلىش ئىشلىرى كۆپلەپ كۆرۈنىدۇ . سالمانخان تۈنۈگۈن « ئاللاھ ئەردوغان ۋە تۈرك خەلقىنى ئاللاھ بارلىق يامانلىقلاردىن قوغداپ قالسۇن ! » دېگەن دۇئاسى تۈركىيە تەرەپنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى . جۈمە كەچتىكى يەر تەۋرەش تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ناچار بولغان دۆلەتلەرگە توڭنى ئېرىتىش پۇرسىتى بەردى . شى قانخورمۇ دەرھال ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەمدە خەلقىمىزگە قىلغان جىنايەتلىرىدىن كېيىن يوقاتقان ئىناۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى شەرمەندە قىلىدىغان باياناتتىن بىرنى بەرگەن . بۇ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ھەر قايسى دىنىي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت . ئەگەر بۇ مەسىلىدە قاتتىق يېغىرىنى كوچىلىماي سەل قارىساق ، باندىتلار مەقسىتىگە يېتىۋالىدۇ . شۇڭا بىز تۆۋەندە ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ، ئۆزىنىڭ ۋە ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولغان بىر نەچچە ئۈنۈملۈك ئىشلارغا تەۋسىيە قىلىمىز :

1 . ئون كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئەمما تەخىرسىز ئىشلار :

1 . تۈركىيە : ئۆلىمالار بىرلىكى ، ھەر قايسى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى شى جىن پىڭنىڭ دۇئا تەلەپ قىلىش نەيرەڭۋازلىقىغا قارشى پاكىتلىق رەددىيە بېرىپ ، كەڭ كۆلەمدە ئەرەب تاراتقۇلىرىدا تارقىتىش . ئەلخەزىرە ۋە باشقا نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا سۆھبەت قىلىش .
قەلەمكەش دىنىي زاتلار ھەر قايسى ئەرەب گېزىت - ژۇرناللىرىدا كۆپلەپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ، خىتاينىڭ ۋىرۇس سۇيقەستى ۋە خەلقىمىزنى قىرىپ تاشلاشتىكى بارلىق ياۋۇزلۇقلىرىنى پاكىتلىق يورۇتۇپ بېرىش . باشقا ئەرەبچە بىلىدىغان بارلىق بالىلار ھەر كۈنى ئۆزىگە ۋەزىپە قويۇپ ، ئەرەبلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغان يالغان ۋە ساختا خەۋەرلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش . شەخسىي ھېكايىسىنى بايان قىلىپ ، ئەرەبلەرگە كەڭ تارقىتىش . ھەر قايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنى ، ھەتتا كامالچى ئېقىملارنى سۆرەپ كىرىپ ، 5 - فېۋرالغىچە
« خىتاي ۋىرۇسنى لاگىردىكى خەلقىمىزگە يۇقتۇرۇپ تۈگەتمەكچى ! ئۇلار چاغاننى ئۆتكۈزمىدى . كىنوخانىلارنى تاقىدى . ئەمما لاگىرلارنى تاقىمىدى . سەۋەبى بىرلا : بىزنى ۋىرۇس ئارقىلىق تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش !» دەپ شوئارلارنى كۆپلەپ تارقىتىپ ، ھەممە تۈرك خەلقىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىۋېتىش .

2 . ياۋروپا ئىتتىپاقى : بۇ جايدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ، بولۇپمۇ د ئۇ ق قاتارلىقلار تېزدىن ناتو ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، جەنۋە ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاپپاراتلارغا خىتاينىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمى قوزغاش سۇيقەستى ھەققىدە خەت يېزىشى ، بارلىق دۆلەت ئەرباپلىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇزۇشى . ۋەتىنىمىزگە تېزدىن ئۆتكۈر بىئولوگىيىىلىك ۋە خىمىيىلىك بۇلغىنىشنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش ، ئۇندىن باشقا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئەللەرگە « ۋىرۇسنىڭ يادرو تەھدىتىدىنمۇ ئېغىر تەھدىت » لىكىنى بىلدۈرۈش . خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپمىغان بىرمۇ دۆلەت ئەربابى قويماسلىق . 5 - فېۋرالغا قەدەر ئون كۈن ئۇدا ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئورگانلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش . ھەممە ئۇيغۇر كوچىلارغا تۆكۈلۈپ « خىتاي ۋىرۇسنى لاگىردىكى خەلقىمىزگە يۇقتۇرۇپ تۈگەتمەكچى ! ئۇلار چاغاننى ئۆتكۈزمىدى . كىنوخانىلارنى تاقىدى . ئەمما لاگىرلارنى تاقىمىدى . سەۋەبى بىرلا : بىزنىڭ خەلقىمىزنى ۋىرۇس ئارقىلىق تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش !» دەپ شوئارلارنى ھەر خىل تىللاردا يېزىپ چىقىپ ئاگاھلاندۇرۇش . بولۇپمۇ گېرمانىيەدە نەچچە كۈن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيا ئىسرائىلىيەدە خاتىرىلىگەن قورقۇنچلۇق جاز لاگىرى بىلەن خىتاي ئۆلۈم لاگىرلىرىنى پەم بىلەن كىرىشتۈرۈپ ، نېمىسلارنى قوزغىتىش كېرەك . باشقا بىر كىشىلىك شەخسلەرمۇ ئۆزى بىلىدىغان تىللاردا ھەر خىل ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ھەرىكىتنى كۈچەيتىش . 10 كۈن ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈپ ، ئۆزىنىڭ شەخسىي خىزمەتلىرىنى ۋاقىتلىق قايرىپ قويۇپ ، رەزىل دۈشمەننىڭ 5 - فېۋرال ۋەتىنىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ۋىرۇس تارقىتىشىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلىش . بولۇپمۇ خىتاينى ۋە خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر دادىللىق بىلەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا بىلىدىغانلىرىنى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك . ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يۇقىرىقى چاقىرىق بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ . بولۇپمۇ ئادېلايت شەھىرىدىكى غۇلجىلىق ۋە قەشقەرلىكلەر ئاكتىپلىق بىلەن 10 كۈن ھەربىي ھالەت جاكارلاپ ، 26 - يانۋار غۇلجىدىكى بىڭتۈەننىڭ غۇلجىنى قامال قىلىپ ، كىرىش ۋەچىقىشنى چەكلىگەنلىكى ، 5 - فېۋرال بۇ خىل ئەھۋالنىڭ 1997 - 5 - فېۋرال تەكرارلىنىپ قەلبىدە مەڭگۈ تاتۇق قالدۇرغانلىقىنى ، قەشقەردە يېڭىدىن لاگىرلارغا ئادەم سولاشنى باشلىغانلىقى ، ھەتتا كىنوخانىلارنىمۇ تاقاپ ، ئادەم توپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇۋېلىپ، ئەكسىچە لاگىرلاردىكى خەلقىمىزنى قويۇۋېتىش تۈگۈل تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك ! كەلگۈسى 10 كۈن بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم !

3 . ئامېرىكا ۋە كانادا : بۇ ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مىكائىل پومپيو ( پولاتبەگ ) ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە زىيارەتكە كېلىدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت . ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئاللىبۇرۇن ۋىرۇس ھەققىدە سەزگۈر ھالەتكە ئۆتۈپ بولدى . ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ، د ئۇ ق نىڭ خادىملىرى ۋە باشقا بارلىق تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا دەرھال مۇكەممەل تەلەپ ۋە ئىلتىماس سۇنۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك . ئۇلار ئامېرىكىغا 1969 - يىلى خىتاينى سوۋېتنىڭ يادرو ھۇجۇمىدىن قانداق ساقلاپ قالغان بولسا ، بۈگۈن خەلقىمىزنى خىتاينىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىدىن شۇنداق ساقلاپ قېلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىشى كېرەك ! تارىختىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينى يۆلەپ ۋە قوللاپ بىزگە قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنى سىلىق يۈزىگە سېلىپ ، خاتالىقىدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن بولسىمۇ ، بۇ خەۋپنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىش . بەھرام سىنتاش بىر دوكلات تەييارلىسۇن ! دوكتۇر ۋە دوختۇر مەمەت ئىمىن ئاكا تىببىي نۇقتىدىن بىر ئىلمىي دوكلات تەييارلاپ بەرسۇن . سىياسەتتە قابىل بىرەيلەن ئۇنى سىياسىي نۇقتىدىن شەرھىلەپ ، بۇ ۋىرۇسنى خىتاينىڭ قانداق قىلىپ خەلقىمىزنى باستۇرۇشقا قورال قىلىۋالغانلىقى ، ئۇلارنىڭ
ھەمىشە شەرقتىن شەوە بېرىپ ، غەرپتىن ھۇجۇم قىلىدىغان ھىلىگەرلىكىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ، دۆلەت مەجلىسى ۋە پولاتبەگ قولىغا تەككۈزۈش . بولۇپمۇ پولاتبەگ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا بارلىق ئەندىشىلىرىمىزنى بىۋاستە بىلدۈرۈش. ئۇندىن باشقا شارائىت يار بەرگەن ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدە ئالدىنى ئېلىشقا سەۋەپ قىلىشى . تۈگۈلۈۋالغان تەبىئىي پەن زىيالىلىرى ، بولۇپمۇ بىئولوگىيە ۋە گېن كەسپىدىكى كىشىلەر چوقان كۆتۈرۈشى كېرەك ! 5 - فېۋرالغا قەدەر مارافونچە نامايىش قىلساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولغىنى .

4 . ئوتتۇرا ئاسىيا :  بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەر خىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خوشنا خەلقلەرنى قوزغىتىپ ، ھەر تەرەپتىن خىتتايغا بېسىم چۈشۈرۈشى كېرەك . قالغان تەۋسىيەلەر يۇقىرىقى تەۋسىيەلەر بىلەن ئوخشاش .

ھازىرغىچە ئىشلارنى ئىلاھىي ئادالەت ، ئىلاھىي تەقدىر ۋە ئىسلامچە قىممەت قاراشتى خالىي ھالدا تەھلىل قىلدۇق . بۇنى كۆرۈپ خەلقىمىز ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئەمدى بۈگۈن بۇ ئىشنى ئۇيغۇرچە قىممەت قاراش ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمۈدۋارلىق ئامىللىرى ئارقىلىق بايان قىلىپ ، خەلقىمىزنىڭ سۇنۇق دىللىرىگە مەلھەم قىلىمىز !

ئىنسانىيەت يارىتىلغاندىن بېرى بۈگۈنگىچە ھەق بىلەن ناھەق ، مەرىپەت بىلەن جاھالەت ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ كەلدى . ئەمما ھەيران قالارلىقى ھەر قېتىمدا ھەقىقەت تەرەپدارلىرى ماددىي جەھەتتە دۈشمەنلىرىدىن ئاسمان زېمىن كۈچ پەرقىگە قارىماي داۋاملىق يېڭىپ كەلدى . يىراق قەدىمقى تارىخلارغا نەزەر سالساق :

