2020/05/25 16:19

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تۈركلەر ۋاز كەچكەن تۇران چۈشى ۋە تېخىچە مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلار

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/03/07 07:59

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تۈركلەر مەغلۇپ بولۇپ ۋاز كەچكەن تۇران چۈشى ۋە تەكرار مەغلۇپ بولۇپمۇ ۋاز كېچەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرلار


 (1 ) :  1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلار :

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل باشلانغان دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئوسمان ئىمپىرىيىسى شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئودېسسا ۋە سېۋاستوپولنى بومبىلاش بىلەن قاتنىشىپ ، 12 - نويابىر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە بولۇشنى تاللايدۇ. ئاقىۋەت تۈركىيەنىڭ ماماتلىق قۇتلۇق ئۇرۇشى،
1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1918 - يىلى 4 - ئىيۇل سۇلتان مۇھەممەد رەشادخان ( 1909 - 1918) قازا قىلىپ،
ئورنىغا سۇلتان 6 - مۇھەممەدخان 5 - ئىيۇل ئاكىسىنىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغان. بىراق بىچارە خەلىپىنىڭ تەقدىرى دۆلىتى بىلەن ئوخشاش بولغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر كۈنى مودورۇس كېلىشىمىگە قول قويۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان. 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغال قىلىنغان. 1919 - يىلى يۇنان ۋە ئىتالىيە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن فرانسىيەمۇ بېسىپ كىرگەن. 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىنى مۇستاپا كامال ئېتىراپ قىلماي، چەتئەل ئىشغالچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. 1922 - يىلى نويابىر سۇلتان ئىتالىيىگە پالانغان. 1923 - يىلى يېڭى تۈركىيە قۇرۇلۇپ، پايتەخت ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن. 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك تۈزۈم پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .

1923 - يىلى ئاناتولىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن غالىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەشھۇر لوزان كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىم 1920 - يىلدىكى ئوسمانىلار ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېۋىر كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى باسقان بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى بولغان ئاناتولىيە ۋە شەرقىي تىراكىيا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ، شۇ يىلى
29 - ئۆكتەبىردە « تۈركىيە » ئىسىملىك يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلغان. ئىمپىرىيىنىڭ باشقا جايلىرى ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئىتالىيە، يۇنان ، سوۋېت ۋە بۇلغارىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان.


( 2 ) : مۇستاپا كامالنىڭ قۇتۇلۇش ئۇرۇشى ۋە تۈركىيە مىللىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى :

ئوسمانلى سۇلتانلىقى 1918 - يىلى 12 - نويابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىنىشقا باشلىدى.
1914 - يىلى 12 - نويابىر ئۇرۇشقا كىرگەنىدى.
1919 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە ، ئىتالىيە، ھەتتا يۇنان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاناتولىيەنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىدۇ . 1919 - 19 - ماي مۇستاپا كامال ئىستانبۇلدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، 19 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تاكى 1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇست دۇملۇپىنار زەپىرى قازانغۇچە ساق ئۈچ يىل « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » قىلىپ، شۇ يىلى نويابىردا سۇلتاننى ئىتالىيەگە پالايدۇ.لېكىن  يېڭى خەلىپىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا چېقىلمايدۇ. 1923 - يىلى 23 - ئىيۇل «  لوزان كېلىشىمى » گ ئىمزا قويۇپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر « تۈركىيە » ناملىق بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ . 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 5 - ئىيۇل سىتالىن « تۈركىستان »  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىدۇ .

 ( 3 ): ئەنۋەر پاشا ۋە باسمىچىلار ھەرىكىتى :

