2020/10/21 09:53

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىمىرىلىش ۋە قايتا تىرىلىش قانۇنىيىتىدىن كېلەچىكىمىزگە نەزەر

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/29 10:57

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


يىمىرىلىش ۋە قايتا تىرىلىش قانۇنىيىتى

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر 1 »

ئاۋارلار،كۆكتۈركلەر،خازارلار، ئۇيغۇرلار, مۇسۇلمانلار ۋە فرانكلار ئارىسىدىكى 500يىللىق بىر قىسىم مۇرەككەپ سىياسىي مۇناسىۋەتلەردىن ئۈزۈندە

چارلىمان(چوڭ چارلىز) 742 ـ يىلى 2 ـ ئاپرىل تۇغۇلغان.768 ـ يىلى 9ـ ئۆكتەبىر چارلىز 17 يىل ھۆكۈم سۈرگەن دادىسىنىڭ ئورنىغا چىقىپ «فرانىك پادىشاھى بولغان».

ئۇنىڭ بوۋىسى كارل مارتېل فرانكلاردىن كېلىپ چىققاچقا ئۇنىڭ خانلىقى«فرانىك پادىشاھلىقى»دەپ ئاتالغان. كارل مارتېل 688 ـ يىلى تۇغۇلۇپ،
718 ـ يىلى فرانىك پادىشاھى بولغان.ئۇ
گېرمان قەبىلىلىرىنى خىرىستىئان دىنىغا كىرگۈزگەن.بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار تارىق ۋە مۇسا قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدە 711 ـ يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىشقا باشلىغان.

كارل مارتېل 718 ـ يىلى  فرانكلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپلا،شۇ يىلى قىشتا گېرمانلارنىڭ بىر
تۈرق بولغان ساكسونلارغا ھۇجۇم قىلغان.
كېيىنكى 12 يىلدا ئۇ غەربىي ياۋروپادىكى
ئاساسلىق قەبىلىلەر ۋە ئۇششاق كېنەزلىكلەرنى
بويسۇندۇرۇپ،730 ـ يىلى ئىچكى تېنچلىقنى
قولغا كەلتۈرۈپ،كېيىنكى ئىككى يىل ئۇدا تەييارلىق قىلىپ،ئىسپانىيىدىن فرانسىيگە بېسىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچماقچى بولغان.

ئۇمەييەلەر قوشۇنى 732 ـ يىلى ئىسپانىيىدىن ھالقىپ،فرانسىيىگە يۈرۈش قىلغان.پارىژغا يېقىنلاپ قالغاندا،كارل مارتېل زور قوشۇن بىلەن يېتىپ كېلىپ،شىددەتلىك جەڭ بولۇپ،
مۇسۇلمانلار قوماندانى ئابدۇراھمان شېھىت بولۇپ،قوشۇن مەغلۇپ بولغان.بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا شېھىت بوپكەتكەن مۇسۇلمانلار كۆپ بولغاچقا بۇ جەڭگاھ«شېھىتلەر بوستانلىقى» دەپ ئاتالغان.بۇ جەڭ 732 ـ يىلى 10 ـ ئۆكتەبىر يۈزبەرگەن.مۇسۇلمانلاردىن 20مىڭ ، فرانكلاردىن 15مىڭ ئەسكەر چىقىم بولغان.
غەرپ تارىخشۇناسلىرى بۇ ئۇرۇشنى ياۋروپادا خرىستىئان دىنىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان مۇھىم ئۇرۇش دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى يۈرۈشى بوپقالغان.بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن
فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى چېگرا بولۇپ قالغان. كارل مارتېلمۇ غەنىمەت ئېلىپلا، دۆلىتىگە چېكىنىپ كەتكەن.

بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ داڭقى چىقىپ،
كۆپلىگەن ئۇششاق دۆلەتلەر ۋە قەبىلىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنغان.شۇنىڭ بىلەن فرانك پادىشاھلىقى فرانك ئىمپىرىيىسىگە ئايلانغان.
كارل مارتېل 741 ـ يىلى 22 ـ ئۆكتەبىر ئۆلۈپ،
چوڭ ئوغلى ساق 10 يىل ئىمپراتور بولغان.

751 ـ يىلى كارلنىڭ يەنە بىر ئوغلى بېبىن
ئىمپىراتور بولغان.بىراق ئۇ ئاۋار ئىمپىرىيىسىگە قارشى تۇرالمىغان.ئەمما غەرپتە 759 ـ يىلى مۇسۇلمانلارنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىن سۈرۈپ چىقارغان.شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنى ئايرىپ تۇرىدىغان برانس تاغلىرى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرىسى بوپقالغان.

768 ـ يىلى ئۇنىڭ ئوغلى چارلىمان(چوڭ چارلىز)تەختكە چىقىپ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور قوشۇن توپلاپ،771 ـ يىلدىن باشلاپ
ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنسىز خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ،خرىستىئان دىنىنى ئومۇملاشتۇرغان.774 ـ يىلى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىنى يۇتۇۋالغان.ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئابباسىيلار(750 ـ 1258)خەلىپىسى مەنسۇر بىلەن بىرلىشىپ،مەنسۇرنىڭ رەقىبى يېڭىدىن
ئىسپانىيە ھۆكۈمرانى بولغان ئۇمەييەلەر شاھزادىسى ئابدۇراھمانغا زەربە بېرىش باھانىسىدە مۇسۇلمانلارنى ئىسپانىيىدىن سىقىپ چىقارماقچى بولغان.بىراق 778 ـ يىلى مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ كېتىپ،ئىسيان كۆتۈرگەن ساكسونلارنى قىرىپ،باۋارىيەنى ئىشغال قىلغان.

