2020/10/30 03:40

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


سېۋىر كېلىشىمىگە يۈز يىل : تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز يىللىق ئوخشىمىغان تەقدىرى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/08/10 06:25

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


سېۋىر كېلىشىمىگە 100 يىل توشقاندا :
 ( يۈز يىلدىن بۇيانقى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان بۈگۈنى ۋە يېقىنقى 100 يىللىق پەرقلىق ئۆتمۈشى )

كىرىش سۆز :

1878 - 1908 - يىللار ئوسمانىلار تارىخىدىكى ئەڭ ھالقىلىق يىللار بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئاسىيا ، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى زېمىنلىرى غەرپ ئەللىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىۋاتقان ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخىرقى كۈچلۈك سۇلتان پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلىتىنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالغان ئىدى . سۇلتان ئىسلامىزىم ئارقىلىق ئوسمانىلارنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن ياش ئوسمانىلار غەرپچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلاتتى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۇتۇق قازىنالمىغاچقا ، ياشلار ئىچىدە ، بولۇپمۇ ھەربىيلەر ئارىسىدا تۇرانچىلار باش كۆتۈرۈپ چىقتى . ئۇلار ئادرىئاتىكدىن خىتاي سېپىللىرىغىچە ، سىبىرىيەدىن پېرسىيەگىچە سوزۇلغان تېخىمۇ جەڭگىۋار تۈركىي دۆلەت قۇرۇپ چىقماقچى بولدى . دەرۋەقە ئۇلار 1908 - يىلى سۇلتاننى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاپ ، 1909 - يىلى ئۇنى تەختتىن چۈشۈرەلىدى . بىراق ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئون يىل توشمايلا يىمىرىلىپ كەتتى . ئۈچ پاشا قېچىپ كەتتى . يەنە نۇرغۇن پاشالار ئۆز ۋەتىنىدە ئىشغالىيەتچى كۈچلەرگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قىلىپ ، 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر پەقەت قارا دېڭىز رايونىلا قولىدا قېپقالغان ئوسمانىلار ئىمپىرىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، تۇنجى مىللىي دۆلەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى .

1 . ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلۇشى

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى 1878 - يىلدىكى « سان - سېتېفانو كېلىشىمى» بىلەن باشلانغان بولۇپ ، بىسماركنىڭ تەشەببۇسى ** بىلەن شۇ يىلى قايتا ئېچىلغان« بېرلىن يىغىنى» سەۋەپلىك ساقلىنىپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن
1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تەختكە چىققان
سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان 2 ئۇدا 30 يىللىق سون نىسپىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان.

** چاررۇسىيە 1877 - يىلى ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878 - يىلى ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا « بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار 1862 - يىلدىن 1868 - يىلغىچە كۆپ قان تۆكۈپ مىڭبىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەجەللىك سىياسىي خاتالىق سادىر قىلىپ ، يىمىرىلىش باسقۇچىدىكى لىڭشىپ قالغان ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلىشى 150 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىستىقبالىنىمۇ ئېنگىلىزلار ۋە ئورۇسلار ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇننىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان . زوزۇڭتاڭ ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغان ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغاندا ئوسمانىلارنىڭ ئازراقمۇ ئاغزاكى نارازىلىقمۇ بىلدۈرۈپ قويماسلىقى مۇشۇ سەۋەپتىن ئىدى : ( تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا):

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=534.0

بىراق 1908 - يىلى ھەربىي تەرەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 24 - ئىيۇل سۇلتاننى قايتىدىن 1876 - يىلى ئېلان قىلغان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ، شۇ يىلى 27 - ئاپرىل سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ، ئىنىسى مۇھەممەد رەشادنى تەختكە چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ، تالات پاشا ، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ .

بۇ ئۈچ پاشانىڭ توققۇز يىللىق سەلتەنەت دەۋرىدە « تەرابۇلۇس غەرب ( لىۋىيە) ئۇرۇشى » دا ئىتالىيە تەرىپىدىن ، « ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى » بۇلغارىيە ، يۇنان ، سېربىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ.

نەتىجىدە ئابدۇلھەمىتخان تىكلىگەن 30 يىللىق كۈچلۈك سەلتەنەت بىراقلا تارىخقا ئايلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلارنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئېغىر جازالايدۇ . ئۇنىڭ ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زېمىنلىرى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە يۇناننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ .

2 . بالقان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى : لىۋىيە ئۇرۇشى

مەزكۇر ئۇرۇش تارىختا « تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشى » دەپ ئاتالغان بولۇپ ، 1911 - يىلى 29 - سېنتەبىردىن 1912 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغان . مۇستاپا كامال پاشا 1911 - يىلى 22 - نويابىر « تابراق ئۇرۇشى » دا ئىتالىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن . ئەمما لىۋىيەدە ئاران سەككىز مىڭ ئوسمانلى ئارمىيىسى ۋە يىگىرمە مىڭ لىۋىيە پىدائىيلىرىلا بار ئىدى . ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن 3 - ئۆكتەبىر لوزاندا كېلىشىم تۈزۈپ ، 18 - ئۆكتەبىر ئۇرۇش توختىتىپ ، 30 - ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان . لىۋىيە خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1931 - يىلى 15 - سېنتەبىر ئۇلارنىڭ داھىيسى ئۆمەر مۇختار دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ، لىۋىيە تاكى 1947 - يىلى 10 - فېۋرالدا ئىتالىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئىشغال ئاستىدا قالغان . ئىتالىيە 1934 - يىلى بۇ جاينىڭ « تەرابۇلۇس غەرب » نامىنى ، گېرىكچە قەدىمكى نامى « لىۋىيە » گە ئۆزگەرتكەن . لىۋىيە 1951 - يىلى 24 - دېكابىر پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1969 - يىلى 1 - سېنتەبىر 27 ياشلىق كازاپى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئىدرىس خاننى ئاغدۇرۇپ ، تاكى 2011 - يىلى « ئەرەب باھارى » غىچە ھۆكۈم سۈرۈپ ، شۇ يىلى 20 - ئۆكتەبىر يۇرتى سۇرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن . ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋىيەدە ئىككى كۈچ ھاكىمىيەت تالاشتى . ئۇنىڭ بىرى دەل ھازىرقى باندىت خەلىپە ھەفتەر بولۇپ ، ئۇنى تۈركىيەگە قارشى بارچە ئەرەب ئەللىرى ۋە رۇسىيە قوللايتتى . يەنە بىرى تىرىپولىدىكى فايىز سەرراج ھۆكۈمىتى بولۇپ ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغاندىن سىرت ، تۈركىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايتتى . ھەفتەر 2019 - يىلى ئاپرىلدا بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، شۇ يىلى دېكابىردا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتكەن . تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا ئۆز ئارا دېڭىز تەۋەلىكىنى تەقسىملىگەن تۈركىيە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ، 2020 - يىلى 5 - يانۋار لىۋىيەگە ئەسكەر چىقاردى . كېيىنكى يېرىم يىلدا ھەفتەر ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، سەرراج تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى . بۇ يىل ئىيۇلدىن بېرى ئەرەب ئەللىرى مىسىرنى لىۋىيەگە مۇداخىلە قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ ، يەنىلا ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا . ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق  .

 3 . دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى:  ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى

1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە ئوسمانىلارنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالدى.
بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاجىزلاشقان ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى 3- ئايدا سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گىرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇ ئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكېدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېربىيە ، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئانىنا، ئەدىرنە  ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كىرىپ ھەر ئىككى دۈشمەن مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىستانبۇل بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋروپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گىرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيەسى ماكىدونىيەدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گىرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنگورۇ بىلەن تۈركىيەمۇ سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.
7-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913-يىلى 8- ئاينىڭ 12 - كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيەمۇ بۇ ئارىدا بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدا ئەدرىنەنى قايتۇرۇۋالغانىدى.
ئەنۋەر پاشا بۇ زەپىرى ئارقىلىق شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش ۋەزىرى بولۇپ ئۆستى .
ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. بوسنىيەدىكى سېربلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيەگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيەنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يوسۇندا ئاۋسترىيە-رۇسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇق (پارتلاتقۇچى دورا) ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارېست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.

4 . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلار :

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل باشلانغان دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئوسمان ئىمپىرىيىسى شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئودېسسا ۋە سېۋاستوپولنى بومبىلاش بىلەن قاتنىشىپ ، 12 - نويابىر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە بولۇشنى تاللايدۇ. ئاقىۋەت تۈركىيەنىڭ ماماتلىق قۇتلۇق ئۇرۇشى،
1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1918 - يىلى 4 - ئىيۇل سۇلتان مۇھەممەد رەشادخان ( 1909 - 1918) قازا قىلىپ،
ئورنىغا سۇلتان 6 - مۇھەممەدخان 5 - ئىيۇل ئاكىسىنىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغان. بىراق بىچارە خەلىپىنىڭ تەقدىرى دۆلىتى بىلەن ئوخشاش بولغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر كۈنى مودورۇس كېلىشىمىگە قول قويۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان. 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغال قىلىنغان. 1919 - يىلى يۇنان ۋە ئىتالىيە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن فرانسىيەمۇ بېسىپ كىرگەن. 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىنى مۇستاپا كامال ئېتىراپ قىلماي، چەتئەل ئىشغالچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. 1922 - يىلى نويابىر سۇلتان ئىتالىيىگە پالانغان. 1923 - يىلى يېڭى تۈركىيە قۇرۇلۇپ، پايتەخت ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن. 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك تۈزۈم پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .

1923 - يىلى ئاناتولىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن غالىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەشھۇر لوزان كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىم 1920 - يىلدىكى ئوسمانىلار ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېۋىر كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى باسقان بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى بولغان ئاناتولىيە ۋە شەرقىي تىراكىيا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ، شۇ يىلى
29 - ئۆكتەبىردە « تۈركىيە » ئىسىملىك يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلغان. ئىمپىرىيىنىڭ باشقا جايلىرى ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئىتالىيە، يۇنان ، سوۋېت ۋە بۇلغارىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان.

5 . ئىسيانچى ئەرەبلەرنىڭ ئاقىۋىتى :

ئەرەبلەر 1916 - يىلى 10 - ئىيۇن مەككە ھاكىمى شېرىپ ھۈسەيىن باشچىلىقىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ، 1917 - يىلى كۈزگىچە ئوسمانلى ئارمىيىسىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن، 1918 - يىلى ئىراق ۋە سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىن « خەلىپىلىكنى تۈركلەردىن ئەرەبلەرگە ئېلىپ بېرىش، بارلىق ئەرەبلەرنى بىر دۆلەت قىلىپ بېرىش » كۈچلۈك ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ھۈسەيىننى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھازىرقى سەئۇدى شاھلىقىنى قۇرغان ئابدۇلئەزىزنى نەجىتتىن ھىجازغا ھۇجۇم قىلغۇزۇپ، 1924 - يىلى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۈسەيىننىڭ بارلىق قوشۇنىنى قىرغۇزۇۋېتىپ، شۇ يىلى يازدا ئىككى ھەرەمنى قالاق، بەدەۋى سەئۇدى جەمەتىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ . ئاندىن ھۈسەيىننى قۇتقۇزغان بولۇپ، سىپرۇسقا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى پايسالنى سۈرىيە شاھى قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىنلا 1916 - يىلى 16 - ماي تۈرۈلگەن
 « سايكس - پىكوت كېلىشىمى » نىڭ روھى بويىچە سۈرىيەنى فرانسىيەگە بۆلۈپ بېرىدۇ . فرانسىيە 1921 - يىلى پايسالنىڭ ** ئەرەب قوشۇنىنى يوقىتىپ، سۈرىيەنى ئىشغال قىلىدۇ. 1932 - يىلى ئەنگلىيە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىراق ۋە مىسىرغا قىسمەن يۈزەكى  مۇستەقىللىق بېرىدۇ . ئابدۇلئەزىزمۇ شۇ يىلى 21 - سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ھىمايىسىدە « سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى » نى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ئىراق 1958 - يىلى، سۈرىيە 1960 - يىلى،  مىسىر 1952 - يىلى، كۇۋەيت 1966 - يىلى، قاتار 1968 - يىلى ، يەتتە ئەرەب بەگلىكى 1970 - يىلى ، ئالجىرىيە 1962 - يىلى ئاندىن ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلىدۇ .

*** ( شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى فايسال)

1920 ـ يىلى شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى پايسال تاج كىيىپ سۈرىيە پادىشاھى بولغان.( پايسال بىلەن ئاتىسى ئەنگلىيىنىڭ مىسىردىكى نائىبى مېكماخۇن بىلەن كېلىشىپ، 1916 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇن ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى.ئەرەبلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەنگلىيە 1917 ـ يىلى 13 ـ مارتتا باغداتنى، 19 ـ دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئالدى.

1917 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى باغداتنى تولۇق تىزگىنلىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ھەممە جايدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى سۆكۈپ تاشلاپ، ئەنگلىيە بايرىقىنى ئېسىشقا باشلىغان.
« ئەنگلىيە بىلەن ئوسمانلى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا رەقىپلەردىن بولۇپ،ئەنگلىيە 1914  - يىلى  نويابىردىلا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە  شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بىراق 1916 - يىلى 29 - ئاپرىل ئون مىڭدىن ئوشۇق قوشۇنى  قۇتۇلئەمارەدە تۈركلەرگە تەسلىم بولۇپ،  ئەنگلىيە ئارمىيىسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە شۇ يىلى 10 - ئىيۇن  مەككە ئەمىرى شېرىپ ھۈسەيىن بىلەن ئوغلى پايسال ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئەرەب قوزغىلىڭىنى قوزغىغان.  نەتىجىدە ئەنگلىيە قايتا  پىلان تۈزۈپ، ھىندىستاندىن يېڭى زاپاس قوشۇن تەشكىل قىلىپ، 1917 - يىلى  بىر قانچە غەلىبىلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق  11 -مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە سەلتەنەت دەرۋازىسىدىن باغداتقا كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن  ئوسمانىلارنىڭ  باغداتتىكى 400يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 1918 - يىلى 14 -
نويابىر ئەنگىلىيە كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا  موسۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئوسمانىلارنىڭ ئىراقتىكى ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي يىمىرىلگەن».

