2020/07/04 07:43

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ۋىرۇس باھانىسىدە سۈنئىي ئاچارچىلىق ئارقىلىق يوقىتىش قەستىنى بىتچىت قىلايلى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/14 16:16

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



باندىتلارنىڭ بىز بىتچىت قىلالايدىغان يېڭى سۇيقەستىگە قارشى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى

ھەممىمىز بىر ھەپتىدىن بۇيانقى بىر قاتار غەلىتە ئىشلار سەۋەپلىك باندىتلارنىڭ ۋەتىنىمىزدە كورۇنا ۋىرۇسىنى قەستەن يۇقتۇرۇپ مىڭلىغان لاگىرلاردىكى خەلقىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئېھتىماللىقى ياكى « شەرقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ غەرپتىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى » نى قوللىنىپ ، خىتايدا ۋىرۇسقا قارشى تۇرغان بولۇۋېلىپ ، ئاسترتتىن ۋەتىنىمىزدە بىزگە نامەلۇم بولغان ، خەلقىمىزنىڭ تېنىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نامەلۇم بىر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇش ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىشىنى مۆلچەرلەپ ئالدىن ئېلان قىلىپلا قالماي ، بۇ ھەقتە خەشتەگ ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا يېيىۋەتكەن ئىدۇق . تولىمۇ ئەپسۇس ، باندىتلار بۇ سۇيقەستىنىڭ چېنىپ قالغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئەسلىدىلا شۇنداق تەرتىپ بېكىتكەنمۇ ئەيتاۋۇر ، بىردىنلا ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق شەھەرلەردە ئوخشىمىغان دائىرىدە چەكلىمە ئېلان قىلىپ ، كەنتلەر ۋە شەھەرلەر ئارا ئالاقىنى كەسكىن چەكلىگەن . ۋىرۇس يېڭى بايقالغاندا ۋۇخەنلىكنىڭ ھەممە يەرگە بارىدىغان يولىنى توسۇپ ، پەقەت ۋەتىنىمىزگە قاچىدىغان يولنى ئوچۇق قويۇشى ، 100 مىڭ يۇقۇملۇق خىتايدىن 87 مىڭدەكىنى توسۇۋالغان بولۇپ، 13 مىڭدەك ۋىرۇسلۇق خىتاينى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاچۇرۇپ بولۇپ ، ئەمدى بىردىنلا ھەممە ئادەمنى ئۆيلىرىدە نەزەربەند قىلىپ قويۇشى بەزى جايلاردا بىردىنلا ئاچارچىلىق خەۋپىنى پەيدا قىلغان . بىزشۇندىلا ھىلىگەر باندىتلارنىڭ ئەسلىدە خەلقىمىزنى ۋىرۇس بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئۆزى ئالدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىپ بولغان ۋىرۇسلۇق خىتايلارنىڭ ۋىرۇسنى كەڭ كۆلەمدە يۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ، قارىماققا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەندەك ساختا ھالەت پەيدا قىلىپ ، ئاسترتتىن بىچارە خەلقىمىزنى ئۆيىگە سولىۋېتىش ئارقىلىق ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ پىچاقسىز يوقىتىش سۇيقەستىنى بايقاپ قالدۇق .

بۇنىڭ پاكىتلىرى شۇكى ، ئۈرۈمچىدىكى ۋە كورلىدىكى بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر زاپاس ئاشلىق ۋە كۈندىلىك ئېھتىياجلىرىنى كۆپرەك ئېلىۋېلىش ئۈچۈن تاللا بازارلىرىغا كىرگىنىدە ئۇ يەردىكى ئۇن ۋە ماي قاتارلىق كۈندىلىك ئېھتىياجلارنىڭ ئاللىبۇرۇن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن . ۋەتىنىمزىدىكى مەلۇم جايدا « بۆرە كەلدى ، سېمىز قويلار دىققەت» شەكلىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن بولسىمۇ بىراق خەلقىمىز بۇنى ئاڭقىرىپ بولالمىغان .
ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۈرۈمچى ۋە كورلىدا باندىتلار 90% ، 80% نوپۇسنى ئىگىلەيدۇ . بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن بىر قېتىملىق سۈنئىي ئاچارچىلىققا ئۇچراش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، باندىتلار بۇ ھەقتە ھېچبىر كاپالەت بەرمىگەن . ئەمما ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق بۇيرۇقى كەسكىن بېرىلگەن .