ئۇنىڭ دادىسى پاپانىڭ ئىتالىيىدىكى دىنىي
ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى پەرەڭ شاھى بولۇپ،چارلىمان پاپانى تېخىمۇ قوللاپ،
ئۆزىنىڭ خرىستىئان دۇنياسىدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتتى.نەتىجىدە 30 يىلغا يېقىن پاپا ئىزچىل چارلىماننى قوللاپ كەلدى. پاپانىڭ
تەكلىپى بويىچە 784 ـ يىلى قوشۇن تارتىپ،
ئاۋارلاردىن قېچىپ،ئىتالىيىنىڭ شىمالىنى ئىگىلەپ،پاپاغا تەھدىت سالغان لومباردىلارنى يوقىتىپ،تەسىرىنى داۋاملىق كېڭەيتتى.785 ـ يىلى ساكسونلارنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇردى.
789 ـ يىلى ئاۋارلاردىن قېچىپ كەلگەن سىلاۋىيان قەبىلىلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ،
دۆلىتىنى پارچىلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى.

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر 2 »

چارلىزنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ئاۋارلار ئىدى. ئاۋارلار مىلادى 389 ـ يىلى شىمالىي ئاسىيادا ئاسىيا ئاۋارى ئىمپىرىيىسى(389 ـ 552)نى قۇرۇپ چىققان.430 ـ يىلى موڭغۇل ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن مىسلىسىز كۈچىيىپ،432 ـ يىلى ئالتايدىكى
كۆك تۈركلەرنى قوشۇۋېلىپ قۇدرەت تاپقان.
552 ـ يىلى ئىمپىرىيىسى مۇنقەرز بولۇپ،
كۆكتۈركلەرگە بويسۇنماستىن شەرقىي ياۋروپا تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن. كۆكتۈركلەرنىڭ
نائىپ خاقانى ئېستەمى قاغان(552 ـ 577)
ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش ھەمدە شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى جازالاش ئۈچۈن 563 ـ يىلى
قارا دېڭىز ۋە كاۋكاز تەرەپكە زور قوشۇن
ئەۋەتكەن. ئاۋارلار داۋاملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىپ،564 ـ يىلى دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ بالقانغا ماكانلاشقان.

565 ـ يىلى ئاۋارلار يولباشچىسى بايان قاغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ياۋروپا ئاۋار ئىمپىرىيىسى(565 ـ 810)نى قۇرۇپ چىققان.
كېيىنكى ئون يىلدا ئاۋارلار بالقاندىكى ھەر قايسى خەلقلەرنى بېقىندۇرۇپ،ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان.ئاجىز شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ئاۋارلارنى شىمالدىكى گېرمان قەبىلىلىرى ۋە غەربىي ياۋروپادىكى ئۇششاق خانلىقلارغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ،ياتلار ئارقىلىق ياتلارنى يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.بىراق ئاۋارلار تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە،شەرقىي رىم ئاۋارلارغا
ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان.بىرلا
ۋاقىتتا شەرقتە ساسانىيلار(226 ـ 644)غا،
غەرپتە ئاۋارلارغا ئولپان تۆلەش شەرقىي رىم
ئىمپىرىيىسى(395 ـ 1453)نىڭ خەزىنىسىنى قۇرۇقداپ قويغان.نەتىجىدە ۋاختىدا ئولپان تۆلىيەلمەي ھەر ئىككى ئىمپىرىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئاخىرى شەرقىي رىم يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ،
ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپىرىيىگە ئايلانغان،ھەم ساسانىلارغا ھەم ئاۋارلارغا ياخشى نەزەردە قارىمايدىغان كۆكتۈرك ئىمپىرىيىسى(552 ـ 744)بىلەن ھەمكارلىشىپ،
ساسانىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلانغان.بىراق كېيىنچە ئاۋارلار مەسىلىسى تۈپەيلى مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ،ئىستەمى قاغان ھەيۋەتلىك بىر زور قوشۇننى شەرقىي رىمنى جازالاشقا ئەۋەتكەن.
بۇ قوشۇن 576 ـ يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلغان.
قاغان بۇ قوشۇننى شەرقىي ياۋروپادا قالدۇرۇپ
ھەر ۋاقىت ئاۋارلار ۋە شەرقىي رىمغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن«خازار»نامىدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقى قۇرغان.(كېيىنچە كۆكتۈركلەر 582 ـ يىلى پارچىلىنىپ،شەرقىي قىسمى 630 ـ يىلى،
غەربىي قىسمى 649 ـ يىلى مۇنقەرز بولغاچقا،
650 ـ يىلى خازار ئىمپىرىيىسى(650 ـ 966)
قۇرۇلدى.كېيىنچە رۇسلار قولىدا يىقىلدى).

مىلادى 614 ـ يىلى ساسانىلار ئاۋارلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شەرقىي رىمغا ھۇجۇم قىلدى.
616 ـ يىلى يازدا پارسلار ئاسىيا تەرەپتىن،
ئاۋارلار ياۋروپا تەرەپتىن كونستانتىنوپولغا قىستاپ كېلىپ،شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى.
شەرقىي رىم مۇنقەرز بولاي دەپقالدى.ھەتتا
پارسلار 617 ـ يىلى شامنى رىملىقلاردىن تارتىۋېلىپ،ئۇدۇل مىسىرنى ئىشغال قىلىپ،
رىملىقلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتتى.

بۇ چاغدا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە قۇرئان كەرىم نازىل بولۇۋاتقىلى 7يىل بولۇۋاتقان بولۇپ،617 ـ يىلى ھازىرقى ئۈلۈك دېڭىز
بويىدا يۈز بەرگەن پارس VS رىم ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى توغرىلىق « رۇم سۈرىسى»نىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرى نازىل بولغان.مىلادى 618 ـ يىلى ھېچكىم شەرقىي رىمنىڭ ھالاكىتىدىن شەك قىلمايتتى.

