2020/07/04 08:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ۋە شاڭخەي بىرلىكىنىڭ نىشانى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/05 13:38

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تاسادىپىيلىقمۇ ياكى ئالدىن پىلانغانلانغان قىرغىنچىلىقمۇ !؟

« تارىخىنى بىلمىگەن مىللەتلەر يوقىلىشقا مەھكۇمدۇر ». مۇستاپا كامال پاشا .

« ئۆتمۈشى نۇرانە بولمىغان جاينىڭ كېلەچىكى پارلاق بولمايدۇ » .  ئابدۇشكۈر مەمتىمىن .


1994 - يىلى 12 - دېكابىردا رۇسىيە **چېچېن ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 1995 - يىلى 5 - يانۋاردا رۇسلار پايتەخت گرۇزنېيغا كىردى. ئەمما 1995 - يىلى فېۋرالدىن 1996 - يىلى ئاپرىلغىچە ئۇدا قانلىق ئۇرۇش قىلىپ، چېچېنلەردىن ئېغىر زەربە يەپ كەتتى.

ئابدۇرەھىمجان ئەپەندىنىڭ 1996 - يىلى 5 - فېۋرال « موسكۋادىن كەلگەن ئەپەندى » بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن
نېمە ئۈچۈن 1996 - يىلى رۇس - خىتاي ئىتتىپاقلىقى بەرپا بولۇپ،« رۇسلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاش، خىتاي چېچېن مەسىلىسىدە رۇسلارنى ھەر جەھەتتىن قوللاش ئىستراتېگىيەسى » ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىنى بىر ئاز ئېنىقراق چۈشەنگەندەك بولدۇق .
   
1996 - يىلى 21 - ئاپرىل چېچېن رەھبىرى دودايېفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، 24 - ئاپرىل بورىس يېلىتسىننىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى ، بۇ قېتىم « چېچىنلەر مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى باغلاپ ئۆز ئارا بىر - بىرىنى قوللاش ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىشى ، شۇ يىلى كۈزدە ئۇرۇش توختىتىپ، 1997 - يىلى 5 - يانۋار رۇسىيەنىڭ چېچىنىيىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى، ھەمدە 1997 - يىلى مايدا رۇسلارنىڭ 400 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم كاۋكازلىقلار بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى *** تۈزگەندىن بېرى، يۇقىرىقى قوشما بايانات ۋاقىتلىق ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. ئەمما كىشىنى قاتتىق ئويلاندۇرىدىغىنى رۇسلار چېچىنىيەدىن چېكىنىپ، چېچېن خەلقى مۇستەقىللىق كەيپىياتىغا چۆمگەن مۇبارەك رامىزاندا غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەن!! بۇ يەردە بىر باغلىنىش باردەكلا!

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ باش - ئاخىرىنى ئوبدان تەھلىل قىلغىنىمىزدا ، ئىلىدىكى مىللىي روھ ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئومۇملىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرىلا ئالدىن قول سېلىپ ، قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇۋەتكەنلىك جىنايىتى 1998 - يىلدىكى قەشقەردىكى
« مەمەت سايىت گۇرۇھى » ۋە 1999 - يىلدىكى خوتەندىكى « كۈرەش - شەرئەلى گۇرۇھى » غا قارشى زەربە بېرىش باھانىسىدە 2000 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىر مىليوندەك ياش ئەۋلادلارنى تۈرمىلەرگە قامىۋېلىشلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىققان بولسا ، 2001 - يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ « ئىسلام تېررورچىلىرى - تالىبان - » غا زەربە بېرىشنى باشلاپ كېتىشى باندىتلارنىڭ ئۆمرىنى چارەك ئەسىر ئۇزارتتى . ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇرىشى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قانلىرى بەدىلىگە كەلدى . ئەمما بىزنىڭ ھامان ئومۇميۈزلۈك ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىزنى باندىتلار توسىيالمايدۇ . بۇ تارىخنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ۋە تەقەززاسى . « ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت ! ئەمدى نۆۋەت بىزنىڭكى !» .

** 1997 ـ يىلى 5 ـ يانۋار رۇسىيە ئارمىيىسى
چېچىنىيەدىن چېكىنىپ چىققان.(  1991 ـ يىلى 2  ـ  نويابىر قۇرۇلغان مۇستەقىل چېچىنىيە  جۇمھۇرىيىتى،1994 ـ 12 ـ دېكابىر رۇسىيەنىڭ
تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1995 ـ يىلى 5 - يانۋار
رۇسلار گروزنىغا كىرگەن. گەرچە چېچىنىيە
پېرزدېنتى دۇدايېف 1996 ـ 21 ـ ئاپرىل
قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،بىراق ئالتە
ئايلىق قاتتىق مىللىي قارشىلىق نەتىجىسىدە
ئېغىر چىقىم تارتقان رۇسىيە چېچىنلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ چېكىنگەن.
بىراق چېچىنىيە مۇستەقىللىقى كۈرىشى پۈتكۈل كاۋكازغا يامراپ كەتكەچكە،رۇسىيەنىڭ قاتتىق قول مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن 1999 ـ يىلى
2 ـ قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىنى قوزغاپ،قايتا ئىشغال قىلغان.2009 ـ يىلى پۇتىن 10 يىللىق چېچېن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان).

