2020/07/04 07:59

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


« ئولىسى ۋەقەسى » ئاشكارا قىلغان ئۈچ ئەجەللىك ئاجىزلىق ۋە تەخىرسىز ئىسلاھات 1

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/22 14:34

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

ئولىسى ۋەقەسى پاش قىلىپ قويغان ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىمىز ۋە تېزدىن ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە

2020 - يىلغا ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈپ ، بەلنى چىڭ باغلاپ كەلگۈسى جەۋرى - جاپالارغا ئالدىن تەييارلىقى بار ھالدا كىرمەي، ئەكسىچە توي كېچىسىدىكى ئېنىرگىيە خوراپ ھېرىپ قالغان بىغەم ئادەمدەك نەغمە - ناۋا بىلەن كىرگەنلىكىمىزدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئەيتاۋۇر رېتىمى تېز بۇ يىل بىزگە پەقەتلا ياراشمىدى . خۇددى ۋاقىت تونىلىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ 20 - ئەسىردىن بىراقلا 21 - ئەسىرگە كىرىپ قالغاندەك يېڭى يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدىلا يۈز بەرگەن دۇنياۋى ۋە مەھەللىۋى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەيلا قالماستىن ، ئەكسىچە ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنىمۇ تاپالماي ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چاۋاك چېلىپ ، ياقىمىزنى تۇتۇپ يۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋەتتۇق .

يانۋارنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىلا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى گېنىرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن كەسكىنلىشىپ كەتتى . ئامېرىكا ۋە رۇس سېكرىتارلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە باغلىنىپ قالغانلىقىنى سەزگەن زېرەك ئەردوغان دەرھال لىۋىيەگە كۆپلەپ ياللانما ئەسكەر ئەۋەتىپ ، سۈرىيەدە تارتقان زىيىنىنى تولدۇرۇۋالماقچى بولدى . ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك سودا كېلىشىمىنىڭ ۋاختى قىستاپ قالغاچقا ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا يول قويۇشماي ، دۇنيا پاي بازىرى داۋالغۇپ كەتتى . سودا ئۇرۇشى ۋە گېنىرال قاسىمنىڭ ئۆلۈمى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان 3 - دۇنيا ئۇرۇشى خەۋپى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ، بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مادارا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . يانۋارنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئوتتۇرىغا چىققان مەزكۇر ئىككى خىل ئۇرۇش خەۋپى يانۋارنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىلا يوققا چىقىپ ، دوللار ترامپ بىلەن ئەلى خامىنىي ئوينىغان ئۇتۇقلۇق ئويۇن ۋە چارپادىشاھ ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن مېركىلنىڭ تىرىشىچانلىقىدا 7 - يانۋاردىن 14 - يانۋارغىچە دەمەشىق  - قاھىرە ، ئافېنا - رىم ، تىرىپولى - ئەنقەرە ۋە موسكۋا - ئىستانبۇل ئارىسىدا قاتناپ يۈرگەن ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئارىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىنىپ ھەل قىلىندى . ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق مەسىلىمۇ 19 - يانۋاردىكى بېرلىن يىغىنىدا ۋاقىتلىق ھەل قىلىندى . ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش خەۋپى ئاخىرلاشتى . ئۇندىن باشقا پۈتۈن دۇنيانى غەمگە سالغان « سودا ئۇرۇشى » خەۋپىمۇ 15 - يانۋار دوللار ترامپ بىلەن دوك ۋەزىر « ليۇيۇڭ » ئارىسىدا تۈزۈلگەن تەڭسىز كېلىشىم بىلەن ھەل قىلىنغان بولدى . گەرچە باندىتلار بۇ كېلىشىمدە ئېغىر زىيان تارتقان بولسىمۇ ، ئەمما مۇشۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇۋالغۇچە ھەتتا دۇنيا سەھىيە ئوزگىنىنىڭمۇ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ مەخپىي تۇتقان « كورۇنا» ۋىرۇسى ( بەلكىم بىئولوگىيىلىك قورال بولۇشى مۇمكىن ) مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى يوققا چىقاردى .

تولىمۇ ئەپسۇس بۇ مەزگىلدە پۈتۈن دۇنيانىڭ بارلىق دىققىتى يۇقىرىقى دۇنياۋى مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىپ قالغاننى ئاز دەپ ، بىزمۇ ئۆز ئىشىمىزنى ۋە تەخىرسىز ۋەزىپىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، بىلىپ - بىلمەي يۇقىرىقى ئالاقىسىز ئىشلارغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالدۇق . سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىشى بىلەنلا مۇھاجىرەتتىكى ئامما ئۆزىگە« ئەمدى بىز خەلقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك !؟ » دېگەن سوئالنى قويۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئارا ئىككى قۇتۇپ بولۇۋېلىپ ، تۈركىيەنى مەركەز قىلغان شەرقىي يېرىم شاردىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان غەربىي يېرىم شاردىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ۋە تەشكىلاتلارغا دوق قىلىپ مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى . قارشى تەرەپمۇ ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ يۈرۈپ ، ئەسلىدىكى مۇھىم ئىشلىرىنى ئاقساتتى . ھەر قېتىم تۈركىيە ياكى ئامېرىكىدىن بىزگە پايدىلىق سادا چىقسا، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار « بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نەچچە قەدەم ئالدىغا مېڭىۋالايلى ! يەنىمۇ يۇقىرى بايانات چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلايلى ! » دەپ مىدىرلىماستىن، ئەكسىچە قارشى تەرەپتىكى قېرىنداشلىرىغا
« ھە قانداق !؟ دوللار ترامپنى دادام ، مېكائىل پولاتبەگنى ئاكام دەپ ماختاپ كەتكەنتىڭلار، يەنىلا قانداش ۋە دىنداش تۈركىيە بىزنىڭ ھەقىقىي ھەقەمسايىمىز ! » دەپ بىلجىرلىسا، قارشى تەرەپمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ، تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ شەرمەندىلىكلىرىنى شېپى كەلتۈرۈپ رەددىيە بېرىشتى . نەتىجىدە بۇ ئىككى قۇتۇپلۇق بىھۇدە تالاش - تارتىش نەچچە كۈن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ ، بۈگۈن كۈچىيىپ بىراقلا پارتلاپ چىققان « ئولىسى ۋەقەسى » نىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىغا ئايلىنىپ قالدى .