1918 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ـ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى دەمەشىقنى ئالدى. 1919 ـ يىلى يانۋاردىكى ۋېرسال شەرتنامىسى بويىچە بىر يىل تالاش ـ تارتىش قىلىش ئارقىلىق،ئاخىرى پايسال سۈرىيە پادىشاھى، دادىسى ھۈسەيىن ھىجاز پادىشاھى بولغان. بىراق 1916 ـ يىلى 16ـ مايدا تۈزۈلگەن سايكس ـ پىكوت كېلىشىمى بويىچە فرانسىيە گېنىرالى گورو 1921 ـ يىلى دەمەشىقنى ئىشغال قىلىپ،پايسالنى ئاغدۇرۋەتكەن. ئەنگلىيە ئۇنى ئىراققا پادىشاھ قىلغان. لېكىن ئەنگلىيە يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى جەمەتىنى قوللاپ، 1924 ـ يىلى مەككە ـ مەدىنىنى ھۈسەيىندىن تارتىۋالغان. ئەنگلىيە ھۈسەيىننى قوغداش باھانىسىدە سىپرۇستا نەزەربەنت
قىلغان .

6 . دۇنياۋى ئۇرۇشتىكى زور مەغلۇبىيەت ۋە مودورۇس كېلىشىمىدىن سېۋىر كېلىشىمىگىچە:

1908 - يىلى ئابدۇلھەمىدخانغا قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىستانبۇل مالىمانچىلىققا پاتقان. سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئاۋستىرىيە دەرھال بوسنىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ قىلمىشقا سېربىيە قاتتىق نارازى بولغان. چۈنكى سېربلار بۇ جاينى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارايتتى. ئەمما سېربىيە ئۇ ۋاقىتتا ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. 1912 - 1913 - يىلدىكى ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئارمىيىسى بالقاندىن تولۇق چېكىنىپ چىقتى. بوشناقلار كەڭ كۆلەمدە ئاناتولىيىگە كۆچتى. 1914 - يىلى 28 - ئىيۇن بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاۋستىرىيىنىڭ بىردىنبىر تەخت ۋارىسى بىر سېرب ئاشقۇن تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. ئاۋستىرىيە دەرھال سېربىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى. سېربىيە شەرتلەرگە تولۇق كۆرمىگەچكە، ئاۋستىرىيە گېرمانىيىدىن مەسىلىھەت سورىدى. گېرمانلار ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇڭا ئاۋستىرىيە 1914 - يىلى 28 - ئىيۇل سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى بېلگىراتنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە31 ئىيۇل - كۈنى ئۇمۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەركىتى قوزغىدى. چاررۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشۈنىدىغانلىغىنى جاكارلىغان گىرمانىيە 8- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەگە، 3- كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گىرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گىرمانىيە فىرانسىيەنى تىزرەك ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان Flander تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىلگىيەدىن ياردەم سورىدى. بىتەرەپ دۆلەت بولغان بىلگىيە قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئەنگلىيە بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن يۈرەكلىك گىرمانىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە بولسا گىرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1914-4  - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە - فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى، گىرمانىيە - رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋۇستىريە - سېربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.
ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ 29 - ئۆكتەبىر ئىككى ھەربىي پاراخوت بىلەن ئودېسسا پورتىنى توپقا تۇتۇپ، 2 - نويابىر رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 12 - نويابىر رەسمىي ھالدا گېرمانىيە تەرەپكە قېتىلدى. نەتىجىدە بىراقلا سەككىز ئۇرۇش سېپىدا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش تۆت يىل سوزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش بارچە ئېمپىرىيىلەرلەرنى يەر شارىدىن يوقاتتى.
1918 - يىلى 11 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:11 دە گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلار كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرى بولغان ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى مەغلۇپ دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىدىغان « ۋېرسال كېلىشىمى» نى 1919 - يىلى يانۋاردىن تاكى ئىيۇلغىچە مۇزاكىرە قىلىپ ، 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئۇنىڭ تارمىقى بولغان « سېۋىر كېلىشىمى » نى ئوسمانىلارغا مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغان.
ئەمما مۇستاپا كامال پاشا بۇ تەڭسىز كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلماي ، لېنىنىڭ ياردىمىدە 1919 - يىلدا باشلىغان « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » داۋام قىلىپ ، 1922 - يىلى غالىپ دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلىپ ،
1923 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمىنى
« سېۋىر كېلىشىمى » نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ چىققان .

