2020/06/01 21:40

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


خىتايلارنىڭ بىر قىسىم يېڭى رەزىللىكلىرى ۋە قەبىھ سۇيقەستلىرىنى بىتچىت قىلايلى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/23 23:40

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

باندىتلارنىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى جاندىن تويغۇزۇپ، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ شىكايەتلىرىنى ئۇششاق ئىشلارغا بۇرۇۋېتىشتىكى بەزى يېڭى تاكتىكىلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ھەققىدە :

1 . ئۆيدىكى نەزەربەنت بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى بەزى ئېھتىماللىقلار :

دوكتۇر مەمەت ئىمىن 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامىركىنىڭ ئۇيغۇرلار توغۇرسىدا قانۇن ماقۇللىماقچى بولغىنىنى كۆرۈپ، دۇنيانىڭ تىخىمۇ كۆپ دىقىتىنى چەكمەسلىك ئۈچۈن، دەرھال قايتا تەربىلەشتىكى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈردى دەپ ئىلان قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگىردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت بولىدىغانلىقى غەرىپ مەتبۇاتلىرىدا ئورۇن ئىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندىكى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنى تۆۋەنلىتىشكە باشلاپتۇ. 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن ئىتىۋارەن ۋەتەندە يىڭىدىن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار يوق دەپ ئىلان قىلغاندىن باشقا، ئەسلىدە ئىلان قىلغان 76 كىسەلمۇ ھازىر ئازلاپ 49 بولۇپتۇ. ئۇزۇنغا بارماي بۇ سانمۇ يوق بولۇپ، ئىچكىردىكى ئىشلەيدىغان ئادەم يوق زاۋۇتلارغا ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ ئاپىرىپ ئىشلىتىشى مۈمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە كورونا ۋىرۇسىنى كونتۇرۇل قىلىپ، كىلەر ئايدىن باشلاپ ئىشلەپ چىقىرىشنى ئومۇمى يۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلان قىپتۇ. ھازىر ئۇنىڭغا ئاران 7 كۈن قالدى. بۇ 7 كۈن ئىچىدە ئىشلەپ چىقىرىشنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى قىيىن. بىراق ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسە، ئىختىزادى جەھەتتە ئىغىر زىيان بولىدىغانلىقى ئىنىق. شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، خەلقىمىز ئالدىمىزدا يەنە بىر قىتىم ئىغىر كۈنلەرگە دۇچ كىلىشى مۈمكىن. بۇنىڭغا ئالدىن تەبىر ئىلىشنى ئويلىشىپ قويساق ياخشى بولىدۇ.

دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئەندىشىسى 24 سائەت ئىچىدىلا ئەمەلىلىشىشكە باشلىغان بولۇپ ، ۋىرۇس تېخى تىزگىنلەنمىگەن ۋە دورىسى ياسالمىغان خەتەرلىك بىر پەيتتە خىتاي تەرەپ خوتەندىن بىر تۈركۈم ياشلارنى ۋۇخەندىن ئانچە يىراق بولمىغان چاڭشا شەھىرىگە « ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى » بىلەن ئېلىپ كەتكەن . بۇ خەۋەر بۈگۈن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى . دېمەك بىز سەل قارىساق ، يۇقىرىقى ۋە تۆۋەندىكى ئېھتىماللىقلار بىر - بىرلەپ يۈز بېرىشكە باشلىشى مۇمكىن . قارشى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ۋە قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغاشتا كېچىكىپ قالساق ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .

تۆۋەندىكى ئۇلىنىش بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسى :

http://iuyghur.com/?p=110905

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردا ، ئۆيدىكى قامال بىكار قىلىنغان بەزى يېزا - قىشلاقلاردا ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىقى ئەكس ئەتكەن بارلىق ئۆيلەرنى، جۈملىدىن بۇرۇنقىلار ئۆزى خالىغانچە سالغان  ئۆيلەرنى بىر ئاي ئىچىدە، ھەتتا خوتەننىڭ بەزى جايلىرىدا بىر ھەپتە ئىچىدە « ياغاچ قۇرۇلمىلىق بارلىق ئۆيلەرنى چېقىۋېتىپ ، ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ بولۇش » ، خىلاپلىق قىلسا ياكى كېچىكىپ قالسا، « سىياسەتكە ماسلاشمىدى دەپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى( لاگىرغا قاماشنىڭ سىلىق ئاتىلىشى)» ئەسكەرتىلگەن . ئەمما بۇنىڭ بىرەر يازمىچە ئىسپاتى قولىمىزغا تەگمىگەچكە ۋە ئېنىق يۇرت - جاي ئىسىملىرى ئەسكەرتىلمىگەچكە كېسىپ ئېيتىشقا ئامالسىز قالدۇق. لېكىن مۇشۇ ئېھتىماللىق يۈز بېرىشكە باشلىغاچقا ھەر ھالدا ئەسكەرتىپ قويۇشنى توغرا كۆردۇق .