***  1997 - يىلى 12 - ماي رۇسىيە بىلەن چېچىنىيە قوراللىقلىرى ئارىسىدا تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ 400 يىلدىن بېرى رۇسلارنىڭ تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن كاۋكاز خەلقى بىلەن بۇنداق تىنچلىق كېلىشىم ئىمزالىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ!

بىرىنچى چېچېن ئۇرۇشى 1994 - يىلى 12 - دېكابىر باشلىنىپ، 1997 - يىلى 5 - يانۋار ئاخىرلاشقان. شۇ يىلى مايدا رۇسلار بىلەن كاۋكازلىقلار تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، چېچېنلەرنىڭ 21 - ئەسىر كىرىشتىن ئىلگىرى « كافكاز فېدراتسىيىسى » قۇرۇش پىكرى توغرىلىق مۇزاكىرىلەر باشلانغان. چېچىنىيە 1997 ـ يىلى 5 ـ يانۋار رەسمىي مۇستەقىل بولۇپ،رۇسلار ئېتىراپ قىلغانىدى.لېكىن چېچىنىيىنىڭ ئەمەلىي مۇستەقىللىقىغا نارازى بولغان چېچىن ھەربىي گېنىرالى« كافكاز بۆرىسى شامىل باسايېف (1965  ـ 2006)»پۈتۈن شىمالىي كافكازنى ئازات قىلىش چاقىرىقى قىلىپ، 1999 ـ يىلى داغىستانغا ھۇجۇم قىلدى.شۇنىڭ بىلەن شۇيىلى 8 ـ ئايدا باش مىنىستىر بولغان پۇتىن ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. نەتىجىدە 1999 ـ يىلى
2 ـ قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشى باشلاندى.
باسايېف 2004 ـ يىلى 9 ـ ماي يېڭى چېچىن رەھبىرى ئەھمەد قادىروف(1950 ـ 2004)نى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن.ئاقىۋەت بىر پۈتۈن چېچېن پىدائىيلىرى ئىككىگە بۆلۈنگەن.
2006 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇل باسايېف سۇيقەست بىلەن پارتلىتىۋېتىلگەن. 2007 ـ يىلى پۇتىن سابىق قادىروفنىڭ 31 ياشلىق ئوغلى رامزان قادىروفنى چېچېن رەھبىرى قىلىپ،پەيدىنپەي چېكىنىپ چىقىپ،2009 ـ يىلى ئەتىيازدا 10 يىللىق چېچېن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.
شۇندىن كېيىنلا رۇسلارنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى كۆپىيىپ كەتتى. 2008 - يىلى گرۇزىيەگە بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش قوزغاپ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيەنى يۇتۇۋالغان بولسا ،  2014 ـ يىلى قىرىمنى يۇتۇۋېلىپ ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە دونېتسىك ۋە لوگانسىك قورچاق جۇمھۇرىيەتلىرىنى پەيدا قىلىپ ، ئۇكرائىنانى ۋە غەرپنىڭ دىققىتىنى قىرىمدىن بۇرۇۋەتتى .
2015 ـ يىلى 30 ـ سېنتەبىر سۇرىيەگە كىردى. 2018 - يىلى 13 - سېنتەبىر يىراق شەرقتە سوۋېت ئىتتىپاقى يوقالغاندىن بۇيانقى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە سەرخىل ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى تاشقى مانجۇرىيەگە پەم بىلەن يۆتكىۋالدى .
2019 - يىلى لىۋىيەگە « كېرمىل ئاشپەزلىرى» بېرىگادىسىنى كىرگۈزۈدى . ئەمدىكى نىشانى قەيەر !؟ خوشنا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رۇسلارنىڭ كېلەر قېتىملىق نىشانىنى توغرا بايقاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

« باسايېفنىڭ تۇتقان يولى ۋە ئىككى قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور سىياسىي ئىبرەتتۇر  » :

1991 - يىلى 19 - ئاۋغۇست ئەمەلگە ئاشمىغان موسكۋا سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆي ئايرىپ چىقىشقا باشلىغان. شۇ قاتاردا چېچىنىيەمۇ 1991 - يىلى 2 - نويابىر سەھەر رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
چېچىنىيەنى ئۇدا ئۈچ يىل ئۆكتىچى كوممۇنستلار ئارقىلىق يوق قىلالمىغان رۇسىيە تۇنجى قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىنى قوزغىغان.