1 - ئەجەللىك ئاجىزلىق : يىراقتىكى موللام داموللام يېقىندىكى موللام بوش موللام

بىزدە مىلادى 1619 - يىلدىن باشلانغان ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە ئۆزگىگە ئىخلاس قىلىپ ھەۋەس قىلىش روھى ئاخىرىدا ئۆزگىگە قۇللۇقنى ۋە مالايلىقنى شەرەپ بىلىدىغان ئەجەللىك ئېغىر ئىللەتكە ۋە 260 يىللىق خورلۇققا ، 70 يىللىق قىزىل قىيامەتكە دۇچار بولۇشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . 1616 - يىلى مەختۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە قايتا قەدەم تەشرىپ قىلىشى ، بولۇپمۇ 1626 - يىلى ئۆكتەبىردە قۇمۇلدا ئاغ تاغلىقلار سەردارى ئافاق خوجىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن بالا - قازالار باشلاندى . كىندىك قېنى ۋەتىنىمىزگە تۆكۈلگەن ئافاق خوجا بىلەن تاغىسى تەرەپ قەشقەر بىلەن يەكەننى مەركەز قىلىپ تىركىشىپ ، ئاقسۇدا بىلەن خوتەندە تۆر تالىشىپ يۈرۈپ ، قەدىمىي تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ھازىرغىچە ھوشىغا كېلەلمەس ئىللەتلەرگە دۇچار قىلدى . ئۇيغۇرلارنىڭ يىمىرىلشىكە باشلىغانلىقىنى پۇرسەت بىلگەن قالماقلار 1628 - يىلى قاراقۇلا ۋە ئوغلى قونتاجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەئىدىيە خانلىقىغا قاراشلىق ئالتاي تەۋەسىگە كۆچۈپ كەلدى . 1618 - يىلدىن باشلانغان تەختنى تالىشىش كۈرەشلىرى خوجىلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قول ئۇزۇتىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى . ئەڭ ئاخىرى 1638 - ئابدۇللاخان تۇرپاندىن ئەسكەر تارتىپ يەكەننى قولغا ئېلىپ، بارلىق بۆلگۈنچى ۋە ئايرىمىچى شاھزادىلەرنى يوق قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى 30 يىللىق مەدەنىيەت گۈللىنىشىگە ئاساس سالدى . سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن پايدىغانلان قونتاجى 1640 - يىلى تارباغاتايدا قۇرۇلتاي ئېچىپ ، ھازىرقى ئىچكى ۋە تاشقى موڭغۇلنى سوراۋاتقان قالقا موڭغۇللىرى بىلەن بىرلىشىپ ، قالماق خانلىقىنى قۇرۇۋالدى . ئارقىدىنلا قالماقلارنى غەرپكە قوغلىۋەتكەن مانجۇرلار 1644 - يىلى سەددىچىندىن كىرىپ ئون نەچچە يىلدىلا پۈتۈن خىتاينى يۇتۇۋالدى .

