2020/06/01 21:13

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخىدىن ئىبرەت ئالمىغان خەلقلەر كۆپىنچە تارىخنىڭ زۇلمەتلىك يۈزىگە شاھىت بولىدۇ

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/08 10:27

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« سۇ كەلگىچە توغان سال ! ياۋ كەلگىچە توساق سال ! »

يېقىندىن بېرى « ئۇيغۇر » نامى ۋە « شەرقىي تۈركىستان نامى توغرىلىق تالاش - تارتىشلار يەنە كۈچىيىپ قالدى . يازمىلاردىكى مەركىزىي ئىدىيە بىر ياندا قېلىپ ، مۇشۇ تالاش - تارتىش ھەممىنى يۇتۇۋەتتى . شۇڭا بۇندىن 74 يىل بۇرۇنقى ئاچچىق ساۋاقنى ، ھەم بەزى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھازىرقى ئەلپازىنى قىسقىچە پۇرىتىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتۇق .

موسكۋادىكى كۆپ قىسىم مەشھۇر بىنالاردا بىر كېچىدىلا جوزېف سىتالىننىڭ رەسىمى پەيدا بولۇپ قالغان . رەسىمدە « مەن پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن ! » دېگەن خەتلەرمۇ يېزىلغان ئىكەن . شۇئان ئورۇسلار ئىچىدە ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىپ ، مۇنازىرە باشلانغان . سىتالىن 1878 - يىلى 21 - دېكابىر تۇغۇلغان بولۇپ ، بۇ غەلىتە ۋەقەنىڭ ئۇنىڭ 141 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئاۋامنى ئويغا سالماقتا .  چۈنكى بۇ يەردە بىر ئىش بار:

1961 - يىلى 31 - ئۆكتەبىر : « ئۇرۇش جىنايەتلىرى » بىلەن ئەيىپلەنگەندىن كېيىن، سىتالىننىڭ جەسىتى قىزىل مەيداندىكى لېنىننىڭ يېنىدىن كولىنىپ ئېلىنىپ موسكۋا ئەتراپىدىكى چەت بىر  مازارلىققا كۆچۈرۈۋېتىلگەن. كىم بىلىدۇ ، پۇتىن تېخى مۇشۇ ئىش توغرىلىق ئەلرايىنى بىلىپ باقماقچى بولۇۋاتامدۇ!؟ ئۇ 22 - دېكابىر يىل ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا لېنىننىڭ جەسىتىنى كېرمىل سارىيىدىن يۆتكىۋېتىش توغرىلىق سوئالغا « ھازىرچە ئەھمىيىتى يوق ! » ( يەنى ۋاختى كەلگەندە ) دەپلا جاۋاپ بەردى . چۈنكى ئۇ ھازىرقى مەكتەپتىكى تارىخ كىتاپلىرىغا ئوچۇقلا ۋىلادىمىر لېنىننى « ۋەتەن خائىنى »  دەپ كىرگۈزۈپ بولدى . ۋىلادىمىر پۇتىن لېنىنغا قاتتىق نارازى ، ئەمما سىتالىندىن قاتتىق رازىلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى . ئۇنداقتا لېنىننىڭ گۇناھى نېمە
ئىدى!؟

ئۇنىڭ گۇناھى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى » بولۇپ ، باشقىلاردەك يالغان شوئار بولماستىن ،بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بەش مىللىي دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىگە ، ئورۇسلارنىڭ كۆپ قىسىم مۇستەملىكە يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتا لېنىننىڭ تۆھپىسى زور دەپ قارايدۇ پۇتىن . بەلكىم لېنىن ئۆلگىلى يۈز يىل توشقان 2024 - يىلى 21 - يانۋاردا پۇتىن لېنىننى سارايدىن قوغلاپ ، سىتالىننى قايتا كېرمىل سارىيىغا دەپنە قىلىشى مۇمكىن . يۇقىرىقى سىتالىن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىكى « مەن پات ئارىدا قايتىپ  كېلىمەن ! » دېگەن سادا بەلكىم پۇتىننىڭ ئەلرايىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قوللۇق پىلانلىغان تەجرىبە خاراكتېرلىق ۋەقە بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق تەجرىبىنى باندىتلار ۋەتىنىمىزدە تەكرار سىناق قىلىۋېرىپ ، ئۇتۇق قازىنىپ كەلدى . ئۇلار ئۆلمىگەن ئادەمنى ئۆلدى قىلىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسىغا بېقىپ ئىش تۇتتى . بۇ پەقەت بىر مىسال  خالاس !