بىرىنچى چېچېن ئۇرۇشى 1994 - يىلى 12 - دېكابىر باشلىنىپ، 1997 - يىلى 5 - يانۋار ئاخىرلاشقان. شۇ يىلى مايدا رۇسلار بىلەن كاۋكازلىقلار تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، چېچېنلەرنىڭ 21 - ئەسىر كىرىشتىن ئىلگىرى « كافكاز فېدراتسىيىسى » قۇرۇش پىكرى توغرىلىق مۇزاكىرىلەر باشلانغان. چېچىنىيە 1997 ـ يىلى 5 ـ يانۋار رەسمىي مۇستەقىل بولۇپ،رۇسلار ئېتىراپ قىلغانىدى.لېكىن چېچىنىيىنىڭ ئەمەلىي مۇستەقىللىقىغا نارازى بولغان چېچىن ھەربىي گېنىرالى« كافكاز بۆرىسى شامىل باسايېف (1965  ـ 2006)» پۈتۈن شىمالىي كافكازنى ئازات قىلىش چاقىرىقى قىلىپ،1998 ـ يىلى داغىستانغا ھۇجۇم قىلدى.شۇنىڭ بىلەن شۇيىلى 8 ـ ئايدا باش مىنىستىر بولغان پۇتىن ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. نەتىجىدە 1999 ـ يىلى سېنتەبىردە
2 ـ قېتىملىق  چېچېن ئۇرۇشى باشلاندى.
باسايېف 2004 ـ يىلى 9 ـ ماي پۇتىن تەيىنلىگەن يېڭى چېچىن رەھبىرى ئەھمەد قادىروف(1950 ـ 2004)نى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن.ئاقىۋەت بىر پۈتۈن چېچېن پىدائىيلىرى ئىككىگە بۆلۈنگەن. 2005 - يىلى 8 - مارت چېچىنىيىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك خەلق سايلىغان رەھبىرى رەئىسى ئارسلان ماسخادوف قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
2006 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇل باسايېف سۇيقەست بىلەن پارتلىتىۋېتىلگەن. 2007 ـ يىلى پۇتىن سابىق قادىروفنىڭ 31 ياشلىق ئوغلى رامزان قادىروفنى چېچېن رەھبىرى قىلىپ،پەيدىنپەي چېكىنىپ چىقىپ،2009 ـ يىلى ئەتىيازدا 10 يىللىق چېچېن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

1999 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىلچىلىرى « غازاتچىلار » ۋە « ئازاتچىلار» دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، 2001 - يىلى 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، چېچېن مۇستەقىلچىلىرى قايتا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تۈركۈمى باسايېف ۋە ئەرەب خەتتاب باشچىلىقىدا « ئۈممەتچىلىك ۋە كاۋكازچىلىق» ئىدىئولوگىيىسى بويىچە رۇسلارغا قارشى ۋاستە تاللىماي، ھەر خىل پارتىزانلىق ھۇجۇملىرى بىلەن شۇغۇللاندى. يەنە بىر تۈركۈمى ئاتا - بالا قادىروفلارنىڭ « رېئاللىقنى چىقىش قىلىش يولى» بويىچە رۇسىيە بەرگەن « تولۇق مۇستەقىللىقتىن كىچىكرەك، يېرىم مۇستەقىللىقتىن چوڭراق ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت» ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىپ، نەسلى قۇرۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان چېچېن مىللىتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ھازىرمۇ رامزان قادىروف پۇتىن بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە يېقىن مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئون مىڭدىن ئەللىك مىڭغىچە پىشقان قوراللىق قىسىمنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا . باسايېفنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلغانلار 2007 - يىلدىن كېيىنلا ئاجىزلىشىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پەسىيىپ قالغان. شۇڭا پۇتىنمۇ 2009 -يىلى 12 - ئاپرىل ئون يىللىق چېچىنىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەن. كەلگۈسىدە قوراللىق كۈرەش باسقۇچىغا كىرگەندە بىزمۇ يەنە شۇنداق ھالقىلىق تاللاشقا دۇچ كېلىمىز. شۇڭلاشقا پىلانىمىز « يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇش ئاساسىدا تۈزۈلىشى كېرەك ! »، شۇنداقلا ئىدىئولوگىيىمىزمۇ رېئاللىققا ماس ھالدا تۈزۈلۈپ، ۋەتىنىمىزنى ئىككىنچى چېچىنىيە ياكى ئىككىنچى سۈرىيەگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك!» . بىزگە « چېچىنىيە ئىبرەت ! » ، « كوسوۋۇ ئۈلگە ! » بولۇشى كېرەك . قالغان تەپسىلاتىنى ۋاختى كەلگەندە كېڭىشىمىز !