غۇلجىدا ئەھۋال تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ ، 26 - يانۋار سەھەر شۇ يەردىكى بىڭتۈەن جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، غۇلجىدا كورۇنا ۋىرۇسى بايقالغانلىقى ، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن ئايرىلماي تۇرۇشى ھەققىدە قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەمما 27 - يانۋار بىردىنلا غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ئۆيلەرنى سىرتىدىن پېچەتلەشكە باشلىغان . خەلقىمىز قورقۇنچقا چۈشكەن . ھېچكىمنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىقى بولمىغاچقا ، ئۆيىدىكى زاپاس ئاشلىق نەچچە كۈنلا يېتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ . دېمەك ، باندىتلار ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ « ۋىرۇسقا قارشى تۇرغان بولۇۋېلىپ، خەلقىمىزنى سۈنئىي ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ يوقاتماقچى » ئىكەنلىكى يەنە چېنىپ قالدى . ئەھۋال خەتەرلىك ! شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە دەرھال مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەك .

1 . ئون كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئەمما تەخىرسىز ئىشلار : ( تۆۋەندىكى شوئارلارغا يۇقىرىقى يېڭى سۇيقەستكە قارشى ئاممىباپ شوئاردىن بىرنى قوشۇپ جىددىي ھەرىكەت قىلىش كېرەك):

1 . تۈركىيە : ئۆلىمالار بىرلىكى ، ھەر قايسى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى شى جىن پىڭنىڭ دۇئا تەلەپ قىلىش نەيرەڭۋازلىقىغا قارشى پاكىتلىق رەددىيە بېرىپ ، كەڭ كۆلەمدە ئەرەب تاراتقۇلىرىدا تارقىتىش . ئەلخەزىرە ۋە باشقا نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا سۆھبەت قىلىش .
قەلەمكەش دىنىي زاتلار ھەر قايسى ئەرەب گېزىت - ژۇرناللىرىدا كۆپلەپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ، خىتاينىڭ ۋىرۇس سۇيقەستى ۋە خەلقىمىزنى قىرىپ تاشلاشتىكى بارلىق ياۋۇزلۇقلىرىنى پاكىتلىق يورۇتۇپ بېرىش . باشقا ئەرەبچە بىلىدىغان بارلىق بالىلار ھەر كۈنى ئۆزىگە ۋەزىپە قويۇپ ، ئەرەبلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغان يالغان ۋە ساختا خەۋەرلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش . شەخسىي ھېكايىسىنى بايان قىلىپ ، ئەرەبلەرگە كەڭ تارقىتىش . ھەر قايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنى ، ھەتتا كامالچى ئېقىملارنى سۆرەپ كىرىپ ، 5 - فېۋرالغىچە « خىتاي ۋىرۇسنى لاگىردىكى خەلقىمىزگە يۇقتۇرۇپ تۈگەتمەكچى ! ئۇلار چاغاننى ئۆتكۈزمىدى . كىنوخانىلارنى تاقىدى . ئەمما لاگىرلارنى تاقىمىدى . سەۋەبى بىرلا : بىزنى ۋىرۇس ئارقىلىق تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش !» دەپ شوئارلارنى كۆپلەپ تارقىتىپ ، ھەممە تۈرك خەلقىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىۋېتىش .

2 . ياۋروپا ئىتتىپاقى : بۇ جايدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ، بولۇپمۇ د ئۇ ق قاتارلىقلار تېزدىن ناتو ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، جەنۋە ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاپپاراتلارغا خىتاينىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمى قوزغاش سۇيقەستى ھەققىدە خەت يېزىشى ، بارلىق دۆلەت ئەرباپلىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇزۇشى . ۋەتىنىمىزگە تېزدىن ئۆتكۈر بىئولوگىيىىلىك ۋە خىمىيىلىك بۇلغىنىشنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش ، ئۇندىن باشقا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئەللەرگە « ۋىرۇسنىڭ يادرو تەھدىتىدىنمۇ ئېغىر تەھدىت » لىكىنى بىلدۈرۈش . خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپمىغان بىرمۇ دۆلەت ئەربابى قويماسلىق . 5 - فېۋرالغا قەدەر ئون كۈن ئۇدا ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئورگانلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش . ھەممە ئۇيغۇر كوچىلارغا تۆكۈلۈپ « خىتاي ۋىرۇسنى لاگىردىكى خەلقىمىزگە يۇقتۇرۇپ تۈگەتمەكچى ! ئۇلار چاغاننى ئۆتكۈزمىدى . كىنوخانىلارنى تاقىدى . ئەمما لاگىرلارنى تاقىمىدى . سەۋەبى بىرلا : بىزنىڭ خەلقىمىزنى ۋىرۇس ئارقىلىق تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش !» دەپ شوئارلارنى ھەر خىل تىللاردا يېزىپ چىقىپ ئاگاھلاندۇرۇش . بولۇپمۇ گېرمانىيەدە نەچچە كۈن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيا ئىسرائىلىيەدە خاتىرىلىگەن قورقۇنچلۇق جاز لاگىرى بىلەن خىتاي ئۆلۈم لاگىرلىرىنى پەم بىلەن كىرىشتۈرۈپ ، نېمىسلارنى قوزغىتىش كېرەك . باشقا بىر كىشىلىك شەخسلەرمۇ ئۆزى بىلىدىغان تىللاردا ھەر خىل ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ھەرىكىتنى كۈچەيتىش . 10 كۈن ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈپ ، ئۆزىنىڭ شەخسىي خىزمەتلىرىنى ۋاقىتلىق قايرىپ قويۇپ ، رەزىل دۈشمەننىڭ 5 - فېۋرال ۋەتىنىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ۋىرۇس تارقىتىشىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلىش . بولۇپمۇ خىتاينى ۋە خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر دادىللىق بىلەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا بىلىدىغانلىرىنى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك . ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يۇقىرىقى چاقىرىق بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ . بولۇپمۇ ئادېلايت شەھىرىدىكى غۇلجىلىق ۋە قەشقەرلىكلەر ئاكتىپلىق بىلەن 10 كۈن ھەربىي ھالەت جاكارلاپ ، 26 - يانۋار غۇلجىدىكى بىڭتۈەننىڭ غۇلجىنى قامال قىلىپ ، كىرىش ۋەچىقىشنى چەكلىگەنلىكى ، 5 - فېۋرال بۇ خىل ئەھۋالنىڭ 1997 - 5 - فېۋرال تەكرارلىنىپ قەلبىدە مەڭگۈ تاتۇق قالدۇرغانلىقىنى ، قەشقەردە يېڭىدىن لاگىرلارغا ئادەم سولاشنى باشلىغانلىقى ، ھەتتا كىنوخانىلارنىمۇ تاقاپ ، ئادەم توپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇۋېلىپ، ئەكسىچە لاگىرلاردىكى خەلقىمىزنى قويۇۋېتىش تۈگۈل تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك ! كەلگۈسى 10 كۈن بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم !

3 . ئامېرىكا ۋە كانادا : بۇ ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مىكائىل پومپيو ( پولاتبەگ ) ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە زىيارەتكە كېلىدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت . ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئاللىبۇرۇن ۋىرۇس ھەققىدە سەزگۈر ھالەتكە ئۆتۈپ بولدى . ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ، د ئۇ ق نىڭ خادىملىرى ۋە باشقا بارلىق تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا دەرھال مۇكەممەل تەلەپ ۋە ئىلتىماس سۇنۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك . ئۇلار ئامېرىكىغا 1969 - يىلى خىتاينى سوۋېتنىڭ يادرو ھۇجۇمىدىن قانداق ساقلاپ قالغان بولسا ، بۈگۈن خەلقىمىزنى خىتاينىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىدىن شۇنداق ساقلاپ قېلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىشى كېرەك ! تارىختىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينى يۆلەپ ۋە قوللاپ بىزگە قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنى سىلىق يۈزىگە سېلىپ ، خاتالىقىدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن بولسىمۇ ، بۇ خەۋپنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىش . بەھرام سىنتاش بىر دوكلات تەييارلىسۇن ! دوكتۇر ۋە دوختۇر مەمەت ئىمىن ئاكا تىببىي نۇقتىدىن بىر ئىلمىي دوكلات تەييارلاپ بەرسۇن . سىياسەتتە قابىل بىرەيلەن ئۇنى سىياسىي نۇقتىدىن شەرھىلەپ ، بۇ ۋىرۇسنى خىتاينىڭ قانداق قىلىپ خەلقىمىزنى باستۇرۇشقا قورال قىلىۋالغانلىقى ، ئۇلارنىڭ ھەمىشە شەرقتىن شەوە بېرىپ ، غەرپتىن ھۇجۇم قىلىدىغان ھىلىگەرلىكىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ، دۆلەت مەجلىسى ۋە پولاتبەگ قولىغا تەككۈزۈش . بولۇپمۇ پولاتبەگ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا بارلىق ئەندىشىلىرىمىزنى بىۋاستە بىلدۈرۈش. ئۇندىن باشقا شارائىت يار بەرگەن ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدە ئالدىنى ئېلىشقا سەۋەپ قىلىشى . تۈگۈلۈۋالغان تەبىئىي پەن زىيالىلىرى ، بولۇپمۇ بىئولوگىيە ۋە گېن كەسپىدىكى كىشىلەر چوقان كۆتۈرۈشى كېرەك ! 5 - فېۋرالغا قەدەر مارافونچە نامايىش قىلساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولغىنى .

4 . ئوتتۇرا ئاسىيا :  بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەر خىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خوشنا خەلقلەرنى قوزغىتىپ ، ھەر تەرەپتىن خىتتايغا بېسىم چۈشۈرۈشى كېرەك . قالغان تەۋسىيەلەر يۇقىرىقى تەۋسىيەلەر بىلەن ئوخشاش . ئالاھىدە يېرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتتىكى ئوخشاش خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقان مىللىتى ئۈچۈن دەس تۇرالايدىغان بىر تۈركۈم جەڭگىۋار ، ئايىغى يېنىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىكى كۈچلۈك بولغان قازاق ۋە قىرغىزلارنى قوزغاپ، راسلا ئاچارچىلىق باشلىنىپ كەتكەن تەقدىردە ئالمائاتا ۋە ئوشتىن قېرىنداشلىرىغا ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش ، ھەتتا بېسىپ كىرىش ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇشى كېرەك . ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەت يەنىلا مۇشۇ ئىككى ئەلدىكى قېرىنداشلارغا يۈكلەندى .

3 . زادى كىم كىمدىن قورقۇۋاتىدۇ  !؟

ھازىر ياپونىيە ، كورىيە ، تەيۋەن ، فىلىپپىن ، مالايسىيا ، ھېندونېزىيە ، ۋېيتنام ، تايلاند قاتارلىق شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى خىتايدىن قورقۇۋاتىدۇ . بېرما ، ھىندىستان ، پاكىستان ، ئافغانىستان ، سىرىلانكا ۋە بېنگاللارمۇ خىتايدىن خېلىلا قورقۇۋاتىدۇ .
ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە تۈركىيەنى ئاساس قىلغان تۈركىي دۆلەتلەر خىتايدىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ . ئورتاق مەنپەئەتى ۋە تاپاۋىتى يۇقىرى بولغاچقا ، ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئون مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن قورقىدۇ . ھەتتا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ بولغان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىمۇ خىتايدىن قورقىدۇ .  ئۇنداقتا خىتايلار زادى كىمدىن ۋە نېمىدىن ئەڭ قورقىدۇ !؟؟؟