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2860 - يىللىرى، يەنى ئوغۇزخان دەۋرىدە ئىراق پادىشاھى نەمرۇد ھەزىرىتى ئىبراھىمنى بىر ئاي ئۇدا توشۇپ كەلگەن ئوتۇن دۆۋىسىگە ئوت يېقىپ ، ئۇنى يىراقتىن مەنچاناق ئارقىلىق ئوت مەركىزىگە ئاتقان . ئەمما ئوت ئۇنى كۆيدۈرمىگەن . ( بۇ مەلۇمات قۇرئاندا بار ). ئەكسىچە جېنىنى ئەزرائىلدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۆمۈر قەسىر - ساراي ياسىتىپ ئىچىگەكىرىۋالغان نەمرۇدنى بىر پاشا ئۆلتۈرۈپ قويغان.( ئىلاھىم بۇ ۋىرۇس باندىتلارنى شۇنداكق ھالاك قىلغاي)!
دېيىلىشىچە قارلىغاچ ئوت ئۈستىگە سۇ چاچسا ، باشقا جانلىقلار مازاق قىلىپ ، بۇنچىلىك سۇغا ئوت ئۆچەمدۇ !؟ دېسە ، ئۇ ، مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم ! دېگەن . ( بىزدىمۇ شۇ قارلىغاچ روھى  بولسۇن ! قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ ، ئاندىن تەۋەككۈل دەيلى).

2  . ھەزرىتى مۇسا مىلادىدىن 13 ئەسىر بۇرۇن مىسىردا جازا لاگىرلىرىغا سولانغان مىللىتىنى قۇتقۇزۇپ چىقىش يولىدا پىرئەۋننىڭ بىر مىليون ئاتلىق قوشۇنىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى ۋە قىرىلىپ كېتىش خەۋپىدە قالغاندا ، خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە قولىدىكى ھاسىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئىشارەت قىلغان . دېڭىز يېرىلىپ ئۇلار قۇتۇلغان. پىرئەۋن بالرىق ھەربىي كۈچى بىلەن غەرق بولغان . ئىنسانچە ئويلىغاندا ، مۇسانىڭ شۇ قەدەر قۇل مىجەز ۋە ئۇزۇن يىللىق قۇللۇقتا ئەبگالىشىپ كەتكەن خەلقنى ھەر جەھەتتىن تەربىيىلەپ ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، پىرئەۋن بىلەن ماددىي كۈچتە تەڭلەشمەكچى بولسا يۈز يىلمۇ يەتمەيتتى . ئەمما مەسىلە ئاسانلا ھەل بولدى . چۈنكى ئۇلار مۇساغا ۋە ئۇنى ئەۋەتكەن خۇداغا ئىشەنگەنىدى . بۇ يەردىكى بىر مەسىلە بەك مۇھىم . يەنى خۇدانىڭ بىراقلا دېڭىزنى بۆلمەستىن ، بەلكى مۇسانى ھاسىسىنى شىلتىغۇزۇش ئارقىلىق ئىككىگە بۆلگەنلىكىدە چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنغان . ئەمما گەپ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇنچىلىك بايان قىلايلى.

3 . مىلادى بىرىنچى ئەسىردە ئەجداتلىرىمىز خىتاي بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا قىرىلىپ كېتىپ يالغۇز بىر بوۋاقلا ئامان قالغان . كېيىن دۈشمەن ئۇنىمۇ يوقاتقىلى ئادەم ئەۋەتكەندە ، ئۇ بۇ بالىغا ئىچى ئاغرىپ ، پۇت - قولىنى كېسىپ تاشلىۋەتكەن . خۇدا ئۇ بالىنى بىر بۆرە ۋە ئۇچار قۇشلار ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرغان . كېيىن ئۇ بالا چوڭ بولۇپ ، كۆپ ئەۋلادلىق بولۇپ ، دۈشمەننى ھالاك قىلغان .

3 . مىلادى 622 - يىلى 11 - سېننتەبىر مەككە باندىتلىرى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنى ھىرا غارىدا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش خەۋپى تۇغۇلغاندا ، بىر ئۆمۈچۈك غار ئاغزىغا تور توقۇۋەتكەن . بىر كەپتەر غار ئۈستىگە قونۇپ ئۇلارنى قايمۇقتۇرغان . ئۇلار قۇتۇلۇپ قالغان. شۇنداق قىلىپ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پارلاق دەۋى باشلانغان .