شەخسلەر :

1. جەۋھەر دودايېف : 1944 - يىلى 15 - فېۋرال تۇغۇلغان . « سوۋېت قەھرىمانى » ئوردېنىغا ئېرىشكەن سابىق ھاۋا ئارمىيە گېنىرالى . 1991 -  2 - نويابىر قەسەم بېرىپ، پىرىزدېنت بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1996 - يىلى 21 - ئاپرىل رۇسىيە جاسۇسلۇق ھۇجۇمچى ئايروپىلانى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

2 . ئارسلان ماسخادوف :  1951 - يىلى 21 - سېنتەبىر تۇغۇلغان. 1997 - يىلى يانۋاردىن 2005 - يىلى 8 - مارتقىچە پېرىزدېنت بولغان.
شۇ كۈنى رۇسىيە ئارمىيىسى قولىدا قازا قىلغان.

3 .  شامىل باسايېف : 1965 - يىلى 14 - يانۋار تۇغۇلغان. 1991 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. 2000 - يىلدىن باشلاپ، « چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ، كاۋكاز رايونىدا رۇسىيە ئارمىيىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. 2006 - يىلى 10 - ئىيۇل موسكۋاغا تېگىش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىدا كوزۇپتىكى ئېغىر تىپلىق بومبىلارنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغان. ئۇ ئولتۇرغان ماشىنا كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ جەسىتى ھېچنىمە بولمىغان.

4 . ئەھمەد قادىروف : 1951 - يىلى 23 - ئاۋغۇست تۇغۇلغان. 1995 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە چېچىنىيە باش مۇپتىسى بولغان. ھەتتا رۇسلارغا قارشى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلغان. بىراق 1999 - يىلدىن باشلاپ ئەھمەد قادىروف بىلەن شامىل باسايېفنىڭ ئارىسىدا سىياسىي كۆز قاراشتا پىكىر ئىختىلاپى چىقىپ، ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولىدا ماڭغان. بىراق 2003 - يىلى 5 - ئۆكتەبىر پۇتىن قادىروفنى چېچىنىيە رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن زامان، باسايېف بىلەن قادىروف ئىلگىرىكى ئىتتىپاقداشلاردىن بىراقلا ئۆزئارا دۈشمەنلەرگە ئايلانغان. نەتىجىدە 2004 - يىلى 9 - ماي باسايېف ئاتا قادىروفنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن.

5  . رامزان قادىروف : ئەھمەد قادىروفنىڭ ئوغلى. 1976 - يىلى 5 - ئۆكتەبىر تۇغۇلغان.
2007 - يىلى مارتتىن ئېتىبارەن چېچىنىيە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ كەلمەكتە.

باسايېفنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر :

« مەن ئۇرۇشقا قارشى. ئەمما ناھەقچىلىققا قارشى ئۇرۇش قىلىش خاراكتېرىمدۇر ! ».

« قاچان ئۆلۈشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى قانداق ئۆلۈشىمىزدۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئار - نومۇسنى يۇيۇپ، شان - شەرىپىمىز بىلەن ئۆلۈشتۇر !» .

« ئەگەر مۇسۇلمانلار بىر كۈنلۈك چېكىدىغان سىگارتقا سەرپ قىلغان پۇلنى بىزگە بەرگەن بولسا، پۈتۈن رۇسىيەنى خەرىتىدىن يوق قىلىۋېتەتتۇق!».

« رۇسىيەنى بۈگۈن ۋاختىدا توختاتمىساڭلار، ئەتە ھەممىڭلارنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ » .

دۈشمەنلىرىنىڭ باھالىرىدىن بىرى :

« ئەگەر باسايېف پارتلاپ كەتمىگەن بولسا، 15 - 17 - ئىيۇل كۈنلىرى موسكۋادا ئېچىلىدىغان G8 باشلىقلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ، بىزنى شىمالى  كاۋكازدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلايتتى . تېررورچى باسايېف ئۆلدى. ئەمدى رۇسىيە بىلەن كاۋكازلىقلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئاخىرلاشتى!» . نىكولاي پاترۇشېف  KGB مۇدىرى ، 2006 - يىلى 11 - ئىيۇل موسكۋا .