ئاز كەم ئىككى مىڭ يىللىق تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، خىتايلار پەقەت ۋە پەقەتلا مىللىي روھى تىرىلگەن ، ئەجداتلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغان ، ئانا ۋەتىنىدىن ئەسلا قېچىپ كەتمەي چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئاتا - بوۋىسىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ قويماي 21 - ئەسىرگە كىرەلىگەن ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ قورقىدۇ . ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرنىڭ بىر يىلتىزدىن تامغان باشقا قېرىنداشلىرى بولغان قازاقلار ، قىرغىزلار ، ئۆزبېكلەر ، تۈركمەنلەر ۋە تاتارلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىۋېلىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ . پەقەت مۇشۇ قورقۇنچلا خىتاينى 1996 - يىلى نىمجان ھالەتكە كەلگەن رۇسىيەنى يېنىغا تارتىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا ، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە نەزەربايېۋ ئوتتۇرىغا قويغان « مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى » نىڭ قۇرۇلۇپ قېلىشى ۋە ئۇيغۇرىستان بىلەن بىر گەۋدىلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا نۇرغۇن پۇلنى سورۇپ ، 1997 - 1999 - يىللىرى ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىرالىدى . ئەمما 2000 - يىلى غەرپتىكى يەنە بىر خوشنا دۆلەت ئافغانىستانغا توپلىشىۋالغان ئۇيغۇرلار توپىنى تارقىتىۋېتەلمەي ، ئامالسىز 2001 - يىلى 6 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە رۇسىيەنى مەنپەئەت چەمبىرىكى ئىچىگە كىرگۈزۈۋالدى .
ئۈچ ئايدىن كېيىن خىتاينى يېڭى ئەسىردىكى پارچىلىنىش ۋە مۇنقەرز بولۇش خەۋپىدىن خالاس قىلغان بىر تارىخىي ۋەقە يۈز بەردى .
ئۇ دەل 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى ئىدى . ئەسلى خىتاينىمۇ سوېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگۇسلاۋىيەدەك يىغىشتۇرماقچى بولغان ئامېرىكا دەرھال ئىسلام تېررورلۇقى مۇقامىنى توۋلاپ ، ئافغانىستانغا ئۇرۇش ئاچتى . خىتاي تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىغا ھېسداشلىق قىلدى ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىدى . نەتىجىدە « ھالۋىنى ھېكىم يېدى ، تاياقنى يېتىم يېدى » دەپ ، خىتايغا شىلتىلغان قىلىچ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى . چۈنكى ئۇ جايدىكى قوراللىقلار ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . ئاشۇ يىلقى ئېغىر بىخەستىلىك تېخىچە خىتاينىڭ خەلقىمىزنى
« تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك » قالپىقى بىلەن باستۇرۇشىنى ئاساسقا ئىگە قىلىپ كەلدى . يېقىنقى 22 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئويلاپ چىقمىغان ھىلە - مىكرى ۋە قوللانمىغان رەزىل ۋاستىلىرى قالمىدى . ئەمما يەنىلا خەلقىمىزنى يوقىتالمىدى .

ئۇنداقتا يادرو قوراللىرىغا ئىگە ، دۇنيادىكى ئەسكىرى كۈچى ئەڭ كۆپ ، قورال - ياراقلىرى ساناقسىز بولغان خىتايلار شۇنچە قۇدرەتلىك تۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتسىز مىللەت ۋە ئەڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش كۈچىدىن مەھرۇم بولغان ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئۇيغۇردىن شۇنچە قورقىدۇ .( ھەتتا ئافرىقىدىكى ئەڭ قالاق نېگىرلارنىڭ قولىدىمۇ خېلى ئىلغار قورال ياراقلار ۋە يېتەرلىك مۇنتىزىم ھەربىي كۈچى بار ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا كىچىك بىرەر قارا گۇرۇھلاشقان كۈچىمۇ يوق). ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، پۈتۈن دۇنيانى بىراقلا قورقىتىۋاتقان خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇرلاردىن بۇنچە قورقىدۇ !؟؟؟

« خەلقىمىزنى تۈپتىن يوقىتىشتىكى ئەسلى مەقسەت »
ئېنگىلىزلارنىڭ « ئاي » گېزىتىگە بېسىلغان ماقالىدىن ئۈزۈندە :

مەيلى خىتايلار بولسۇن ، مەيلى ھىندىلار بولسۇن ، ياكى ئورۇسلار بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان جۇغراپىيىسىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار قەۋملەرنىڭ نەسلى بولغان ئۇيغۇرلار ( قازاقلار )، كەشمىرلىكلەر ۋە كاۋكازلىقلارنى كېلەچەكتىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي كۈچلۈك ۋە ئەشەددىي رىقابەتچى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . يەنى بۇ دۆلەتلەر كەلگۈسىدە يۇقىرىقى رەقىپلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلالايدىغانلىقىنى بالدۇر بايقاپ قالغان ۋە بالدۇر قول سالغان . چۈنكى « ھېچكىم ئۆلۈككە دەررە ئۇرمايدۇ !».