ئىماملارنى قامىۋالغاندا ، ئىگە چىقمىدۇق .    مەسچىىتلەرنى يەنە ئىگە چىقالمىدۇق . ئەمدى ھەممىمىزنىڭ ئۆيلىرىنى چاقىمەن دېسە يەنە قاراپ تۇرامدۇق !؟ ھازىر بىز ئىگە چىقمىغان ئادەملەر، يادىكارلىقلار ، مەسچىتلەر ئاساسەن يوق قىلىندى، ياكى يوق قىلىنىش ئالدىدا . ھەتتا قەبرىستاندىكى ئۆلۈكلەرمۇ ساق قالمىدى. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن دادىسىنىڭ قەبرىسىگە ئىگە چىقىپ ساقلاپ قالدى . بەلكىم بىز تارىخنى بىلمەستىن ئۇنتۇپ كەتكەن تالاي جەسۇر ۋە قەھرىمان كىشىلىرىمىزنىڭ قەبرىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن . ئەمما تارىخ كىتاپلارغا پۈتۈلگەن سۇلتانلار ، ئالىملار ۋە باشقا مەشھۇر شەخسلىرىمىزگە چېقىلالمايدۇ . بىزمۇ ئاچچىق رېئاللىقى بىلەن تارىخ يېزىۋاتقان بىر ئەۋلاد . شۇڭا ئۆزىمىزگە ئالاقىدار بولغان ھەر قانداق ئادەم ، جانلىق ، قەسىر - ئوردىلار ،
ئايۋان - سارايلار ، ھەتتا مال - چارۋىلارغىچە ئىگە چىقايلى ! بىز ئىگە چىققان ھەر قانداق ئادەم ياكى شەيئىلەرنىڭ ھامان ھېسابىنى سورىغىلى بولىدۇ . ئەمما ئۆزىمىز ئۇنتۇپ كەتكەن ياكى ئىسپاتلىيالمىغان ھېچقانداق نەرسىنىڭ ھېسابىنى سورىغىلى ۋە سۈرۈشتە قىلغىلى بولمايدۇ .

2 . بىز نەدە ، كىمگە ، نېمە دەپ گەپ قىلىشنى ۋە جاۋاپ بېرىشنى ئۆگىنىۋالايلى :

بىز شۇنداق ئالاھىدە كىملىككە ئىگە بولغان بىر مىللەت . قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىدەك بەش ھەسسە كېلىدىغان بىپايان زېمىن بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەجدادى ئاپىرىدە بولغان قۇتلۇق ۋەتەندۇر .
تۈركلەرمۇ ۋەتىنىمىزنى « ئاتا تۇپراقلار » يەنى ، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاپىرىدە بولغان جايلار دەيدۇ.
بىز بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇققىنى ۋە بۇرۇنقى مەنىۋىي ئۇستازلىرى بولغان ئۇلۇغ ئەجداتلارنىڭ نەسلى . بىز مىللىي كىملىكىمىز بىلەنلا ساخالىندىن سارايېۋوغىچە ، قۇمۇلدىن ئىستانبۇلغىچە ، خوتەندىن قازانغىچە بولغان بىپايان جۇغراپىيەدىكى تۈرك قەۋملىرى بىلەن قان - قېرىنداش بولۇپ ھېساپلىنىمىز .
بىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمىز . بۇ نۇقتىدىن بىز جاكارتادىن راباتقىچە ، تېنچ ئوكياندىن تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە سوزۇلغان بىپايان تروپىك بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان خەقلەر بىلەن دىنىي قېرىنداش بولۇپ ھېساپلىنىمىز .
ئۇندىن باشقا بىز ئىنسانلىقىمىزنى يوقىتىپ قويمىغان مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار . بۇ نۇقتىدىن
بىز پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى ئىنسانلار ( ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى بولمىغان خىتايلار ، باندىتلار ھاكىيىتى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى تاجاۋزۇچى بۆلىكى بۇنىڭ سىرتىدا ) بىلەن قېرىنداش بولۇپ ھېساپلىنىمىز .

مەلۇم بىر يەھۇدى ئالىم ئۇيغۇرلارغا يول كۆرسىتىپ شۇنداق دەيدۇ  : « ئەگەر ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولسىلا ، ھەم تۈركىي خەلقلەرنىڭ، ھەم مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ، ھەم غەرپ خىرىستىئان ئەللىرىنىڭ ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ياردىمىگە ۋە تولۇق قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلاردا باشقا مىللەتلەردە تېپىلمايدىغان ئالاھىدە بىر خۇسۇسىيەت بار بولۇپ ، بۇ ئالاھىدىلىك ئۇلارنى پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ » .

بىزنىڭ مەسىلىمىز ئاللىبۇرۇن نوقۇل دىنىي مەسىلە بولۇشتىن ھالقىپ كەتتى . 1762 - يىلدىن 1862 - يىلغىچە ئىسلام دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن دىنىي مەسىلە دەپ قارالغان مەسىلىمىز ھەر خىل مۇسۇلمان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە قوشۇن تەرىپىدىن ھەل قىلىنىپ ، مانجۇرلارنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى يۈز يىللىق ھەربىي مۇستەملىكە دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى . ئەمما چاررۇسىيە ۋە بۈيۈك بېرىتانىيە بىزنىڭ مەسىلىمىزنى زور سىياسىي مەسىلە دەپ قاراپ ، قايتىدىن مانجۇرلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويغان بولسا،
55 يىلدىن كېيىن سىتالىن مەسىلىمىزنى ھەم دىنىي مەسىلە ھەم سىياسىي مەسىلە ھەم تارىخىي مۇھىم مەسىلە دەپ قاراپ جاللات شېڭ شىسەينى شىللىمىزغا مىندۈرۈپ قويدى. 1949 - يىلغا كەلگەندە ، ۋەتىنىمىز قايتىدىن ئەنگلىيە - ئامېرىكا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئارىسىدا قېلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى سوۋېتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن غايەت زور تەھدىت دەپ قارىلىپ ، يەنىلا قىزىل خىتاي يەلكىمىزگە زورلاپ مىندۈرۈلدى . بۇنداق بولغاندا كېيىنكى يەتمىش يىللىق ئاسارەت دەۋرىدە باندىتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەتلەر نوقۇل « دىنىي مەسىلە » ياكى
« مىللىي مەسىلە » دەرىجسىدىلا تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ . بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار « دىنىي مەسىلە » ياكى « مىللىي مەسىلە » دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىشتە تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك . ھەر ئىككى ئاتالغۇنى قوللىنىدىغان سورۇن ئايرىم . ئەمما بۇنى يۇغۇرۇپ بىرلا ئىبارىگە يىغىچاقلاش زۆرۈر بولغاندا ئۇنداقتا « خەلقىمىزنىڭ مەسىلىسى تاجاۋۇز قىلغۇچى باندىتلار بىلەن تاجاۋۇزغا قارشى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە »ياكى
« مىللەت سۈپىتىدە خەلقىمىزنى ۋاستە تاللىماي يوقاتماقچى بولغان دۈشمەنلەر بىلەن يوقىلىشقا قارشى خەلقىمىزنىڭ قارشىلىق مەسىلىسى » ، « شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكىگە قارشى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى ماماتلىق مەسىلە » دەپ قارىلىشى كېرەك .

يىغىپ ئېيتقاندا ، بىزنىڭ مەسىلىمىز ئەڭ باشتا نوقۇل دىنىي مەسىلە بولۇشتىن ۋە خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىي مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئېغىر مىللىي مەسىلە ۋە خەلقئارالىق زور سىياسىي مەسىلىگە ئايلانغان بولسا ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ ئۆتۈپ ۋىجدان ۋە ئىنسانلىق مەسىلىسىگە ئايلىنىپ ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر بولغان مەۋجۇتلۇق ۋە ماماتلىق مەسىلىسىگە ئايلاندى .

باندىتلار دەل مۇشۇ چوڭ يەردىن سۆز ئېچىشىمىزنى خالىمامدۇ ئەيتاۋۇر بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ بىزنىڭ مەسىلىمىزنى قاتتىق كىچىكلىتىپ ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىدەك تۇيغۇ بېرىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ . بۇرۇن باندىتلار ھەر قېتىم بايانات ئېلان قىلغاندا ھەمىشە : « بۇ دىنىي مەسىلە ئەمەس ، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس ! » دەپ كۈچەپ بىلجىرلايتتى . ئەمما ھازىر ئۇنداق دېمەيلا خىجىل بولماستىن : « بىز تېررورلۇققا مايىل ۋە ئاشقۇن دىنىي ئۇنسۇرلارنى داۋالاپ ساقايتىۋاتىمىز ! » دەپ ئوچۇق كاززاپلىق قىلىۋاتىدۇ .

