2020/10/20 13:20

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پىدائىيلىرىدىن گوگۇل تەرجىمانىدىكى ئۇيغۇر تىلى تەبرىكنامىسى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/02/29 04:16

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پىدائىيلىرىدىن گوگۇل تەرجىمانىغا يېڭى كىرگەن ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە تەبرىكنامە

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ، 26 - فېۋرال گوگۇل شىركىتى ئېلان قىلغان گوگۇل تەرجىمانىغا قوشۇلغان 108 تىلنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بولۇشى ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. 27 - فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان ئانا تىلىمىز بارلىق ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان بولۇپ ، بۇ خىل كەيپىيات ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا . ئەزەلدىن خۇش چاقچاق ۋە قايغۇنى خۇشاللىققا ۋە كۈچكە ئايلاندۇرۇپ كەلگەن خەلقتىن ئاپىرىدە بولغان خەلقىمىز ھەتتا گوگۇل تەرجىماننىڭ بۇ خىل يېڭى ئىقتىدارى ھەققىدە بەس - بەستە يۇمۇرلۇق مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئۆز ئارا تازا قانغۇدەك كۈلكە - چاقچاقلار بىلەن بۇ خىل كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكتە .

ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى خىتايچە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى 2000 - يىلى تۈزۈپ چىققان، مۇلازىمەتنى بولسا 2006 - يىلى ئاپرىلدا باشلىغان. مۇلازىمەتنى يېڭى باشلىغاندا، گوگۇل خىتاينىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى چەكلىشىگە ماقۇل بولغان، ئەمما قانداق ئۇچۇرلارنىڭ زىيانلىق سانىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق توختالمىغان. خىتاينىڭ 2008 - يىلدىكى يىرگىنىشلىك
ئولىمپىك مۇسابىقىسى باھانىسىدە ئاتالمىش
« زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ ، مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىش » ھەرىكىتى گوگۇل شىركىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈنسىرى كۈچەيتكەن . 2009 - يىلى 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ سۈركىلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بارغانسىرى ئۆزىنى « خىتاينىڭ غالچىسى » غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتقان گوگۇل شىركىتى ئاخىرى 2010 - يىلى يانۋاردا خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى جاكارلىغان .

شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان سىتاتىسكىغا قارىغاندا ، خىتايدا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 10 مىليوندىن 340 مىليونغا يەتكەن. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ 60% ى بايدۇ شىركىتى، 31% ى بولسا گوگۇل شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. گوگۇلنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان يىللىق كىرىمى 200 مىليون دوللار. گوگۇل شىركەتنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىنى قوغداش ئۈچۈن 200 مىليون دوللارلىق پايدىدىن ۋاز كەچكەن.

شىركەت باياناتىدا مۇنداق بىر زور پايدىدىن ۋاز كېچىشنىڭ شىركەت ئۈچۈن ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇزۇن-ئۇزۇن ئويلىشىش ئارقىلىق مۇشۇ قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گوگۇلنىڭ بۇ قارارى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن John Palfrey مەزكۇر قارارنى ئادىلانە ۋە جەسۇرانە بىر قارار دەپ مەدھىيىلىگەن.

ئۇ قېتىم گوگۇلنىڭ شىركەتنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىنى قوغداش ئۈچۈن 200 مىليون دوللارلىق كىرىمىدىن ۋاز كېچىشى، شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە تىجارەتتە تېخىمۇ ئۇزاقنى كۆزلەش دەپ قارالغان بولسا، يەنە بەزىلەر، گوگۇلنىڭ بۇ قارارىدا گوگۇل شىركىتىنىڭ باشلىقى سەرگېينىڭ ئائىلە تارىخىنىڭ رولى بارلىقىنىمۇ  پەرەز قىلغان . چۈنكى سەرگېي بالا ۋاقتىدا يەنى 1973 - يىلى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى، كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.

يەنە بەزى مەتبۇئاتلاردا، گوگۇلنىڭ بۇ قارارىدا شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ رول ئوينىغانلىقى بايان قىلىنغان . يەنى گوگۇلنىڭ يىللىق كىرىمى 22 مىليارد دوللار بولۇپ، 200 مىليون دوللارلىق پايدىدىن ۋاز كېچىش، شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا دەخلى قىلالمايدىغانلىقى يېزىلغان .

ئەمما ئارىدىن بەش يىل ئۆتە - ئۆتمەيلا ، پۇل ۋە ئاچكۆزلۈك شىركەتنىڭ ئەسلى قىممەت قاراشلىرىدىن غالىپ كەلگەن . نەتىجىدە گوگۇل 2015 - يىلى كۈزدە قايتىدىن خوڭكۇڭدىن خىتايغا قايتىپ كەلگەن . شۇندىن كېيىن 2017 - يىلغا كەلگەندە گوگۇل شىركىتى بىردىنلا دۇنيا بويىچە بىرىنچى چىمپىيون ھالىغا كەلگەن .

