2020/06/05 00:02

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


« ئولىسى ۋەقەسى » ئاشكارا قىلغان ئۈچ ئەجەللىك ئاجىزلىق ۋە تەخىرسىز ئىسلاھات 2

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/22 14:31

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

بېشى :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=501.0

داۋامى :
3 - ئەجەللىك ئاجىزلىق قۇتلۇق ۋە شەرەپلىك كۈرىشىمىزنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ، ھەتتا شەخسىي خاھىشى ئۈچۈن خەلقىمىزنى ، ۋەتىنىمىزنى ۋە بارلىقىمىزنى قۇربانلىق قىلىپ خائىنلىق قىلىش:

بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىق يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس ، بەلكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان « جانغا زامىن ئاجىزلىق » . بىز بۇنى يورۇتۇش ئۈچۈن تارىخىتىن بىر نەچچە مىسال ئالساقلا ئەقىللىق خەلقىمىز ئاسانلا چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ ۋە ئىبرەت ئالالايدۇ :

1 . تاڭ تەيزۇڭغا سېتىلغان ئاشىنا شىر :

مىلادى 582 - يىلى بىر پۈتۈن كۆكتۈرك قاغانلىقى ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك قاغانلىرى ئىزچىل قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ ، ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىشىپ زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۇ ھال تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كۈچىيىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى . ئاشىنا شىرمۇ ئەنە شۇ قاغانلار قاتارىدا بىر مەزگىل غەربىي تۈرك قاغانى بولۇشقا مۇۋەپپەق بولدى . ئەمما خەلق ئۇنى قوللىمىغاچقا ، تۈركلەرگە قاغان بولۇشتىن تاڭ تەيزۇڭغا تەسلىم بولۇپ ، ئۇنىڭ غالچىسى بولۇشنى ئەۋزەل بىلگەن . نەتىجىدە تاڭ تەيزۇڭ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سەددىچىندىن پەرغانىگە قەدەر بولغان زېمىنلىرىمىزنى ئىشغال قىلغان . ئاشىنا شىر 650 - يىلى ئىشغالنى تاماملاپ ، شۇ يىلى تاڭ تەيزۇڭنىڭ يېنىدا قوغدىغۇچى ئەرۋاھ بولىمەن دەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ بىللە دەپنە قىلىنغان . تارىختا ئۇنىڭدەك سادىق غالچا چىقىپ باقمىغانىدى . ئۇنىڭ خائىنلىقىنىڭ بەدىلىنى خەلقىمىز تاكى 751 - يىلى تالاستا تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى يوقاتقانغا قەدەر 101 يىل قانلىرى بىلەن تۆلىگەن .

2 . غالداننى چىللاپ كەلگەن ئافاق خوجا :

