2020/10/30 04:08

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئاشۇرا كۈنى تۇغۇلغان ئويلار : « ۋەتىنىمىز يېڭى كەربالاغا ئايلاندى ! مىدىرلايلى!»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/09/08 11:15

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

ئاشۇرا كۈنىدىكى ئۈلگە ۋە ئىبرەتلەر

«ئاشۇرا كۈنى تۇغۇلغان ئويلار»

ھەزرىتى ئىمام ھۈسەيىن ** ئىراققا كېتىۋېتىپ يول ئۈستىدە داڭلىق ئەرەب شائىرى فەرەزدەقتىن ئىراق خەلقى توغرىلىق سورىسا،شائىر شۇئانلا
«قەلبلىرى سىلى بىلەن بىللە ،قىلىچلىرى دۈشمەنلىرى بىلەن بىللە»دەپ ئىككى يۈزلىمىچى خەلققە ئىخچام باھا بەرگەنىكەن.
مىلادى 680 ـ يىلى 17 - ئۆكتەبىر ئىسلام  تارىخىدا «داغ قالدۇرغان بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە»دىن توپتوغرا 1339 يىل ئۆتۈپ ، ئاسىيانىڭ يۈرىكىدە، پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا 35مىليون مەزلۇم خەلقنى ئاتالمىش 1مىليارد
600مىليون دىنىي قېرىندىشى يېڭى ئەسىردىكى ئەڭ رەھىمىسىز ۋە قانخور پىرئەۋننىڭ قولىغا تاشلاپ قويدى.ئەمما بىز ئىمام ھۈسەيىننىڭ يولىدا ئاداققىچە ئەسلا ئەقەللىي ياشاش ھوقۇقىمىز ۋە ھەققانىي كۈرىشىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز!«قان بىلەن كىرگەن ئۇيغۇرلۇق جان بىلەن چىقىدۇ»!
قۇدرەتلىك رەببىمىز بىزدىن كۆپلەپ يېڭى ئىمام ھۈسەيىن ۋە يېڭى مۇسالارنى چىقىرىپ، خۇدادىن ئورۇن تالىشىۋاتقان زامانىمىزدىكى جاللات،قانخور پىرئەۋنلەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋېتىشكە نېسىپ قىلسۇن !
كەربالادا شېھىت بولغان بارلىق ئىماملارغا ، ئالتاي،تەڭرىتاغ،قاراقۇرۇم ۋە كۆكئارت / پامىر/ باغرىلىرىدا ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ۋە مىللىي ھەق/ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىنىپ زامانىۋى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا ھالدا غالجىرلارچە شېھىت قىلىنغان بارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىگە ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز ! ئەڭ ئەقەللىي ياشاش ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىنىپ، پۈتۈنلەي يوقىلىتىش خەۋپىدە قالغان 40 مىليونغا يېقىن ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىمىزنى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە چاقىرىق قىلىمىز ! چۈنكى دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەتتە بولمىغان رەزىللىك ۋە  ياۋۇزلۇق دۈشمىنىمىزدە تولۇقى بىلەن تېپىلىدۇ . تارىختا بۇلارغا خوشنا بولۇپ قالغان بارلىق مىللەتلەر يوقىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر خىل جانلىقلارنىڭمۇ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئاچلىققا چىدىماي ئادەم يەپ جېنىنى ساقلاشنى مەدەنىيەت ھېساپلايدىغان ئالۋاستىلارنىڭ قولىدىكى 40 مىليوندەك خەلقىمىز ۋە ساناقسىز جانلىقلار ھالاكەت گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتىدۇ . ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى ! ساراڭلىق ۋە قاششاقلىق پاتقىقىدىن چىقىپ ، كىرىزىسنى ۋە ئىللەتنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋاستە تاللىماي دۈشمەننى رەسۋا قىلايلى، بېسىم قىلايلى ! جىم تۇرمايلى!

