2020/12/04 19:20

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تۈركۈلوگ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس بەللېر خان خانىم ھەققىدە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/08/31 06:27

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تۈركۈلوگ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس بەللېر خان خانىم

Ildico Beller Hann
ۋېنگىرىيىدە تۇغۇلغان گېرمانىيىلىك تۈركولوگ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئىلدىكو بەللېر ھانن خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى يازغان بولۇپ ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق قائىدە يوسۇنلىرى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ :
بىر داستىخاندا غىزالىنىش جامائەتچىلىكنى ساقلاپ قېلىش ،مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى بولۇپ ،ئۇ نۇرغۇن قائىدە يوسۇنلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ . شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مېھماندارچىلىقتا مېھمانلار تۆرگە چىقىپ ئولتۇرىدۇ . بىرداستىخاندا ئولتۇرغان جامائەتنڭ قولى بىلەن ياكى قوشۇقلار بىلەن ئورتاق تاۋاقلاردا تەڭ غىزالىنىشى باراۋەرلىك ئېڭىنى تەكىتلەشنىڭ سىمۋولىدۇر .بۇۋاقىتلاردا كىشىلەر تېخى چوكىنى ئىشلەتمىگەن بولۇپ ،30 يىلدىن كېيىن بەزىبىر تاماقلارغا چوكىنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقانىدى .مۇشۇ چاغلاردىن باشلاپ قايسى تاماقلارنى ئورتاق بىرتاۋاقتا يېسە بولىدۇ ،قانچە كىشى بىرتاۋاقتا غىزالىنىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت بىر قاتار ئىنچىكە ئەدەپ قائىدىلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان .تاماق يېيىش بىر خىل دىنىي پائالىيەت دەپ قارىلىدۇ .تاماق دۇئا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تارتىلىدۇ .مېھمانلارنڭ قولىغا سۇ بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن داستىخان سېلىنىدۇ .ئېھتىياتچانلىق بىلەن گەپ قىىلىش ئىنتايىن مۇھىم .مېھمانلارغا تاماق تارتقاندا ،سىز دەپ ئەمەس ،بەلكى ''ئالسىلا،باقسىلا ''دەپ كۆپلۈك شەكلىدە  گەپ قىلىنىدۇ ،ئەگەر سىز دەپ ئىككىنچى شەخس تىلىدا گەپ قىلسىڭىز بۇ بىر ئەدەپسىزلىك دەپ قارىلىدۇ .تاماقتىن بۇرۇن ۋەكېيىن ئوخشاشلا چاي قۇيۇلىدۇ .19-ئەسىرنڭ ئاخىرلىرىدا مېھمانلار تېخى بىرلا پىيالىدىمۇ چاي ئىچكەن.كەلگەن مېھمانغا  تۇتۇلغان بىرىنچى قېتىملىق چاي ''سىنچاي '' دەپ ئاتىلىدۇ .سىنچاي ئالاھىدە مەنىگە ئىگە بولۇپ ،جامائەتچىلىكنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىرىنچى قەدەمنىڭ بېسىلغانلىقىدىن  دېرەك بېرىدۇ .چايتۇتۇلغاندا  مېھمان ئورنىدىن قوزغىلىپ ''بارىكاللا ،ھەشقاللا  ،رەھمەت  '' دېگەندەك قېلىپلاشقان سۆزلەرنى قىلىپ چاينى ئېلىپ ئىچىدۇ .بىرقانچە كىشى تەڭ مېھمان بولغان بولسا ھەر بىر كىشى ئۆزىگە تۇتۇلغان چاينى ئورنىدىن تۇرۇپ ئالىدۇ.بۇچاغدا باشقا مېھمانلار چاينى ئالغان كىشىنىڭ چاينى ئېلىپ ئولتۇرۇشقىچە بولغان ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئولتۇرىدۇ .

زۇلھاايات ئۆتكۈر تەييارلىغان.