2020/06/04 21:50

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئىسلام دۇنياسى يەنە بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇرىدىن ئايرىلىپ قالدى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/29 03:54

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئىلىم - مەرىپەت كۆكىدىن يەنە بىر چولپان يۇلتۇز ساقىپ كەتتى

1931 ـ يىلى 28 - فېۋرال قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ ئوت پىلتىسى« شوپۇل ۋەقەسى » يۈز بەرگەن.( قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ئىشغالچى باندىت خىتتاي كوماندىرى قۇمۇللۇق بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان.
رەت قىلىشقا ئىمكان تاپالمىغان خەلق سالىھ دورغىنىڭ پىكرى بويىچە 27 ـ فېۋرال كەچ تويلۇق زىياپەت ھازىرلاپ،ئەسكەرلەرنى قورالسىزلاندۇرغان.قىزنىڭ يىگىتى كېلىنچەك قىز سىياقىدا ياسىنىپ،28 ـ فېۋرال كېچىسى
قولىدىكى خەنجەر  بىلەن خىتاينى ئۆلتۈرگەن).
شۇنىڭ بىلەن 1937 ـ يىلى ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ
1 ـ باسقۇچى بولغان قۇمۇل قوزغىلىڭى رەسمىي باشلانغان.

ئاخشام مۇشۇ ۋەقەلىكنى ئويلاپ ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ 89يىللىقىنى ، شۇنداقلا ھازىرقى خورلۇقمۇ تەسىر قىلمىغان روھى ئۆلۈك بىزلەرگە بۇ خىل روھنى ئەسلەپ قايتىدىن ئەسلىتىپ قويۇش بىلەن بىرگە بۇرۇنقى زېرەك سالى دورغا بىلەن ئىشغالچى ۋە ئۆكتەم باندىت جاڭ جىسانى خەنجەرلەپ ئۆلتۈرگەن جەسۇر مەڭلىك نىياز بىلەن ھازىرقى بىزلەرنىڭ نەقەدەر زور پەرقىمىز بارلىقىدىن ئېچىنىپ ئۇخلىيالماي خىيالغا پېتىپ ئولتۇرسام ، يېرىم كېچە بولغاندا 28 - فېۋرالدىكى يەنە بىر شۇم خەۋەر يۈرەكنى ئەزدى . ئۇ بولسىمۇ دەل بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەنىۋىي ۋە ئىدىيىۋى تېڭىرقاشتىن قۇتۇلۇپ ، قەددىمىزنى رۇسلاشتا قىممەتلىك پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ۋە يىراقنى كۆرەر سىياسىي سەزگۈرلىكى بىلەن بىزدە ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن « ئابدۇقادىر داموللام روھى » نى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان گىگانت ئالىمنىڭ قارا دېڭىز ۋە كاۋكازىيەدىن يىراق نىل دەريا ۋادىسىدا بىزدىن ئەبەدىي ئايرىلغانلىقى ئىدى .

ئىلاۋە : يەنە بىر مۇسۇلمان مۇتەپەككۇر ئالىم بىزدىن ئەبەدىي ئايرىلدى

20 - ئەسىردىكى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ 21 - ئەسىرگە ئۇلىشالىغان ساناقلىق مۆتىۋەرلەردىن
ئاخىرقى تۈركۈم كىشىلىرىدىن داڭلىق دوكتۇر مۇھەممەد مۇستاپا ئىمارە 2020 - يىلى 28 - فېۋرال جۈمە كەچ ( ھىجىرىيە 1441 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 4 - كۈنى ) ئۈچ ھەپتىلىك دوختۇرخانىدا كۈتۈنۈشتىن كېيىن ۋاپات بولدى.