ئىمام ھۈسەيننىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن كەسكىن، مۇرەسسەسىز ئاداققىچە كۈرەش قىلىش روھى بىزگە  زور ئىلھامدۇر! ئىمامنىڭ ھەققانىي كۈرىشى ۋە ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ھەققىنى قوغداشتىكى ۋاز كەچمەس روھى بىزگە ئىلھام بېرىپ تۇرماقتا . ئادالەت ۋە ھەقىقەت ھامان جاھالەت ۋە كاززاپلىق ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىدۇ!
«يېڭىلىش بىز ئۈچۈن يوقىلىش ئەمەس ، بەلكى  يېڭى تىرىلىش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى باشلانغۇچ مۇقەددىمىسىدۇر !»!

يېڭىلىش بىز ئۈچۈن يوقۇلۇش ئەمەس؛
بەلكى ئۇ يېڭى بىر تىرىلىش ھەرىكىتىدۇر !

كۇرشات 638 - يىلى 29 - ماي 40 يىگىتى بىلەن ھالاك بولدى . ئەمما شەرقىي تۈرك ئۇلۇسلىرى قۇتۇلۇپ قالدى.جاھانگىر خوجا يېڭىلدى .ئەمما ئۇ قۇدرەتلىك مەنچىڭ خاندانلىقىنى ھالسىرىتىپ، ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ ، چارەك ئەسىردىلا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرەلىدى. بەدۆلەت يېڭىلدى . ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقى 30
يىلدىلا پور كۆتەك مەنچىڭ خانلىقىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. 300 يىللىق قۇدرەتلىك مانجۇرلار ئۈچ يىلدىلا يەر يۈزىدىن يوقالدى .
تارىخ تەكرارلىنىدۇ.پات ئارىدا يېڭى  كۇرشات ، يېڭى ئىمام ھۈسەين،پانتېكىن،توختامىشخان، ئۇۋەيسخان،ئېشىمخان، جاھانگىر خوجا ، ئىمام شامىل،سادىر پالۋان،غازى ئوسمان،ئاتالىق غازى، غېنى باتۇر، قاسىم پولگان ، ئابدۇقادىر داموللام،مەمتىلى تەۋپىق،قۇتلۇق شەۋقىي،
تۆمۈر خەلىپە،سابىت داموللام،ئەنۋەر پاشا، ئەمىر ھەزرەت،ئېلىخان تۆرە،ئەخمەتجان قاسىمى،ئوسمان باتۇرلاردەك جەڭگۋار، ئاداققىچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان يېڭى بىر ئەۋلات «ئىزچىلار» ئەزىز مىللىتىمىز ئۈچۈن
جانلىرىنى پىدا قىلىپ،قارىماققا دۈشمەنلەردىن «يېڭىلگەن»ئەمما روھى« چۈشكۈن مىللەتنى ئويغىتىپ،كۈرەشكە ئۈندىگەن»نامى ئۆچمەس ئۇلۇغ  ئەجداتلارنىڭ روھىنى شات قىلغۇسى!
مىللىتىمىز يېڭىدىن قايتا تىرىلگۈسى!
نۆۋەتتىكى چىدىغۇسىز قىيىن ھالەت شۇ ئۇلۇغ 
تىرىلىشنىڭ ئاچچىق ۋە  چىدىغۇسىز تولغىقى بولۇپ، بۇ مۇشەققەتنىڭ كەينىدە يېڭى بىر ھاياتلىق بىزنى كۈتمەكتە !

2018 - يىلى 20 - سېنتەبىر ، 1440 - يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ 10 - كۈنى / ئاشۇرا /.

