2020/10/30 03:59

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


پۇتىننىڭ چوڭ ئورۇس مىللەتچىلىكىدىن قوزغالغان ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى بىخلىرى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/03/04 03:01

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


رۇسىيەدىكى ئاساسى قانۇننى  تۈزىتىش داغدۇغىسى ۋە ئەكس سادالار 

2020 . 03 . 04

قىسقىچە تەھلىللىك ۋە ئوبزورلۇق خەۋەر :

تاتارىستان مۇپتىسى ئاساسىي قانۇندىكى «دۆلەت قۇرغۇچى كىشىلەر» ئۇقۇمىغا قارشى تۇرغان

تاتارىستان مۇپتىسى كامىل سامىگۇللىن ( كامىل ھەزرەت دەپمۇ ئاتايمىز ) ئاساسىي قانۇندىكى «دۆلەت قۇرغۇچى كىشىلەر» ئۇقۇمىنى مۇستەھكەملەشنى نامۇۋاپىق دەپ قارايدۇ.  مۇپتىيات ئاخبارات ئىشخانىسى تاتارستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن ئاساسىي قانۇندا« دۆلەت قۇرغۇچى خەلق »ئۇقۇمىنى بىر مىللەتكە تەتبىقلاشتا ئىجابىي ئىستىقبالى بار دەپ قارىمايمەن .

كامىل ھەزرەت يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن :
«شۇنداق ، ئەلۋەتتە ، رۇسلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان دۆلەت رۇسىيە - ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت. ( رۇسىيە فېدىراتسىيىسى 22 ھەر خىل ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەتلەردىن تەركىپ تاپقان فېدىراتىپ دۆلەت ) . ئەمما رۇسلار بىلەن بىللە ، باشقا نۇرغۇن يەرلىك خەلقلەر روسىيەنىڭ زامانىۋى زېمىنىدا ياشايدۇ.  بىز رۇسىيە ھەر مىللەت خەلقى ، ھەممىمىز بۇ دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ، دۆلەت چېگرىسىنى قوغداشقا ۋە روسىيەنىڭ مەنىۋى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ، كۆپ تەرەپلىمىلىك روسىيە روھىي ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە كۈچلۈك ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي بوشلۇقنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتۇق» . 

«سودا تورى» نىڭ تاتارىستان نۇسخىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مۇپتى بۇ ئۇقۇمنى ئاساسىي قانۇننىڭ مۇقەددىمىسىگە كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغان.  3-ئاينىڭ 2-كۈنى ، پرېزىدېنت پۇتىن دۆلەت دۇماسىدا ئىككىنچى قېتىم ئوقۇشتىن ئىلگىرى تەڭشىلىۋاتقان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى.  ھۆججەتنىڭ تولۇق تېكىستى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.  بىر تۈزىتىشكە ئاساسلانغاندا ، ئاساسىي قانۇندا ، رۇس تىلى «دۆلەت قۇرغۇچى خەلق» نىڭ تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئايرىم ئەمەس ، بەلكى تىزىملىك ​​بىلەن بېلەت تاشلىنىدۇ.

رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېلان قىلىشىچە، رۇسىيەدە ئاساسى قانۇننى تۈزىتىش كېڭىشى ئەتە ، يەنى 5 - مارت باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كۈن دەل سىتالىن ۋاپات بولغان كۈن ئىكەن.
( سىتالىن 1953 - يىلى 5 - مارت ئۆلگەن ).
ۋىلادىمىر پۇتىن ئاللىبۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپ تارىخ دەرسلىكىگە ۋىلادىمىر لېنىنى « ۋەتەن خائىنى » دەپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ ، ئۇنىڭ سىتالىننى ئۈلگە قىلىشى ، ھەمدە 2 - مارت « ئاساسى قانۇن كېڭىشى » گە بەرگەن تەكلىپىدە « رۇسىيەنى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنىي سىياسىي مىراسخورى دەپ قانۇنغا كىرگۈزۈش » تەلەپ قىلىنغان . شۇنىڭدىنلا ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يېڭى ئەسىردىكى سىتالىن بولۇشنى ئاللىبۇرۇن قارار قىلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن .

« كۆك ئەرۋاھ » نىڭ 33 سائەت ئىلگىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىدا، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇس تىلىنى قەستەن « دۆلەت قۇرغۇچى خەلق تىلى » دەپ زورلاپ ئاشۇرۇپ سۈپەتلىشى ئەمەلىيەتتە ، مىلادى 375 - 469 - يىللىرى رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ياۋروپاغا ھۆكۈمران بولغان بۈيۈك ئاتىللا ھۇن ئىمپىرىيىسى ، 555 - يىلدىن 804 - يىلغىچە رۇسىيەنىڭ غەربىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك ئاۋار ئىمپىرىيىسى ، 560 - يىلدىن 860 - يىلغىچە جەنۇبىي رۇسىيەگە ھۆكۈمران بولغان بۈيۈك ھازار قاغانلىقى ، 860 - يىللاردىن 960 - يىللىرىغىچە ئېدىل ۋە ئۇرال بويلىرىنى مەركەز قىلىپ ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا تەرىپىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈندە قازاننى مەركەز قىلىپ ئىدارە قىلغان بۈيۈك بۇلغار خانلىقى ( 922 - يىلى 12 - ماي ئومۇميۈزلۈك ئىسلام دىنىغا كىرگەن ) ، 915 - يىلدىن 1090 - يىللىرىغىچە ئورۇسلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ بىرىنچى ئورۇس دۆلىتىنى يىقىتقان قىپچاقلار ۋە پېچەنەكلەرنىڭ خانلىقلىرى ، شۇنداقلا ئورۇس كىنەزى ئىسكەندەرنى تىز پۈكتۈرۈپ ، ئۇنىڭ دادىسىنى پايتەخت قاراقۇرۇمدا ئۆلتۈرۈپ، ئورۇسلارغا 1242 - يىلدىن تاكى 1482 - يىلغىچە مۇتلەق ھۆكۈمران بولغان ئالتۇن ئوردا قاغانلىقىنى تارىختىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش بولۇپ ، تارىخنى ئاساس قىلغاندا ئەسلى قائىدە بويىچە « دۆلەت قۇرغان خەلقنىڭ تىلى » دەپ سۈپەتلىنىشكە لايىق تىل  تىل دەل تاتار تىلى ( ئۇيغۇرتىلى بىلەن ئەڭ يېقىن قېرىنداش تىللارنىڭ بىرى) ئىكەن . چۈنكى « ھازارلار ۋە ساقلاپلار ئەسلىدە ئوخشاشلا ئوغۇزخان ئۆزى نام بەرگەن قەبىلىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن . مەرھۇم مۇراد ئەپەندىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدا نەشىر قىلغان تەلفىقۇل ئەخبار ناملىق زور ھەجىملىك تارىخ كىتابىدا ، ئۇيغۇر - تاتار ، ئاۋار - بۇلغار ،
قىپچاق - پېچەنەك قاتارلىق ھون - تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئىزچىل شىمالىي يېرىم شاردا مۇتلەق ھۆكۈمران بولغانلىقىنى ، ئورۇسلارنىڭ پەقەت ئەمىر تۆمۈر ( تۆمۈرلەڭ ) ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشقا ھۇجۇم قىلىپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقاندا بېلىنى رۇسلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ، 1482 - يىلى قازان خانى ئەھمەدكە باج تۆلەشتىن باش تارتىپ ، 1547 - يىلى تۇنجى چار پادىشاھلىقنى قۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . بۇ نۇقتىدىن « قورققان ئاۋۋال قول سالار !» دەپ ۋىلادىمىر پۇتىن قىچىشمىغان يەرنى قاشلاپ ، ئەكسىچە رۇس بولمىغان باشقا شانلىق تارىخى بار تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي روھىنى قوزغاپ قويغان . شانلىق تارىخقا تويۇنغان مىللىي روھنىڭ ھامان ، تەپرىقە - ئىختىلاپقا توشقان ئېچىنشىلىق تارىخقا تويۇنغان دىنىي روھقا قارىغاندا رۇسلارنىڭ كەلگۈسىگە تېخىمۇ خەتەرلىك تەھدىت بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن پۇتىن ، سەككىز يىلدىن بۇيان ئىسلام دىنىغا قارىتا ئالاھىدە كەڭ قوللۇق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق رۇس بولمىغان مىللەتلەر ، بولۇپمۇ تاتارلارنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى بار چارىلەر بىلەن چەكلەپ كەلگەنىدى . مانا ئەمدى « دۆلەت قۇرغان خەلق » دېگەن ئاتالغۇ پۇتىننىڭ كۆڭلىگە پۈككەن سىرلىرىنى پاش قىلىپ قويدى .