مەرھۇم دوكتۇر ئالدىنقى ئەسىردىكى داڭلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئىمام مۇھەممەد رەشىد رىزا ( ئىمام جامالىددىن ئافغانىنىڭ قابىل شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ۋارىسى ۋە ئىز باسارى بولۇپ مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام ۋە سابىت داموللام بىلەن يېقىن دوستلاردىن ۋە مەسلەكداشلاردىن ئىدى) ، ھەسەن ئەلبەننا ، سەييىد قۇتۇپ ، مۇھەممەد ئىقبال ، ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى ، ئوبۇلھەسەن نەدەۋى ، مۇھەممەد غەززالى قاتارلىق مۇتەپەككۇر ۋە ئىسلاھاتچى ئالىملارنىڭ ئىز باسارلىرىدىن ئىدى .

1 . قىسقىچە تەرجىمىھالى :

مۇھەممەد ئىمارە 1931 - يىلى 8 - دېكابىر ( ھىجىرىيە 1350 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 27 - كۈنى )  « بارات كېچىسى » مىسىرنىڭ ئاشلىق بازىسى كەفرى شەيىخ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ كىچىك ۋاختىدىلا قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان بولۇپ ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا
دۆلەتچىلىك ۋە ئەرەب مىللەتچىلىكى پىكرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان . تۇنجى يازمىسى  بولغان « پەلەستىن ئۈچۈن غازات » نى « ياش مىسىر » گېزىتىدە ئېلان قىلىپ زىلزىلە پەيدا قىلغان . 1965 - يىلى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەبتىلى ۋە ئىسلام بىلىملىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، 1970 - يىلى قاھىرە دارۇلفۇنىنىڭ ئىسلام پەلسەپىسى كەسپىدە ماگېستىرلىقتا ئوقۇپ ، 1975 - يىلى مەزكۇر دارۇلفۇنۇندا ئىسلام پەلسەپىسى دوكتۇرى بولغان .

ھازىر مىسىر ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوكتۇر ، گېنىرال مۇھەممەد ئابباس مەرھۇم ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى : « مۇھەممەد ئىمارە ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا چاقنىغان سەمىمىي يورۇق يۇلتۇز بولۇپ ، ئاللاھ ئۇنى ھىدايەت قىلىپ ، بۇرۇنقى ماركىسىزىمچە پىكىر ۋە كوممۇنىزىمچە قىممەت قاراشلىرىدىن ئىسلامىيەتكە قايتىپ كەلگەن . ئەسلىدە ئەشەددىي سولچىل ئېقىمنىڭ ( ئەجنەبىيچە پىكىردىكى سولقانات كۈچلەر ) غوللۇق سەركىسى بولغان بۇ ئەزىمەت بىردىنلا ئىسلامىي ئېقىمنىڭ پېشۋاسىغا ئايلىنىپ ، ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ « ئىچىڭلاردا ئىسلامدا ئەڭ ياخشى بولغانلار ، ئىسلامدىن بۇرۇنقى جاھالەت دەۋرىدىمۇ ئەڭ ياخشى بولغانلاردۇر ! » دېگەن بېشارىتىنىڭ ئۈلگىلىك مىسالىغا ئايلاندى » . ( مەرھۇم مۇتەپەككۇر ئابدۇشكۈر مۇھەممەد ئىمىنمۇ دەل مۇشۇ كىشىدەك ماركىسىزىم قارىشىدىن ۋاز كېچىپ ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تارقاتقان ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا قايتىپ كەلگەن. بۇنىڭغا ئۇنىڭ 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇشتىن ئىلگىرىكى مەرھۇم زەينۇل ئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجىم بىلەن بولغان بىر قېتىملىق تارىخىي سۆھبىتى سەۋەپ بولغان. ئالىم ئەجداتلىرىنىڭ قۇتلۇق يولىغا قايتىپ كەلگەندىن « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى »ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ، ئاخىرىدا « قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىنى جىددىي پۈتتۈرۈش يولىدا تىرىشىۋاتقاندا ، 1995 - يىلى -   
يېزىقچىلىق ئۈستىدە 751 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشى ھەققىدىكى بايانلىرى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا جان بەرگەن . ئەمما ئاپتورنىڭ كۆزى ئارقىدا قالمىغان . چۈنكى بىز تارىخنى دەل شۇ 751 - يىلدىن باشلاپ ئۇلاپ ماڭدۇق . ئۇلۇغ ئاللاھ روھىنى خۇش قىلسۇن!).