1626 - يىلى ئۆكتەبىردە قۇمۇلدا تۇغۇلغان
« ھىدايىتۇللا ئىشان » 1644 - يىلدىن باشلاپ سەئىدىيە خانلىقىدا مالىمانچىلىق چىقىرىپ،
1670 - يىلى قوغلاپ چىقىرىلغان . 1676 - يىلى كەشمىر ھاكىمى كامران مىرزىنىڭ تەكلىپى بويىچە غالداننىڭ پامىردىن كەلگەن دالاينى تاۋاپ قىلىش ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ ( ئۇ چاغدا قالماقلارنىڭ رەقىبى مەنچىڭ خاندانلىقى كەڭسۇنى ئىشغال قىلغاچقا قالماقلار دالاينى تاۋاپ قىلىشتا ئەنجان ۋە بەدەخشان يولىنى ئىشلەتكەن . چۈنكى بۇ ئىككى دۈشمەن ئارىسىدا سەئىدىيە خانلىقى مەۋجۇت ئىدى. ماۋارائۇننەھر بولسا غالدانغا بېقىندى ئىدى).
1678 - يىلى ئافاق خوجا سەئىدىيە خانلىقىغا خان بولۇش ھەۋىسىدە سادىر قىلغان تارىخىي جىنايەتنى ، 1754 - يىلى قالماق ئامۇرسانا سادىر قىلدى . ئۇ قالماق خانى بۇلۇش غەرىزىدە مانجۇرلارنى چىللاپ كېلىپ ، 1755 - يىلى قالماق خانى داۋاچىنى يوقاتتى . ئەمما مانجۇر تاجاۋۇزچىلىرى مۇنبەت ئىلى ۋادىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ئامۇرسانانى 1757 - يىلى يوقىتىپ ، 1758 - يىلى تارىم ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلغاندا خوجا جاھان تەرىپىدىن يەكەندە مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ مەغلۇپ قىلىندى . ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىنى يەپ جان ساقلاپ، 1759 - يىلى يانۋاردا ياردەمچى قوشۇنى ۋە خائىن خوجاسى بەگ ، ئىمىن خوجا ۋە تۇردى خوجىنىڭ ياردىمىدە قۇتۇلۇپ چىقىپ ، ئالتە ئاي ئاقسۇدا تەييارلىق قىلىپ ، شۇ يىلى 5 - ئىيۇل پايتەخت يەكەننى ، يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن سەئىدىيە تەۋەسىنى ئىشغال قىلىۋالدى.
بۇ ئىشغالدا تۆھپىسى زور بولغان قارا تاغلىق خوجىلاردىن بولغان تۇرپان - قۇمۇل ۋە ئاقسۇ - كۇچار خوجىلىرى كېيىنچە ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە ئەمەلدار بولدى . مانجۇرلار
خوجىلارنى تارتۇقلاش باھانىسىدە تەسىر دائىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى يىراق قەشقەر ۋە خوتەنگە قورچاق ھاكىم قىلىپ ،
ئۇلارنى شىتاتلىق بەگلەرگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى يەكسان قىلدى . شۇڭا ئۇلار ئاداققىچە مانجۇرلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ غالچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولدى .

3 . قادىر ھاجى : بۇ مەلئۇننى تەپسىلىي بايان قىلمىساقمۇ ھەممە ئۇيغۇر بىلىدۇ .

يۇقىرىقى ئۈچ كىشى ئەگەر دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولسىتى ، مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ مىللىي تارىخنىڭ ئەڭ شانلىق سەھىپىلىرىگە پۈتۈلگەن بولاتتى . ئەمما ئۇلار ئۆز مەنپەئەتى ۋە خاھىشى ئۈچۈن ۋەتىنى ۋە خەلقىگە خائىنلىق قىلغاننى ئاز دەپ ، بىرى خەلقىمىزنى 101 يىل ، يەنە بىرى ساق 333 يىل قان يىغلاتقاچقا تارىخنىڭ ئەڭ لەنەتلىك سەھىپىسىگە پۈتۈلۈپ كەتتى .

20 - ئەسىردىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ داھىيمىز بارلىق ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىنىڭ بىرلەشمە سۇيقەستى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ،  ياخشى نىيەتتە ئەل ئۈچۈن كۆتۈرۈلۈپ چىققان خوجىنىياز ھاجىلار باشچىلىقىدىكى تۇرپان - قۇمۇل دېھقانلىرى بولسۇن ، مەيلى سابىت داموللام ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىكىدىكى قەشقەر - خوتەن ئالىملىرى بولسۇن ، مەيلى ئىلىدا كۆتۈرۈلۈپ چىققان
غېنى باتۇرلار - دىنىي زاتلار ۋە سوۋېتچە تەربىيە كۆرگەن ئەخمەتجان قاسىمىلار بولسۇن قىسمەن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئاخىرقى ھېساپتا مەغلۇپ بولدى . ئەمما ئۇلارنىڭ نىيىتى دۇرۇس ، ئۆز ھاياتىنى خەلقى ، ۋەتىنى ، ۋە كېلەچەك ئەۋلادلىرى ئۈچۈن پىدا قىلالىغان بولغاچقا، خېلى ئېغىر تارىخىي خاتالىقلار سادىر بولغان بولۇشىغا قارىماي خەلقىمىز ياد ئېتىپ كەلمەكتە . ئەپسۇسلىنارلىقى دۈشمەننىڭ ئۇزۇن يىللىق مېڭە يۇيۇش مائارىپى ۋە تارىخىي قەھرىمانلارنى ئۆزىنىڭ ئادىمى قىلىپ ياساپ چىقىشتىكى نەيرەڭۋازلىقى سەۋەبىدىن 2018 - يىلى باشلانغان ئىدىئوگىيىلىك ئۇرۇشتا بارلىق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئاۋام مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭ تەسىرى تېخى يوقالغىنى يوق . ھەر ھالدا تەلىيىمىزگە دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى
بۇ يىل 12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىقتى . ئەمدى ئۆزىمىز يېزىپ چىققان تارىخ بىلەن قوراللىنىپ ، چەتئەللىك دوستلار ۋە ئىتتىپاقداشلارنى باندىتلارنىڭ مەنبەسى بىلەن بىزنى تونۇش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك !

خۇلاسە ۋە ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە :

تارىخ چاقى 2017 - يىلغا كەلگەندىن كېيىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىي تونغا ئورۇنۇۋالغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىكەنلىكى ئايان بولدى . سىمۋول خاراكتېرلىق سۈرگۈندى ھۆكۈمەتمۇ 2018 - يىلى تولۇق يىمىرىلىپ ، بەش - ئالتىگە كۆپەيدى . ئۇندىن باشقا بىر قىسىم تەشكىلاتلار ياشلاشتى . ئەمما قىلىنىۋاتقان ئەمەلىي خىزمەتلەر ئورنىغا قۇرۇق ئارتىسلىق ۋە ئورۇنسىز تالاش - تارتىشلارنى كۆپەيتىپ مازلاشتى . بۇ ھەقتە مەلۇم بىر سەپدىشىمىز ئېچىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپ تاشلىغان :

ئىستانبۇلنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان مىمار سىنان سۇلتان سۇلايماننىڭ پەرمانى بىلەن ئۆيىگە سۇ ئەكىرىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، سۇلتان سەلىم دەۋرى باشلانغاندا كىشىلەرنىڭ شىكايىتى بىلەن 90 نەچچە ياشلىق مىمارنىڭ ئۆيىدىكى سۇ توختىتىلغان. ئۇنىڭ جاۋابى: «بىز بۇ ئىشنى ئۆيىمىزگە سۇ ئەكىرىش ئۈچۈن قىلمىغان.»
يۇنۇس ئەمرە نەپسىنى كىبىردىن پاكلاش ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قېتىم ھاجەتخانا تازىلايتتىكەن.
مەن بۇلارنى ھەر ئەسلىگىنىمدە نەپسنىڭ قانچىلىك يامان نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى يېڭىشنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى بىر قېتىم ھېس قىلىمەن. بىز ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتمايمىز، بەلكى ۋەتەنگە بولغان قەرزىمىزنى قايتۇرۇش يولىدا ۋىجدانىمىزنى راھەتلىتىۋاتىمىز. قىيىنچىلىقلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەن دوستلارنىڭ: «سىز ۋەتەن ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتىسىزغۇ؟ نېمىشقا گىراژدانلىق بېرىلگەنلەر قاتارىدا يوق؟» دېگەن سوئالىغا «بىز ئىشلارنى گىراژدانلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىۋاتمايمىز، بۇ خىزمەت بۇنچىلىك ئەرزان ئەمەس» دېگۈم كېلىدۇ.

ھەممەيلەن بىردەك « ۋەتەنگە قەرزدارلىق ۋە گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلماي، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپىكارلىق ۋە ماختانچاقلىق ھېسسىياتى بىلەن ھەرىكەت قىلساق، ئاشۇ ئافاق خوجا بىلەن قادىر ھاجىدىن پەرقىمىز قالمايدۇ ! » . ئەگەر بىز بىر قانۇن چىقىرىپ،
مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئاكتىپلار ۋە تەشكىلات باشلىقلىرىغا « كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى دۆلىتىمىزدە ھېچقانداق مەنسەپ تۇتمايمە» دەپ قول قويغۇزۇش چاقىرىقى چىقىرىپ كۆرسەك ھەقىقىي ساداقەت مانا دەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . ئۇ كۈنگىمۇ ئاز قالدى .