لېنىننىڭ شاپائىتىدىن قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە سىتالىننىڭ جاھىللىقىدىن يوق قىلىنغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز :

ھازىرقى زاماندا « تۈرك » نامى تۈركىيەدىكى 90 مىليون ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ . تۈرك دۇنياسى ھازىر پەقەت مەدەنىيەت ئاتالغۇسى ، سىياسىي ياكى مىللىي ئاتالغۇ ئەمەس . پەقەت 1924 - يىلدىن بۇرۇنلا تۈركلەرنىڭ ئۈممەت ئاتالغۇسى ئىدى .

ئومۇمەن ، سوۋېت تەسىرىدىن بۇرۇنقى يىللار،
يەنى 1924 - يىلدىن بۇرۇنقى « تۈرك » دېگەن نام پۈتكۈل تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەم سىياسىي ھەم مىللىي نامى ئىدى . 1924 - يىلدىن كېيىن مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك « تۈرك » نامىنى ھەم مىللەت نامى ھەم دۆلەت نامى قىلىپ تاللاپ ، ئەسلى « تۈرك» ئاتالغۇسىنىڭ جۇغراپىيە-سىياسىي ۋە مىللىي قاراتمىلىقىنى ئەدىرنەدىن ئەرزۇرۇمغىچە بولغان ئالىقانچىلىك جايغا تارايتىپ قويدى. ھازىرمۇ دۇنيا « تۈرك» دېسە شۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ . ئورۇسلارمۇ 1924 - يىلى مەركىزىي  ئاسىيادىكى بەش چوڭ تۈركىي خەلقنى بەش خىل ئەنئەنىۋى ئېتنىك نام بىلەن ئاتاپ ، غەربىي تۈركىستاندا بەش مىللىي دۆلەت قۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى . نەتىجىدە قازاق ، ئۆزبېك ، تۈركمەن، ھەتتا قىرغىزلارمۇ مىللەت نامىنى تېز ئېتىراپ قىلىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئۇيغۇر خەلقىنى قادىر ھاجى دېگەن بەتبەخت :« قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار بىر مىللەت ئەمەس !» دەپ بىلجىرلاپ قايمۇقتۇرۇپ، 1921 - 1923 - يىللاردىكى ئالتۇن پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى . نەتىجىدە پەرغانىدىكى ئۈچ مىليون ئۇيغۇر خەلقى دۆلەت قۇرۇش شەرتىگە توشمىغان ( 250 مىڭ نوپۇسى بولۇشى كېرەك ) ئۆزبېكىستان دۆلىتىگە ئۆزبېك دەپ تىزىملاندى. ھېساپتا ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزبېكستان دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچى تۆھپىكارلىرى . بىچارە ئۇيغۇرلار قادىر ھاجى مەلئۇن بىلەن مەرھۇم ئابدۇللا روزىباقى ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، ئاقىۋەت 1924 - يىلى خۇددى ھازىرقى پەلەستىنگە ئوخشاش سىتالىن تەرىپىدىن دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى چەكلەندى. ھازىرمۇ دەل شۇ قادىر ھاجىنىڭ ئىز باسارلىرى ئانچە - مۇنچە چۇقان كۆتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ . ئۇلار بۇزغۇنچىلىقتا ھەتتا قادىر ھاجىدىن ئېشىپ كەتكىدەك سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ . ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ لېنىنغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىشى ، ھەتتا ئۇنى ئوچۇق « ۋەتەن خائىنى» دەپ جاكارلىشى ئەمەلىيەتتە لېنىن بېكىتكەن پىرىنسىپلارنىڭ 1924 - يىلدا
چاررۇسىيە مۇستەملىكىسىنى باشتىن كەچۈرگەن تۈركىستان رايونىدا بەش مىللىي دۆلەتنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېلىش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكى ، كېيىنچە ئۇلارنىڭ شۇ ئاساسقا ۋە پىرىنسىپلارغا تايىنىپ تۇرۇپ ، 1991 - يىلى تولۇق ئايرىلىپ چىقىپ ، ھازىرقى ئورۇسلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى كېڭەيمىچىلىك نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارغانلىقى ئىدى . شۇڭا ۋىلادىمىر پۇتىن ئىزچىل ۋىلادىمىر لېنىننى يامان كۆرۈپ كەلدى ، ھەمدە ئۇنى سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق جىنايەتچى دەپ قارىدى . ئۇ كۆپ قېتىم « سىز نېمىگە ئەڭ قايغۇرىسىز ؟» دەپ سورالسا ، شۇئان « سوۋېتنىڭ پارچىلىنىپ كەتكىنىگە ! » دەپ جاۋاپ بېرىپ كەلدى .