ئابدۇللاخان دەۋرىدە قايتا ئەسلىگە كەلگەن خەلقىمىز ئافاق خوجىنىڭ دەۋرىدە پۈتۈنلەي چۈشكۈنلىشىپ ، ئۆز ئىچىدىن چىققان ئالىم - ئۆلىمالار ۋە ھەر خىل سەرخىللارغا قارىغاندا، چەتئەلدىن كەلگەن يالغان پەيغەمبەر پۇشتى ۋە ئاقئۇستىخانلىق كەلگۈندى خوجىلارنى بېشىدا كۆتۈرىدىغان « يىراقتىكى موللام داموللام، يېقىندىكى موللام جا موللام » ئىدىيىسىدىكى بىچارە خەلققە ئايلىنىپ قالدى . بۇنىڭ تەسىرى كېيىنچە شۇنچىلىك كۈچىيىپ كەتتىكى ، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ئالىملار ۋە ھۈنەرۋەنلەر ۋەتىنىدىن قوغلىنىپ ، ئورنىغا تېگى - تەكتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن سەلدەك ئېقىپ كېلىپ خەلقىمىزگە ھۆكۈمران بولدى . كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تېخىمۇ پەسلىشىپ جۇڭغار قالماقلىرىنى ۋە يىراقتىكى خىتايلاشقان مانجۇرلارنى ۋەتىنىمىزگە چىللاپ كەلدى . ئافاق خوجىنىڭ غالداننى باشلاپ كېلىشىدىن باشلانغان بۇ ناچار خاھىش ھەتتا موسۇل مۇھىتىنىڭ 1931 - يىلى ماجۇڭيىڭنى چىللاپ كېلىشى ۋە شېڭ شىسەينىڭ 1943 - يىلى گومىنداڭنى چىللاپ كېلىشىگىچە داۋام قىلدى . ئاخىرىدا بۇ خىل مىجەزىمىزنى ياخشى بىلىدىغان سىتالىنمۇ قىزىل خىتاينى چىللاپ كېلىپ ، مۇرادىمىزغا يەتكۈزۈپ قويدى . ئۇ چاغدا قولىمىزدا ھەر ھالدا دۆلىتىمىز بار ئىدى. ھازىر مۇھاجىرەتتە گەرچە دۆلىتىمىز بولمىسىمۇ ئەمما ئىستىقبالىمىز بار بولغاچقا، ئىچىمىزدە تېخىچە يۇقىرىقى تەپەككۇر ۋە خاھىشتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن بىر قىسىم تەجرىبىسىز ۋە ھاياجان كىشىلىرىمىز ھېلى تۈرك ، ھېلى ئەرەب، ھېلى ئورۇس ، ھېلى ئېنگلىز سىياسەتچىلىرى ياكى ئازراق تەسىرى بار ناتىق كىشىلەرنى چىللاپ كېلىپ ، شۇلار ئارقىلىق ئىشىمىزنى ئالغا باستۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ . ئەمما ھەدېسىلا بۇ ئىشنىڭ ئايىغى چىقمايلا ، يا بىز ئەجنەبىي ئەپەندىلەرنىمۇ سېسىتىپ قويۇپ ئۇلار بىزدىن زېرىكىپ قېچىپ كېتىدۇ . يا ئۇلار بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە زىيانلىق خاتالىق سادىر قىلىپ ، بىز ئۇلاردىن سەسكىنىپ قېچىپ كېتىمىز . بۇمۇ
« ئولىسى ۋەقەسى » نىڭ تۇخۇمدىن چىقىشىغا پايدىلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر .

خەخ ھەر قانچە ئەۋلىيا بوپكەتسۇن ، ھەتتا پەيغەمبەر ئەۋلادى بوپكەتسۇن ، بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىزنى بىزدەك ئەتراپلىق ۋە تولۇق كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ . شۇڭا چىقارغان خۇلاسىلىرى ۋە دىئاگنوزلىرىمۇ بىزگە ماس كەلمەي قالىدۇ . شۇڭا ئىچكى ئەھۋالىمىز ۋە ماماتلىق مەسىلىمىز ھەققىدە ھېچكىمنىڭ كۆزى بىزدەك كۆرمەيلا قالماي ، ھېچكىم مەسىلىنى بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىز ۋە ئالىي ھوقۇقىمىزنى ئۆلچەم قىلىپ ئويلىمايدۇ . دېمەك « قارغۇ » ياكى
« يەكچەشمە » كۆز بىلەن ئەمەس ، بەلكى بىجىرىم كۆز بىلەن مەسىلىگە باقماق لازىم . شۇندىلا مەسىلىنىڭ ماھىيىتى روشەنلىشىدۇ .

ئۈچ قارغۇ بىر پىلنى باھالاش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنىپتۇ . پىلنىڭ پۇتىنى سىلاپ كۆرگەن قارغۇ
« يىل دېگەن تۈۋرۈككە ئوخشايدىغان ھايۋان ئىكەن » دېسە ، ئۇنىڭ قۇلىقىنى سىلاپ كۆرگەن قارغۇ « پىل دېگەن سۇپرىدەك سوزۇنچاق جانلىق ئىكەن » دەپتۇ . پىلنىڭ ئۇچىسىنى سىلاپ كۆرگەن قارغۇ « پىل دېگەن تۈپتۈز ئېتىزدەك جانلىق ئىكەن » دېسە ، بېقىنىنى سىلاپ كۆرگەن ئاخىرقى قارغۇ « پىل دېگەن تامدەك ھايۋان ئىكەن » دەپ باھالاپتۇ . دېمەك ، چەتئەللىكلەر ھامان چەتئەللىك ! ئۇلار بىزگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى يا باندىتلارنىڭ مەنبەلىرىدىن ئالىدۇ . يا بىزنى ئۇكا قىلىۋالغان ئەللەرنىڭ مەنبەلىرىدىن ئالىدۇ . تەھلىل قىلىشتىمۇ ، مۇسۇلمان بولسا مۇسۇلمانچە تەپەككۇر بىلەن ، ياۋروپالىق بولسا غەرپچە تەپەككۇر بىلەن تەھلىل قىلىدۇ . ئۇندىن باشقا ئاز بىر قىسىم ئەجنەبىلەر ئۆز ئىچىمىزدىكى ئۆزى تونۇغان ياكى يېقىن ئۆتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋاستىسىدە بىزنى تونۇپ ، شۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ھەققىمىزدە ئويلىغىنىنى دەيدۇ . كاشىلا دەل مۇشۇ يەردە . خۇددى خوتەنلىك ئىسلام ئاخۇن ياۋروپا ئالىملىرىنى چارەك ئەسىر ئالداپ كەتكەندەك ، مۇھاجىرەتتىكى « ئىسلام ئاخۇنلار » بەزى چەتئەللىك دوستلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويمايدۇ دەپ كاپالەت بەرگىلى بولمايدى . چۈنكى ھازىر بىزدە قاسساپتىن ناۋايغىچە ، موزدۇزدىن ئاشپەزگىچە ھەممە ئادەم سىياسەتچى . كەسپىي كىشىلەرنى سانىسا بارماق توشمايدۇ . شۇڭا ئولىسى ۋەقەسىنىڭ چىقىشى ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس . بەلكى ، ھەيران قالارلىقى تېخىچە بۇ ئىللەتنى تۈزەپ ئىسلاھ قىلىپ بولالماي ئۆز ئارا بىر - بىرىمىزنى خەخنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلىپ يۈرۈپ ، ئويۇن قويۇپ يۈرىشىمىزدۇر .

بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ تورمۇزىنى ئۆزى تۇتۇپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىشنى ئۆگىنىشى ، ھاياجانلىنىپ ئەجنەبىي ئەپەندىلەرنى ئالدىراپ كۆككە كۆتۈرمەسلى كېرەك . بولمىسا كېيىنچە ئۆزىنى رەسۋا قىلغاننى ئاز دەپ ، پۈتۈن مىللەتنى خەخنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلىدىغان ئىش چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا چەتئەللىككە ئىللەتلەر ۋە ئازغىنە ناچار خۇيلىرىمىزدىن شىكايەت قىلىپ زارلىنىشقا بولمايدۇ . خۇددى ئەر - خوتۇنلار ۋە بىللە يېتىپ قوپقان ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى نازۇك سىرلارنى يات بىرىگە سۆزلەش ئېغىر ئەخلاقسىزلىق بولسا ، ئۆزىمىزنىڭ ئىللەت دەپ سانالغان ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىمىزدە تۈزىمەكتە يوق ، ياتلارغا پاش قىلىش ، ياتلارنى داموللام دەپ قاراپ ، شىكايەتنى ئۇلارغا قىلىش ئاقىۋەت يەنىلا باندىت شېڭ شىسەيدەك بىرىنى بىزنىڭ شىللىمىزغا مىندۈرۈپ قويۇشنى ھەقلىق قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ !

2 - ئەجەللىك ئاجىزلىق ئاكىسىراش خاھىشى :

ئاكىسىراش خاھىشى يۇقىرىقى « يىراقتىكى موللام داموللام ، يېقىندىكى موللام بوش موللام » پەلسەپىسىدىن ( بەلكى سەپسەت ) كېلىپ چىققان ۋە بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ خاراكتېرى بىلەن تومۇرىدىكى قېنىغىچە تەسىر قىلغان ناچار خاھىش بولۇپ ، ئاكىسىراش تارىخىمىزىدىكى ھېچبىر « ئاكا » دىن بىزگە ۋاپا كەلگەن ئەمەس. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى جاھالەتكە پاتقان خەلقىمىزدىن ھەقىقىي داھىيلىرى ۋە ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر كىشىلىرىگە ۋاپا كەلگەن ئەمەس . شۇڭلاشقا تېخىچە ئىڭراپ يۈرىمىز.

1920 - يىلىلا ئۇيغۇر داھىيسى ۋە مەرىپەت پېشۋالىرى ئاكىسىراشقا خاتىمە بېرىش ھەققىدە كۈچلۈك چاقىرىق قىلىپ بولغان .

ئابدۇقادىر داموللام مەردانىلىك بىلەن «بۇ زامان غەپلەتتە ياتقانلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ھوشيار ئويغاقلارنىڭ زامانىدۇر! » دەپ خىتاب قىلغان.
1919 - يىلى قەشقەر  .

نەسىھەتى ئامما » ناملىق ئەسىرىدە: «پېشىۋالىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ۋە ئەسەرلىرى ئۇنتۇلۇپ، خۇراپاتلىق باش كۆتۈردى، ئىززەت - ئابرۇيلار قولدىن كەتتى. مۇخالىبلار ( ياتلار ۋە دۈشمەنلەر ) ۋەتىنىمىزگە قول سېلىشقا باشلىدى»، « ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش، ئۆلۈم يولىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.
1920 - يىلى قەشقەر  .

«ئەۋلادلىرىڭلارنى باشقا بىر يېڭى زامان ئۈچۈن تەييارلاپ ، تەلىم ئېتىڭلار . چۈنكى، ئۇلار سىلەر ياشىغان زاماندىن باشقا بىر زاماندا ياشىماق ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇر. ( يەنى ئۇلار سىلەر ياشىغان زاماندا ياشىمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان يېڭى زاماندا ياشايدۇ . شۇڭا ئۇلارغا شۇ زاماننىڭ بىلىملىرى ۋە تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك!)» دەپ يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئىسپاتلىغان .
19222 - يىلى.  قەشقەر.

20 - ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچىمىز ۋە بىردىنبىر داھىيمىز بولغان ئابدۇقادىر داموللام يەنە«بۇ  زامان  غەپلەت  ۋە  بىپەرۋالىق  زامانى ئەمەس ، جاھىللىق ، نادانلىق  دەۋىرى ئەمەس ،
بەلكى ئىلىم - مەرىپەت  دەۋرىدۇر  .
باشقا  مىللەتلەر  ئىلىم - مەرىپەت ساھەسىدە 
ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز  قىلماقتا  . سۇ  ئاستىدا  قۇرۇقلۇقتا  يۈرگەندەك  ئەركىن ئۈزۈشمەكتە .  بىز  تېخى  غەپلەت  تۇيغۇسىدا  ياتماقتىمىز  .
بۇ  ھالەتتە  داۋاملىق  ئۇخلىماق ، ئۆلۈم ۋە يوقىلىش  يولىدۇر.ئىنسان  كىچىكىدىن  تارتىپ
  ئىلىم ئۆگىنىشى ۋە ھۈنەر - سانائەت  بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەككى ، ھەر  قانداق ئىشنى  ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقىرىشنى ئاللاھ  ئادەت  قىلمىغاندۇر  !  ھەر  قانداق  ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھاد  بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ  . ھەممە  ئىشقا  تىرىشچانلىق ، پىداكارلىق كۆرسىتىش ئەسلىدە ئاللاھنىڭ 
كۆتسەتمىسى ۋە ئىلاھىي يوليورۇقىدۇر ! .
<<  ئىنساننىڭ  تىرىشچانلىقىغا  لايىق  نەتىجە  بار >>  دېگەن  ئايەت بۇنىڭغا  ئىسپاتتۇر ، دەپ  خىتاب  قىلغان  ئىدى  .
ئەمما  بىز  تېخىچە  ئىلىم  پەنگە قارىغاندا ، ناخشا - سازغا بەكرەك بېرىلىپ كەلدۇق .
2020 - يىلغا بۇنداق ھاقارەت قىلمايلى !

«ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى تۇنجى قېتىم قوللانغان نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت «ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ جاھالەت» دەپ كۆرسەتكەن .    1914 - يىلى  مۇزئارت داۋان.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەسرەت بىلەن «ئىلىم - پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت خەۋپ - خەتەر، ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن» دەپ نىدا قىلغان .
1920 - يىلى تۇرپان. 

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى جاھالەتكە ۋە ئاسارەتكە قارشى :« بىر قىلىچ بەرسە خۇدا، " كەس " دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،ئۈزسە خەلقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن-زەنجىرىنى.گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن،كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ، كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى » دەپ مىللەتكە ۋە ئۆزىگە ئومۇمىي خىتاپ قىلدى.
1920 - يىلى قەشقەر . بۇ مىسرالارنى 1937 - يىلى 28 - ماي ئۆلۈم ئالدىدا قايتا تەكرارلىغان.

مەمتىلى تەۋپىقمۇ «سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز» دەپ قەسەم ئىچكەن.
ئىستىقلال مارشىنىڭ ئاخىرى ،  1933 - يىلى قەشقەر .

« كۆكبۆرە ئۆز كەچمىشىنى ئۆزى يېزىپ چىقمىغۇچە قىزىل ئەجدەرھانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ . ھەممىگە مەلۇمكى، بۆرە بىپايان دالىلاردا ئەركىن ۋە ھۆر ياشايدۇ . ئەمما ئەجدەرھا سېپىل ئىچىگە ياكى ئۆڭكۈردە تۈگۈلۈپ ۋە سولىنىپ خار ۋە قۇل ياشايدۇ »

ئاددىي بىر مىسال بىلەن ئىپادىلىسەك :

نەچچە كۈن بۇرۇن بىر ئورۇسنىڭ سىبىرىيەدە بىر بۆرىگە يەم بەرگەنلىك ۋىدىئوسى تارقىلىپ، ھەممە ئورۇسلار ئۇنى باتۇر ۋە جۈرئەتلىك ئىكەنسە دەپ ماختاپ كەتكەن . ئېيىق مىجەز
ئورۇسلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن بۆرە گەرچە ئامالسىز ئاشۇ ئورۇس بەرگەن يېمەكلىكنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلەشنى ئۇنۇتمىغان . بۇ ئورۇسمۇ مۇشۇنچىلىك ئۆزىنى كۆرسىتىۋالغىنىنى پەش قىلىپ ، تاراتقۇلاردا بۆرىگە يەم بېرەلىگەن دەپ ماختىنىۋالغان .
ھېچبولمىسا مۇشۇ بۆرىدىكى سەزگۈرلۈكلا بولىدىكەن ھامان باش كۆتۈرەلەيمىز ! ئەمما مۈشۈككە ئوخشاش كىم بېشىمىزنى سىلىسا شۇنىڭ ئەرمەك ھايۋىنىغا ئايلىنىپ قالساق ، ئۇ چاغدا ھەممىسى بىزنى ئويناپ بولۇپ پەس قاۋان توڭگۇزغا پۇت - قولىمىزنى باغلاپ بېرىدۇ . ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈركپەرەس ، ئەرەبپەرەس، غەربپەرەس ۋە خىتايپەرەس « مۈشۈك خاھىشى ( ئاكىسىراش خاھىشى)» مەۋجۇت . ھەممەيلەن گەرچە شەكىلدە شۇنداق بولۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ ، بىراق ئەمەلىيەتتە چوقۇم ئۇچىغا چىققان ئۇيغۇرپەرەس ۋە مىللىي مەنپەئەتنى مەركەز قىلىپ ، ئۇنى ئوي - پىكىر ، گەپ - سۆز ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان « بۆرە مىجەز خاھىش » نى بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالىي مىزانى قىلىشى كېرەك! بولۇپمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ( توغرىسى شۇلارنىڭ چاپانچىسىغا ئايلىنىپ قالغان ) ياكى ھەر خىل چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويغان ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى « بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىخىڭ شۇ ، ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ » دېگەن پەلسەپىدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىشى كېرەك ! بولمىسا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلغۇدەك سالاھىيىتى قالمايدۇ . پەقەت بىز ئەرمەك مۈشۈككە ئوخشاش كىم بېشىمىزنى سىلىسا ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىمىزنى ، ھەتتا نومۇسىمىزنى ۋە غۇرۇرىمىزنى قوش قوللاپ بېرىۋېتىشكە خاتىمە بەرسەكلا ، شۇندىلا ھېچكىم بىزنى قايتا ئويناپ، سېتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئەگەر ئۆزىمىز كەتكۈزۈپ قويساق ئۇ چاغدا « ياتلارنىڭ مۇزدەك ساغرىسىغا چوغدەك يۈزىمىزنى يېقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىزدە ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز رەسۋا قىلىمىز ».