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاچان ، نېمە مەقسەتتە قۇرۇلغان !؟؟

كۆك ئەرۋاھ

1990 - يىلى 5 - ئاپرىل قورغالغان بارىن ئىنقىلابى باندىتلارنى قانداق چۆچۈتكەن بولسا ، 1991 - يىلى 2 - نويابىر جاكارلانغان چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئورۇسلارنى شۇنچە ئالاقزادە قىلىۋەتكەن . 1991 - يىلى 26 - دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخقا ئايلىنىشى باندىتلارنى قانچىلىك بىئارام قىلغان بولسا ، 1991 - يىلدىن 1994 - يىلغىچە مۇستەقىللىق دەۋاسىدا چىڭ تۇرغان چېچىنىيە ۋە تاتارىستان رۇسىيەنى شۇنچە بىئارام قىلغان .
نەتىجىدە رۇسىيە قورال كۈچى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولۇپ ، 1994 - يىل ئاخىرىدا تۇنجى قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىنى باشلاپ خەلقئارادا يېتىم قالغان . باندىتلارمۇ سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن ۋەتىنىمىزنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن تەقىپنى ۋە سىياسەتلىرىنى تېررورلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرگەچكە ، غەرپ ئەللىرىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىغا ۋە بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئېيىق بىلەن توڭگۇز خۇددى سىتالىن ۋە ماۋ دەۋرىدىكى ئىتتىپاقداشلىق دەۋرىنى قايتىلاپ ، 1996 - يىلى 26 - ئاپرىل پېكىندە « شاڭخەي بەشلىك قارا گۇرۇھى » نى قۇرۇپ چىقىپ ، خەلقئارالىق دىپلوماتىيەدە ئورتاق مەنپەئەتى بولغان چېچېن ۋە ئۇيغۇر مەسلىسىنى ئاساس قىلىپ ئىش باشلىغان . باندىتلار بىخەتەرلىك جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرىدىغان چوڭ نىشاننى چىقىش قىلىپ ماڭغان بولسا ، شېرىكى رۇسىيە ، قازاقىستان ، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلار بۇ قارا گۇرۇھنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى ۋە ئىسلامچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت دەپ بىلگەن . بۇ گۇرۇھنىڭ كۈچىنىڭ تەسىرى
1997 - يىلىدىن باشلاپلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
شۇنچە دەھشەتلىك 5 - فېۋرال قىرغىنىمۇ تۈزۈك داغدۇغا قوزغىيالمىغان . 1998 - 1999 - يىلى يۇقىرىقى ئىككى خوشنا ئەلدىكى جەڭگىۋار ئۇيغۇرلار « غازاتچىلار » ۋە « ئازاتچىلار » دەپ بۆلۈنۈپ ، غازاتچىلىرى ئافغانىستانغا ، ئازاتچىلىرى تۈركىيەگە قاچقان. 

2001 - يىلى 14 - ئىيۇن ئۆزبېكىستانمۇ قوشۇلۇپ ، 15 - ئىيۇن مەزكۇر قارا گۇرۇھ رەسمىي ھالدا يېرىم ئىقتىسادىي ، يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى « شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى » نامى بىلەن قايتا قۇرۇلغان . باندىتلارنىڭ تەلىيىگە ، 1994 - يىلى قەندەھاردا پەيدا بولۇپ ، 1997 - يىلى پۈتۈن جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئافغانىستاننى تىزگىنلەپ ، 1998 - 2000 - يىللىرى توختىماي چەتئەل غازاتچىلىرىنى جەلپ قىلغان تالىبانلار 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى نىشانغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن ، باندىتلار 12 - سېنتەبىر تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ « ئىسلام تېررورىزىمى » غا قارشى ئۇرۇش قىلىشىنى قوللىغان بولۇۋېلىپ ، ئورنىغا خەلقىمىزنى قۇربانلىق قىلىشتا ئۇتۇق قازانغان . باندىتلار تېخىچە شۇ رەزىللىكىنى داۋام قىلماقتا .