گوگۇلنىڭ ماركا قىممىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن . ( 2017 - يىلى 2 - فېۋرال)

ئىنتېرنېت گۇرۇھى ۋە ئىزدەش موتورى گوگۇل، «دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى» تىزىملىكىدە 6 يىلدىن بۇيان بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تېخنولوگىيە گۇرۇھى ئالما شىركىتىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان .

مۇستەقىل مەسلىھەت بېرىش شىركىتى «‫Brand Finance‬» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2017 - يىللىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 500 شىركىتى ناملىق دوكلاتىغا قارىغاندا، گوگۇلنىڭ ماركا قىممىتى ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا %24 ئېشىپ، 109 مىليارد 500 مىليون دوللار يەتتى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىسىغا ئايلاندى.
بۇ يىل ماركا قىممىتى 107 مىليارد 100 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان ئالما شىركىتى بولسا، دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئىككىنچى قاتارغا چېكىندى.
دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا گۇرۇھى ئامازون بولسا، 106 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.
تىزىملىكتە ئامېرىكىنىڭ تېلېكوم گۇرۇھى ‫AT&A‬ تۆتىنچى؛ مىكروسوفت بەشىنچى، سامسۇڭ ئالتىنچى، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر تېلېكوم شىركىتى ۋېرىزون يەتتىنچى، ۋالمارت سەككىزىنچى، فەيسبۇك توققۇزىنچى ۋە خىتاي سودا - سانائەت بانكىسى ئونىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان . ئەمما خەلقىمىز بۇ بىرىنچىلىكنىڭ ئەسلىدە گوگۇل بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا  بىرلىشىپ، ئاۋامنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، يوقىلاڭ باھانە بىلەن جازا لاگىرلىرىغا سولاپ، ئارقىدىنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنىڭ بەدىلىگە قولغا كەلگەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن !؟؟

2019 - يىلى 15 - مايغا كەلگەندە ئامېرىكا ئاخىرى تارىختىكى توغرا قارارنى چىقاردى.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرىشىنى تەلەپ قىلدى، ئامېرىكا كارخانىلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.
  يەنە تېخى، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا كارخانىلىرى ئىشلەتسە بولمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتىن دېرەك بەردى . ئارقىدىنلا گوگىل خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىقىنى توختاتتى.
2019 - يىلى 20 - ماي گوگۇل خۇاۋېينى ئاندرويىد بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى . بۇ خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خېلىلا خۇشال قىلدى . چۈنكى بۇ گوگۇل شىركىتىنىڭ تارىخىي جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ چىقارغان تۇنجى قېتىملىق ئەڭ چوڭ توغرا قارارى ئىدى.

ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپلا ، گۇگۇل شىركىتى خىتايغا «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالى ئىشلەپ بېرىشنى توختىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

«خەلقئارا تىبەت تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-ئىيۇن كۈنى گۇگۇلنىڭ سان-فرانسىسكودىكى باش شىركىتىدە ئېچىلغان پايچىلار يىغىنىدا گۇگۇل شىركىتىنىڭ باش لېدىرى كېنت ۋالكېر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايغا «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنى ئىشلەپ بېرىش پىلاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2019 - يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سان-فرانسىسكودىكى گۇگۇل شىركىتىنىڭ باش شتابىدا يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن ئەركىن تىبەت تورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامېرىكانىڭ سان-فارانسىسكو، نيو-يورك، كانادانىڭ تورۇنتو، فرانسىيەنىڭ پارىژ، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي قاتارلىق شەھەرلەردىكى گۇگۇل شىركەتلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

2019 - يىلى 2 - سېنتەبىر گوگۇل شىركىتى  «ياغاچ ئات» ناملىق مەخسۇس ئايفون قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر خىتاي جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنى بايقىغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوگۇل شىركىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ بەزى زىيانلىق تور بەتلىرىگە يوشۇرۇنغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ تور بەتلىرىگە كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونىغا يۇقۇپ، ئايفوندىكى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 3 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «ئالما» شىركىتىنىڭ ئايفونى بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپلا قالماي، گوگۇلنىڭ ئاندروئىد سىستېمىسى ۋە مىكروسوفتنىڭ windows سىستېمىسىنى ئورناتقان كومپيۇتېرلارمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىكەن.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مىسال : 2018 - يىلى 12 - ئايدا گوگۇل شىركىتى ئامېرىكا ئەدىلىيە ئاپپاراتى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقاندا ، 2017 - يىلى 12 - ئايدا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنى قۇرۇپ ، 2018 - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر - خىتاي ئاخبارات ئۇرۇشىنى قوزغاپ يۇقىرى پەللىگە چىقارغان تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى نەخ مەيدانغا « خىتاي بايرىقى بىلەن بويالغان گوگۇل لەۋھەسى » نى كۆتۈرۈپ بۆسۈپ كىرگەن . بۇ بىر پارچە رەسىمدە مەقسەت - مۇددىئا شۇنداق جانلىق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، كۆپلىگەن دۇنياۋى مېدىيالار بۇنى كەڭ تارقاتقان ئىدى .