1920 ـ يىلى لېنىن ئۆسەك سۆز تارقىتىپ« ئەنۋەر پاشا بىلەن بۇخارا ئەمىرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ» سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى  بۇخارا خانلىقىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان.نەتىجىدە پايتەخت بۇخارا ئۈچ كۈنلۈك قاتتىق بومباردىماندا ۋەيران بولۇپ،
1 ـ سېنتەبىر قولدىن كەتكەن. ئالدانغان نادان بۇخارا ئەمىرى تېزدىن ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن.ئەنۋەر پاشا قالدۇق بۇخارا قوشۇنلىرىنى توپلاپ تاجىكىستانغا چېكىنىپ داۋاملىق قارشىلاشقان. ئۇكىسى نۇرى پاشا 1918 ـ يىل ئاخىرىدا بۇيرۇق بويىچە قوشۇن چېكىندۈرۈپ، تۈركىيە چېگرىسىدىكى باتۇمغا كەلگەندە ئەنگلىيە تەرەپ ئۇنى قولغا ئالغان. ئەمما ئۇ قېچىپ قۇتۇلۇپ،ئاكىسى ئەنۋەر پاشاغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە ئۆتەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن نائىلاج ئاۋستىرىيىگە كەتكەن. ئۇ بۆرەك ئاغرىقى بىلەن ئوپراتسىيە قىلىنغان چاغدا ئۇنىڭغا قېرىندىشى ئەنۋەر پاشانىڭ شېھىت بولغان خەۋىرى يېتىپ كەلگەن.ئەسلى
لېنىن فرۇنزىنىڭ قوماندانلىقىدا 200 مىڭ
قىزىل ئارمىيە قوشۇنىغا بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيادا « ئاتالمىش باسمىچىلارنى تازىلاش» بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. ئەنۋەر پاشالا بولىدىكەن رۇسلارغا ھامان ئاراملىق يوق ئىدى.پۈتۈن ئۆمرى ئۇرۇش بىلەنلا ئۆتكەن 41 ياشلىق بۇ ئەزىمەت 32 يېشىدىلا ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىرى بولغانىدى.ئۇنىڭ بۈيۈك تۇران چۈشى سوۋېتنىڭ ئارامىنى بۇزغانىدى.شۇڭا لېنىن ئالدى بىلەن 200مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇنى بىلەن 20مىڭچە ئەسكىرى كۈچى بار ئەنۋەرپاشاغا ھۇجۇم قىلدى.ئەنۋەر جانلىق تاكتىكا ئىشلىتىپ،پامىر تاغلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاز كۈچ بىلەن قىزىل ئارمىيىنى زور چىقىمغا ئۇچراتتى.

( 4 ) : ئەنۋەر پاشانىڭ ئۆلۈمى ۋە تۇران ( بۈيۈك تۈركىستان ) چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى :

ئەنۋەر پاشانى يالغۇز قورال كۈچىگە تايىنىپلا يوقىتالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن رۇسلار
سۆيۈنچە بېرىپ،ئەنۋەر پاشا ۋە قوشۇنى توغرىلىق مەلۇمات بېرەلەيدىغانلارنى ئىزدەپ،
سودىلىشىپ،سېتىۋالدى.ئەنە شۇ خائىنلارنىڭ بىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا رۇسلارغا مۇھىم بىر ھەربىي ئاخباراتنى يەتكۈزدى.« ئەنۋەر پاشا قوشۇننى ھېيتلىق دەم ئالدۇرۇشقا قويۇپ بېرىپ،ئازغىنا ئەسكىرى بىلەن پامىر تاغلىرى ئېتىكىدىكى بەلخ جۇۋاندا يېڭى پىلان تۈزگىلى تۇرۇپتۇ».بۇ ئاخباراتقا ئاساسەن رۇسلار تېزدىن شۇ ئەتراپقا يوشۇرۇنچە يېتىپ كېلىپ،قۇربان ھېيتنىڭ 2 ـ كۈنى يەنى 1922 ـ يىلى 4  ـ ئاۋغۇست جۈمە كۈنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەنۋەر پاشا ھودۇقماستىن ئېتىغا مىنىۋېلىپ، قولىدىكى دېسكىلىق پېلىموت بىلەن ئەللىك نەچچە سوۋېت ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاندىن ئېتىغا ئوق تېگىپ يىقىلغاندا،تۆپىلىككە جايلاشتۇرغان ئېغىر تىپتىكى پېلىموت ئارقىلىق يۈزگە يېقىن سوۋېت ئەسكىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.بۇ جەرياندا ئۆزىگە تەگكەن ساناقسىز ئوقلار زەربىسىدە قانسىراپ شېھىت بولىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،رۇسلارنىڭ«ئارىنى بۇزۇش ھىيلىسى»گە ئالدانغان بۇخارا ئەمىرى ھەسرەت ـ نادامەت ئىچىدە « شاھادەت مەكتۇپى» پۈتۈپ ماتەم جاكارلايدۇ. ئەنۋەر پاشانى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئالغان سوۋېت ئوفىتسېرى ئەرمەن مىللىتىدىن بولۇپ ، ئۇلار تۈركلەرنى ئەشەددىي دۈشمەن دەپ قارايتتى . بولۇپمۇ ئەنۋەر پاشا ، تالات پاشا ۋە جامال پاشالار توققۇز يىل ھاكىمىيەت سورىغان مەزگىل مىللىي زىددىيەت ئەۋجىگە چىققان دەۋر بولۇپ ، تالات پاشا بىلەن جامال پاشالار ھەر ئىككىسى ئەرمەن ياشلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان بولسا ، ئەنۋەر پاشامۇ ئوخشاشلا يەنە شۇ ئەرمەنلەر قولىدا جان بەردى . ئورۇسلار ئەرمەنلەرنى بۇندىن بۇرۇن 1918 - يىلدىكى قوقان مۇختارىياتىنى يوقىتىش ئۇرۇشىغا سالغان بولۇپ ، قوقاننى شۇ ۋاقىتتا زىيارەت قىلغان ئەلىخان تۆرە كىتابىدا قوقاندىكى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىنىڭ 1220 - يىلدىكى چىڭگىزخان بۇخارادا پەيدا قىلغان ۋەيرانچىلىقتىن قىلچە قېلىشمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى .

ئورۇسلار ئەنۋەر پاشانى يوقىتىپ ، ئەمدىلا ئۇھ دەپ ئارام ئېلىپ ، سابىق چاررۇسىيە قۇرۇپ چىققان سابىق تۈركىستان گوبېرناتورلۇقىنى تۈركىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىدا ،
قېرىشقاندەكلا ،  ئوسمانلى  گېنىرالى،ئەنۋەر پاشانىڭ يېقىن سەپدىشى مۇستاپا كامال پاشا(1883 ـ 1938)نىڭ 1923 ـ يىلى 29 ـ ئۆكتەبىر ئوسمانىلار خارابىسى ئۈستىدە قۇرغان يېڭى دۆلىتىنى « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىشى،سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ. ئاقىۋەت لېنىن بىلەن سىتالىن بىر كېچىدىلا خەرىتە سىزىپ« تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى»نى بەش ئۇششاق مىللىي جۇمھۇرىيەتكە پارچىلاپ تاشلايدۇ . ئەمما لېنىن ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا 1924 - يىلى 25 - يانۋار ئۆلۈپ كېتىدۇ . شۇڭلاشقا بىر پۈتۈن تۈركىستان ئۆلكىسىنى بەش مىللىي جۇمھۇرىيەتكە پارچىلاش ۋەزىپىسى سىتالىنغا قالىدۇ . ئۇ مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ 1924 ـ يىلى 5 ـ ئىيۇل تۈركىستان نامىنى مەنئىي قىلىدۇ.

 ( 5 ) : لېنىننىڭ شاپائىتىدىن قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە سىتالىننىڭ جاھىللىقىدىن يوق قىلىنغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز :

ھازىرقى زاماندا « تۈرك » نامى سىياسىي جەھەتتىن تۈركىيەگە تەۋە بولغان 90 مىليون ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ . تۈرك دۇنياسى ھازىر پەقەت مەدەنىيەت ئاتالغۇسى ، سىياسىي ياكى مىللىي ئاتالغۇ ئەمەس . پەقەت 1924 - يىلدىن بۇرۇنلا تۈركلەرنىڭ ئۈممەت ئاتالغۇسى ئىدى .

ئومۇمەن ، سوۋېت تەسىرىدىن بۇرۇنقى يىللار،
يەنى 1924 - يىلدىن بۇرۇنقى « تۈرك » دېگەن نام پۈتكۈل تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەم سىياسىي ھەم مىللىي نامى ئىدى . 1924 - يىلدىن كېيىن مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك « تۈرك » نامىنى ھەم مىللەت نامى ھەم دۆلەت نامى قىلىپ تاللاپ ، ئەسلى « تۈرك» ئاتالغۇسىنىڭ جۇغراپىيە-سىياسىي ۋە مىللىي قاراتمىلىقىنى ئەدىرنەدىن ئەرزۇرۇمغىچە بولغان ئالىقانچىلىك جايغا تارايتىپ قويدى. ھازىرمۇ دۇنيا « تۈرك» دېسە شۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ . ئورۇسلارمۇ 1924 - يىلى مەركىزىي  ئاسىيادىكى بەش چوڭ تۈركىي خەلقنى بەش خىل ئەنئەنىۋى ئېتنىك نام بىلەن ئاتاپ ، غەربىي تۈركىستاندا بەش مىللىي دۆلەت قۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى . نەتىجىدە قازاق ، ئۆزبېك ، تۈركمەن، ھەتتا قىرغىزلارمۇ مىللەت نامىنى تېز ئېتىراپ قىلىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئۇيغۇر خەلقىنى قادىر ھاجى دېگەن بەتبەخت :« قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار بىر مىللەت ئەمەس !» دەپ بىلجىرلاپ قايمۇقتۇرۇپ، 1921 - 1923 - يىللاردىكى ئالتۇن پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى . نەتىجىدە پەرغانىدىكى ئۈچ مىليون ئۇيغۇر خەلقى دۆلەت قۇرۇش شەرتىگە توشمىغان ( 250 مىڭ نوپۇسى بولۇشى كېرەك ) ئۆزبېكىستان دۆلىتىگە ئۆزبېك دەپ تىزىملاندى. ھېساپتا ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزبېكستان دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچى تۆھپىكارلىرى . بىچارە ئۇيغۇرلار قادىر ھاجى مەلئۇن بىلەن مەرھۇم ئابدۇللا روزىباقى ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، ئاقىۋەت 1924 - يىلى خۇددى ھازىرقى پەلەستىنگە ئوخشاش سىتالىن تەرىپىدىن دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى چەكلەندى. ھازىرمۇ دەل شۇ قادىر ھاجىنىڭ ئىز باسارلىرى ئانچە - مۇنچە چۇقان كۆتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ . ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ لېنىنغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىشى ، ھەتتا ئۇنى ئوچۇق « ۋەتەن خائىنى» دەپ جاكارلىشى ئەمەلىيەتتە لېنىن بېكىتكەن پىرىنسىپلارنىڭ 1924 - يىلدا
چاررۇسىيە مۇستەملىكىسىنى باشتىن كەچۈرگەن تۈركىستان رايونىدا بەش مىللىي دۆلەتنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېلىش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكى ، كېيىنچە ئۇلارنىڭ شۇ ئاساسقا ۋە پىرىنسىپلارغا تايىنىپ تۇرۇپ ، 1991 - يىلى تولۇق ئايرىلىپ چىقىپ ، ھازىرقى ئورۇسلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى كېڭەيمىچىلىك نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارغانلىقى ئىدى . شۇڭا ۋىلادىمىر پۇتىن ئىزچىل ۋىلادىمىر لېنىننى يامان كۆرۈپ كەلدى ، ھەمدە ئۇنى سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق جىنايەتچى دەپ قارىدى . ئۇ كۆپ قېتىم « سىز نېمىگە ئەڭ قايغۇرىسىز ؟» دەپ سورالسا ، شۇئان « سوۋېتنىڭ پارچىلىنىپ كەتكىنىگە ! » دەپ جاۋاپ بېرىپ كەلدى .