ئۇنداقتا ئۇ سىتالىنغا نېمىشقا ئامراق !؟

چۈنكى لېنىن ئەينى ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزدە بىر مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنى قوللىمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ پىلاننى يولغا قويغان . ھەتتا 1921 - يىلدىن 1923 - يىلغىچە ساق ئۈچ يىل مۆھلەت ۋە پۇرسەت بەرگەن .ئەمما  سىتالىن 1924 - يىلى لېنىننىڭ تەشەببۇسىنى چەكلەپ، ئورۇسلارنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ساقلاپ قالغان.

« تۈركىيە » نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇلغان زامان،
ئورۇسلار مەركىزىي  ئاسىيادىكى بەش چوڭ تۈركىي خەلقنى بەش خىل ئەنئەنىۋى ئېتنىك نام بىلەن ئاتاپ ، غەربىي تۈركىستاندا بەش مىللىي دۆلەت قۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى . نەتىجىدە قازاق ، ئۆزبېك ، تۈركمەن، ھەتتا قىرغىزلارمۇ مىللەت نامىنى تېز ئېتىراپ قىلىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئۇيغۇر خەلقىنى قادىر ھاجى دېگەن بەتبەخت :« قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار بىر مىللەت ئەمەس !» دەپ بىلجىرلاپ قايمۇقتۇرۇپ، 1921 - 1923 - يىللاردىكى ئالتۇن پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى .

سىتالىننىڭ 1924 - يىلى 5 - ئىيۇل سەھەر « تۈركىستان» نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىپ ، « ئوتتۇرا ئاسىيا » ئاتالغۇسىغا كۆچۈرۈشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى . چاررۇسىيە 1867 - يىلى 22 - ئىيۇن قۇرغان « تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقى » كېيىنچە قوقان ، بۇخارا ۋە خىۋە ئۇرۇشقاق خانلىقلىرى ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1921 - يىلى ئەنۋەر پاشا قوزغىغان بۈيۈك تۇران ئازاتلىقى « تۈركىستان » بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، تاكى 1932 - يىلغىچە سىتالىننى ھالسىراتقاچقا، لېنىن ئۆلۈشتىن 82 كۈن بۇرۇن قۇرۇلغان « تۈركىيە » مۇ سىتالىننى چۆچۈتكەچكە، لېنىن ئۆلۈپ ئالتە ئاي ئىچىدىلا سىتالىن يۇقىرىقى قارارنى چىقاردى . قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن قاچاق ئوسمانىلار پاشالىرى ۋە تۈركىستان باسمىچى قىسىملىرىنىڭ بېسىمى بىلەن « شەرقىي تۈركىستان » دەپ قۇرغان دۆلىتىمىز شۇ كۈندىن باشلاپ سىتالىننىڭ يۈرىكىنى تاتىلاشقا باشلاپ، ئاخىرى تۇڭگاننىڭ قولى بىلەن يوقىتىۋەتتى . ئۇنداقتا سىتالىن ھەجەپ 2 - جۇمھۇرىيەتنىڭ شۇ ئىسىمدا بولۇشىغا نارازى بولماپتىكەنغۇ !؟ دەپ سورالسا ، جاۋاپ شۇكى ،  1944 - يىلدىن كېيىنكى سىتالىن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك شەخس . ئۇ 1933 - يىلدىكى ئاجىز سىتالىن ئەمەس . شۇڭا ئۇ ھەر ھالدا بۇ ئىسىمدىن بەك قورقۇپ كەتمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىنىسى بولغاچقا ، سىتالىن ئەلۋەتتە قانداقلا قىلىپ بولسۇن ،بىزنى ساقلاپ قالماقچى بولغان . ئەمما شۇ چاغدىمۇ جان تالىشىۋاتقان گومىنداڭ خەلقىمىزنى
ئۆز ئارا « سوۋېتپەرەس قىزىل پاچاقلار» ، « گومىنداڭچى ئۇلۇسچىلار » دەپ ئىككىگە بۆلۈۋېتىپ، خىتايغا قارشى نىشاننى ئىچىمىزگە بۇرىۋەتكەن . كەسكىن ئىدىيە كۈرىشىگە دىققەت قىلىۋاتقان موسكۋا ھەتتا « پانتۈركىزىم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى !» دەپ نارازى بولغان . شۇنداق قىلىپ ، گومىنداڭ تۈركچىلىك قارتىنى ياخشى ئويناپ ، بىر تەرەپتىن ئىلى تەرەپنىڭ سىتالىن ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى يوق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللاش سۈرئىتىنى كۈچەيتىۋەتكەن . ئاقىۋەت ھېچقايسى تەرەپ ياخشى كۈن كۆرمىدى . قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي بىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ يوق قىلدى . ئۈچ ئەپەندى ئېقىمىنى چەتكە قوغلىۋەتتى . ئىككى يولۋاس سوقۇشسا ئەلۋەتتە توڭگۇزغا پايدا بولىدۇ . بىز ماركىغا ئېسىلىۋېلىپ يۈرگەندە ، خەخ « نېمە بولسا بولسۇن، دۆلىتىم بار بولسۇن! » دەپ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇۋالغان . بىز پەلەستىنگە ئوخشاش كاجلىق قىلىپ ، « ياق ، مەن رازى بولمىغان شەكىلدە ھۆر بولمايمە ! » دەپ يۈرۈپ، ھەم ۋەتەنسىز ھەم كىملىكسىز قالدۇق ئاخىرى!  ئىبرەت ئالماي، يەنە قايتىلاۋېرىدىغان گەپما تارىخىي ئەخمەقلىقنى !؟