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور بېكىتىگە خاككېر ھۇجۇمى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.

2019 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئالما شىركىتى ۋە گوگۇل شىركىتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ، گوگۇل شىركىتى ئۇيغۇر تايمىزغا خىتاي تەرەپنىڭ تور ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويغان .
بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق ھەر قايسى تور بېكەتلەرگە سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان . تەكران شىركىتى ، گوگۇل شىركىتى، ئالما شىركىتى ۋە سىلىتسىي جىلغىسىدىكى تېخنىكا شىركەتلىرى ئۇيغۇر تايمىزنىڭ جەمئىي بەش خىل تىلدىكى تور بېكەتلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن . بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇرچە ، ئېنگلىزچە، خىتايچە ، ۋە ئەرەبچە بېكەتلىرى ئاساسلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ ، مەزكۇر تور بېكەتلەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيتتى .

يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ھەمدە گوگۇل قاتارلىق شىركەتلەرنى چۆچۈتكەن بولۇپ ، كېيىنكى ئالتە ئايدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتايغا تېخنولوگىيە جەھەتتىن ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىگە ۋە ھەر قايسى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي خاككېرلىرى ۋە تور ۋىرۇسلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى .

2019 - يىلى 3 - سېنتەبىر كۈنى فوربېس ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدىمۇ ، خىتاينىڭ ئاكتىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاي تىلىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئىنتىزار»( ئېنتى ) ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ ئىستىقلال خەۋەر تورى ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قۇرغان ھەر خىل تور بەتلەرنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن مەخسۇس خاككېر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىشغالچىلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتتە، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئىستىقلال قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە خاككېر ئورۇنلاشتۇرغان. ئىنتىزار بۇ خەۋەرنى بايقىغاندىن كېيىن بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىگە مەزكۇر توربەت قۇرغۇچىلىرىنى بۇ ئۇچۇردىن ۋاقىپلاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.
خىتاي مەخسۇس خاككىر ئورۇنلاشتۇرغان توربەتلەر «istiqlalhaber.com»، «turkistanpress.com»، «uyghur.com» ، «turkistantv.com» «maarip.org»، «wetinim.com»، «istiqlal.net» akademiye.org»، «turkistantimes»، «uyhurtimes»، «weiwuer.com قاتارلىقلار ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق بەش خىل تىلدىكى تور بېكەتلەرمۇ ئىشغالچى خىتاي باندىتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان . بۇ خىل ھۇجۇمدىن كېيىن ، خىتايلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە مەزكۇر تور بېكەتلەرنى قىزىقىپ زىيارەت قىلىدىغان كىشىلەر سانى كۆپىيىپ ماڭغان .

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قول ئىلكىدە بولغان بارلىق تور بەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ توختاۋسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق خاككىر ھۇجۇملىرىغا قارشى داۋاملىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ، ئۆزىگە يارىشا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تور بەتلەرنى قوغدىماقتا .
شۇنداقلا گوگۇل شىركىتىدىكى سەگەك ۋە زېرەك مۇتەخەسسىسلەر « ياغاچ ئات » ناملىق ۋىرۇسنى بايقاپ، ئەھۋالنى «ئالما» شىركىتىگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ يىل 2‏-ئايدا ئايفوندىكى بۇ بوشلۇقنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلىنىش ئادېرىسى:
‏http://istiqlalhaber.com/page/-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-%EF%BF%BD-/646