ئۇنداقتا پۇتىن سىتالىنغا نېمىشقا ئامراق !؟

چۈنكى لېنىن ئەينى ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزدە بىر مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇشنى قوللىمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ پىلاننى يولغا قويغان . ھەتتا 1921 - يىلدىن 1923 - يىلغىچە ساق ئۈچ يىل مۆھلەت ۋە پۇرسەت بەرگەن .

« تۈركىيە » نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇلغان زامان،
ئورۇسلار مەركىزىي  ئاسىيادىكى بەش چوڭ تۈركىي خەلقنى بەش خىل ئەنئەنىۋى ئېتنىك نام بىلەن ئاتاپ ، غەربىي تۈركىستاندا بەش مىللىي دۆلەت قۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى . نەتىجىدە قازاق ، ئۆزبېك ، تۈركمەن، ھەتتا قىرغىزلارمۇ مىللەت نامىنى تېز ئېتىراپ قىلىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئۇيغۇر خەلقىنى قادىر ھاجى دېگەن بەتبەخت :« قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلار بىر مىللەت ئەمەس !» دەپ بىلجىرلاپ قايمۇقتۇرۇپ، 1921 - 1923 - يىللاردىكى ئالتۇن پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى .

سىتالىننىڭ 1924 - يىلى 5 - ئىيۇل سەھەر
« تۈركىستان»  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىپ ، « ئوتتۇرا ئاسىيا » ئاتالغۇسىغا كۆچۈرۈشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى . چاررۇسىيە 1867 - يىلى 22 - ئىيۇن قۇرغان
« تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقى » كېيىنچە قوقان ، بۇخارا ۋە خىۋە ئۇرۇشقاق خانلىقلىرى ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1921 - يىلى ئەنۋەر پاشا قوزغىغان بۈيۈك تۇران ئازاتلىقى « تۈركىستان » بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، تاكى 1932 - يىلغىچە سىتالىننى ھالسىراتقاچقا، لېنىن ئۆلۈشتىن 82 كۈن بۇرۇن قۇرۇلغان « تۈركىيە » دۆلىتىمۇ سىتالىننى چۆچۈتكەچكە، لېنىن ئۆلۈپ ئالتە ئاي ئىچىدىلا سىتالىن يۇقىرىقى قارارنى چىقاردى . قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن قاچاق ئوسمانىلار پاشالىرى ۋە تۈركىستان باسمىچى قىسىملىرىنىڭ بېسىمى بىلەن « شەرقىي تۈركىستان » دەپ قۇرغان دۆلىتىمىز شۇ كۈندىن باشلاپ سىتالىننىڭ يۈرىكىنى تاتىلاشقا باشلاپ، ئاخىرى تۇڭگاننىڭ قولى بىلەن يوقىتىۋەتتى . ئۇنداقتا سىتالىن ھەجەپ 2 - جۇمھۇرىيەتنىڭ شۇ ئىسىمدا بولۇشىغا نارازى بولماپتىكەنغۇ !؟ دەپ سورالسا ، جاۋاپ شۇكى ،  1944 - يىلدىن كېيىنكى سىتالىن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك شەخس . ئۇ 1933 - يىلدىكى ئاجىز سىتالىن ئەمەس . ئەكسىچە 1945 - يىلى روزۋېلت بىلەن چېرچىلنى قىرىمغا كېلىشكە مەجبۇر قىلىپ ، گېپىنى ئۆتكۈزەلىگەن تەڭداشسىز ئەرباپ ئىدى .  شۇڭا ئۇ ھەر ھالدا بۇ ئىسىمدىن ئانچە بەك قورقۇپ كەتمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىنىسى بولغاچقا ، سىتالىن ئەلۋەتتە قانداقلا قىلىپ بولسۇن ،بىزنى ساقلاپ قالماقچى بولغان . ئەمما شۇ چاغدىمۇ جان تالىشىۋاتقان گومىنداڭ ئىشغالچى باندىتلىرى خەلقىمىزنى
