2020/07/04 07:30

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


گوگۇلنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇشىدىن «توۋا قىلىش» قىچە بولغان تارىخ1

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/28 15:40

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

گوگۇل شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تارىخى ۋە خەلقىمىزگە قىلغان تارىخىي جىنايەتلىرى

1 . گوگىل شىركىتىنىڭ خىتايدىكى قىسمەتلىرى:

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى خىتايچە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى 2000 - يىلى تۈزۈپ چىققان، مۇلازىمەتنى بولسا 2006 - يىلى ئاپرىلدا باشلىغان. مۇلازىمەتنى يېڭى باشلىغاندا، گوگۇل خىتاينىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى چەكلىشىگە ماقۇل بولغان، ئەمما قانداق ئۇچۇرلارنىڭ زىيانلىق سانىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق توختالمىغان. خىتاينىڭ 2008 - يىلدىكى
ئولىمپىك مۇسابىقىسى باھانىسىدە ئاتالمىش
« زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ ، مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىش » ھەرىكىتى گوگۇل شىركىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈنسىرى كۈچەيتكەن . 2009 - يىلى 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ سۈركىلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بارغانسىرى ئۆزىنى « خىتاينىڭ غالچىسى » غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتقان گوگۇل شىركىتى ئاخىرى 2010 - يىلى يانۋاردا خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى جاكارلىغان .

گۇگۇل شىركىتى خىتاينىڭ 'نەزەربەنت قىلىشى'غا خاتىمە بەرمەكچى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنتېرنېتتە ئىزدەش ماتورى ئەڭ كۈچلۈك شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان گۇگۇل شىركىتى ئەمدى، خىتاينىڭ 'نەزەربەنت قىلىشى'غا خاتىمە بەرمەكچى. شۇنداقلا، بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ئىزدەش ماتورىنى قوللىنىدىغان باشقا دۆلەتتىكى كىشىلەرنى خىتاينىڭ خەككېر ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ھەتتا خىتايدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشى مۇمكىن .

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنتېرنېتتە ئەركىن پىكىر بايان قىلىشنى 'دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق' دەپ قارايدىغان خىتاي دائىرىلىرى ھازىر، گۇگۇلنىڭ ئىقتىدارىنى خىتايدىلا ئەمەس، ئىراندىمۇ كۆردى. شۇڭلاشقا خىتاي ھازىر گۇگۇلنى رىقابەت ھېسابلاپ، ئۇنى 'نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىش'قا ئۇرۇنغان ئىدى، ئەمما، گۇگۇل شىركىتى ئۆزىنىڭ 'جىنايەتكە يانتاياق بولماسلىق' دېگەن شۇئارىدىن چېكىنمىدى.

گوگۇل 'يامانغا يانتاياق' بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى، بولۇپمۇ ئەقلىي مۈلك شىركەتلىرى مەنپەئەت بىلەن ئەخلاق ئارىسىدا جىددىي بىر تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشكە، پائالىيىتىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ.

ئەمما ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت پرىنسىپى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلانماسلىقى، پىكىر ئەركىنلىكى چەكلەنمەسلىكى كېرەك. مانا بۇ سەۋەبتىن گوگۇل شىركىتى تۈنۈگۈن ( 12 - يانۋار ) بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى نازارەت قىلىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا قېتىلمىسا شىركەتنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىنى توختىتىدىغان ۋە ئىشخانىلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، گوگۇل شىركىتىنىڭ بىر قىسىم خېرىدارلىرى ئىنتېرنېت خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولغان. ئەمما، ھۇجۇمدا گوگۇلنىڭ خېرىدارلىرى چوڭ بىر زىيانغا ئۇچرىمىغان بولۇپ، پەقەت 2 ئىنتېرنېت قوللانغۇچىنىڭ تور خەت ئادرىسى ئېچىلغان ۋە ئادرىستىكى ماۋزۇلار ئوقۇلغان.

باياناتتا، ئىنتېرنېت خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى داۋاملاشقان تەقدىردە، گوگۇلنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ، گوگۇل شىركىتىنىڭ يامانلىققا ۋاستە بولماسلىق پرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

گوگۇل باياناتىدا يەنە، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىن كەلگەن ئىنتېرنېت ھاككېرلىرىنىڭ يالغۇز گوگۇل شىركىتىگە ئەمەس، بۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇل-مۇئامىلە، تېخنولوگىيە، ئاخبارات ۋە خىمىيە-سانائەت ساھەسى بويىچە 20 چوڭ شىركەتكىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنى مەزكۇر شىركەت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا ئىنتېرنېت قولللانغۇچىلىرى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 10 مىليوندىن 340 مىليونغا يەتكەن. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ 60% ى بايدۇ شىركىتى، 31% ى بولسا گوگۇل شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. گوگۇلنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان يىللىق كىرىمى 200 مىليون دوللار. گوگۇل شىركەتنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىنى قوغداش ئۈچۈن 200 مىليون دوللارلىق پايدىدىن ۋاز كەچكەن.