4 . چاناققەلئە مۆجىزىسى :
1915- يىلى 18- مارت كۇنى 18 چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى، 109 ھۇجۇمچى پاراخوت، 308 ئەسكەر توشۇش كېمىسى ۋە يۇزلەرچە ئايرۇپىلان بىلەن نەچچە يۇزمىڭلىغان ئەسكەر دېڭىزدىن، قۇرۇقلۇقتىن ۋە ھاۋادىن چاناق قەلئە بوغۇزىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنلىرى بالقان يېرىم ئاراللىرىدا، كافكاسىيەدە ۋە ئوتتۇرا شەرىقتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربى، ئىقتىسادى كۇچى ئىنتايىن ئاجىزلىغان ئىدى. بۇ كۆرۇلۇپ باقمىغان غايەت زور ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پۇتۇن دۇنيا تۇركلەر تۇگەشتى دەپ ئويلىغان ئىدى ۋە ھىساپ - كىتاپ، پىلانلىرىنى بۇنىڭغا ئاساسەن تۇزۇپ بولغان ئىدى. چاناق قەلئەنى قوغداش ئۇچۇن مۇستافا كامال قوماندانلىقىدىكى 19- تۇمەن مۇداپىئەگە ئۆتتى. ياۋروپا ئارمىيەسى باشتا دېڭىزدىن ھۇجۇم باشلىدى، ئەمما ئىنتايىن شىددەتلىك بىر قارشىلىققا دۇچ كەلدى، نەچچە ئونلىغان پاراخوتلىرى ۋە مىڭلىغان ئەسكەرلىرى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن تەڭ ھۇجۇم باشلىدى. قىرغاقلارنى قورقۇنۇچلۇق بىر بومباردىمانغا تۇتتى، پۇتۇن چاناق قەلئە شەھىرى تۇپتۇز بولۇپ كەتتى. قىرغاقتىكى تۇرك زەمبىرەكلىرى ئېتىشتىن توختىغان ئىدى. دۇشمەنلەر ھىچكىم ساق قالمىدى دەپ ئويلاپ پۇتۇن كۇچى بىلەن چاناق قەلئە بوغۇزىنىڭ ئىچىگە ئىلگىرلەشكە باشلىدى. ئەمما مۆجىزە يۇز بەردى .  ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئوسمانىلارنىڭ ئىستانبۇل ئالدىنقى سەپ لىنىيىسىنى يىمىرىپ ، پايتەختنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتتى . ئەمما بىردىنلا بىر پۇتى سۇنغان ئون بېشى سېيت نوچى ھوشىغا كېلىپلا ، دۈشمەن پاراخوتلىرىنىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ، دەرھال 275 كىلوگراملىق زەمبىرەك ئوقىنى ئۆزى يالغۇز شوتىسى سۇنغان زەمبىرەككە تەستە ئوقلاپ ، ئەڭ چوڭ بايراقدار پاراخوتنى نىشانلاپ ، بىسمىللاھ دەپ ئاتقان. ئوق دەل ئۇنىڭ تۇرخۇنى ئارقىلىق قورال - ياراق ئامبىرىغا چۈشۈپ پارتلىغان . نەتىجىدە ئۇ پاراخوت چۆرگىلەپ يېنىدىكى نەچچە پاراخوتنى چۆكتۈرۈپ تاشلىغان . ئۇلار ياردەمچى قوشۇن كەپتۇ دەپ قاراپ چېكىنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئوسمانىلار ئىشغالىيەتتىن ساقلىنىپ قالغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.