ئۆز ئارا « سوۋېتپەرەس قىزىل پاچاقلار» ، « گومىنداڭچى ئۇلۇسچىلار » دەپ ئىككىگە بۆلۈۋېتىپ، خىتايغا قارشى نىشاننى ئىچىمىزگە بۇرۇۋەتكەن . كەسكىن ئىدىيە كۈرىشىگە دىققەت قىلىۋاتقان موسكۋا ھەتتا « پانتۈركىزىم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى !» دەپ نارازى بولغان . شۇنداق قىلىپ ، گومىنداڭ تۈركچىلىك قارتىنى ياخشى ئويناپ ، بىر تەرەپتىن ئىلى تەرەپنىڭ سىتالىن ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى يوق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللاش سۈرئىتىنى كۈچەيتىۋەتكەن . ئاقىۋەت ھېچقايسى تەرەپ ياخشى كۈن كۆرمىدى . قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي بىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ يوق قىلدى . ئۈچ ئەپەندى ئېقىمىنى چەتكە قوغلىۋەتتى . ئىككى يولۋاس سوقۇشسا ئەلۋەتتە توڭگۇزغا پايدا بولىدۇ . بىز ماركىغا ئېسىلىۋېلىپ يۈرگەندە ، خەخ « نېمە بولسا بولسۇن، دۆلىتىم بار بولسۇن! » دەپ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇۋالغان . بىز پەلەستىنگە ئوخشاش كاجلىق قىلىپ ، « ياق ، مەن رازى بولمىغان شەكىلدە ھۆر بولمايمە ! » دەپ يۈرۈپ، ھەم ۋەتەنسىز ھەم كىملىكسىز قالدۇق ئاخىرى!  ئىبرەت ئالماي، يەنە قايتىلاۋېرىدىغان گەپما تارىخىي ئەخمەقلىقنى !؟

خاتىمە :

  « ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت» :

تارىختىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئەزەربەيجانلارغا قىلغان ئۇنتۇلماس خىيانىتى، تارىخىي شەرمەندىلىكى ۋە بۈگۈن رۇسىيە ئالدىدا تەكرار رەسۋا بولۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلالماسلىقى ھەققىدە :

ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان مەنبەلەردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرىنىڭ، جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ نەنجىڭدىكى سوۋېت باش ئەلچىسى ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك زىياپەت ۋە كىنو كۆرۈشكە قاتناشقانلىقى گومىنداڭ ئارخىپلىرىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئەلچىسى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلىنمەكتە. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە رەئىس ئېلىخان تۆرە قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ياردەم ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى، ھەتتا مىللىي ئارمىيەدىكى ھەربىي ئۇنۋانلارنى تۈركىيە ئارمىيىسى بىلەن ئوخشاش ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىزگە تونۇش. شۇ ۋەجىدىن،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر سېپىدە يەر ئالغان  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۆزىدىن باشقا بىردىنبىر مۇستەقىل تۈرك دۆلىتى بولغان ۋە سوۋېتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىلىشكە ھەممىمىز قىزىقىمىز، ئەلۋەتتە.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئەلچىسى ھۇلۇسى فۇئات تۇغاي بىلەن ئۇچرىشىش

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى بىلەن تۈرك باش ئەلچىسىنىڭ ئۇچرىشىشى 1946-يىلى دېكابىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە تۈركىيەنىڭ نەنجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىدا بولغان. ئەخمەت ئەپەندى سۆزىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سالغان ۋە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىدىن باشلىغان. ئۇنىڭ سۆزلىرى تۈركىيە باش ئەلچىسىگە ياقمىدى بولغاي، سۆھبەت تۆۋەندىكىدىچە داۋام قىلغان:

باش ئەلچى: مەن سىزنى روسپەرەس بىر كىشى دەپ ئاڭلىدىم ۋە بۇنىڭغا ئېچىنىمەن. ئىلىدا پارتىلىغان قوزغىلاڭغا قاتنىشىپسىز، توغرىمۇ؟ نۇرغۇن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپسىز، شۇنداقمۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى: ئاساسەن دېگۈدەك توغرا.
باش ئەلچى: بۇ قوزغىلاڭغا روسلار ئادەم كۈچى ۋە قورال-ياراق ياردەم قىلىۋېتىپتۇ، بۇلار توغرىمۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى  بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.
باش ئەلچى: سىز بۈگۈن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى:  توغرا.
باش ئەلچى: مەن روسنىمۇ، خىتاينىمۇ بىلىمەن. بۇنداق ئىش روسىيەدە يۈز بەرمەيدۇ. بىر ئادەم روسلارغا قارشى قوزغالسا ۋە نۇرغۇن روسنى ئۆلتۈرسە، شۇ قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە غەربىي تۈركىستاندا بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىنچى قول رەھبەرلىكىگە روسلار سىزنى تەيىنلەرمۇ؟ بۇنداق ئىش روسىيەدە يۈز بەرمەيدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمى:  بىز سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارنى قىلدۇق. سىلەر، يەنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى يۇنانلار (گىرىكلار) دىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن روسلاردىن ياردەم ئالدىڭلار. بىزمۇ شۇنىڭ دەل ئەينىنى قىلىۋاتىمىز.
باش ئەلچى: شۇنداق، بىز روسلاردىن ياردەم ئالدۇق. ئەمما بىز روسلارنى تۈركىيەگە كىرگۈزمىدۇق. روسلارنىڭ تەسىرىنى تۈركىيەدىن ئۇزاقلاشتۇردۇق. بۇنى سىلەر قىلالمايسىلەر، كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ.

يۇقىرىقى سۆھبەتتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش تەس ئەمەس. ھېسىداشلىق قىلىش ياكى قوللاش ئورنىغا قىلىنغان بۇ ئاچچىق تەنىلەرنىڭ ئەينى چاغدا بەلكىم مەلۇم دەرىجىدا تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتكەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھېسىياتىغا قانچىلىك زور زەربە بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز، ئەلۋەتتە. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىمۇ ئەسلىمىسىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇ سۆھبەتتىن ناھايىتى خاپا ھالدا قايتقانلىقى ۋە يول بويى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ماڭغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. دېمەك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قارشى سەپتە تۇرۇۋاتقان تۈركىيەدىن ماددىي ۋە مەنىۋىي قوللاشلارنى تەمە قىلىش قۇرۇق خام خىيال ئىدى، خالاس. بىرىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە كابۇلدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن يوللانغان «كۆك بايراقتىن قىزىل بايراققا سالام بولسۇن» تېمىسىدىكى تېلىگرامما، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە نەنجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن يوللانمىغانلىقى كىشىنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەينى چاغدا تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيەسى تۈركىيە تارىخىنىڭ يۈز قارىسى بولغان «بورالتان كۆۋرۈكى ۋەقەسى» **دە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، 200 نەپەر ئەزەربەيجانلىق زىيالىي ئۆلۈم خەۋپى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان شارائىت ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ، چېگرادىن ئۆتۈش بىلەنلا قەتلى قىلىنغان ئىدى.
بۇ جايدا يەنە ئەينى چاغدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ مىجەز خۇلقىدىنمۇ سۆز ئېچىش ئورۇنسىز ئەمەس. چۈنكى، مەيلى سىياسىي مەيدانى قانداق بولسۇن، دىپلوماتىيەدىكى سىلىق سىپايىلىك يۇقىرىقى سۆھبەتتە ئورنىنى يوقاتقان. باش ئەلچى ھۇلۇسى فۇئاد تۇغاي ئەپەندىنىڭ تېرىككەكلىكى ۋە مەلۇم دەرىجىدىكى قوپاللىقى ئەينى چاغدا نەنجىڭدا تۇرغان باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ھەتتا، ئۇ مىسىرغا باش ئەلچى بولغان مەزگىلدە جامال ئالدۇل ناسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» (persona non grata) دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نۇقتىنىمۇ يۇقىرىقى سۆھبەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن مەلۇم دەرىجىدە باغلاش مۇمكىن.

مەزكۇر بايانلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىنىڭ شۇ ھەقتىكى ئۇزۇن ماقالىسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

نانقېپى ئىسمەت ھۆكىمىتىنىڭ ھاكاۋۇر ۋە قارا قورساق دىپلوماتىنىڭ بىزگە قىلغان نوچىلىقى مانا ئەمدى ئېگىز ۋە قامەتلىك ئەردوغاننىڭ پاكىنەك پۇتىنغا تەكرار تازىم قىلىشىغا سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ . مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەسى بىزگە ئەمەلىي ياردەم بېرەلمەي قالدى . ئەمما ئەمەلىي ياردەم قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەندە ، تۈركىيە 1944 - يىلدىن باشلاپ سىتالىن كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان ئاجىز دۆلەتكە ئايلاندى.