لېكىن قۇرئاندىكى بىشارەت بويىچە« رىملىقلار پەلەستندە يېڭىلىپ،ئون يىلدىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە پارسلارنى قايتا مەغلۇپ قىلىدىغان»
ھۆكۈم ئاللىبۇرۇن چىقىرىلىپ بولغاچقا،ئەينى
ۋاقىتتىكى ئەرەپ بۇددستلىرى پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى مازاق قىلغان. ھەتتا ئەۋزەيلەپ«مانا ئەمەسمۇ،ساماۋى دىنى ۋە پەيغەمبىرى بار رىملىقلار،بىزدەك ئېتىقادتىكى
پارسلارنىڭ قولىدا ھالاك بولاي دەپقالدى.بىزمۇ سىلەرنى خۇددى پارسلار رىملىقلارنى يوق قىلغاندەك يوق قىلىۋېتىمىز»دەپ تەھدىت سالغان.

ئەمما كېيىنكى ئون يىلدا ھەقىقەتەن مۆجىزە يۈز بەرگەن.ئالدى بىلەن 622ـ يىلدىن ئېتىبارەن شەرقىي رىم تەختىگە ئولتۇرغان
ھىراكليۇس(622 - 641)پايتەختى ئىستانبۇلنى بىر قوماندانىغا ھاۋالە قىلىپ،ئۆزى قوشۇن باشلاپ،قارا دېڭىزئارقىلىق ئەرمىنىيىگە كىرىپ
شىمالىي كاۋكازدىكى خازارلار ۋە غەربىي تۈرك قاغانى تون يابغۇ بىلەن بىرلىشىپ،شەرق ۋە شىمالدىن بىرلا ۋاقىتتا ساسانىلارنىڭ ئاجىز نۇقتىسى ئەزەربەيجانغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۇ يەردىكى قەدىمىي ئاتەشگاھنى ۋەيران قىلىپ،
617 ـ يىلى پارسلارنىڭ پەلەستىندىكى قىيامەت چېركاۋىنى چېقىپ،مۇقەددەس كېرستنى بۇلاپ كەتكىنىدىن ئۆچ ئالغان.624 ـ يىلدىن باشلاپ پارسلار ئۇدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن. خازارلار كاۋكازدىن،غەربىي تۈركلەر خۇراساندىن ھۇجۇم قىلىپ،ساسانىلار شاھى 2 ـ خۇسرەۋ شاھ(591 ـ 628)قىيىن ئەھۋالدا قالغان.

627 ـ يىلدىكى ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىناۋا ئۇرۇشىدا ھىراكلىيۇس ساسانىلارنى يەنە مەغلۇپ قىلغان.خازار ۋە غەربىي تۈركلەرمۇ خۇسرەۋ پايتەختى مەدائىنغا يېقىنلاپ كەلگەن.

ھىراكليۇسنىڭ غەلىبە خەۋىرى ئەمدىلا مەككىدىكى قۇرەيش بىلەن سۈلھى تۈزۈپ كەلگەن پەيغەمبىرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ھەر ئىككى ھۆكۈمرانغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ،ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەكتۇپى خۇسرەۋشاھقا يېتىپ كەلگەندە،ئۇ ئاللىبۇرۇن ئارقا ـ ئارقىدىن كېلىۋاتقان مەغلۇبىيەت خەۋەرلىرىدىن ئەس ـ ھوشىنى يوقاتقان، خالىغانچە ئۆلۈمگە بۇيرۇپ قوماندانلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن.ھەتتا ئالدىنقى سەپتىكى باش قوماندانلار خۇسرەۋنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ،ئالدىنقى سەپتىن قايتماي تۇرۇۋالغان.
نەخ شۇ ۋەزىيەتتە ئۇنىڭغا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەكتۇپى ئوقۇپ بېرىلگەن.ئۇ پەقەت بېشىدىكى
:«ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدتىن پارس شاھى خۇسرەۋگە...»دېگەن قۇرنى ئوقۇتۇپلا،
غەزىپىنى باسالماي:«ئۇ مېنىڭ قۇلۇم تۇرۇپ،
ئىسمىنى مېنىڭ ئىسمىمنىڭ ئالدىغا يازسا قانداق بولىدۇ!؟ نەدىن كەلگەن جۈرئەت بۇ؟»
دېگىنىچە مەكتۇپنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇمايلا يىرتىپ تاشلىغان.ئەلچى بۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن،پەيغەمبىرىمىز خۇسرەۋگە
:« ئاللاھ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خانىۋەيران قىلىۋەتسۇن» دەپ بەددۇئا قىلغان.(دەرۋەقە
خۇسرەۋ 628 ـ يىلى يازدا ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇنىڭ
ئىمپىرىيىسىمۇ 644 ـ يىلى تارىخقا ئايلانغان).

خۇسرەۋ شاھ ئاچچىقىنى زادىلا باسالماي، تېزدىن يەمەندىكى ۋالىيسى بازانغا پەرمان چۈشۈرۈپ،ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلاپ
مەكتۇپ يازغان مۇھەممەد دېگەن كىشىنى ئادەم ئەۋەتىپ قولغا ئېلىپ،پايتەختكە ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغان.(571 ـ يىلى فېۋرالدىكى پىل ئۇرۇشى سەۋەپلىك،ھەبەشلەرنىڭ يەمەندىكى
ھۆكۈمرانلىق تەختى بوش قېلىپ،نۇشىرۋان
شۇ پۇرسەتتە بۇ جاينى ئىشغال قىلىۋالغانىدى)

بازان ئىككى قاۋۇل پالۋاننى پەيغەمبىرىمىزنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.بۇ ئىككەيلەن
كېلىپ،مۇددىئاسىنى ئېيتقاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇپ،
ئەتىسى سەھەر كۆرۈشۈشنى ئېيتقان.ئۇلار ئەتىسى كۆرۈشكەندە پەيغەمبىرىمىزدىن
خۇسرەۋ شاھنىڭ بۇ كېچە ئوغلى شىرۋەيھ
تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ بۇ خەۋەرنى يەمەن ۋالىيسى بازانغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتىپ ئۇزىتىپ قويغان.

