2020/06/04 21:56

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئاخىرى ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىزغا خاتىمە بەردى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/01/31 16:10

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

كۆكبۆرە ئاخىرى ئۆز كەچمىشىنى ئۆزى يېزىپ چىقتى

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر- 12 توملۇق«ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» نەشر قىلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ۋاشنگىتون، 26-يانۋار، 2020-يىلى

ئۇيغۇر تارىخىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن تاكى ھازىرقى دەۋرىگىچە بولغان سياسىي، مەدەنىي، دىنىي،ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئىلمىي، تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىدىغان «ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ناملىق 12 توملۇق مۇپەسسەل ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

25-يانۋار، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتى فايىرفاكىس ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر پائالىيەت مەركىزىگە يىغىلىپ ئۇيغۇر تارىخشۇناس، ئالى مۇھەررىر، تەتقىقاتچى، تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى مۇھىم ئەسىرى- 12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ھەققىدىكى نەشىردىن بۇرۇنقى تونۇشتۇرۇش ۋە ئالدىن سېتىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. بۇ پائالىيەتنى نەبىجان تۇرسۇن كىتاب نەشىر گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان.

دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر ئەسەرگە ئۇنىڭ موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇغان ۋاقتىدىن باشلانغان 30 يىللارچە ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تارىخىنى ئەينەن، توغرا ۋە ئىلمى ئۇسۇلدا يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ھاياتى بويىچە جاپالىق ۋە تىنىمسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئۇ تونۇشتۇرۇشتا، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر رۇسلار، ئامېرىكىلىقلار، خىتايلار، تۈركلەر ۋە باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلەپ يېزىلغان بولسىمۇ، پاكىت، ئەينەنلىك، تولۇقلۇق ۋە بىر پۈتۈن بولۇشتا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس بىر پۈتۈن تارىخى ۋە ئايرىم دەۋرلەر تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار سان جەھەتتە كۆپ بولماسلىقى، مەزمۇن جەھەتتىمۇ مۇكەممەل ۋە تولۇق ئەمەسلىك، ئىلمىيلىك جەھەتتىمۇ قىسمەن نۇقسانلاردىن خالى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ،ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشقا تىرىشقان. بولۇپمۇ ھازىرغىچە دۇنيادا تېخىچە كۆپ توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى ئەسىرى يېزىلىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ يىللار ۋە كۆپ ئىزدىنىشلارنى سەرپ قىلغان.

ئۇ سۆزىدە مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى مەخسۇس ئىزدىنىشلىرى ۋە تۆھپىلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن بولۇپ، ئۇ،تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ « شەرقىي تۈركىستان تارىخى »ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ ۋە رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

نەبىجان تۇرسۇن ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تارىخ كەسپى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان، 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر تارىخى بويىچە مەخسۇس دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇپ، 1995-يىلى تارىخ ئىلمى بويىچە دوكتور بولغان. ئۇ، كۆپ يىللار «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، موسكۋا شەرق ئىنىستىتۇتى، قىرغىزىستان يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە لېكتور ۋە دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلىدىن باشلاپ، ھازىرغىچە موسكۋا ۋە ئامېرىكىدا رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا 6 پارچە كىتاب نەشىر قىلغان ۋە ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە ئۇيغۇر، ئىنگلىز، رۇس، تۈرك ، قىرغىز ۋە باشقا تىللاردا 300 پارچە ئەتراپىدا ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئالى مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىمەكتە. بولۇپمۇ ئۇ 2000-يىلى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى ۋە قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئامېرىكا جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ «شنجاڭ قۇرۇلۇشى» تەتقىقات لايىھەسىگە قاتنىشىپ، « شىنجاڭ : خىتايدىكى مۇسۇلمانلار چېگراسى»>ناملىق كاتتا ئەسەرنى يېزىشقا قاتنىشىپ، ئامېرىكا تارىخچىلىرى بىلەن بىرگە كىتابنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىككى بابىنى يازغان.

