2020/10/30 03:36

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


دۈشمەننىڭ ئەسىرلىك قىيامىتى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، بىز قانچىلىك تەييار ؟؟؟

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/29 02:14

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

دۈشمەننىڭ ئەسىرلىك قىيامىتى  يېقىنلاشتى . بىز قانچىلىك تەييار !؟؟

كۈلپەت قانچە قورقۇنچلۇق بولسا ، پۇرسەتمۇ شۇنچە سەلتەنەتلىك بولىدۇ .

كېچىنىڭ ئەڭ قاتتىق قاراڭغۇلۇق ۋاختى دەل تاڭ ئېتىشقا ئەڭ يېقىن قالغان ۋاختىدۇر. 

« مەن ئۆمرۈمدە بۇ قەدەر قورساققا ۋە ئۇيقۇغا ئامراق ئەسكەرلەرنى كۆرمىگەن ئىدىم » . ئامېرىكا گېنىرالى. 1944 - يىلى چۇڭچىڭ.

چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىش ئالدىدا . باندىتلار ئىككى نەرسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . بىر نەرسە ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىمۇ يەۋېتەلەيدۇ .
ئۇلار ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىككى نەرسە دەل قورساق بېقىش بىلەن شىرىن ئۇيقۇ . مۇشۇ ئىككى نەرسىنى تارتىۋالغاندا ئۇلار دەرھال قارشىلىق كۆرسىتىدۇ . مانا ھازىر كورۇنا ۋىرۇسى ئۇلارنى ھەم قورساق بېقىش ھەم شىرىن ئۇخلاشتىن مەھرۇم قىلدى . باندىتلار پەقەت بىر نەرسىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھەتتا ئادەم گۆشى يېيىشتىن نومۇس ھېس قىلمايدۇ . ئۇ دەل « تاتلىق جان» نى ساقلاس . باندىتلارغا جان شۇنچىلىك تاتلىقكى ، ھايات ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تېپىلماس پۇرسەت . ئۇنىڭ نە ئاخىرەتكە ، نە باشقا بىر دۇنياغا ئىمانى يوق . بۇ دۇنيادا ئەتكىنىم ئەتكەن ۋە قىلىۋالغىنىم قىلىۋالغان دەپلا ياشايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا ئىنسانلىقتىن ھېچقانداق نېسىۋە قالمىغان. بۇنداق مەخلۇقلار يۈز يىلمۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي مۇنقەرز بولىدۇ . چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ئۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىشكە باشلىدى . ھېساپتا خەلقىمىز پۈتۈن دۇنيانى ئېغىر بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزۇپ قالدى . 
« مەن ئۆمرۈمدە بۇ قەدەر قورساققا ۋە ئۇيقۇغا ئامراق ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم » .
باندىتلارنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇرغان مەشقاۋۇل ئامېرىكا گېنىرالى  ، 1944 - يىلى چوڭچىڭ .