بىر پىشقان ئاۋار ( ئاۋارلار داغىستاندىكى ئاساسلىق ئۈچ خوجايىن مىللەتنىڭ بىرى) جەمئىيەتشۇناسنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسلام دىنىغا ئالاھىدە كەڭ قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ھەر خىل باھانىلەر بىلەن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن . چۈنكى رۇسلار تاتارلارغا قاراتقان 500 يىللىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە خۇلاسىلەپ چىققان نەتىجە شۇ بوپتۇكى ، تاتارلىقىنى ساقلاپ قالغانلار بۈگۈنمۇ ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىكەن . ئەمما تاتارلىقىدىن مەھرۇم قالغان تاتارلاردىن نە مۇسۇلمانلىقتىن نە تاتارلىقتىن ئەسەر قالمىغان . ھازىرمۇ تېز سۈرئەتتە رۇسلىشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولغانلار ئاساسلىقى مىللىي كىملىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ، ھەتتا ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان تاتارلار ئىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق تاتارلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مىللىي مەجۇتلۇقىنىڭ ئاخىرقى قورغىنى بولغان ئۇرالدىكى تاتارىستاندا ئانا تىل مەكتەپلىرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ ئازىيىپ كەتكەن .
بۇنداق بولغاندا تاتار ئالىملىرىنىڭ مۆلچىرى بويىچە 2050 - يىلغا بارغاندا تاتارلار پۈتۈنلەي رۇسلىشىپ كېتىدۇ .

2017 - يىلى ۋەتىنىمىزدە باشلانغان قىزىل قىيامەتمۇ ئەمەلىيەتتە پۇتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان « ئۇرالنىڭ غەربىدىكى ۋە كاۋكازىيەدىكى بىپايان مۇستەملىكە زېمىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسى » نىڭ خىتايدىكى
« سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى مۇستەملىكە جايلىرىدىن مەھرۇم قېلىش قورقۇنچى » نىڭ ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەمەلىي ئىپادىلىنىشى بولۇپ ، « تىپىك بىئولوگىيىلىك قورال سۈپىتىگە ئىگە كورۇنا ۋىرۇسىنى شەپەرەڭ بىلەن يىلاندىن تارقالدى » دېگەن سەپسەتە قانچىلىك بىمەنە بولسا ، خىتايلارنىڭ خەلقىمىگە قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھېلى دىنىي ئېتىقادقا، ھېلى ئىرقىي كىملىككە ، ھېلى باشقا قوشۇمچە ئامىللارغىلا باغلاپ قويۇشمۇ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . چۈنكى بىز تېخىچە تاش ساناپ يۈرگىنىمىز بىلەن ئورۇسلار ۋە خىتايلار تېخىچە قۇم ساناپ ھەر جەھەتتىن بىزدىن يىراقنى كۆرۈپ ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى قانۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل باھانە - سەۋەپ تەييارلاۋاتىدۇ. بىزمۇ ئوبدانلا ماسلىشىپ ئۇسسۇل ئوينىشىپ بېرىۋاتىمىز . سەگەك بولمىساق، ھالىمىز خەتەر!

شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالغا سەل قارىماسلىقى ، تېزدىن تارىخىمىزنى دۇنيا ئېتىراپ قىلغۇدەك ھالدا ئاكادېمىك شەكىلدە تەييارلاپ چىقىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىشغالچى خىتاي باندىتلىرى خەلقىمىزگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان كۆپىنچە جىنايەتلىرىنى ئورۇسلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئېلىپ بارىدۇ . ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئۆز تارىخنى ئۇنۇتقان ،ئۇيغۇرلۇقىدىن نومۇس قىلىدىغان ھالغا كەلگەندە بۇنداق پالاكەتمۇ بىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ .

دېمەك كامىل ھەزرەت ھازىرقى تاتارلارنىڭ مەنىۋى ئاقساقىلى ، شۇنداقلا تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مۇپتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇتىننىڭ « دۆلەت قۇرغۇچى خەلق » ئۇقۇمىغا يۈرەكلىك قارشى چىققان .

ئۆز تارىخنى ئۇنۇتقان ، ئەجدادىدىن يىرگەنگەن ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولمىغان بىر مىللەت ھامان ئۆزگىنىڭ ئولجىسى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ . بىز كامىل ھەزرەتنىڭ يۈرەكلىك ھالدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويالىغىنىنى قىزغىن ئالقىشلايمىز . شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ دىنىي زاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىمۇ مىللەت ھەققىدە بايانات بەرگەندە قاتتىق سەزگۈر ۋە ھوشيار بولۇپ ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن بايانات بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز .

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى : سايرام ئوغلانى تەييارلىغان.

‏ IA IslamNews تور بېتىنىڭ تولۇق نۇسخىسى: https: //islamnews.ru/news-muftiy-tatarstana-vystupil-protiv-ponyatiya-gosudarstvoobrazuyushchiy-narod-v-konstitutsii