قوشۇمچە :

** ئىمام ھۈسەيىن : ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئامراق قىزى ھەزرىتى فاتىمە ۋە جەسۇر كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلىدىن تۇغۇلغان كىچىك نەۋرىسى بولۇپ، مىلادى 626 - يىلى 8 - يانۋار مەدىنىدە دۇنياغا كەلگەن. ھەزرىتى ئەلى بىلەن ھەزرىتى فاتىمە 624 - يىلى يازدا بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىن توي قىلغانىدى . 625 - يىلى مارتتا چوڭ ئوغلى ئىمام ھەسەن تۇغۇلغان . ئىمام ھەسەن 670 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىمام ھۈسەيىن ئون يىل يولباشچى بولۇپ ، 680 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر  /  ھىجىرىيە 61 - يىلى مۇھەررەمنىڭ 10 - كۈنى ئىراقتىكى كەربالا چۆلىدە ئۇمەييەلەر قوشۇنى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان. يەنە بىر قاراشتا 10 - ئۆكتەبىر شېھىت قىلىنغان . ھەر يىلى ھىجىرىيىنىڭ تۇنجى ئېيى بولغان مۇھەررەمنىڭ 10 - كۈنى ، يەنى ئاشۇرا كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇ دەھشەتلىك پاجىئەنى ئەسلەپ كەلمەكتە . ئەمما ئىبرەت ئالمايلا قالماستىن بەلكى ، ھەر كۈنى يېڭى « كەربالا پاجىئەسى » نى پەيدا قىلماقتا . شۇنداق پاجىئەلەرگە سەۋەپ بولماقتا ۋە سۈكۈت قىلماقتا .

ئەگەر بۇ ئەسىردە « كەربالا ۋەقەسى » يۈز بېرىۋاتامدۇ ؟ دېسە، ئەلۋەتتە شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىمىز . ئۇ بولسىمۇ دەل ئەينى ۋاقىتتىكى سانى 100 غىمۇ يەتمىگەن ئاز سانلىق ھەققانىيەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى ھەزرىتى ئىمام ھۈسەيىننى جەمەتى بىلەن قوشۇپ رەھىمسىزلەرچە قىرىۋەتكەن 4000 مىڭ كىشىلىك ئۇمەييەلەر قوشۇنى، سۈكۈت قىلغان ئىسلام دۇنياسى ۋە بۇ پاجىئەگە بىۋاستە سەۋەپچى بولغان ئاتالمىش خەلىپە  يەزىت بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالەتتىكى 40 مىليونلۇق ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئىگىلىرى بولغان خەلقىمىزنى تۈپتىن قىرغىن قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى ، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن 2 مىليارد خىتاي ، خىتاينى قوللاۋاتقان ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان 2 مىلياردلىق نوپۇسقا ئىگە ئاتالمىش ئىسلام دۇنياسى ۋە بۇ پاجىئەنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىدە بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بولغان ئەرەب - تۈرك لىدېرلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى بولۇپ ، 1339 يىلدىن كېيىن ، « كەربالا پاجىئەسى » تېخىمۇ دەھشەتلىك ، تېخىمۇ زامانىۋى ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك قورقۇنچلۇق بىر شەكىلدە ئەزىز خەلقىمىزگە تەتبىقلانماقتا ۋە ھەر كۈنى مىڭلارچە قېرىنداشلىرىمىز جان تەسلىم قىلماقتا . ئەگەر شىئەلەرگە ئوخشاش قىرغىنچلىقىتىن كېيىن ئۆزىمىزنى كاچاتلاپ، مەڭگۈلۈك ۋىجدان ئازابىغا قالمايلى دېسەك، ئۇنداقتا ئەمدى بولسىمۇ، ھەر بىر مىنۇت - سېكۇنتنى چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەندىكى ئەزىزخەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ، ھېچبولمىسا، ئاتا - ئانىلىرىمىز ۋە ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ ھەرىكەتكە كېلەيلى!