شىركەت باياناتىدا مۇنداق بىر زور پايدىدىن ۋاز كېچىشنىڭ شىركەت ئۈچۈن ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇزۇن-ئۇزۇن ئويلىشىش ئارقىلىق مۇشۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گوگۇلنىڭ بۇ قارارى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن John Palfrey مەزكۇر قارارنى ئادىلانە ۋە جەسۇرانە بىر قارار دەپ مەدھىيىلىگەن.

خىتاي ئادۋوكات Wen Yunchao، بۇ قارار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە تەرەپنى پۇل بىلەن بويۇن ئەگدۈرۈش ئەخلاقسىزلىقىغا بېرىلگەن جازا دەپ باھا بەرگەن. يەنە خىتايدىكى كۆپلىگەن ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى تور بەتلەردە پىكىر بايان قىلىپ، گوگۇلنى خىتايدىن چىقىپ كەتمەسلىككە چاقىرغان.

گوگۇلنىڭ بۇ قارارى بۈگۈن ئامېرىكىدىكى بىرقسىم سىياسەت ئەربابلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن Frank Wolf، گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىش قارارىنى قىزغىن قوللاش بىلەن بىللە، گوگۇلنىڭ بۇ قارارى، ئەينى يىللاردىكى مىللەتچى جەنۇبىي كورىيە بىلەن فاشىست گېرمانىيىدىن چېكىنىپ چىققان شىركەتلەرنى ئەسلىتىدۇ دېگەن. ئۇ يەنە گوگۇلنىڭ بۇ قارارى خىتايدا ئەركىنلىك ئۈچۈن ۋە ئەقەللي ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىنسانلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ دېگەن.

بۇ ۋەقەگە بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىممۇ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇ گوگۇلنىڭ باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان، سىرلىق خاككېر ھۇجۇملىرىنى جىددىي ئەندىشە ۋە گۇمان پەيدا قىلىدىغان ۋەقە دەپ كۆرسەتكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ھەقتە ئىزاھات كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گوگۇل خىتايدىن چىقىپ كەتمەكچى، خىتاي ئوسال ئەھۋالدا

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى ئالدىنقى كۈنى ( 2010 - يىلى 13 - يانۋار ) خىتايدىن چېكىنىش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر پىلان پەيدا قىلىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەسىرلەر خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىككى نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى گوگۇلنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغان بولسا، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋە ئۇچۇر - تېخنىكا مىنىستىرى مەزكۇر تېمىدا پوزىتسىيە بىلدۈردى.

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى ئالدىنقى كۈنى خىتايدىن چېكىنىش باياناتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن خىتاي دۆلەت كابىنتىدىكى ئۇچۇر ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى Wang Chen خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تۈزۈمى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىنتېرنېت مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي تاشقى باياناتچىسى بۈگۈن ( 14 - يانۋار ) گوگۇلنىڭ باياناتى ھەققىدىكى سوئاللارغا ئەپقاچتى جاۋاب بەرگەن. يەنى گوگۇلنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ چەتئەل ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تۈر جاۋابلىرى گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىش قارارىغا خىتاينىڭ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم خىتاينىڭ گوگۇل بىلەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى سۆزىدە، خىتايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سوئاللارغا جاۋابەن، Youtube نىڭ نېمە ئۈچۈن تاقالغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇر - تېخنىكا مىنىستىرى ۋاڭ چېن، "شەھۋانىي فىلىملەر، خاككېر ھۇجۇملىرى، ئالدامچىلىق ۋە ئۆسەك سۆز تارقىتىش، جۇڭگو جەمئىيىتىدە قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتىدۇ" دەپ شىكايەت قىلغان ھەم "ئىنتېرنېتتە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشتە، ئىنتېرنېت باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تەڭ مەسئۇلىيىتى بار" دەپ كۆرسەتكەن. مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزلىرى، خىتاينىڭ گوگۇلنىڭ شەرتىنى ئويلىشىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭغا كۆنمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنىڭ پەقەت سودا ۋە ئىلىم - تېخنىكا ئىشلىرىدىلا قوللىنىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا؛ ئىنتېرنېتنىڭ سىياسەتكە ۋاستە بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇڭا ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك تەدبىرلەر بىلەن ئىنتېرنېت قوللىنىشنى نازارەت قىلماقتا. ئەڭ يېقىنقى چارىلىرىدىن بىرى بولغان يېشىل توسما، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان؛ بۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت مەزكۇر تەدبىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى. بۇ قېتىم گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىش قارارىمۇ گوگۇلنىڭ خىتايدىكى خېرىدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. گوگۇلنىڭ خىتاي مۇشتىرىلىرىنىڭ سانى 80 مىليون بولۇپ، مۇشتىرىلار، گوگۇلنىڭ خىتايدىكى ئىشخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ۋەقەدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە گوگۇلنى خىتايدا تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان. بەزى مۇشتىرىلار شەخسىي بلوگلىرىدا ھۆكۈمەتنى گوگۇلنىڭ شەرتىگە كۆنۈشكە چاقىرغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گوگۇلنىڭ خىتايدىن چېكىنىشى، خىتايدىكى بايدۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنى كۈچلەندۈرۈشى ھەتتا ئۇنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشى مۇمكىن. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گوگۇلنىڭ چېكىنىشى، خىتاي مۇشتىرىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن، خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىدە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ سودا ئىشلىرى مەسئۇلى Gary Locke سۆز قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى سودا مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