7 . ئافغانىستان ئىران ۋە ھىندىستاننىڭ پوزىتيىسى

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. كۈزدە ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشقا كىرگىنىدىن ئەپسۇسلانغىنىنى بىلدۈردى . گېرمانىيە ئافغانىستانغا ئىران ئارقىلىق 50 مىڭ تال مىلتىق، نەچچە مىڭ پېلىموت ئەۋەتىپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. ئوسمانلى سۇلتانىمۇ تەلەپ ئەۋەتتى . ئەمما ئەنگلىيە « ئۇرۇشتىن كېيىن سىلەرگە مۇستەقىللىق بېرىمىز !» دەپ ئالداپ، ئافغان ھۆكۈمىتىنى بىتەرەپ تۇرغۇزۇپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئوتتۇرا شەرققە ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇشقا يۆتكەپ كەتتى. 1918 - يىلى 11 - نويابىر ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى . پايتەخت ئىستانبۇل ئىشغال قىلىندى. ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق قوزغىلىڭى پارتلىدى. ھەبىبۇللاخان ئەنگلىيەنىڭ گېپىدە تۇرمىغىنىدىن نارازى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا، 1919 - يىلى شىكارغا چىققان يېرىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
1919 - يىلى ۋېرسال شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇلۇپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. 1921 - يىلى ئافغانىستان ئاخىرى مۇستەقىل بولىدۇ. 1923 - يىلى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان لوزان كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئازاتلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. تۈركىيەمۇ كېلىشىم بويىچە 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ . نەتىجىدە ھىندىستاندا 1924 - يىلى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇستەقىللىق ۋە قارشىلىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ھال ئەنگلىيە بىلەن سوۋېتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.  ئاقىۋەت 1925 - يىلى ئەنگلىيە مىڭ يىلدىن بېرى ئەجداتلىرىمىز ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەن تۇراننىڭ قوشمىقى ئىراننى قايتىدىن پارسلارغا تۇتقۇزىدۇ . 1925 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى تۈركىي خانلىق قاچار ئىمپىرىيىسى / 1796 - 1925/ ئاغدۇرۇلۇپ، رىزاخان پەھلىۋى شاھ بولىدۇ. 1935 - يىلى نامىنى « ئىران »غا ئۆزگەرتىدۇ.
ئەمما رىزاخان ئەنگلىيە ۋە سوۋېتنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىماي، 1941 - يىلى گېتلىر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىتالىن بىلەن چېرچىلدىن بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى سېزىپ قالغان سىتالىن بىلەن چېرچىل گېتلىر قوشۇنى كاۋكازغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى دەرھال يوشۇرۇن ھالدا تېھرانغا كېلىپ، قورال كۈچى بىلەن رىزاخاننى ئاغدۇرۇپ،ئۇنىڭ غەرپپەرەس قابىل ئوغلى مۇھەممەد رىزاخاننى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ . بۇ بالا شاھ 1946 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. 1979 - يىلى ھازىرقى قارا سەللىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.
ئەنگلىيەمۇ ھىندىستاننى 962 - يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھىندىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . 1947 - يىلى جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستان ، كەشمىر،  پاكىستان، بېرما ۋە بېنگالدىن ئىبارەت نەچچە دۆلەت شەكىللىنىدۇ . ئافغانىستاندا 1933 - يىلى نادىر شاھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئورنىغا ياش ئوغلى مۇھەممەد زاھىر شاھ خان بولىدۇ.
2007 - يىلى 23 - ئىيۇل ئەڭ ئاخىرقى ئافغانىستان شاھى مۇھەممەد زاھىر شاھ ۋاپات بولغان. « ئۇ 1933 - يىلى 8  - نويابىر دادىسى مۇھەممەد نادىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان. يەنى ئۇ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇشتىن 4 كۈن بۇرۇن تەختكە چىققان. 1973 - يىلى 17 - ئىيۇل تاغىسى داۋۇت قولىدا ئاغدۇرۇلغان.»    « مۇھەممەد زاھىر شاھ: 1914 - يىلى 16 -ئۆكتەبىر تۇغۇلغان. 2007 - يىلى 23 - ئىيۇل 93 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ كىشىدىن سورايدىغان نۇرغۇن مەخپىيەتلىك بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ يەردىكى يارىماس قاچقۇنلار « خەخ ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشكە رازى بولدىكى، بۇ كىشى بىلەن بىر قېتىم ئۇچرىشىش خىيالىغىمۇ كەلمىدى». ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلار بۇنى نەدىن بىلسۇن دەيسىز !؟؟». زاھىر شاھ بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى ئاز بولسىمۇ قوللىغان يېقىن خوشنىمىز ئىدى.

8 . مۇستاپا كامالنىڭ قۇتۇلۇش ئۇرۇشى ۋە تۈركىيە مىللىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى :

ئوسمانلى سۇلتانلىقى 1918 - يىلى 12 - نويابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىنىشقا باشلىدى.
1914 - يىلى 12 - نويابىر ئۇرۇشقا كىرگەنىدى.
1919 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە ، ئىتالىيە، ھەتتا يۇنان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاناتولىيەنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىدۇ . 1919 - 19 - ماي مۇستاپا كامال ئىستانبۇلدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، 19 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تاكى 1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇست دۇملۇپىنار زەپىرى قازانغۇچە ساق ئۈچ يىل « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » قىلىپ، شۇ يىلى نويابىردا سۇلتاننى ئىتالىيەگە پالايدۇ.لېكىن  يېڭى خەلىپىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا چېقىلمايدۇ. 1923 - يىلى 23 - ئىيۇل «  لوزان كېلىشىمى » گ ئىمزا قويۇپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر « تۈركىيە » ناملىق بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ . 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 5 - ئىيۇل سىتالىن « تۈركىستان »  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىدۇ .

9 . « كۇرد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» :

1926 - يىلى تۈركىيە ، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان. مۇستاپا كامال، رىزاخان پەھلىۋى ۋە ئامانۇللاخان تەستىق سالغان.« بۇ ئۈچ دۆلەت 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر ھەقىقىي مۇستەقىل ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، ئەنگلىيە 1915 - يىلدىن 1919 - يىلغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ چاغدا چاررۇسىيە يوقالغاچقا، ئافغانلار ئەنگىلىيىنىڭ ئېتىرا قىلىشى بىلەنلا جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان. تۈركىيە 1924 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى دېموكراتىك مىللىي دۆلەتكە ئايلانغان. رىزا پەھلىۋى ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشىدا، 130 يىلدىن بېرى پېرسىيىگە ئەمەلى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاچار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1925 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى پارس ئىسلام پادىشاھلىقى بولۇپ قالغان. مۇستەقىللىقىنى ئەبەدى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ تەقدىرداش ئۈچ دۆلەت داھىيلىرى تۇيۇقسىزلا مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاپ ئۇتۇقلۇق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، كۇرد ۋە ئافغاندىكى باشقا مۇستەقىلچى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالغان .

10 . ئۇيغۇرلاردىكى يۈز يىللىق قوشماق ئىدىئولوگىيەلەر ۋە ئورتاق قىسمەتلەر :

20 - ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ھەمدە ئۆز مىللىي كېلەچىكىنى يارىتىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى داۋامىدا تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە ۋە مەپكۇرىلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم دىنىي سەرخىللار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشى ۋە قايتا گۈللىنىشى داۋامىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1917-يىلىدىكى بولشېۋىكلار ئىنقىلابىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقىنىڭ كوممۇنىزم سىستېمىسى ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە بۇ بۇ مەپكۇرىنى قوبۇل قىلغان.

20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشتە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ياكى غايىسىنىڭ مۇھىم بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، يەتتە سۇدا ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ۋە بۇلارنىڭ مەنىۋى ئۇستازى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف ئۇيغۇرىزىم ئارقىلىق 300 يىل ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، نىمجان بولغان مىللەتنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزماقچى بولغان.

قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام، خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار تۈرك ۋە ئىسلام كىملىكى يۇغۇرۇلغان جەدىتىزىم ئارقىلىق 400 يىلدىن بېرى جاھالەت تۈتەكلىرى ئارىسىدا بوغۇلۇپ قالغان ئاڭسىز مىللەتنى قايتا ئاپىرىدە قىلماقچى بولغان. ئەمما ئىسلام دۇنياسىنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام « ھازىر ئىسلام دۇنياسىدىن پەقەتلا ئۈمۈد كۈتكىلى بولمايدۇ » غانلىقىنى خۇلاسىلەپ، « ئۆزىمىزگە تايىنىشتىن ئۆزگە يول يوق!» دەپ قاراپ، ئۆز ئۆزىگە تايىنىپ ئىش باشلىغان. نەتىجىدە بىر يېرىم يىل تۈركىيەدەك ھەجىمدىكى جايلارنى سورىغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن،ئۆمرى قىسقا - تەسىرى زور تۇنجى جۇمھۇرىيەت مەيدانغا كەلگەن.

بىراق ھەر ئىككى پىكىر ئېقىمى غەلىبە مېۋىسىنى قوغداپ قالالمىغاچقا،ئون يىلدىن كېيىن، ئىلىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرىزىم بىلەن ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تۈركىزىم قايتا ئوتتۇرىغا چىققان. ئىككى ئېقىمنىڭ ئاتامانلىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشتىن - ئاخىرى ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھىلىگەر خىتايلار ھوقۇق ھىلىسى ئىشلىتىپ، ئەسلىدە ئۆزلىرىگە قارشى بولغان ئىككى تەرەپنى
« بىر -بىرىگە قارشى ئىككى تاغلىق» قا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۈچ ئەپەندى تۈركچىلىككە كۈچىگەنسىرى سىتالىننىڭ بىزدىن ئۈمۈد ئۈزۈشى شۇنچە كۈچلۈك بولغان. نەتىجىدە « ئىككى يولۋاس ئۇرۇشۇپ، مەينەت قاۋانلارغا يەم بولغان» . ئە . قاسىمى ھازىرغىچە سىرى ئېچىلمىغان سۇيقەستتە يوق قىلىنغان بولسا، م .بۇغرا ۋەتەندىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قاچقان.
1914 - يىلى ئاقسۇغا كېلىپ، مىللىتىنىڭ تولىمۇ بىچارە ھالدا قالغانلىقىنى كۆرگەن نەزەر خوجا « قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام بارغۇ، ھەر ھالدا قەشقەر خەلقى شۇلار سايىسىدە بەختلىك بولسا كېرەك !» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ، ئۆزىنى « ئۇيغۇر بالىسى» دەپ ئاتىغان بولسا، ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ، قوشكېزەك ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئىدىئولوگىيىسى
ھەر خىل سىياسىي ۋە پىكرىي مۇھىت تۈپەيلى « گۆش بىلەن قاندەك ھالەتتىن ، ئوت بىلەن سۇدەك قارشى ھالەتكە كېلىپ قالغان» .
نەتىجىدە بىر -بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئېلىمېنت خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىپ، ھەر ئىككىسى تۈگىشىپ كەتكەن. 1949 - يىلى « ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق !» بولۇپ، ھەم ۋەتەن، ھەم خەلق قايتا قۇللۇققا مەھكۇم بولغان.