« 12 توملۇق <ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى> كىتابى-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كىتابى »-دەپ تونۇشتۇردى رىياسەتچى ،دوكتۇر ئابدۇراخمان ئەپەندى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم دوستلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش ۋە ئالدىن سېتىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر پائالىيەتلەر ھېچقانداق بىر گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتقا تەۋە ئەمەس ئىكەن. مەزكۇر پائالىيەتتە ۋىرگىنىيە ۋە باشقا شىتاتلاردىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر جامائەت ئەزالىرى مەزكۇر كىتابنى قىزغىنلىق بىلەن ئالدىن سېتىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ قوللاش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن.

نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى نەچچە ئون يىللاپ، باش چۆكۈرۈپ، تەر تۆكۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بىر ئىلمىي ئەمگەكنى روياپقا چىقاردى. پائالىيەتكە قاتنىشىپ سۆز قىلغان دوكتور ئابدۇراخمان، دوكتور قاھار بارات، ئەنۋەر قادىر، دوكتور پەرھات بىلگىن ۋە باشقىلار ئۇنىڭ بۇ جاپالىق ئەمگەكلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. بولۇپمۇ نەبىجان تۇرسۇننىڭ مەزكۇر قىممەتلىك تارىخى ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىدا، ئۇنىڭ خانىمى مۇھەببەت خانىمنىڭ قوللىشى ۋە يېنىدا بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. كۆپچىلىك مۇھەببەت خانىمنىڭ يولدىشىنىڭ كۆپ يىللىق ئىلمى تەتقىقات خىزمىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭ يار-يۆلەك بولغىنىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى.
مەزكۇر ئەسەر 12 توم بولۇپ، پات ئارىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشردىن چىقىدىكەن. كىتابنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ. ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلسا بولىدۇ. 

تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى :
سايرام ئوغلانى.

«دادىلارنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىلەر ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. پەرزەنتلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىلەر ئۇلارنىڭ دادىلىرىدۇر!. دادا پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئەبەدىي مۇقەددەس ئورۇندىدۇر! بۇ سالاھىيەتنى ھېچكىممۇ تارتىپ ئالالمايدۇ ! » .      نەبىجان تۇرسۇن

نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى 1964 - يىلى تارىم ۋادىسىدىكى غازىيانە ئاقسۇنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار ئىنسانلىرى ئاپىرىدە بولۇپ كەلگەن ، 1765 - يىلدىكى مەنچىڭغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى ھېساپلانغان ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن . بالىلىق دەۋرى ئاساسلىقى تارىخىمىزدىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرلەردىن بىرى بولغان ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قالايمىقانچىلىقىدىكى ئەنسىز يىللاردا ئۆتكەن .
1981 - يىلدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 405 نومۇر ئېلىپ ، ۋەتىنىمىز بويىچە ئىككىنچى بولۇپ ، ئانا مەكتىپى ئۇچتۇرپان 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېكىندىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى - ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن . تۇرسۇن بارات ئاكا ئوغلىنى ئۈرۈمچىگىچە ئۇزىتىپ كېلىپ يولغا سېلىپ قويغان ئىكەن . مەرھۇم شۇ چاغدا: « ئوغلۇم سەن ئەمدى ئۇچۇرتما قۇشقا ئوخشاش مۇستەقىل ھايات سەپىرىگە يول ئالدىڭ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللارنى ئۆزۈڭ تاپىسەن ۋە ئۆزۈڭ ماڭىسەن.ساڭا دەيدىغان تۆت سۆزۈم بار. بىرى ياخشى ئوقى، ئوقۇشتا باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالما، يەنە بىرى ئۇستازلارنى ھۆرمەت قىل، ئۈچىنچىسى، كەلگۈسى نىشانىڭنى بەلگىلە، تۆتىنچىسى بېيجىڭدا تارىخى ماتېرىياللار كۆپ، تارىخنى ياخشى ئۆگەن» دېگەن ئىكەن . تۆت يىل ئۆتۈپ،
1985-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ » ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقسىم قىلىنىپ، شۇ يەردە ئىشلىگەن ۋە بۇ جەرياندا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتى بولغان.
1990-يىلى، موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانتلىق ھاياتىنى باشلاپ، تاكى 1996-يىلىغىچە مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئوقۇغان. دادىسى تۇرسۇن بارات ئاكا ئوغلىنى موسكۋا سەپىرىگە ئۇزاتقان ۋاقىتتا : « ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلىرىم بار. سەن مانا ئەمدى مەخسۇس تارىخ كەسپى بويىچە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجىلاردىن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى-سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تارىخ ئوقۇشقا كىرىۋاتىسەن، بىرىنچى، ھەقىقىي ۋە ئىلمىي تارىخشۇناس بول، خەلق تارىخچىسى بولغىنكى، خۇددى ئوردا شائىرلىرىغا ئوخشاش ئوردا تارىخچىسى بولما، تارىخنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىش يولىدا ئىزدەن»دېگەن ئىكەن .