نەچچە كۈن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان « ئولىسى ۋەقەسى » ئەمەلىيەتتە ئۇندىن بۇرۇنقى تۈركىيەنى مەركەز قىلغان دىنىي گۇرۇھلار بىلەن ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان مىللىي ئاكتىپلار ئارىسىدا قوزغالغان « خەلقىمىزنىڭ ( خىتايدىن باشقا بارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە) مەسىلىسى دىنىي مەسىلىمۇ ياكى مىللىي مەسىلىمۇ !؟ » تالاش - تارتىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىدۇر خالاس ! تولىمۇ ئەپسۇس « چالا تېۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر » دەپ،
تۈركىيە تەرەپ « دىنىي مەسىلە بۇ !» دەپ كېسىپ ئېيتسا ، غەرپ تەرەپ « مىللىي مەسىلە بۇ ! » دەپ كېسىپ ئېيتىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى چىقماس مارافونچە بىر قۇرۇق تالاش - تارتىش ئىسراپچىلىقى باشلىنىپ كەتتى. ئاخىرىدا جازا لاگىرلىرى ھەققىدە لىللا گۇۋاھلىق بەرگەن ئالبان مۇخبىر ئولىسى يازىجىمۇ بۇ تارتىشقا كىرىپ قالدى . تۈركىيە ئۇيغۇرلىرى ئولىسىنىڭ بايانلىرىدىن سۈيۈنۈپ ھاياجان بىلەن مەدھىيەلەرنى ياغدۇرۇۋاتقان شۇ نازۇك دەقىقىلەردە ئەجەللىك بىر تارىخىي خاتالىق سادىر قىلغاننى ئاز دەپ ، شەرەپلىك ۋە ھەققانىي مەسىلىمىزنى غەرپنىڭ سۇيقەستى، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنىشى ۋە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پىلانلاپ چىققان تۈركىيەگە ۋە خىتايغا قارشى ئويۇنى دېگەن سەپسەتىلىرىنى تەستىقلاپ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىقىنى ھېس قىلمىدى. قارشى تەرەپمۇ خەلقىنىڭ ھېسسىيتاتىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىدى . ئەگەر بۇ خاتالىق ۋاختىدا تۈزۈتىلمىسە ، دوغۇ پېرىنچەكنىڭ قۇززاتنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ، غەرپتىكى بارلىق مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى غەرپنىڭ خىتايغا قارشى قوللانغان كوزۇرى ۋە ئويۇنى ، ھەتتا « ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى گۈلەنچى » دېگەن تۆھمىتى تۈرك خەلقى ئىچىدە يىلتىز تارتسا ، نەچچە يىلغا قالماي ، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت ئالمىشىپ قالسا ، « ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاق پارتىيەنىڭ كېمىسىگە چىقىرىپ قويغان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر شۇ كېمە بىلەن بىللە غەرق بولىدۇ » . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن خۇددى 1997 - 2001 - يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن قوغلانغاندەك قوغلىنىدۇ .

شۇڭلاشقا پاك ، قۇتلۇق ۋە ھەققانىي كۈرەش ھەرىكىتىمىز ۋە ماماتلىق مەسىلىمىزنى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ياكى قارا قوللارنىڭ كېمىسىگە چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ . مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار ھېچقانداق پارتىيەگە ئېغىپ كەتمەي بىتەرەپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغان . ئەمما ھازىرقى ئۇلارنى ياراتمايدىغان نادان قېرىنداشلار تېخى شۇلارچىلىك سەۋىيەگە يەتكىنى يوق . ئۆزگىلەرگە ياخشىچاق بولىمەن دەپ ، ئۆزگىلەرنىڭ پىكرى ئوخشاش چىقىپ قالغىنى ئۈچۈنلا « شەخسىي كۆز قارىشىنى مىللەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتىدىن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئۈستۈن قويۇش  يا نادانلىق ، يا ئەقلىدىن ئاداشقانلىق ياكى خائىنلىق ۋە مىللىي مۇناپىقلىقتۇر ! بۇنىڭ باشقا ئىزاھى پەقەت يوق.

شۇڭا تارىختا ھەل بولۇپ بولغان ، مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋ بىلەن ئابدۇللا روزىباقى 1920 - يىلىلا ھەل قىلىپ بولغان ، ئەلىخان تۆرىمۇ
1966 - 1969 - يىللىرى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان « ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكنىڭ دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولمىسا  ئۇنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنى جان  تىكىپ ساقلاپ قېلىش قارارى » نى بىزنىڭ يەنە قايتا تالىشىپ ، بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمىز ھاجەتسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇھاجىرەتتە تېخى بۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلگىنىمىز يوق . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ تېخى ئۇنىڭ بىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتىمۇ يوق . پەقەت دۇنياغا زادى قايسى كىملىكىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمىز دەيدىغان سوئاللا بۇ تېتىقسىز تالاشقا سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ . ئۇنداقتا مەن سىلەرگە 100% توغرا ۋە لىللاھ جاۋاپ بېرەي :