ئاقساقاللار ياخشىسى تەرەپ تۇتماي ، بىر تەرەپكە ئاغماي ، دۆلەت نامىنى كۈچەيتىمەن دەپ مىللەت نامىنى ئىنكار قىلماستىن ، ياكى ئەكسىچە مىللەت نامىغا چىڭ ئېسىلىمەن دەپ ھازىر خەلقئاراغا تونۇشلۇق ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى ئىنكار قىلىدىغان خاھىشتىن يىراق ھالدا،  رېئاللىققا ئۇيغۇن ھالدا
ئۇيغۇردىكى ھەممە پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بۈيۈك ئىدىيەنى روياپقا چىقارسۇن !

ھېلىقى « ئۇيغۇر » نامىنى ھېلى خىتايغا ، ھېلى ئورۇسقا باغلاپ ، مىللەت نامىنى ھاقارەتلەپ، ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ ، زىددىيەتنى پەيدا قىلغان ئەرباپ ئەڭ ياخشىسى ئۆزى بۇزغان ئىشنى ئۆزى تۈزىسۇن ! بىز ئەمدى ناقابىل كىشىلەرنىڭ ھەر ئىككى ئۇيغۇر ئىدىلوگىيىسىنى ئۆز ئارا سوقۇشتۇرۇپ ، ئۈچىنچى بىر تەرەپكە سېتىلىپ كېتىش خەۋپى پەيدا قىلىشىغا يول قويمايمىز ! 

قاچاندىن بېرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن مەمتېلى ئەپەندىنى ، نەزەرخوجا بىلەن قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنى ، ئابدۇللا روزىباقى بىلەن مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنى بىر - بىرىدىن ئاجرىتىۋەتتۇق . بالا - قازا شۇ كۈندىن باشلاپ بېشىمىزدىن كەتمىدى . ئۇيغۇر خەلقى ھازىر چولتا ئوڭچىل تەرەپباز ۋە ئاقسا سولچىل ئاشقۇن ئاقساقاللارغا ئەمەس ، بەلكى يۇقىرىقى ئەزىمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە چىقىپ ، بىر مۇكەممەل مىللىي مەپكۇرە ( ئىدىئولوگىيە )نى خەلقىمىز ئىچىدە ئومۇملاشتۇرالايدىغان دانا بىر رەھبەرگە ، يولباشچىغا مۇھتاج ! بىز مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلارغا ئەمەس ، بەلكى مەسىلە ھەل قىلالايدىغانلارغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق !

1 - رەسىم : سىتالىننىڭ قايتا تىرىلىش شەپىسى بېرىلگەن سىمۋوللۇق بايراق .