« بىز ئۆزىمىز خالاپ خەخنى گەدىنىمىزگە مىندۈرۈپ قويمىساقلا ، ئۇلار زورلۇق بىلەن بىزنى ئېشەك قىلىپ مىنىشكە پېتىنالمايدۇ » . 

يۈز يىللىق ئاكىسىراشتىن خۇلاسە شۇ بولدىكى ، « ئۆزىنى كەمسىتكەننى خەخ تېزەك قىلىپ تېپىدۇ  . ئاكىسىراپ قالغاننى خەخ ئېشەك قىلىپ مىنىدۇ ».  سايرام ئوغلانى

دېمەك سەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كەمسىتسەڭ ، خەقلەر سېنى كۆزىگە  ئىلىپمۇ قويمايدۇ . سەن ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىسەڭ ، دۇنيا ساڭا قول قويىدۇ !

ئۇنۇتمىغىن ئۇيغۇر ، سېنى ھەرگىزمۇ سەندىن يۇقىرى خەلق كەمسىتمەيدۇ . بەلكى ، سەن ئۆزۈڭنى كەمسىتكەنلىك سەۋەبىدىن سېنىڭدىنمۇ پەس مىللەتلەرلا سېنى كەمسىتىدۇ .

ئەگەر بىر تۈرك سېنى كەمسىتكەن بولسا ، دېمەك سەن ئۆزۈڭنى كەمسىتىپ ئاكىسىراپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈنلا سېنى كەمسىتىشكە جۈرئەت قىلالىغان.
( خىتاينى مىسال قىلىش ھاجەتسىز بۇ تېمىدا).

بېشىڭنى تىك تۇت ، ئۆرپ - ئادىتىڭ ۋە قىممەت قارىشىڭغا سادىق بول ! دۇنيا ساڭا تازىم قىلىدۇ!


ئۇيغۇردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش نەدىن كەلدى !؟

ئالدى بىلەن دۈشمەنلەردىن كەلدى . ئاندىن كېيىن بىزنىڭ گەجگىمىزگە مىنىۋالغان جاھالەت پىرلىرىدىن كەلدى . 1616 - يىلدىن 1916 - يىلغىچە جاھالەت پىرلىرى چەتئەلدىن كەلگەن بولسا ، 1916 - يىلدىن 2016 - يىلغىچە ئۆز ئىچىمىزدە يېتىشىپ چىقتى . دۈشمەنلەر ئۆزى بىر قوللۇق يېتىشتۈرمىسىمۇ، خەلقىمىزگە پايدىسىدىن زىيىنى ئېغىر بولۇشىغا ئىشەنچ قىلغان بولسىلا ئۇلارغا چېقىلمىدى . ھەتتا چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە كۆز يۇمدى . چۈنكى 2017 - يىلدىن باشلاپ ئۈنۈمىنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بار ئىدى .

شۇڭلاشقا ھەر بىر ئۇيغۇر مەيلى دۈشمەن پەننىي مائارىپ ئارقىلىق زېھنىگە چوقۇر ئورنىتىۋەتكەن بارلىق ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشلىرىنى ، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى « خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن جازاسى » دەپ بىلجىرلاپ خۇداغا ئەڭ چوڭ تۆھمەت قىلغان جاھالەت پىرلىرىنىڭ زەھەرلىك تەلىماتلىرىنى كاللىدىن يۇيۇپ چىقىرىپ تاشلىشى كېرەك ! زىيالىلار ۋە ئۇنۋانلىق كىشىلەرمۇ بىزدىن چىقسۇن ، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن ! دىنىي موللاممۇ بىزدىن چىقسۇن ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىسۇن ! ئەمما داھىي خەختىن ، خەلق بىزدىن ، قوماندان خەختىن ئەسكەر بىزدىن ، موللا خەختىن ، ئىخلاسمەن بىزدىن ، ئىدىيە ۋە پىكىر چەتتىن ، ئىجرا قىلىش بىزدىن بولىدىغان ئەھۋالغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك !

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، قىممىتىنى ، قەدرىنى ۋە ھەقىقىي قىممەت قاراشلىرىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئەخلاقىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئېتىقادىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ، ئۇيغۇرلۇق مىللىي ئىپتىخارلىقىنى يوقاتقان كۈندىن باشلاپ ھالاكەتكە يول ئالغان بولىدۇ . يۇقىرىقى مەنىۋىي بايلىقلار بىلەن قوراللىنىپ ، مىللىي روھنى كۈچەيتمەي ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھىغا تويۇنماي تۇرۇپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ، جېنىمىزنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ .

« ئولىسى ۋەقەسى » نىڭ پىلتىسى بولغان
« دىنىي كىملىك بىلەن مىللىي كىملىكنى ئۆز ئارا قارشى قويۇۋېلىش ۋە غەرپكە قارشى ئىنتېرناتسىئۇنالىزىمچە تەپەككۇر » نىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن باشلاپلا گەرچە سېربلارنىڭ ھەربىي زەربىسىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەمما روھىي جەھەتتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان بىر ھۆر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغان مۇخبىر ئولىسى يازىجىنىڭ بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن لاگىرلارغا سولانغان خەلقىمىز ھەققىدىكى بايانلىرىنى دىنىي كىملىك جەھەتتىن تەھلىل قىلىشى نورمال ئەھۋال . ئەمما بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن غەرپتىكى ئۇيغۇرلارنى « تۈرك دۈشمىنى»، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پايلاقچىلىرى قىلىپ كۆرسىتىشى خۇددى دوغۇ پېرىنچەكنىڭ قۇززاتنى باھانە قىلىپ، غەرپتىكى ھەقلىق كۈرىشىمىزنى غەرپنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئويۇن دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنۇشى ، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سالماقچى دەپ تۆھمەت قىلغاننى ئاز دەپ قۇززاتنىڭ بېشىنى سىلىغان بەزى تۈرك ساخاۋەت ئورۇنلىرىنى تۇتقا قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى فەتھۇللا گۈلەنچى قالپىقىنى كىيگۈزۈپ قارىلاش سۇيقەستى بىلەن ئوخشاش بىر رەسۋالىق !

ھېلىغۇ بىز ۋەتەننىڭ خوجايىنى بولغاچقا تۈپ يىلتىزىمىزدىن قۇرۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ . ناۋادا ئۇنىڭدىن ياخشىراق نىيىتى بولسىمۇ بەرىبىر بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى يوقاتماي تۇرۇپ بىزنى تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ ! تارىختىن بۇيان دىنىي كىملىكىمىزنى يوقىتىشقا كۆپ كۈچىدى. ئەمما مىللىي كىملىكىمىز دىنىي قىممەت قاراشلارغا تويۇنۇپ كەتكەچ بولغاچ، 70 يىلدىن بېرى تەكرار كۆكلەپ چىقىپ ، دىنىي كىملىك يەنىلا ساقلىنىپ قالدى . بۇنىڭ سىرى نەدە!؟ بۇنىڭ سىرى دەل مۇنۇ كىچىك ۋەقەلىكتە :

بۇندىن ساق ئالتە ئاي ئىلگىرى ئايروپىلاننى قاراملىق بىلەن قوناقلىققا قوندۇرۇپ ، يولۇچىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان« ئۇرال ھاۋا يوللىرى » كاپىتانى« تۆمۈر يوسوپۇف »
دۆلەت تەرىپىدىن « رۇسىيە قەھرىمانى » ئوردېنى بىلەن تارتۇقلانغان . 17 مىليون كۋادرات بىپايان ۋە چەكسىز ئورۇس زېمىنىدا
28 مىليون ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان رۇسىيە فېدراتسىيە مۇسۇلمانلىرى ھەر قايسى ساھەلەردە، ھەتتا ھەربىي ساھەدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقتا .
بىر پىشقان ئاۋار جەمئىيەتشۇناسنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسلام دىنىغا ئالاھىدە كەڭ قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ھەر خىل باھانىلەر بىلەن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن . چۈنكى رۇسلار تاتارلارغا قاراتقان 500 يىللىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە خۇلاسىلەپ چىققان نەتىجە شۇ بوپتۇكى ، تاتارلىقىنى ساقلاپ قالغانلار بۈگۈنمۇ ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىكەن . ئەمما تاتارلىقىدىن مەھرۇم قالغان تاتارلاردىن نە مۇسۇلمانلىقتىن نە تاتارلىقتىن ئەسەر قالمىغان . ھازىرمۇ تېز سۈرئەتتە رۇسلىشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولغانلار ئاساسلىقى مىللىي كىملىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ، ھەتتا ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان تاتارلار ئىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق تاتارىستاندىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ ئازىيىپ كەتكەن .
بۇنداق بولغاندا تاتار ئالىملىرىنىڭ مۆلچەرى بويىچە 2050 - يىلغا بارغاندا تاتارلار پۈتۈنلەي رۇسلىشىپ كېتىدىكەن . تاتارلار ئەندىشىدە.
باندىتلار دەل ئەكسىچە بىزنىڭ دىنىي كىملىكىمىزدىن بەكراق مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىشقا قاتتىق ئۇرۇنۇپ كەلدى . ئەمما بىزگە خۇددى دىنىي كىملىكىمىزنى ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنى يوقىتىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇ بەردى . بىز ئالداندۇق . چۈنكى مىللىتىمىز ھەم مىللىي كىملىكىگە ھەم دىنىي ئېتىقادىغا سادىق بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن باندىتلار تىنچ يوقىتىش پىلانىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق كۈچ بىلەن بىزنى يوقىتىۋەتمەكچى بولدى . ئۇنداقتا باندىتلار نېمە ئۈچۈن پۇتىندەك دىنىي ئەركىنلىك بېرىپ ، مىللىي مائارىپنى چەكلەش يولىنى تۇتمىدى !؟ چۈنكى تاتارلار ھازىرمۇ يېرىم رۇسلىشىپ بولدى . مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھى ئاجىزلاپ كەتسە ، دىنىي كىملىكى ساقلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ
ئىسلام دىنىدا رۇسنى ( ئەھلى كىتاپ)نىكاھلاپ ئېلىش چەكلەنمىگەچكە ، مۇشۇ يول ئارقىلىقلا سىڭىشىپ تۈگەيدۇ . ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنداق قىلمايدۇ . چۈنكى بىز تاتارلار ئورۇسنى چوڭ بىلگەندەك خىتاينى چوڭ بىلمەيمىز . ئەكسىچە ئۇنىڭدىن سەسكىنىمىز ، شۇڭا خىتاي بىزگە دىنىي ئەركىنلىك بەرسىمۇ يەنىلا مىللىي كىملىكىمىز بىللە كۈچىيىپ ماڭىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇسۇلمانلىق مىڭ يىل بۇرۇنلا يۇغۇرۇلۇپ ، بىرىكىپ ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئالاھىدە بىر خىل مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى بىز ياراتقان .
ئۇنىڭدىن سىرت ئەلىخان تۆرىنىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنلار ، شۇنداقلا ئورۇسلارنىڭ بارلىق مەغلۇپ بولغان تەجرىبىلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى بىزدىن بالدۇر ، بىزدىن پۇختا ، بىزدىن چوڭقۇر خەۋەر تېپىپ ، چۈشىنىپ ، خۇلاسىلەپ بولغان خىتايلار ئەلۋەتتە بىزگە پايدىلىق ھېچقانداق سىياسەتنى يولغا قويمايتتى . دېمەك مۇشۇ بىر ئابزاسلا ئۆمرىدە روھىي زەربىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان ئولىسى ئەپەندىگە يېتەرلىك جاۋاپ بولالايدۇ .

