2020/06/04 22:32

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تەييارلىقسىز بىخۇت ۋە نادان ئۇيغۇرلار ۋە پەرۋاسىز بىۋاپا مەينەت دۇنيا

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/25 00:28

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تەييارلىقسىز بىخۇت ئۇيغۇرلار ۋە پەرۋاسىز بىۋاپا دۇنيا


دۆلەت قۇرۇپ قۇللۇقتىن قۇتۇلغان خىتاي باندىتلىرىنىڭ كاتتىۋېشى شى جىن پىڭنىڭ 70 يىللىق دۆلەتبايرىمى كۈنى پەخرلىنىپ سۆزلىگەن
2019 - 1 - ئۆكتەبىردىكى دەبدەبىلىك باياناتى 99 كۈنمۇ ئىناۋەتكە ئىگە بولمىغان . شۇ كۈنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ بۇخەۋرەنى تەڭ تارقىتىشىپ  بەرگەن ئورۇسلارمۇ ئارىدىن 133 كۈن ئۆتمەيلا چېگراسىنى تاقىۋالغان بولسا، 141 كۈن بولمايلا رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان كەلگۈندى ئاققۇن خىتايلارنى خىتايلار ئۆزى تەمىنلىگەن يۈز تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئوۋلىماقتا . « خىتاي - رۇس ئىتتىپاقى » پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى . كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ۋىرۇس پۇتىننىڭ يۈز ئۆرۈشىگە يېتەرلىك باھانە بولۇپ قالدى . كۆز كۆرگىدەك بىرەر خاتالىق ياكى باندىتلاردىن كېلىدىغان مەنپەئەتنىڭ توختاپ قېلىشى ئىككى تەرەپنى يېقىن ئىتتىپاقداشلاردىن ئەڭ ئەشەددىي رەقىپلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن . شۇ ۋاقىتتا ھودۇقۇپ ۋە مەڭدەپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغىنى يەنىلا ھازىرقى ھېچقانداق تەييارلىقى يوق ئۇيغۇرلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . چۈنكى تېررورچى تالىبانلارنىڭمۇ دۇبەيدە ۋە قاتاردا ھەممە دۆلەتكە دەرۋازىسى ئوچۇق « پاھىشخانىلارچە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى » بار . ئۇ يەرگە ھەتتا ئىسرائىلىيە ، ئىران ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەشەددىي يەھۇدى - ناسارالار ۋە ئاشقۇن شىئەلەر بىمالال كىرىپ - چىقىپ يۈرىدۇ . ئەمما قوڭىدا ئىشتان يوق ئۇيغۇرلار تېخى ھالىغا باقماي يۇقىرىقى يەھۇدى - ناسارالارنى ئوخشاش دۈشمەن دەپ قارايدۇ (ئاساسلىقى  تۈركىيەنى مەركەز قىلغان شەرقىي يېرىم شاردىكى نىسبەتەن مەدەنىيەت ۋە بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن ئۇيغۇرلار ) . ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادا تارىختا تاتارلار ۋە قازاقلار ئۈچۈن ، قوقان ۋە بۇخارا ئۈچۈن ، ئاخىرىدا بۈيۈك تۈركىستان ئۈچۈن ۋە بارلىق ئورۇسلار قولىدا ئېزىلگۈچى مىللەتلەر ئۈچۈن ئۆزىنى ھەتتا دۆلىتىنى ۋە مىللىي ئىستىقبالىنى قۇربان قىلىپ كەلگەن . جەنۇبىي ئاسىيادا بابۇر شاھلاردىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئېنگلىزلارغا قارشى قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىپ كەلگەن . 1949 - يىلدىن كېيىن كەشمىر ۋە ئەراكان ئۈچۈن دۇئا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ھەممە نەرسىسىنى ، ھەتتا دۆلىتى بىلەن ئەركىنلىكىنىمۇ قۇربان قىلىپ بولغاچقا ، دۇئا قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلالمايتتى .

ئۇيغۇرلاردىن چىققان لېدىرلارمۇ ئاداققىچە ئىسلام ئۈممەتچىلىكى ۋە تۈرك مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇردى . سابىت داموللام ، تۆمۈر ئېلى ، ئەلىخان تۆرە ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىكتېكىن ۋە مەسئۇد سابىرىلار ئەنە شۇ ئىككى ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى . ئەسلىدە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلغان تۈك - ئىسلام دۇنياسى ۋە ھازىرغىچە شۇ مۇقامنى توۋلاپ كېلىۋاتقان ئۈممەتچى ۋە تۈركچى كۈچلەر يۇقىرىقى ئالتە ئادەمنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، خاتىرىلەپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى . ئەمما ئۇنداق بولمىدى . ۋەتىنىمىزدە « ھەزرىتىم » دەپ شۆھرەت قازانغان مەمتىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ قەبرىسى كاززاپ تۈركچىلەرنىڭ سىياسىي مەركىزى ئەنقەردە توپا بېسىپ تۇرماقتا . ئۇنىڭ شېرىكى ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ قەبىرىسى تۈرك - ئىسلام دۇمياسىنىڭ 600 يىللىق سىياسىي مەركىزى ئىستانبۇل شەھىرىدە تاشلىنىپ تۇرماقتا . ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى يەنىلا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر خەلقى يوقلاپ تۇرماقتا . قىلىۋاتقان ئىشلىرىدا قانچىلىك راستچىل ۋە سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كاززاپلار بىزگە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ قويماقتا .

تۆمۈر ئېلى 1933 - يىلى 5 - ماي قەشقەرگە زەپەر قۇچۇپ كىرگەندە ھەم بۈيۈك بېرىتانىيە ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى تەڭلا ئۇنى ئۆز يېنىغا تارتتى . ياقۇپبەگ بەدۆلەتكىمۇ نېسىپ بولمىغان بۇنداق دوستلۇق پۇرسىتى ئۇنىڭغا نېسىپ بولدى . ئەمما ئۇنىڭ جاۋابى ئېنگلىزلارغا شۇ بولدىكى ، « ئېنگلىزلار ناسارا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھەم ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز قاتتىق زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ. ( 1924 - يىلى خەلىپىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ھىندىستاندا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ ، قانلىق باستۇرۇلغان). شۇڭا نۇسرەتنى ئۇلاردىن ئەمەس ، خۇدادىن تەلەپ قىلغىنىمىز ياخشى » .
سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا ئۇنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى ، « بولشېۋىكلار بۇخارايى شېرىپنى خاراپ قىلغان تۇرسا ، ھەم ئىسلامنىڭ دۈشمىنى تۇرسا ، ئۇلار بىلەن نېمىشقا دوست بولغىدەكمىز !؟ ( 1920 - يىلى 1 - سېنتەبىر ئۈچ كۈنلۈك بولباردىمان نەتىجىسىدە قىزىل ئارمىيە بۇخارا شەھىرىگە كىرىپ ، خانىۋەيران قىلىۋەتكەن).».

ئەسلىدە تۆمۈر ئېلىنىڭ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەيكىلى پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا قوپۇرۇلۇشى ۋە ئاۋامغا تەشۋىق قىلىنىشى كېرەك ئىدى . ئەمما ئۇلار تۆمۈر ئېلىنىڭ كىملىكىنى بىلىش تۈگۈل ، ئەكسىچە باندىتلار بىلەن بىر بولۇپ خەلقىمىزنىڭ قېنىغا شېرىك بولۇشتى .
شۇنداق قىلىپ 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تەقدىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن ۋەيران قىلدۇق . چۈنكى ئېنگلىزلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەن بولۇشنىڭ بەدىلى 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ مۇنقەرز بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى سىياسىي تەقدىرىمىزنىمۇ يەنە ئۆزىمىز بۇزۇپ قويدۇق .
بىزگە جاھان شۇنداق ئوڭ باققان ئىدى . 1969 - يىلى 18 - مارتتا ئەۋجىگە چىقىپ ، شۇ يىلى يازدا يادرو ئۇرۇشى دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان سوۋېت - خىتاي « مەرۋايىت ئارىلى / جېنباۋ / دامانىسكىي قوراللىق ۋەقەسى » نەتىجىسىدە خىتاي - ئورۇس ئىتتىپاقى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان . ئۇ ۋاقىتتا خىتاي تېخى بەش دائىمىي ئەزانىڭ بىرى بولمىغاچقا ، ئاۋازغا قويسىلا ، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرتسىز بىزنى قوللايتتى . ئامېرىكا قوللىغان ھامان ئۇنىڭ ئىنىلىرى بولغان ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ۋە تەيۋەنلەرمۇ قوللايتتى . بىراق ھالقىلىق پەيتتە ، يەنە كېلىپ يىغىن باشلانماي تۇرۇپلا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن ئەيسا يۈسۈپ ئەپەندى ئامېرىكا تەرەپكە « مەن يالغۇز شەرقىي تۈركىستاننىڭلا دەۋاسىنى ئەمەس ، بەلكى غەربىي تۈركىستاننىڭمۇ دەۋاسىنى قىلىمەن » دەپ جاۋاپ بەرگەن . نەخ مەيداندىكى غۇلامىددىن پاختا ئاكا بۇ ۋەقەنى ھازىرغىچە ئەلەم ۋە ھەسرەت ئىچىدە ئەسلەپ كەلمەكتە . بۇنى ئاڭلىغان سوۋېت ئىتتىپاقى قاتتىق غەزەپلىنىپ، « بۇ كالۋا ئۇيغۇرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى بار تېخى » دېيىشىپ ، يىغىننى بايقۇت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان پاجىئەلەرگە ئاساس سېلىنغان .