باندىتلارنىڭ كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن چوشقا قاتارلىق قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار ۋە ئۇچار قۇشلار سودىسىنى چەكلىشى قورساق ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىدىغان ، جان بېقىش ئۈچۈن ئادەم گۆشى يېيىشتىن يالتايمايدىغان يەجۈج - مەجۈجلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . بۇلار تېخى نەچچە ھەپتە بۇرۇن چوشقا گۆشى قىممەت ۋە قىس بولۇپ كەتتى دەپ ئۆيلىرىدە بېقىۋاتقان چوشقىلارنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئېتىزلارغا بىللە يۈدۈپ ئاپارغان ۋە ئاپتوبۇسلارغا بىللە ئېلىپ چىقىپ سەپەر قىلىپ يۈرگەنىدى . ئەگەر باندىتلار ئالدىن ئويلاپ قويغان توققۇز تەدبىرگە قارشى خۇدا ئوتتۇز تەدبىرنى ئوتتۇرىغا تاشلىسا ، ئۇ چاغدا ئىشلار بىردىنلا بىزنىڭ پايدىمىزغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ . يېڭى يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدىلا بىر يىللىق ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇق . ئەمدى رېتىم تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىپ بارىدۇ . ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزمۇ قىيامەتكە ئاز قالغاندا ۋاقىتنىڭ رېتىمى تېزلىشىپ ، بىر ئەسىر بىر يىلدەك ، بىر يىل بىر كۈندەك چاققان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلدۈرۈپ قويغان . ھەممىگە مەلۇمكى قىيامەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ . بىرى ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسىي قىيامىتى بولۇپ ، ئۆلگەن ھامان ئۇنىڭ قىيامىتى قايىم بولغان بولىدۇ . يەنە بىرى بىر مىللەتنىڭ قىيامىتى بولۇپ « ئەسىرلىك قىيامەت » دەپ ئاتىلىدۇ . مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 100 يىل بولىدۇ . كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . كونا ئەسىرنىڭ زومىگەرلىرى غۇلاپ ، يېڭى ئەسىرنىڭ لاياقەتلىك قەۋملىرى مەيدانغا چىقىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ رەزىل ۋە شەپقەتسىز ئىمپىرىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى
74 يېشىدا غۇلاپ چۈشتى . مانا ئەمدى يېڭى ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ « تېررورلۇق دۆلىتى» 71 ياشقا كىرىپ قالدى . ئۇنىڭ خەلقىمىزگە قىلغان ھەر خىل جىنايەتلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرگە قاراتقان بارلىق رەزىل ياۋۇزلۇقلىرىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى . سوۋېتلەر ئون نەچچە يىل سالغان زۇلۇمنى باندىتلار 70 يىل توختىماي داۋام قىلدى . دېمەك ئالدىمىزدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېشىغا بارماي تۇرۇپ غۇلاپ چۈشىدىغان بىر پور كۆتەك ۋە قەغەز يولۋاس تۇرۇپتۇ . ئاخىرقى بىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىيامىتى بولۇپ ، ھەر ھالدا خەلقىمىز يەنە بىر قېتىم دەۋران سۈرگىدەك ۋاختىمىز بار . يەھۇدىلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ خوجىسى بولغان مۇددەتچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ . بەلكىم ھېكمەتلىك رەببىمىز ئەرەبلەرنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان تارىخىي جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلغانلىقى ، ھەتتا باندىتلارنى ئوچۇق قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارغىمۇ ئازراق خورلۇقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويسۇن ، ئۇيغۇر بەندىلىرىم ئورنىدىن تۇرۇپ ، پۇخادىن چىققۇچە تارىختىن بۇيانقى ھەممە ئىنتىقامىنى بىراقلا ئېلىۋالسۇن دەپ قىيامەتنى ئارقىغا سۈرۈپ قويغان بولۇشى تامامەن مۇمكىن . شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر خۇدادىن ئۈمۈدسىزلىنىشكە بولمايدۇ . كىم بىلىدۇ ، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ - زارلىرى ئۈچۈنلا قىيامەتنى خېلىلا ئارقىغا سۈرۈۋەتتىمۇ تېخى !؟ چۈنكى قىيامەتنىڭ ۋاختى يېگانە ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ ، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ . يەر يۈزىدە ھەقىقىي لاياقەتلىك بىر ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتىقادىغا ، قىممەت قاراشلىرىغا سادىق بىر مۇسۇلمان قالغان مۇددەتچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ . شۇڭا بۇ دۇنيالىقىمىزدىن تامامەن ئۈمۈد ئۈزۈپ ، تېزرەك قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن ھەقلىق بولسىمۇ ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نومۇسلۇق بىر ئىش . تەدبىر تۈزمەي ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلماي دۇئا قىلدۇق دەپلا تۈگۈلۈۋېلىش ياكى يېتىۋېلىش بۇ دىننى مەسخىرە قىلغانلىق . ئوخشاشلا ئۆزىگە تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئېغىر مەسئۇليىتى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇپ چارە ئىزدىمەي ، خۇدانىڭ ئىشلىرىنى باھالاپ ، تۈرگە ئايرىپ ئولتۇرۇش ، ئورۇنسىز تالاش - تارتىش قورغاپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىۋېتىش ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ۋە زامانىۋى جاھالەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى . شۇڭا
خۇدا ۋەدە قىلغان سەلتەنەتكە ۋە دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن بەرگەن كاپالەتكە يارىشا لاياقەتنى ۋە سالاھىيەتنى تېزدىن پەيدا قىلايلى ، مۇكەممەللەشتۈرەيلى!