2019 - يىلى 30 - ئاۋغۇست جۈمە ، ھىجىرىيە 1440 - يىلى ئاخىرلىشىپ، 31 - ئاۋغۇست شەنبە 1441 - يىلى باشلاندى . ھىجىرىيە يىلىنىڭ بىرىنچى ئېيى مۇھەررەم ئېيى بولۇپ، بۇ ئاينىڭ دەسلەپكى ئون بەش كۈنى يەھۇدىلار ۋە مۇسۇلمانلار تارىخىدا شانلىق ۋە قانلىق ئەسلىمە قالدۇرغان. مۇھەررەمنىڭ 10 - كۈنى ئاللاھ ئىسرائىل قەۋمىنى زالىم پىرئەۋندىن قۇتقۇزغان . يەنە شۇ كۈنى ئىمام ھۈسەيىن كەربالادا شېھىت بولغان . مۇھەررەمنىڭ 11 - كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى داھىيسى ئابدۇقادىر داموللام قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. شىئە مەزھىپىدىكىلەر بۇ كۈنى ئۆزىنى قامچىلاپ ، ئەينى ۋاقىتتا ئىمام ھۈسەيىننى دۈشمەنگە يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقىغا تۆۋە قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ قىلىقنى تۇنجى قېتىم سافاۋىلار ھۆكۈمدارى قىزىل باش ئىسمائىل 1505 - يىلى پەيدا قىلغان بولۇپ، كېيىنچە بۇ بىدئەت قىلىق شەرقتە تۆمۈرىلەر ، بابۇرىلار، شايبانىلار ۋە سەئىدىيەلەردىن تەركىپ تاپقان شەرقىي تۈرك - ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرپتە ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ئىبارەت ئوتتۇرا شەرقنىڭ خوجىسى بولغان دۆلەتكە قارشى تۇرۇشتىكى سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى قورالغا ئايلىنىپ كەتكەن . تېخىمۇ يامىنى بۇ قىلىق بارا - بارا شىئەلەرنىڭ ئەھلى سۈننەتكە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
گەرچە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان 1556 - يىلى سافاۋىلار بىلەن « ئاماسيا كېلىشىمى » نى تۈزۈپ، ساھابىلەرنى تىللايدىغان، ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدىغان ئىشلارنى چەكلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئىراندا يېقىنقى 500 يىلدىن بېرى ۋۇجۇتقا كەلگەن ھاكىمىيەتلەر بۇ ئازغۇن قاراشلارنى رەقىبى ئوسمان ئىمپىرىيسى ۋە تۇراندىكى ھەر قايسى تۈرك - ئۇيغۇر ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى سىياسىي قورال قىلىپ كەلدى . ھازىرقى ئىران دىنىي ھاكىمىيىتىمۇ    « ئىسلام » ، « ئىمام ھۈسەيىن ۋە كەربالا پاجىئەسى » نى قورال قىلىپ تۇرۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 6 - ئەسىردە ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىغىچە سوزۇلغان كونا ئاخمانىلار دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلماقتا.
تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاندىكى مۆتىدىل شىئەلەر ھازىر ئىران بىلەن پەرقلىق ھالدا، ئاشۇرا كۈنى تۆكۈلىدىغان قاننى ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ، يېڭىلىق ياراتماقتا . بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى ، ئىران ئەندىزىسى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ . ئىرانچە شىئەلىك ھامان رەسۋا بولىدۇ . مۆتىدىل شىئەلىكمۇ ھامىنى كەڭ قورساق جامائەت ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ . دۆت بارغانسىرى ئىنسانلار ئازلاۋاتىدۇ . پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى. يېڭى يىلىڭلارغا قۇتلۇق بولسۇن ! ئاشۇرا كۈنى ۋە ھارپا كۈنىدىكى روزاڭلارنى ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن !

2019 - يىلى 8 - سېنتەبىر يەكشەنبە
1441 - مۇھەررەم - 9 - كۈنى تاسۇئا .

2019 - يىلى 9 - سېنتەبىر  دۈشەنبە
1441 - يىلى مۇھەررەم - 10 -  ئاشۇرا .