1. « ئۇيغۇر تۈركلىرى » تۈركىيەدە تۈرك كىملىكىنى داۋاملىق بازارغا سېلىپ بارلىق ( دىنسىز ۋە دىنلىق )تۈركلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار . يالغۇز ئاق پارتىيەنىڭ كېمىسىگە چىقىۋېلىش كەلگۈسىدە يىراق ياۋروپاغا قوغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2 . ئەرەبچە تەپەككۇر قىلىدىغان ، ئەرەب ئەللىرىدە دىن ئوقۇغان ، ئەرەبكە ھەۋەس قىلىدىغان ، جۈملىدىن بارلىق دىنىي زات ، موللا - ئۆلىما ، تالىپلار ئىسلام دۇنياسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن دىنىي كىملىكنى تەكىتلەپ تۇرۇپ قوللاشنى تەلەپ قىلسۇن !
3 . ياۋروپا ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى تەكىتلىمەي، نوقۇل مىللىي كىملىكنىلا كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! ياپوندىكىلەر ئۇ ياۋا ھونلارغا بىزنىڭ ئەسلى ھونلىقىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! موڭغۇللارغا ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسۇن !
مانا شۇنداق بولغاندا ھەم بىھۇدە تالاش چىقمايدۇ ، ھەم باندىتلار ۋاقىتتىن ئۇتۇۋالالمايدۇ . ئەمما قەستەن بۇ ئىككى كىملىكنى زورلاپ قارمۇ - قارشى قىلىپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ جېدەلگە سالىدىغان  قانداق بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا ، مەيلى ئۇ يۇقىرى دىپلوملۇق زىيالى بولسۇن ، ياكى يوغان سەللىلىك موللام بولسۇن ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا  پەقەت ئۈچلا  باھا بېرىشكە بولىدۇ .
يا « جاھالەت » يا « خىيانەت »
يا « تارىخىي جىنايەت » . بۇنىڭ باشقا ئىزاھى يوق ! جاھالەتتىن بولسا ئۇنىڭ جەبرائىلى بىز ! خىيانەتتىن بولسا ئۇنىڭ ئەزرائىلى بىز ! تارىخىي جىنايەتكە يەتسە ئۇنىڭ سىتالىنى بىز !

ئېسىت ، ھەر قېتىملىق سۇيقەستلەرنىڭ تېگىگە يەتكەندە ئاللىبۇرۇن كېچىكىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز . چۈنكى بىزنىڭ تېخىچە باندىتلارنىڭ يامان نىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ ئومۇميۈزلۈك قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن پۇتىننىڭ كەلگۈسى يۈز يىلدا تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئارزۇسى ( تاتارلار ۋە كاۋكازىيە خەلقىنى سىلىق رۇسلاشتۇرۇش ) خىتايلار تەرىپىدىن 10 يىلغا قالمايلا ئەمەلىلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ .

ئاخىرىدا تىبەت يازغۇچىسى تاڭ دەنخۇڭنىڭ
« خىتاي - تىبەت مۇناسىۋىتى » ھەققىدىكى مۇنۇ بايانلىرىنى ئوبدان ئوقۇپ ئويلىنىپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز :

تۆتىنچى. "كومپارتىيە-تىبەت مەسىلىسى": ئۇقۇمى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر مەسىلە

تىبەت مەسىلىسىنىڭ گەرچە ئېنىق ۋە مۇقىم بىر ئېنىقلىمىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تىبەتنىڭ قەدىمقى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىن نەزەر سالغاندا، شۇنداقلا خەلقئارا تىبەتچىلىك ئىلمىي ساھەسىنىڭ ئاكادەمىك خۇلاسىسى ۋە خەلقارا قانۇنشۇناسلىق ساھەسىنىڭ نەچچە قېتىملىق تەكشۇرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇنداق دىسەك تېخىمۇ تارازىغا توختايدۇ: خىتاي چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تىبەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئىنكار قىلىپ، بىر قاتار تىبەت-خىتاي توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.1949،1950-يىللىرى خىتاي ئۇرۇش ۋە قوراللىق تەھدىت ئارقىلىق تىبەتنىڭ زىمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، بۇ تىبەت مەسىلىسىدىكى ھەل قىلغۇچ نۇقتىدۇر. ئۇندىن سىرت يەنە تىبەتنىڭ يات دۆلەت خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، يات مىللەت خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مىللىي مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرمۇ بار.