ئىزاھات :   تۈركىيەنىڭ نومۇسلۇق يارىسى، تۈرك تارىخىنىڭ لەنەتلىك سەھىپىسى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرمەندىلىك گۇۋاھنامىسى بولغان «بورالتان كۆۋرۈكى پاجىئەسى» ( بورالتان كۆۋرۈكى ۋەقەسى ) :

بورالتان بىر كۆۋرۈك، ئاراس دەرياسىدىن ئۆتىدۇ
چىقماس يۈزۈڭ قارىسى، ئاراس سۈيىدە يۇساڭمۇ
ئالدىغا سېلىپ ماڭدى، دۈشمەن كۈتىدۇ ئۇدۇلدا
قېرىندىشىم ساتتى مېنى، قانخۇرلارنىڭ بازىرىدا
قايرىلىپ نىدا قىلدىم، شەپقەتسىزنىڭ بىرسىگە
"ماڭا ئوقنى سەن ئاتساڭ، شۇ كاپىرنىڭ ئورنىغا"

بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە 1944 - يىلى ئورۇسلار ئەزەربەيجاننى قايتا ئىشغال قىلغان چاغدا يۈز بەرگەن ئىدى. دوختۇر، ئىنژىنېيېر، سودىيە ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان  146 نەپەر ئەزەربەيجانلىقلار رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلماي، "ئىككىنچى ۋەتىنىمىز" دېگەن چۈشەنچە بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. سىتالىننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى سوۋىت كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، تۇرۇۋاتقان يەرلىرىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەينى چاغدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى ئىسمەت ئېنۆنۆ ھېچ ئىكىلەنمەستىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن رايوندىكى ساقچى باشلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ساقچى باشلىقى قاتتىق تەئەججۇپلىنىپ، بۇنداق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە قارارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئارقىمۇ - ئارقىدىن كەلگەن بۇيرۇقلار ئالدىدا چارىسىز قالىدۇ. ئاخىرى ئامالسىز 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا ئەزەربەيجانلىق 146 نەپەر پاناھلانغۇچىنى پويىزغا سېلىپ، قارس چېگراسىدىن ئۆتۈپ بورالتان كۆۋرۈكىدە رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلار قارستىن ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىدا، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا بۇ پاجىئەگە شاھىت بولۇۋاتقان خەلق ئاممىسىنى كۆرۈپ، يېنىدىكى كېيىم - كېچەكلىرى ۋە بارلىق قىممەتلىك نەرسىلىرىنى پويىزنىڭ دىرىزىسىدىن ئۇلارغا تاشلاپ بېرىدۇ. ئۇچىسىدا پەقەت بىر شىم ۋە بىر كۆينەك بىلەنلا قالىدۇ. سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇلار: «بىز چېگرادىن ئۆتكەندىن كېيىن رۇسلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا نەرسە - كېرەكلىرىمىز ئۇلارغا قالغاندىن كۆرە، تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا قالغىنى ياخشى» دېيىشىدۇ.
ئۇلار ھەققىدە يېزىلغان يەنە بىر مەرسىيەدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇلار پويىزدا ئۈنلۈك توۋلاشقان ھالدا:
بىزنى سىلەر ئۆلتۈرۈڭلار، بەرمەڭلار رۇسقا،
بۇ قانداقمۇ سىغسۇن شەرەپ - نۇمۇسقا؟!
دېگەن مىسرالارنى ئوقۇيدۇ. رۇسلار ئۇلارنى بورالتان كۆۋرۈكىدە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن شۇ يەردىلا سەپكە تىزىپ، ئاپتومات بىلەن ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ۋىجدان ئازابىغا چېدىيالمىغان ساقچى باشلىقى ئەتىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

بۇندىن توپتوغرا 75 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى تارىخ بويىچە ئۇنتۇلمىغۇدەك رەسۋا قىلغان، ھەمدە 74 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەھبىرىنى ھاقارەت قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مانا بۈگۈن بۇ قىلمىشلىرىنىڭ بەدىلىنى تېخىمۇ شەرمەندە قىسمەتلەر بىلەن ئۆتىمەكتە . يىراقتىكىنى دېمەيلا قويايلى ، تېخى ئۈلۈشكۈن 5 - مارت ئەردوغان موسكۋاغا بېرىپ پۇتىنغا يېلىنىشقا مەجبۇر بولدى . پۇتىن تېخىمۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ، ئەتەي قېرىشىپ ۋە ئەردوغاننىڭ يارىسىغا تۇز سېپىپ 1877 - 1878 - يىلدىكى تارىخىي غەلىبىسىنى كۆز - كۆز قىلىدىغان بۇيۇملارنى قەستەن كېرمىل سارىيىغا ئەكىرىپ تىزىپ قويۇپ ، ئەردوغانغا : « 1878 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قانداق مەغلۇپ قىلىپ بۇلغارىيەنى ئايرىپ چىققان بولساق ، ھازىرمۇ سۈرىيەدە ماڭا قارشى ئىش چىقارساڭ كۇردىستاننى سەندىن ئايرىپ چىقىشقا قۇربىم يېتىدۇ » دېگەن شەپىنى ئوچۇق بەردى.