بازان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە :« ئەگەر ئۇ راس پەيغەمبەر بولسا دېگىنى توغرا چىقىدۇ.ناۋادا دېگىنى يالغان چىقسا شۇ چاغدا ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ئۇزۇن ئۆتمەي بازانغا پايتەختتىن جىددىي مەكتۇپ كەلگەن.مەكتۇپتا:«شىرۋەيھنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققانلىقى،
دادىسىنىڭ مەكتۇپ يوللىغان پەيغەمبەرنى تۇتۇش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانىنى بىكار قىلغانلىقى،بۇ توغرىدا ئۆزىدىن بۇيرۇق كۈتۈشى ۋە يەمەننى ئوبدان مۇھاپىزىت قىلىشى توغرىلىق » پەرمان چۈشۈرۈلگەنىدى.بازان بۇنى كۆرۈپ،قول ئاستىدىكىلىرى بىلەن ئوپچە ئىسلامغا كىرىپ،مەدىنىگە مەكتۇپ ئەۋەتتى.
پەيغەمبىرىمىز بازاننى داۋاملىق يەمەن ۋالىيسى قىلىپ ئىشلەتتى.ئالتە ئايدىن كېيىن شىرۋەيھ خۇسرەۋ شاھنىڭ يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ،ساسانىلار باشسىز قالدى.

ئەسلىدە خۇسرەۋ شاھ مەكتۇپنى يىرتىۋەتكەن چاغدا خازار/غەربىي تۈرك بىرلەشمە ئارمىيىسى پايتەخت بوسۇغىسىغىلا كېلىپ قالغانىدى.ئۇلار خۇسرەۋ تەختتىن چۈشمىسە ساسانىلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېسىم قىلغان.ئاقىۋەت 628 ـ يىلى ئاۋغۇستتا خۇسرەۋشاھ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.بىراق ئوغلى شىرۋەيھ ئۇنى پۈتۈن خان جەمەتى ئەزالىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ،تەختنى تارتىۋالغان.پەقەتشەھرىيارلا قېچىپ قۇتۇلغان.(ئەڭ ئاخىرقى خۇسرەۋ شاھ 3 ـ يەزدېگرد دەل مۇشۇنىڭ ئوغلىدۇر).

شىرۋەيھ ئۆزىنىڭ ئورنىنى پۇختىلاپ بولۇپلا،
ئالدى بىلەن خازار/تۈرك بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ،خانلىقىنى ساقلاپ قالغان.ئاندىن ھراكليۇس بىلەن سۈلھى تۈزۈپ،609 ـ يىلدىن 622 ـ يىلغىچە ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق شەرقىي رىم زېمىنلىرىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈپ،مۇقەددەس كرېستنى قايتۇرۇپ بەرگەن.

ھىراكليۇس 623 ـ يىلدىن 628 ـ يىلغىچە بولغان غەلىبىسى ئۈچۈن خۇداغا شۈكرى قىلىش نىيىتىدە ھازىرقى ئەنتاكىيىدىن پىيادە يول يۈرۈپ پەلەستىنگە كېلىپ،مۇقەددەس كېرستنى ئۆز قولى بىلەن چېركاۋغا تىكلىگەن.
دەل شۇ چاغدا ئۇمۇ پەيغەمبىرىمىزدىن بىر مەكتۇپ تاپشۇرۋالغان. لېكىن ئۇ مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ ئەلچىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،مەكتۇپتىكى مەزمۇنلارنى سارىيىدا مۇنازىرە قىلغان.نەتىجىدە پوپلارنىڭ ۋە قوماندانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقى بىلەن توختاپ قالغان.پايتەختكە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھىراكليۇسنىڭ شۆھرىتى ئېشىپ،ياۋروپادىكى نوپۇزى كۆپ ئاشقان.

ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقى 10يىلغا بارمايلا ئاخىرلاشقان.يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان
مۇسۇلمانلار ئىمپىرىيىسى ھازىرقى سۈرىيە،
ئىئوردانىيە،پەلەستىن ۋە لىۋانلارنى 634 ـ يىلدىن 638 ـ يىلغىچە شەرقىي رىمدىن تارتىپ ئالغان.641 ـ يىلى ئېرۇسالىم ۋە مىسىرنى قولغا ئالغان.ھىراكليۇس«ئەلۋىدا شام،ئەلۋىدا مىسىر »دېگىنىچە 641 ـ يىلى ۋاپات بولغان.

بۇندىن كېيىنكى 100 يىلدا مۇسۇلمانلار داۋاملىق قۇدرەت تېپىپ،غەرپتە فرانسىيىگە،
شىمالدا ئاناتولىيە ۋە كاۋكاز رايونىغا،شەرقتە
ماۋارائۇننەھر ۋە ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەن.

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر 3 »

مىلادى 650 ـ يىلدىن باشلاپ 750 ـ يىلغىچە شەرققە كېڭەيگەن ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى خۇراساندىن كەشمىرگىچە،ئامۇ دەرياسى بويىدىن تاكى ئالتاي تاغلىرىغىچە جايلاشقان تۈركىي قەۋملەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.پەقەت 840 ـ يىلدىن باشلاپلا سامانى ئوغۇللىرىنىڭ كۈچىشىدە ئىسلام دىنى ئاندىن ماۋائۇننەھردە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان.

ئەڭ بۇرۇن كۆكتۈرك قاغانى بىلگە قاغان
ئىنىسى كۆلتېگىننى غەربىي تۈرك قەبىلىلىرىگە باش قىلىپ،تاخارىستان،ئافغانىستان ۋە خۇراسان تەرەپلەردە زالىم ھەججاجنىڭ ئەڭ قابىل سەركەردىسى قۇتەيبەنىڭ زالىملىقىغا قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن.قۇتەيبەنىڭ خاتا ۋە قانخورلۇق سىياسىتى سەۋەپلىك تۈركىي خەلقلەرنىڭ قارشىلىقى كۈچىيىپ كەتكەن.
نەتىجىدە ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ 670 ـ يىلدىن 870 ـ يىلىغىچە بولغان قوراللىق ئۇرۇشلىرى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەن.
ئەكسىچە ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىم تارتىپ،بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا تاڭ سۇلالىسى ۋە تىبەت خانلىقىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.