مىللىي مەسىلە تار مەنىدىن ئالغاندا ئوخشاش بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق جەھەتلەردىكى زىددىيەت توقۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ دۆلەت زىمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ. كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، يات مىللەتنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى (مەسىلەن، كوسوۋو مۇستەقىللىقى) ۋە مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  يۇقۇرقىلاردىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، تىبەت مەسىلىسى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان 100 نەچچە يىلدىن بېرى، جۇڭگونىڭ تىبەتنى ئىشغال قىلىش مەسىلىسى ھەم خىتاي-تىبەت ئارىسىدىكى مىللىي مەسىلە تەڭ مەۋجۇتتۇر. بولۇپمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرى تىبەتكە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، تىبەت مەسىلىسىدە تىبەت-خىتاي مىللەتلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدىنىيەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلار تېخىمۇ گەۋدىلەندى.تىبەتلەر قوزغىلاڭ قىلغاندا ھەم خىتايغا، ھەم كومپارتىيىگە قارشىلىق قىلدى. ئەمما نورمال ئەھۋالدا، ئۇلار كونا جۇڭگولۇقلار ۋە يېڭى جۇڭگولۇقلار (كوممۇنىستلار) نى پەرقلەندۈردى. مەن تىبەت مۇساپىرلىرىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇلار "گومىنداڭ خىتايلار، كوممۇنىست خىتايلار، خىتايلار" قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەن بۇ يات مىللەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋردە ئۆزىگە سالغان زۇلۇملىرىنى تەسۋىرلىدى. تىبەت ئىشغال قىلىنغاندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە، تىبەتلەرنىڭ قارشىلىقى ھەم يات دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزىغا بولغان قارشىلىق، ھەم كوممۇنىزىم ئىدىئولوگىيەسى مۇستەملىكىچىلىكىگە بولغان قارشىلىق، ھەم ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيەت جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇش مۇستەملىكىچىلىكىگە بولغان قارشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى مۇستەقىللىقنى قولغا ئېلىش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولسۇن، مەيلى ئالىي ئاپتونومىيەگە ئېرىشىش بولسۇن، يالغۇز كومپارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ھەم يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىمۇ رەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللىي مەسىلىنىڭ تار ۋە كەڭ مەنىدىكى ئېنىقلىمىسىغا ماس كەلىدۇ. شۇڭا، تىبەت مەسىلىسىنى "مىللىي مەسىلە ئەمەس" دىيىش سىياسىي قاقۋاشلىقتۇر.  بۇ يەردىكى مىللىي مەسىلىنى چەتكە قېقىش ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەىس.
بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، "تىبەت مەسىلىسى كومپارتىيە بىلەن تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە" دىگەندەك ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىگە يېڭىۋاشتىن ئېنىقلىما دائىرىسى بېكىتىشتۇر. ئاندىن بۇ دائىرە ئىچىدىكى لوگىكىغا ئاساسەن، خىتاي دۆلىتى ئۆتكۈزگەن 'زىمىننى يۈتۈۋېلىش، ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، مەدىنىيىتىنى يوقىتىش، ئىقتىسادىي كونترول ۋە بۇلاڭچىلىق مەقسىتىدە يەنە ئايرىم بىر دۆلەت بولغان تىبەتكە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاش، قوراللىق كۈچ بىلەن مۇستەملىكە قۇرۇش ۋە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش، زور قىرغىنچىلىق، مەدىنىيەت قىرغىنچىلىقى، مۇھىت بۇزۇش ...' قاتارلىق بىر قاتار خەلقارالىق جىنايى قىلمىشلارنى مەلۇم بىر جىنايەت گۇرۇھى (خىتاي كومپارتىيەسى) ئۆتكۈزگەن قىلمىش قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

خەلقارا جىنايەتنى دۆلەت سادىر قىلىدۇ، بۇ دۆلەت ئاپاراتلىرى، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن گەۋدە ۋە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرگىزمۇ ھاكىممۇتلەق دۆلەت بولغىنىنى باھانە قىلىپ پارتىيىۋى ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەتنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بىر دۆلەت تاجاۋۇز ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەندە، ھەر ۋاقىت شۇ دۆلەتتىكى ئاۋام خەلقنىڭ روھىي ۋە ئىجتىمائىي قوللىشىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ئاۋام خەلق باشقا شەكىلدە بۇ جىنايەتكە قاتنىشىدۇ. پۇقرالار بولسا مۇستەملىكىچىلىكتىن ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپە'ئەتتىن ئازدۇر-كۆپتۇر بەھرىمان بولىدۇ.

تەشكىللىك جىنايەت (مەيلى تەشكىلاتىنىڭ كۆلىمى قانچىلىك زور بولسۇن ۋە ياكى دۆلەت ھالقىغان بولسۇن) بىلەن دۆلەت جىنايىتىنىڭ ئەڭ زور پەرقى شۇكى، 'تەشكىلاتلار' (قارا گۇرۇھلار، شايكىلار) يوشۇرۇن بولىدۇ، قانۇنسىز بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەشكىلات ئەزالىرى ئىجرا قىلىدۇ. تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت خاراكتىرىگە ئىگە بولمايدۇ، تەشكىلاتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى دۆلەت ئارمىيىسى بولالمايدۇ، تەشكىلاتنىڭ سالاھىيىتى دۆلەتكە ۋە دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنى بىر قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېنىقلىما بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا پىكرىم يوق، تالاشقۇممۇ يوق، ئەمما شۇنى سەمىگە سالىمەنكى، 1930-يىللاردا كومپارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە قارلىق تاغدىن ۋە چوڭ يايلاقلاردىن ئۆتكەندە، تىبەتلەر ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى پەقەت خوشنا دۆلەتتىكى بىر قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلاتنىڭ پاراكەندىچىلىكى دەپ قارىغان، يەنى قىزىل خىتاي باندىتلىرى دەپ ئاتىغان. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت تىكلىگەندىن كېيىن بولسا، ب د ت نىڭ مەسلىھەت ئاپاراتى بولغان "خەلقارا قانۇنچىلار كومېتىتى"نىڭ دوكلاتىدا "تىبەت ۋە جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى" دەپ ئېلىنغان. ب د ت نىڭ تىبەتكە ئالاقىدار نەچچە قارارىدىمۇ ئوبىكتى "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى" دەپ ئېلىنغان.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ يوم كىپپۇر كۈنىدە يېزىلدى.
تېل ئاۋىۋ شەھرى.

