2020/10/30 02:49

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخچىمىزدىن يىگىتلىرىمىزگە تارىخىي سوئال ۋە قىممەتلىك سوۋغات

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/18 07:37

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


‎قەدىرلىك ئۇيغۇر ، سىز قانچە قەھرىماننى بىلىسىز؟

‎نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

‎   قەدىرلىك ئۇيغۇر ! سىز ئۆز تارىخىڭىزدىكى  قانچە قەھرىماننى بىلىسىز؟  قانچىلىغان قەھرىمانلارنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىز؟
‎سىز تارىخىڭىزدىكى غەلىبەلىرىڭىز، سەلتەنەتلىرىڭىز بىلەن مەغلۇبىيەتلىرىڭىز ۋە تراگېدىيەلىرىڭىزنىڭ سەۋەب ۋە ئامىللىرىنى قانچىلىك بىلىسىز؟ سىز سەلتەنەتلىرىڭىزدىن قانچىلىك روھلىنىپ، مەغلۇبىيەتلىرىڭىزدىن قانچىلىك ساۋاقلارنى ئالدىڭىز؟ سىز تارىخىڭىزنىڭ كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچ ماياك ئىكەنلىكىنى  قانچىلىك دەرىجىدە بىلدىڭىز؟
‎سىز قانچە قەھرىمانىڭىزنىڭ قەبرىسىگە بىرەر قېتىم ئۆزلىكىڭىزدىن بېرىپ، يوقلاپ دۇئا قىلىپ باقتىڭىز؟
‎ئۆز ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانىڭىز ۋە ياكى  قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىز ئۈچۈن، پۈتۈن ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋە سىزنىڭ بەختىڭىز ئۈچۈن دۇنيادىن كۆزلىرى ئارقىدا كەتكەن قەھرىمانلارنىڭ قەبرىلىرىنىڭ ياتسىراپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا بۇ قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسىز قالغانلىقىنى ئويلىدىڭىزمۇ؟
‎سىز قانچە قەھرىماننىڭ ئىسىملىرى، كىملىكى، نېمىلەرنى قىلغانلىقى ۋە بىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى قەھرىمان دەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
‎سىز تارىخىڭىزدىكى كىملەرنىڭ ساتقىن، كىملەرنىڭ مۇناپىق ، كىملەرنىڭ مەنپەئەت ۋە  ئىمتىياز ھەتتا ھوقۇق ئۈچۈن ئۆز مىللىتىگە ساتقىنلىق ۋە خائىنلىق قىلغانلىقى، ھېچ بولمىغاندا ئۆز ئىمتىياز-ھوقۇق ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئويلانمىغان، ئازاپلانمىغانلىقى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ پاجىئەلىرى بەدىلىگە ياخشى كۈن كۆرگەنلىكىنى بىلىسىز؟
‎شۇنى بىلىڭكى ئۇيغۇرنىڭ  ئاپپاق خوجىدىن باشلانغان تارىخى قىسمەتلىرى قەھرىمانلار ۋە ساتقىنلار بىلەن  تەڭ تولغان !
‎ئىشىنىمەنكى،  سىز پەقەت چەكلىكلا قەھرىماننى بىلىسىز ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭدا سىزنىڭ ھەم گۇناھىڭىز يوق، چۈنكى سىزنىڭ تارىخىڭىز   ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ئاستىن -ئۈستۈن قىلىنغان، يەنە بىرسى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ئۆز قەھرىمانلىق شەجەرىلىرى بىلەن ساتقىنلارنىڭ  تارىخلىرىنىمۇ كۆپلەپ يورۇتمىغان، يەنە بىر سەۋەب، بىزدىكى شەجەرە تۇرغۇزماسلىق، شەجەرە يازماسلىق،  تارىخىي ئىزلارنى  كۆپلەپ يازما ھالدا ئەۋلادلارغا مىراس سۈپىتىدە قالدۇرماسلىقتۇر. مانا بۇ  رېئاللىقلار نۇرغۇن قەھرىمانلىرىمىز، باتۇرلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە مۇساپىلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشىگە، خائىن-ساتقىنلارنىڭ  قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلىنىشنىڭ كەملىكىگە سەۋەب بولدى.  بىزدە  بەزىدە يۈز بەرگەن ئالتۇننى زەگا سوقماي، تۆمۈرچى سوقىدىغان ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىمۇ ئاستىن -ئۈستىن  قىلىنىپ، كىشىلەرنى تۇيۇق يوللارغا باشلاشمۇ يۈز بەردى ئەلۋەتتى.
‎قەدىرلىك ئۇيغۇر !  سىز ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ تارىخى مۇساپىلىرىنى قانچىلىك بىلىسىز؟
‎قەدىرلىك بۈگۈنكى ئۇيغۇر باشلامچىلىرى ۋە  ئاكتىپلىرى ! 
‎ سىز ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ سىز  بىلىشىڭىز شەرت بولغان تارىخى مۇساپىلىرىنى، قىسمەتلىرىنى، پاجىئەلىرى ۋە بۇنىڭ  سەۋەب-ئامىللىرىنى، ئىچكى-تاشقى كۆرۈنۈشلىرىنى، دۆلەتلىرىڭىزنى، مەدەنىيىتىڭىزنى ۋە باشقىلارنى قانچىلىك دەرىجىدە بىلىسىز؟  سىز  ياقۇپ بەگنىڭ يەتتىشەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى، ئىلى سۇلتانلىقى،ئىككى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىقلارنىڭ شانلىق ۋە پاجىئەلىك مۇساپىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنياۋى مۇناسىۋەتلەرنى قانچىلىك ئۆگەندىڭىز؟