خۇلاسە قىلغاندا رەزىل دۈشمەننىڭ ھەر تەرەپتىن تەڭلا قىلغان ھۇجۇمىدا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ بىراقلا يېلى چىقتى . ئۇندىن سىرت ، ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئۆزلىرى پۇل ئالىدىغان ھۆكۈمەت ياكى قارا كۈچلەرگە بېقىنىپ قېلىپ، شۇلارنىڭ رايى بويىچە سايرايدىغان بۇلبۇللارغا ئايلىنىپ قالدى . ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە ئۇلار تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەتنى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقا ئايلىنىپ قالدى . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئەمەس ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ئۈستىدە قۇرۇلغۇسى ھاكىمىيەتكە باشلىق بولۇش سەۋداسى ، ئافاق خوجىچە مەنسەپ خۇمارلىق ۋە ئابرۇيپەرەسلىك ھەممە كىشىلەرگە دېگۈدەك يامراپ كەتتى . بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ !؟

ئەلۋەتتە بار ! ئافاق خوجىچە ۋە ئامۇرساناچە دۈشمەننى ۋەتەنگە باشلاپ كېلىپ بولسىمۇ قورچاق باشلىق بولۇش سەۋداسى ، ھىلىگەر ما فامىلىلىك تۇڭگانلارغا ئوخشاش پاك ئىسلام دىنىنى مەينەت سىياسەتنىڭ قورالى قىلىپ خەلقىمىزگە ھۆكۈمران بولۇش خىيالى ، ئۆز مەقسىتى ۋە خاھىشى ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ئىش قىلىدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ ساداقىتىنى سىناش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر لىدېرى ۋە قانۇن - نىزامى بولۇشى كېرەك!

يۇقىرىقى ئۈچ ئەجەللىك ئاجىزلىقىزنى تېز سۈرئەتتە ئىسلاھ قىلمىساق ، جاھانگىر دۆلەتلەر خۇددى سىتالىنغا ئوخشاش يول تۇتۇپ، بىزنىڭ شىللىمىزغا ماجۇڭيىڭ ۋە شېڭ شىسەيدەك ياتلاردىن چىققان مۇسۇلمان ۋە كاپىر باندىتلارنى مىندۈرۈپ قويىدۇ . ھازىرقى قارا نىيەت ئۇيغۇرلار ھەر قانچە مەنسەپ تۇتسا شۇ قادىر ھاجىدەك ئۆز خەلقىنى قىرىش ئۈچۈن جاللات بولالايدۇ . ئاندىن كېيىن خوجايىنلىرى قولىدا يوقىتىلىدۇ . يۇقىرىقى ئۈچ ئەجەللىك ئاجىزلىق ۋە جانغا زامىن ئىللەت بىزنىڭ 404 يىلدىن بېرى خورلۇقتىن قۇتۇلالماسلىقىمىز ۋە ئەسلىمىزگە كېلەلمىگەنلىكىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى سەۋەپلىرىدۇر . بۇنى ۋاختىدا ئىسلاھ قىلىش كېرەك ! گەپ تامام ۋەسسالام !

سايرام ئوغلانى.