كاشكى ، تۈركىيە ئەينى يىللىرى ئاكتىپلىق بىلەن بىزنى قوللىغان بولسا ئىدى ، بۈگۈن مەركىزىي ئاسىيانىڭ سەركىسى بولغان ئۇيغۇرىستان دۆلىتى تۈركىيەنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغان بولاتتى . ئەكسىچە « تۇران ئىتتىپاقى » ياكى
« تۈركىي ئەللەر ئىتتىپاقى » ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ ، تۈركىيەنى قانات ئاستىغا ئالغان بولاتتى . ھازىرقى يېتىملىك ۋە بىچارىلىك ئەمەلىيەتتە قېرىنداشلىرىنى دۈشمەنگە تاشلاپ قويغاننىڭ ، ھەتتا ئۇ دۈشمەنلەر بىلەن بىر سەپتە ئورۇن ئېلىپ قالغاننىڭ بەدىلى ئىكەنلىكىنى ئۇلار ھەر ۋاقىت كېچىكىپ ھېس قىلىشىدۇ .

شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ 1933 ـ يىلى ۋە
1944 ـ يىلدىكى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتى يېڭى دۇنيا تەرتىپى 700 يىلدىن بېرى قاتتىق تىرىشىپ ئاران يوقاتقان دىنىي ۋە مىللىي ئەندىزىنى ئاساس قىلغاچقا،جاھانگىر كۈچلەر تەرىپىدىن  يوق قىلىنىپ،تەقدىرىمىز پەس خىتتايلارنىڭ  قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلدى ! « قاپاق لازىممۇ باراڭمۇ !؟ »، « شاكال لازىممۇ مېغىزمۇ!؟»،  « خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى شەرت، مىللىي مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلمىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ!» . «  غايەڭ ۋاستەڭنى ئاقلايدۇ ! » دېگەن قاراشنى ئاساس قىلغان دۇنيا تەرتىپىدە خەلقىمىزگە پەرشتە كەبى سادىق ـ سەمىمىي،پەيغەمبەردەك دانا ـ تەدبىرلىك، سىياسەتتە شەيتان كەبى قۇۋ  ـ ھىيلىگەر بىر داھىي ،ھېچبولمىسا ھەمكارلىق روھى كۈچلۈك يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە 3 يولباشچى مىللەتكە يېتەكچىلىك قىلسا ئىشلار ئالغا باسىدۇ. مىللەت پاتقاقتىن قۇتۇلۇپ يولىنى تاپىدۇ.قالغىنى لىدېرلارنىڭ ئەقلىگە قالسۇن !

تارىخ تەكرارلىنىدۇ ! ئۆز قېرىندىشىغا ۋە مىللىي قەھرىمانلىرىغا ئىگە چىقمىغان خەلق مەڭگۈ خار ۋە يالغۇز قالىدۇ. 20 ـ ئەسىردىكى بەختسىز ئەزەربەيجانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك،قاتتىق، قورقۇنچلۇق ۋە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە 21 ـ ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلدى.شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ئىچىدىن ئەنۋەر پاشا،نۇرى پاشا،رەسۇلزادە كەبى جەسۇر ۋە پاراسەتلىك بىر ئەۋلات ئوغلانلارنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك ! بىزنىڭ دەردىمىز پەقەت بىر خۇدا بىلەن بىزگىلا تونۇشلۇق،ھەر قانچە داستان يېزىۋەتسەكمۇ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى بىلەنلا ئىشىمىز ھەل بولمايدۇ. شۇڭا بىر تۈركۈم رەھبەرلەر ، ھىممەتلىك ، پاراسەتلىك، قاتتىق قول ۋە تەدبىرلىك بىر تۈركۈم ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئۆزىنى ئاتىيالمىسا، ئاخىرقى قېتىملىق قۇتۇلۇش ۋە باش كۆتۈرۈش پۇرسىتى قولدىن كېتىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇم ....!!

ئوسمانىلار ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان 1878 - ئۇرۇشىنىڭ 142 يىللىق خاتىرە كۈنى بولغان 1 - مارت ، نۇرى پاشا پارتلىتىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن 71 يىللىق خاتىرەكۈنى بولغان 2 - مارت ، ئورۇس تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ 1878 - يىلدىكى تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان 3 - مارت ، سۇلتان سالاھىددىن ئەييۇبى ۋاپاتىنىڭ 827 يىللىق خاتىرە كۈنى بولغان 4 - مارت ، سىتالىن ئۆلگەن 67 يىللىق خاتىرە كۈنىدە پۇتىننىڭ ئەردوغاننى كېرمىل سارىيىدا ھاقارەت قىلغان 5 - مارت ، ئەردوغان خورلۇق ئىچىدە موسكۋادىن قايتىپ كەلگەن 6 - مارت مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە تەييارلاندى.

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 7 - مارت.   زەھەرلىك شەنبە.