744 ـ يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار كۆكتۈركلەرنى ئاغدۇرۇپ،«ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى(744 ـ 840)»نى قۇرۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئىستىلاچىلارغا قارشى كۈرىشىنى قوللاپ تۇرغان.نەتىجىدە 751 ـ يىلى ھازىرقى تالاستا ئەرەپ/تۈرك بىرلەشمە ئارمىيىسى تاڭ سۇلالىسىنى ئېغىر مەغلۇپ قىلىپ،ئۇلارنى تاكى سەددىچىنگىچە قوغلىۋەتكەن.755 ـ يىلى تۈرك نەسىللىك سانغۇنلاردىن ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈن
تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىنقىلاپ قوزغاپ،تاڭ
سۇلالىسىنى يوقىتىۋېتەي دېگەندە،خىتتايلار
ئۇيغۇر خاقانلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
بايانچۇر قاغان(748 ـ 759)756 ـ يىلى ئەسكەر چىقىرىپ،تاڭ سۇلالىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان.
بىراق كېيىنكى بەش يىلدا يۇقىرىقى ئىككى سانغۇننىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەپلىك ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ 40مىليونغا يەتكەن خىتتاي نوپۇسى
بىراقلا 17 مىليونغا چۈشۈپ قالغان.نەتىجىدە
تاڭ سۇلالىسى يەنە بىر قېتىم ئورخۇن ئۇيغۇر خاقانلىقىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان.

762 ـ يىلى بايانچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ تېكىن ئەسكەر باشلاپ سەددىچىندىن كىرىپ،
خىتتايلارنى ھالالەتتىن،تاڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن تۈركىي قەۋملەرنىڭ شەرقتىكى رەقىبى
ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار 50يىلغا يېقىن ئۇرۇش قىلىپ،تىبەتلەرنى ھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان.820 ـ يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىر دائىرىسى سىر دەرياسىغا يېتىپ كەلگەن.(840 ـ يىلى قاراخانىيلار دەل مۇشۇ مۇنبەت سىر ۋە تالاس ۋادىسىدا 2 ـ ئۇيغۇر خاقانلىقىنى قۇرۇپ چىققانىدى. قاراخانىلار ئەرەپ ئىستىلاسىغا قارشى بىرلىكسەپنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالغان.932 ـ يىلىدىن باشلاپ بىردىنلا پۈتكۈل شەرق ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان تۈركىي  خەلقلەرنىڭ ھامىيسىغا ئايلانغان).

840 ـ يىلى قۇرۇلغان قاراخانىلار
قاغانلىقى ئابباسىلارنىڭ خەتەرلىك رەقىبى بولۇپ مەيدانغا چىققان.بىراق 932 ـ يىلى قاغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇپ،قاغان نامىغا «سۇلتان»نامىنى قوشۇپ،ساتۇق ئېتىغا  «ئابدۇكېرىم»دەپ مۇسۇلمانچە ئات قوشۇشى بىلەن قاراخانىلار،ئابباسىلار ئەرەپ ـ ئىسلام ئىمپىرىيىسىگە قارشى خەتەرلىك رەقىپتىن
ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقتىكى ھامىيسىغا ئايلىنىپ قالغان.(چۈنكى ئابباسىيلار 842 ـ يىلدىن باشلاپ ئاجىزلىشىپ،945 ـ يىلدىن ئېتىبارەن قورچاق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى).

ئابباسىيلارنىڭ شىمالىدا قۇدرەتلىك خازار خانلىقى بار بولۇپ،خازار خانلىقى ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بىلەن 639 ـ يىلدىن تاكى 839 ـ يىلغىچە 200 يىل كاۋكازدا ئۇرۇش قىلغان.
بۇ ئارىدا ئىككى تەرەپ قۇدىلىشىپ تېنچ ئۆتكەن چاغلار ئۇزاق داۋاملاشقان.ئالايلۇق
ئەرەپلەر ھازىرغىچە ماختىنىدىغان داڭلىق
خەلىپىسى ھارۇن رەشىد خازارلارنىڭ مەلىكىسىدىن تۇغۇلغان.ئۇنىڭ مەئمۇن ۋە
مۇئتەسىم دېگەن ئوغۇللىرىمۇ تۈركىي ئاياللاردىن تۇغۇلغان بالىلىرى ئىدى.ئىككى
مىللەتنىڭ گېنىنى جەملىگەن بۇ ئۈچ خەلىپە
تارىختا نام قالدۇرۇپ كەتكەن.

شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى بولسا ئاۋارلارنىڭ ۋە
مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،
بەزىدە خازارلاردىنمۇ زەربە يەپ،634 ـ يىلدىن
تاكى 945 ـ يىلغىچە داۋاملىق ئاجىزلاپ كەتكەن.(چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرق ۋە جەنۇپتىكى رەقىبى ئابباسىيلار  945 ـ يىلى بۇۋيھىلەر(945 ـ 1055)قولىدا قورچاق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ،رىمغا تەھدىت سالالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.شىمالدىكى رەقىبى خازارلار 940 ـ يىلدىن باشلاپ،كيېۋ رۇسلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ،تەسىرى قارا دېڭىزنىڭ ئەتراپىدىلا چەكلىنىپ قالغان.غەرپتىكى رەقىبى ئاۋارلار 805 ـ يىلى چارلىمان تەرىپىدىن ئاخىرقى قېتىم مەغلۇپ قىلىنىپ،810 ـ يىللاردا ئاۋار ئىمپىرىيىسى ھالاك بولغانىدى.