2 - رەسىم : رۇقىيە تۇردۇش خانىم يازغان ، ئىككى - ئۈچ كۈنگىچە ئىستانبۇلدا خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان ، مەزكۇر تېما بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان رېتسىپلىق يېڭى كىتاب .

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 25 - دېكابىر       چارشەنبە

قايتا ئەسلىتىش ئېھتىياجى ئۈچۈن قوشۇمچە :

تارىخنىڭ زۇلمەتلىك يۈزىنىڭ قايتىلىنىش خەۋپى

ئېنگلىزلارنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن مۇقەددەس كالىنى يەمچۈك قىلىپ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرۇش ھىلىسى ۋە بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىمىز :

ھىندىستاندا ھەر قېتىم ئېنگىلىز مۇستەملىكىسىگە قارشى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى قوزغىلىپ قالسا، ئەنگلىيە ھىندىلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى بۆلۈپ تاشلاپ ئىسياننى تىنجىتىش ئۈچۈن ھىندىلار كۆپ يەرگە بوغۇزلانغان كالىدىن نەچچىنى تاشلاپ قويار ئىكەنتۇق . مۇسۇلمانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا يېرىم كۆيدۈرۈلگەن قۇرئانلارنى تاشلاپ قويار ئىكەنتۇق . نەتىجىدە ئەنگلىيەگە قارشى بىرلىك سەپ يىمىرىلىپ ، تاجاۋۇزچى ئېنگلىزلار بىر تەرەپتە قېلىپ ، ئورتاق بىر ۋەتەننىڭ خەلقى ئېتىقادى ۋە پىكرىگە قارىتا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ ئۇرۇشىدىكەنتۇق. يەنى، ئۆلۈك كالىنى كۆرگەن ھىندىلار « بۇنى مۇسۇلمانلار قىلدى ! » دېگىنىچە تىغ ئۇچىنى تەقدىرداش مۇسۇلمانلارغا  قاراتسا ، چالا كۆيگەن قۇرئاننى كۆرگەن مۇسۇلمانلار
« بۇنى ھىندىلار قىلدى ! » دېگىنىچە ھىندىلارغا قارشى ئاتلىنىدىكەنتۇق . ئاقىۋەت ، بۈيۈك بېرىتانىيە ئوتتۇرىغا چىقىپ ، بۇ ئىككى قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈمدار بولۇپ ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارىغانلارنى كۆزدىن يوقىتىپ تاشلاپ ، ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلىدىكەنتۇق.
شۇڭلاشقا مۇشۇ تاكتىكا بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان  ۋەتىنىمىزگە ئاخىرقى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئابدۇقادىر داموللام ساق يۈز يىل ئىلگىرى ئېچىنىپ تۇرۇپ :« بىز قاچاندىن بېرى ئۆزىمىزنىڭ بېشىدا دۈشمەنگە ياڭاق چېقىپ بېرىدىغان ، ئۆز گۆشىمىزنى كاۋاپ قىلىپ دۈشمەنلەرنى رازى   قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق ؟» دەپ خىتاپ  قىلغانىدى .
ئەجەبا دۈشمەن بىزنى ئۇسسۇلغا سېلىۋاتامدۇ ياكى ئاپتوماتىك ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىپ بارامدۇق!؟
بىزدە ئەسلىدە زىت پىكىر يوق ! پەقەت ئۆزلىرىنى شۇ پىكىرنىڭ ھامىيىسى دەپ ئاتىۋالغان ياكى ئوبراز ۋەكىلى بولىۋالغانلارنىڭ خۇسۇسىي خاتالىقى ۋە  نادانلىقى يەنە بىر مەيدان بىھۇدە تالاشنى قوزغاشقا سەۋەپ بولماقتا . بەلكىم بۇ خاتالىق ئېغىز خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن ، نادانلىق بولۇشى ھەم مۇمكىن .
ھازىر بىز ئەڭ سەگەك تۇرۇشىمىز كېرەك بولغان ۋاقىت . بۇنداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ زېھنىنى بۆلۈپ،
دىقىتىنى چېچىۋېتىش ، خەلقىمىزنى بىر - بىرىگە قارشى كۈشكۈرتۈش  -  پەردە ئارقىسىدىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يارىماسلىقى ، دىتسىزلىقى ، نادانلىقى ۋە ياكى مىللەتكە ۋە تارىخقا ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىدىن دېرەك بېرىدۇ . تارىخ بىزگە تالاي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ھېچقايسىسى كېرەكسىز نەرسىلەر ئەمەس ! ئەمما نانقېپى ئادەملەر بىلەن ئۇمىچىنىڭ تايىنى يوق تۇرۇپ زورىغا بىلەرمەنلىك قىلىدىغان ئوبراز ۋەكىللىرىنىڭ كاساپىتىدىن ھەر قېتىم بىر پۇرسەت يېتىپ كېلەي دېسىلا ، دىققەتنى ۋە خەلقنى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈپ تاشلايدىغان كوزىر نەرسىلەر تەڭلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ . ھېچكىم تولۇق ھەقلىق ئەمەس نەرسىنى تالىشىپ ئاخىرىغا چىققىلى بولمايدۇ . ئەڭ ياخشى بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى -- « مىللىي قۇتقۇزۇش فرونتى» قۇرۇلۇشى ، مىللىتىگە ، ۋەتىنىگە ،قىممەت قاراشلىرىغا سادىق ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتەلەيدىغان بىر داھىي ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك ! ھازىر ھەر ئىككى پىكىرگە ئوبراز ۋەكىلى بولۇۋالغانلار ئوخشاشلا ئۇيغۇرلۇقتىن تولۇق نېسىۋىسىنى ئالمىغان بىلىمى چەكلىك ، تەپەككۇرى بوغۇق ۋە ئاجىز كىشىلەردۇر . ئىلگىرىكى سابىق ئاقساقاللار بىھۇدە ماجىرا تېرىغانلارنى ۋاختىدا يېتەكلىمەي تاشلاپ قويۇپ ، ھازىرقى سان كۆپ
سۈپەت ئاز تەشكىلاتلار مودا دەۋرىگە ئاساس سالغان بولسا ، ھازىرقى مىللەتنىڭ سەركىلىرى،      بولۇپمۇ پىكىر ۋە ئىدىيە پېشۋالىرى سوقۇشمايدىغان پىكىرلەرنى قەستەن سوقۇشقا سېلىشقا سۈكۈت قىلىش ، كۈشكۈرتۈش ، ھەتتا باش بولۇپ « ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش » ئارقىلىق خەلقىمىزگە، ۋەتىنىمىزگە، تارىخقا ، كېلەچەك ئەۋلادلارغا خىيانەت قىلىپ ، خۇداغا ئاسىيلىق قىلىۋاتىدۇ !