نۆۋەتتە گوگۇلنىڭ چېكىنىش پىلانى ئامېرىكا  - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ باش كۆتۈرمەكتە. تۈنۈگۈن يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن كرىستوفىر سمىتمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، گوگۇل شىركىتىنىڭ قارارىنى مەدىھىيىلىگەن. كرىستوفىر باياناتىدا، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ، شۇنداقلا ئەركىنلىكنىڭ ۋاسىتىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھەرگىز خەلققە زۇلۇم سالىدىغان ۋاستە بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن، ئۇ بۇ نۇقتىدا مۇنداق دېگەن: "دىكتاتورلار مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى نەرسىگە مۇھتاج، بىرى تەشۋىقات، يەنە بىرى پايلاقچى؛ ئەگەر ئىنتېرنېت ھۆكۈمەت تەرەپتىن سۇيىئىستېمال قىلىنسا، يۇقىرىقى ئىككى خىل ۋاستىنىڭ ھەر ئىككىسى بولالايدۇ."

كرىستوفىر سمىت باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قانۇنى لايىھىسىنى دۆلەت مەجلىسىدە پات يېقىندا ئاۋازغا سېلىشقا چاقىرغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئۆتكەن يىلى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن، ئومۇمى مەجلىستە تېخى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ئىدى.

بۇ قېتىم گوگۇلنىڭ شىركەتنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىنى قوغداش ئۈچۈن 200 مىليون دوللارلىق كىرىمىدىن ۋاز كېچىشى، شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە تىجارەتتە تېخىمۇ ئۇزاقنى كۆزلەش دەپ قارالماقتا. يەنە بەزىلەر، گوگۇلنىڭ بۇ قارارىدا گوگۇل شىركىتىنىڭ باشلىقى سەرگېينىڭ ئائىلە تارىخىنىڭ رولى بارلىقىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا. سەرگېي بالا ۋاقتىدا يەنى 1973 - يىلى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى، كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.

يەنە بەزى مەتبۇئاتلاردا، گوگۇلنىڭ بۇ قارارىدا شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ رول ئوينىغانلىقى بايان قىلىنماقتا. يەنى گوگۇلنىڭ يىللىق كىرىمى 22 مىليارد دوللار بولۇپ، 200 مىليون دوللارلىق پايدىدىن ۋاز كېچىش، شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا دەخلى قىلالمايدىغانلىقى يېزىلماقتا.

خىتاي گوگۇلغا ئوچۇق گېپىنى قىلدى
گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلسا، شىركەتنىڭ خىتايدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىگە ھازىرغا قەدەر ئېنىق ۋە ئۇدۇل جاۋاب قايتۇرمىغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈردى .

باياناتچى بۈگۈنكى ( 19 - يانۋار ) ئىپادىسىدە، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ، چوقۇم خىتاينىڭ قانۇنىغا قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى، گوگۇل شىركىتىنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بېرى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم گوگۇل شىركىتىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئوچۇق ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، گوگۇل شىركىتى يۈز بەرگەن خاككېر ھۇجۇملىرى مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە، شىركەتنىڭ خىتاي خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تۈنۈگۈن يەنە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ بىر قىسىم ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خاككېر ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي بۈگۈن بۇ مەسىلىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ھىندىستانغا خىتاي تەرەپتىن خاككېر ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان؛ ئەكسىچە خىتاي ئۆزىنىڭ خاككېر ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

گوگۇل شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى - بىر تەرەپكىلا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق :

خىتاي غەرپ تاراتقۇلىرىنى چەكلەيدۇ، غەرپنىڭ گوگۇل، فېيىسبۇك، يۇتيۇپ قاتارلىقلارنىمۇ چەكلەيدۇ، لېكىن خىتاينىڭ تاراتقۇلىرى، ئەپلىرى، ئىزدەش ماتۇرلىرى ھەممە يەردە ئوچۇق. شۇڭا خىتاي خەلقىنى نېمىدىن مەھرۇم قويسا دۇنيامۇ خىتاينىڭ يۇقاردىكى ۋاستىلەرنى پۈتۈن دۇنيادا قوللىنىپ جاسۇسلۇق ۋە تەشۋىقات قىلىشىدىن چەكلىشى كېرەك. خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلىسە دۇنيامۇ خىتاينىڭ يالغانچى تاراتقۇ ۋە ۋاسىتىلىرىنى چەكلىشى كېرەك. مانا بۇ بىرىنچى قەدەم. قېنى ئىمزا قويۇپ قوللاڭ، خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاستىلەرنى ئامېرىكىدا چەكلەيدىغان ۋاقىت كەلدى.

گوگۇل مەسىلىسى چەتئەل شىركەتلىرىنى خىتايغا مەبلەغ سېلىشتا ئىككىلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئامېرىكا - خىتاي سودا ئىشلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: "گوگۇلنىڭ خىتايدا خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراش مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن،" دېدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، ئوچۇق - ئاشكارە ۋە قانۇنغا ئاساسەن ئىش قىلغاندىلا ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خاتىرجەم قىلالايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئەنگلىيىدە ئېچىلىۋاتقان ئافغانىستان يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم يىغىن جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، گوگۇل مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ بايانات بېرىپ: "گەرچە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىندىن بېرى گوگۇل مەسىلىسى، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار سۈركىلىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى داۋام قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،" دېگەن.

2 . گوگۇلنىڭ بەش يىلدىن كېيىن قايتىدىن خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى ۋە ئىككى يىل كېيىنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىكى تۆھپىسى:

گوگۇل بۇ يىل كۈزدە خىتاي بازىرىغا قايتا كىرىدىكەن

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى شىركىتى ¡X گۇگۇل (Google) بۇ يىل كۈزدە خىتاي بازىرىغا قايتا كىرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇگۇل شىركىتى نۆۋەتتە Google Play (گۇگۇل بازىرى) نىڭ خىتايچە نۇسخىسىنى خىتاي بازىرىغا ئېچىش ئۈچۈن تەستىق ئېلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

گۇگۇل 2006 - يىلى خىتاي بازىرىغا تۇنجى قېتىم كىرگەندە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىلىرىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى مەزكۇر شىركەت 2010 - يىلى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن تىركەشكەن ۋە ئاخىرى شۇ يىلى مارتتا خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى تاقاپ، مۇلازىمېتىرىنى خوڭكوڭغا يۆتكىگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى بايات ئېلان قىلىپ، گۇگۇلنى ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە: «گۇگۇلنىڭ قارارى بۇ پۈتۈنلەي خاتا بولدى» دېگەن ئىدى.

گۇگۇلنىڭ بۇ نۆۋەت يەنە قانداق شەرتلەر ئاستىدا خىتاي بازىرىغا كىرىشنى قارا قىلغانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى نامەلۇم.

گوگۇلنىڭ ماركا قىممىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن . ( 2017 - يىلى 2 - فېۋرال)

ئىنتېرنېت گۇرۇھى ۋە ئىزدەش موتورى گوگۇل، «دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى» تىزىملىكىدە 6 يىلدىن بۇيان بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تېخنولوگىيە گۇرۇھى ئالما شىركىتىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىن 
ئورۇن ئالدى .

مۇستەقىل مەسلىھەت بېرىش شىركىتى «‫Brand Finance‬» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2017 - يىللىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 500 شىركىتى ناملىق دوكلاتىغا قارىغاندا، گوگۇلنىڭ ماركا قىممىتى ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا %24 ئېشىپ، 109 مىليارد 500 مىليون دوللار يەتتى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىسىغا ئايلاندى.
بۇ يىل ماركا قىممىتى 107 مىليارد 100 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان ئالما شىركىتى بولسا، دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئىككىنچى قاتارغا چېكىندى.
دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا گۇرۇھى ئامازون بولسا، 106 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.
تىزىملىكتە ئامېرىكىنىڭ تېلېكوم گۇرۇھى ‫AT&A‬ تۆتىنچى؛ مىكروسوفت بەشىنچى، سامسۇڭ ئالتىنچى، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر تېلېكوم شىركىتى ۋېرىزون يەتتىنچى، ۋالمارت سەككىزىنچى، فەيسبۇك توققۇزىنچى ۋە خىتاي سودا - سانائەت بانكىسى ئونىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.  ( داۋامى بار ) .

ماقالىنىڭ ئاخىرىنىڭ ئۇلىنىشى :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=505.0