ھونلارنىڭ 375 ـ يىلدىن 467 ـ يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان قورقۇنچلۇق ئىستىلاسىدىن كېيىن ياۋروپا شەرقتە 565 ـ يىلىدىن باشلاپ تاكى 790 ـ يىلغىچە داۋاملاشقان ئاۋارلارنىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كەلدى.غەرپتە كۈنسىرى قۇدرەت تېپىۋاتقان ئەرەپ ئۇمەييەلەر ئىمپىرىيىسى(661 ـ 750)نىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كەلدى.

ئاۋارلار ئوتتۇرا ياۋروپادىكى كارپات تاغلىرىنى مەركەز قىلىپ،جەنۇپتا رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ غەربىي پاسىلىنى ھازىرقى ئىستانبۇلغا ئەكىلىپ قويدى.شىمالدا ھازىرقى ئۇكرائىنا،بىلارۇسىيە،
پولشا ،گېرمانىيە،ئاۋستىرىيە،ۋېنگرىيە،ھەمدە
ئىتالىيىنىڭ ۋېنتسىيە رايونىغىچە كونترول قىلدى.غەرپتە ئىتالىيە،رىم پاپاسى ۋە فرانك خانلىقىغا تەھدىت سېلىپ تۇردى.بۇ خىل ئەھۋال تېخى ئاۋارلار ئىشغال قىلمىغان غەربىي ياۋروپادىكى قەبىلىلەر ۋە ئۇششاق فېئودال بەگلىكلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. 711ـ يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىپ،721 ـ يىلى فرانسىيىگە يېتىپ كەلگەن ئۇمەييەلەر قوشۇنى ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە تېزلەشتۈردى.ياۋروپا
720 ـ يىلى ھونلاردىن كېيىنكى تارىختىكى
ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلدى.

يۇقىرىقى دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر سەۋەپلىك
فرانكلاردىن كېلىپ چىققان 30 ياشلىق كارل
مارتېل 718 ـ يىلى فرانكلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،«فرانك پادىشاھلىقى»نى قۇرۇپ چىقتى.ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ فرانسىيىگە كېڭىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ،732 ـ يىلى غەلىبە قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى پۇختىلاپ
741 ـ يىلى ئۆلۈپ كەتتى.ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە كىچىك ئوغلى بېبىن دەۋرىدە(741 ـ 768)
شەرقتە ئاۋارلار،غەرپتە مۇسۇلمانلار يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك رەقىپ ھېساپلىنىپ،بېبىن 759 ـ يىلى
مۇسۇلمانلارنى فرانسىيىدىن چېكىندۈرۈشتە مۇۋەپىقىيەت قازاندى.ئۇنىڭ ئوغلى چارلىمان
(بۈيۈك چارلىز) 768 ـ يىلى 9 ـ ئۆكتەبىر تەختكە چىقىپ ئۆزىنى«فرانك (پەرەڭ/ياۋروپا)
ئىمپىرىيىسى» ئىمپراتورى دەپ ئاتىدى.

پاپانىڭ قوللىشىدا چارلىز شىمالىي ياۋروپا ۋە غەربىي ياۋروپادىكى خەلقلەرنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇپ،ساق 20 يىلدا ئىچكى ھۆكۈمرانلىقىنى پۇختىلاپ،789 ـ يىلى ئاۋارلاردىن قېچىپ كەلگەن بالقانلىق سلاۋىيان قەبىلىلىرىنى مۇۋەپىقىيەتلىك توسۇپ قېلىپ،
ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىنى قوغداپ قالدى.ئاندىن كېيىن ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ئاۋارلارغا قارىتا«ئاۋۋال بىرلىكىنى پارچىلاپ،
ئاندىن بىر ـ بىرلەپ يوقىتىش تاكتىكىسى» قوللىنىپ،790 ـ يىلدىن 805 ـ يىلغىچە ئاۋار ئىمپىرىيىسى دائىرىسىدىكى قەبىلىلەرنى ئۇدا 15 يىل زىددىيەتكە سېلىپ پارچىلاپ،ئاخىرقى
5 يىلدا ئاۋارلارنى ئاخىرى يوقاتتى.شۇنىڭ بىلەن چارلىز ئاخىرقى 4 يىلىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ،814 ـ يىلى 28 ـ يانۋار ئۆلدى.

چارلىمان(چارلىز)ئاۋارلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئىمپىرىيىسىنى ئۈچ ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن.
بىراق چوڭ ئوغلى بېبىن 810 ـ يىلى،كەنجى ئوغلى كارل 811 ـ يىلى ئۆلۈپ كېتىپ،پەقەت توخۇ يۈرەك كىچىك ئوغلى لۇئىسلا قالغان.
گەرچە لۇئىس ھۆكۈمدار بولۇشقا زادىلا لاياقىتى بولمىسىمۇ،بىراق چارلىمان ھەيۋەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ،لۇئىسنىڭ «خان»دېگەن مەنسەپ نامىنى «ئىمپراتور»غا ئۆستۈرۈپ،تەختنى ئۆتۈنۈپ بەردى.چارلىمان ھاياجان بىلەن :
«ئىلاھىم  ساڭا شۈكۈر بولسۇنكى،ھايات ۋاختىمدا ئۆز ئوغلۇمنىڭ تەختكە ئولتۇرغىنىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلدىڭ » دەپ تاشلىغان.

چارلىمان 814 ـ يىلى ئۆلگەندىن كېيىن پاپا
816 ـ يىلى لۇئىسقا تاج كىيگۈزۈپ،بۇرۇنقى
ئىتتىپاقداشلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.لۇئىسمۇ پاپاغا يېڭىدىن زېمىن بۆلۈپ بەرگەن.817 ـ يىلى لۇئىس يارلىق چۈشۈرۈپ،ئىمپىرىيىنى چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئۈچ ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن ئىمپىرىيە ئىچىدە كەڭ كۆلەمدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن.
ھەتتا لۇئىس 833 ـ 834 ـ يىللىرى تەختتىن چۈشۈرۋېتىلگەن.ئۇندىن ئۇ كېيىن تاكى 840  ـ يىلى 20 ـ ئىيۇن ئۆلۈپ كەتكىچە پەقەت قورچاق ئىمپىراتور بوپقالغان.ھەر قايسى
شاھزادىلەر ئۆزى خان،ئۆزى بەگ بولۇۋالغان.

لۇئىسنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ساق ئۈچ يىل تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرى ئۈزۈلمىگەن.
ئاقىۋەت مىلادى 843 ـ يىلى چارلىماننىڭ
نەۋرىلىرى مەشھۇر «ۋېردىن كېلىشىمى»نى
تۈزۈپ،ئىمپىرىيىنى ئۈچكە پارچىلاپ ئۆزئارا بۆلۈشىۋالغان.كېيىنچە بۇ ئۈچ دۆلەتتىن ئىتالىيە،گېرمانىيە ۋە فرانسىيىلەر ۋۇجۇتقا كەلگەن.

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر4 »
خۇلاسە ئورنىدا :
ياۋروپا 830 ـ يىلدىن باشلاپ ساق 600يىل ئوتتۇرا ئەسىر قاراڭغۇلۇقى قاپلىغان زۇلمەتلىك ۋە قىيىن بىر دەۋرگە قەدەم قويغان.ئەڭ ئاخىرى توپتوغرا 630 يىلدىن كېيىن مىلادى
1453 ـ يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى شەرقىي
رىمنى يوقىتىپ،ئىستانبۇلنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ياۋروپا چۆچۈپ ئويغىنىپ،ئالدى
بىلەن 15 ـ ئەسىردە ئىتالىيىدە ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى باشلانغان.
ئاندىن كېيىن 16 ـ ئەسىردە گېرمانىيىدە مارتىن لۇتېر دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان.
نەتىجىدە«روھىيەتتىكى قاتماللىق، تەپەككۇردىكى دوگمىلىق ۋە بوغۇقلۇق،ئېغىر چۈشكۈنلۈك ۋە بېكىنمىچىلىك ئېڭىدىن قۇتۇلغان ياۋروپا»17  ـ ئەسىردە سانائەت
ئىنقىلابىنى باشلاپ،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى،
جۈملىدىن ئۆزلىرىنى تارىختىن بۇيان قورقۇتۇپ كەلگەن شەرق ئەللىرىنى مۇستەملىكە قىلىشقا باشلىدى.

شەرقتە قاراخىتاي ۋە موڭغۇل ئىستىلاسى ( 1134 ـ 1333)،غەرپتە ئەھلى سەلىپ ئىستىلاسى(1097 ـ 1192)سەۋەپلىك ئەرەپلەر تۈگەشتى.ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈرك ـ ئىسلام ئەللىرى خۇددى يۇقىرىقى چارلىز
ئەۋلاتلىرىدەك ئىچكى نىزاغا پېتىپ،1212 ـ يىلدىن باشلاپ تاكى 1514 ـ يىللىرىغىچە خارەزمشاھلار،چاغاتايلار ،ئالتۇن ئوردا ،
ئىلخانىيلار،تۆمۈرىيلەر،سافاۋىلار،بابۇرىلار،
تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلاتلىرى،ئۆزبېكلەر،
قالماقلار،قازاقلار،ۋە تىبەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا
تۆر تالىشىپ ئۆز ئارا كۈچىنى كۆپلەپ خوراتتى.

ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيانىڭ كىندىكى ھېساپلانغان تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى، ئاسىيادىكى بەش چوڭ تاغ تىزمىسىنىڭ ئۈچىنى،ئالتايدىن كەشمىرگىچە،ئالمائاتادىن
دەشتئاتاغىچە بولغان بىپايان زېمىننى قولىدا تۇتۇپ تۇرغاچقا،ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى
خوشنىلىرىنىڭ،ئارقىدىن يىراقتىن  كەلگەن ئۈچ چوڭ تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن.

1514 ـ يىلدىن 1616 ـ يىلغىچە ئاسىيادا تەرتىپ بويىچە،شەرقىي شىمالدا مانجۇلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان،سىبىرىيەدە ۋە موڭغۇل دالىسىدا قالماقلار كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئوتتۇرا ئاسىيانى سوراۋاتقان ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى ئالتۇن دەۋرىدە گۈللىنىۋاتقان بولۇپ،
ھىندىستاندا قۇدرەتلىك بابۇرىلار ئىمپىرىيىسى قۇرۇلۇپ كېڭىيىۋاتقان،دەشتى قىپچاقتا قازاقلار دەۋران سۈرۈۋاتقان،ئىراندا شىئە سافاۋىلار خاندانلىقى ھەدەپ بىر تەرەپتىن خۇراسان ۋە ماۋارائۇننەھردىكى ئۆزبېكلەر بىلەن،يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن تۆر تالىشىپ سۇقۇشۇۋاتقان،غەرپتە ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئۈچ قىتئەگە كېڭىيىپ،ياۋروپاغا ۋەھىمە سېلىۋاتقان بولۇپ، تارىختا 16 ـ ئەسىر تۈرك ئەسىرى دەپ ئاتالغان.

تارىخ 1617ـ يىلغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختسىز تارىخى باشلاندى.1638 ـ يىلغىچە داۋاملاشقان 20 يىللىق تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرى سەئىدىيە خانلىقىنى ئاجىزلاتتى.
1639 ـ يىلى چاررۇسىيە سىبىرىيىنى ئىشغال قىلىپ بايقال كۆلىگە يېتىپ كەلدى. 1644 ـ يىلى مانجۇلار سەددىچىندىن كىرىپ خىتتاينى ئىشغال قىلدى. رۇسلار ۋە مانجۇلار ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان قالماقلار ئالتايدىن ھالقىپ،
ئىلى ۋادىسىغا كېلىپ سەئىدىيە خانلىقىغا بېقىندى.بىراق قازاقلارنى مەغلۇپ قىلىپ كۈچىيىپ كەتتى.نەتىجىدە 1640 ـ يىلى   
تارباغاتايدا قۇرۇلتاي ئېچىپ« قالماق ـ قالقا
ئىتتىپاقى»نى قۇرۇپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلدى.