ئەزەلدىن مۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملارغا ئەركىن مەشغۇلات قىلىش شارائىتى كەمچىل بولۇپ كەلگەن پىرئەۋنلەر دىيارىدا مەرھۇم دوكتۇرمۇ
88 يىللىق ھايات مۇساپىسى ۋە 70 يىللىق ئىلمىي ( قەلەم ) كۈرىشىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ ، 2020 - يىلى 28 - فېۋرال جۈمە كەچ ( ھىجىرىيە 1441 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 4 - كۈنى ) بىزدىن ئەبەدىي ئايرىلدى .

مەرھۇم ئۆمرىدە بىر نەچچە شەرەپ مېدالى ، مۇكاپاتلار ۋە ھەر خىل ئوردېنلارغا ئېرىشكەن.
ئالايلۇق ، 1972 - يىلى لىۋاندا « كىتابخۇمارلار جەمئىيىتى مۇكاپاتى » غا ، 1976 - يىلى مىسىردا « دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن . جامالىددىن ئافغانى ۋاپاتىنىڭ 101 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەڭ چوڭ شەرەپ بولغان « ئىسلام پىكىر ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى ۋە ئاتىسى ئىمام جامالىددىن ئوردېنى » غا 1998 - يىلى ئېرىشكەن . بۇ مۇكاپاتمۇ مەرھۇمنىڭ ئەسلىدە تارىخىي تەرتىپ بويىچە  19 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان ئىسلاھات ئېقىمىنىڭ مەنىۋىي رەھبەرلىرىدىن بولغان ئىمام ئافغانى ، ئىمام ئابدۇ ، ئىمام رەشىد رىزا ، ھەسەن ئەلبەننا ، سەييىد قۇتۇپ ۋە مۇھەممەد غەززالىدىن كېيىنكى زامانىمىزدىكى ئىز باسارى دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر . چۈنكى يۈز يىلدا بېرىلىدىغان بۇ شەرەپ ئوردىنى خالىغان ئادەمگە بېرىلدىغان ئادەتتىكى مېدال ئەمەس.

2 . ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى :

مۇھەممەد ئىمارە ھازىرقى زامان ئىسلام پىكىر ئېقىمىنىڭ پېشۋالىرى ۋە مەشھۇر سەركىلىرى ھەققىدە ئۇزۇن مۇددەت تەتقىقات ۋە تەھقىقات ئېلىپ بارغاندىن سىرت ، ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا قارىماي ، ئۇلار ئىچىدىكى جامالىددىن ئافغانى ، مۇھەممەد ئابدۇ ، ئابدۇراھمان ئەلكەۋاكىبى قاتارلىقلارنىڭ قوليازمىلىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ ساقلاپ قالغان . ئىسلام ئىسلاھاتچىلىرى ئېقىمىنىڭ داھىيلىرىدىن مۇھەممەد رەشىد رىزا ، ئابدۇرامان پاشا ، خەيرۇددىن پاشا ، ھەسەن ئەلبەننا ، سەييىد قۇتۇپ ، ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى ۋە مۇھەممەد غەززالى قاتارلىقلار ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپ ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان. شۇنداقلا قەدىمقى زامان ئىسلام پېشۋالىرىدىن ھەزرىتى ئەلى ، ھەسەن بەسرى ۋە غەيلان دەمەشىق قاتارلىق سىياسىي ۋە ئىلمىي يولباشچىلار ھەققىدە كۆپلىگەن ئاكادېمىك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان .

ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يازغان ئۆلمەس ئەسەرلىرىدىن
« شەرقچە ۋە غەپچە ئىسلاھات ئارىسىدىكى دىنىي ۋەز - چاقىرىقلار » ، « غەرپ ۋە ئىسلام - توغرىلىق نەدە ، خاتالىق نەدە !؟ » ناملىق تەسىرى زور ئىككى كىتابى ھېلىھەم ئوتتۇرا شەرقچە قىممەت قاراش ۋە غەرپ قىممەت قاراشلار ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقتىن كېلىپ چىققان ھەر خىل زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش رولىنى ئويناش شەرىپىدىن مەھرۇم قالغىنى يوق . ئۇندىن باشقا « دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن دىنسىز ئاشقۇنلۇق » قا ئالاقىدار ماقالىلەر ، « شەرقچە ئىسلامىزىم تۈزۈمى بىلەن غەرپچە سىكولارىزىم تۈزۈمى » ، « ئىسلامچە ئىسلاھات بىلەن غەرپچە زامانىۋىلىق ئارىسىدا كېلەچىمىكىز » ، « ھازىرقى زامان ئىسلامچە تەپەككۇر كىرىزىسى » ، « تەپەككۇر ئىجادىيىتى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى »قاتارلىق يېتۈك ئۆلمەس ئەسەرلىرى ھازىرقى قاتمۇ - قات مەنىۋىي ۋە ئىدىيىۋى پاتقاقلىققا پېتىپ قالغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قۇتۇلۇش كۆرسەتمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

يىغىپ ئېيتقاندا ئاپتورنىڭ بارلىق ئەرەب كۇتۇپخانىلىرىدا تىزىۋېتىلگەن ئەسەرلىرىلا 200 پارچىدىن ئاشىدۇ . ئەسەرلىرىدىكى ئورتاقلىق -
ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى تىرىلدۈرۈپ ئىسلاھ قىلىش تەشەببۇسلىرى ، تەپەككۇر ۋە ئىدىيە پالەچلىكىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ، ھازىر خارابلىشىپ كەتكەن كېسەل ئەرەب - ئىسلام خەلقلىرىنى قايتىدىن قۇدرەت تاپقۇزۇش زور لايىھىسى ۋە تەرەققىيات خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

3 . تۇتۇپ ماڭغان يولى ۋە تەشەببۇسى :

ئۇنىڭ باشقا مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە پىكرى بولسا - ئورتاق مەدەنىيەت ، ئورتاق قىممەت قاراش ، ئورتاق تارىخ ، ئورتاق دۆلەت ، ئورتاق دىن ، ئورتاق كەچمىشكە ئىگە بولغان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەي بىرلىكىنى قوغداش تەرەپدارى بولۇپ، ئۇنىڭ كونا - يېڭى دۈشمەنلىرى شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭغا « ئىسلام ھەرىكىتى كاتتىۋېشى » دەپ قالپاق كىيگۈزۈپ قويۇشقان . ئاپتور بۇ ھەقتە :
« ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشى مېنى ماختاش ئۈچۈن ئەمەس ، ئەكسىچە مېنى ھاكىمىيەتكە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر » . ( ئوخشاش ئەھۋال مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . يەنى
« ئىسلام ئىنىستىتۇتى بىدئەتنىڭ ئۇۋىسى ، سەلەە داموللا ۋاھابىنىڭ بوۋىسى » دېگەن جۆيلۈمە ۋەتىنىمىزدە كەڭ تارقالغان . بەزى جاھالەت ۋە نادانلىق ھامىيلىرى داموللامنى ساقال قويمىدى دەپ پىتنە قىلسا ، بەزىلىرى ئۇزۇن تون كىيىپ موللامچە ياسانماي، غەرپچە ياساندى دەپ گەپ تاپقان . ئەمما مەرھۇم پەرۋا قىلماي ، ساقاللىق ۋە پەرىجىلىكلەر قىلالمىغان تالاي خىزمەتلەرنى قىلالىغان ).