ئۇنداقتا ھەم قىرغىن قىلىپ ، ھەم ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ ، ھەم بالىلارنى خىتايلاشتۇرۇپ يۈرۈپ نېمىگە ئېرىشمەكچى !؟ نېمىشقا دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ۋە ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى بۇنچىۋالا ئېغىر تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ!؟.  بۇ سوئالنىڭ جاۋابىدىمۇ بىر سىر ياتىدۇ ، ئۇنىمۇ دەۋېتەي :

« خەلقىمىزنى تۈپتىن يوقىتىشتىكى ئەسلى ھەقىقىي مەقسەت » : ( ئېنگىلىزلارنىڭ « ئاي » گېزىتىگە بېسىلغان ماقالىدىن ئۈزۈندە : ):

مەيلى خىتايلار بولسۇن ، مەيلى ھىندىلار بولسۇن ، ياكى ئورۇسلار بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان جۇغراپىيىسىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار قەۋملەرنىڭ نەسلى بولغان ئۇيغۇرلار ( قازاقلار )، كەشمىرلىكلەر ۋە كاۋكازلىقلارنى كېلەچەكتىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي كۈچلۈك ۋە ئەشەددىي رىقابەتچى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . چۈنكى
« ھېچكىم ئۆلۈككە دەررە ئۇرمايدۇ !».

دوكتۇر ياسىر زائاترا يازغان « يېڭى ئەسىردىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى .... بەلگىلىرى ۋە سەۋەپلىرى » ناملىق ماقالە.

قېرىنداشلار ، سىلەر يا بىلىسىلەر يا بىلمەيسىلەر ،
خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ناچارلىقىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمەننىڭ بىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى بىزدىن بالدۇر بايقىۋالغانلىقى ئۈچۈن . بىز مۇشۇ دىئاگنوزنى بىرەر نوپۇزلۇق ئەرباپتىن چىقىپ قالسىكەن دەپ ساقلاۋاتقىلى خېلى بولغان . ئاخىرى ئاكادېمىك شەكىلدە ئېتىراپ قىلىندى . ئەمدى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىش تەييارلىقىنى باشلايلى ! باندىتلار بىزنى ھالا تېررورلۇق بىلەن ئەيىپلەۋاتىدۇ . شۇڭا ھەم تېررورلۇقتىن ئادا- جۇدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ، خەلقئارا تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچى شەخسلەر دەپ قارالغان بارچە تەشكىلات، شەخس ۋە بەلگىلەردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ھەقىقىي تېررورچىلارنىڭ دەل پەس باندىتلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك! قولغا قانۇنلۇق قورال چىقىدىغانغا پەقەت مۇشۇ باسقۇچلا قېپقالدى .

ئاكىسىراش خاھىشى ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ بولدۇق نەچچە ئايدىن بېرى . شۇلار يېتەرلىك! بۇ ناچار خاھىشنى بۇ يىل ئاخىرىغىچە چوقۇم كاللىمىز ، قەلبىمىز ، تەپەككۇرىمىز ، گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىمىزدىن تولۇق تازىلاپ چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەك ! شۇندىلا يەنە بىر ئافاق خوجا ، ۋەلىخان تۆرە ، ماشاۋۋۇ ، مافۇشىڭ، ماشىمىڭ ، مافۇيۈەن ، مابۇفاڭ ، مازىخۇي، ماجەنساڭ ، ماجۇڭيىڭ ۋە ماخۇسەن كەبى باندىتلار « ئىسلام دىنى » نامى بىلەن شىللىمىزغا مىنىۋالالمايدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرغا ھېچبىر ۋاقىت ئىسلام دىنى تونىغا ئورۇنمىغان دۈشمەنلەر ئۇلارچىلىك زىيانكەشلىك قىلغان ئەمەس . پەقەت 1937 - يىلدىن تاكى 2017 - يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىلا ئاندىن باندىتلار ئۇلارنىڭ ھەممىنى تېپىۋېتىپ ئۆزىنىڭ نەقەدەر رەزىل ۋە ئىپلاسلىقىنى ئاشكارا كۆرسىتىپ قويدى . يۈز يىللىق ئاكىسىراش يەتمىدىمۇ !؟ يۈز يىللىق ئاسارەت ۋە خورلۇق ، 70 يىللىق قىزىل قىيامەت يەتمىدىمۇ !؟؟؟

داۋامى ۋە خاتىمە :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=500.0