« ئېنگلىزلارنىڭ قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋە كالا بوغۇزلاش ھىلىسى ئۆز پېتى تەكرارلىنىۋاتىدۇ » . سەگەك بولايلى ! تېخى دۈشمەن ئوتنى ئۇلغايماستا بىز نېمىگە ئۆزىمىزدە بار نەرسىنى تالىشىپ ، ھەر كۈنى قولدىن كېتىۋاتقان ئىسسىق جانلار ۋە ھەر كۈنى ۋەتەندە ئىزى ئۆچۈپ كەتكەن بىباھا گۆھەرلىرىمىزنى تالىشىپ بېقىشقا ھەرىكەت قىلمايمىز !؟ ھەر ئىككى پىكىر قېچىپ كەتمەيدۇ. ئەمما بۇ پىكىرنىڭ ھەقىقىي تۆھپىكارلىرى ھەر كۈنى توزۇپ تۈگەيدۇ . دۈشمەنلەر خەلقىمىزنى ۋەتەندە ئۇسسۇلغا سالسا، جاھالەت چەتئەلدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەقلىنى ئۇسسۇلغا سالماقتا . دۈشمەن ئازراق قول تىقىپ قويسىغۇ ئىش بار ئوخشايدۇ قارىغاندا ! ئەقىللىق بولايلى ! تارىخ ئوقۇيلى ! بىلىم ئالايلى !

« ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمىدۇر !؟ »
« بىلىمسىزلىك بىلەن جاھالەت ، تەپرىقە بىلەن ئىختىلاپتۇر ! »
« ئىززەت ۋە ھۆرمەت نېمە بىلەن بولۇر !؟ »
« ئىلىم - مەرىپەت ۋە ھۈنەر - سانائەت بىلەن بولۇر !»

ئابدۇقادىر داموللام    1912- يىلى قەشقەر.

سايرام ئوغلانى

2020 - يىلى 8 - فېۋرال. شەنبە