شۇنداق بولغاندا ، غەربىي تۈركىستان ئەللىرى 1991 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دەرھال ئەيسا يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ چىقىپ، كۈندە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرسىمۇ ئازلىق قىلمايتتى . ئەمما ئۇنداق قىلىش تۈگۈل ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا لېدىرلىرى ھەتتا ئۇنىڭ قەبرىسىگە قاراپمۇ قويمايدۇ . ئۇندىن باشقا تاكى 1991 - يىلغا قەدەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە « تۈركىستان» نامى ئاستىدا نامايىش قىلىپ كەلگەن ھەر قايسى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ۋە تاتارلار سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلىپ ، مىللىي دۆلەتلىرىنى قۇرۇلۋالغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرىغىمۇ يېقىن يولىمايدۇ . بۇ ئەھۋالنىمۇ غۇلامىددىن پاختا ئاكا ھەر يىلى ئېچىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيدۇ . ئۇنىڭ بۇندىن توپتوغرا بىر يىل بۇرۇن ، يەنى 2019 - يىلى فېۋرالدا ئېيتقان :« بىزنىڭ ھايۋانلارچىلىكمۇ ، كوچىلاردىكى لالما ئىتلار ۋە مۈشۈكلەرچىلىكمۇ  قەدرىمىز ۋە ئورنىمىز يوق ! » يۈرەك سۆزلىرى ۋە ئاھۇ - زارلىرىنى مەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمە.    چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا دۈشمەن بولۇش ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش دېگەنلىك بولۇپ ، ئۇلارچە بۇنداق قىلىش ئەرزىمەيتتى. ئەكسىچە ، تېخىچە ئۇلارنىڭ مىللىي دۆلەتلىرىگەخەۋپلىك بۈيۈك تۈركىستان ۋە چوڭ تۈركچىلىك مەپكۇرىسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ   قالغىنىدىن ، خىتاينىڭ قولىدا قۇل بولۇل ياشىغىنى ئەۋزەل ئىدى .

بۇ نۇقتىدىن بىز ئورۇسلارنى ئەمەس، ئورۇسلار بىزنى قاتتىق دۈشمەن كۆرۈشكە ھەقلىق ! تېخى سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ دەپ قوڭىدا ئىشتان يوق ، ئورۇسنى دۈشمەن دەپ يۈرگەن مىللەتكە نېمىلەرنى قىلمايدۇ ئۇلار !؟

ئەمدى خوشنا ، قېرىنداش ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار چوقۇنىۋاتقان بىر قىسىم لېدىرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ لېدىرلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى :

ئۈممەتچىلەر ۋە قوراللىق گۇرۇھلار ھازىرغىچە بېشىدا كۆتۈرىدىغان ۋە ئەسلەيدىغان شامىل باسايېف پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە شۇنداق دېگەن :« بىز ئەرەبلەرنى دەپ ئىسرائىلغا دۈشمەنلىك قىلىپ مىللىي مۇستەقىللىق يولىغا توساق قويمايمىز ! ». ( كۆك ئەرۋاھنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە مەزكۇر بايانات باسايېف 1993 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پايتەخت گروزنىدىكى ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرلۈك بىناسىنىڭ 9 - قەۋەت ، 909 - نومرۇلۇق ئىشخانىدا سەھەر سائەت 9:19 مىنۇت ئۆتكەندە زىيارەتكە كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرەب ۋەكىلىگە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ قىلغان ئۇزۇن باياناتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، ئەرەبلەر ئۇنىڭ پەلەستىن باياناتىدىن  ئاغرىنىش تۈگۈل ئۆزلىرىنىڭ چېچەنلەرنى ياردەمسىز قويغىنىدىن خىجىللىق ھېس قىلىشقان ئىكەن ). 
ئىران شىئە مەزھىپىنىڭ نائىب مەھدىسى ، ئالىي داھىي ئەلى خامىنىي قاراباغ ئۇرۇشى ھەققىدە شۇنداق دېگەن :« ئەگەر تۈنۈگۈن بىز قاراباغدا ئەرمەنىيەنى قوللىمىغان بولساق ، بۈگۈن تۈرك بايرىقى تەبرىزدە لەپىلدىگەن بولاتتى ! » . پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئاراپاتمۇ قاراباغ مەسىلىسى ھەققىدە شۇنداق دېگەن :« بىز ئېزىلگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەسىرلەر بويى ئېزىلىپ كەلگەن ئەرمەن قېرىنداشلىرىمىز تەرەپتە تۇرىمىز ! » . ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆلۈپ بېرىدىغان تۈركىيە رەئىسى ئەردوغان نەخ گەپنى قىلىپ شۇنداق دېگەن : « مەن پەقەت خەلقىمنىڭ ۋە دۆلىتىمنىڭ مەنپەئەتى قەيەردە بولسا شۇنى ئىككىلەنمەي قىلىمەن ! قايسى تەرەپتە مىللىي مەنپەئەتىمىز كاپالەتكە ئىگە بولسا مەن شۇ تەرەپتە ئورۇن ئالىمەن ! » . دەرۋەقە تۈنۈگۈن پۇتىن بىلەن ئامېرىكىغا قارشى سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەردوغان بۈگۈن ئىدلىپ مەسىلىسىدە مىللىي مەنپەئەتى بىردەك بولغان غەرپ بىلەن بىر سەپتە پۇتىنغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ . شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا مىللىي مەنپەئەتىگە زىيان سالغان غەرپ ۋە بىر قىسىم ئەرەبلەرگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ .  لىۋىيەدىمۇ شۇ.
ئەمما يۇقىرىقى سىياسىيونلۇق بۇ تۆت ئۈممەتچى ياكى ئۈممەتچى تونىغا ئورۇنىۋالغان يولباشچىلارنىڭ ئازراقمۇ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەيدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدە مىليونلىغان ئەقىللىق ئاۋام - خەق بار .

غەلىتە يېرى بىزدەك تېخىچە دۇنيانىڭ رەپتارىنى چۈشەنمەي، ۋەتەندە خەلقىمىزنى قۇل قىلىپ تاشلاپ بېرىپ، خوتۇن - قىزلىرىنى ياۋنىڭ ۋە تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئاياغ - ئاستى قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ، مىللىي ۋە دىنىي غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۈشمەننى قويۇپ، گول ۋە نادان قالدۇق خەلقنى چەتئەلدە كولدۇرلىتىپ ئەخمەق قىلىدىغان ۋە ئەمەلىي ئىش يوق گەپ بىلەن ئالدايدىغان بىر توپلۇمنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ ، مەنسىتمەيدۇ. يۇقىرىقىدەك مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان  ئەزىمەتلەر بىزدىن چىقمامدۇ!؟ ياكى يەنىلا كېچىكىپ چىقىپ، پايدىسى يەتمەمدۇ!؟
بۇلارغا يەنىلا ئاۋام ئۆزى جاۋاپ تېپىۋالسۇن!

ئاكىسىراڭلار خەلقىم ، ياتلارغا چوقۇنۇڭلار خەلقىم ، ئەجداتلارنىڭ خاتا باسقان يوللىرىدا داۋاملىق مېڭىڭلار خەلقىم ! خەلقىمىز ئۆلۈپ تۈگەپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ بارلىق بايلىقى بۇلىنىپ تۈگەپ ، ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى قالمىغاندا پۈتۈن دۇنيا بۇ مۇقەددەس تۇپراقنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلەتخانىسى قىلىپ بولسىمۇ پايدىلىنىپ كېتىۋېرىدۇ ! ئۇخلاڭلار ، بۇزۇڭلار ، ئىقتىدارلىقلارنى ۋە مىللەتنىڭ نىجاتكار مۇسالىرىنى « پىرئەۋننىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان ! » دەپ قارىلاپ « ئۆزۈڭلار بۇلبۇل دەپ باققان قاغىلار » نى لىدېر قىلىپ سايلاپ تېزراق ھالاكەت ئازگىلىغا چۈشۈپ كېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭلار !!

سايرام ئوغلانى.
2020 - يىلى 24 - فېۋرال. دۈشەنبە   .