قوشۇمچە :

ھازىر كۆزگە سىغمىغاننى خائىن دەپ سېسىتىپ چەتكە قاقىدىغان ئەمەس، بەلكى مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ تەڭ كۈرەش قىلىدىغان مەزگىل :

خالمۇرات ئۇيغۇر ئەلسۆي.
بىلىشىمچە روستلار ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە فىنلاردا ئىتتىپاقلىق يوق ئىدى، ئوڭچى ۋە سولچى كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار بولىۋاتقان ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردىكى فىنلارنىڭ ساپاسى ھازىرقىدىن زور پەرقلىق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھازىر بار بولغان بارلىق ئىللەتلەرنى تېپىش تەس ئەمەس، ئەمما بىزدىكى پەرق ئۇلار مىللىي مەنپەئەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن. لۇتېرىنلار ئورتودوكسلارنى فىن ئەمەس دېمىگەن، ئوڭچى مىللەتچىلەر سولچى سوتسىيالىستلارنى سوۋىتكە باغلاپ يالغان گۇۋاھلىق بەرمىگەن. ئۇلار مەيلى لۇتېرىن بولسۇن، ئورتودوكس بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى ئاگنوستىك بولسۇن، ھەممىسى مىللىي مەنپەئەتىنى مەركەز قىلغان، ئىدىيە، مەزھەپ ۋە باشقا پەرقلەردە ئۆزىنىڭ پىكىرداشلىرى ئۈچۈن مىللىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلمىغانىكەن. ئۇلاردىمۇ خائىنلار جىق ئىكەن، ھەتتا سوۋىتلىقلار تەرەپكە ئۆتۈپ ئۆز مىللىتىگە قارشى ئۇرۇشقانلارمۇ بولغانىكەن، ئەمما ئۇلار خائىنلارنى تازلاپ بولۇپ ئىش قىلىمىز دېمىگەن، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولۇپ ئىش قىلىمىز دېمىگەن، بىز دېگەن فىنلاندىيىلىك، بۇ مىللەتنىڭ تەغدىرى ھەممىز بىلەن بىردەك، مىللىي مەنپەئەتىمىز بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىز دەپ شۇنىڭغا چىڭ تۇرغان، دوگمىچىلىق، پەلسەپەچىلىك ياكى شەكىلۋازلىق قىلمىغان، سازلىقلاردا، ئورمانلاردا، قارلاردا ۋە يامغۇرلاردا لۇتىرىنى يېنىدىكى ئورتوتوكسى بىلەن، مۇسۇلمىنى يېنىدىكى دىنسىز بىلەن بىللە بىر ئاكۇپتا يېتىپ، بىرىگە كەلگەن ئوقنى يەنە بىرى توساپ، ۋەتەن ئۈچۈن دەپ پەرقلىرىنى كەمچىللىك ئەمەس، بەلكى رەڭگارەڭلىك ۋە كۈچ دەپ تونىغانىكەن. بۇلارنى شۇ جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن كىشىلەردىن ئالغان زىيارەتتىن، تارىخ كىتابىدىن ۋە تارىخىي رومانلاردىن ئوقۇپ بىلدىم.

« ئولىسى ۋەقەسى » ، « قۇززات ۋەقەسى »، ۋە « ئۆمەربەگ ئالى بىلەن ئەركىن سىدىق مۇنازىرىسى » قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ ئۆلچىمى مىللىي مەنپەئەت بولسۇن ! مىللىي مەنپەئەت ۋە قېرىنداشلىققا زەھەر سالىدىغان ھەر قانداق تاشقى كۈچلەرنى سىقىپ چىقىرىش ، ئىچكى كۈچلەرنى داۋالاپ ساقايتىش كېرەككى ، چەتكە قېقىشقا زادى بولمايدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلار ھامان بىر كۈنى زامانىمىزنىڭ ئاشىنا شىرى، ئافاق خوجىسى ۋە قادىر ھاجىسىغا ئايلىنىدۇ . ئۇلار ئارىسىدىكى ئورتاقلىق « چەتكە قېقىلىش ۋە ئۆز خەلقىگە نەپرەتلىنىش ، ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى».
سۈرە زۇھا 9 - ئايەت
يېتىمنى خارلىما[9].
سۈرە زۇھا 10 - ئايەت
سائىلغا قوپاللىق قىلما[10].
بۇ ئىككى ئايەتكە ئەمەس قىلماسلىق ئاقىۋەت يۇقىرىقى ئۈچ كىشىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ .
سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 22 - فېۋرال  شەنبە. 22:22:22