2020/05/27 11:35

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى : ۋاشنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا چاقىرىق !

يوللىغۇچى: Tahir Imin, 2019/02/22 14:31

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Tahir Imin

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار!

8dbb652b-7d94-444c-93fa-94594fc4fe0c.jpg



ھەممىمىزنىڭ ۋەتەندىكى خەلقى،قىرىنداشلىرى،ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇچۇن قايغۇ-ھەسرەتتە ئۆتۇۋاتىمىز،ئۇزۇندىن بىرى خەۋەرسز،تىت-تىتلىق ئىچىدە يۈرىۋاتىمىز.
ۋاقتى:24-ئاپرىل,1:00-4:00 PM
ئورنى:403,7th ,SE,Washington,DC
ئامېرىكا مېدىيالىرى ،تەشكىلاتلىرى ھەتتا ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ كۆزىتىۋاتىدۇ ۋە تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ.
مۇشۇنداق پەيتتە،دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تۇشمۇ-تۇشتىن ھىچقانداق تەشكىلات ياكى شەخسكە بىېقىنماستىن ،ئۆز خەلقى ئۇچۇن كۆكرەك كېرىپ چىققان ياشلىرىمىز،خەلقىمىز ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى قوزغىماقتا،
شۇلاردىن بىرى، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش  كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوندىن ئارتۇق شەھەردە «كوللىكتىپ گۇۋاھلىق بىرىش ھەرىكىتى»قوزغىدى.ئۇ ئىلگىرى س ن ن قاتارلىق مىديالارغا 8 يىل كېسلگەن مۇخبىر دادىسى ئەركىن ئەپەندى ئۇچۇن گۇۋاھلىق بەرگەن،نيۇيوركتىكى يەھۇدى،خىرىستئانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بىرلەشمە نامايىشدا تەسرلىك نۇتۇق سۆزلىگەن.
بىر ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن-بىزنىڭ ھازىرقى ئەركىن،خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتى،قىنى،تۇرمە ھاياتى،ئازاپلىرى بەدىلىگە كەلگەن.مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ۋە پاكىت سۇپىتىدە ئ‍شلىتىدۇ.
بىز  ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى مىديا بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن بۇ ھەرىكەتنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ،چۇنكى بۇ ھەرىكەت ھىچقانداق تەشكىلات ،پارتىيە،شەخس ئۇچۇن ئەمەس ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۇچۇن كۇچ چېقىرىدىغان سەمىمى ياشلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى مەزكۇر پائالىيەتكە چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىمۇ سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ،ئۇلار ئاكتىپ قاتنىشدۇ،بۇنداق پەيتتە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ يتەرلىك بولماسلىقى ئۆزىمىز ئۇچۇن ياخشى ئەمەس.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار خىلى كۆپەيدۇق،بۇ پائالىيەت بىردىنبىرى ياكى ئاخىرقىسى ئەمەس،لىكىن بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئىنكاسمىز،ئىرادىمىزنىڭ نامايەندىسى.
شۇڭا قىرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتشنىشنى ،قوللىشنى ئۇمىد قىلىمىز.
ھۇرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى ئىدارە ھەيئ‍يتىدىن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ،ۋاشنگىتون .2019-يىلى 22-فىۋرال،سائەت 2:28.
«ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى بۇ ھەرىكەتنى،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق بىتەرەپ ئەمما مىللەت ئۇچۇن ئىلىپ بىرىلغان خىزمەتلەرنى باشتىن-ئاخىرى كۇچلۇك قوللايدۇ ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ»


Ana Veten

چاقىرىق مەزمۇنى ئېنىق بولماپتۇ. نىمە پائالىيەت، ئازراق چۈشەنچە بېرىۋەتسەڭلار بولغۇدەك.