‎ سىز  تۇرغۇن ئالماسنىڭ ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىنى، ماقالىلىرىنى زېرىكمەي، چارچىماي قانچىلىك ئوقۇپ باقتىڭىز؟  ھۇن ئىمپېرىيەسى ۋە قەدىمكى شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىرى ، قانقىل ئۇيغۇر دۆلىتى، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىلار دۆلىتى، گەنجۇدىكى كەڭسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى، كۆك تۇركلەر، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى،  چاغاتاي خانلىقى، سەئىدىيەلەر دۆلىتى، جۇڭغارلار، خوجىلار دەۋرى، مانجۇلار ئىشغالىيىتى،  كېيىنكى، مانجۇ-خىتاي ئىشغالىيىتى ۋە باشقىلار ھەققىدە قانچىلىك بىلىسىز؟  ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا تۈركىي قوۋملارنىڭ باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار، تارىختىكى ئۇيغۇر-خىتاي دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرى، تارىختىكى  ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق   ئىمپېرىيەلەر مۇناسىۋەتلىرى ە باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە قانچىلىك چۈشەنچىگە ئىگە؟؟ سىز  زېرىكمەي بۇ تارىخلارنى ئوقۇشقا ۋاقىت ئاجرىتىپ باقتىڭىزمۇ؟
‎ تارىخ بىلىش، تارىخ سۆزلەش، تارىخ ئوقۇش تارىخچىلارنىڭ  ئىشى ئەمەس، بۇ ھەر قانداق بىر ئاڭلىق ئادەمنىڭ ۋەزىپىسى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك ئەقەللىي بىلىملىرىدۇر. ئاڭلىق، مەدەنىي مىللەت ئادەملىرىگە  قويۇلىدىغان تولىمۇ ئەقەللى ۋە ئاددىي تەلەپتۇر!
‎ئۇنتۇپ قالماڭكى، تارىخ ئەنە شۇنداق مۇھىم بولغاچقا خىتاي سىزگە باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۆز تارىخىڭىزنى ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىنى ۋە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىرىنى ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەتمەكتە،  ھەر بىر دۆلەت ئۆز تارىخىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ،ھەتتا يەسلىدىن باشلاپ ئەۋلادلارغا ئۆگىتىدۇ.
‎ئەپسۇسكى بەلكى سىز بۇنداق ئىمكانىيەت بىلەن چوڭ بولمىدىڭىز ! شۇڭا سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئىزدىنىشىڭىز ۋە بىلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ !

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=491.0

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسىدىن كۆچۈرۈلدى .


2020 - يىلى 18 - فېۋرال. سەيشەنبە.