2001 - يىلى شاڭخەيدە ، 2002 - يىلى پېتىربۇرگدا ، 2003 - يىلى موسكۋادا ، 2004 - يىلى تاشكەنتتە ، 2005 - يىلى ئاستانىدە ، 2006 - يىلى شاڭخەيدە ، 2007 - يىلى بېشكەكتە ، 2008 - يىلى دۈشەنبىدە ، 2009 - يىلى يېكاتىنبۇرگدا ، 2010 - يىلى  تاشكەنتتە، 2011 - يىلى ئاستانىدە ، 2012 - يىلى پېكىندە، 2013 - يىلى بېشكەكتە ، 2014 - يىلى دۈشەنبىدە ، 2015 - يىلى ئۇفادا ، 2016 - يىلى تاشكەنتتە ، 2017 - يىلى ئاستانىدە ، 2018 - يىلى چىڭداۋدا ، 2019 - يىلى بېشكەكتە يىللىق قەرەللىك يىغىنى ئېچىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، 2020 - يىللىق يىغىنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە . ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، قوراللىقلارنى بارسا - كەلمەس جايلارغا ، قەلەملىكلەرنى تۈمەن مىڭ چاقىرىم يىراقلىققا قوغلىۋېتىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ، ئەمدى بۇ تەشكىلاتنى ناتو بىلەن تىركىشەلەيدىغان سەۋىيەگە كەلتۈرمەكچى بولغانىدى . ئەمما ئۆز ئىچىدە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ ، رۇسىيەنى مەركەز قىلغان بىر قۇتۇپ، باندىتلارنى مەركەز قىلغان يەنە بىر قۇتۇپ شەكىللەندى. باندىتلار بىردىنلا ئاجىز ۋە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى . بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئوخشاش ئۈچۈن پاكىستاننى ئەزالىققا يېنىغا تارتقانىدى . پۇتىن ھىندىستاننى تارتىپ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن 2015 - 10 - ئىيۇل باشقۇرىستاندا ئىككى دۆلەت ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى. باندىتلار نېپال بىلەن كامبودژانى كۆزەتكۈچى ئەزالىققا تەۋسىيە قىلىۋېدى ، پۇتىنمۇ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەنىيەنى كۆتۈرۈپ چىقتى . 2017 - يىلى 9 - ئىيۇن ئاستانىدە پاكىستان بىلەن ئەشەددىي رەقىبى تەڭلا ئەزالىققا تولۇق قوبۇل قىلىندى . باندىتلار بۇ قېتىم ئىراننى تارتىپ كىرمەكچى بولۇۋېدى ، ئورۇسلار تۈركىيەنى تەييار قىلدى .
دېمەك بۇ تەشكىلات ۋاختى كەلگەندە يەنىلا پۇتىننىڭ قولىغا قالىدۇ . باندىتلار پەقەت پاكىستان بىلەنلا يالغۇز قالىدۇ . ئەمما ھازىرقى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تېخىچە بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا تەييار تۇرغىنى يوق .

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى ۋازارىتى 2010 - يىلى مارتتا بۇ تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن قىزغىن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن زىيارەت ئەلچىسى ئەۋەتكەن بولسا ، 2020 - يىلى فېۋرالدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مىكائىل پومپيۇنى بىۋاستە ئەۋەتىپ ، باندىتلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ . بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن رۇسىيە قىلچە بىئاراملىق ھېس قىلمىدى . ئەمما باندىتلار تۇرالماي قالغاننى ئاز دەپ ، قۇرۇق بايانات ئېلان قىلىپ ، « نېمىدىن قورققىنىنى ئۆزى دەۋەتكەن ! » . ئەمما مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئومۇمىي رەھبەر ۋە ئاقساقاللار كېڭىشى تېخىچە ۋۇجۇتقا چىققىنى يوق . « چاۋاك چېلىشتىن زېرىكمىگەن گۇرۇھ ئەبەدىي خەقنىڭ ئىشىغا چاۋاك چېلىپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ » .

خۇلاسە قىلغاندا ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى باندىتلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنى مەڭگۈ مۇستەملىكە قىلىپ تۇرۇش ! مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچلىرى ئەمەلىيەتتە ۋەتىنىمىزدىكى
5 - فېۋرال غۇلجا ئىرقىي قىرغىنچلىقى ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى مىللىي قەتلىئامى ، 28 - ئىيۇل ئېلىشقۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە 1996 - 2016 - يىللاردىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ - كىچىك ئىرقىي ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر خالاس .

ھازىرغىچە خەلقىمىز ئىشلارنىڭ تاشقى پوستىنى كۆردى . ئادەملەرنىڭمۇ سىرتقى قىياپىتىنى كۆرۈپ باھالاپ كەلدى . ئەمما ئىشلارنىڭ ھەقىقىي يۈزى بىز ئۇنتۇپ كەتكەن تارىخلار بىلەن دۈشمەننىڭ قولىدىكى مەخپىي ئارخىپلاردا . ھەر ھالدا تارىخىمىزنى توغرا ئۆگىنىش ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىكى ئارخىپلارنى پەرەز قىلىپ بولسىمۇ ئىستراتېگىيە بېكىتىپ ، يولىمىزنى داۋام قىلالايمىز !
ئون كۈن بۇرۇن بارچە ئۇيغۇر تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ « 12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى » نىڭ يورۇق كۆرۈشكە باشلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى . بۇ ھازىرقى ماماتلىق پەيتتىكى نىمجان ئۇيغۇرلارغا قايتا تىرىلىش ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىكى غايەت زور مەنىۋىي ئېنىرگىيە بوپقالغۇسى.
شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ تارىخىنى پۇختا بىلىپلا قالماي ، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ تارىخىنىمۇ ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ بىلىشكە ئىنتىلىشى ۋە شۇ تەلەپكە يېتىشى كېرەك ! ئەنە شۇ چاغدا بىزدىنمۇ كۆپلەپ جۇگېلياڭ ، ساۋساۋ ، سۈنۋۇ، ئىۋان ، پېتىر ۋە كۇتۇزۇفلار چىقىشقا باشلايدۇ ! بەلكىم ئۆڭلۈك - سۆيگۈن،
سىتالىن - بېرىيالارمۇ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن!