شۇ قېتىمقى پاجىئەلىك تەقدىر بىزگە ئىبرەت بولۇشى كېرەك ! بىزنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتا خاتالىشىپ، يەنە 50 يىل كۈتكىدەك ئەھۋالىمىز ۋە شارائىتىمىز يوق. شۇڭلاشقا يۇغۇرۇلسا پولاتتىنمۇ قاتتىق ھالغا كېلىدىغان، سوقۇشتۇرسا بىر - بىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان بۇ ئىككى ئىدىئولوگىيىنى قەستەن سوقۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەجداتلاردىن قالغان ئىلغار پىكىرلەر ۋە ئىدىيەلەرنى يۇغۇرۇپ، بىر ئانا مەپكۇرە يارىتىشنىڭ ئورنىغا ئەسلىدە بار بولغان پارچە ئىدىيەلەرنى سوقۇشتۇرۇپ خورىتىۋەتسەك، يەتمىش يىل ئاۋۋالقى ھاقارەتلىك تارىخ يەنە قايتىلىنىدۇ دېگەن گەپ .

شۇڭا سۈنزى دەيدۇكى :« ئۆزۈڭنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ مەڭگۈ يېڭىلمەيسەن !».

ئاتىلىرىمىزمۇ دۈشمەننى سەل چاغلىماسلىق ھەققىدە :« ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا !» دەپ نەسىھەت قىلىپ، « ھەر ۋاقىت بىز تاش ساناۋاتقاندا دۈشمەننىڭ قۇم ساناپ ئۈلگۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھازىر كۆتۈرۈپ چىققان كونا ئىدىئولوگىيىلەرگە قارشى دۈشمەننىڭ تەدبىرى يېتەرلىك. شۇڭلاشقا بىز دۈشمەن ھېچ مۆلچەرلىمىگەن ۋە تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە مۇكەممەل بولغان يېڭى بىر ئانا مەپكۇرىگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرەش يولى قانداق بىر ئىدېئولوگىيەنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۆۋەتتىكى گېئو-سىياسىي مۇھىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىدىن «ئۇيغۇرىزم» غايىسىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەمما تۈركىيەنى مەركەز قىلغان باشقا بىر بۆلۈك سەرخىللار « تۈركىزىم » غايىسىنى كۈچەپ تەكىتلىمەكتە. ئاز ساندىكى بىر قىسىملار بۇ پۇرسەتتە « ئۇيغۇر » نامىنى چەتكە قاقماقتا.

يۇقىرىقىلار ئۆتكەن بىر ئەسىر ئىچىدىكى ئاچچىق تەجرىبە - ساۋاقلىرىمىزنىڭ يىغما خۇلاسىسى بولۇپ، بۇندىن كېيىن قانداق يول تۇتۇشنى شۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن ئىبرەت ئالغان ئاساستا قارار قىلىش كېرەك !

ئاخىرىدا ھەممەيلەنگە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ مۇنۇ كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمىز  :

9 ئادەمنىڭ ئۇيغۇرىستان غايىسىدىن شەرقىي تۈركىستانغىچە

https://elkitab.org/wp-content/uploads/2018/12/9-Ademning-Uyghuristan-Ghayisidin-Sherqy-Turkistanghiche.pdf

11 . « ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىز ۋە كىملىكسىز قېلىشى » :