ئەمەلىيەتتە قالماقلار سەئىدىيە خانلىقىدىكى ئىچكى ماجىرالاردىن پايدىلىنىپ،1634 ـ يىلىلا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر شەھەر ـ بازارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ،بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇردى.ئەينى ۋاقىتتا بۇ قالماقلارنى سەئىدخان ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان(1487 ـ 1503)
ئالتايدىن تاكى موڭغۇل ۋادىسىغىچە سۈرۈپ قوغلىۋەتكەن.قالماقلار ئۇنى «ئالاچە خان»
دەپ ئاتايتتى. ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپلا بۇ
جاھىل قالماقلار قايتا پاراكەندىچىلىك سېلىپ،
ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بالا ـ قازالارنى كەلتۈردى.

گەرچە ئابدۇللاخان(1638 ـ 1668)سەئىدىيە
خانلىقىنىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇپ بىر مەزگىل قالماقلارنى بېقىندۇرغان بولسىمۇ،بىراق دۆلەت ئىچىدىكى«جاھالەت پىرلىرى بولغان نادان خوجىلارنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى سەئىدىيە
سەلتەنىتى چاك ـ چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى».
قالماقلارنىڭ سەردارى باتۇر قۇنتەيجى بۇنى
پۇرسەت بىلىپ،داۋاملىق تارىم ۋادىسىغا ھۇجۇم قىلىپ،بۇلاڭچىلىق قىلىپ يۈردى. 1665 ـ يىلى قۇنتەيجى ئۆلۈپ،ئوغلى سېنگى سەردار بولدى.

1668 ـ يىلى ئابدۇللاخان ئۆز ئوغلى يولۋاس تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى.بۇنى غەنىمەت بىلگەن بىلگەن قالماقلار سەئىدىيە خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ،ئىلى ۋادىسىنى بېسىۋالدى.
بىراق سېنگىنىڭ قالماق تۇنجى خانى بولۇشىغا چىدىمىغان ئاتا بىر ئانا باشقا ئاكىلىرى
ساچىمخان ۋە باتۇر تەرىپىدىن 1671 ـ يىلى ئۆلتۈرۈلدى.بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ قالماق خانى بولۇشىغا قالماق لامالىرى(دىنىي زاتلار)ۋە زايسانلار(ئەمەلدارلار)قاتتىق قارشى تۇرغاچقا،
ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلدى.

ئاكىسى سېنگىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان غالدان دالاي لامادىن رۇخسەت ئېلىپ،دەرھال قوبۇقسارغا قايتىپ كەلگەن. غالدان ئەسلى
قالماق سەردارى باتۇر قۇنتەيجىنىڭ 7 ـ ئوغلى بولۇپ،1645 ـ يىلى قوبۇقساردا تۇغۇلغان.ئۇ
ئۆسمۈر چېغىدىلا دادىسى ئۇنى دالاي لاماغا لامالىقنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بېرىلگەن.بىراق
ماتەم تۇتقىلى ئىجازەت سوراپ،قايتىپ كېلىپلا لامالار ۋە زايسانلارنىڭ قوللىشىدا قالماق قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىقىغا كۆتۈرۈلدى.

غالدان ئۆزىنى كۈچەيتىپلا ئەڭ ئاۋۋال تاغىسى ۋە قېيناتىسىغا ھۇجۇم باشلىدى.ئۇرۇش 1673 ـ يىلى باشلىنىپ،1676 ـ يىلى غالداننىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.ئۇ غەلىبىسىرى ئىلگىرلەپ،1677 ـ يىلى تۇرپان ۋە قۇمۇلنى سەئىدىيە خانلىقىدىن تارتىۋالدى.ياندۇرقى يىلى دالاي لامانىڭ تەلىپى،ئاپاق خوجىنىڭ يول باشلىشىدا سەئىدىيە خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ،نەچچە قېتىملىق يۈرۈش ئارقىلىق
ئاخىرى 1683 ـ يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى پۈتۈنلەي مۇنقەرز قىلىپ،ئاپاق خوجىنى قورچاق خان قىلىپ تىكلىدى.شۇنداق قىلىپ
1755  ـ يىلغىچە داۋاملاشقان قالماقلارنىڭ ھىمايىسىدىكى «خوجىلار دەۋرى»ئۇيغۇرلارنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ خار ۋە بىچارە مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

گەرچە ئاپاق خوجىنىڭ ئىككى ئەۋلادى ئەجدادىنىڭ خاتالىقىنى يۇيماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق،تەقدىر قىسمەت ئۇيغۇرلارغا قالماقلاردىنمۇ بەتتەر ياۋۇز بىر دۈشمەننى چىللاپ كەلدى.

260  يىلدىن بېرى تارىخ تەكرارلانماقتا.
تارىخنىڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرى ئاساسەن پۈتۈنلەي تەكرارلىنىپ بولدى.ئەمدى تارىخنىڭ ئۆتمۈشتىكى شانلىق سەھىپىسىنى تەكرارلاش
بۈگۈنكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ باش تارتماس بۇرچى بوپقالدى.« ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار،ئۇيغۇر ئايلىنىپ سەلتەنىتىنى تاپار»!

دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىختىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر !   
نەبىجان تۇرسۇن

قۇدرەتلىك رەببىم مىللىتىمىزنى،خەلقىمىزنى
بۇ ھالاكەتلىك تەقدىردىن قوغدىسۇن!
ۋەتىنىمىز ۋە ئەركىمىزنى قايتا قولىمىزغا ئېلىشىمىزغا مەدەت بەرسۇن !

سايرام ئوغلانى

2019 / 1 / 29 ـ يانۋار سەيشەنبە

2020 - يىلى 29 - يانۋار چارشەنبە ( قايتا ئەسلەتمە )