2020 - يىلى 5 - فېۋرال.   چارشەنبە.   


ئەتىمىز ئۈچۈن تارىخ بىلەن پۇختا قوراللىنايلى :

بىز قانداق قىلىپ ئەتىنى  كۆرەلەيدىغان ئەقىللىق مىللەت  بولىمىز ؟
بۇنىڭ دۇنيا تارىخى بىلەن جۈملىدىن  ئۆز تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان  ئەسەرلەرنى چوقۇم ئوقۇشىمىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ئىنساننىڭ نۇرغۇن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرى بولىدۇ .بىزنىڭ ياخشى كۆرىشىمىز ئېھتىياجىمىزدىن ،نېمىگە  قىممەت بېرىپ نېمىگە قىممەت بەرمەيدىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ .ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار زادى نىمىگە ئەڭ كۆپ قىممەت بىرىدۇ ؟
كۆز ئالدىڭىزغا ئۆزىڭىز ئەڭ قىممەت بىرىدىغان بىر نەرسىنىڭ شەكلىنى ،تۇتقىلى ،كۆرگىلى بولىدىغان شەكىلنى دەرھال كەلتۈرەلەمسىز ؟
ئۇ  بىر خىيالىي تەسەۋۋۇر بولـماي ئەمەلىيەتتە بار بولغان بىر جىسىم بولسۇن . سىلەر نىمىلەرنى كەلتۈردۈڭلار بىلـمەيمەن .ئەمما مەن قەلەم بىلەن كۆسەينى كۆردۈم .چۈنكى بۇ بىز ئەڭ سۆيىدىغان نەرسە .ئەمما سۆيدۈم دەپلا كۆتۈرۈپ يۈرسىڭىز نەتىجىسى چىقمىسا ياكى تىراگىدىيە چىقسا ئۇ سۆيگۈنىڭ ھىچ بىر ئەھمىيىتى بولـمايدۇ .قەلەم بىلەن كۆسەينى سۆيىمىز . چۈنكى ئۇ بىزدە كەمچىل بولۇۋاتقان، يوق بولۇۋاتقانلىقتىن ئېرىشەلـمىگىنىمىز ئۈچۈن سۆيگەن نەرسە ئەمەس ، بەلكى بىزدە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرگىدەك قابىلىيەتنىڭ يوقلۇقىدىن ئېرىشەلـمىگىنىمىز ئۈچۈن سۆيگەن نەرسە . چۈنكى ئىنسان بەزىدە يوق بولغان ، ئەمما ئايرىلىپ قىلىشتىن قورققان نەرسىنى سۆيىدۇ . ئەمما بىز ئۇنى قانچىلىك ئىشلىتەلەيمىز ؟
«ئىشلىتىش »دىگەن بۇ سۆز چىققاندا «ئۇرۇش »دىگەن سۆزمۇ قۇلۇقىمىزغا بىللە ئاڭلىنىدۇ ئەلۋەتتە .
ئۇنداقتا ئۇرۇش دىگەن نېمە ؟ بىزدە كۆسەينىڭ  ھەققىنى بەرگۈدەك ھازىرلىق قابىلىيەت بارمۇ ؟
ناپالىئوننىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ .«تاكتىكا ،قورال ئىشلىتىش ، ئىنژىنىرلىق ،پەن-تېخنىكا دىگەنلەرنى گېئومىتىرىيە ئۆگەنگەندەك ئۆگەنگىلى بولىدۇ  . لېكىن ئۇرۇش قىلىش بىلىمى ياكى ھەربىي ئىستراتېگىيىنى ، تارىخنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ، مەشھۇر گېنىرال ۋە ئىستىراتىگىيىچىلەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ،بىۋاستە ئەمەلىي تەجرىبە يېتىشتۈرمەي تۇرۇپ ئۆگىنىۋالغىلى بولـمايدۇ چۈنكى ئۇنىڭ فورمۇلاسى ،قېلىپى ،ئۆلچىمى يوق .ھەممە نەرسە گېنىرالنىڭ ، ھەربىي ئىستراتىگىيىچىنىڭ خارەكتېرى ،ئاجىزلىقى
ۋە  ئارتۇقچىلىقىغا ،بىلىمى ۋە قابىلىيىتىگە ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەقلىگە باغلىق .شۇنداقلا قوراللىق ئۇرۇشلاردا ئەسكەرنىڭ تەبىئىي قورال تېخنىكىسىنىڭ نوچىلىقى ،پەسىل ۋە يەنە مىڭلىغان باشقا شارائىتلارغىمۇ باغلىق .دىمەك ، بىزدە ياخشى كۆرىدىغان كۆسەي بولسىلا بولـمايدۇ .بىزدە ياخشى كۆرىدىغان قەلەم بولسىلا بولـمايدۇ .كۆيىسىم با دەپ تاتىلدىتىپ ئاتقىلى ،قەلـىمىم با دەپ ،خەۋەرلەردىن ئۆگىنىۋالغان نەرسىلەرگە تەرجىمىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ يېزىۋەرگىلى ۋە بۇنىڭ بىلەن مەلۇم نۇقتىدا قارار بەرگىلى ، بىردىنلا سىياسىيون بولۇۋالغىلى ،تەقدىرىمىز ئۈستىدە سۆز ئاچقىلى ۋە پىلان تۈزگىلى بولـمايدۇ .چۈنكى ئۇرۇش دىگەن ئەمىليەتتە كىلاسۋىتس دىگەندەك «دۈشمەننى قانداق قىلىپ بىزنىڭ دىگەن يېرىمىزگە ئەكىلىش ياكى قانداق قىلىپ بىزنىڭ قىلغۇزماقچى بولغان ئىشىمىزنى قىلغۇزۇش ». بۇ دىگەنلىك يالغۇز كۆسەي كۆتەرسىلا ياكى تاتىلدىتىپ ئاتسىلا ئۇرۇش بولـمايدۇ دىگەنلىك .
قەلەم بولسىلا ئۇرۇش خەرىتىسىنى سىزىپ كەتكىلى بولـمايدۇ .مىللەتكە ئۇرۇش خەرىتىسىنى سىزىپ بىرەلەيدىغانلاردا تارىخىي تەجىرىبە بولىشى كېرەك .بۇ تارىخنى ئۆگىنىش بىلەن كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئارزۇسى سىزماقچى بولغان پىلان ياكى خەرىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋالـماسلىقى كېرەك .بۇنداق بولغاندا ئىلـمىي ئويلىغىلى بولـمايدۇ .ھېسسىيات ئەقىلنى يېڭىپ كېتىدىغان ئىش چىقىدۇ .يەنە ئۇلاردا تۇيالايدىغان ،يىراقنى كۆرەلەيدىغان ۋاسيىيونىسيى بولىشى كېرەك .بۇ ۋايسىيوننىڭ بىر قىسمى  تارىخنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كەلگۈسىنى كۆرەلـمەيدۇ .بىز پەقەت پەرەزگە تايىنىمىز .ئەمما تارىخىي تەجىرىبىلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ ئەتىنى پەرەز قىلىش ئەلۋەتتە تۈنۈگۈنىمىزنى ھېچ بىلـمەي تۇرۇپ ئەتىنى كۆرۈشتىن ئىشەنچىلىك بولىدۇ .شۇڭا گەپنىڭ قىسقىسى كەلگۈسىمىزنى كۆرەلەيدىغان ئەقىللىق مىللەت بولايلى دىسەك ئالدى بىلەن تارىخ ئۆگىنەيلى !   