باندىتلار بىزنىڭ ھەر قانداق ھادىسسلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇپ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزنى بەش قولدەك بىلگەچكە ، بىزنى شۇ بويىچە ئەخمەق قىلىپ كېتىۋاتىدۇ .

لاگىرلار قۇرۇلۇپ ، تۇتقۇن قىلىنىش باشلانغان چاغدا ، « ئۆيدىكىلەرنى ئەكىرىپ كەتمىسۇن» دەپ سۈكۈت قىلدۇق . ئەكىرىپ كەتكەندە،
« تۈرمىگە ئېلىپ كەتمىسە بولدى » دەپ سۈكۈت قىلدۇق . تۈرمىگە تاشلانغاندا ،
« ئېتىپ تاشلىمىسا بولدى » دەپ سۈكۈت قىلدۇق . ۋىرۇس تارقالغاندا ،« يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتمىسە مەيلى » دەپ سۈكۈت قىلغان بولساق ، ئاچارچىلىق باشلانغاندا ،« ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمىسە مەيلى » دەپ سۈكۈت قىلدۇق. ئەمما دۈشمەن قىلغۇلۇقنى بەخىرامان قىلىۋەردى . مانا بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر بېشى ۋە يېتەكچى لېدىرى بولمىغانلىقىنىڭ بىۋاستە زىيانلىرىدىن بىر كارتىنا خالاس .

ئەمما ۋەتەندە 2015 - 2016 - يىللىرى پاسپورتنى تۆكمە قىلىپ بېجىرىپ بەرگەن باندىتلار 2017 - يىلدىن باشلاپ ، پاسپورت بېجىرگەنلەرنى « نېمىشقا بېجىردىڭ !؟ » ،
بېجىرمىگەنلەرنى « نېمىشقا بېجىرمىدىڭ !؟»،
چەتكە چىققانلارنى « نېمىشقا چىقتىڭ !؟ » ،
بېجىرىپ چىقمىغانلارنى « نېمىشقا بېجىرىپ قويۇپ چەتكە چىقىمىدىڭ !؟ » دېگەندەك تېتىقسىز سوئال - سوراق ۋە قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىپ ، يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن لاگىرلارغا سولىۋالدى. ئۇنى ئاز دەپ لاگىر سىرتىدىكى ئادەملەرنى ھەر خىل تەھدىتلەر بىلەن قورقۇتۇپ يۈرۈپ، ساراڭ قىلىۋەتتى. مانا ئەمدى سىرتتىكى قالدۇق خەلقىمىز « لاگىرغا سولايمىز ! » دېگەن گەپتىن ئۆلگىدەك قورقۇپ، باندىتلار ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر غالچىلىرى قانداق ئىشقا بۇيرۇسا ، شەرتسىز ئىجرا قىلىدىغان ھالغا كەلدى . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ۋەتىنىمىزدىكى مەلۇم جايغا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقتا « بىر ھەپتە ئىچىدە بارلىق ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنى چېقىپ تاشلاپ ، خارابىسىنى ۋە ئىزىنى يوق قىلىپ ، ئاتالمىش ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈش » كېرەكلىكى ، خىلاپلىق قىلغان ياكى كېچىكىپ قالغانلارنىڭ « مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇللىقى » قاتارلىق تەھدىتلەر ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان . ئاچارچىلىق خەۋپى ۋاقىتلىق يوقىلىشى بىلەنلا باندىتلار تېخى ھاۋا ئىللىماستا تارىم ۋادىسىدا خەلقىمىزنى ئۆز قولى بىلەن ئاتا - بوۋىلىرى سالغان ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چاقتۇرۇپ ، پۈتۈن خەرىتىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق سىزىپ چىققان « خۇسۇسىي تۈرمە - ئاتالمىش ئەمىن ئۆيلەر » گە كۆچۈرۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ  !؟؟