خەلقىمىز يۈز يىللىق خورلۇق، جاھالەت ۋە ئاسارەتنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ، تۇزدەك ئېرىپ كەتمەستىن ئەكسىچە يېڭى ئەسىرگە لايىق ھالدا ئۆزىنى قايتا ياساپ چىقىپ ، ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز قىلىۋاتىدۇ .  ئەشەددىي دۈشمىنىمىز بولغان باندىتلار گەرچە ئاسارەتتىن جىسمى قۇتۇلغىلى  111 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە روھىي جەھەتتىكى قۇللۇقتىن ئازراقمۇ قۇتۇلغىنى يوق . شۇڭلاشقا ئۇلار نىيىتىنى بۇزۇپ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە قۇل قىلماقچى بولۇپ ، خەلقىمىزنى تۇنجى سىناق قىلىپ تاللىۋېدى ، « چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى » چىشلەپتۇ دېگەندەك تۇلۇم چاشقان باندىتلار مەركىزىي ئاسىيادىكى يېگانە نىمجان يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ قويدى.
ئەسلىدە ئۆزلىكىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان يولۋاس قۇيرۇقىنىڭ ئاغرىقى بىلەن بىراقلا جانلاندى . پۇت - قولىغا ماغدۇر كىردى . ئەمدى بىرلا ھۆركىرىسە يېتەرلىك . مەينەت چاشقاننى چايناپ ئاغزىنى بۇلغىمىسىمۇ يولۋاسقا لايىق بىرلا نەرە تارتسا ، تۇلۇم چاشقان گازىر كۆز باندىتلار يۈرىكى يېرىلىپ دۈم چۈشىدۇ . ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار ئاللىبۇرۇن ئەرمەك مۈشۈككە ئوخشاپ قالغان.

ئاددىي بىر مىسال بىلەن ئىپادىلىسەك :

نەچچە كۈن بۇرۇن بىر ئورۇسنىڭ سىبىرىيەدە بىر بۆرىگە يەم بەرگەنلىك ۋىدىئوسى تارقىلىپ، ھەممە ئورۇسلار ئۇنى باتۇر ۋە جۈرئەتلىك ئىكەنسە دەپ ماختاپ كەتكەن . ئېيىق مىجەز ئورۇسلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن بۆرە گەرچە ئامالسىز ئاشۇ ئورۇس بەرگەن يېمەكلىكنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلەشنى ئۇنۇتمىغان . بۇ ئورۇسمۇ مۇشۇنچىلىك ئۆزىنى كۆرسىتىۋالغىنىنى پەش قىلىپ ، تاراتقۇلاردا بۆرىگە يەم بېرەلىگەن دەپ ماختىنىۋالغان .
ھېچبولمىسا مۇشۇ بۆرىدىكى سەزگۈرلۈكلا بولىدىكەن ھامان باش كۆتۈرەلەيمىز ! ئەمما مۈشۈككە ئوخشاش كىم بېشىمىزنى سىلىسا شۇنىڭ ئەرمەك ھايۋىنىغا ئايلىنىپ قالساق ، ئۇ چاغدا ھەممىسى بىزنى ئويناپ بولۇپ پەس قاۋان توڭگۇزغا پۇت - قولىمىزنى باغلاپ بېرىدۇ . ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈركپەرەس ، ئەرەبپەرەس، غەربپەرەس ۋە خىتايپەرەس « مۈشۈك خاھىشى ( ئاكىسىراش خاھىشى)» مەۋجۇت . ھەممەيلەن گەرچە شەكىلدە شۇنداق بولۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ ، بىراق ئەمەلىيەتتە چوقۇم ئۇچىغا چىققان ئۇيغۇرپەرەس ۋە مىللىي مەنپەئەتنى مەركەز قىلىپ ، ئۇنى ئوي - پىكىر ، گەپ - سۆز ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان « بۆرە مىجەز خاھىش » نى بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالىي مىزانى قىلىشى كېرەك! بولۇپمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ( توغرىسى شۇلارنىڭ چاپانچىسىغا ئايلىنىپ قالغان ) ياكى ھەر خىل چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويغان ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى « بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىخىڭ شۇ ، ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ » دېگەن پەلسەپىدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىشى كېرەك ! بولمىسا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلغۇدەك سالاھىيىتى قالمايدۇ . پەقەت بىز ئەرمەك مۈشۈككە ئوخشاش كىم بېشىمىزنى سىلىسا ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىمىزنى ، ھەتتا نومۇسىمىزنى ۋە غۇرۇرىمىزنى قوش قوللاپ بېرىۋېتىشكە خاتىمە بەرسەكلا ، شۇندىلا ھېچكىم بىزنى قايتا ئويناپ، سېتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئەگەر ئۆزىمىز كەتكۈزۈپ قويساق ئۇ چاغدا « ياتلارنىڭ مۇزدەك ساغرىسىغا چوغدەك يۈزىمىزنى يېقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىزدە ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز رەسۋا قىلىمىز ».
« بىز ئۆزىمىز خالاپ خەخنى گەدىنىمىزگە مىندۈرۈپ قويمىساقلا ، ئۇلار زورلۇق بىلەن بىزنى ئېشەك قىلىپ مىنىشكە پېتىنالمايدۇ » .  سايرام ئوغلانى.