2020 - يىلى 4 - فېۋرال.  رۇقىيە تۇردۇش.

ئاخىرىدا 1997 - يىلى 5 - فېۋرال غۇلجىدىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قىرغىن قىلىنغان ئەزىمەتلىرى ۋە بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقىمىزنى يۈكسەك ئېھتىراملار بىلەن ئەسلەيمىز ! ئۇلارنىڭ كۆزى ئارقىدا قالمىسۇن دېسەك ، بىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئەڭ يۈكسەك ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۇلارنىڭ روھىنى خۇش قىلىشىمىز كېرەك ! ئۇلارنىڭ ھېسابىنى سورىماستىن ۋە غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ ، خۇداغا ۋە ئۇلارغا قارىغۇدەك يۈزىمىز قالمايدۇ . تارىخنى ئۆگىنەيلى ! ئەجداتلارنىڭ ئوبرازى خۇنۈكلىشىپ قالمىسۇن ! ياشاۋاتقان ھەر بىر كۈنىمىز ، دەۋاتقان گەپ - سۆزلىرىمىز ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ئىش - ئىزلىرىمىزنىڭ تارىخقا پۈتۈلۈپ تۇرىدىغىنىنى ئۇنۇتمايلى !
« ئىنسان يا ئۆزىنى پېشۋا ۋە تەقۋا قىلغۇچىدۇر. ياكى ئۆزىنى رەسۋا ۋە لەقۋا قىلغۇچىدۇر ! » .
ھەر كىمنىڭ ئۆزىنى بەسلەشتۈرۈشى ياكى پەسلەشتۈرۈشى ئۆزىنىڭ قولىدا .

(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ. يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ»[105].
سۈرە تەۋبە 105 - ئايەت

سۈرە نەجم 39 - ئايەت
ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ[39].
سۈرە نەجم 40 - ئايەت
ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ)[40].
سۈرە نەجم 41 - ئايەت
ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ[41].

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 5 - فېۋرال. قايغۇلۇق چارشەنبە.