مەرھۇم مۇتەپەككۇر ئىسلامىيەتتىكى ئىككى ئاشقۇنلۇقتىن خالىي ھالدىكى ئوتتۇرا ھال يول ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ ، ھە دېسىلا ئىككى قۇتۇپ بولۇپ جېدەل قىلىدىغان ئېقىملارنى ئادىل ۋە ئىنساپ بىلەن بىر يەرگە ئەكىلىپ، ھەر تەرەپتىكى قىسمەن ھەقىقەتلەرنى توپلاپ بىر پۈتۈن مۇكەممەل قىممەت قاراش تىكلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . ئەقىل بىلەن نەقىلنى ئايرىپ تاشلىماسلىق ، غايىپ ( غەيب ) ۋە رېئاللىقنى جەملەيدىغان ئىمان - ئېتىقاد تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .

خاتىمە : « ئالىم ئۆلدى ، ئالەم ئۆلدى ! »

ۋەتەنپەرۋەرلىك - ئەخلاق ۋە ئېتىقادقا ئوخشاش، ئادەملەرنى ئالىيجانابلىققا باشلايدىغان، ھەقىقىي گۈزەل نەرسىلەرنى بارغانسېرى چۈشىنىش ۋە سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان ھەمدە تۈرلۈك يوللار بىلەن گۈزەل نەرسىلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلىشقا يېتەكلەيدىغان غايىۋى كۈچ. ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك چىرايلىق سۆزدە ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش يولىدىكى ھەرىكەتلەردە، يەنى ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن پاسسىپ ھالدا قانائەتلىنىپ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ئەمەس، بەلكى ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇ ئۆزگەرتىشنى پۈتكۈل كۈچى بىلەن قوللاپ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ھەرىكەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
مەرھۇم ئالىممۇ كىچىكىدىنلا ۋەتەنپەرۋەرلىك، دۆلەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ ئىلھام مەنبەسى قىلغان .

تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقايسى مەملىكەت، ھەرقايسى مىللەتلەردە نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ئۆتتى. بىزنىڭ تارىخىمىزدىمۇ پۈتۈن دۇنياغا يەتكىدەك ۋەتەنپەرۋەرلەر توشاق ئىدى . ئەمما ھازىر بىردىنلا بۇنداق دۇنياۋى سەۋىيىدىكى ئىنىسكلوپېدىك ئالىم - ئۆلىمالار ۋە دوكتۇر - پېرافېسسورلاردىن خالىي ھالدا تۇرماقتا . شۇڭا بىز بىزدىن ئايرىلغان ئاشۇ قىممەتلىك ۋە سۈيۈملۈك كىشىلىرىمىزدىن ھەم ئۈلگە ئېلىپ ، ھەم ئىبرەت ئېلىپ كېچىكمەي قەددىمىزنى قايتا رۇسلىشىۋېلىشىمىز لازىم !

ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام ، سابىت داموللام ، مۇرات ئەپەندى ، مۇھەممەد سالىھ داموللام قاتارلىق تارىختا ئۆتكەن يېتۈك ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزغا ، ھازىرقى زاماندىكى ساناقلىق دىنىي ئىسلاھاتچى مۇتەپەككۇرلار ۋە ئاتاقلىق يازغۇچى ئالىملارنىڭ سەركەردىسى بولغان مەرھۇم دوكتۇر مۇھەممەد ئىمارەنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ئۈستۈن قىلسۇن ! ئارىمىزدىن خەلقىمىزنى تۇيۇق ۋە ھالاكەت يولىغا ئەمەس ، توغرا ، ئۈنۈملۈك ۋە ئەبەدىي مەۋجۇتلۇق يولىغا باشلايدىغان ، مىللىتمىزنى نۆۋەتتىكى ماماتلىق خەتەردىن قۇتقۇزۇپ چىقالايدىغان گىگانت مۇتەپەككۇرلارنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرسۇن !

مەنبە : ئەزھەر ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى ئارخىپخانىسى ۋە مەرھۇمنىڭ چوڭ ئوغلى دوكتۇر خالىد مۇھەممەد ئىمارەنىڭ بايانلىرى.

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 21 - فېۋرال.  قايغۇلۇق شەنبە.