بۇ ھېكايىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرى  « ھەربىي ئىشلار تورى » دا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :

 بىر تۆپىلىكتە 3 تۇرك ئەسكىرى قالغان ئىدى. ئىككىسى ئېغىر يارىدار ئىدى. قالغان تۇرك ئەسكەرلىرى تامامەن قىرىلىپ تۇگىگەن ئىدى. دۇشمەنلەر ئاخىرقى قېتىم پۇتۇن كۇچىنى توپلاپ چاناق قەلئە بوغۇزىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر نەرسە قالمىغاندەك قىلاتتى. دۇشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پاراخوتى بولغان << يېرىم دۇنيا >> ئىسىملىك پاراخوتى بار ئىدى. ساق قالغان 3 ئەسكەرنىڭ بىرى بولغان سەئىد ئونبېشى دۇشمەنلەرنىڭ تېز سۇرئەت بىلەن ئىستانبۇلغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ياردەمچى قوشۇن تېخى كېلىپ بولالمىغان ئىدى. يېنىدا بىر زەمبىرەك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر زەمبىرەك ئوقى قالغان ئىدى. ئەمما زەمبىرەكنىڭ ئوقنى قويۇش ئۇچۇن كۆتۇرىدىغان پۇتى سۇنغان ئىدى. ئوقنى قويۇش ئۇچۇن پەقەت قول بىلەن كۆتۇرۇپ زەمبىرەكنىڭ ئىچىگە قويۇش كېرەك ئىدى. ئەمما ئوقنىڭ ئېغىرلىقى 275 كىلوگىرام ئىدى !!! قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاقىت ئىنتايىن ئاز ئىدى. تۇيۇقسىز << ئاللاھۇ ئەكبەر >> دىگەن بىر نارە ئاڭلاندى ۋە سەئىد ئونبېشى 275 كىلولۇق زەمبىرەك ئوقىنى كۆتۇرۇپ تۇققۇز بالداقلىق پەلەمپەيدىن زەمبىرەكنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئوقنى ئىچىگە قويدى ۋە << ئى اللە! بۇ مۇقەددەس تۇپراقلارنى، ئالەمى ئىسلامنى، سەن ئەزىز قىلغان تۇرك مىللىتىنى كاپىرلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتما، مۇسۇلمانلارنى بۇ كاپىرلارنىڭ قولىغا چۇشۇرمە، يا ئاللاھۇ ئەكبەر >> دەپ زەمبىرەكنى ئەڭ چوڭ كىمىگە قارىتىپ ئاتتى. ۋە بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئوق ئۇ ئەڭ چوڭ كىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىدىكى تۇرخۇنىدىن ئىچىگە كىرىپ شۇنداق شىددەت بىلەن پارتىلىدىكى، پۇتۇن چاناق قەلئە ئاسمىنى زىلزىلىگە كەلدى. ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان كىمە، سۇنىڭ ئىچىدە ئەتراپىدا پېقىراشقا باشلىدى، ۋە باشقا كىمىلەرگە سوقۇلۇشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن دۇشمەن قوماندانلىرى يېڭى تۇرك تۇمەنى ياردەمگە كەلدى دەپ ئويلاپ دەرھال چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى، ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن سۇلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۇنكى بۇ ئۇرۇشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 1 مىليونغا يېقىن ئەسكىرى قاتناشقان ئىدى ۋە ياۋروپادىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىغا جىددى ئەسكەر لازىم ئىدى. چاناق قەلئە ئۇرۇشى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى 2 يىل ئۇزاتتى، ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ 1 مىليونغا يېقىن ئەسكىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدىن يىراق قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى.بۇ پىلاننى تۈزگەن چېرچىل ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ئارمىيەدىن قوغلانغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە چېرچىل رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇرۇشتىن كېيىن مۇخبىر خەۋەر ئىشلىمەكچى بولۇپ ، سەئىد ئونبېشىنى ھېلىقى ئوقنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان . ئەمما بۇ قېتىم ئونبېشى ئوقنى ئورنىدىنمۇ مىدىرلىتالمىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يالغان بىر ئوقنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەن .

يۇقىرىقى ۋەقەلەردىكى بىر ئورتاقلىق شۇكى ، ھەقىقەت تەرەپدارلىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنىمۇ ئۈمۈد بىلەن ئاتقان . ھېچكىم قىياس قىلمىغان غەلىبە ئۇلارغا يۈزلەنگەن . مانا بۇ قۇرئان كەرىمدىكى بەش ئاساسلىق تېمىنىڭ بىرى بولغان تارىخ ۋە ئۇنىڭدىن چىققان يەكۈن . مانا بۇ ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى قانۇنىيىتى . بۇنى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز 23 يىللىق سىياسىي كۈرەش ھاياتىدا بىزگە ئەمەلىي كۆرسىتىپ بەردى .
لېكىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاخىرقى ئوقنى تېخى ئاتمىدى . ئەكسىچە « بەرىبىر نەتىجە ئوخشاش بولىدۇ » دەپ ئۆزىگە ئىشەنمەي سەل قاراۋاتىدۇ . زادى ئوقى قالمىغانلار دۇئا ئوقىنى ئاتسۇن !
دۇئا دەل بىزدەك ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان پاجىئەگە دۇچار بولغان خەلقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاخىرقى ۋە دائىمىي قورالى ! نامازلاردىلا ئەمەس ، ھەر ۋاقىت دۇئا قىلايلى ! ئەمما قۇرۇق تالاش قىلمايلى !

جەنۇپتىكى قۇرغاق ۋىلايەتلەردە ئەجداتلىرىمىز يازكۈنلىرى يامغۇر تىلەش ئۈچۈن سەھرالارغا چىققاندا ، ھەر تۈرلۈك ھايۋانلار بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرى ۋە بوۋاقلىق ئاياللارنى بىللە ئېلىپ چىقىپ ، بالىلارنى ئانىسىدىن ئايرىپ تاشلايدىكەنتۇق . موزايلار ، قوزىلار ، تايلار ۋە بوۋاقلار پەرياد كۆتۈرسە ئانىلىرى چىدىماي مۆرەپ ، مەرەپ ، ۋاي بالام دەپ نالە قىلار ئىكەنتۇق . شۇئان قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەنتۇق. پەقەت يامغۇر ياغمىسا مۇشۇ ئۇسۇلنى تاللىسا چوقۇم يامغۇر ياغاتتىكەن . بۇ ھەرگىزمۇ خۇراپىيلىق ياكى تاسادىپىيلىق ئەمەس . بەلكى زۇلۇم ۋە مەزلۇمنىڭ پەريادى خۇدانىڭ ئەرشىنى تىترىتىشى ھەقىقەت بولۇپ ،تېخى يېقىندىلا ئاۋسترالىيەدە تاتلىق سۇ يېتىشمەي ئون مىڭ تۆگىدىن بەش مىڭى ئۆلتۈرۈلگەن زامان قاتتىق يامغۇر يېغىپ ، ھەتتا تاس قالدى سۇغا غەرق قىلىۋەتكىلى . بەلكىم بۇ بىر تاسادىپىيلىقتۇ . ئەمما ئەجداتلارنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر دىنىي ۋە پەلسەپىۋىي ئاساسى بار . ئۇنى ھازىرقى مەنىۋىيەتتىن خالىي ماددىنى مەكەز قىلىدىغان بىلىملەر بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ .

ئەمدى قاراپ باقساق ، رەزىل خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 40 مىليوندەك ھەر مىللەت خەلقىمىزنى بىر - بىرىدىن ، ئانىنى بالىدىن ، دادىنى ئوغلىدىن ئايرىۋەتتى . ئۇندىن باشقا مىليونلىغان جانىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلىدى . بىزنى 70 يىل قانلىق يىغلاتتى ، دەپسەندە قىلدى ، خورلىدى ، قىممەت قاراشلىرىمىزنى پايخان قىلدى ، قۇرئانلارنى كۆيدۈردى . مەسچىتلەرنى چاقتى، ئۆلىمالار ، ئالىملار ، زىيالىلار ۋە بارلىق سەر خىللىرىمىزنى يوقاتتى . ئەمدى ۋىرۇس ئارقىلىق پۈتۈن خەلقىمىزنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ . ئەجەبا ئىشلار مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن يەردە ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى تاشلاپ قويارمۇ !؟ ئەسلى بىزنى پۈتۈن دۇنيانىڭ تاشلاپ قويۇشى ۋە ئالداپ يۈرۈشى نەتىجىسىدە يەر شارىدىكى شىكايىتىمىز ئاللىبۇرۇن ئاسمانغا ئۆرلەپ بولدى . ۋەتەندىكى خەلقىمىزمۇ ئاللىبۇرۇن مۆجىزىگە ۋە غەلىبىنىڭ شەرتلىرىگە لايىق بولۇپ بولدى . ئەمما ھەر قايسى ساھەلەردىكى بارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئەمەس . نەچچە كۈندىن بېرى قوزغالغان
« خىتاي ۋىرۇسى خۇدانىڭ جازاسىمۇ ئەمەسمۇ !؟ ئاق خىتاي قىزىل خىتايدىن ياخشىمۇ ئەمەسمۇ !؟ ئاۋسترالىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش توغرىمۇ خاتا !؟ » دېگەندەك ئىنتايىن تېتىقسىز ۋە ئورۇنسىز تالاشلارنى كۆتۈرۈپ چىققان ۋە ئۇلغايتىۋاتقان كىشىلەر دەل ھەر قايسى ئېقىملارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پېشۋالىرى ۋە بىر قەدەر ئۈلگىلىك شەخسلىرى بولۇپ ، گېلىغا پىچاق تەڭلەنگەن بىر مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاللانغان ۋاختى قىس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە بۇنداق ۋاقىت ئىسراپ قىلىشى ئىلاھىي غەلىبىنىڭ تېزدىن يېتىپ كېلىشىنى توسىدۇ . ھازىرقى ئۆز ئارا ئۆچمەنلىكلەر پەقەت رەزىل ۋە رەھىمسىز دۈشمەنگە قارىتىلمىغۇچە ، بىزدىكى ئىچكى نەپرەت تاشقى دۈشمەنگە قارىتىلىپ، ئورنىنى رەھىم - شەپقەت ، مېھرى - مۇھەببەت ۋە كەڭ قورساقلىق ئىگىلىمىگىچە بىزگە خۇدانىڭ ياردىمى كەلمەيدۇ .

ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ[11].  سۈرە رەئىد 11 - ئايەت .

سۈرە ئىنشىراھ 5 - ئايەت
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار[5].
سۈرە ئىنشىراھ 6 - ئايەت
ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار[6].
سۈرە ئىنشىراھ 7 - ئايەت
(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن[7].
سۈرە ئىنشىراھ 8 - ئايەت
پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن[8].

شۇڭا قىلچە ئۈمۈدسىزلىنىشكە بولمايدۇ . بىز خۇدايىم بۇيرۇسا 100% غەلىبە قىلىمىز . ئەمما خەلقىمىزگە كېلىدىغان تالاپەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن بارلىق سەۋەپلەرنى قىلىشمىز ، ۋاستە تاللىماسلىقىمىز كېرەك !

خىتايغا كەلگەندە ئىش ئاسان ! ھازىرقى خىتايدىن بەك قورقۇپ كەتكەنلەر ياكى ئۇنى يىمىرىلمەس دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ مۇنۇ خۇلاسىسى ۋە يەكۈنىنى تەۋسىيە قىلىمىز :

« موسكۋا خىياللىرى»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيەنىڭ بىر پاي ئوقسىز، بىر كېچىدە قانداق غۇلىغانلىقىغا شاھىت بولۇشۇم سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن دۇنيادا ئەبەدىيلىك ئىمپېرىيە بولمايدىغانلىقىغا قەتىي ئىشەنگەنىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن « دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىختىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر ! » دەپ خۇلاسە چىقارغانىدىم.

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 27 - يانۋار.  ھەربىي ھالەتلىك دۈشەنبە.