خۇلاسە قىلغاندا 2006 - يىلدىن بېرى خىتايغا كىرگەن گوگۇل شىركىتى گەرچە 2009 - يىلدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن بىر مەزگىل « يامانغا يانتاياق بولماسلىق » شوئارى جاكارلاپ  ، 2010 - يىلى مارتتا خىتايدىن چېكىنىپ خوڭكۇڭغا يەرلەشكەن بولسىمۇ ، بىراق بەش يىل بولمايلا پۇلنىڭ ۋە خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنىڭ قۇلى بولۇشنى تاللاپ،
2015 - يىلى كۈزدىن باشلاپ خىتايغا قايتىپ كەلگەن . ئەمما گوگۇلنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خەلقىمىزنى 2017 - يىلدىن باشلاپ قاتتىق باستۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتىكى تارىخىي سۇيقەستلىرىگە پائال ماسلىشىپ، خىتاينى ھەر خىل تېخنىكىلار ۋە شەخسىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن جىنايەتلىرى 2018 - يىلدىكى ئامېرىكا - خىتاي سودا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئارقا - ئارقىدىن پاش بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ، گوگۇل شىركىتى قاتتىق شەرمەندە بولۇشقا باشلىغان . مۇھاجىرەتتىكى غەزەپلەنگەن خەلقىمىز شىركەتنىڭ بۇ تارىخىي شەرمەندىچىلىكلىرىگە قارشى كۈچلۈك نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىغان . ئۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى يۇقىرىقى خەۋەرلەردە بېرىلدى .

شۇنداق قىلىپ ، 2018 - يىلىدىن باشلاپ شەرمەندە بولۇشقا باشلىغان گوگۇل شىركىتى 2019 - يىلىدىن باشلاپ خىتايغا قارشى قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقا باشلىغان . بۇ خىل « قىلمىشىدىن خىجىللىق ھېس قىلىش تۇيغۇسى » 2020 - يىلى 26 - فېۋرال گوگۇل شىركىتىنىڭ تەنتەنە بىلەن « گوگۇل تەرجىمان » غا ئۇيغۇر تىلىنى كىرگۈزۈپ ، ئۇنىڭدىكى دۇنياۋى تىللارنىڭ سانىنى 108 گە يەتكۈزگەن.

ھازىر دۇنيادا 200 گە يېقىن مۇستەقىل دۆلەت ، 2000 دەك ھەر خىل تىللار بار . ئەمما ئۇيغۇر تىلىمىز 2010 - يىلى دۇنيادا 94 - ئورۇننى قولدىن بەرمىگەن بولسا ، 2019 - يىلى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ 89 - ئورۇنغا كەلگەن .
دېمەك ، دۇنيادىكى « ئەڭ چوڭ دۆلەتسىز مىللەت - ئۇيغۇرلار » ( كۇردلار دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەتسىز مىللەت ) گەرچە 70 يىلدىن بېرى دۆلىتىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ ، بىراق مۆجىزىلەرچە ئانا تىلىنى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي تىلدىكى جانلىق ئىپادىسى بولغان « خاقانىيە يېزىقى » نى شۇ پېتى ساقلاپ كېلىپ ، ئۇيغۇر تىلىنى دۇنيادىكى 195 دۆلەت خەلقى ئىچىدە 89 - ئورۇندا ساقلاپ كەلمەكتە .

ئانا تىلىمىزنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزدىن باشلاپ ، ئاندىن ئۇنى تېزدىن مائارىپ ۋە تەلىم - تەربىيە ساھەسىدە قايتا ئومۇملاشتۇرۇپ ، ئاخىرىدا ئانا تىلىمىزنى دۇنياۋى تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان تىللاردىن بىرى قىلىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچىشىمىز كېرەك !

بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قولىدىن كەلگىنىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق دىنىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى قوغدىغانلىق ! ئانا تىلنى قوغدىغانلىق تارىخىمىزنى ۋە ئەخلاقىمىزنى قوغدىغانلىق ! قىسقىسى ئانا تىلنى قوغدىغانلىق بارلىق قىممەت قاراشلىرىمىزنى ۋە ئەبەدىي ھۆرلۈكىمىزنى قوغدىغانلىقتۇر  !

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پىدائىيلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار، گوگۇل تەرجىمانغا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك كىرگۈزۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بارلىق نامسىز پىدائىيلار ، ساخاۋەتچى بايلار ، ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتقان كېلەچەكنىڭ ئۈمۈدى بولغان ياش - ئۆسمۈرلەر ، مەسئۇلىيەتچان ۋە جاپاكەش ئاتا - ئانىلار ،جۈملىدىن ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان ، بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا ، شۇنداقلا
« گوگۇل شىركىتىنى ئىشغالچى خىتاي باندىتلىرى بىلەن داۋاملىق تارىخىي جىنايەت سادىر قىلىشتىن توسۇپ ، ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي ئاكتىپلىرىمىزغا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پىدائىيلىرى نامىدىن ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز  .

قوشۇمچە ئۇلىنىشلار :

« گوگۇلنىڭ خىتايدىكى قىسقىچە تارىخى » :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=504.0

ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى ( خاقانىيە يېزىقى) نىڭ قىممىتى ۋە سىرى ھەققىدە :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=498.0

ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى. 

سايرام ئوغلانى تەييارلىغان .

2020 - يىلى 28 - فېۋرال. قۇتلۇق جۈمە.