كاللامغا ھېچنىمە كەلمىدى . پەقەت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قىرىمنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىنلا بىر ھەربىي كېڭەش يىغىنىدا ئوچۇقتىن ئوچۇق :
« قازاقلار يا تارىختا دۆلەت قۇرۇپ باقمىسا، يا ئۇلاردىن قالغان ھېچقانداق قەسىر - ساراي ، قازاقچە ئۆي - ئىمارەتلەر بولمىسا !؟ نەدە ئوت - چۆپ بولسا ، شۇ يەرگە كۆچۈپ چېدىر تىكىپ ياشايدىغان بۇ مىللەتنىڭ بۈيۈك رۇس خەلقى تەر تۆكۈپ ئاچقان بىپايان زېمىنغا ئىگە بولۇش ھەققى بارمۇ !؟ دەپ قازاقىستاننىڭ شىمالىغا چىشىنى بىلىگەندە ، زېرەك نۇر سۇلتان نەزەربايېف دەرھال سىلىق رەددىيە بېرىپ :
« قارىغاندا جانابىي پۇتىنغا بىر تارىخ كىتابى سوۋغا قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ » دېگەن.
شۇندىڭدىن كېيىنلا « قازاقىستان ئىككىنچى ئۇكرائىنا بولۇپ قالامدۇ !؟ » دېگەن مۇنازىرە تور دۇنياسىنى بىر ئالغان ئىدى . ئەمما بەششار ئەسەدنىڭ يېلىنىشى ، قاسىم سۇلايمانىنىڭ 2015 - يىلى 22 - ئىيۇلدىكى مۇتلەق مەخپىي زىيارىتى پۇتىننىڭ دىققىتىنى سۈرىيەگە يۆتكەپ شۇ يىلى 30 - سېنتەبىردىن ھازىرغىچە سۈرىيە پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قازاقىستاننىڭ ئەندىشىسى بېسىقتى . ئەمما قازاقىستان دەرھال قازاق مىللەتچىلىكى ۋە مىللىي روھىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى . ئۇندىن سىرت پايتەخت ئاستانا ( نۇر سۇلتان ) دىكى 98% كوچىلارنىڭ نامىنى قازاقچىگە ئۆزگەرتىپ بولدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، باندىتلار بۇ جەھەتتە يەنىلا بىزدىن بالدۇر ھەرىكەتنى باشلىدى . بىز
« ئولىسى ۋەقەسى » گە ئالدىنىپ زېھنىمىزنى ئىسراپ قىلىپ يۈرگەندە 20 - فېۋرالدىن ئېتىبارەن باندىتلار ئۆي چېقىش دولقۇنى قوزغىدى . مىللىي مەھەللىلەر يوق بولىدىغان بولدى . ۋەتىنىمىزدىكى ھەر بىر مىللىيچە قۇرۇلۇش بىر تارىخ ئىدى .........

يەر ناملىرى ئۆتمۈشنىڭ تامغىسى بولغىنىدەك مىللىيچە مەسچىت - مەدرىسىلەر ، ئوردا - سارايلار ۋە ئۆي - ئىمارەتلەرمۇ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىقنىڭ ئوچۇق پاكىتلىرىدىن بىرى. ئەجەبا يېقىن كېلەچەكتە باندىتلار بىزدىن چاققان چىقىپ ، نوپۇسىمىزنى مەجبۇرىي ئازايتىپ بولۇپلا « ئومۇمىي بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىپ ، ۋەتىنىمىزنى خۇددى ئورۇسلار 2014 - يىلى قىرىمدا سايلام ئۆتكۈزۈپ ، 60% ئورۇسلارنىڭ ئاۋازى بىلەن قىرىمنى قانۇنلۇق قوشۇۋالغىنىغا ئوخشاش قانۇنلۇق قايتىدىن قوشۇۋېلىش پىلانىنى باشلاپ كەتتىمۇ !؟ ئەگەر ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە تاللاش ئىختىيارى بېرىلسىمۇ ئۇلار نەچچە يىلدىن بۇيانقى روھىي زەربىلەردىن كېيىن يەنە قانداق ئاۋاز بېرىشى مۇمكىن !؟ ياكى مەن ئارتۇق ئويلاپ كەتتىممۇ !؟ قالغىنى ھەر بىر  ئەقىللىق ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئەقلىگە ۋە زېرەكلىكىگە قالسۇن ! « تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر ! » .

« ئەقىدىسى ئاجىز مۇسۇلمان تەقدىرگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ . ئەقىدىسى كۈچلۈك مۇسۇلمان مانا مەنمۇ خۇدانىڭ تەقدىرى دەپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ ياشايدۇ » . پاكىستان پەيلاسوپى ۋە دۆلەت ئاتىسى مۇھەممەد ئىقبال. 

« قاغا بىلەن بىللە بولساڭ يېيىشىڭ پوق ! »
ئەجداتلار سۆزلىرىدىن .

« شەخسىي پىكرىنى مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ۋە ئالىي مىللىي مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويۇۋېلىپ، پاك ۋە ھەققانىي مەسىلىمىزنى مەينەت دۈشمەن شەخس ۋە سەمىمىيەتسىز قارا قوللارغا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويۇپ بۇلغايدىغان كىشىلەر 21 - ئەسىردىكى ئەڭ كەچۈرۈلمەس ۋەتەن خائىنلىرى ۋە تارىخىي جىنايەتچىلەردۇر ! » . 

سايرام ئوغلانى. 

2020  - يىلى 23 - فېۋرال.  قايغۇلۇق يەكشەنبە