1789 - يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ئىمپىرىيالىزىم دۇنياسىنىڭ ئۇلىنى لىڭشىتىپ قويدى . ناپولىئون 1798 - يىلى مىسىرغا قوزغىغان ئۇرۇش بىلەن 1812 - يىلى چاررۇسىيەگە قوزغىغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە ياۋروپانىڭ سىياسىي خەرىتىسى ئۆزگىرىپ ، بۇرۇنقى دىن ۋە ئىرقنى ئاساس قىلغان ئورتاق « ۋەتەن » ئۇقۇمى يىمىرىلىپ ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەر تارراق « ۋەتەن » ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى . نەتىجىدە كىچىككىنە ياۋروپادا بۇرۇنقى بەش چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ ئورنىغا يىگىرمىدىن ئارتۇق مىللىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى . 19 - ئەسىردە ياۋروپا ۋە چاررۇسىيە ئاخىرى بىپايان شەرق دۇنياسى ( ئىسلام دۇنياسى ) ۋە تېخىمۇ يىراقتىكى ياپونىيەدىن باشقا بارچە كۈن چىقىش ئەللىرىنى بويسۇندۇردى .  شەرقىي ئاسىيادا
« شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان خىتايلار ( مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ) بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى « غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان تۈركلەر ( ئوسمان ئىمپىرىيىسى ) باشلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى « مەدەنىيەت بىرلىكى ئاساسىدىكى ئۈممەت دۆلەتلىرى » يىمىرىلىپ ، ئۇلارنىڭ خارابىسىدە كۆپلىگەن مىللىي دۆلەتلەر قۇرۇلدى . جاھاننىڭ رەپتارىغا توغرا باقالىغان خىتاي سۈن ۋېن يېڭى خىتايلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، 1912 - يىلى تۇنجى خىتاي مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى .
مۇستاپا كامالمۇ ئون يىلدىن كېيىن ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، 1923 - يىلى يېڭى تۈرك مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . گەرچە ئۇيغۇرلار ئوخشاش ۋاقىتتا خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ ، ئەمما 1921 - يىلى 4 - ئىيۇن موسكۋادا يېڭى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سوۋېتلەرنىڭ غەرپكە ۋە ياپونغا قارشى تۈپ دۆلەت مەنپەئەتى سەۋەپلىك رەت قىلىندى . ئاقىۋەت بۇ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئويلىغان ياپونىيە ، ئەنگىلىيە ، قالدۇق ئوسمانىلار پاشالىرى ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىلچىلىرى ۋەتىنىمىزنى ئارقا سەپ بازىسى قىلىشقا ئۇرۇندى . ئاخىرقى تەھدىت سەۋەپلىك تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى يىقىتقان سىتالىن ، 1937 - يىلى ياپون تەھدىتى سەۋەپلىك بارلىق مىللىي مۇستەقىلچى كۈچلىرىمىزنى يوقاتتى . ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى باشتىنلا قىزغىن قوللىغان سىتالىن 1945 - يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىنى گومىنداڭغا تاشلاپ بەرگەن . 1949 - يىلى سوغۇق ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي ، پۈتۈن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا سوۋغا قىلغان . بىراق شۇ يىلى دېكابىردا ماۋ خىتاينىڭمۇ شېڭ شىسەيگە ئوخشاش ۋاپاسىز ئىكەنلىكىنى سېزىپ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرال مەجبۇرىي كېلىشىم تۈزۈپ ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ  1955 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مۇستەقىل ئىتتىپاقداش دۆلەت قۇرۇشنى بەلگىلىگەن . ئەپسۇس ، سىتالىن
1953 - يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، خىتايلار ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ  ، 1955 - يىلى ھازىرقى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننى قۇرۇپ خەلقىمىزنى ئالدىغان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى . دۇنيا يەنىلا « شەرق مەسىلىسى » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىلى ئاللىبۇرۇن 20 يىل بولاي دېدى . ئەمما بەزى ئاچكۆزلەر نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەش غەرىزىدە بولماقتا . بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمىغاندا خۇددى بۇرۇنقىدەك « خاتا ۋاقىتتا ، خاتا مەيداندا ، خاتا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قېلىپ » ، قايتىدىن ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېتىم بىزلەرنى ، جۈملىدىن پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايتا ئالدىنىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمان ۋە ئەبەدىي ھەسرەت - نادامەتتە قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

يۇقىرىقى مەزمۇنلار 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىدىن كېيىنكى يۈز يىللىق تۈركىيە سىياسىي تارىخىنى بىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت .

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە خاتىمە بەرگەن سېۋىر كېلىشىمىگە يۈز يىل توشقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە تەييارلاندى . سېۋىر كېلىشىمى 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان بولۇپ ، شۇ كۈنى ئوسمانىلار پەلەستىدىن ۋاز كەچكەن . ھەتتا شەرقىي ئاناتولىيەدە كۇردىستان قۇرۇش پىلانىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ ، بۇ كېلىشىم بىلەن ئوسمانىلار قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى تولۇق يوقىتىپ قويغان . بۈگۈن بۇ ئاچچىق تارىخقا توپتوغرا 100 يىل توشتى.   

سايرام ئوغلانى .

پايدىلانغان ماتېرىياللار :

1 . تۈرك ئېنىسكلوپىدىيىسى.

2 . تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخى .

3 . ئۈچ پاشا ۋە ئوسمانىلارنىڭ ھالاكىتى. 

4 . ئاخىرقى ئىمپىرىيە.

5 . نەبىجان تۇرسۇننىڭ 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى يېتۈك ئەسەرلىرى. 

2020 - يىلى 10 - ئاۋغۇست.  دۈشەنبە.