تېخىچە ھازىرقى خىتايدىن بەك قورقۇپ كەتكەنلەر ، ياكى قەلبىدىكى خىتاي قورقۇنچى يۈرىكىنى ۋە مېڭىسىنى چىرمىۋالغانلار ۋە ياكى ئۇنى يىمىرىلمەس ئىمپىرىيە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا يەنىلا تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ مۇنۇ خۇلاسىسى ۋە يەكۈنىنى تەۋسىيە قىلىمىز :
« موسكۋا خىياللىرى»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيەنىڭ بىر پاي ئوقسىز، بىر كېچىدە قانداق غۇلىغانلىقىغا شاھىت بولۇشۇم سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن دۇنيادا ئەبەدىيلىك ئىمپېرىيە بولمايدىغانلىقىغا قەتىي ئىشەنگەنىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن « دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىختىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر ! » دەپ خۇلاسە چىقارغانىدىم.  نەبىجان تۇرسۇن

خۇلاسە :

ئۇنداقتا باندىتلارنىڭ قىيامىتى باشلىنىش ئالدىدا ئىكەن ، بىز قانچىلىك تەييار !!؟ بىردىنلا ۋەتەندە ۋەزىيەت يامانلىشىپ ، لاگىرلارغا سولاپ قويۇلغان خەلقىمىز ئاچارچىلىققا دۇچ كەلسە ، كىم ناتونىڭ ئىشكىنى چېكىپ تىنچلىق ساقلاش قىسمى ( كۆك قالپاقلىق ئەسكەر ) تەلەپ قىلالايدۇ !؟ ناتو ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ ئەسكەر تەمىنلەپ بەرمىسە ، قايسى جايدىكى ئون مىڭ قورقماس يىگىت ۋىرۇسقا قارىماي خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانما ئەسكەر قىلىپ تىزىملاپ ۋەتەنگە كىرىشكە تەييار تۇرالايدۇ !؟ قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەنگە قايتقۇدەك جاسارىتى بار !؟ قانچىلىك ئۇيغۇر ۋەتەنگە قايتىشتىن ئۈمۈد ئۈزۈپ سىڭىشىپ كېتىش يولىنى تاللاپ بولدى !؟ پات ئارىدا چوڭ مالىمانچىلىق چىقىپ قالسا نېمە قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلاپ باققان ئۇيغۇرلار قانچىلىك !؟؟ ئۇندىن باشقا يەنە يۈزلىگەن سوئاللار بار . ئەمما يۇقىرىقى سوئاللار سىزنىڭ كېيىنكى سوئاللارغا لايىق ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى ئايرىپ بېرىدۇ . بۇنىڭ ئاخىرىنى كاللىدىن كەتمىگەن ، ئۈمۈدىنى يوقاتمىغان ، ۋەدىسىدە راستچىل بولغان ، خەلقىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى چوڭقۇر ئويلىنىپ جاۋاپ تېپىشى ياكى ھازىرىدىن باشلاپ جىددىي تەييارلىق ھالىتىگە كېلىشى كېرەك ! قورساق بېقىش بىلەن شىرىن ئۇيقۇغا ئامراقلىقتا ، سېسىق جېنىنى دەپ خەلقىنىڭ ۋە مىللىي ئىستىقبالىنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدىغان قىلمىشلارنى تاللاپ كەلگەن ، تاللاۋاتقان ۋە تاللىماقچى بولغانلارنىڭ باندىتلاردىن پەرقى يوق ! باندىتلاردىن پەرقى بولمىغانلارنىڭ نە بۇ مىللەتكە يولباشچى بولۇش ، نە بۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى يوق . ئۇنداق پەرقسىز مەخلۇقلارمۇ خۇدانىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ . بىزنىڭ غەلىبە قىلىدىغان كۈنىمىز دەل باندىتلار بىلەن بولغان بارلىق ئوخشاش پەسكەشلىكلەردىن ئادا - جۇدا بولۇپ، باندىتلار بىلەن بولغان پەرقىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىسپاتلىيالىغان كۈنىمىز شۇدۇر .

خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ - زارى ھامان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ . بىر ئايدا بىر يىللىق ئىشلارغا شاھىت بولدۇق . ئەمدى بىزمۇ تەڭ رېتىمنى تېزلەتمىسەك ، ۋاختىدا تەدبىر تۈزۈپ قويمىساق ، ئاكىسىراش خاھىشىدىن ۋاز كەچمىسەك ، دۇنيا بىزگە يەنە يېڭى بىر خوجايىن تەييارلاپ قويىدۇ . چۈنكى بۇنداق
« ئۆزىنى كەمسىتكەن ، ئۆزگىنى ئاكا تۇتۇشقا ھېرىسمەن قەۋمنى ھەممە ياتلارنىڭ ئېشەك قىلىپ مىنگۈسى كېلىدۇ » .

ئوخشاش سېنارىيە ۋە ئوخشاش تراگېدىيە :

« پەيغەمبەرلەر قىسسىسى » دېگەن كىتاپتا بىر توقۇلما بار . ھەر ئوقۇساق ئادەمگە شى جىن پىڭنى ئەسلىتىدۇ :

يىراق قەدىمقى زاماندىكى زالىم ھۆكۈمدارلار ئىچىدە « شەدداد » ئىسىملىك بىرى بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى جەھەتلەردىن شى غا ئوخشايتتى . ئۇ بوۋاق ۋاختىدا كېمە چۆكۈپ كېتىپ ، ھەممە ئادەم غەرق بولغان . ئەمما ئەزرائىل ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشقا كۆزى قىيماي ، خۇدادىن ئۇنى تىلىۋالغان . ئۇنى بىر تاختايغا چىقىرىپ قىرغاققا ساق ئەكىلىپ قويغان . ئۇنى شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالە بالا قىلىپ بېقىۋالغان . ئەمما بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ ئاش بەرگەن بۇ خەلققە مۇشت بېرىپ ، ئۇلارنى خۇددى پىرئەۋن بەنى ئىسرائىلنى ئەزگەندەك قاتتىق ئېزىپ ، ئۇلارنى بۇنداق مەلئۇننى باققىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شۇنداق كاتتا بولغانكى ، ھېچكىم ئۇ دەۋردە سەلتەنەتتە ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمىگەن . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تولىمۇ ھەشەمەت بىر چاھارباغ ياساتقان بولۇپ ، 80 يىلدا پۈتكەن باغى ئېرەمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ماڭغان . ئەمما يول ئۈستىدە ئەزرائىل ئۇنى توسقان . ئۇ يالۋۇرۇپ ، پۈتۈن ئۆمرۈمدە خىيال قىلىپ چىققان شۇ جەننىتىمنى بىر كۆرۈۋالاي دەپ يىغلاپ يالۋۇرغان . ئەزرائىل يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قالغان . شۇندىلا خۇدا ئەزرائىلغا « ئەي ئەزرائىل ، بىر ئادەمگە ئىككى قېتىم ئارىچى بولامسەن !؟ ئەينى ۋاقىتتا سەن تىلىۋالغان بوۋاق دەل مۇشۇ قانخور شادداد ئىدى » دەپ ئەيىپلىگەن . شۇندىلا ئەزرائىل ئەينى ۋاقىتتا خاتا قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئۇنىڭ جېنىنى شۇ زامان جەھەننەمگە يوللىغان .

گەرچە بۇ توقۇلما ۋەقەلىك بولسىمۇ ، ئەمما بوۋاقلىق دەۋرىنى دادىسى بىلەن بىللە ئەزىز ۋەتىنىمىزدە ئۆتكۈزگەن ، ماينۇر قاسىمىنىڭ قولىدا قاتارغا قوشۇلغان ، ۋەتىنىمىزنىڭ ساپ ھاۋاسىدا ، يېشىل يېمەكلىكلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىپ ، خىتايدىكى ئاچارچىلىقتىن ساق قالغان شى جاللاتنىڭ ئارىدىن ئاتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان خەلقىمىزگە ئاسىيلىق قىلىپ ، قىرىپ يوق قىلماقچى بولۇشى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتا ئىچ ئاغرىتىپ بېقىپ قويغان خەلقىمىز خۇدانىڭ ھېكمىتىنى بىلمىگەن ئەزرائىلغا ئوخشىسا ، « خىتتاي چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى كۆرەلمەي ئارمان بىلەن جەھەننەمگە كېتىش ئالدىدا تۇرغان شى قانخور تارىختىكى شەددادقا ئوخشايدۇ . شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قايتا ئىچ ئاغرىتىپ قالىدىغان
« ئۇيغۇر ئەزرائىللار » غا تەنبىھ بېرىپ خاتالىقىنى تونۇشقا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك!


سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 29 - يانۋار  ئۈمۈدلۈك چارشەنبە