« موسكۋا خىياللىرى » قوزغىغان زىلزىلە :

ئاپتور بۇ ھەقتە ئۆزى مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ :
1998-يىللىرى مېنىڭ موسكۋا ھاياتىم ھەققىدە يازغان «موسكۋا خىياللىرى» « تەڭرىتاغ » ۋە « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئۇدا ئېلان قىلىنىپ، خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ كەڭ زىيالىيلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بىر مەزگىللىك قىزغىنلىق قوزغىدى. دادام بۇ ئەسىرىمدىن ئەڭ بەكرەك ھۇزۇرلاندى. چۈنكى دادام مەندىن كۈتكەن نۇرغۇن ئوي-پىكىرلەر، ئىدىيەلەر بۇ ئەسەردە بار ئىدى.  1995 - يىلى يېزىلغان مۇنۇ قۇرلار ئۇنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ئىدى :

« موسكۋا خىياللىرى»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيەنىڭ بىر پاي ئوقسىز، بىر كېچىدە قانداق غۇلىغانلىقىغا شاھىت بولۇشۇم سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن دۇنيادا ئەبەدىيلىك ئىمپېرىيە بولمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەنىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن « دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر ! » دەپ خۇلاسە چىقارغانىدىم.  نەبىجان تۇرسۇن

1996-يىلى، دوكتۇر يەنە ئىلىم ئۆگىنىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ . تۇرسۇن بارات ئاكا ئۆزى ئايرودرومغا ئېلىپ چىقىپ ئۇزىتىپ قويۇپ،
« ئەمدى سەن ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇساپىرلىق سەپىرىگە ئاتلانغاندەك كۆرۈنىسەن، مەن سەندىن رازى، سېنى ئاللاغا تاپشۇردۇم» دېگەن ئىكەن كۈلۈپ تۇرۇپ. دوكتۇر بۇ ھەقتىكى تۇيغۇسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : « ھەقىقەتەن، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سەپەرگە ئاتلانغانلىقىمنى كېيىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم، دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەن دادامنىڭ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھازىرقى كۈنۈمنى بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرىلا كۆرۈپ بولغانلىقىنى چۈشەندىم».

تۇرسۇن بارات ئاكا 2016 - يىلى 4 - نويابىر ئاخىرقى قېتىم ئوغلىنى يوقلاپ كېلىپ ، ئامېرىكىدا 20 كۈننى ئوغلى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن . 24 - نويابىر ئاتا - بالا ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشقان . مەرھۇم تۇرسۇن بارات ئاكا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ، ۋەتىنىمىزدىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قىزىل قىيامەت ۋەتىنىمىز ئاسمىنىنى قاپلىغان 2017 - يىلى 8 - سېنتەبىر جۈمە 81 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى تاماملاپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان .

تۇرسۇن بارات ئاكا كىم ئىدى !؟؟

« بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن تارىخى بىر ئائىلىدىن، بىر قوۋمدىن ۋە بىر يۇرتتىن باشلىنىپ، ئاخىرىدا يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ» .
تۇرسۇن بارات ئاكا

تۇرسۇن بارات ئاكا 1936-يىلى، قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ ئەگىتېرەك يېزىسىدىكى جاپالىق دېھقانچىلىق مېھنىتى بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان دىنى ئۆلىما ۋە مەدرىسە ئوقۇتقۇچىسى بارات ئاخۇن خەلپەت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . مەرھۇمنىڭ ئوغلىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى بىر قانچە ئەۋلاد كىشى تەرىپىدىن ئېغىزدىن ئېغىزغا قالدۇرغان ۋە دادىسى ھەم تاغىسى تەرىپىدىن يېزىپ داۋاملاشتۇرۇلغان ئائىلە شەجەرىسىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ شۇ ئاساستا تۆت ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان جەمەت شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىكەن . مەرھۇمنىڭ دادىسى، يەنى، دوكتۇرنىڭ بوۋىسى بارات ئاخۇن بۈيۈك ئالىم ھۈسەيىن تەجەللىنىڭ ياراملىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ، پەيزىۋاتقا قايتىپ، بىر ئۆمۈر دېھقانچىلىق ۋە خەلپەتلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ دىياردىكى داڭلىق « خەلپەت»لەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان شۇنىڭدەك 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدىكى قەشقەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان ئىكەن . تۇرسۇن بارات ئاكا
1951-1956-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەردىكى، يەنى، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم دەرگاھى ھېسابلانغان قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان بولۇپ، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەرھۇم قاتارلىق بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى ئاساسى بۇلاققا ئايلانغان ئىكەن . مەرھۇم 1956-يىلى،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇچتۇرپانغا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن، 1957-يىلى ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ، 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى ۋە كېيىنرەك بولسا ئىماملىرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ روللارنى ئوينىغان. قەدىمىي دىيار ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر-ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئىمانلىرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىنالىرىنىڭ تۇنجى خىشلىرى، مەكتەپ باغلىرىنىڭ تۇنجى كۆچەتلىرى مەرھۇم ۋە ئۇنىڭ باشقا بىر قانچە نەپەر كەسىپداشلىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە قويۇلغان ۋە تىكىلگەن ئىكەن. 1957-1958-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا بىلىمىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئۇچتۇرپانغا قايتىپ كېلىپ مائارىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ،ئەنە شۇنىڭدىن تاكى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇچتۇرپاندا مەدەنىي- مائارىپ، تەشۋىقات ساھەسىدە ئىشلەپ ، 1992-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، تاكى 1997-يىلى پېنسىيىگە چىققۇچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1997-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە پېنسىيىدە ياشاپ، ئاساسلىقى پۈتۈن ۋاقتىنى ئىلمىي تەتقىقاتقا سەرپ قىلغان . 2016 - يىلى 4 - نويابىر ئوغلىنى يوقلاپ كېلىپ ، 24 - نويابىر ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن . 2017 - يىلى 8 - سېنتەبىر جۈمە ئۈرۈمچىدە 81 يېشىدا ۋاپات بولغان .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەرھۇم تۇرسۇن بارات ئاكىغا ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىلىك جەننەتنى تىلەيمىز ! مىللىتىمىز ئىچىدىن مىڭلارچە تۇرسۇن باراتنى چىقىرىپ بېرىشىنى سورايمىز ! شۇنداقلا قۇدرەتلىك ئاللاھتىن نەبىجان تۇرسۇن ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەت ، قەلىمىگە جاسارەت ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئائىلىسىگە بەرىكەت تىلەيمىز !

«كۆكبۆرە ئۆز كەچمىشىنى ئۆزى ھەقىقىي يېزىپ چىقمىغۇچە پۈتۈن دۇنيا كاززاپ قىزىل ئەجدەرھانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولاتتى . مانا ئەمدى شىر ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىپ چىقىپتۇ. ئەمدى ئوۋچىنىڭ ھېكايىسى ئاقمايدۇ »  سايرام ئوغلانى. 

مەنبەلەر :

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتى .

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە سەھىپىسى .

ئۆزلەشتۈرۈپ نەقىل قىلغۇچى : سايرام ئوغلانى

2020 - يىلى 31 - يانۋار. قۇتلۇق جۈمە.

Ana Veten

بۇ كىتاپ قاچان، نەدە، قانداق سېتىلىدۇ؟ بىز قانداق سېتىۋالىمىز؟