دوكتۇر ياسىر زائاترا يازغان « يېڭى ئەسىردىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى .... بەلگىلىرى ۋە سەۋەپلىرى » ناملىق ماقالە.

مەزكۇر ماقالە كىشىگە نېمە ئۈچۈن باندىتلارنىڭ 1949 - يىلى 22 - دېكابىردىن باشلاپلا بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي يوشۇرۇن ۋە رەزىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇدا 66 يىل ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماستىن ، ئاخىرقى تۆت يىلدا ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە بىئولوگىيىلىك قوراللار ئارقىلىق تۈپتىن يوقاتماقچى بولۇشى، ئورۇسلارنىڭ 1762 - يىلدىن 1864 - يىلغىچە يۈز يىل شۇنچە ئېغىر تالاپەت تارتسىمۇ قىلچە توختاپ قالماي كاۋكاز خەلقلىرىنى مۇنقەرز قىلغانلىقى ، بىپايان غەربىي تۈركىستاننى بولسا
1867 - يىلدىن 1877 - يىلغىچە ئون يىلدىلا ئىشغال قىلىپ بولۇشى ، ھىندىلارنىڭ 2019 - يىلى ئاۋغۇستتا كەشمىرنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، دېھلىغا بىۋاستە باغلاپ ئاھالە كۆچۈرىشى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىزدىن بالدۇر بىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى بايقاپ قېلىپ، بالدۇر تەدبىر ئالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر . بەلكىم مۇشۇ نۇقتا سىتالىننىڭ تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلارغا دۆلەت قۇرۇپ بېرىشنى تازا خالاپ كەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى بولۇشى مۇمكىن .
قېرىنداشلار ، سىلەر يا بىلىسىلەر يا بىلمەيسىلەر ،
خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ناچارلىقىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمەننىڭ بىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى بىزدىن بالدۇر بايقىۋالغانلىقى ئۈچۈن . مەن مۇشۇ دىئاگنوزنى بىرەر نوپۇزلۇق ئەرباپتىن چىقىپ قالسىكەن دەپ ساقلاۋاتقىلى خېلى بولغان . بۈگۈن ئاكادېمىك شەكىلدە ئېتىراپ قىلىندى . ئەمدى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىش تەييارلىقىنى باشلايلى ! باندىتلار بىزنى ھالا تېررورلۇق بىلەن ئەيىپلەۋاتىدۇ . شۇڭا ھەم تېررورلۇقتىن ئادا- جۇدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ، خەلقئارا تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچى شەخسلەر دەپ قارالغان بارچە تەشكىلات، شەخس ۋە بەلگىلەردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ھەقىقىي تېررورچىلارنىڭ دەل پەس باندىتلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك! قولغا قانۇنلۇق قورال چىقىدىغانغا پەقەت مۇشۇ باسقۇچلا قېپقالدى .

ھازىرقى خىتايدىن بەك قورقۇپ كەتكەنلەر ياكى ئۇنى يىمىرىلمەس دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ مۇنۇ خۇلاسىسى ۋە يەكۈنىنى تەۋسىيە قىلىمىز :

« موسكۋا خىياللىرى»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيەنىڭ بىر پاي ئوقسىز، بىر كېچىدە قانداق غۇلىغانلىقىغا شاھىت بولۇشۇم سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن دۇنيادا ئەبەدىيلىك ئىمپېرىيە بولمايدىغانلىقىغا قەتىي ئىشەنگەنىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن « دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىختىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر ! » دەپ خۇلاسە چىقارغانىدىم.   نەبىجان تۇرسۇن

باندىتلارنىڭ « ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ، سۈنئىي ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، خەلقىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىش سۇيقەستىنى تېزدىن بىتچىت قىلىش » پىلانى تۈزۈش لازىم !سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ !

2020 - يىلى 27 - يانۋار. قايغۇلۇق دۈشەنبە

مەزكۇر يازما گەرچە 27 - يانۋار  دۈشەنبە دەل ۋاختىدا يېزىلغان بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېزىلغان « بىئولوگىيىلىك قورال سىناق قىلىش خەۋپى » ۋە « شەرقتىن شەپە بېرىپ غەرپتىن زەربە بېرىشمۇ !؟» ناملىق جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىق يازمىلار ئاۋامنى سەگەك ۋە ھوشيارلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىماي، ئەكسىچە تېخىمۇ چۈشكۈن ۋە ئۈمۈدسىز قىلىۋەتكەچكە ، ھەم ئايرىم شەخسلەردىن ئۇچۇر كېلىپ ،« ئاۋام بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىۋاتىدۇ . ئىمكان بار ئىجابىي ۋە خۇشخەۋەر شەكلىدىكى جانلاندۇرىدىغان يازمىلار كۆپلەپ يېزىلسا ، بۇنداق قورقۇنچلۇق يازمىلار ئىمكان بار ئاز يېزىلسا » دەپ تەكلىپ بەرگەچكە ، ساق 18 كۈن باسۇرۇپ قويغانتۇق . مانا ئەمدى بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ۋەتەندىكى خەلقىمىز ، بولۇپمۇ جازا لاگىرلىرىدا ئاچارچىلىق باشلىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ . سىرتتىكى ئادەملەر پەرياد كۆتۈرۈشكە باشلىغان يەردە ، ھېچكىم كۆرمەيدىغان قاپقاراڭغۇ زەي كامېرلاردىكى خەلقىمىزنىڭ پەريادىنى كىم ئاڭلايدۇ !؟؟
سايرام ئوغلانى.   

قوشۇمچە چاقىرىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش :

ئەركىن سىدىق ئەپەندى 14 - فېۋرال جۈمە بۇ ھەقتە چاقىرىق قىلغان. ئۇندىن باشقا ئابدۇرەھىمجان ئەپەندى تۆۋەندىكى چاقىرىقنى قىلغان : 

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار !
خىتاي ۋىرۇسى پەيدا بولۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا مەركەزلىشىپ قالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرىستاندا ئاممىۋى شەكىلدە 《ئۆزى ئۆلۈپ تۈگەش》 تەدبىرىنى يولغا قويدى. يەنى ئايرىۋېتىش تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، لاگىردىكى مەھبۇسلارغا تاماق بەرمەسلىك، جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئۆز ئۆيىدىن چىقارماسلىق تەدبىرىنى قوللىنىپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە مەھكۇم قىلدى.

بۇ ھەقتە قولىمىزدىن نېمە كېلىدۇ؟ ئاۋۋالقىدەكلا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، ئىكران ئالدىدا ھەر بىر ئۇيغۇر ئايرىم، ئايرىم پائالىيەت قىلامدۇ؟ ياكى بىز تەنقىتلەۋاتقان چوڭ تەشكىلاتلار چوڭ ئورۇنلارغا خەت يوللامدۇ؟ ياكى ھېلىقىدەك 5 مىڭ كىشىلىك 2 سائەتلىك نامايىش قىلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلامدۇ؟

 لاگىردىكى مەھبۇسلارغا ۋىرۇس يۇقۇپ كەتسە داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يوق، پۈتۈنلەي ئۆلۈپ تۈگەيدۇ - دەپ ۋەھىمىگە چۈشكەن ئىدۇق. ھازىرقى مەسىلە لاگىرلارغا ئاش تاماق يەتكۈزۈپ بېرىلمەي، قانچە مىلىيون ئۇيغۇر  مەھبۇس  ھەپتىلەپ ئاچ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لاگىر سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۆز ئۆيىدىن چىقماسلىق جازاسىغا مەھكۇم بولدى. ئۇيغۇرلار ئۆز ئۆيىدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ، پۈتۈن بىر مىللەت قىرىلىپ تۈگەشكە مەھكۇم بولدى. ئەمدى بىزنىڭ قولىمىزدىن نېمە كېلىدۇ ؟ قېرىنداشلار، بىز ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھايات قېلىشى  ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز ؟
: ئابدۇرەھىمجان. 2020 - 14 - فېۋرال.

2020 - يىلى 15 - فېۋرال   ئىزتىراپلىق شەنبە.